- تىزىملاتقان
- 2011-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2634
- نادىر
- 0
- يازما
- 97
ئۆسۈش
21.13%
|
بىز ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان تۈرلۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ كەلدۇق، نەتىجىدە ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارمۇ شۇ مەدىنىيەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ خەنزۇچە، ئەرەپچە، پارىسچە، رۇسچە ۋە ئېنگىلىسچە ئاتالغۇلار ئۇيغۇر تىلى تەركىۋىگە ئايلاندى. جۇملىدىن بىزنىڭ بايراملىرىمىزنىڭ ئىسمىمۇ ئەنە شۇ مەدىنىيەت دولقۇنلىرىدا پىشىپ چىققان بولدى، مەن تۆۋەندە ئۆزەمنىڭ;روزا ھېيت، قۇربان ھېيت، نورۇز بايرىمى توغۇرىسىدىكى تەھلىلىمنى تورداشلارغا سۇندۇم .
روزا ھېيت. روزا ئەرەپچە سۆزلۈك بولۇپ لۇغەت مەنىسى :ئۆزىنى چەكلەش، ئۆزىنى تۇتىۋېلىش بولۇپ، ئاللانىڭ بىرلىك بارلىقىغا ھەقىقى ئىشەنگۇچىلەر 30 كۇن ئۆزىنى تۇتىۋېلىش يەنى رامىزان ئېيىدا ھەر كۇنى تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن تاماق يەپ بىر كۇن پاكلىنىشنى نىيەت قىلىپ ئاللانىڭ رازىلىقىنى تىلەپ تاكى شۇ كۇنى كۇن ئولتۇرغىچە يىمەكلىك يىمەيدۇ، يامان ئىش قىلمايدۇ، ھەتتا يامان نىيەتتىمۇ بولمايدۇ، ئىپتاھارلىق ۋاختىدا ئاللانىڭ رازىلىقىنى تىلەيدۇ ھەمدە ئاللادىن ياخشىلىقلار تىللەيدۇ، بۇ بىر ئايدا ئاللاغا سادىق كىشىلەر ئاللانىڭ قانۇنىنى (قۇرئان كېرىمنى) تەھلىل، تەپەككۇر قىلىپ تولۇق ئوقۇپ چىقىدۇ يەنى ئاللانىڭ رەھمىتى غەزەپلىرى، ئاللانىڭ بەلگىلىمىلىرى توغۇرىسىدا تەپەككۇر قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ سۆز -ھەركەتلىرىنى ئاللانىڭ قانۇنىغا سېلىپ توغرا يولدا مېڭىشقا يۇزلىنىدۇ. بەش ۋاق نامازنى تولۇق ئوقۇغاندىن باشقا كەچلىك تاراگا نامازنى تولۇق ئۆتەيدۇ. ئۆيلىرىدە روزا تۇتقانلارغا ئىپتارلىق بېرىدۇ. ئۆچ-ئاداۋىتى بارلار ياخشىلىشىدۇ، ئاجىزلارغا ياردەم بېرىلىدۇ. ھەتتا بەزىلەر تىجارەتلىرىنى بىر ئاي توختۇتۇپ پۇتۇن زىھنى بىلەن ئاللانى يات ئېتىپ، ئاللادىن كۆچۇرۇم تىلەپ،ئاللادىن ياخشىلىق تىلەپ، ئاللانىڭ رازىلىقى ئۇچۇن قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىدۇ، باشقىلارغا ئازار بەرمەيدۇ، باشقىلار يامانلىق قىلسا ئۇلارغا سەۋرە قىلىپ ئۇلارنى كۆچۇرىدۇ. قىسقىسى بۇ بىر ئايدا ئاللانىڭ ياخشى بەندىلىرى ئاللا بۇيرۇغان ئىشلارنى جان-دىلى بىلەن قىلىپ،چەكلىگەن ئىشلاردىن قەتئى يىراق تۇرىدۇ.
روزىنىڭ يوقۇرقىدەك ئارقا كۆرۇنۇشلىرىنى تەھلىل قىلساق روزا -پاكلىنىش دىمەكتۇر . چۇنكى ئاللاغا ئىشەنگەن بەندە مۇشۇ بىر ئاي رامىزان كۇنلىرىدە ئۆزىنىڭ نەپسىنى، دىلىنى، كۆز، قۇلاق، پۇت-قولىنى زىيانلىق(ھارام) يەنى ‹‹قۇرئان كېرىم››دە چەكلىگەن بارلىق ئىشلاردىن قەتئى چەكلەيدۇ. تىلى بىلەن ئاللاغا مەدىيە ئوقۇيدۇ(قۇرئان ئوقۇيدۇ،نامازلىرىدا مەدىيە ئوقۇيدۇ،تىلەك(دۇئا) لىرىدە ئاللادىن ياخشىلىق تىللەيدۇ، خاتالىرىنىڭ كۆچۇرۇم بولۇشىنى تىللەيدۇ)،ماللىرى بىلەن مۇھتاجلارغا سەدىقە قىلىش، ياردەم قىلىش ئارقىلىق ئاللانىڭ ياردىمىنى، رازىلىقىنى تىلەيدۇ، تەنلىرى ئاللادىن قورقۇپ سۇ بولغان ھالدا ئاللاغا ئادەتتىكىدىن زىيادە سالام بېرىدۇ، باش ئۇرىدۇ(تاراگا نامىزى ئۆتەيدۇ). ئاللا مۇشۇ رامىزان كۇنلىرىدە ئاللاغا سېغىنىپ گۇنالىرىنىڭ كەچۇرۇم بولۇشىنى تىلىگەنلەرنىڭ تىلەكلىرىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇلارنىڭ گۇنالىرىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىدۇ(ئىپتار قىلىشتىن بۇرۇن ۋەشېۋى قادىر كېچىسى تىللىگەن تىلەك ئىجاۋەت بولىدۇ)......شۇڭا بىز ئاتاپ كېلىۋاتقان روزا ھېيتنى پاكلىنىش بايرىمى دىسەك توغرا بولىدۇ.
قۇربان ھېيت. ئاللانىڭ ئەلچىسى ئىبراھىمنىڭ ئاللانىڭ بۇيرۇقىغا قىلچىلىك بويۇنتاۋلىق(ئىككىلەنمەي) قىلماي دەرھال بوي سۇنغانلىقى. ئاللانىڭ ئەلچىسى ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسمايىلنىڭمۇ ئاللانىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۆز جېنىدىن كېچىشكە رازى بولغانلىقى يەنى بۇ ئىككى بەندىنىڭ ئاللاغا بولغان چەكسىز ساداقىتى مۇھەببىتى،شۇنداقلا ئاتا-بالىنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتى، ھۇرمىتى، كۆيۇمى، ئاخىرىدا ئاللانىڭ بەندىلەرگە بولغان چەكسىز مېھرىبانلىقى(ئاللانىڭ ئىبراھىمنى سىناش مەقسىتىدە ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرىغانلىقى، ئىبراھىمنىڭ بۇ بۇيرۇققا خوشاللىق بىلەن بوي سۇنغانلىقى، نەتىجىدە ئاللانىڭ ئىبراھىمغا مېھرىبانلىق قىلغانلىقى سۆزلىنىدۇ)، ئاللاغا ساداقەتمەن كىشىلەرنىڭ ئاللانىڭ بۇ مېھرىبانلىقىدىن سۆيۇنۇپ ئاللاغا مەدىيە ئوقۇش، ئاللانىڭ مېھرىبانلىقىنى ئەسلەش، ئاللانىڭ ئىنسانلارغا تولىمۇ كۆيۇمچان ئىكەنلىكىنى تونۇش مەقسىتىدە بۇ كۇننى خاتىرلەپ بايرام قىلىپ كەلگەن. بۇ مەنىدىن ئىيتقاندا قۇربان ھېيت-مېھرى-مۇھەببەت بايرىمىدۇر.
نورۇز بايرىمى-باھار بايرىمى دىمەكتۇر ،چۇنكى ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۇنى يۇرتۇمىزدا مۇزلار ئومۇمى يۇزلۇك ئېرىپ بولغان ،بارلىق ئۆسۇملۇكلەر ئۈنۈپ چىققان،دەل-دەرەخلەر يوپۇرماق چىقىرىشقا باشلىغان يېڭى بىر ھاياتلىقنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدۇر.شۇڭا بۇ بايرامنى شائىرلار باش باھار دەپمۇ ئالىدۇ. بۇ توغرىسىدا نۇرغۇن ئەسەرلەر بار،كۆپ توختۇلۇشنىڭ ئورنى يوق .
مەنبە: بايراملىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى توغۇرىسىدىكى ئىزدىنىشىمدۇر |
|