- تىزىملاتقان
- 2012-7-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10961
- نادىر
- 0
- يازما
- 609
ئۆسۈش
2.4%
|
«ئالتۇن ھوجرىدىكى نازىنىن»
مەلۇم تارماقنىڭ باشلىقى خىزمەت ئەترىتىنى باشلاپ، مەمۇرىي رايۇنلارنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتى بىلەن بىر يېزىغا بارغانئىدى. يېزلىق ھۆكۈمتتىكلەرنىڭ كەيپىياتى بىردىنلا جددىيلىشىپ كەتتى.
بۇ يېزىنى مەمۇرىي جەھەتتىن قالدۇرۋېتىش ياكى ساقلاپ قېلىش مۇشۇ باشلىقنىڭ بىر ئېغىز گېپىگىلا باغلىق بولۇپ، يېزا باشلىقىنىڭ تەقدىرىمۇ شۇنىڭ قولىدا ئىدى. ئەگەر بۇ يېزا ئەمەلدىن قالدۇرۋېتىلسە، ياشتا چوڭىيىپ قالغان باشلىقنىڭ ئەمەلدارلىقىمۇ شۇنىڭ بىلەن يوق بولاتتى. شۇڭا بۇ «خان ئەلچىسى» نىڭ نەزىرىدىن ئۆتۈش- ئۆتەلمەسلىك ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاخىرقى پۇرسەت ئىدى. سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ باشلىقنىڭ قورساققا ئامراق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغان يېزا باشلىقى قەۋەتلا خۇشھال بولدى.باشلىقنىڭ بىرەر ھەۋىسىلا بولسا ئىشنى پۈتتۈرۈش ئاسانغا توختايتتى.
يېزا باشلىقى تەرەپ- تەرەپكە چېپىپ يۈرۈپ، باشلىقنى كۈتىۋېلىش زىياپىتىگە تەييارلىق كۆردى. ھەر قېتىملىق زىياپەت خىلمۇ خىل غىزا- قورۇمىلار بىلەن شۇنچە مول تەييارلانسىمۇ، لىكىن بۇ «بۇتساتۋا» ھەزىرەتلىرىنىڭ ھېچبىر ئېغىزىغا تېتىغاندەك قىلمايتتى. بىر قېتىملىق زىياپەتتە باشلىق ئۆزىنىڭ يەپ ئىچكەنلىرى توغرىلىق پاراڭ قىلىپ بېرىۋىدى، يېزىدىكلەر ئاغزىنى ئاچقىنىچە ھاڭۋېقىپ قېلىشتى. پەقەت ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقۋاتقانلىرىنى يېزىپلا قويسىمۇ «ھايۋانات تۈرلىرى قامۇسى» دىن بىرى پۈتەتتى: توخۇ- توشقان، ئىت- مۈشۈك دىگەنلەر تۇرۇپ تۇرسۇن، تاغ- دالا، دەريا- دېڭىزلاردىن چىقىدىغان نازۇ- نىمەتلەردىن تارتىپ تاكى ئۇ ئېغىز تېگىپ باقمىغان يىلان- چايان، مىڭئاياغ، سازاڭ، چۆمۈلە، قارا چېكەتكە، قوڭغۇزغىچە جاھاندا بارلىكى جان- جانىۋار، ھاشاراتلاردىن بىرىمۇ قالمىغانىدى. يېزا باشلىقى ھەر قېتىم ئۆزىچە ناھايىتى ئۆزگىچە تەييارلانغان قورۇمىنى ئۈستەلگە كەلتۈرگەندىمۇ، ئۇ ئوخشاشلا چىرايىنى پۈرۈشتۈرەتتى. تېخى زىياپەت ئۈستىدىلا يېزا باشلىقىغا:
- بىرەر تەخسە ئالاھىدىرەك قورۇمىسنىڭمۇ تايىنى يوق بۇنداق يېزىنى ساقلاپ قېلىپ نىمە قىلىمىز، قالدۇرۋېتەيلى بولدى، -دىدى.
يېزا باشلىقى پۇتى كۆيگەن توخىدەك تىپىرلاپ كەتتى. ئاشپەز جاڭ سەننى تېپىپ ئۇنىڭدىن پەقەت بىرلا ۋەزىپىنى ئورۇنداشنى، يەنى بالىق يەپ باقمىغان، ئاخ ياخشىسى ئويلاپمۇ باقمىغان غەيرىيرەك قورۇمىدىن بىرنى قورۇشنى تەلەپ قىلدى. ئەگەر باشلىق رازى بولغۇدەك يېڭى قورۇما قورۇيالمىسا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە ياخشى كۈن يوقلىقىنى بىر ھازا چۈشەندۈردى. بىراق «قورساق توق، كىيىم پۈتۈن بولۇش» مەسلىسى ئەمدىلا ھەل قىلىنغان بۇ چەت، نامرات يېزىدا ئۇنداق غەيرى نەرسىنى نەردىنمۇ تاپقۇلۇق؟ جاڭ سەن ئېلاجسىزلىقتىن بەكلا جىددىيلىشىپ كەتكەچكە، كىچىك تەرىتى تولا قىستاپ، بىردەمنىڭ ئىچىدە نەچچە قېتىم ھاجەتخانىغا يۈگۈردى.
كىشلەرنىڭ "جىددى پەيىتتە ئەقىل كېلىدۇ' دىگىنىدەك، قىيىن ئەھۋالدا قېلىپ تىپىرلاۋاتقان جاڭ سەن ھالقىلىق پەيتتە ئەپچىل چارىدىن بىرنى ئويلاپ تاپتى. ئۇ كېچىلەپ خۇرۇچ تەييارلاپ، تۈجۈپىلەپ ئىشلەپ ئەتىسى بىر تۈرلۈك ئاجايىپ قورۇما « ئالتۇن ھوجرىدىكى نازىنىن» نى باشلىقنىڭ زىياپەت ئۈستىلىگە ھازىر قىلدى.
دەرۋەقە، بۇ قورۇما كەلتۈرلىشى بىلەنلا باشلىقنى جەلپ قىلدى. قورۇما تەخسىسىدىكى ماي ئىچىدە خۇددى ئالتۇن پارچىللىرىدەك يالىلدايتتى. ھېلىھەم پىژ- پىژ قىلىپ پىژىلداپ، ھور كۆتۈرلۈپ تۇراتتى. بىر چوكا يەپ بېقىۋىدى، ھەم يۇمران، ھەم مەزىلىك بولۇپ چىقتى. باشلىق خۇشال بولغان ھالدا بۇ خىل قورۇمىنى يېيىش تۈگۈل كۆرۈپمۇ باقمىغانلىقىنى ئېيىتتى. قورۇمىنىڭ خۇرۇچى، قورۇش ئۇسۇلى توغرىلىق سورىۋىدى، جاڭ سەن زادىلا دىگىلى ئۇنىمىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئۇنىڭ ئەجدادىدىن قالغان مەخپى رىسالە بولۇپ، ئەسلىدە خالىغانچە قۇرۇشقىمۇ بولمايدىكەن. ھازىر ئەزىز مىھمان كېلىپ قالغاچقا، ئۇ بۇ ئەنئەنىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ قورۇپتۇ. بىراق دەپ بېرىشكە قەتئىي بولمايدىكەن. بۇنى ئاڭلاپ باشلىق تېخىمۇ قىزىقتى. جاڭ سەننىڭ كامالەتكە يەتكەن ھۆنىرىگە توختىماي ئاپرىن ئېيتتى. قورۇمىنىڭ ئىسمىنىمۇ بىر مۇنچە ماختىدى. سورۇننىڭ كەيپىياتى بىراقلا جانلىنىپ، ھەممەيلەن كەيپ بولغۇچە ئىچىشتى. قايتىدىغان چاغدا باشلىق بۇ يېزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۋەتمەي ساقلاپ قېلىش تۇغرىلىق ئېىنىق ئىپادە بىلدۈردى . يېزا باشلىقى خۇشاللىقىدىن قىلغىلى قىلىق تاپالماى ، جاڭ سەننى قۇچاقلىۋېلىپ باش- كۆزلىرىگە سۆيۈپ كەتتى.
ئىشلار ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، يېزا باشلىقى جاڭ سەندىن ھېلىقى قورۇمىنى نېمىدە تەييارلىغانلىقىنى سورىۋىدى، جاڭ سەن يەنىلا دىگىلى ئۇنىمىدى. يېزا باشلىقى بېشىنى لىڭىشتىپ:
- چۈشەندىم، بىلىمەن، سىلەر ھۆنەرۋەنلەر پەۋقۇلاددە ماھارىتىڭلارنى باشقىلاردىن مەخپىي تۇتىسىلەر. بەرىبىر يەيدىغان نەرسىغۇ شۇ، - دەپ قويدى. كىيىنمۇ قايتا سوراپ يۈرمىدى.بىراق جاڭ سەنگە 200 يۈەن مائاش قوشۇپ بېرىشنى ئۇنتۇمىدى.
شۇنىڭدىن كىيىن جاڭ سەننىڭ «ئالتۇن ھوجرىدىكى نازىنىن» دەپ ئاتىلىدىغان سىرلىق قورۇمىسى پۈتكۈل يېزىغا پۇر كەتتى. لېكىن ئۇنى تېتىپ بېقىش ئامىتى ھېلىقى باشلىقتىن باشقا ھېچكىمگە نىسىپ بولمىدى. ھەتتا ئايالى سورىسىمۇ ، جاڭ سەن كۈلۈپلا قويۇپ زۇۋان سۈرمەيتتى.
شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشلارمۇ تۈگىگەن بولدى. ئامما ھېلىقى باشلىقنىڭ بۇ قورۇمىنى زادىلا ئۇنتۇپ كېتەلمەي يۈرگىنىنى كىم بىلسۇن؟ ئىككىچى يىلى ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ، مەخسۇس جاڭ سەن پۇشۇرغان «ئالتۇن ھوجرىدىكى نازىنىن» نى يىيىش ئۈچۈن ئاتايىن چىقىپ كەلدى. يېزا باشلىقى جاڭ سەنگە ئۇختۇرۇش قىلدى. لىكىن جاڭ سەن قوللىرىنى چايقىغىنىچە، ھازىر قورىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. يېزا باشلىقى تېرىكىپ:
- بۇلتۇرمۇ دەل مۇشۇ پەسىل تۇرسا، بۇ يىل نىمىشقا بولمىغۇدەك؟ قورىغىن، ئوبدان قورۇساڭ مەن ساڭا يەنە مائاش قوشۇپ بېرىمەن، -دىدى.
- قانچىلىك مائاش قوشۇپ بەرسىڭىزمۇ قورۇيالمايمەن؛ - دىدى جاڭ سەن بېشىنى چايقاپ.
يېزا باشلىقى ھەر قانچە قىلىپمۇ جاڭ سەننى ئەيۋاشقا كەلتۈرەلمىدى. شۇ تاپتا ئۇ جاڭ سەننى «غوجىئاكا» دەپ چاقىرىشقىمۇ تەييار ئىدى. جاڭ سەن ئامالسىز:
- بۇ يىل خۇرۇچ بولمىسا قانداق قورۇيمەن؟ - دىدى. يېزا باشلىقى ئۇنىڭغا قانداق خۇرۇچ لازىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىشنى، ھەر قانچە ئەتىۋار نەرسە بولسىمۇ چوقۇم تېپىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. جاڭ سەن ئېلاجسىزلىقتىن راستىنى ئېيتىشقا مەجبۇر بولدى:
- ھەممىنى قىلغان ئۆزىڭىز،- دىدى ئۇ زەردە بىلەن،- بۇ يىل سىز « مۇھىت تازلىقىنى ئوموميۈزلۈك ياخشىلاش» چاقىرىقىنى چىقىرىپ، ھاجەتخانىلارنىڭ ھەممىسىگە ھاك چاچقۇزغاچقا، پوق قۇرۇتلىرنىڭ بىرىمۇ قالماي ئۆلۈپ، تۇخۇملىرىمۇ قالمىغان تۇرسا، نەدىكى قۇرۇتتا «ئالتۇن ھوجرىدىكى نازىنىن» نى قورۇيمەن؟!
________________________________
ئەسلى فىليەتۇننىڭ تولۇق نۇسخىسى مۇشۇ! |
|