- تىزىملاتقان
- 2011-1-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 27250
- نادىر
- 11
- يازما
- 1164
ئۆسۈش
100%
|
* بەزىلەر بوتۇلكىلارغا قاچىلانغان %100 ساپ مېۋە تەركىبلىك ، دېگەندەك ئەسكەرتمىلەر بار ئۇسسۇزلۇقلارنى ئىچىدۇ ، ئۇنىڭ قۇۋۋىتىنى مېۋە يېگەن بىلەن ئوخشاش دەپ قارايدۇ ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىچىملىكلەرگە كۆپ مىقداردا شېكەر ئارىلاشتۇرۇلغاچقا ، بىز مېۋە يېگەن چاغدا بەدىنىمىزگە قوبۇل قىلىندىغان تالا ماددىلىرى كەملەپ كېتىدۇ .
* ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن بازار ئايلانماقچى ياكى سەيلە قىلماقچى بولسىڭىز ، شۇ كۈنى پۈتۈن بىر كۈن كىيگەن ئېگىز پاشنىلىق ئايىغىڭىزنى سېلىۋېتىپ ، پاشنىسىز ئاياغ كىيىپ مېڭىشقا ئادەتلىنىڭ ، ئەگەر بارىدىغان يېرىڭىز قىسقا ئارىلىق بولسىغۇ ياخشى ، ئۇنداق بولمىغاندا پۇت بۇ ئېغىر بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ . شۇڭا پىكاپىڭىزدا ياكى ئىشخانىڭىزدا يەنە بىر ئايىغىڭىزنىڭ بولغىنى ياخشى .
* ئادەتتە تىرنىقىمىز ئاجراپ قالىدىغان ئىش دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ ، بەزىلەر يېنىدا تىرناق ئالغۇچنىڭ يوقلۇقىنى بىلگەندىن كېيىن ، بۇ كىچىك ئىشقا ئىچى پۇشىدۇ – دە ، چىشلىرىنى ئىشقا سالىدۇ ، بۇنداق بولغاندا ، تىرناقنى زەخمىلەندۈرۈپلا قالماستىن ، تىرناق ئارىسىدىكى مىكروبلار ئېغىزغا ۋە بارماقلار ئارىسىغا كىرىۋالىدۇ . شۇڭا بىز ئۇزۇنراق تۇرىدىغان يەرلەردىكى ، مەسىلەن ، خىزمىت ئۈستىلىمىزنىڭ تارتمىسى ، ئاپتوموبىل ياكى ئاچقۇچىمىزغا بىرەر تىرناق ئالغۇچنى قويۇپ قويۇش ھېچقانداق ئاۋارىچىلىق ئىش ھېسابلانمايدۇ .
* سىز بەلكىم كۈنىگە يېرىم سائەت ۋاقىتنى بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئاجراتقانسىز ، ۋاقىت ھەرقانچە قىممەتلىك بولسىمۇ ، بەش مىنۇتنى بەدەن قىزىتىش ۋە چېنىقىشتىن كېيىنكى بەدەن بوشىتىشقا سەرپ قىلساق بولىدۇ ، بەدەن چېنىقتۇرۇشتىن بۇرۇن ئۈچ مىنۇت بەدەن قىزىتىش ، بىزنى ھەرىكەت جەريانىدا زەخمىلىنىشتىن ساقلاش بىلەن بىللە ، ھەرىكەت جەريانىدا مۇسكۇللارغا پايدىسىز بولغان سۈت كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئازايتىدۇ . بەدەن چېنىقتۇرۇپ بولغاندا ، مۇسكۇللار قىزىغان ھالەتتە بولىدۇ ، شۇڭا ئىككى مىنۇت بوشىتىش ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەش كېرەك .
* بىر كۈنلۈك خىزمەتتىن قايتىپ كېلىپ ئۇخلايدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە ، چىشىمىزنى تازىلاشنى ئۇنتۇپ قالمايلى ، پۈتۈن جەمەتتە چىش كېسەللىكى ئېرسىيىتى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ ، كۈنىگە بىر قېتىم تازىلاش كېرەك |
|