شىرئەلىجاننىڭ شاللىنىشى ئۆچ ئېلىشمۇ؟
شىرئەلىجان ئۆزىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى قىسقارتىلغان ئەزالار ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئىنتايىن بىئارام بولغان بولۇپ، ئۇنى ئەپسۇسلاندۇرغىنى بىر مەيدان مۇسابىقىگىمۇ قاتناشماي تۇرۇپ قىسقارتىلغانلىقى ئىكەن. شىرئەلىجان مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ‹‹ شۇنچە ئۇزۇن مەشىق قىلىپ بىر مەيدان مۇسابىقىگىمۇ قاتنىشالمىغىنم مېنى ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇردى. لېكىن ھېچقىسى يوق، ئۆيگە قايتىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالغان ئىدى.› ئالدىنقى يىلى شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن توختام تۈزگەن دونىۋولد شىرئەلىجاننى ئېلىپ ياۋروپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئىدى. شۇ چاغدا دونىۋولدنىڭ بۇ قىلغىنى ھەرخىل گۇمانلارنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ دنىۋولد يەنىلا شىرئەلىجاننى ساقلاپ قالغان ئىدى. ئالدىنقى يىللىق مۇسابىقە ىدە شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن توختام تۈزگەن دونىۋولدنىڭ شىنجاڭدىكى كۈنلىرى ئانچە كۆڭۈللۈك بولمىدى، شىنجاڭ گۇاڭخۇي كۇلۇبى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن جۇڭگو كوماندىسى كوماندا تەشكىللىگەن ۋاقىتتىلا شىرئەلىجاننىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى قىسقارتىلىدىغان ئەزالار تىزىملىكىگە كىرىشى توغرىسىدا گەپ تارقالغان ئىدى شىرئەلىجاننىڭ قىسقارتىلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن شىنجاڭ كوماندىسى مۇئاۋىن باش دىرېكتورى مىكرو بىلوگدا مۇنداق دېدى: ‹‹بالدۇرراق قايتىپ كەل بۇ جاي بولسا سىنىڭ ھەقىقى ئائىلەڭ.››
شىرئەلىجان دۆلەت كوماندىسىدىكى كەچمىشىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ‹‹دۆلەت كوماندىسىغا كىرىپ ئۆزۈمنى تاۋلىغىنىمدىن مەن بەك خۇشال، بۇ مېنىڭ كۇلۇبدىكى ئىپادەمنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك، كېتىش ياكى كەتمەسلىككە مەن ئىزچىل يا خشى كەيپىيات بىلەن قارايمەن، كۆپ ئىشلارغا مەن قارار چىقىرالمايمەن، مېنىڭ قىلالايدىغىنىم پەقەتلا تىرىشىپ ئۆز ئىشىمنى قىلىش.››
مەنبە: تەڭرىتاغ تورى