- تىزىملاتقان
- 2012-9-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 181
- نادىر
- 0
- يازما
- 4
ئۆسۈش
60.33%
|
ئائىلىگە خىراجەت قىلىش توغرىسىدا | |
[align=justify]ئاللاھتائالا ئېيتتى : ‹‹ ئاتىلار ئانىلارنى قائىدە بويىچە يېمەك – ئىچمەك ۋە كىيىم – كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك ›› . ( سۈرە بەقەرە 233 – ئايەت ) |
|
[align=justify]ئاللاھتائالا ئېيتتى : ‹‹ باي ئادەم ( ئايالىنى ھەم بالىسىنى ) ئۆزىنىڭ بايلىقىغا يارىشا تەمىنلىسۇن ، رىزقى تار قىلىنغان ئادەم ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرگىنىگە يارىشا تەمىنلىسۇن . ئاللاھ ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىدۇ ›› . ( سۈرە تالاق 7 – ئايەت ) |
|
[align=justify]ئاللاھتائالا ئېيتتى : ‹‹ ( ئاللاھنىڭ يولىدا ) بەرگەن نەرسەڭلارنىڭ ئورنىنى ئاللاھ تولدۇرۇپ بىرىدۇ ›› . ( سۈرە سەبەئە 39 – ئايەت ) |
|
[align=justify]ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنۇدىكى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن : سەن ئاللاھ يولىدا ئىشلەتكەن بىر دىنار ، سەن قۇل ئازاد قىلىشقا ئىشلەتكەن بىر دىنار ، سەن مىسكىنگە سەدىقە قىلغان بىر دىنار ، سەن ئائىلەڭگە ئىشلەتكەن بىر دىنار ، دىنارلاردىن ئەجرى ئەڭ كاتتا بولغىنى سېنىڭ ئۆز ئائىلەڭگە ئىسلەتكەن دىناردۇر . ( مۇسلىم ) |
|
[align=justify]رەسۇلۇللاھنىڭ خادىمى ئابدۇرەھمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنۇدىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن : بىر كىشىنىڭ ئىشلەتكەن دىنارلىرىدىن ئەجرى ئەڭ كاتتا بولغىنى ئائىلىسىگە ئىشلەتكەن دىناردۇر . ئاللاھ يولىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئاتاپ قويغان ئۇلاغقا ئىشلەتكەن دىناردۇر ، ئاللاھ يولىدىكى بۇرادەرلىرىگە ئىشلەتكەن دىناردۇر . ( مۇسلىم ) |
|
[align=justify]ئۇممە سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنۇدىكى، مەن : يا رەسۇلۇللا ! ئەبى سەلەمەنىڭ بالىلىرىغا قىلغان خىراجىتىمدە ماڭا ئەجىر بارمۇ ؟ مېنىڭ ئۇلارنى جان بېقىش كويىدا ( مۇشۇنداق چېچىلاڭغۇ يۈرۈيدىغان ) تاشلاپ قويغۇم يوق . ئۇلار ھەم مېنىڭمۇ بالىلىرىمدۇر ، دىدىم . رەسۇلۇللا : شۇنداق ، سىزگە ئۇلارغا قىلغان خىراجەتلىرىڭىزدە ئەجىر بار ، دىدى . |
|
[align=justify] ( بىرلىككە كەلگەن ھەدىس ) |
|
[align=justify]سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنۇدىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن : سەن پىقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ خىراجەت قىلساڭ ، ئۇنىڭغا ئەجىر بىرلىدۇ ھەتتاكى ئايالىڭنىڭ ئاغزىغا سالغان نەرسىگىمۇ ئەجىر ئالىسەن . |
|
[align=justify] ( بىرلىككە كەلگەن ھەدىس ) |
|
[align=justify]ئەبى مەسئۇدىل بەدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنۇدىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن : ئەگەر بىر كىشى ساۋاب ئۈمۈت قىلىپ ئائىلىسىگە خىراجەت قىلسا ، قىلغان خىراجىتى ئۇ كىشى ئۈچۈن سەدىقىدۇر . |
|
[align=justify] ( بىرلىككە كەلگەن ھەدىس ) |
|
[align=justify]ئەمرىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنۇدىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن : بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە قاراشلىق بولغان كىشىلەرنىڭ خىراجىتىنى قىسىپ قويىشى يېتەرلىك گۇناڭتۇر . ( ئەبۇ داۋۇد ) |
|
[align=justify]مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە : رەسۇلۇللا : بىراۋنىڭ يېمەك – ئىچمىكىگە ئىگە بولغان كىشىلەرنىڭ خىراجىتىنى توختۇتۇپ قويۇشى يېتەرلىك گۇناڭتۇر ، دىيىلگەن . |
|
[align=justify]ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنۇدىكى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن : بەندىلەر ئۈچۈن ھەر سەھەردە ئىككى پەرىشتە چۈشۈپ ‹ ئى ئاللاھ ، خەيرىلىك بىلەن خىراجەت قىلغۇچىنىڭ چىقىملىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بەرگىن › دەيدۇ ، يەنە بىرى : ‹ ئى ئالللاھ ، بېخىلغا تالاپەت ئاتا قىلغىن › دەيدۇ . |
|
[align=justify] ( بىرلىككە كەلگەن ھەدىس ) |
|
[align=justify]ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنۇدىكى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن : ئۈستۈنكى قول ( بەرگەن قول ) ئاستىنقى قولدىن ( ئالغان قولدىن ) ياخشىدۇر . |
|
[align=justify]بىرىشتە ئۆزۈڭگە يېقىن كىشىلەردىن باشلا ، ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن ئاشقاننى بىرىش ئەڭ ياخشى سەدىقىدۇر . كىمكى ، ئىپپەتلىك بولۇشنى تەلەپ قىلسا ئاللاھ ئۇنى ئىپپەتلىك قىلىدۇ . |
|
[align=justify]كىمكى بىھاجەتلىكنى تىلىسە ئاللاھ ئۇنى بىھاجەت قىلىدۇ . ( بۇخارى ) |
|
[align=justify]مەنبە : ‹‹ سالىھلار گۈلىستانى ›› ناملىق كىتاب 162 – بەت . |
|
|
|