قومۇلنىڭ كەنجى ۋاڭى شامەخسۇتنىڭ ئۆلگەن
ۋاقتى توغرىسىدا ئېنىقلىما
( 18 )
قومۇلنىڭ كەنجى ۋاڭى شامەخسۇتنىڭ ئۆلگىنىگە ئەمدىلا يېرىم ئەسىر بولغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ ئۆلگەن ۋاقتى توغرىسىدىكى گەپلەر بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ . يىغىپ ئېيتقاندا ، بۇ ھەقتە مۇنداق بىرنەچچە خىل سۆز بار :
يىل جەھەتتىن ئېيتقاندا ، مىنگونىڭ 17 - يىلى ( 1928 - يىلى ) ئۆلگەن ۋە مىنگونىڭ 19 - يىلى ( 1930 - يىلى ) ئۆلگەن دەيدىغان ئىككى خىل قاراش بار ؛ ئاي جەھەتتىن ئېيتقاندا ، 3 - ئايدا ئۆلگەن ۋە 5 - ئايدا ئۆلگەن دەيدىغان ئىككى خىل پىكىر بار .
قومۇل ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى تۈزۈپ باستۇرغارن << قومۇل ۋاڭلىرىغا دائىر تارىخىي ماتىرىياللار >> دا مۇنداق دېيىلگەن : << 1928 - يىلى 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتە قومۇل جاساق قوش چىڭۋاڭى شامەخسۇت كېسەل بولۇپ ئۆلدى >> .
ۋۇئەيچېن يازغان << شىنجاڭدىكى ساياھەت خاتىرىسى >> ، جاڭ داجۈن يازغان << شىنجاڭنىڭ بوران - چاپقۇنلۇق 70 يىلى >> ، بۇرھان شەھىدى يازغان << جىن شۇرېن ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردىكى شىنجاڭ >> قاتارلىق كىتابلارنىڭ ھەممىسىدە شامەخسۇتنىڭ 1930 - يىلى 3 - ئايدا ئۆلگەنلىكى ئېيتىلغان . مۇنداق سۆز ئەڭ باشتا نەنجىڭدا چىقىدىغان << جۇڭياڭ رىباۋ >> گېزىتىنىڭ مىنگونىڭ 23 - يىلى ( 1934 - يىلى ) 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان << جياڭسۇ يۇقۇرى سوت مەھكىمىسى قىلغان سوراقتا جىن شۇرېننىڭ ئىقرار قىلغانلىرى >> دا تىلغا ئېلىنغان .
يېقىندا ئۆتكەن بىر مەشھۇر ئادەم ئۆلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ، ئۇنىڭ ئۆلگەن ۋاقتى توغرىسىدا بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان ھەر خىل گەپلەرنىڭ چىقىشى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ ئەجەبلەندۈرىدۇ .
1983 - يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق ئارخىپ ئىدارىسىدا مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان ئىككى پارچە ھۆججەتنى ئۇچراتتۇق .
ئۇنىڭ بىرى شامەخسۇت مىنگونىڭ 19 - يىلى ( 1930 - يىلى ) 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى جىن شۇرېنغا يازغان دوكلات بولۇپ ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن : ئالىيلىرىدىن شۇنى ئىلتىماس قىلىمەنكى ، روسىيە زېمىنى ئارقىلىق ئەرەبىستانغا بېرىپ ھەج قىلىشىم ۋە شۇ پۇرسەتتە كېسىلىمنى داۋالىتىشىم ئۈچۈن ئىككى يىل مۆھلەتتە رۇخسەت بەرگەيلا ، مۇبادا ئىجازەتلىرىگە مۇششەرەپ بولۇپ ، ماقۇل جاۋابلىرىنى ئالالىسام ، دەرھال جابدۇنۇپ يولغا چىقىمەن . بۇ چاغدا شامەخسۇت قاتتىق زەئىپلىشىپ ، جېنى ئارانلا قالغانىدى . شۇ چاغلاردا قومۇلدا تۇرغان ليۇشىزېڭ شىجاڭ جىن شۇرېنغا يازغان دوكلاتىدا شامەخسۇتنىڭ كېسىلىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن : << يېقىندا مەن ۋاڭ مەھكىمىسىگە ئۇنى يوقلاپ باردىم ، ئۇنىڭ بەدىنى ئاجىزلىشىپ ، كېسىلى ناھايتى ئېغىرلىشىپ كېتىپتۇ ، ماڭاي دېسە بېشى قايىدىكەن ، قولىنى كۆتۈرەي دېسە غولى تالىدىكەن ، گەپ قىلسا ھاسىراپ ، نەپسى يەتمەي قالىدىكەن ، تاماق يېسە ، كۆڭلى ئاينىپ ، يېگىنى سىڭمەيدىكەن . قەدىمى ئېغىرلىشىپ كەتكەچكە ، باشقىلار يۆلەپ ماڭغۇزىدىكەن . . . . >> . ليۇ شىزېڭ دوكلاتىدا يەنە شامەخسۇتنىڭ خاتىرجەم داۋالىنىشى ئۈچۈن ، ئۇنىڭغا ئالدىراپ رۇخسەت بېرىپ قويماسلىقنى تەكلىپ قىلغان .
