قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6762|ئىنكاس: 35

ب د ت باياناتنامىسىغا چۈشكەن بەزى ئىنكاسلارغا....

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

1

دوست

8314

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   66.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7556
يازما سانى: 336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1327
تۆھپە : 1679
توردىكى ۋاقتى: 2689
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 23:59:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ب د ت باياناتنامىسىغا چۈشكەن بەزى ئىنكاسلارغا....
http://www.Qarabeg.com

27

تېما

0

دوست

4604

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   86.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5169
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 950
تۆھپە : 788
توردىكى ۋاقتى: 683
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 11:24:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا،ياخشى تېما،ئىنكاس دىگەن پاكىتلىق بولىشى كىرەك.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

0

دوست

3268

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4198
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 635
تۆھپە : 549
توردىكى ۋاقتى: 582
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 11:34:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توققۇز-ئون يىل ئىلگىرىغۇ دەيمەن ، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىغا بېسىلغان بىر ماقالە بولاتتى. لوڭيىڭتەينىڭ «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى كىملەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك» نامىدىكى بۇ ماقالىسىنىڭ باش ئىستونىغا شۇنداق بىر سۆز قىستۇرۇلغانكەن «ھەقىقەتنىڭ بولمىغىنىدىن تاللىۋېلىنغىنى بولسىمۇ بولغىنى ياخشى»... بۇ ماقالىنى پايدىلىنىش قىممىتى بار كۆرۈپ ، كومپىيوتوردا خاتىرلەپ ساقلاپ قويغاندەك قىلغانتىم ...بولسا مۇشۇ تىمىغا يوللاپ قويسام بولغۇدەك .....
سۇ ئېرىقتا ئاقىدۇ  ، تاشقىن سايدا.....

2

تېما

0

دوست

3268

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4198
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 635
تۆھپە : 549
توردىكى ۋاقتى: 582
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 11:41:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى كىملەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك
 

-«دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى»نىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۇغۇلغان ئويلار
لوڭ يىڭتەي
ھەقىقەتنىڭ بولمىغىنىدىن تاللىۋېلىنغىنى بولسىمۇ بولغىنى ياخشى

«دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى»ئىمزالانغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن بۇ يىل خەلقارا يىغىنلار كەينى -كەينىدىن ئېچىلىپ تۇردى.ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ،ھەرقايسى مەدىنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پەيلاسوپلار ،قانۇنشۇناسلار جەمىيەتشۇناسلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەرباپلار باش قوشۇپ ،ئوسلودىن مادرىتقىچە،لوندوندىن پىراگاغىچە بولغان كەڭلىكلەردە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى يېنىش-يېنىشلاپ مۇزاكىرە قىلدى.كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە مۇزاكىرە قىلغۇدەك زادى نىمىلەر بار؟بەزى بىر ساددا پىكىرلىك كىشىلەر :سوغوق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياقلاشتى،20-ئەسىرنىڭ ئاخىرى دىمەگۇراتتىيە دەۋرى،كىشىلىك ھوقۇق ئەمدى مۇھىم مەسىلە بولۇشتىن قالدى دىيىشىدۇ.قوساق كۆپۈكى بار بەزى كىشىلەر بولسا :كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ناھايىتى ئاغزىدا شەھەر ئالغاندەكلا بىر ئىش .ئۇ،1948-يىلى ئىمزالانغاندىن بۇيان زادى قانچىلىك رول ئوينىيالىدى؟ئۇ كامبودژا خەلقىنى زوراۋان ھاكىمىيەتنىڭ قىرغىنچىلىقىدىن قوغداپ قالالىدىمۇ؟ئۇ جوڭگولۇقلارنى «مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى»دەيدىغان تەلۋىلىكتىن ساقلاپ قالالىدىمۇ؟ئۇ،ئىككى قولى قان بىلەن بويالغان مۇستەبىتتىن زادى قانچىسىنى چەكلەپ قالالىدى؟دىيىشىدۇ.

  كىشىلىق ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ ئۆزىدىن قۇسۇر ئىزدەش -بۇ بىر مۇقەررەرلىك.ئۇ،خىرىستىيان مەدىنىيىتى،ئىسلام مەدىنىيىتى،بۇددا مەدىنىيىتى ۋە كوڭزىچىلار مەدىنىيىتىگە «ئورتاق »بولغان كىشىلىك ھوقۇق پەلىسەپىسىنى ماقۇللىيالامدۇ؟دىگەندەك پەلىسەپىۋى قاتلاملار ھەققىدىكى خىلمۇ-خىل بەس-مۇنازىرىلەرنى قويۇپ تۇرغاندىمۇ،ئۇنى ئەمىلىي يولغا قويۇشنىڭ ئۆزىدىلا قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلار مەۋجۇد.خىتابنامە بىر يۈكسەك ئەخلاقنىڭ كۆرسەتكۈچى،لىكىن .ئۇنىڭ ئىمزالىنىش جەريانى بولسا ،سىياسىنىڭ تەدبىقلىنىشى،شۇڭا ئۇ ئىككى تاشنىڭ ئارىسىدا قىسىلىپ قالغان .ئايرىم ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرگە نىسبەتەن خىتابنامىغا ئىمزا قويۇش -تېخىمۇ يۇقرى بىر ھوقۇقنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆز خەلقىگە بولغان مۇتلەق ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئارىلىشىپ ،ئۇنى كىمەيتىۋىتىشىگە يول قويۇشتىن دىرەك بىرىدۇ.ئايرىم دۆلەتلەر يا ئۇنى توسايدۇ،يا ئەگىلىپ ئۆتۈپ كىتىدۇ،يا ئۇنىڭغا ئىتىراز بىلدۈرىدۇ.مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى خىتابنامىنىڭ ئەمىلىي ئۈنىمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.ھەر قايسى مەزگىللەردە كەينى -كەينىدىن ئىمزالانغان كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك ئونلىغان خىتابنامە ۋە ئەھدىنامە ئىچىدە ئۇرۇش ئەسىرلىرىگە بولغان ئىنسانپەرۋەرلىككە ۋە قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشقا ئائىتلىرىنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەر ئەڭ كۆپ،لىكىن پۇقرالارنىڭ سىياسى ھوقۇقىغا ئائىتلىرىغا ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغان دۆلەتلەر خېلىلا نۇرغۇن،مۇستەبىت دۆولەتلەر بولسا ،ئۆزىگە ئاۋارىچىلىق تېپىۋالماسلىق ئۈچۈن ئۇنداق خىتاپنامە -ئەھدىنامىلەرگە ئاساسەن ئىمزا قويمايدۇ.

  يەنە بىر جەھەتتىن ،دىمكۇراتتىك دۆلەتلەرنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا زىددىيەتلىرى بولىدۇ.مەسىلەن ،ئامرىكىنى ئالايلى:بۇ يىل 7- ئايدا رىمدا ئېچىلغان 7 ئاۋازغا قارشى120 ئاۋازنىڭ قوشۇلىشى بىلەن خەلقارا جىنايى ئشلار دائىمىي سوتى قۇرۇش قارار قىلىنغان ئىدى ،ئامرىكا ئىمزا قويۇشنى رەت قىلدى.بۇنىڭدىكى سەۋەپ،ب د ت ھەر قايسى جايلارغا ئەۋەتكەن تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى ئىچىدە ئامرىكا ئەسكەرلىرى ئەڭ زور .ئامرىكا بەزى دۆلەتلەرنىڭ مۇشۇ جىنايى ئىشلار سوتىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىگە تاقابىل تۇرىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.شۇڭلاشقا ،ئامرىكا :بىز ئىمزا قويىمىز،لىكىن،ئامرىكا پۇقرالىرى بۇ دائىرىگە كىرمەيدۇ،دەپ تەلەپ قويدى .باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئامرىكىغا بۇنداق ئىمتىيازنى بەرگۈسى كەلمىدى.شۇنىڭ بىلەن جىنايى ئىشلار سوتى قۇرۇشتەك بۇنداق ياخشى ئىشقا بولغان كاشىلا ھازىرغىچە تۈگىمەيۋاتىدۇ.چۈنكى دەرىجىدىن تاشقىرى  بىر دۆلەت ئۇنڭغا قاتناشمىسا ،بۇ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ رولى چەكلىك بولۇپ قالىدۇ.

  كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ  ئىمزالىنىشىنىڭ ئۆزىلا سىياسى كۆچلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.ئەمىلىي تەدبىقلاشتا بولسا ،سىياسى ھوقۇقنىڭ بۇرمىلىشىدىن ساقلىنىش تېخىمۇ تەس.بەزى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى زىيانكەشلىكلىرى پۈتۈن دۇنياغا ئايان ،شۇنداق تۇرۇقلۇق ب د ت ھىچقانداق قارار چىقىرىپ باقمىدى .بۇنىڭدىكى سەۋەپ نىمە؟ئەيىبلەشمۇ ،ئەيىبلىمەسلىكمۇ ھەر قايسى ئەللەر ۋەكىللىرىنىڭ ئاۋازىغا قويۇلىدۇ .چوڭ دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەتلىرى خىلمۇ-خىل دىپلوماتتىك ۋاستىلەر ئارقىلىق ئەيىبلىمەسلىكنى قولغا كەلتۈرۈشكە يەتكۈدەك بايلىققا ئىگە .لىكىن كۇبا ياكى تۈركىيەدەك كىچىك دۆلەتلەر بولسا ئۇنداق قىلالمايدۇ .شۇڭلاشقا «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى»نى ھەقىقىي يولغا قويۇش ئىنتايىن تەس .ھەقىقىي يولغا قويۇلغان تەقدىردىمۇ ،ناھايىتى «تاللىۋېلىنغان ھەققانىيەت»لا يولغا  قويۇلىدۇ ،خالاس.لىكىن ھەققانىيەتنىڭ بولمىغىنىدىن تاللىۋېلىنغىنى بولسىمۇ ،بولغىنى مۇھىم ئىلگىرلەش ئەمەسمۇ ؟1948؛يىلىدىكى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى»ئامرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسى ۋە فىرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلاۋىغا ئوخشاش داغ-دۇغا قوزغاپ ،دۇنيانىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋىتەلمىگەن بولسىمۇ ،لىكىن بىزنىڭ دۇنيايىمىز ھەقىقەتەن ئۆزگەردى.مۇشۇ خىتابنامە بارلىققا كىلىشتىن ئىلگىرى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان نوپۇز:بىر ھۆكۈمەت ئۆزى ھۆكمىرانلىق قىلىدىغان خەلققە نىسبەتەن سىياسى جەھەتتىنلا ئەمەس،ئەخلاقىي جەھەتتىمۇ ھەممىنى قىلىشقا ھوقۇقلۇق ،باشقىلارنىڭ ئېغىز غېرىچلاش ھەققى يوق ،دەپ قارىلاتتى.كىشىلەر مۇشۇ ئەسىردىكى خىلمۇ-خىل قىرغىنچىلىقلار ۋە نەسلىنى قۇرۇتۇشلاردىن ئىككى خىل بىلىش ھاسىل قىلدى :بىرىنجىسى ،قىرغىنچىلىق ۋە نەسلىنى قۇرۇتۇش سىرتقا قارىتىلغان ئۇرۇشتا يۈز بىرىپلا قالماستىن ،بىر دۆلەت ،بىر مىللەت ئىچىدىمۇ يۈز بىرىدىكەن ،يەنە كىلىپ ئىچىگە قارىتىلغىنى تېخىمۇ رەھىمسىزرەك بولىدىكەن؛ئىككىنچىدىن ،ئۆز خەلقىگە شەپقەت قىلمايدىغان دۆلەت ناھايىتى ئاسانلا تاجاۋۇزچى دۆلەتكە ئايلىنىپ قالىدىكەن.

دەريا -دەريا قان ئاققان ئەسر

بىر قانچە ئون مىلىيۇن ئادەمنىڭ ھاياتى بەدىلىگە مۇنداق بىر بىلىش ھاسىل قىلىندى:كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئەمدى كونكىرتنى قىلىپ بىلدۈرۈلمىسە بولمىغۇدەك .مۇشۇ خىتابنامە بارلىققا كەلگەندىن كىيىن ئايرىم ھۆكۈمەتلەر دەرۋازىسىنى تاقىۋېلىپ نىمە قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلىدىغان ھوقۇقىنى يۈرگۈزىۋىرەلمەيدىغان بولۇپ  قالدى .گەرچە ئاشۇ دۆلەتلەر ئىلگىركىدەكلا قورال كۈچىگە ئىگە بولسىمۇ ،خەلقى ئىلگىركىدەكلا قىرغىن قىلىنىۋاتقان قامىلىۋاتقان بولسىمۇ ،كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى بىر ئىشنى قىلالىدى :ئەخلاقىي جەھەتتىن ئاشۇ دۆلەتلەرنىڭ خاتا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى ،خەلقارا جەمىيەتنى ئۇنى نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىرىشتۈردى .چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ب د ت نىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچرىماسلىقى ئىھتىمال،ئەمما،ئاشۇ چوڭ دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەقەززالىق بىلەن بارلىق ئامال-چارىلەرنى ئىشقا سېلىپ ،ئەيىپلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنىڭ ئۆزىلا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ ۋەزنىنى ئىپادىلەپ بەردى.1966-يىلى ماقۇللانغان «پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسى ھوقۇق ھەققىدە خەلقارا ئەھدىنامە»گە بارغانسىرى نۇرغۇن دۆلەت كەينى -كەينىدىن ئىمزا قويدى.مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى ئۇلارنىڭ مەدىنىيەتلىك دۇنيانىڭ سىرتىدا قالغۇسى كەلمەيدىغانلىقىنى ،مەدىنىيەتنىڭ قىممىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.مانا شۇنىڭدىن كىيىىن كىشىلەر :خوش ،قېنى ،ئىشلارنى ئەمدى ھۆججەتكە ئاساسەن مۇزاكىرە قىلىپ باقايلىچۇ!!...دىيەلەيدىغان بولدى

  20- ئەسر قىرغىنچىلىق ئەسىرى بولدى.ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرىشى،ناتسىسلارنىڭ زەھەرلىك گاز بۇيۇملىرى،،ھىساپسىز ئادەمنى ئۆلتۈرەلەيدىغان ئاتوم بومبىسى،«مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى» دىكى رەھىمسىزلىك، «گۇراگ تاقىم ئاراللىرى»دىكى شەرمەندە ۋەھشىيلىك،بوسسىنىيە -گىرىتسېگوۋىنادىكى تۈمەن كىشلىك جەسەت ئازگىلى .....ئىنسانىيەت تارىخىدا ئادەمنىڭ تەقدىرى بىلەن بۇنداق زور كۆلەمدە ئويناشقان دەۋر ھىچقاچان بولۇپ باقمىغان ؛پەن -تېخنىكا مەدىنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئىپتىدائى ھايۋانلىق بىلەن بۇنداق ئوڭ تاناسىپ ھاسىل قىلىپ باقمىغان .بىز دەريا بولۇپ ئاققان قانلارنى توختىماي كىچىپ كېلىپ ،20-ئەسرنىڭ ئاخىرىغا يەتكەندە مۇنداق بىر يېڭى ھادىسىنى كۆردۇق :بوسسىنېيە -گىرىتسوگىۋىنا ئىچكى ئۇرىشىدا پۇقرالارنى قىرىشقا بۇيرۇق بەرگەن كوماندىرلارغا خەلقارا سوت ھۆكۈم ئېلان قىلدى .چىلىدىكى مۇستەبت پىنوچىت ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىدا پاجىئەلىك ئۆلگەن كىشىلەر ئۈچۈن سوراق قىلىندى .خەلقئارادا ئاستا-ئاستا مۇنداق بىر ئورتاق تونۇش بارلىققا كىلىشكە باشلىدى.:ھەر-بىر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرى ئۈچۈن جاۋاپ بىرىدۇ ،ئەمدى «دەۋرنىڭ تىراگىدىيىسى»،«تۈزۈمنىڭ قۇربانلىرى» دىگەن ئابىستىراكت ئۇقۇمنىڭ ھىمايىسىدە جىنايى جاۋاپكارلىقتىن ھەرگىزمۇ قۇتۇلۇپ كېتەلمەيدۇ .

  قىرغىنچىلىق ھىلىمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ .ھازىرنىڭ ئۆزىدە ،ئافرىقىدىكى قەبىلىلەرنىڭ لەشكەرلىرى چاپقۇلار بىلەن پۇقرالارنىڭ ،جۈملىدىن ئاياللار بىلەن بالىلارنىڭ پۇت- قوللىرىنى چېپىپ تاشلاۋاتىدۇ.6 ياشلىق بىر بالىنىڭ قولىنى دەرەخنىڭ توپىدىن چىقىپ قالغان يىلتىزىغا قويۇپ تۇرۇپ چېپىپ تاشلىدى،مانا شۇلارنىڭ ھەممىسىلا پەقەت قىساس ئېلىشنى مەخسەت قىلىدۇ .كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئازاپ چىكىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرنى قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ.لىكىن كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئەسلىدىنلا  خۇدا ئەمەستە ،ناۋادا خۇدا بار بولسا ،كىشىلىك ھوقۇق دىگەن ناھايىتى بىر ئادەملەرنىڭ توغرا بىلىشى بىلەن ھايۋانىلىق ئارىسىدىكى كۈچ نىسبىتى تەڭ كىلىپ قالغان ئارغامچا تارتىشىش،ئايىغى چىقمايدىغان دوئىل.ئەمما شۇنىڭدىن ئىۈمىد كۈتۈشكە بولىدۇكى ،خەلقارادا سىياسى جاللاتتىن بىرى چەكلەنسە،بىر ياكى بىر قىسىم بالىنىڭ قولى چېپىلىشتىن ئامان قالىدۇ.

دېمۇكراتتىيە كىشىلىك ھوقۇق دىگەنلىكمۇ؟

  12-ئاينىڭ باشلىرىدا ب د ت پىراگادا كىچىكرەك خەلقارالىق يىغىن ئۆتكۆزدى .مەن نۇتۇق سۆزلەشكە قاتناشتۇرۇلغان 15 كىشىنىڭ بىرى بولىش سۈپىتىم بىلەن يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن چىخىيىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم .چىخىيىنىڭ يىغىن ئورنى قىلىپ تاللىنىشى ئالاھىدە مەناغا ئىگە ئىدى :1968-يىلدىكى «پىراگا باھارى »نىڭ مەغلۇپ بولىشى .،1989-يىلدىكى «دۇخاۋا ئىنقىلاۋى»نىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشى دىگەندەك،چىخ خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى كۆرەشلىرى ئەزەل-ئەزەلدىن دىققەتكە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن ئىدى .ئۇنىڭ ئۈستىگە خاۋل،كوندۇرا دىگەندەك جاراڭلىق ئىسىملار مۇشۇنىڭ بىلەن  باغلىنىشلىق ئىدى .ئىلگىرى ئىزىلگەن كىشىلەر ،ئېزىشكە قارشى تۇرغان كىشىلەر ئەركىنلىككە ئىرىشكەندىن كىيىن باشقىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تېخىمۇ ياخشىراق چۈشۈنىدىغان بولامدۇ،قانداق ؟

   ناتايىن.ئۆزى ئەركىنلىككە ئىرىشىپ ھوقۇقنى ئىگىللىگەندىن كىيىن ،بىرلا ئۆرۈلۈپ،باشقىلارنى ئىزىدىغن ئادەمگە ئايلىنىپ كېتىشى مۈمكىن .

يېڭىدىن گۈللەنگەن دىمگىراتتىك دۆلەت چىخىيەدە 350 مىڭ سىگان ھوقۇق كاپالىتىگە ئىرىشەلمىگەن ئاجىز مىللەتكە ئايلىنىپ قالدى.ئىلگىرى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق -مەنپەئەتىنى ئىژتىمائى ئاڭ شەكلى زورلۇق بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ تۇراتتى .زورلۇق خاراكتىرىدىكى نەرسىلەر يوقالغاندىن كىيىن ،«خەلق رايى»تۆرگە ئۆتتى .لىكىن خەلق رايى يەنى كۆپ ساندىكى كىشىلەر سىگانلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى بەكمۇ يامان كۆرىدۇ .ۋە مەنستمەيدۇ .مانا مۇشۇنداق «خەلق رايى » تامامەن «قانۇنلۇق» بولغان  مىللىي كەمسىتىشكە ئېلىپ بارىدۇ .كىچىكرەك بىر شەھەرنىڭ ئاھالىسى ھەتتا ئاۋاز بىرىشىپ ،شەھەرچە ئىچىگە 4 مىتىر ئىگىزلىكتە سېمنۇت تام سېلىپ ،شۇ شەھەردىكى خەلىقنىڭ يولىنى توسىۋىتىشكە قوشۇلغان .ئۆز ۋاقتىدا زوراۋانلىققا قارشى تۇرغۇچى كىشىلەر كانىيىنىڭ يىرتىلىشىچە ۋارقىرىغان كىشىلىك ھوقۇق ،ھەققانىيەت ،ئادىللىق ..ۋەھەكازالار ئەمدى بولغاندا نەگە كەتتى؟

   دېمەك ،دىمگۇراتتىك تۈزۈمنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرىشى ناتايىن ،چۈنكى شۇ تۈزۈم ئاستىدا ھوقۇق يۈرگۈزگۈچى كىشىلەردە مۇكەممەل كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىنىڭ بولىشى ناتايىن .ئادەم كىشىلىك ھوقۇقنى تونۇپ يەتمىسە ،دىمگوراتتىك تۈزۈممۇ كۆپ سانلىقلارنىڭ ئاز سانلىقلارنى ئىزىشىگە ياردەم بىرىدىغان قانۇنلۇق قورالغا ئايلىنىپ قالىدۇ .جوڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدىنىيىتى بىلەن غەرپنىڭ دىموكىراتتىك تۈزۈمىنىڭ تەجرىبىخانىسى بولغان بۈگۈنكى تەيۋەندە مۇشۇنداق ئەھۋاللارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ .

   تەيۋەنلىكلەر خۇددى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئۆزلىرى بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتەك قايتا-قايتا سايلام ئۆتكۈزۈش بىلەن ئاۋارە . كىشىلىك ھوقۇق تەيۋەننىڭ سىياسى مۇھىتىدا مۇھاكىمە قىلىنىدىغان مەسىلىلىكتىنمۇ قېلىپ قالغان .نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دېگەنلەر جاڭ جەمەتىنىڭ «نوپۇزلۇق دەۋرى» ئاخىرلاشقاندىن كىيىن مەسىلە بولۇشتىن قالغان .

   لىكىن مىنىڭ قارىشىمچە ،تەيۋەندە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمدىلەتىن سۇ يۈزۈگە لەيلەپ چىقىشقا باشلىدى .

   سايلام دىگەن مەخسەت ئەمەس ،بەلكى ۋاستە .ئەگەر ۋاستىنىڭ ئۆزىگىلا مۇشۇنداق نۇرغۇن ئىجتىماھى بايلىق سەرپ قىلىنسا ،ئۇ ھالدا سايلامنىڭ مەخسىتىگە يەنە قانچىلىك ئىجتىمائى بايلىق ،،ئىجتىمائى ئەقىل -پاراسەت قالىدۇ؟سايلامنىڭ مەقسىتى،باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ،دىمكۇراتتىك تۈزۈمنىڭ مەخسىتى جەمىيەتنى تېخىمۇ ئادىل قىلىش ،ھەققانىيەتنى تېخىمۇ ئومۇملاشتۇرۇش ،يەنى تېخىمۇ كۆپرەك كىشىلەرنى ھوقۇقتىن بەھرىمان قىلىش .ئۇنداقتا تەيۋەندە ھازىر كىشىلىك ھوقۇق قايسى سەۋىيىدە؟ ئەسلىدىكى يەرلىك خەلىقلەر قانۇنىي جەھەتتە ۋە ماھىيەت جەھەتتە خەنزۇلار بىلەن تامامەن باراۋەرمۇ؟تەيۋەنلىكلەر بىلەن تۇرمۇش قۇرغان چەتئەل تەۋەلىكىدىكىلەر ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئادىل ھوقۇقتىن بەھرىمان بولالامدۇ؟ چەتئەل تەۋەلىكىدىكى مىڭلىغان -ئونمىڭلىغان ئىشلەمچىلەر قانچىلىك كەڭ دائىرىلىك خورلۇقلارغا ئۇچراۋاتىدۇ ،قانچىلىك سەۋىيىدىكى قوغداشقا ئىرىشىۋاتىدۇ؟تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىنلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى تەيۋەن خەلقىنىڭ ئۆزىگە قاراتقان ئەخلاق تەلىپىگە ئۇيغۇن كىلەمدۇ-كەلمەمدۇ؟تەيۋەنلىك سودىگەرلەرنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا ۋە شەرقى-جەنۇبي ئاسىيادا مەبلەغ سېلىپ ئاچقان زاۋۇتلىرىدىكى يەرلىك ياللانما ئىشچىلارغا قاراتقان بەزىبىر رەھىمسىز مۇئامىلىللىرىنى مەدىنىيەتلىك تەيۋەنلىكلەر قوبۇل قىلالامدۇ ؟ئىگە چاقىسىز قېرىلارنىڭ جەسەتلىرىنى لالما ئىتلارنىڭ يەپ كىتىشى،بوۋاق بالىلارنىڭ خارلىقتا ئۆلۈپ كىتىشى ،ئارامغا چىققان قېرى ئەسكەرلەرنىڭ قېرىلار ساناتورىيەسىنىڭ مۇھىتىغا كۆنەلمەي ئۆلىۋېلىشى ياكى ئادەم ئۆلتۈرۈشى ،ساقچىلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا ھەددىدىن زىيادە ھېرىپ كىتىپ ،ئۆلۈپ كىتىشى،ۋەزىپىدىكى ھەربىيلەرنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى ،روھىي كىسەللەرنىڭ 20 يىلغىچە زەنجىردە باغلاپ قويۇلىشى ............مانا مۇشۇلارنىڭ قايسى-بىرى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس؟

