قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: ziya

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

3726

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   57.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6817
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 851
تۆھپە : 563
توردىكى ۋاقتى: 197
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 00:33:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
27  - ماددا  مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، شۇ جايدىكى ئوتلاق،  ئورماننىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى بېكىتىدۇ.
مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئوتلاق ۋە ئورماننى قوغدايدۇ، بەرپا قىلىدۇ، كۆچەت تىكىش، ئوت-چۆپ تېرىش ئىشلىرىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ ۋە ئىلھام بېرىدۇ. ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئوتلاق ۋە ئورمانغا ھەر قانداق ۋاسىتە بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى مەنئى قىلىدۇ. ئوتلاق ۋە ئورماننى بۇزۇپ تېرىلغۇ يەر ئېچىشنى قەتئىي مەنئى قىلىدۇ.


بۇنىڭغا شىنجاڭدىكى بىڭتۈەن ئۇرۇنلىرىمۇ بيسۇنامدۇ؟بىز ئاپتىنومىيە قانونىغا بەك خىلاپلىق قىلىپ كەتتۈقمۇ نىمە؟

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13464
توردىكى ۋاقتى: 6623
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 00:48:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ﺟﯘﯕﺨﯘا خەلق جۇمھۇريىتى ئاساسى قانۇنى»دىن تەرمىلەر



33 .ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﯩﻖﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘﯘﻗﺮﺍﺳﯩﺪﯗﺭ .
ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﺎﭘﺒﺎﺭﺍﯞﻩﺭ .
ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻰ ﮬﯘﻗﯘﻗﻨﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ .
ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﯘﻗﺮﺍ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺭﺩﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﮬﯘﻗﯘﻗﺘﯩﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ ،ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺭﺩﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﻠﯩﺸﻰ ﺷﻪﺭﺕ .

36.ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﻯ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺘﻘﺎﺩ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﻜﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ .
ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﻰ ،ﺋﯩﺠﯩﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﯞﻩ ﺷﻪﺧﯩﺴﻨﯩﯔ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﻰ ﺩﯨﻨﻐﺎﺋﯩﺘﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺘﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺯﻭﺭﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ،ﺩﯨﻨﻐﺎ ﺋﯩﺘﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﯩﻤﯘ ،ﺩﯨﻨﻐﺎ ﺋﯩﺘﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﯩﻤﯘ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﯘﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .
ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻧﯘﺭﻣﺎﻝ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯗ .ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﺩﯨﻐﺎﻥ ،ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﮕﻪ ﺩﻩﺧﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﯘﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ .
ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯧﻘﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ .



41.ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﺘﯩﻨﯔ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﻯ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺩﯙﻟﻪﺕﺧﺎﺩﯨﻤﯩﻐﺎ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﯞﻩ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﮬﯘﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ؛ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﻰ ﯞﻩﺩﯙﻟﻪﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭘﻠﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺸﻨﻰﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﺭﯨﺰ ﻗﻠﯩﺶ،ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶﮬﯘﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺋﻮﻳﺪﯗﺭﯗﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯘﺭﻣﯩﻼﭖ ،ﻗﺎﺭﺍ ﭼﺎﭘﻼﭖ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺸﻘﺎﻳﻮﻝ ﻗﯘﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .
ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﻟﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭ ﺋﻪﺭﯨﺰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ،ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﺎﺵﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﻨﻘﻼﭖ ،ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﺷﻪﺭﺕ .ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﯘﻳﯩﺸﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﺋﯚﭺ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﯘﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .
ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﻖ ﮬﯘﻗﯘﻗﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﺎﺋﯘﭼﯩﺮﻏﺎﻧﻼﺭ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﺗﯚﻟﻪﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﮬﯘﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ .

6-ﭘﺎﺭﺍﮔﺮﺍﻑ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ

112.ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ ،ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﻧﺎﮬﯩﻴﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ .
113.ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ ،ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﯩﻠﻖ ﯞﻩ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﻧﺎﮬﯩﻴﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ،ﺗﯧﺮﺗﻮﺭﯨﻴﻠﯩﻚ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ،ﺷﯘ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺭﺍﻳﯘﻧﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺳﺎﻧﺪﺍ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ .
ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ ،ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﻠﯩﻖ ،ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﻧﺎﮬﯩﻴﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﻟﺘﯩﻴﻰ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﺘﯧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻟﯩﻘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﻣﯘﺩﯨﺮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﯩﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯧﺮﯨﺘﻮﺭﯨﻴﻠﯩﻚ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﻯ ﺑﯘﻟﯩﺸﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ .
114.ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﻴﺴﻰ ،ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ،ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﻧﺎﮬﯩﻴﻨﯩﯔ ﮬﺎﻛﯩﻤﻰ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﻠﯩﻚ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ .
115.ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ،ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺋﻮﺑﻼﺳﺖ ﯞﻩ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﻧﺎﮬﯩﻴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﯩﯔ 3-ﺑﺎﺏ 5.ﭘﺎﺭﺍﮔﺮﺍﻓﯩﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﮬﻮﻗﻮﻗﻨﻰ ﻳﯜﺭﮔﯩﺰﯨﺪﯗ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ،ﺋﺎﺳﺎﺳﻲ ﻗﺎﻧﯘﻥ ، ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺗﯧﺮ ﺗﻮﺭﯨﻴﻠﯩﻚ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺭﺩﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﮬﯘﻗﯘﻕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﮬﯘﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻳﯜﺭﮔﯩﺰﯨﺪﯗ ،ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻥ ،ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .
116.ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ،ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ .ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻧﯩﺰﺍﻣﻰ ﯞﻩ ﻳﻪﻛﻜﻪ ﻧﯩﺰﺍﻣﻼﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﮬﻮﻗﯘﻗﻠﯘﻕ .ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻧﯩﺰﺍﻣﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻳﻪﻛﻜﻪ ﻧﯩﺰﺍﻣﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻲ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ .ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺋﻮﺑﻼﺳﺖ ،ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﻧﺎﮬﯩﻴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻧﯩﺰﺍﻣﻰ ﯞﻩ ﻳﻪﻛﻜﻪ ﻧﯩﺰﺍﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ ﯨﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﻟﺘﯩﻴﻰ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﺘﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﺗﯧﺘﯩﻐﺎ ﺋﻪﻧﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ .
117.ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﮬﯘﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ .ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﻰ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻜﻰ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﻮﺭﻭﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ .
118.ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯘﺭﻟﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯗ .
ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﯞﻩ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﺎ ﻗﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ،ﻣﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯩﺮﯨﺸﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ .
119.ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ،ﭘﻪﻥ ،ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ،ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ،ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ،ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﯩﺮﺍﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﯩﺮﺍﺵ ﯞﻩ ﺭﻩﺗﻠﻪﺵ ،ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﺘﻪ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯩﺶ ﻛﯜﺭﯨﺪﯗ .
120.ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯔ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺧﻪﯞﯨﭙﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ .
121.ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﯩﻲ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﻠﯩﺸﺘﺎ ،ﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ،ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﺗﯩﻞ _ﻳﯧﺰﯨﻘﻨﻰ ﻗﻮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ .
122.ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﺰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ،ﺋﻪﺷﻴﺎ ،ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ .
ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﮬﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭﻧﻰ ،ﺋﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻚ ﺋﯩﺸﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﻠﻪﺭ ﻳﯩﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ .


http://www.egilik.com/bbs/read.php?tid=1
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12052
توردىكى ۋاقتى: 4346
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 00:55:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا كۇنى مەن كەچتە قومۇل بىڭتۇۋەننىڭ ياسىغان يېڭى يولىغا بىېرىپ كەلدىم ، ئۇيەردىكى يولغا ھەيۋەت بىر ئېلىكىتىرۇنلۇق بىلدۇرگۇ تاختىسى ئورنىتىلغان بولۇپ ، پۇتى يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە تىكىلگەن بۇ تاختا بەك ھەيۋەت بولۇپ قومۇلدا بۇنداق تاختىنى تۇنجى كۆرۇشۇم ، تاخىتىدا مەدىنى شەھەر قۇرايلى دىگەندەك ھۆكۇمەت بىلدۇرگۇلىرى بولۇپ پۇتۇنلەي خەنزۇ يېىزىقىدا ئىدى ،
كىيىن ئىدارىدە پاراڭ سالسام بۇ يولنى بىڭتۇەن ياسىغانمىش ، شۇڭا ئېلىكتىرۇنلۇق بىلدۇرگۇ تاختىسىدىكى خەتلەرمۇ خەنزۇچە بولسا ئامال يوقمىش ........