بۇنىڭدىن مەلۇمكى ، شامەخسۇت 1930 - يىلى 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن بۇرۇن گەرچە ئېغىر كېسەل بولسىمۇ ، يەنىلا << ھەج قىلىش >> ئۈچۈن رۇخسەت سورىغان ، دېمەك ئۆلمىگەن .
يەنە بىر پارچە ھۈججەت جىن شۇرېن مىنگونىڭ 19 - يىلى ( 1930 - يىلى ) 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئىمزا قويغان << تېلېگرامما >> بولۇپ ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن : << قومۇلدىكى ليۇ شىجاڭغا : سىزنىڭ شامەخسۇتنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىقى ، ھەج سەپىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقى ، شۇڭا ئۇنىڭغا رۇخسەت بەرمەسلىك لازىملىقى قاتارلىق ئەھۋاللار ھەققىدە يازغان خېتىڭىزدىن ۋاقىپ بولدۇم ، سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسەم ، شامەخسۇت چىڭۋاڭ مەھكىمىمىزگە بىرنەچچە قېتىم ئىلتىماس سۇنۇپتىكەن ، ئۇنىڭغا سەمىمىي تەسەللىي بېرىلىپ ، مەككىگە بارماسلىق تەۋسىيە قىلىنغان ئالاقە ئەۋەتىلگەنىكەن . ھازىر شامەخسۇت چىڭۋاڭ كېسەل بىلەن ۋاپات بولۇپتۇ ، ئوردىنىڭ ئىشلىرىنى ھازىرچە ئۇنىڭ ئوغلى بېزى نەزەر باشقۇرۇپ تۇرماقچى بوپتۇ ، بۇ ئەھۋالمۇ تېلېگرامما ئارقىلىق مەھكىمىگە مەلۇم قىلىندى . بۇ مەسىلىنى مۇھاكىمىگە قويماي ، شۇ بويىچە ئىجرا قىلىڭ . >>
ئەپسۇسكى ، ليۇ شىزېڭنىڭ شامەخسۇت چىڭۋاڭنىڭ ئاغرىپ ئۆلگەنلىكى توغرىسىدىكى تېلېگراممىسى تېپىلمىدى .
يۇقۇرىقى ھۈججەتلەرگە ئاساسەن شۇنى قەيت قىلىشقا بولىدۇكى :
1 . 1930 - يىل 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن بۇرۇن شامەخسۇت قاتتىق كېسەل بولغان بولسىمۇ لېكىن ئۆلمىگەن ؛
2 . 1930 - يىلى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆلگەن .
ئۇنداقتا ، شامەخسۇت زادى قايسى كۈنى ئۆلگەن ؟ بىز يۇقۇرىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن << قومۇل ۋاڭلىرىغا دائىر تارىخي ماتىرىياللا >> دىكى << 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتە >> دېگەن كونكرېت ۋاقىتتىن ئىلھاملاندۇق ، كۆپچىلىككە مەلۇمكى ، مىنگو دەۋرىدە ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ، مەكتەپلەر ، گېزىت - ژورناللار ئادەتتە بەلگىلىمە بويىچە مىلادىيە كالىندارىنى قوللىناتتى ، لېكىن ئاۋام خەلق بۇ كالىندارنى ئانچە قوللانماي ، قەمەرىيە كالىندارىنى ئومۇميۈزلۈك قوللىناتتى . << قومۇل ۋاڭلىرىغا دائىر تارىخي ماتىرىياللا >> شۇ يەردىكى ئىچكى ئەھۋاللارنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئەسلىمىلىرىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن ، شۇڭا << 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى >> قومۇللۇقلار قەمەرىيە كالىندارى بويىچە خاتىرىلەپ قالدۇرغان شامەخسۇتنىڭ ئۆلگەن ۋاقتى بولۇشى ئېھتىمالغا بەكمۇ يېقىن . ئەگەر مۇشۇ ھۆكۈم توغرا تيېپىلسا ، قەمەرىيە كالىندارىدىكى 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى مىلادى 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى بولىدۇ . شۇنداق بولغاندا ، بىز شامەخسۇتنى 1930 - يىل 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتە ئۆلگەن دەپ بېكىتسەك بولىدۇ . بۇ ، يۇقۇرىدىكى ئىككى ھۈججەتتە دېيىلگەن ۋاقىتقا ئۇيغۇن كېلىدۇ .
مەنبە : قۇمۇل ناھىيىسى تەزكىرىسىدىن
ئەسكەرتىش : شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر كىتابنىڭ << قۇمۇل ۋاڭلىرى >> دېگەن قىسمى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى . قالغان مەزمۇنلىرى داۋاملىق ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ .
باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ .