قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2488|ئىنكاس: 10

ئەبجەش خىياللار 3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

31

دوست

3003

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   33.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8408
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 526
تۆھپە : 569
توردىكى ۋاقتى: 632
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 16:32:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاچىمەن،يەنە ئۆچۈرىمەن،يەنە ئاچىمەن،يەنە قايتا ئۆچۈرىمەن،مۇنبەرگە ئادەمگە تىتىغۇدەك بىرە نەرسە يازىمەن دەپ ئىككى كۈنلۈك دەم ئىلىشىمنى ئاجرىتىپ قىلغان ئىشىم مۇنبەرنى ئىچىش ۋە ئۆچۈرۈشلا بوپتۇ.قىززىق،ئابدۇكىرەم ئاكىمىزنىڭ شۇنداق بىر ئىتوتى بولىدىغان،"قايسى ئىتوتنى ئوينىساق بولا"دەيدىغان،بەك ياختۇراتتىم،بولۇپمۇ شۇ ئاكىمىزنىڭ يۇمۇرىستىك،ئەمما تىگى چوڭقۇر گەپلىرى.مەنمۇ مانا شۇنداق بوپقالدىم،نىمە يازىمەن؟مەنغۇ تىما تاللاپ ئولتۇرغۇدەك داڭلىق يازغۇچىمۇ ئەمەس،باشلانغۇچتا بىر قىتىم يىزىقچىلىق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ تيانشان رايونىمىز بويىچە بىرىنجى بولغاندىن بىرى ئۆزۈمنى يازغۇچىلاردەك ھىسابلاپ يۈرگەن بىر ھەۋەسكارمەن.


دىمىسىمۇ مەن يازغۇدەك تىما قالمىغاندەكلا،ھەدىسىلا كاللامغا كىشى كۆڭلىنى غەش قىلغۇدەك تېمىلار كىلىۋالىدۇ،مەنمۇ شۇ خىلدىكى تېمىلارنى يىزىپ چارچىدىم،دىمىسىمۇ قەھرىتان سوغۇق، تومۇز دىمەي ھارۋىسىدىكى كىچىككىنە مىۋە،كۆكتاتلىرىنى سىتىپ بولالماي بىر قۇچاق غەمنى كۆتۈرۈپ بالىلىرىم كەچلىكىگە يەنە قۇرۇق چاي ئىچەرمۇ دەپ بىشى ساڭگىلاپ كەتكەن شۇ جاپاكەشلەر ئاران بىر ۋاقىت چىقىرىپ ئاز تولا خۇشاللىق ئىستەپ تورغا چىققىنىدا يەنە شۇ كۆڭۈل غەش قىلىدىغان تېمىنى كۆرسە،چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارغۇ قىلىپ قويغاندەكلا ئىش بۇ،دىمىسىمۇ ئۇيغۇر يۈزىدىكى كۈلكىنىڭ قايسىبىرى راست؟



بۈگۈن ئاتىلار بايرىمى،كوچا دوقمۇشىدا تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان بوۋاينىڭمۇ،شۇ بوۋايغا پۇل تەڭلەۋاتقان ئاتىنىڭمۇ،جىمجىت كوچىغا جايلاشقان كىچىككىنە قاۋاققا يىغىلىشىپ سورۇن تۈزىۋالغان ئاتىلارنىڭمۇ،شەخسىي ماشىنىسىدا ئولتۇرۇپ،كاتىپىغا نىمىنىدۇ جىكىلەۋاتقان باشلىقنىڭمۇ بايرىمى.يىراق سەھرالاردا قورسىقىغا كىرگەن ھەربىر بۇردا نان ئۈچۈن ئىگىمىزگە چەكسىز شۈكۈرلەر ئىيتىپ،كەتمىنىنى مۆرىگە تاشلاپ ئىتىزغا ماڭغان دىھقان ئاتىنىڭمۇ بايرىم.بىراق،ئۇلارنىڭ كۆپى تەبرىكلەردىن مۇستەسنا بەلكىم.چۈنكى تىلەمچى بوۋاينىڭ بايرىمىنى سىز بىلەن بىز تۈگۈل بالىلىرىمۇ تەبرىكلىمەيدۇ،لىكىن باشلىق بەلكىم بايراملىق سورۇنغا ماڭغاندۇ.لىكىن يەنە دىھقان ئاتاممۇ بۇ تەبرىكتىن خالىي.شۇ تىلەمچى بوۋايغا،دىھقان ئاتامغا،ھەم بايرىمى ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بارلىق ئاتىلارغا مەندىن بايراملىق سالام!



يىقىندا ۋەتەنگە تۇغقان يوقلاش باھانىسىدا 15 كۈنلۈك قايتقانىدىم،ئۈرۈمچى ئايردرومىغا كىرىپ ئۇزۇندىن بىرى مەن سىغىنغان شۇ تونۇش ھىدلاردىن قانغۇچە نەپەس ئالدىم،ئەتراپىمدا باشقىلار بولمىغان بولسيىدى،كۆز يىشىمۇ قىلار بولغىيتتىم بەلكىم.ئۈرۈمچى ئاسمىنىدا لەيلەپ قالغان مىسكىن بىر تۇيغۇ ماڭا 15 كۈن تولۇق ھەمرا بولدى،ئۇنىڭغا قىتىلىپ مىڭىشقا ئاز قالغاندىكى قىيالماسلىق ھىسىياتلىرىم...

بىر كۈنى مەن بىلەن بىرگە ۋەتەنگە قايتقان دوستۇمنىڭ ئاكىسىنىڭ ماشىنىسىدا تەلىپىم بويىچە دۆڭكۆۋرۈككە كەلدۇق،ۋەتەندىن يىڭى ئايرىلغاندا ئىسىمگە كەلمەپتىكەن،شۇ كۈنى دۆڭكۆۋرۈكنىڭ ھەممە يىرىنى دىگۈدەك كامىراغا ئىلىۋالدىم،يوللار توسۇلۇپ كەتكەنىدى،بىر چاغدا ئاكىمىز بىزنىڭ تەلىپىمىز بويىچە ماشىنىنى بىردەملىك توختاتتى،چۈنكى ئەتراپتىكى پىيادىلەر ماشىنىنىڭ كۆپلىكىدىن مېڭىشقا ئامالسىز ئىدى،بىزمۇ ئۇلارغا ئاسانلىق يارىتىشنى ئويلىغانىدۇق...



--ۋاي خۇدايىم ما باللانى!يول بەرسىمۇ نىرىغا تارتمىغان بىرنىمىسىنى،مىڭىشە ھە!



يىنىمىزدىلا ئاپام دىمەتلىك ئىككى ئايال بىزنى شەرەتلەپ رەنجىپ كىتىشتى.



ئىچىم تىخىمۇ ئاچچىق بولدى،دەشنام يىگىنىم ئۈچۈن ئەمەس،شۇ ئاپىلىرىمىز ئۈچۈن ئىدى،بىچچارە ئانىلار،شۇنچە يىل پەرزەنت تەربىيلەيدىكەن،ئۆمرىنىڭ پۈتۈن قىسمىنى ئائىلەم،بالىلىرىم دەپ قۇربان قىلىدىكەن،يەنە تىخى سىرتلاردا ئەرلەر بىلەن تەڭ خىزمەت قىلىشى كىرەك،بۇلار ئاز كەلگەندەك يوللاردا تىخى قىستىلىشىپ تۇرۇۋالغان ماشىنىلارغا يول بىرىشى كىرەك ئىدى.شۇ ئانىلار ئەسلى ھۆرمەتلىنىشكە،يول بىرىلىشكە لايىق ئىدى،بىراق،تەرەققىياتىمىزنىڭ كۆزى قارىغۇ بولغاچ،ھازىرقى دەۋردە ئانىلىرىمىز شوپۇرنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ماشىنىلارغا يول بىرىشى شەرت بولۇپ كەتتى.بىر چاغلاردا ئاپامنىڭ دىيىشىچە كىشىلەر ئۆزىدىن چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا كىسىپمۇ ئۆتمەسكەنتۇق،مانا ئەمدىلىكتە،شۇ جاپاكەش ئانىلىرىمىز پىيادىلەر يولىدىمۇ ئوڭ سولىغا قاراپ ئارانلا مىڭىشىدۇ...



ئالدىنقى كۈنى نەۋرە ئىنىمغا تىلىفۇن قىلدىم، ئۈچىنچى يىللىققا چىقىش ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋىتىپتۇ،مەن بار چاغلاردا تىخى ئەمدى ئايىقى چىقىپ تولا يۈگۈرۈپ ھەممىمىزنى بىسەرەمجان قىلىۋەتكەن بالا ھازىر كىچە بىر ۋاققىچە ئۇخلىماي تاپشۇرۇق ئىشلەيدىكەن،خەنزۇ تىلى مەكتەپتە ئوقۇغاچقا ئۇ بىچچارە مەكتەپ تاپشۇرۇقىدىن باشقا كۈنىگە بىر سائەت دادىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئانا تىل ئۆگىنىدۇ.بۇ يەردىكى بالىلارغا قارىمىسام ياخشى،قاراپ قالساملا ئىنىم ئىسىمگە كىلىپ سىلىشتۇرۇپ قالىمەن،بۇ يەردە بالىلارلا ئەمەس،چوڭلارنىمۇ بىكارچىكىمىكىن دەپ قالىدۇ ئادەم...



دۇنيادا نىمە ئەڭ تەس دىيىلسە،مىنىڭچە ئۇيغۇر بولۇش ئەڭ تەس،مەيلى چوڭى ياكى كىچىكى،مەيلى دىھقىنى ياكى زىيالىيسى،ئىشقىلىپ كاللىڭىزدا ئۇيغۇر قالپىقىلا بولىدىكەن،جاپاغا تۇغۇلۇپتىمەن دىسىڭىز زايە كەتمەس.مۇنداقچە ئىيتقاندا ئۇيغۇر بولۇپ يارىلىش تەس ئەمەس،لىكىن ئۇيغۇردەك ياشاش بەسى مۈشكۈل بىر ئىش ئىكەن...



شۇنداقتىمۇ كۆڭلى پاختىدىنمۇ يۇمشاق ھەم ئاق بۇ مىللىتىمنى سۆيىمەن،ھەم سۆيۈپ چوڭ بولدۇم.گاھىدا ئۆزلۈكىنى يوقىتىپ قويىۋاتقان بىراۋلاردىن رەنجىپمۇ باقتىم،يات تىللاردا پىكىرلىشىۋاتقان كىشىلەرنى ئەيىپلەپمۇ باقتىم،ھەتتا ئۆز تەڭتۇشلىرىمنىڭ شۇ ئىشلىرى ئۈچۈن كۆڭلىنى ئاغرىتتىم،لىكىن بىرە قىتىم سەۋەبى ھەققىدە ئويلىشىپ باقمىدىم،مەن جاھاننىڭ بىر چىتىگە كىلىۋىلىپ خەقتىن رەنجىپ قاخشىغىنىم بىلەن،ئۇ ئامالسىز شارائىتتا بولغان بولسام بەلكىم مەنمۇ شۇلاردىن بەكرەك ئاشۇرىۋىتەر بولغىيتتىم،بەلكىم.چۈنكى ئۇيغۇرۇمغىمۇ جاھاندارچىلىق كىرەك،ئاتا ئائىلىنى بىقىشى،ئانا بالىغا يىمەكلىك تەييارلىشى،پەرزەنتلەر ھەم بالىلىق ھەم ئاتا ئانىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىشى كىرەك ئەلۋەتتە،يەنە كىلىپ مەندەك قىلغان ئىشىنىڭ تايىنى يوقلار مۇشۇنداق ئادەم كۆرمەستە بىرنىمىلەرنى يىزىپ ئۇلارنىڭ ئامالسىزلىقتىن قىلغانلىرىنى ئەيىپلەۋاتقان ئەكەل قولۇڭنى،مەن يىتىلىۋالاي توغرا يولغا دىيىشنىڭ ئورنىغا.شۇڭا دەيمىزدە ھەممىدىن ئۇيغۇر بولۇش تەس دەپ.توغرا يولنى بىلگەنلىرىمىز ئەيىپلەشنىڭ ئورنىغا مەن سىزنى يىتىلىسەم،سىز ئۇنى يىتىلىسىڭىز،ئۇيغۇر دىگەن نامغا لايىق ئۇيۇشۇپ باقساق...

نىمىشقىكىن،ھەر قىتىم مۇنبەرگە ياخشىراق بىر نەرسە يازىمەن دەپ كىرىمەنۇ يەنە مۇشۇنداق باش ئايىقى يوق نەرسىلەرنى يىزىپ ئەۋەتىپ بولۇپ ئەتىسىلا قايتا ئوقۇسام ئۆزۈمگە تىتىمايدۇ.شۇنداقتىمۇ ئىككى كۈندىن بىرى تۇتۇش قىلىپ باياتىن بىرى ئاران مۇشۇ نەرسىلەر كەپتۇ كاللامغا...

1

تېما

0

دوست

1351

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   35.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7621
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 233
تۆھپە : 266
توردىكى ۋاقتى: 161
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 03:03:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا ئەبجەش خيالىلىرىڭىزغا خىلىلام جور بولغۇم باتتى ،ئىنكاسىم بىلەن ساقلىۋىلىپ كىيىنچە كۆرەي.خاپابولماسسىز قىرىندىشىم ،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

3

تېما

0

دوست

1033

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 236
تۆھپە : 153
توردىكى ۋاقتى: 136
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 10:16:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەبجەش خىياللارنىڭ ئۇچىلىسىنى ئوقۇپ چىقتىم... راستىنلا ئادەمنى ئويغا سالدىغان ئىشلاركەن ...بۇ خىياللىرىڭىزغا ئەبجەش دىگەن ئاتالغۇنىڭ بەك ئاددى بولۇپ قالغانلىقىنى ھىس قىلىپ قالدىم..

11

تېما

0

دوست

7730

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   54.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1896
يازما سانى: 325
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1775
تۆھپە : 1157
توردىكى ۋاقتى: 291
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 11:56:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
،مەن يىتىلىۋالاي توغرا يولغا دىيىشنىڭ ئورنىغا...شۇڭا دەيمىزدە ھەممىدىن ئۇيغۇر بولۇش تەس دەپ.توغرا يولنى بىلگەنلىرىمىز ئەيىپلەشنىڭ ئورنىغا مەن سىزنى يىتىلىسەم،سىز ئۇنى يىتىلىسىڭىز...ئۇيغۇر دىگەن نامغا لايىق ئۇيۇشۇپ باقساق...

بۇ گەپلىرىڭىز تېتىقسىز ئەمەس خېلىلا تېتىملىق چىقىپتۇ، يازغان تېمىلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇدۇم، ياخشى چىقىپتۇ. ئەسلى مەن بۇنداق تېمىلارغا ئانچە قىزىقمايتتيىم، لېكىن بىرىنچى تېمىڭىزنى ئوقۇپلا قالغانلىرىنىمۇ ئۇلاپلا ئوقۇۋەتتىم كىيىن يەنىمۇ تىرىشىڭ!

1

تېما

0

دوست

758

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   51.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6834
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 185
تۆھپە : 106
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2012-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 19:10:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە ئەبجەش خىياللار بولسىمۇ، سېستىمىلىق خىياللاردىن خېلى ياخشىكەن.

0

تېما

0

دوست

2190

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3053
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 427
تۆھپە : 400
توردىكى ۋاقتى: 300
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 03:19:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ  ياخشى    چىققان  جەمئىيەت كۈزىتىشكەن   .......ئوقۇپ  بىر  خىل   بوپ  قالدىم...   رەھمەت   سىزگە  مۇشۇنداق    راسىت ئىشلار  خاتىرسى ياخشى  چىقىدۇ................

1

تېما

0

دوست

848

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   69.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5819
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 200
تۆھپە : 127
توردىكى ۋاقتى: 115
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 01:26:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«خىياللىرىڭىزغا» خىياللىرىمنى يانداشتۇرۇپ، بىرمۇ بىر  ئوقۇپ چىقتىم ....ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان شۇنداقلا يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرغان نۇرغۇن ئىشلار ھەققىدە ، دۇنيانىڭ يەنە بىر رۇجىكىدە تۇرۇپ تەپەككۈرلىرىڭىزنى تۆكۈپسىز ، «خىياللىرىڭىزنى » ياقتۇردۇم ،چوڭقۇر خىياللارغا غەرق قىلدۇردىڭىز  كىشىنى .....داۋاملىق يېزىپ ، يوللاپ تۇرارسىز. سىزگە سالامەتلىك ، بارلىق ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن !

2

تېما

6

دوست

2973

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   32.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  831
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 651
تۆھپە : 483
توردىكى ۋاقتى: 515
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 10:23:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەبجەش خىياللىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ چىقىپ، چوڭقۇر ئويغا چۆمۈپ كېتىپتىمەن، نېمە دېگەن ئورۇنلۇق گەپلەر، نېمە دېگەن ئەتراپلىق كۈزىتىلگەن تۇرمۇش، رەھمەت سىزگە، قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن قېرىندىشىم.
يۇرتۇم بەك گۈزەل،يۇرتۇمنىڭ مەنزىرىسىنى ياخشى كۆرىمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )