- تىزىملاتقان
- 2012-11-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1699
- نادىر
- 0
- يازما
- 29
ئۆسۈش
69.9%
|
دوختۇر مەمەت ئەمىن مۇنداق دەپ ئۇچۇر قايتۇرۇپتۇ:
6 I% A4 z" v7 L% ]بۇ تېمىدا تەسۋىرلەنگەن ئاۋۇت ئابدۇرىھېمنىڭ بالىسى گىرىپتار بولغان كېسەللىك، ئۇنىڭ تەمىنلىگەن ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا، موسكۇل يىگىلەپ قېلىش كېسىلى ((Muscular Dystrophy, 肌肉萎缩症) بولۇشى مۇمكىن. ئۇ كېسەلنىڭ بىر نەچچە تۈرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە بىرى Duchenne Muscular Dystrophy (DMD) دەپ ئاتىلىدۇ.
6 r# {: d- a) _$ a3 U Duchenne Muscular Dystrophy (DMD, 杜兴肌肉萎缩症, 杜兴肌营养不良) كېسىلى بولسا فرانسىيەلىك نېرۋا كېسەللىكلەر ئالىمى Guillaume Benjamin Amand Duchenne 1860-يىلى تۇنجى بولۇپ بايقىغان مۇسكۇل يىگىلەپ قېلىش ياكى مۇسكولغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن موسكۇل تەرەققىي قىلالماسلىقتەك بىرخىل ئېرسىي كېسەللىك بولۇپ، تاكى 1980-يىللارغىچە بۇ كېسەلنىڭ سەۋەبىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە كۆپ مەلۇماتلار بولمىغان. 1987-يىلى ئالىملار بۇ كېسەلنىڭ مۇسكۇل تەركىبىدىكى dystrophin دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئاقسىلنىڭ كەملىكى بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى بايقىغان. يەنى بۇ خىل كىسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ مۇسكۇلىدا شۇ خىلدىكى ئاقسىل كەم بولۇپ، مۇسكۇلنىڭ نورمال تەرەققى قىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچۇرايدۇ.. بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغان بالا، تۇغۇلغاندا ساق تۇغۇلىدۇ، تەخمىنەن 2~6 ياش ئەتىراپىدا كىسەللىك ئالامەتلىرى كورۇلۇشكە باشلايدۇ. بۇ كىسەلنىڭ ئاساسلىق ئالمەتلىرى مۇسكۇلنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ياكى ماغدۇرسىزلىغى بولۇپ، دەسلەپتە ساغرا، ئاندىن قالسا يوتا، پاچاق، دولا ۋە بىلەكلەرنىڭ مۇسكۇللىرى ماغدۇرسىزلىنىشتىن باشلىنىدۇ. مۇسكۇللار ساغلام تەرەققى قىلمايدۇ. ئاخىردا نەپەس ۋە يۇرەك مۇسكۇللىرى قاتارلىق پۇتۇن بەدەندىكى مۇسكۇللار ئاجىزلىشىپ، بىمارنىڭ پالەج بولۇپ قىلىشىنى ۋە ئۆلۇپ كىتىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. بۇ كىسەلگە نىسبەتەن ھازىرغا قەدەر ئۇنۇملۇك دورا يوق بولۇپ، كوپۇنچە بىمارلار 20 ياش ئەتىراپىدا ئولۇپ كىتىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ 30 ياشتىن ئارتۇق ئومۇر كورەلمەيدىغانلىغى دوكلات قىلىنماقتا.
6 {" |+ q0 C! L1 q N& q2012-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېلان قىلىنغان Nature Medicine ژۇرنىلىدا Exon-skipping drug pulls ahead in muscular dystrophy field (ئېرسىيەت كودىدىن ئاتلىغۇچى دورىلار مۇسكۇل يىگىلەش ساھەسىدە نەتىجە قازانماقتا، دەپ چۈشەندىم) Eteplirsen, Drisapersen, Ataluren قاتارلىق ئۈچ خىل دورىنىڭ Duchenne Muscular Dystrophy بىمارلىرىغا بەلگىلىك تەسىرى بولۇۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
+ R, b7 @5 w+ x: Y% _بۇ دورىنى سىناق قىلىۋاتقان ئورۇنلار كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى Duchenne Muscular Dystrophy تەتقىقات مەركىزى، Sarepta Therapeutics of Cambridge, Massachusetts; Centers for Gene Therapy and Muscular Dystrophy at Nationwide Children's Hospital in Columbus, Ohio.
, m( { |, c+ h! Y
% |1 |; k0 ~% ?5 x, yبىر ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ ئۇچۇرنى ئوقۇپ قانچىلىك ئازابلىنىۋاتقانلىقىڭىزنى ھېس قىلىپ تۇرۇۋاتىمەن. بۇ ئۇچۇردىكى دورا تەتقىقات باسقۇچىدا ئىكەن. يەنە داۋاملىق ئىزدىنەيلى، باشقا دۆلەتلەردىكىلەر بىلەنمۇ ئالاقىلىشىپ باقايلى. ئاللاھ خالىسا بىر شىپاسى بولۇپ قالىدۇ. |
|