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12052
توردىكى ۋاقتى: 4346
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 00:57:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆكۆمەت يانفۇن ئاگاھلىرىدا ئۇيغۇرچە يوق
1. ھۆكۆمەت يانفۇن ئاگاھلىرى دىگەن نىمە ؟ ھە بۇ دىگىنىمىز ،بۇ دىگەن بارغۇ قاراڭ  ھۆكۆمەتنىڭ  خەلق ئاممىسغا يانفۇن ئۇچۇرى ئارقىلىق يەتكۇزگەن ئاگاھلاندۇرۇشلىرى ۋە باشقا بىلدۇرۇش خاراكتىرلىك  ئىلانلىرىنى ئۆز ئىىچىگە ئالىدىكەن .

2. بۇنۇڭغا تىمسال ئالساق بۇگەن ئەتتىگەن مەن يانفۇن قىسقا  ئۇچۇرى ئارقىلىق ساقچى تەرەپنىڭ بىر ئاگاھلاندۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدىم قاراڭ ، يانفۇن قىسقا ئۇچۇرى خەنزۇچە كەلگەن بولۇپ ، قارىغاندا قويمىچىلاردىن ئاگاھلاندۇرغاندەك تۇرامدۇ نىمە ؟
ئالدىنقى قېتىم يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى كومۇلىچى يىيىش توغۇرلۇق ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سەھيە نازارىتىنىڭ بىر قانچە   خەنزۇچە ئۇچۇرۇنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.

3.يانفۇن ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىش ھەقىقەتەن تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىردى ، تېخى نەچچە كۇننىڭ ئالدىدا مۇئاۋىن رەئىس شىجىنپىڭ  دەل پارتىيە يانفۇن گىزىتى تارقىتىش توغۇرلۇق يىغىن ئاچتى ، دىمەك مەركەزمۇ يانفۇن ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشكە باشلىدى دىگەن سۆز .

4. ئۇيغۇرلىرىمىزمۇ يانفۇن ئىشلىتىدىغان بولاپ قالدى دىسلىرا مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۇنلەردە ،تېخى بىر ئىككى ئۇيغۇرچە يانفۇن گىزىتىمۇ يامان ئەمەس  چىقىۋاتىدۇ دەيمەن ،  

5. ئەمدى ھۆكۇمەتنىڭ بۇ يانفۇن ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا بىز مىڭ مەرتىۋە قايىل ،ئەمما شۇ چۇشۇنەلمەيدىكەنىمىز  ، بولسا ھۆكۇمەت  خەلىق ئاممىسنىڭ جانجان مەنپەئەتى ئۇچۇن چىقارغان يانفۇن ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ئەلبەتتە ئۆزى ئۇيغۇرچە يېزىقتىمۇ بىي چىقىرىپ تارقاتقان بولسا  بىزمۇ ھۆكۇمەتنىڭ مۇھىم يول يورۇقلىرىنى ئۆز تىلىمىز يېزىقىمىز بىلەن تېخىمۇ ئوچۇق چۇشەنسەك .

6.ئەمدى ئۇيغۇر تىل يېزىقىغا ھۆكۇمەت  باش بولۇپ ئەھمىيەت بەرمسە ئەمدى قالغان يەردىن ئۇمۇت كۇتۇش مۇمكىن ئەمەس دەپ ئويلايمەنغۇ

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12052
توردىكى ۋاقتى: 4346
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 01:00:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىخەتەر چىقىپ كىتىش تاختىسىدا ئۇيغۇرچە يوق !!!
1.بىخەتەر چىقىپ كىتىش تاختىسى بولسا جامائەت سورۇنلىرىدا بىرەر ئاپەت بولۇپ (ئاللاھ ساقلىسۇن) قالغاندا ، سۇ ،ئوت ، يەر تەۋرەش دىگەندەك شۇ جامائەت سورۇنلىرىدىكى ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ بىخەتەر چىقىپ كىتىشى ئۇچۇن ئىگىز ھەممە ئادەم كۆرەلەيدىغان چىقىپ ئىشىكلىرىگە ئسىپ قويۇلغان تاختا بولۇپ بۇنۇڭدا باتارىيە سەپلەنگەن بولۇپ ئەسلى قاراڭغۇدۇمۇ ، بىخەتەر چىقىپ كىتش ئېغىزى دىگەن سۆز ئېنىق يېنىپ تۇرۇدۇ. دىمەك بۇ ھەر بىر شەھەردە ھەربىر جامائەت توپلۇشىدىغان بىنا زاللاردا چوقۇم بولۇشى شەرت بولغان مۇھۇم بىخەتەرلىك تەدبىرى ئەلۋەتتە .

2.تۇيۇقسىز بىر پۇرسەتتە بىر جامائەت سورۇنىدا بېشىمنى كۆتۇرۇپ قاراپ سېلىپ ھەيران قالدىم ، بۇ جامائەت سورۇنىدىكى بىخەتەر چىقىش ئېغزى دىگەن تاختىغا پەقەت خەنزۇچە چوڭ  قىلىپ ئەنچۇەن چۇكۇ دىگەن كاتەكچە خەت ئاندىن ئاستىغا ئىېنگىلىزچە يىكىىشىت مۇ بىرنىمە دەپ يېزىپ قويۇپتۇ ئۇيغۇرچە مۇت يوق ،

3. ۋاي بۇ قانداق بولغۇنى ئەمدى بىرەر خەتەرلىك ۋاقىتتا بىزنىڭ كۆزىمىزگە ئەڭ ئاۋۋال كۆرۇنىدىغىنى ئانىمىز ، ناۋادا كېرەك (ئاللاھ ساقلىسۇن )ئالمۇھادىس پەۋقۇللئاددە ئاپەتلەر يۇز بېرىپ ئوڭ سولىمىزنى تاپالماي قالغاندا ئانىمىزنى كۆرەلمىسەكمۇ ئانا تىلىمىزنى كۆرسەكمۇ پۇتىمىزغا جان كىرىپ بىخەتەر چىقىش ئېغىزى دىگەن ئۇيغۇرچە خەت ئاللاھ خالسا  بىزنىڭ ھاياتىمىزنىڭ داۋاملىشىشىغا سەۋەپچى بۇلۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن دەڭلار .

4. شۇنداق قىلىپ مەن قومۇل شەھرىنى بىر ئايلىنىپ باقتىم ، ئالدى بىلەن چوڭ ئۆيگە يېققىن بولغان گومىي ئېلىكتىرۇن شەھەرچىسىگە كىردىم ، يەنىلا شۇ خەنزۇچە ئېنگىلىسچە بىخەتەر چىقىش ئېغزى دىگەن تاختا ئېگىز ئېسىلغان ئۇيغۇرچە يوق ،

5.ياخشى يۇرت تاللا بازىرىدا سەل ياخشىكەن ،ئىشكتىن كىرگەندە سومكىڭىزنى ئېچىڭ تەكشۇرۇشكە ھەمكارلىشىڭ دىگەن سۆز بولسىمۇ ئۇيغۇرچە ئىكەن ،ئەمما بىخەتەر چىقىش ئىېغزى دىگەن تاختىلاردا ساپ خەنزۇچە خەت ئېنگىلىسچە خەت ،

6. خۇيمېي  بۇسودا سارايغىمۇ بېشىمنى تىقىپ چىقىپ كەتتىم كۆرگۇنۇم خەنزۇچە ئېنگىلىزچە بىخەتەر چىقىش ئېغزى دىگەندىن بۆلەك ئەمەس ،

7.بىرىنچى ماللار سودا سارىيىدىمۇ ئەھۋال شۇنداق ،سومكىڭىزنى ئېچىڭ دىگىنى ئۇيغۇرچە ، بىخەر چىقىش ئېغزى ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسىدا بولسا ئۇيغۇرچە يوق ،

8. ئۇزۇپ چىقىش سودا سارىيىدىمۇ چوڭ قىلىپ خەنچە  ئەنچۇەن چۇكۇ دەپ يېزىلغان ، ئۇيغۇرچە يوق ،


9. ئەڭ ھەجۋى ھەم ئەڭ قاملاشمىغىنى توت كوچا يېڭى مەسچىتتىمۇ  بۇ خىل بىخەتەر چىقىش ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسىدا خەنچە كاتەك خەت بولۇپ ئۇيغۇرچە مۇت يوق .

مەن قومۇل شەھەرلىك ھۆكۆمەتتىن تىزدىن تەدبىر قوللۇنۇپ بۇ خىل ئاپەت يۇزبەرگەندە جىددى پەيىتلەردە  بىخەتەر چىقىش ئېغزى ئاگاھلاندۇرۇلغان كاتاكچىلەرگە ئۇيغۇرچە خەتنىمۇ كىرگۇزۇش توغۇرلۇق يېغلاپ تۇرۇپ تەكلىپ بىرىمەن ،ئاللاھ خالسىا ئۇيغۇرنىڭ جېنىمۇ جاندە ،ئۇيغۇرچە ئاگاھلاندۇرۇش خېتى چوقۇم بولۇشى كېرەك  .

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12052
توردىكى ۋاقتى: 4346
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 01:01:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قومۇل مۇزىيدا ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈش يوقكەن
قومۇل مۇزىيدا ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈش يوقكەن





1. بۈگۈن بالامنى ئەگەشتۈرۈپ قومۇل مۇزىيغا تۇنجى قېىتىم قەدەم تەشرىپ قىلىپ قالدىم ، ئىلگىرى كىملىكمنى ئالماي كېلىپ كۆرەلمەي كەتكەن .
2. ھەيرانلىق ئىچىدە شۇنى بايقىدىمكى مۇزېيدا ئۇيغۇرچە خەت مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۇيغۇر يېىزىقىدا ،يەنە ھېلقى قەدىم نەرسىلەرنىڭ نامى ئۇيغۇرچە يېزىقى بار ئىكەن، لېكىن ھىچقانداق ئۇيغۇر چە چۈشەندۈرۈش يوق بولۇپ ، تولىمۇ ئەپسۇسلار  ئىچىدە قالدىم.
3. بىرەرمۇ ئۇيغۇر چۈشەندۈرگۈچى ئۇچۇرمىدى ماڭا ، ئەجىبا شۇنچە چوڭ قومۇل دىيارىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان بىرەرمۇ ئۇيغۇر مۇزىي چۈشەندۈرگۈچىسى بولمىسا بۇ قانداق بولغىنى؟!
4.ئىلىكتىرۇنلۇق ئىكران چۈشەندۈرگۈچتە ھىچقانداق ئۇيغۇرچە خەت يوق ، كومپىيوتېردا ئۇيغۇرچە خەت يېزىش ھازىرقى زاماندا مەسىلە ئەمەس ئەجىبا ............
5. موزىي دەل ئادەملەر جۈملىدىن ياش ئەۋلاتلار بىلىم ئېلىپ ئۆز يۇرتىنىڭ قەدىمى تارىخى  ھەقىدە چوڭقۇر چۈشەنچە ھاسل قىلىدىغان جاي ،شۇنداقلا ئۇ بارلىق خەلىقنىڭ ئورتاق پايدىلىنىدىغان جايى ئۇيغۇرچە خەت بولمىسا بىز باللىرىمىزنى يىتىلەپ ئات ئۈستىدە گۈل كۆرگەندەك چىقىپ كەتسەك قانداق بولار ، مەن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بۇ مەسەللەرگە جىددى قاراپ تېزدىن ئۇيغۇر يېزىقىىغىمۇ موزىيدىن ئورۇن بىرىشنى ھەر بىر كونكىرىت ئاسارە ئەتىقىنىڭ رەسمى ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرىلىشى بولۇشىنى  ئۈمۈد  قىلىمەن!

uyghur

22

تېما

2

دوست

6115

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   22.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4471
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1283
تۆھپە : 1005
توردىكى ۋاقتى: 204
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 01:11:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قانۇن ئاساسى قانۇن تەرپىدىن قوغدىلامدۇ؟
بۇقانۇن قانداق ئىجرا قىلىنىدۇ؟
بۇ قانۇننى كىملەر بىلىدۇ ياكى بىلىشى كىرەك،بىلگەننىڭ قانداق پايدىسى بار؟
بۇ قانۇن بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقى تولۇق كاپالەتكە ئېرىشەلەمدۇ؟

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13464
توردىكى ۋاقتى: 6623
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 03:05:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مائارىپ قانۇنى»دىن تەرمىلەر


10-ماددا دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. دۆلەت چەت، يىراق، نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا يار–يۆلەك بولىدۇ. دۆلەت مېيپىلار مائارىپى ئىشلىرىغا يار – يۆلەك بولىدۇ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرىدۇ.

12- ماددا خەنزۇ تىل – يېزىقى مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئوقۇتۇشتا قوللىنىدىغان ئاساسىي تىل – يېزىق. ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئاساس قىلىنغان مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئوقۇتۇشنى شۇ مىللەتنىڭ تىل – يېزىقى بىلەن ياكى شۇ يەردىكى مىللەتلەر ئورتاق ئىشلىتىدىغان تىل – يېزىق بىلەن ئېلىپ بارسا بولىدۇ.
مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئوقۇتۇشتا مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىلىدىغان پۇتۇڭخۇانى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلغان خەتلەرنى ئومۇملاشتۇرىدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )