- تىزىملاتقان
- 2011-7-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6680
- نادىر
- 0
- يازما
- 319
ئۆسۈش
33.6%
|
مەھمۇت مۇئەللىم ياخشىمۇسىز ، سىز مېنىڭ 2-ھەدەم بىلەن قۇرداش ئىكەنسىز، ئۇمۇ شۇ يىللىرى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرتسىتىدا ئوقىغان . ئىش -ئىزلىرىڭىزدىن ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم ، يازمىنى ئوقىۋېتىپ كوزلىرىمگە ياش كەلدى .
نىمە دەيمىز ، ئەسلىدە بۇنداق كۈنلەرنى سىلەر كورمىسەڭلار بولاتتى ، سىزدەكلەر ئەسلىدە بىلىمىڭلارنى ئىشلىتەلايدىغان ، نۇرغۇن ئىشلاردا بىزگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ، پەقەت بولمىغاندا 2-3 مىڭ ئوقۇغۇچىسى بار مەكتەپنىڭ رەھبىرى بولۇپ ئىشلىگەن بولسىڭىز ، ئوزىڭىزنىڭ بىلىمى ۋە تىرىشچانلىغىڭىز بىلەن نۇرغۇن ئىشلاردا ياخشى يېتەكچى ۋە ئۈلگە بولۇپ مارىپىمىزنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولاتتىڭلار ،ئەپسۇس تولىمۇ ئەپسۇس ...
ھەقىقى ئقتىدارلىق ، ۋېجدان -غورورى كۈچلۈك ، پاك بىلىم ئەھلىلىرىنىڭ شۇنداق بىر كەمچىلىگى بولىدۇ ، ئۇ بولسىمۇ باشقىلارغا قەتتى يالۋۇرماسلىق ، ئوزىنىڭ يولىنى ئوزى تېپىپ مېڭىش ، ئارقا ئىشىك قىلماسلىق... دىگەندەك ھايات مىزانلىرى .
لېكىن ئەخمەت مۇئەللىم ، سىزگە شۇنى ئەسكەرتكىم كەلدى ، ئەمدى بولسىمۇ« چوڭ يولدا» مېڭىشنىڭ ئامالىنى قىلىڭ ، بۇنداق دىسەم ئەخمەت مۇئەللىم يېزىدا بولسا نىمە بوپتۇ ھەممىسى ئۇيغۇرنىڭ پەرزەنتى دىمەڭلار ، ئۇيغۇر جەمىيىتىدە بۇنداق « ئەخمەت مۇئەللىملەر» كوپ ئەمەس . سىزنىڭ ھاياتىڭىز شۇ كىچىك مەكتەپتە ئاخىرلىشىپ كەتسە بولمايدۇ ، بۇ ئەڭ زور ئىسراپچىلىق ، سىزدەك ئادەملەرنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ يىغلاپ كېتىپ بارغان تەتقىقات ئىشخانىلىرى ،پارتىلار بەك كوپ . شۇنداقلا ئۇيغۇر مائارىپىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار سىزدەك ئادەملەرگە ئېھتىياجلىق چۇنكى سىلەر بىلەن قورداش ،ئىزدەنگەن تىرىشچان ئوقۇتقۇچىلار-- كەسىپتە پىشقان ، تەجرىبە تەتقىقات ،بىلىم سەۋېيەرىڭلار ئېشىپ تېشىپ تۇرغان ھالەتتە بولىسىزلەر . قەھرىمانغا مەيدان كېرەك !
بۇ سوزۇمنى چوقۇم ئويلىشىپ بېقىڭ . ئاچامنىڭ دەپ بېرىشىچە پۈتۈن ساۋاقداشلىرى باشلىقكەن ،ئۇ مال دوختۇرلۇق ئوقۇتقۇچى يېتىشتۇرۇش كەسپىدە ئوقىغان . سىزگىمۇ چوقۇم يول چىقىدۇ ، بۇ ھەرگىزمۇ يوقىرىغا ئېسىلىش ئەمەس ، بۇ مىللىتىمىزگە بولغان مەسئۇلىيەت !
قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئىشنى كەينىگە سۇرمەڭ . ھازىرچە كاللامغا ئەڭ مۇھىم دەپ ئويلىغىنىمنى يېزىپ قويدۇم ، بۇ پارچىدىن ئادىمى نۇقتىدا تۇرۇپ ئالغان ئىلھامىم ۋە باشقا مەزمۇنلار كوپ ، تورداشلار قالغىنىنى يېزىپ بوپتۇ .
ئاخىرىدا ئەزىز تېنىڭىزگە سالامەتلىك ،ئايىلىڭىزگە تېنچلىق ۋە بەخت سائادەت ، خىزمىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن! |
|