- تىزىملاتقان
- 2011-1-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-1-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1591
- نادىر
- 0
- يازما
- 49
ئۆسۈش
59.1%
|
بۇ مەزمۇنmuslim731دە2011-03-08 00:21يوللىغان يازمىسى يەنە 3.8 ئوتكۇزەمسىز ؟ :
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار :
ئاياللارھاياتلىقتا ئائىلىنى قۇرۇپ پەرزەنتلىرىنى تەربىيلەپ جەمئىيەتنى شەكىللەندۈرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ھوزۇر-ھالاۋەت ۋە بەرىكەت ئاتا قىلىدىغان ھەم ئائىلىنى مىھرى-مۇھەببىتى بىلەن نۇرلاندۇرىدىغان مۇقەددەس ئانا ۋە ھايات چىرىغى، ۋە مىھرى-مۇھەببەت پىدالىقىنىڭ سىموۋولى پاك قەلىب لاتاپەت ۋە گۈزەللىك پەرىشتىسى، بىزنىڭ نۇرغۇن ئانىلىرىمىز ،ھەدىلىرىمىز ،سىڭىللىرىمىز ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچىنى ئادا قىلىۋاتىدۇ ، قىسمەن ئاياللىرىمىز بولسا خۇددى يۇقۇملۇق ۋىروسدەك بالا تەربىيلەش ئەمەس ھەتتا ئۆزىدىكى يامان كېسەللەرنى ئەۋلادلىرىمىزغا يۇقتۇرىۋاتىدۇ.
ئەمدى ئاتالمىش ئاياللار بايرىمىنىڭ تارىخىغا نەزەر سالساق ئەسلى بۇنداق : بۇ كۈن ئەسلىدە پاھىشە ئاياللارنىڭ ئازاتلىق كۈنى ئىدى ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ دۆلەتتىن دۆلەتكە سىڭىپ كىرىپ خاس ئاياللار بايرىمىغا ئوزگەردى. قىزىقارلىق يېرى شۇكى بىز ئىزچىل ھالدا باشقىلارنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرىنى دوراپ كەلدۇق. خۇددى بىزنىڭ ئورپ-ئادەتلىرىمىز يوقتەك نىمە دېگەن نادان بىز ھە ؟
سىزنىڭ مۇشۇ ئاياللار قاتارىغا كىرگۈڭىز بارمۇ ؟ قېنى ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ. بۇنداق بايرامنى ئۆتكۈزۈش توغرىمۇ؟ قېنى ھازىرقى جەمئىيتىمىزدىكى ئاياللارغا نەزەر سېلىپ باقايلى ، نەچچە بالىسى بار ئاياللار بولسا 3.8ئوتكۇزىمىز دەپ رېستۇران ياكى سورۇنلارغا بارىدۇ .ئەرلىرى بولسا ئۆي باقىدۇ .ئەرلەر قوشۇلمىسىمۇ ھازازۇللۇق قىلىپ بايرام بولغاندىكىن بارسام نىمە بوپتۇ دەپ ئېرى بىلەن ئۇرۇشقىلى ئاران تۇرىدۇ، ئاندىن ئەرلەر ئاچچىق تاماكا چېكىپ قانداق قىلساڭ قىلمامسەن دەپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ .
تېخى بەزەن ئەرلىرىمىز مەيلى خوتۇن بار يىلدا بىرقېتىم كېلىدۇ دېگەن، ئاندىن ئاياللىرىمىز كېچىچە ئولتۇرۇپ ئۆيىنىڭ نەدىلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىپ ھاراق پوتۇلكىلىرىنى تىكلەپ قويۇپ ئچىۋاتقان، بۇلاردا ئىتائەت ھايا -نومۇس ۋە مەسئولىيەت كۈتۇش مۇمكىنمۇ ؟
.......
تېما يازغاندا ئويلشىپ، ئاساسى بار سۆزلەرنى قىلايلى! مۇشۇنداق نېمىلا ئىش بولسا ئۇنى كۆپتۈرۈپ نە-نەلەرگە ئېلىپ كېتىدىغان كىشلەرگە ھەيرانمەن، بۇنداق كىشلەر ئۆزىنى شۇنداق ئالىيجاناپ چاغلامدىغاندۇ؟! |
|