   ئەمىلىيەتتە بىر جەمىيەت نوپۇسلۇق سىياسى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئاندىن ئۆزى ئۈستىدە  ھەقىقىي ئويلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشقا باشلايدۇ .چۈنكى بۇ چاغدا بىرەر داھى ياكى تومتاق ھۆكۈمەت ئەمەس ،بەلكى خەلىقنىڭ ئۆزىنىڭ نازارەتنى ۋە تەنقىدنى قوبۇل قىلىشىغا توغرا كىلىدۇ .ھوقۇققا ئىرىشكەن كىشى ئۆزىدىن ئاجىز كىشىگە ئادىل مۇئامىلە قىلالامدۇ؟ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ھەتتا كەمسىتىدىغان ئادەمنى ھۆرمەت قىلامدۇ ؟مەيدانى ئۆزىنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان كىشىلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلالامدۇ؟ بۇلۇڭ پۇچقاقلارغا مۆكۈۋېلىپ ئۆزى كۆكلەپ،ئۆزى قۇرۇپ ئۆتۈۋاتقانلارنى بىز كۆرەلەمدۇق ؟بىز ئۆزىنى قوغدىيالمايدىغان زۇۋانىنىمۇ چىقىرالمايدىغانلارنى قوغدىدۇقمۇ؟ نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئۆكتىچىللىرى ھوقۇقنى تارتىۋالغاندىن كىيىن ئەڭ يامان غەيرى پىكىرلىكلەرگە ئايلىنىپ كەتتى .بۇنىڭدىكى سەۋەپ ئۇلار كىشىلىك ھوقۇقنى ھەقىقىي چۈشۈنۈپ باققان ئەمەس .ئۇلار ئاۋام خەلىق ئۆزىگە بەرگەن ھوقۇقنى ئۆزىنىڭ ھوقۇقى دەپ،ئۆزىنىڭ شەخسى خاھىشىنى ئومۇمىي ئىھتىياج دەپ قارايدۇ .بىز مۇشۇنداق ئادەملەرنى مۇشۇنداق تارىخنى كۆپ كۆرگەن .سۈپىتى مانا مۇشۇنچىلىك كىشىلەر تۇتقان ھاكىمىيەت ئاخىرى بېرىپ بىر بولسا ،كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك ئىتىدىغان مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە ،بىر بولسا،كۆپ سانلىقلار ئاز سانلىقلارنى ئىزىدىغان «دىمكۇراتتىيە»گە ئايلىنىپ كىتىدۇ .مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشى ئېنىق .ئۇنىڭ قارشى تەرىپى بولغان دىمكۇراتتىيە پەقەت كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تۇنجى قەدىمى ،خالاس.بىرەر جەمىيەتنىڭ ئادىللىققا ۋە ھەققانىيەتكە قاراپ مېڭىشىمۇ پەقەت دىمكۇراتتىيەدىن باشلىنىدۇ .

   لىكىن بۇ نەقەدەر مۇھىم باشلىنىش -ھە!

«جەنۇپ ھەپتىلىك گېزىتى»نىڭ 1998-يىل 25-دىكابىر سانىدىن م.ئەزىزى ،غەنى ۋەلى تەرجىمىسى

«شىنجاڭ مەدىنىيىتى »ژورنىلى 1999-يىل 4-سانى
سۇ ئېرىقتا ئاقىدۇ  ، تاشقىن سايدا.....

16

تېما

0

دوست

7607

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   52.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  846
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1801
تۆھپە : 1101
توردىكى ۋاقتى: 216
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 13:11:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى darya.دە2012-09-29 11:41يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى كىملەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك
 

-«دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى»نىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۇغۇلغان ئويلار
لوڭ يىڭتەي
.......  

كۆپ رەھمەت مەن مۇشۇ ماقالىنى ئىزدەۋاتقىلى خېلا ئۇزۇن بولغان ئىدى . بۈگۈن سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزدىن كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم.

يول ماڭغانسېرى ئ

5

تېما

1

دوست

8589

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   71.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10640
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1305
تۆھپە : 1713
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 13:31:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمما يوللاپسىز قېرىندىشىم، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
ھەممەيلەن بىرلىككە كېلىپ، تىل-يېزىقىمىزنى قوغدايلى!

توخۇ يىگەن تۈلكى

38

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9147
يازما سانى: 642
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3235
تۆھپە : 2371
توردىكى ۋاقتى: 455
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 14:13:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ، ئۇ دىمەك بايانەت نامە، خىتاپ نامە، تەكىتلىنىپ تۇرىدىغان سۆز، << بالام كالتە ئىشتان بىلەن ماڭما ،خەقلەر زاڭلىق قىلىدۇ.....،>> دىگەندەكلا ، نامىدىنمۇ چىقىپ تۇرۇپتىكى ؛ ئۇ قانۇن ئەمەس، مەجبۇرىي ئىجرا قىلغىلى بولمايدۇ   << بالام كوچىدا كالتە ئىشتان بىلەن ماڭما ،خەقلە زاڭلىق قىلىدۇ  ،دىگەن تەربىيەدەكلا ئىش .   ئۇ بالا كوچىغا چىققاندىن كېيىن سېلىۋېتىپ ماڭسا م مېڭىېرىدۇ، بۇنىڭغا خەخلەر كۈلۈشسىمۇ ئەمما ھىچنىمە قىلمايدۇ،  بويسۇنۇپ ئاپاسىنىڭ دىگەىنىدەك قىلسا ياخشى بولغىنى، قىلمىسا كېتۋېرىدۇ......  . دەل شۇنىڭغا ئۆخشاش بىز قىسقا كىيىنىۋالغان قىزلار توغرۇلۇق كۆپ نەسىھەتلەرنى قىلىپ يېزىپ تۇرىۋاتىمىز ، ئۇلار ئۇ ئىشنى تۈزەتتىمۇ ، بەزىلىرى يەنىلا تۈزەتمىدى... بەزى دۆلەتلەر شۇ خىتاپ نامىلەرگە ئەمەل قىلىپتى خەلقارنىڭ مەھھىيىسىگە ئېرىشتى . مەملىكىتىمىز زادىلا قۇلاق سالماي كېتىۋەردى ... خۇددى يامغۇردەكلا ؛ يامغۇر ھەممە يەرگە تەكشى ياغىدۇ ، ئەمما بەزى يەردە تىكەن، بەزىيەردىن گۈل ئۈنۈپ چىقىدۇ....دىگەندەك

0

تېما

0

دوست

2320

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1349
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 490
تۆھپە : 386
توردىكى ۋاقتى: 251
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 14:27:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىلاپلىق قىلغۇچى ھۆكۈمەت بولسا ئەخلاقسىز ھۆكۈمەت، بۇزۇق ھۆكۈمەت پېتى قېلىۋېرىدۇ، "خەلىقئۈچۈن"دەپ شۇئار توۋلاپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىپ، چىچىپ پوقىنى يەپيۈرىۋېرىدۇ. بىراق بۇنداق ھۆكۈمەتلەر ئۇزۇنغا بارمايلام، سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ،يۇگۇسلاۋىيەنىڭ، چېخسلىۋاكىيەنىڭ تارىخىنى قايتا تەكرارلايدۇ ياكى "ئەرەپ باھارى" غا ئوخشاش بىر دېمىكراتىك ئىنقىلاپقا ھامىلدار بولغان بولىدۇ!

سسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسس.

ب د ت  خىتابنامىسىدىكى بەلگۈلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئاقىۋېتى يۇقىرقىدەك بولىدۇ . مانا بۇ  « ب د ت » نىڭ يۈكسەك رولى !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )