قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4275|ئىنكاس: 40

ئوتيۇرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تەۋەللۇت كۇنىنى ھەممىمىز بىرلىكتە تەبرىكلەيلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بار ئىكەنمىز يادىڭدا دۇنيا

2

تېما

11

دوست

2528

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11320
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 200
تۆھپە : 679
توردىكى ۋاقتى: 381
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 13:10:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوتيۇرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تەۋەللۇت كۇنىنى ھەممىمىز بىرلىكتە تەبرىكلەيلى


 
بۇنىڭدىن 90 يىل مۇقەدەم دەل بۇگۇنكى كۇندە سوۋىت رىسپوبلىكىسنىڭ قازاقىستان جۇمھۇريىتىدە ھېزىم مۇتەللىپ ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئائىلىسدە يېقىنىقى زامان ئۇيغۇر شئېرىيتى ۋە ئۇيغۇر مەدنىي ئاقارتىش ئىشلىرىغا ئۇنتۇلماس توھپلەرنى قوشقان ،بۇگۇنكى كۇندە ئۇيغۇر ئاتلىق ھەر بىر ئىنسان سۇيۇنۇش ئىچىدە ئەسلەيدىغان بىر ئىنسان دۇنياغا كۆز ئاچتى . ئۇ دەل لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىدى ... بۇگۇن دەل لۇتپۇللا مۇتەللىپ تەۋەللۇتىنىڭ 90 يىللىقى بولغانلىقى ئۇچۇن ، ئەتگەن ئىشقا كىلىپلا قۇلۇم  خىزمەتكە بارماي قويدى . نىمشقىدۇر ئۇنىڭ ئەسەرلىنى يىغىپ توپلاپ قويغان يەردىن ئۇقۇشقا باشلىدىم . ئاخىرىدا باغداش توردىكى ھەر قايسى ئوتيۇرەكلەرنى بۇ ئىشتىن خەۋەر قىلىپ ، ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرىدىن تورداشلارنى بەھرىمەن قىلش ئۇچۇن بۇتىمىنى يۇللۇدۇم . ئەسەرلەرنىڭ مەنبەسى ئاساسەن توردىن يىغىپ ساقلىغان ئەسەرلەر بۇلۇپ تورداشلارنىڭ ھەر قايسى تور بەتلەرگە كىرىپ ۋاقتىنى زايە قىلشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن  بۇ يەرگە يىغىپ توپلۇدۇم . تورداشلارنىڭ ئەپۇ قىلشىنى سورايمەن .

 يېقىندا لۇتپۇللا مۇتەللىپنى ئوز قۇلى بىلەن ئولتۇرگەن ئەشەددي زالىم قانخور جاللات ئاقسۇ خەلىقىنىڭ قېنىنى شوراپ نۇرغۇن ئىسل كىشلىرىمىزنىڭ  بېشغا چىققان جاۋخەنچىنى赵汉奇 قەشقەر مۇنبىرغا« رىۋايەتلەردىكى قەھىرمان»传奇英雄赵汉奇   دىگەن تىما ئاستىدا ماختاپ مەدھىيلەپ بىر ماقالە چىقىپتۇ . بۇنى كۇرۇپ ئىچىم ناھايتتى ئاچچىق بولدى . 1945 – يىلىدىكى ئاقسۇ ۋەزىيتى توغۇرىسدا نۇرغۇن تارخىي ماتىرياللار يېزلدى . ئەجىبا مۇشۇللارنىڭ ھەممسىنى ئىنكار قىلىماقچى بولغان بۇ  مەلئۇن قايسى دەريادىن سۇئىچكەن بولغىيتى .  ئەگەر ئۇ قەھرىمان بولسا دۆلتىمىزنىڭ ئۇلۇغ رھبىرى ماۋزىدۇڭ 1956- يىلى8– ئاينىڭ8- كۇنى لۇتپۇللا مۇتەللىپكە بەرگەن « ئىنقىلابىي قەھىرمان» لىق كىنشكىسى نىمگە ھىساپ . تارخنى ئۇنتۇش ئاسيلىقتىن دىرەك بىرىدۇ ، تارخنى بۇرملاش بولسا ئەشەددي نۇمۇسسزلىق . بۇنىڭغا چىداپ تۇرغلى بولمايدۇ . شۇ سەۋەبتىن بۇگۇنكىدەك كۇندە بۇكىشنى ئەسلەپ سۇيۇملۇك كىشلىرىمىز ئۇچۇن بىر ياخشى بىر ئىش قىلش نىيىتىدە بۇ تىمىنى  يۇللۇدۇم .....      

 

لۇتپۇللا مۇتەللىپ
 

لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1922-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا ئوبلاستى چۈنچى يېزىسى ساي بويى مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن. لۇتپۇللانىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ھېزىم بولۇپ،مۇتەللىپ ئۇنىڭ بوۋىسى ئىدى. ھېزىم ئاخۇن شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن خەۋەردار،ئەرەپ،پارس تىللىرىنى بىلىدىغان ئوقۇمۇشلۇق موللا كىشى ئىدى.
لۇتپۇللامۇتەللىپ 1929-يىلىدىن 1931-يىلىغىچە يەتتىسۇ دېگەن يەردىكى پەننىي مەكتەپتە ئوقۇپ ئۇيغۇرچە،لاتىنچە يېزىقلاردا ساۋادىنى تولۇق چىقارغان ، شۇنداقلا مۇنتىزىم مەكتەپنىڭ«رەسىم»،«قول كۆندۈرۈش» دەرسلىرىدە رەسىم سىزىشقا بولغان قىزىقىشىنى يېتىلدۈرگەن.1931-يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئىلىغا كۆچۈپ كىلىپ نىلقا ناھىيىسىنىڭ دۆربىلجىن مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان. ئۇ چاغلاردا نىلقىدا يېڭىچە ئوقۇش ئورۇنلىرى بولمىغاچ،لۇتپۇللا بىر موللىنىڭ قولىدا دىنىي بىلىم ئالغان.
لۇتپۇللامۇتەللىپ 1932-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ غۇلجا شەھىرىدىكى تاتار مەكتىپىدە ئوقۇدى.ئۇ مەكتەپتە تاتار ئوغۇل-قىزلىرى ئوقۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇيغۇر، قازاق،ئۆزبىك، قىرغىز، شىبە، خۇيزۇلارمۇ ئوقۇيتتى. مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات، ھېساب، تارىخ،ئالگېبرا، جۇغراپىيە، ۋە دىن دەرسلىرى ئۆتۈلەتتى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ تاتارمەكتىپىگە كىرىشى بىلەنلا ئۆگىنىش ۋە مەكتەپ پائالىيەتلىرىدە ئۆزىنىڭ چېچەنلىگى،ئۆتكۈرلىگى ۋە قىزغىنلىقىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ ئۇ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىرىنى ھەممىدىن ياخشى ئوقۇدى. دەرستە تونۇشتۇرۇلغان ئابدۇللا توقاي قاتارلىق تاتار شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى يادلىۋىلىپ ھەممىنى ھەيران قالدۇردى.مۇئەللىملەرمۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ زېھنىگە قايىل بولۇپ ئۇنىڭ ئىمكانقەدەر كەڭ بىلىمگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ياردەملىرىنى ئايىمىدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1936-يىلى تاتار مەكتىپىنى تۈگىتىپ رۇس مەكتىپىگە كىردى.
لۇتپۇللامۇتەللىپ دۇچ كەلگەن پەۋقۇلئاددە ئۆزگىرىشچان شارائىت ھەم ئۆزىنىڭ ھەممىگە قىزىقىدىغان تەبئىي تالانتى تۈپەيلىدىن، ئەينى چاغدىلا 27ھەرپلىك ئۇيغۇر يېزىقى،28ھەرپلىك ئەرەپ يېزىقى ۋە 32ھەرپلىك لاتىن يېزىقى، كېيىن بولسا تاتار، رۇستىللىرىنى ئۆگەندى ۋە ئۆزلەشتۈردى.
لۇتپۇللامۇتەللىپ ئائىلىسىدىكى ۋاقتىدىلا ئەدەبىيات-سەنئەت ھەۋەسكارى بولۇپ، خەلق ئېغىزئەدەبىياتىغا زور ئىشتىياق باغلىغانىدى. كېيىن ئۇ مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا تاتارۋە رۇس ئەدەبىياتىدىن چۈشەنچە ھاسىل قىلدى ۋە ئۇلارنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغابىرلەشتۈردى. بۇ ھال ئۇنىڭ سەۋىيە جەھەتتىن ئۆسۈشى ۋە بەدىئىي ئىجادىيەت جەھەتتە ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن تۈرتكە بولدى.
لۇتپۇللامۇتەللىپ 1937-يىلىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن، ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى شېئىرلىرى «ئىلى گېزىتى»دە داۋاملىق چىقىپ تۇرغان. پىشقەدەم شائىرئەنۋەر ناسىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە ناھايىتى چوڭ تەسىركۆرسەتكەن ۋە ئۇنىڭ بەدىئىي ئىجادىيەت جەھەتتە يۈكسىلىشىگە قىزغىن ياردەم بەرگەنىدى.
لۇتپۇللامۇتەللىپ 1939-يىلى سىنتەبىردە ئۈرۈمچى دارىلمۇئەللىمن مەكتىپىگە قوبۇل قىلىندى ۋەئىبراھىم مۇتئىي قاتارلىق ئۇستازلاردىن بىلىم ئالدى. 1941-يىلى سوۋىت ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ تەرجىمانى سالاھىيىتىدە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ئايلاندى. 1942-يىلىنىڭ باشلىرىدىن 1943يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مەزگىلدە «شىنجاڭ گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىدى. بۇ جەرياندا ئۇشىنجاڭ گېزىتىدە «ئەدەبىيات گۈلزارى» مەخسۇس بېتى تەشكىللەپ، ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن ئەدىب، ئىلغار زىيالىيلارنى شىنجاڭ گېزىتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇردى ۋە شىنجاڭ گېزىتىنى خەلىققە روھىي ئوزۇقبېرىدىغان ۋە ئىلغار ئىددىيىلەرنى تەشۋىق قىلىدىغان قورالغا ئايلاندۇردى. ئىشتىنسىرىتقى ۋاقىتلرىدا بولسا نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىتولىمۇ بىئارام قىلىۋەتتى.
1943-يىلى شېڭشىسەي سوۋىت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈپ، گومىنداڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل شىنجاڭ مىقياسىدا ئىلغار دېموكرتىك زاتلارنى تۇت-تۇت باشلىنىپ كەتتى. ئەينى چاغدا ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن پائالىيەتلەرنىڭ مەرگىزىگە ئايلىنىپ قالغان لۇتپۇللامۇتەللىپكە ئاشكارا قول سېلىشقا ئامالسىز قالغان شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى بىر رەزىل پىلان ئويلاپ چىقتى. ئۇ بولسىمۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپنى بىر مەزگىل ئۈرۈمچىدىن يوقىتىپ ئۈرۈمچىدە ئۇنىڭ تەسىرى يوقالغاندا ئاندىن قول سېلىش ئىدى.
1943-يىلىنىڭئاخىرىدا شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى لۇتپۇللا مۇتەللىپنى ئاقسۇغا يۆتكەپ، ئۇنىڭ خىزمىتىنى«ئاقسۇ گېزىتى»نىڭ مۇئاۋىن مۇھەررىرلىكىگە «ئۆستۈردى».لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇغا كېلىپ ئىشقا چۈشكەندىن كېيىنلا ئۆزىنىڭ ئاقسۇغا ئەۋەتىلىشىنىڭ ھەقىقىي سىرىنى چۈشەندى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇدا ئۆزىگەيۈكلەنگەن ۋەزىپىلەرنى چاندۇرماي ئورۇنداپ بولۇپ، ئاقسۇدىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە يىتەكچىلىك قىلدى ۋە تەرتىپكە سالدى. بۇ جەرياندا ئۇ ئۆز ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئىچىدە نۇرغۇن گومىنداڭ پايلاقچىلىرى بارلىقىنى سېزىۋالىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇئاقسۇ گېزىتىدە «جەنۇب شامىلى» ئەدەبىيات سەھىپىسى تەشكىللەپ، ئاقسۇدىكى ئىلغار زىيالىيلارنى ئۇيۇشتۇرىدۇ.
1944-يىلى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى باشلانغاندىن كېيىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تېخىمۇغالجىرلىشىدۇ. بۇ مەزگىللەردە لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىلى تەرەپ بىلەن ئالاقە باغلاشقا باشلايدۇ ھەمدە ئۆز يېقىنلىرىدىن مۈنىرىدىن خۇجا قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ«ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» دېگەن بىر ئىنقىلابىي تەشكىلات قۇرۇپ چىقىدۇ. 1945-يىلى يازدا مىللىي ئارمىيە جەنۇبىي شىنجاڭغا ھۇجۇم باشلىدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ«ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرى بىلەن خەلقنى قوزغىتىپ ئىچكى جەھەتتىن ماسلىشىشقاتەييارلىق كۆرمەكچى بولغاندا بۇ خەۋەر ئىتتىپاق ئىچىگە سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان گومىنداڭ غالچىلىرى تەرىپىدىن گومىنداڭ تەرەپكە يەتكۈزۈپ قويۇلدى. گومىنداڭ جاللاتلىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ باشچىلىقىدىكى «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرى ۋەباشقا بىر بۆلۈك بىگۇناھ كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلدى ۋە قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئالدى.1945-يىلى 18-سېنتەبىر مىللىي ئارمىيە ئاقسۇنى ئازاد قىلىش ھارپىسىدا گومىنداڭ جاللاتلىرى ئۇنىڭغا زەھەرلىك قولىنى سېلىپ ئىسسىق قېنىنى تۆكتى! ئۆلۈم ئالدىدا ئۇ بارمىقىنى چىشلەپ قان چىقىرىپ تۈرمە تېمىغا مۇنۇلارنى يېزىپ قويغانىدى :

 

بۇ كەڭ جاھان مەن ئۈچۈن بولدى دوزاخ،
ياش گۈلۈمنى غازاڭ قىلدى قانخور ئەبلەخ!

ئوتيۈرەك شائىر ،ئىنقىلابىي جەڭچى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان ئوغلانى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا 23 يىللىق ھاياتىدا پەقەت تۇققۇز يىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ ، ئاز بولمىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يىزىپ ، كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇپ كەتتى . ئۇ ئاشۇ مىراسلىرى بىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىيەتىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ .
لۇتپۇللا مۇتەللىپ پەقەت 23يىل ياشاپ توققۇز يىل ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللانغان بولسىمۇ بىراق ئۇ،‹‹مۇھەببەت ۋە نەپرەت›› ‹‹يىللارغا جاۋاب››،‹‹خىيالچان تىلەك››،‹‹ چىمەنگۈل ››،‹‹چىن مودەن››،‹‹پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ›› …قاتارلىق شېئر ،فىلىيەتون،ئوپىرا،دىرممىلىرى بىلەن ئۆزى ئۈچۈن يىقىلماس ئابىدە تىكلىدى.ھەم ئىجادى ھاياتىدا لۇتۇن،ل.مۇتەللىپ،قاينام ئۆركىشى،سەنئەت خۇمارى قاتارلىق ئىسىم،تەخەللۇسلارنى ئىشىلىتىپ شۇدەۋىر ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتى.
ئۇنداقتا لۇتپۇللا مۇتەللىپ بۇ ئىسىم ۋە تەخەللۇسلارنى نېمە زۆرۈريەت ۋە سەۋەبلەر بىلەن ئىشلەتكەن .تۆۋەندە مەن بۇ،توغرۇلۇق قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن.
لۇتۇن-لۇتپۇللا مۇتەللىپ يۇرۇق دۇنيا غا كۆز ئاچقاندا،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنۇڭغا ئەزان توۋلاپ قويغان ئىسمى لۇتپۇللا ئىدى.ئەمما بۇئىسىم ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىدە‹‹لۇتۇن››دەپ قوللۇنىلدى.ئۇ،دەسلەپ ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئارىسىدا،كېيىنچە مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىكلەر ئارىسىدا ۋە بارا-بارا ئۇمۇملىشىپ ساۋاقداشلىرى،تەڭتۇش ئەل-ئاغاينىلىرى ھەتتا لۇتپۇللا ئارىلىشىدىغان ئەنۋەر ناسىرى قاتارلىق زىيالىلارمۇ ئۇنى ئاتايدىغان خاس ئىسىمغا ئايىلىنىپ كەتتى.لۇتپۇللا مۇتەللىپمۇ بۇئىسىمنى بەزى شېئىر مىسرالىرى ئارىسىدا ئىشلەتكەن بولۇپ،بۇئىسىم ‹‹مىللەتچىلەرگەزەربە››دېگەن شېرىدا مۇنداق كەلگەن.
‹‹ئەي لۇتۇن!
ئۇيغۇر ئېلى باغىدا
ئۆزمىللىتىڭنى يارات،
باشقىلارغا قاراپ كۆزئالايت››
دەپ ئۆگەتمەكچى ماڭا
قارا كۈچ،قارانىيەت،
ئۆچلۈك سالماقچى كۆڭلۈمگە…
ياق!…مەن ئالدانمايمەن پەقەت…
بۇئىسىمنىڭمۇ لۇتپۇللانىڭ باشقا ئىسىم تەخەللۇسلىرىغا ئوخشاش كىشىلەر قەلبىدە يادلىنىپ ئۇلارنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىشى، تىيانشاننىڭ جەنۇپ، شىمالىغا كەڭرى تارقىلىشى ئۈچۈن ئەلقەم ئەختەم،مۆمىن مۇھەممىدى، تۇرسۇن ئەرشىدىن… قاتارلىق يازغۇچى شائىرلىرىمىز ، ‹‹لۇتۇن››ماۋزۇسىدىكى ئەسلىمە،ھېكايە،پوۋىست ، شېئىرلىرى بىلەن كەڭرى مەيدان ۋە ئىللىق سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن بولسا.يېقىندا يەنە،ئۈرۈمچىدە،‹‹لۇتۇن خەلىق ئارا سودا چەكلىك شىركىتى›› قۇرۇلۇپ،لۇتپۇللا مۇتەللىپنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن‹‹لۇتۇن››ماركىلىق سائەتتىن 365نى بازارغا سالدى.بۇنىڭ بىلەن‹‹لۇتۇن››دېگەن بۇئىسىمنىڭ ماركالىشىپ دۆلىتىمىزنىڭ ئىچى،سىرتىغا كەڭ تارقىلىشىغا شارائىت ھازىلاپ بەردى.
ل.مۇتەللىپ-بۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىجادى پالىيىتىدە ئەڭ كۆپ قوللانغان ئىسىم بۇ ئەسلىدىكى ئىسىم فامىلىنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ،لۇتپۇللا بۇ ئىسىمنى بىر پۈتۈن ئىجادىيەت ھاياتىدا قوللاندى ھەم بۇ ئىسىم بىلەن‹‹ يىللارغا جاۋاپ››،‹‹مۇھەببەت ھەم نەپرەت››قاتارلىق ئۆلمەس شېئىر داستانلىرىنى ئېلان قىلدى.
لۇتپۇللا ئەينى چاغدا ئوقىغان مەكتەپلەردە ياۋرۇپالىقلارنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ،ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئادىتى بويىچە ئىسىمىنىڭ ئاخىرىغائاتىسىنىڭ ئەمەس، چوڭ بوۋىسىنىڭ ئىسمىنى فامىلە قىلىپ قوللىنىدىغان بولغاچقا لۇتپۇللامۇ بۇ،تەسىر تۈپەيلى ئاتىسىنىڭ ئىسمى ھېزىمنى ئەمەس چوڭ بوۋىسىنىڭ ئىسمى مۇتەللىپنى فامىلە قىلىپ قوللانغان .ھەم چەتئەللەرگە ۋە قېرىنداش مىللەتلەرگىمۇ مۇشۇئىسىم بىلەن تۈنۈلغان.
قاينام ئۆركىشى-بۇ لۇتپۇللامۇتەللىپ ئىجادىيەتتە پىشىپ يىتىلىۋاتقان ھەم ئىجدىمائىي پالىيەتلەردە قايناق بىر باسقۇچقا كىرگەن مەزگىلىدە قوللانغان تەخەللۇس بولۇپ،لۇتپۇللامۇتەللىپ بۇتەخەللۇسنى 1939-يىلدىن1945-يىلغىچە ئۈرۈمچى ۋە ئاقسۇلاردا ياشىغان چاغلاردا يازغان شېئىرلىرىدا ئىشلەتكەن.

لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆتكۈر ئەپەندىم بىلەن يېقىن دوسلاردىن بولۇپ1941-يىلى نويابىردا ئۇلار تەخەللۇس ئالماشتۇرغان.لۇتپۇللامۇتەللىپ ئۆتكۈر ئەپەندىمگە‹‹ئۆتكۈر››دىگەن تەخەللۇسنى تەقدىم قىلغان.ئۆتكۈر ئەپەندىم بولسا،لۇتپۇللا مۇتەللىپكە‹‹قاينام››دىگەن تەخەللۇسنى تەقدىم قىلغان.بىراق لۇتپۇللا مۇتەللىپ‹‹قاينام››غا‹‹ئۆركىشى››نى قوشۇپ ‹‹قاينام ئۆركىشى››دىگەن تەخەللۇسنى ئىشلەتكەن. لۇتپۇللامۇتەللىپنىڭ ساۋاقدىشى ھەم يېقىن دوستى قازاقىستاندا ياشاپ ۋاپات بولغان ئەخمەتجان روزى ئۆزىنىڭ‹‹ ل.مۇتەللىپ ۋە مەن››دىگەن ئەسلىمىسىدە‹‹قاينام ئۆركىشى››دىگەن. تەخەللۇس توغرىسىدا مۇنداق يازىدۇ .لۇتپۇللامۇتەللىپ روسىيىلىك گىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتىگەتەرجىمان بولۇپ قەشقەرگە بارغاندا،قەشقەرنىڭ بىرچەت رايۇنىغا چۈشۈپتۇ شۇرايۇندا ناھايىتىمۇ تېزئاقىدىغان بىردەريابولۇپ،ئاجايىپ قايناملىرى بار ئىكەن .قاينام سۇلىرىنىڭ ئۆركەشلىرى دەرەخ بويى ئۆركەشلەپ تۇرىدىكەن.شۇ قاينامنى كۆرۈپ لۇتپۇللا ئۆزىگە‹‹قاينام ئۆركىشى››دېگەن تەخەللۇسنى قويۇپتىكەن. ( كىروران ژورنىلىنىڭ2007-يىللىق3-سانى)
گەرچە لۇتپۇللامۇتەللىپنىڭ‹‹قاينام ئۆركىشى››تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ،لىكىن بۇتەخەللۇس لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىچكى ھىسىياتى ۋە ئەمىلى پالىيىتىنىڭ يارقىن ئىپادىسى سۈپىتىدە كەڭ جامائەتچىلىككە تارقالغان. مەرھۇم يازغۇچى،مائارىپ تەتقىقاتچىسى ئابدۇللا تالىپ ئەپەندىممۇ ئۆزىنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتى،ئىجادىي پالىيىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بىئوگىرافك رومانى ‹‹قاينام ئۆركىشى›› گەلۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تەخەللۇسى بولغان قاينام ئۆركىشىنى ماۋزۇقىلغان بولۇپ جەمئيەتتە بەلگۈلىك تەسىز قوزغىدى ھەم بۇ تەخەللۇسنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىچكى ھىسىياتى ۋە ئەمىلى پالىيىتىنىڭ يارقىن ئىپادىسى سۈپىتىدە كەڭ جامائەتچىلىككە تارقىلىشىغا ھەم قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىشىغا ئاساس سېلىپ بەردى.
سەنئەت خۇمار-بۇ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ1941-يىلنىڭ ئاخىرىدىن1943-يىلنىڭ باشلىرىغىچە يازغان ئەدىبىيات-سەنئەتكەدائىر بەزى ئوبزور،ماقالىلىردا قوللانغان تەخەللۇس بولۇپ،لۇتپۇللا مۇتەللىپ1941-يىلى روسىيىلىك گىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتىگە تەرجىما بولۇپ جەنۇبى شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە بارىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قەشقەر سەھنىلىرىدە ئوينىلىۋاتقان، ‹‹چىمەنگۈل››دىراممىسىنى كۆرۈپ، بۇ، دىراممىنىڭ ئوينىلىش جەريانىدىكى ئارتۇقچىلىق،كەمچىلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش مەقسىتىدە‹‹چىمەنگۈل سەھنىدە››ناملىق بىر مۇلاھىزە ماقالىسى يازىدۇ . بۇ،ماقالە ھەم دىرامما ئاپتۇرىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى يۇشۇرۇش مەقسىتىدە‹‹ سەنئەت خومار ››دېگەن تەخەللۇس بىلەن شۇچاغدىكى قەشقەر گېزىتىدە ئېلان قىلىدۇ.كېيىن بۇ،تەكشۇرۈش ئەترىتىدىكى ۋەزىپىسىنى تاماملاپ شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىگە خىزمەتكە چۈشۈپ، بۇ، گېزتنىڭ‹‹ ئەدەبىيات گۈلزارى››بېتىگە مەسئۇل بولىدۇ.ھەم گېزىتتە ،ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ ‹‹تىياتىرنىڭ كېلىپ چىقىشى››،‹‹سەنئەتكە مۇھەببەت››…قاتارلىق ماقالىلارنى ئېلان قىلىدۇ.بۇماقالىلارنىڭمۇ ئاپتۇرىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىماي‹‹سەنئەتخۇمار›› تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلىدۇ.گەرچە ‹‹سەنئەت خۇمار›› دېگەن بۇ،تەخەللۇس لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ باشقا ئىسىم تەخەللۇسلىرىدەك كىشىلەر ئارىسىدا ئۇمۇملىشىپ كېتەلمگەن بولسىمۇ ،لىكىن ،لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەتكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى،ئاشىقانە مۇھەببىتىنى چۈشۈنىشىمىز ئۈچۈن بەلگۈلۈك ئىلمىي قىممەتكە ئىگەئىكەنلىگى بىلەن خارەكتىرلىنىدۇ.

پايدىلانغان ماتىرياللار
1. تۇرسۇن ئەرشىدىن: ‹‹تەڭرىتاغ دىيارىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇز››شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەرنەشىرياتى 1994-يىلى


 

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، ۋەتەنپەرۋەر شائىر، ئىنقىلابىي قۇربان لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1922 - يىلى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى يەتتىسۇ ۋىلايىتىنىڭ چۇنجى رايونى (ھازىرقى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالمۇتا ئوبلاستى ئۇيغۇر رايونى) چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1931 - يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئىلىغا ئۆتۈپ، نىلقا ناھىيىسىگە ئورۇنلاشقان. لۇتپۇللانىڭ دادىسى ھېزىم قوشۇمچە مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىماملىقى ۋە دىنىي ئوقوتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر تەرىپىدىن « ھېزىم موللا » دەپ ئاتالغان. لۇتپۇللانىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئەركىلەتمە ئىسمى «لۇتۇن» بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرىدا بۇ ئىسىمنى تەخەللۇس ئورنىدا ئىشلەتكەن.

    لۇتپۇللا دادىسىنىڭ تەربىيىسىدە بەش يېشىدىلا ساۋاتىنى چىقارغان. باشلانغۇچ مەكتەپنى ئاۋۋال چۇنجىدا، كېيىن غۇلجا شەھىرىدىكى تاتار باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقوپ تاماملىغان. 1936 - يىلى غۇلجىدىكى رۇس گىمنازىيىسىگە ئوقوشقا كىرىپ، رۇس تىلىنى پىششىق ئىگىلەپلا قالماستىن، رۇس ئەدەبىياتى ۋە دۇنيا ئەدەبىياتى بىلەنمۇ تونۇشقان. گىمنازىيىدىكى ئوقوش ھاياتى داۋامىدا ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭەيگەن. بىلىمى چوڭقۇرلاشقان.

    لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1937 - يىلدىن باشلاپ شېئىرىيەت ئىجادىيىتى سېپىگە قەدەم قويدى. 1938 - يىلى ئەينى ۋاقىتتا «ئىلى گېزىتى» نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، «مىللەتلەر كۇلۇبى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان شائىر ئەنۋەر ناسىرى بىلەن تونۇشۇش لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يۈكسىلىشىگە زور تەسىر كۆرسەتتى. ئۇ ئىجادىيەتتىن باشقا «مىللەتلەر كۇلۇبى» نىڭ پائالىيەتلىرىگىمۇ قىزغىن قاتنىشىپ جەمئىيەتتە تېزلا تونۇلدى.
لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىجادىيەتكە كىرىشكەن يىللار ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ كۆرەش ئېلىمىزدە ئومۇميۇزلۈك قانات يايغان مەزگىل ئىدى. ۋەتەن ۋە خەلق تەقدىرىگە كۆيۈنگەن ياش شائىر شۇ يىللاردا «جۇڭگو»، «چوڭ كۆرەش قوينىدا»، «جانان ئەيلەر»، «بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى»، «جۇڭگو پارتىزانلىرى»، «بىز شىنجاڭ ئوغۇل - قىزلىرى»، «كۆرەش»، «خەلقىمگە» قاتارلىق شېئىرلارنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى، ۋەتەننىڭ، خەلقنىڭ ئازادلىقىغا بولغان يۈكسەك ئىشەنچىسىنى، ياش ئەۋلادلارنىڭ يېڭىچە ئىنقىلابىي روھتا ئۆسۈپ يېتىلىپ، ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن زور ئىشلار قىلىپ بېرىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى ئارزۇ - ئۈمىدلىرىنى ئىپادىلىدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆز ئىجادىنىڭ 1 - دەۋرى بولغان 1937 - 1939 - يىللاردىلا ئۆزىنىڭ تالانتلىق بىر ياش ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ مەيدانغا چىققانىدى.
لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1939 - يىلى كۈزدە گىمنازىيىنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت مەركىزى ئۈرۈمچىگەئوقوشقا كەلدى. ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شىنجاڭغا ئەۋەتكەن ۋەكىللىرى - چېن تيەنچيۇ، ماۋزېمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق يولداشلار، ماۋدۇن (شېڭ يەنبىڭ) قاتارلىق ئىلغار يازغۇچىلار ئۈرۈمچىدە زور تەسىرگە ئىگە ئىدى. بۇ يەردىكى دارىلفۇنۇن، ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىن ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە يەنئەندىن كەلگەن ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقوپ كەلگەن زىيالىيلار دەرس ئۆتەتتى. «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالاقە باغلاش جەمئىيىتى»، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئازاد رايونلاردىن كەلتۈرگەن كۆپ مىقداردىكى ئىلغار كىتاب، دەرسلىك - ئوقۇشلۇقلار، گېزىت - ژۇرناللار زىيالىيلار، ئوقوغۇچىلار، تەرەققىيپەرۋەر، ئىلغار كىشلەرنىڭ مەنىۋى ئوزۇقى ئىدى. گېزىت - ژۇرناللاردا، مەرىپەت مۇنبەرلىرىدە ئىلغار ئەدەبىيات - سەنئەت مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ تىغ ئۇچى دەل فاشىزىمغا، فېئودالىزىمغا ۋە جاھالەتكە قارشى قارىتىلغانىدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۈرۈمچىگە كېلىپلا ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقوشقا كىردى. ئۇ مەكتەپتە غەيرىتى تولۇپ تاشقان، تىرىشچان، روھلۇق - جۇشقۇن بىر ياش سۈپىتى بىلەن ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا تونۇلدى. ئۇنىڭ ئىلھام بۇلىقىدىن قايناپ چىققان «قىزىل گۈلگە پۈركەنگىچە يەر - جاھان»، «ئازادلىق تويى»، «باتۇر يىللار»، «جۇڭگو قىزى رەيھاننىڭ مارت شامىلىغا بۇيرۇقى»، «مۇخەممەس»، «ماي ناخشىسى»، «كەل يېڭى يىل»، «چوڭ قەھرىمان ئويغاندى» قاتارلىق ھەر خىل تېمىدىكى شېئىرلىرى «شىنجاڭ گېزىتى» ئارقىلىق تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىغا تارقالدى. ئۇ بۇ شېئىرلىرىنى ئۆز ئىجادىي ئىقتىدارىغا مۇناسىپ ھالدا، «قاينام ئۆركىشى» تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلدى. شائىر يەنە «يېتىپ بارىدۇ»، «ئازادلىق ــ كۆرەش» قاتارلىق بىر مۇنچە ناخشا تېكىستلىرىنىمۇ يازدى. بۇ تېكىستلەر ئاھاڭغا سېلىنىپ، ئوقوغۇچىلار مارشى سۈپىتىدە
  شىنجاڭنىڭ ھەممە  جايلىرىدىكى مەكتەپلەردە جاراڭلىدى.

    لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللمىندە ئىككى يىللا ئوقۇيالىدى. 1941 - يىلى يازدا سوۋېت مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەركىب تاپقان ئېكىسپىدىتىسىيە ئۆمكىگە تەرجىمان بولۇپ جەنۇبىي شىنجاڭدا بولدى. ئۇنىڭ بۇ سەپىرى كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشى، جەمئىيەتنى ئۆگىنىپ، نەزەر ۋە بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيىتىش يولىدىكى بىر چوڭ ئىجىتىمائىي مەكتەپ بولدى. ئۇ بۇ سەپىرىدە  «دوستۇمغا»، «چىمەنگۈل سەھنىدە» قاتارلىق شېئىر ۋە ئوبزورلارنى يېزىپ قەشقەر گېزىتى» دەپ ئېلان قىلدى.

    جەنۇب سەپىرىدىن قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، 1942 - يىلنىڭ باشلىرىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ «شىنجاڭ گېزىتى» تەھرىر بۆلۈمىگە خىزمەتكە بەلگىلەندى. بۇ چاغدا گېزىتخانىدا كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىلغار كۈچلەرنىڭ تەسىرى زور بولۇپ، گېزىتخانا باشلىقى ۋە باش مۇھەررىر كومپارتىيە ئەزالىرىدىن ئىدى. ئۇلارنىڭ ياردىمى ۋە تەسىرى ئاستىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ سىياسىي - ئىدىيە ۋە ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى جەھەتتىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىدى، غەيرىتى ھەسسىلەپ ئاشتى. ئۇ گېزىتتە «ئەەبىيات گۈلزارى» بېتىنى تەشكىل قىلىپ، بەدىئىي ئىجادىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئاپتورلارنى ئۇيۇشتۇرۇش، يېتەكلەش جەھەتلىرىدە كۆپ خىزمەت ئىشلىدى، ئۇنىڭ «ئەدەبىيات گۈلزارى» بېتىدە ئېلان قىلغان «لېنىن شۇنداق ئۆگەتكەن»، «ماي - كۈرەشچان ئاي»، «يانار تاغلار»، «تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا»، «ياشلىق، ئۆگەن» قاتارلىق شېئىرلىرى؛ «پادىشاھ سامورايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ»، «ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ۋە پارلاق» قاتارلىق فىليەتون، نەسىرلىرى؛ «مۇھەببەت ۋە نەپرەت» داستانى ھەمدە ئەدەبىيات نەزەرىيىسىگە دائىر بىر يۈرۈش پوبىلىستىك ماقالىلىرى ئەنە شۇ ۋاقىتتا يېزىلغان بولۇپ، بۇ ئەسەرلەر كەڭ كىتابخانلار ئارىسىدا چوڭقۇر تەسىر قوزغىغانىدى.

    لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئىجادىي ھاياتىدا دراما ئىجادىيىتىمۇ مەلۇم سالماق تۇتىدۇ. ئۇنى سەككىزگە يېقىن دراما، ئوپېرا ۋە كومېدىيە يازغانلىقى مەلۇم، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىزگەئېنىق بولغىنى، «چىن مودەن» دىرامىسى، «كۆرەش قىزى» ئوپېراسى ۋە «سامساق ئاكاڭ قاينايدۇ» كومېدىيىسىدىن ئىبارەت. ئۆلكىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشما تىياتىر ئۆمىكى شائىرنىڭ مۇھىم پائالىيەت مەيدانلىرىنىڭ بىرى ئىدى، ئۇ بۇ ئۆمەكنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىگە تولۇق قاتنىشىپ، ئۇنىڭ كونسېرت، دىراما نومۇرلىرىنى تولۇق كۆرەتتى ھەمدە تونۇلغان دىراما تەقرىزلىلىرىنى ئېلان قىلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ «تىياتىرنىڭ كېلىپ چىقىش ۋە راۋاجلىنىش تارىخى»، «سەنئەتكە مۇھەببەت» ناملىق ئىلمىي ماقالىلىرى ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا يېزىلغان بولۇپ، بۇ ماقالىلەر شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقى تەرەققىياتىدا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانىدى.

    1943-يىلى شېڭ شىسەي گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شىنجاڭدا كومپارتىيىگە، سوۋېت ئىتتىپاقىغا، ئىنقىلابغا قارشى تەتۈر ئېقىم قوزغىدى. جۇڭگو كومپارتىيىسى ئەزالىرى، ئىنقىلابىي، ئىلغار زىيالىيلار تۇتقۇن قىلىندى، نەزەربەند ئاستىغا ئېلىندى، پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىگە تونۇلغان تالانتلىق ياش ئىنقىلابىي شائىر ل. مۇتەللىپمۇ بۇنىڭدىن چەتتە قالمىدى. ئۇ تەھرىرلىك خىزمىتىدىن چەتلەشتۈرۈلدى، تىياتىرخانىدىكى ۋزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى، ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ھوقوقى مەنئى قىلىندى. ئۇزۇن ئۆتمەي، شۇ يىلى 9 - ئايدا «خىزمەت يۆتكەش» باھانىسى بىلەن ئاقسۇغا ھەيدەلدى. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى شۇ ئارقىلىق ئۇنى ئۈرۈمچىدىكى ئىلغار كۈچلەردىن يىراقلاشتۇرماقچى، ئىنقىلابىي ئىرادىسىنى سۇندۇرماقچى بولغانىدى. لېكىن بۇنىڭ ئەكسىچە، ل . مۇتە مۇتەللىپنىڭ ئاقسۇدىكى مەزگىلى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ جۇشقۇن، ئىنقىلابىي، سەمەرىلىك يىللار بولدى. ئىنقىلاب بىلەن ئەكسىلئىنقىلاب ئوتتۇرىسىدىكى كۈەش راسا كەسكىنلەشكەن بۇ يىللاردا ئۇ ئاقسۇدا خىزمەت قىلىۋاتقان ياكى سۈرگۈن قىلىنىپ شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان مۇنىرىدىن خوجا، بىلال ئەزىزى، ئابدۇللا روزى ۋە ئابدۇللا داۋۇت قاتارلىق ئىلغار زىيالىيلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ گومىنداڭ ئەسكىيەتچىلىرىگە قارشى كۆرەشكە ئاتلاندى. ئۇ ئەنە شۇ ئىلغارلار سېپىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى بىر جەڭچى ئىدى ھەمدە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى قەتئىي قوللىغان ۋە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مۇرەسسەسىز كۆرەش ئېلىپ بارغانىدى. ئۇ «ئاقسۇ گېزىتى» دە «جەنۇب شامىلى» ئەدەبىيات بېتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ھەر سانىدا دېگۈدەك ئۆزىنىڭ جەڭگىۋار سىياسىي لىرىكىلىرىنى ئېلان قىلىپ تۇردى. ئۇ 1944-يىلى يازغان ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە شېئىرى «شائىر ھەققىدە مۇۋەششەھ» دە شائىرغا خىتاب قىلىپ ئارقىلىق خەلقنى «ياشاش ئۈچۈن كۈرەش» قىلىشقا چاقىرغان بولسا، 1944-يىلىنىڭ يېڭى يىلىدا ۋە 1945-يىلنىڭ باشلىرى يازغان، ئىجادىنىڭ يۈكسەك پەسللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان «يىللارغا جاۋاب»، «خىيالچان تىلەك» شېئىرلىرىدا كۈرەش _ ھاياتنىڭ مەنبەسى، كىشىلىكنىڭ ئالىي خىسلىتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى، ئازاد رايونلار ۋە ئۈچ ۋىلايەتتىن ئىبارەت «يورۇق بۇرجەكلەر» دىن خەلققە بېشارەت بېرىپ، ئۆزىنىڭ خەلق ئازادلىقى يولىدا يەڭ تۈرۈپ مەيدانغا چىققانلىقىنى جاكارلىدى.

    ئۇ ئاقسۇدا يەنە ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشما تىياتىر ئۆمىكىنىڭ خىزمىتىگە يېقىندىن قاتنىشىپ بەزى دراما، ئوپېرالارنى يازدى، سەھنە ئەسەرلىرىنى سەھنىلەشتۈرۈش ئىشلىرىغا قاتناشتى ۋە رېژىسسورلۇق قىلدى، بەزى تىياتىرلاردا ئۆزى رول ئېلىپ چىقتى، ناخشا تېكىستلىرى يازدى، دېكوراتسىيىلەرنى ئىشلىدى. مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقوغۇچىلارغا خالىس تەربىيىچى بولدى، ئۇلارغا ناخشىلار ئۆگەتتى. قىسقىسى، ئۇ ئاقسۇغا كەلگەن چېغىدا ئېيتقان: «بىزنىڭ تالىشىدىغىنىمىز - مەنسەپ، شۆھرەت ئەمەس، پەقەت مەدەنىيەت _ مائارىپ» دېگەن سۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ھارماي - تالماي تىرىشتى.

    ئىنقىلابىي ياشلار تەشكىلاتى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ماسلىشىپ، دېھقانلارنى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە ئۇيۇشتۇرۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خائىنلارنىڭ ساتقىنلىقى بىلەن، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى قولغا ئېلىندى. 1945-يىلنىڭ كۈز پەسلىدە ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى مۇز داۋان ئارقىلىق ئۆتۈپ، ئاقسۇغا ھۇجۇم باشلىغاندا، گومىنداڭ ئەسكىيەتچىلىرى شائىرنىڭ تۈرمىدىكىلەرنى تەشكىللەپ ئىسيان كۆتۈرۈشىدىن قورقۇپ، شۇ يىلى 9 - ئاينىڭ 18-كۈنى شائىرنى ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن خەلقىمىز ئۆزىنىڭ تالانتلىق شائىرى، جەڭگىۋار ئوغلى لۇتپۇللا مۇتەللىپتىن مەڭگۈ ئايرىلىپ قالدى.

    لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ 23 يىللىق قىسقا ھايات مۇساپىسىدا  پەقەت توققۇز يىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، ئۇ بۇ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئاز بولمىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ ۋەتىنى، خەلقىگە قالدۇرۇپ كەتتى، 15 يېشىدىلا ئەدەبىياتقا قەدەم قويغان بۇ ياش تالانت ئىگىسى ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق ئۆز ئىجادىيىتىنى يۈزەكىيلىكتىن چوڭقۇرلۇققا، ئابستراكىتلىقتىن كونكرېتلىققا قاراپ راۋاجلاندۇرۇپ ،  ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئىجادىيەت يولىنى ئاچتى. ئۇ بارماق ۋەزىن ۋە چاچما شېئىردىن ئىبارەت ئەركىن شەكىلنى تاللاپ ئېلىپ، ئۇنىڭ بارغانسېرى مۇكەممەللەشتۈردى، شېئىرنىڭ تۈپ ئامىلى بولغان تىل ۋاسىتىسىنى قوللىنىش جەھەتتە يېڭىچە ئەدەبىي تىلدا يېزىشنى ئاساس قىلىپ ئۆز ئەسەرلىرىنى ساپ، ساددا، راۋان بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلدى. بولۇپمۇ، شائىر ھاياتىنىڭ كېيىنكى يىللىرىدا بەدىئىي تەپەككۇرنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە قاراپ يۈرۈش قىلىپ ئۆزىنىڭ يۈكسەك بەدىئىي تالانت ۋە ئىقتىدارىنى نامايان قىلغانىدى.

    ئازادلىقتىن كېيىن خەلق ھۆكۈمىتى شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەر شائىر ۋە ئىنقىلابىي قۇربان ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇردى، جۈملىدىن ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى شائىرنىڭ ئەسەرلىرىنى توپلاش، رەتلەش، تەرجىمە قىلىش ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. 1956 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى شائىرنىڭ «مۇھەببەت ۋە نەپرەت» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشىر قىلدى؛ شۇ يىلى بېيجىڭ يازغۇچىلار نەشرىياتى خەنزۇ تىلىدا «مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىن تاللانمىلار» توپلىمىنى چىقاردى؛ 1959 - يىلى ئۇنىڭ شېئىرلىرى «ئىنقىلابىي قۇربانلا شېئىرلىرى توپلىمى» غا كىرگۈزۈلدى، كېيىن بۇ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلىرى ئېنگلىز، فرانسۇز تىللىرىمۇ تەرجىمە قىلىندى. 1981 - يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى شائىرنىڭ «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى» ناملىق توپلىمىنى ئۇيغۇر تىلىدا، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى خەنزۇ تىلىدا نەشىر قىلدى؛ 1982 - يىلى 4 - ئايدا جۇڭگو ياشلار نەشرىياتى«ئىنقىلابىي قۇربانلار شېئىرلىرىنىڭ تولۇقلانغان توپلىمى» نى نەشىر قىلىپ، بۇ توپلامغا شائىرنىڭ ئالتە پارچە شېئىرىنى كىرگۈزدى؛ 1983 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان شائىر ئەسەرلىرىنىڭ تولۇق توپلىمى - «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى»نى نەشىر قىلدى.

    لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ھەقىقەتەنمۇ، 40 - يىللار ئۇيغۇر  ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى ۋە تەسىرى جەھەتتىن ھازىرقى زامان  ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولۇشقا مۇناسىپ

 

مەن بىلىدىغان لۇتپۇللا مۇتەللىپ(1922-1945)

  ئەسلى ئاپتورى :ئەھمەت ئىمىن ئەلنەزەر
        2004-يىلى قۇربان ھېيتتا يازغۇچى مۇھەممەت شانىياز ئەپەندى دادامنى يوقلاپ ئۆيىمىزگە كېلىپ دادام بىلەن پاراڭلاشتى ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىپ توغرىسىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىشنى سورىدى. دادام گەرچە 86 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، خاتىرىسى ناھايىتى ياخشى ئىدى. دادام 60 يىل ئىلگىرى بولۇپ ئۆتكەن بۇ ئىشلارنى بىزگە تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى:
        1939-يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرى پىچان ناھىيىسىدىن مەن، ئابلا پولات، ئىمىن قاسىم، مۇھەممەت قاسىم، ئەنەس سادىق ئالتەيلەن ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە چىقتۇق. شۇ يىلى ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىنگە تۆرت سىنىپ يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار 21-، 22-، 23-، 24- سىنىپلارغا تەقسىم قىلىنغانىدى. بىز پىچاندىن كەلگەنلەر لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئەلقەم ئەختەم، تۇرغۇن ئالماس  قاتارلىقلار بىلەن 24- سىنىپتا ئوقۇدۇق. ئۇ ۋاقىتتا ئىبراھىم مۇتىئى (پېداگوگىكا ئوقۇتقۇچىسى)، مەۋلانجان تۇردىيوف (دۇنيا تارىخى ئوقۇتقۇچىسى)، ئابدۇللا زۇنۇنوف (تىل ئوقۇتقۇچىسى)، ئاخۇنجانوف ۋە ئابلا داۋۇتوف قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار بار ئىدى. مەن لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن شۇ چاغدا تونۇشقان. سىنىپتا ئۇنى «مۇتەللىپ» دەپ چاقىراتتۇق. ئۇنىڭ شېئىرلىرى سىنىپ تام گېزىتى، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىقلاردا دائىم ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى. تەنەپپۇستا مۇتەللىپ مۇنبەرگە چىقىپ شەپكىسىنى قولىغا ئېلىپ لېنىننى دوراپ سۆزلەپ ھەممەيلەننى كۈلدۈرەتتى. ئۇ رۇسچىغا پىششىق بولۇپ، رۇسچە، تاتارچە، قازاقچە ماتىرىياللاردىن تولۇق پايدىلىنالايتى. كېيىن خەنزۇچىنىمۇ ئۆگەندى.
        شۇ چاغدا ھەر پەسىلدە بىر قېتىم سىنىپ تام گېزىتى چىقىراتتۇق. بىز ئىشلىگەن تام گېزىتى مەكتەپ بويىچە باھالاشتىن ئۆتەتتى. مېنىڭ خېتىم ھەممەيلەننىڭكىدىن چىرايلىق بولغاچقا، تام گېزىتىنىڭ خېتىنى مەن يازاتتىم، مۇتەللىپ بىلەن سەئىدىن تالىپ گۈزەل-سەنئەت لايىھىلىگۈچىسى ئىدى. مۇتەللىپ رەسىم سىزىشقا ئۇستا بولۇپ، ماركىس، ئېنگىلىس، لېنىن، سىتالىنلارنىڭ رەسىملىرىنى شۇنداق ئوخشىتىپ سىزاتتى.
        1939- يىلنىڭ ئاخىرى بىز «نۇرلۇق يولغا قەدەم» دېگەن تېمىدا تام گېزىتى چىقىرىشقا تەييارلىق قىلدۇق. تەييارلىغان ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنى دوسكىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، دوسكا توشمىدى، مەكتەپتىن تەكشۈرىدىغان ۋاقىت ئاز قالغاچقا، مۇتەللىپنى چاقىرىپ مۇشۇ يەرگە شېئىر يېزىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدىم. ئۇ قولىغا قەلەم ئېلىپ مۇنۇ شېئىرنى يازدى:
يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم دەپ مىليونلىغان ئەل،
كۈرەش مەيدانىغا چۈشتى باغلاپ مەھكەم بەل.
بۇ يولدا ئاقىدۇ قانلار بولۇپ سەل،
ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتىمىز چوقۇم بولىدۇ ھەل.
        مەن بۇ شېئىرنى دەرھال قەغەزگە كۆچۈرۈپ چاپلىدىم. تام گېزىتىمىز مەكتەپ بويىچە 1-بولۇپ باھالاندى. مۇتەللىپ بۇ شېئىرىدا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنى مەدھىيىلىگەنىدى.
        مەن 1940-يىل 8-ئايدا ئۆلكىلىك ساقچى ئەمەلدارلىرى مەكتىپىگە ئىمتىھان بەردىم. ئىمتىھاندا «ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قانداق قارايسىز ؟ بۇ ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى سىزنىڭچە قانداق بولىدۇ ؟» دېگەن سوئال بار ئىدى. مەن مۇتەللىپنىڭ تام گېزىتىگە يېزىپ بەرگەن شېئىرىنى ئېسىمگە ئالدىم ۋە شۇ نۇقتىنى مەركەز قىلىپ جاۋاپ يازدىم. شۇنىڭ بىلەن 1348ئادەم ئىچىدە 3- بولۇپ ئىمتىھاندىن ئۆتتۈم. شۇڭا بۇ بىر كۇبلىت شېئىر ھېلىمۇ ئېسىمدە ئېنىق تۇرۇپتۇ.
        1941يىل 5-ئايدا ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسىنىڭ سىياسىي بۆلۈمىدە پراكتىكا قىلدىم. بۇ بۆلۈمدە پۈتۈن ئۆلكىدىكى ۋىلايەت، ناھىيە ۋە ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئارخىپلىرى بولۇپ، ئۇلاردا شۇ ئۇرۇنلاردىكى سىياسىي جەھەتتە گۇمانلىق كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى خاتىرىلەنگەنىدى. مەن ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئارخىپىنى كۆرسەم، ھەر بىر سىنىپنىڭمۇ ئايرىم ئارخىپى بار ئىكەن. مەن سىنىپىمىزدىكى (24-سىنىپ) «گۇمانلىق ئوقۇغۇچى» لارنىڭ ئارخىپىغا كۆز يۈگۈرتتۈم. مېنىڭمۇ بىر پارچە «جىنايەت ئارخىپىم» بار ئىكەن. ئۇنىڭدا «24-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئىمىن ئاقۇپ 1940-يىلى ئاپرىل بايرىمىدا "ئاپرىل بايرىمىنى ئەسكى خەي بىلەن قارشى ئالىمىز" دېگەن» دەپ يېزىلىپتۇ. يەنە بىر پارچە قەغەزدە «ئىمىن ئاقۇپنىڭ ئاتا- ئانىسى دىھقان، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەپ باقمىغان»، دەپ يېزىلغان ۋە پىچان ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى ۋە لەمجىن ساقچىخانىسىنىڭ تامغىلىرى بېسىلغانىدى.
        مەن بۇلارنى كۆرۈپ ھەممىنى چۈشەندىم. ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى شېڭ شىسەينىڭ دۇبەن بولغان كۈنىنى خاتىرىلەپ پائاليەت ئۇيۇشتۇرۇلاتتى، يەنى بۇ كۈن شۇ چاغلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ بايرام كۈنى ئىدى. 1940- يىل 4- ئايدا ئۈرۈمچىدە يامغۇرغا قارىماي بايرامغا تەييارلىق قىلدۇق. مېنىڭ ئاياغلىرىم يىرتىلىپ كەتكەنىدى. شۇ چاغدا مەن «ئاپرىل بايرىمىنى ئەسكى خەي بىلەن قارشى ئالىمىز» دېگەنىدىم.
        مۇتەللىپنىڭ «گۇمانلىق شەخس» نامىدىكى ئارخىپلىرى ھەممىدىن كۆپ ئىكەن. مەن بۇ ئارخىپلارنى كۆرۈپ ھۆكۈمەت ئىشپىيونلۇق تورىنىڭ ھەقىقەتەن كەڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
        خىزمەت تەقسىماتى بىلەن 1941-يىل 6-ئايدا ئاقسۇغا باردىم. 1943-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ سىياسىي بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئىشخانىغا كىرسەم ئۈستەل ئۈستىدە «لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئايرىم دېلوسى» دېگەن خەنزۇچە خەت يېزىلىپ، ئۈستىگە ئۆلكىلىك ساقچى باشقارمىسىنىڭ تامغىسى بېسىلغان، ئاق خەسە بىلەن مەھكەم ئورىلىپ، يىپ بىلەن تىكىلگەن بىر ئارخىپ خالتىسى تۇرۇپتۇ.
        مۇتەللىپ ئاقسۇغا كېلىشتىن بۇرۇنلا ئۇنىڭ ئارخىپى كېلىپ بولغان بولۇپ، ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلۇق بۆلۈمىدىن مۇتەللىپنى كۈزىتىدىغان ئادەملەر ئاللىبۇرۇن تەشكىللەنگەنىكەن. شۇ چاغدا ئاقسۇ گېزىتخانىسىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپنى تەكشۈرىدىغان «ئەپەندى»، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىدا «ياخشى»، «كاڭجيەن»، جەمئىيەتتە «گاڭبى» دىگەندەك مەخسۇس ئادەملەر بار ئىدى. مۇتەللىپ قاتارلىقلارنى ئاشكارلاپ قويغان ھېكىم نۇرنىڭ مەخپىي ئىسمى «گاڭبى»، ياسىن ئېزىزنىڭ مەخپىي ئىسمى «كاڭجيەن» ئىدى.
        ساقچى ئىدارىسى مېنىڭ مۇتەللىپ بىلەن ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندە بىللە ئوقۇغانلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن، مۇتەللىپنىڭ «دېلوسى» غا مېنىڭ ئارىلاشماسلىقىمنى ئۇقتۇردى. لېكىن مەن مۇتەللىپكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردىن يەنىلا خەۋەردار بولۇپ تۇراتتىم.
        مۇتەللىپنىڭ «گۇمانلىق» ئىش-ھەرىكەتلىرى ئىشپىيونلار تەرىپىدىن ئىگىلەنگەندىن كېيىن، ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى بۇ ئەھۋاللارنى تېلېگرامما ئارقىلىق ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىغا دوكلات قىلاتتى. كېيىن ئۆلكىدىن «سىلەر مۇتەللىپنىڭ كۈندۈزدىكى ئىش-ھەرىكەتلىرىنىلا ئىگىلەپسىلەر، لېكىن كېچىدە ئۇنىڭ نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ كېچىدىكى ئىش-ھەرىكەتلىرىنىمۇ قاتتىق نازارەت قىلىپ مەلۇم قىلىڭلار» دەپ بۇيرۇق كەلدى.
        شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئاقسۇ قىزلار پېداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇيدىغان سوفىيە ئىسىملىك بىر قىز تاللانغانىدى. ئىشپىيون ھېكىم نۇر مۇتەللىپ بىلەن يېقىن ئاغىنە بولۇۋالغاچقا، مۇتەللىپكە سوفىيە بىلەن توي قىلىش توغرىسىدا قايتا-قايتا ئېيتقاندىن كېيىن، مۇتەللىپ «توي قىلىشقا پۇلۇم يوق» دەپتۇ. ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى بۇ خەۋەرنى بىلگەندىن كېيىن ھېكىم نۇرغا پۇل بېرىپتۇ. ھېكىم نۇر بۇ پۇلنى ئېلىپ «مۇتەللىپ ئاداش، بۇ پۇل سېنىڭ توي ئىشىڭغا ياردىمىم بولسۇن» دەپ مۇتەللىپكە بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇتەللىپ سوفىيە بىلەن توي قىلدى. سوفىيەمۇ مۇتەللىپنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ تۇردى.
        مۇتەللىپكە «دىققەت قىلىش» توغرىسدا گەپ قىلىپ قويۇشنى ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئىشپىيونلارنىڭ كۆپلۈكىدىن مۇمكىن بولمىدى. بىللە ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلىرىمىز بىر كۈندىلا تۇيۇقسىز يوقاپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى سوراشقىمۇ رۇخسەت قىلىنمايتتى. چۈنكى بىزنىڭ ئۈستىمىزدىمۇ پايلاقچىلار بار بولۇپ، دەككە-دۈككىدە خىزمەت قىلاتتۇق.
        1944-يىلىنىڭ بىر كۈنى ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇ دۇڭچۇ مېنى ئىشخانىسىغا چاقىرتتى. ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ تەرجىمانى زو مىڭ (زۇنۇن)، ساقچىلاردىن مۇھەممەت ئەرشىدىن (تۇرپانلىق)، قاسىم (قەشقەرلىك) قاتارلىقلارمۇ مۇتەللىپ بىلەن ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى.
        مۇ دۇڭچۇ مۇتەللىپكە: "مەن ساڭا بىر ھېكايە ئېيتىپ بېرىمەن. سەن بۇ ھېكايىنى سەھنە ئەسىرىگە ئايلاندۇرۇپ كېلىسەن، بولامدۇ ؟" دىدى.
        مۇتەللىپ ماقۇل بولغاندىن كېيىن مۇ دۇڭچۇ ھېكايىسىنى باشلىدى. زو مىڭ بىر تەرەپتىن تەرجىمە قىلدى. بۇ ھېكايىدە ئىچكىرى ئۆلكىدىكى بىر خەنزۇ دېھقاننىڭ پىلە بېقىپ، دەستىگاھ قۇرۇپ، كېيىن چوڭ بىر فابرىكا قۇرۇپ چىققانلىقى سۆزلەندى. ھېكايە ئۇزۇن بولۇپ يېرىم كېچىدە ئاخىرلاشتى. مۇ دۇڭچۇ مۇتەللىپكە "سەن بۇنى بىر ھەپتە ئىچىدە سەھنە ئەسىرىگە ئايلاندۇرۇپ ماڭا تاپشۇرىسەن"،  دىدى.
        ئەتىسى مۇ دۇڭچۇ مېنى يەنە چاقىرتتى. ئەسلىدە مۇتەللىپ تۈنۈگۈنكى ھېكايىنى سەھنە ئەسىرىگە ئايلاندۇرۇپ ئەكەلگەنىكەن. ئۇ بۇ سەھنە ئەسىرىگە «نۇرلۇق يولغا قەدەم» دەپ ماۋزۇ قويۇپتۇ. مۇتەللىپنىڭ يازغانلىرىنى زو مىڭ تەرجىمە قىلىپ بەردى. بۇنى ئاڭلىغان مۇ دۇڭچۇ چاۋاك چېلىپ كەتتى ۋە بىزگە قاراپ : "سىلەر ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىسىلەر، ئەرەبلەردىن چىققان مۇھەممەتنى پەيغەمبەر دەيسىلەر. لېكىن ئۆز ئىچىڭلاردىكى پەيغەمبەرنى بىلمەيسىلەر، مېنىڭچە مانا بۇ مۇتەللىپنى پەيغەمبەر دېسە بولىدۇ"، دىدى.
        مۇ دۇڭچۇ مۇتەللىپكە «بۇنى كۆرۈپ باق» دەپ بىر پارچە خەتنى بەردى. بۇ يۇقۇرىدىن كەلگەن  «مۇتەللىپ سەككىز يىللىق قاماققا ئېلىنسۇن»  دىگەن بۇيرۇق ئىدى.
        مۇتەللىپ بۇنى كۆرۈپ ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى.
        مۇدوڭچو مۇتەللىپكە: "سەن ناھايىتى ئىقتىدارلىق ئىكەنسەن، ھەممىمىز ساڭا قايىل. بۇنىڭدىن كېيىن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى تەشكىللىگەن سانائىي نەفىسەدە تەشكىللەش، باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ئۆتەيسەن، بۇنىڭغا قوشۇلساڭ بۇيرۇقنى باستۇرۇپ قويىمىز. قوشۇلمىساڭ بۇيرۇق بويىچە ئىش كۆرىمىز" دىدى، بۇنىڭغا مۇتەللىپ قوشۇلدى. ئىشپىيونلار مۇتەللىپنىڭ يېقىن دوستى بولىۋېلىپ، ئۇنىڭ ھەر كۈنلۈك ئىش-ھەركەتلىرىنى توختىماي مەلۇم قىلىپ تۇراتتى. مۇتەللىپ سانائىي نەفىسەدە «غېرىپ سەنەم» ، «تاھىر-زۆھرە»، ئارشىن مال ئالان« قاتارلىق دىراما-ئوپېرالارنى يازدى ۋە سەھنىلەشتۈردى. شۇ چاغدا ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ چوڭ زالىدا ئويۇن قويۇلاتتى، مەن دائىم ئويۇن  كۆرگىلى باراتتىم. شۇ چاغلاردا ماڭا «غېرىپ سەنەم» ، «تاھىر-زۆھرە» ئوپېرالارىنىڭ ناخشىلىرى ياد بولۇپ كەتكەندى.
        كۈنلەر ئۆتۈپ 1945-يىلنىڭ بىر كۈنىدە خوتەن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇشۆبىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىش يولىدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسنىڭ مېھمانخانىسىغا چۈشتى. مېھمانخانا مەسئۇلى مۇدوڭچوغا ۋۇشۆبىڭنىڭ كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ قويۇشنى ئېيىتتى. مۇدوڭچو "ئەگەر ئۇنىڭ مەن بىلەن كۆرۈشكىسى بولسا  ئالدىمغا كىرسۇن. مەن ئۇنىڭ ئالدىغا كۆرۈشكىلى بارمايمەن"، دەپتۇ. مېھمانخانا مەسئۇلى مۇدوڭچونىڭ گېپىنى ۋۇشۆبىڭگە ئاشۇرۇپ يەتكۈزۈپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ۋۇشۆبىڭ "خەپ سېنى مۇدوڭچو"، دەپ، ئۈرۈمچىگە بېرىپ خوتەندىن ئېلىپ كەلگەن ئىسىل قاشتېشى، ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئۈرۈمچىدىكى ئەمەلدارلارغا سوۋغا قىلىپ، ئۆلكىلىك ساقچى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لىيىڭچىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۇنىڭغا :
        سىلىگە ياردەمدە بولۇشقا تېخىمۇ قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئاقسۇغا يۆتكىكىلىپ كەلگەن بولسام دىگەن تەلەپنى قويۇپتۇ.
        لىيىڭچى: بولىدۇ، سىز ئاقسۇغا مېڭىڭ، بىز ئاقسۇغا تېلېگرامما ئارقىلىق خەۋەر قىلىمىز. سىز بېرىپلا خىزمەتكە چۈشۈڭ دەپتۇ.
        ۋۇشۆبىڭ: جاناپلىرىنى ئاۋارە قىلماي تېلېگراممىنى ئۆزەملا ئېلىپ بارسام دەپتۇ.
        لىيىڭچى ۋۇشۆبىڭگە ئۇنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقغا تەيىنلەنگەنلىك توغرىسىدىكى تېلېگىراممىنى بېرىپتۇ.
        بىر كۈنى كەچتە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋە باشقا كىشىلەر زالدا مۇتەللىپ قاتارلىقلارنىڭ ئويۇنىنى كۆرۈپ ئولتۇراتتۇق. تۇيۇقسىز تاراق-تۇرۇق قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ زال ئىچىگە قوراللىق ساقچىلار كىرىپ كەلدى، ئارىدىن بىرى سەھنىگە چىقىپ:
        بۇ قانداق يەر ؟ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىدا سانائىي نەفىسە تەشكىللەش، ئويۇن قويۇش مەدەنىيەت-مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشى ئەمەسمۇ ؟ ئويۇن تارقالسۇن، سانائىي نەفىسە تارقىتىۋېتىلسۇن. بۇ ئۆلكىلىك ساقچى باشقارمىسىنىڭ بۇيرۇقى دەپ، ۋۇشۆبىڭنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقغا تەيىنلەنگەنلىك بۇيرۇقىنى ئۈنلۈك ئوقۇپ مۇدوڭچونىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.
        شۇنىڭ بىلەن سانائىي نەفىسە تارقىلىپ كېتىپ مۇتەللىپ ئاقسۇ گېزىتخانىسىغا كەتتى. ۋۇشۆبىڭ ئۈرۈمچىدىكى چاغدىلا ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان بىر قىسىم ساقچى كادىرلارنى ئۆزى تەيىنلەپ كەلگەچكە، مېنى ئاقچى ناھىيەسىگە كېيىن توقسۇ ناھىيەسىگە يۆتكىدى.
        1945-يىلى غۇلجا ئارمىيەسى ئاقسۇ شەھىرىنى ئىككىنچى قېتىم قورشايدۇ. مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن خوجا باشلىق كىشىلەر تەشكىلات قۇرۇپ غۇلجا ئارمىيىسىگە ئىچى-سىرتىدىن ماسلاشماقچى بولغاندا، ئىنقىلاپچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ھېكىم نۇر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. 1945-يىل 18-سىنتەبىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن خوجا، ئابلا روزى، مەۋلانجان تۇردىيوف، بىلال ئەزىزى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرىنى توقسۇ ناھىيىسىدە تۇرۇپ ئاڭلىدىم.
        1946-يىلى مەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىگە قايتىپ كېلىپ، مۇتەللىپكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ تېخىمۇ تەپسىلى ئۇقتۇم. ھېكىم نۇر، ياسىن ئېزىز قاتارلىق ئىشپىيونلار بۇ چاغدا ساقچى ئىدارىسىنىڭ رەسمى ساقچىسى بولۇپ كەتكەندى.
        1946-يىلى گومىنداڭنىڭ چوڭ ئىشپىيونلىرىدىن ئابلا داموللا بىلەن جۇتۈئەنجاڭ دىگەنلەر ئاقسۇغا كەلدى. ئۇلار چوڭ يىغىن ئېچىپ :
        بۇنىڭدىن كېيىن ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم بولىدىغانلىقى، قانۇن ۋە سىياسەتلەرنىڭ ياخشى ئىجرا قىلىنىپ خەلق خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىپ، كېيىنكى خىزمەتلەرنىڭ ياخشى ئىشلىنىشى ئۈچۈن قانداق پىكىر بولسا ئوتتۇرىغا قويساڭلار بولىدۇ دىدى.
        يىغىن ئاياقلاشقاندىن كېيىن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار، جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى كىشىلەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى مېھمانخانىسى زالىغا يىغىلىپ، پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇزاكىرە قىلىشتۇق. مەنمۇ كاتىپ بولۇپ يىغىندا ئوتتۇرىغا چۈشكەن پىكىرلەرنى خاتىرىلىدىم. ئەتىسى ئابلا داموللا بىلەن جۇتۈئەنجاڭ پىكىر تەكلىپ ئاڭلاش يىغىنى ئاچتى. مەن ئالدى بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئالدىنقى كۈنى ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەرنى ئوقۇدۇم :
1. ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ شۆبىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق كىشىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بەردى. بۇ جىنايەتچى شۇنداقلار ئىشپىيون ھېكىم نۇر، ياسىن ئېزىزلار خەلق ئالدىدا جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ قاتتىق جازالىنىشى كېرەك.
2. غۇلجا ئارمىيىسى ئاقسۇ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغاندا گومىنداڭ ئارمىيىسى شەھەر سىرتىدىكى نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى تۈزلىۋەتتى ۋە نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپچى بولدى. ھۆكۈمەت بۇنىڭ ئۈچۈن جاۋابكار بولۇشى كېرەك.
3. غۇلجا ئارمىيىسى ئاقسۇ شەھىرىگە ھۇجۇم باشلىغاندا ئۈچتۇرپان ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ
  يۈشۈن نۇرغۇن ياشلارنى تۇتقۇن قىلىپ ئۆلتۇرۇۋەتتى. شۇڭا ۋۇ يۈشۈن بۇنىڭغا جاۋاپكار بولۇشى كېرەك.
4. .................
5. .................
        مېنىڭ كەينىمدىن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارسى ساقچىلىرىدىن ياسىن ئەخمەت قاتارلىق ساقچىلار ۋە باشقىلار بەس-بەستە پىكىر قىلدى. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئامما تەشكىللىنىپ، ئاقسۇ شەھىرىدە ۋە ئونسۇدا ئۈچ كۈن نامايىش قىلدۇق.
        ئۈچ كۈندىن كېيىن ئابلا داموللا، جۇ تۇئەنجاڭ جىمجىتلا كېتىپ قالدى، ۋەزىيەت بىردىنلا ئۆزگەردى. ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارسى پىكىر تەكلىپ ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشقان، پىكىر قىلغان ۋە گۇمانلىق دەپ قارالغان كىشىلەر تۈرلۈك باھانە سەۋەپلەر بىلەن قولغا ئېلىندى. شۇ قاتاردا مېنىڭمۇ ئۇنۋان ۋە خىزمەتلىرىم ئېلىپ تاشلىنىپ خىزمەتتىن بوشىتىلدىم. مەن شۇنىڭدىن كېيىنلا ئابلا داموللا، جۇ تۇئەنجاڭ دىگەنلەرنىڭ بۇ قېتىمقى ئىشى بىر قېتىملىق ئالدامچىلىق، قىلتاق ئىكەنلىكىنى بىلدىم.

        مەن 1957-يىلى ئاقسۇدىن يۇرتۇمغا قايتىپ كەلدىم. كېيىن ئابدۇللا تالىپنىڭ «قاينام ئۆركىشى» ناملىق رومانى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بەزى كىشىلەر روماندىكى «يانتاقۇپ» دىگەن ئىشپىيون «ئىمىن ئاقۇپ» دىگەن كىشىمىش دىگەندەك گەپلەرنى قىلشىپتۇ.

       ---------------------------- «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» جورنىلىنىڭ 2006-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى

 


لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى


    بۇ تەشكىلات 1945-يىلى 6-ئايدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ ،بىلال ئەزىزى ،مۇنىرىدىن خۇجا قاتارلىقلارنىڭ رەھبەرلىكىدە قورۇلغان بولۇپ ،گومىنداڭ ئەكسىيەتچىللىرىگە قارشى ئىنقىلابى ، سىياسى تەشكىلات ئىدى . بۇ تەشكىلاتنىڭ قورۇلمىسى مۇنداق :
  
لۇتپۇللا مۇتەللىپ __ رەئىس .
  
مۇنىرىدىن خۇجا __ كاتىپ ،مۇئاۋىن رەئىس .
  
مىللى مۇناپىق، ساتقىن ھېكىم نۇرى __ تەشۋىقاتچى .
  
ئابدۇللا داۋۇتوف __ تارىخچى .
  
يۈسۈپجان __ تەشكىلاتچى بولۇپ سايلانغانىدى .
  
بۇتەشكىلات ھەرگىزمۇ يەككە -يىگانە ياكى بىردەملىك ھېسيات بىلەن قورۇلغان تەشكىلات بولماستىن ،بەلكى ئۇنىڭ مەقسىتى ئىنىق، سىياسى پىروگىراممىسى روشەن ،شۇنداقلا ئىلى ئىنقىلابى بىلەن زىچ ئالاقىسى بار تەشكىلات ئىدى . بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىشلىرى ۋە ئىلى ئىنقىلابىنىڭ پائالىيەتلىرى يوشۇرۇن ئالاقە ئارقىلىپ ئۆز ئارا خەۋەر تېپىشىپ تۇراتتى« ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى »قورۇلۇپ ئوزۇن ئۆتمەي ،لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۈچ ۋىلايەت ھۈكۈمىتىگە چىقارتقان خېتىدە :«بىز جۈمە نامىزىغا تاھارەت ئېلىپ قويدۇق ، جۈمە نامىزىنى سىلەر بىلەن بىللە ئوقۇماقچىمىز »دەپ يازغانىدى . بۇ گەپنىڭ مەنىسى «بىز ئاقسۇدىمۇ تەييارلىق قىلىپ قويدۇق ،سىلەر يەنى مىللى ئارمىيە ئاقسۇغا ھوجۇم قىلىپ كەلسەڭلار سىلەرگە ماسلىشىپ كۈرەش قىلىپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈتىۋاتىمىز».دىگەنلىك ئىدى . لۇتپۇللا مۇتەللىپ باشچىلىقىدىكى«ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى »مىللى ئارمىيە ئاقسۇغا يېقىنلاشقان ھامان قوراللىق قوزغىلاڭ كۈتۈرۈپ ئاقسۇنى ئازات قىلىش پىلانىنى تۈزدى . بۇ ھەقتىكى ماتىرىياللار ئاقسۇ گومىنداڭ ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئارخىپىدا مۇنداق خاتىرلەنگەن . «لۇتپۇللا مۇتەللىپ تەشكىلارتى تەشۋىقات ئىشلىرىنى يېزا -سەھرالاردا مەخپى يۈرگۈزۈپ ياشلارنى ،گومىنداڭغا قارشى كىشىلەرنى قوزغاپ ئىقتىساد توپلاپ ،ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇپ ،قوراللىنىپ مىللى ئارمىيە ئاقسۇ تەۋەسىگە كىلىش بىلەنلا قوراللىق ھەركەت باشلاپ ئاقسۇنى قولغا كەلتۈرۈپ ،مىللى ئارمىيەگە قوشۇلماقچىكەن».
  
-1945يىلى ئىيۇلنىڭ باشلىرى ئابدىكىرىم ئابباسوف،قاسىمجان قەمبىرى ، داموللا رازىيوف قاتارلىقلار ئۈچ ۋىلايەت ھۈكىمىتىنىڭ ۋەكىلى ، سوپاخۇن ئاتلىق پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى سۈپىتىدە ئاقسۇ رايۇنىغا ئاتلاندى . بۇ قوشۇن 8-ئاۋغۇست باي ناھىيەسىگە يېقى قېيىردىگەن جايدا پەيدا بولۇپ بۇ جاينى مۇداپىئە قىلىۋاتقان بىر لىيەن دۈشمەننى يوقاتتى. ئاندىن 14-چىسلا باي ناھىيەسىگە يىتىپ كېلىپ تۆت سائەتتىن ئوشۇق جەڭ قىلىپ باي ناھىيەسىنى ئىشخال قىلدى. بۇ ۋاقىتتا جەڭگە تەييارلىنىۋاتقان « ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى»نىڭ ئەزالىرى ئارقىمۇ -ئارقا قولغا ئېلىنغانىدى. گومىنداڭ بۇ تەشكىلاتنى ھېكىم نۇرىدەك ساتقىنلارنىڭ ياردىمىدە خېلى بۇرۇنلا بايقىغان بۇلۇپ ،يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتاتتى.
  
-1945يىلى 12-سىنتەبىر مىللى ئارمىيە جەڭچىللىرى كەچ سائەت تۆتتە ئاقسۇ سېپىلىغا شىددەتلىك ھوجۇم باشلىدى. گومىنداڭ گىنرالى جاۋ خەنچىڭ بىر تەرپتىن مىللى ئارمىيەنىڭ ھوجۇمىغا جان جەھلى بىلەن قارشى تۇرسا يەنە بىر تەرەپتىن ئىچكى جەھەتتىن باستۇرۇشقا كىرىشتى ھەم لۇتپۇللا مۇتەللىپ باشچىلىقىدىكى«ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى »نىڭ قولغا چۈشكەنلىكى ئەزالىرىنى يوقۇتۇشقا بۇيرۇق چۈشۈردى .
  
1945-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى يېرىم كىچىدە لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن خۇجا ،بىلال ئەزىزى ،ئابدۇللا روزى ، مەۋلانجان تۇردى ،تۇردى ئاخۇن ، ئابدۇللا داۋۇتوف، يۈسۈپجان ،ھامىت ئەزىز ،ئىلاخۇنۇم ، ئارىپوف، ھۈسەيىن ،قادىر ئېلى قاتارلىق «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى»نىڭ 21نەپەر ئىنقىلابچىسى شۇنداقلا گومىنداڭغا قارشى سۆز قىلغان ،گۇمانلانغان 13نەپەر كىشىمۇ بىرلىكتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان . پاجىئەنىڭ ئالدىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىلال ئەزىزى يالقۇنلۇق نۇتۇق سۆزلىگەن ھەم ساقچىنىڭ يۈزىگە تۈكۈرگەن .بۇ ئىككەيلەن ئېتىلغاندىن كېيىن باشقىلارمۇ ئېتىلغان ھەم بۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى ئازگالغا تاشلاپ ئوت قويىۋەتكەندىن كېيىن بۇ يەرنىڭ ئۈستىگە چوشقا قوتىنى ھەم ھاجەتخانىلارنى ياسىغان .
  
ئەينى چاغدىكى قانلىق پاجىئە ھەققىدە ئەڭ دەسلەپ ۋە ئىنىق مەلۇمات بەرگەن«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى ».تەرىپىدىن چىقىرىلغان«كۈرەش »ژورنىلىنىڭ 1946-يىلدىكى 6-7-قوشما سانىدا مۇنداق يېزىلغان :«ئۆلتۈرۈش شۇ تەرەقىدە مۇدەھىش بولغانكى ،ئاساسلىق ھۆججەتلەرگە قارىغاندا بىر خوتۇننىڭ قارنى يېرىلغان ،12كىشى چېپىلغان ۋە جادۇدا توغرالغان ، 23كىشى ئېتىلغان ، شۇ قاتاردا ياش شائىرىمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپمۇ ئۆلتۈرۈلگەن .ئاخىرىدا ياش شائىرىمىز بىلەن بىر قاتاردا تورىدىغان بىلال ئەزىزىمۇ ئېتىلغان ................. ۋەھشىلىك بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن 36نەپەر ئىنقىلابچىمىزۋە شەھىتلىرىمىزنىڭ پاك جەسەتلىرى ئاقسۇ يېڭى شەھەر سىپىلىنىڭ غەربى بۈلىكىدە ئىتىبارسىزلارچە تۇپراق ئاستىغا يوشۇرۇلدى .ئەمما بۈگۈنكى ئىنقىلابى خەلقىمىزنىڭ چوڭقۇر دىلىدا ئۇلارنىڭ ئىنقىلابى روھى ئەبەدى تىرىك »دەپ يېزىلغانىدى .
مەنبە : لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتى ،ئاقسۇدا 1945-يىل ناملىق كىتابلار


 

ل. مۇتەللىپكە ئايالى ساتقۇنلۇق قىلغانمۇ؟

ش
ىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ ل مۇتەللىپ ناملىق كىتاۋىدىكى ماتىرياللارغا قارىغاندا 1944-يىلى ياز ئايلىرىدا 16ياشلىق سوفىيەم بايىز بىلەن 22ياشلىق  لۇتپۇللا مۇتەللىپ يۈزەكى ۋە ئالدىراشچىلىق بىلەن توي قىلغان بولوۇپ بۇنىڭغا شۇ ۋاقىتتىكى ل .مۇتەللىپنىڭ ئەتراپىدىكى ئىژدىماي ۋە سىياسىي شارائىت سەۋەب بۇلغان ئىدى
سوفىيەم بايىز كۇچا ناھيىسىدىن بۇلوپ دەسلەپ كۇچادا كىيىن ئاقسۇ قىزلار مەكتىۋىدە مۇئەللىم بۇلغان 1928-يىلى تۇغۇلغان .
ل. مۇتەللىپنىڭ تويىنى پىلانلىغۇچىلارنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارسىنىڭ باشلىقى مۇڭ دۇڭچاۋمۇ بار ئىدى ئۇلارنىڭ مەقسىدى ل مۇتەللىپ تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى سىرىنى ئىگەللەش ئىدى . ل. مۇتەللىپ بىلەن سۇفىيەم تۇي قىلغاندىن كىيىن مۇڭ دۇڭچاۋ سۇفىيەمنى شەخسەن ئۇزى تىرگاۋ قىلىپ قۇرقۇتۇش تەھدىت سىلىشى ئارقىلىق ل. مۇتەللىپ بىلەن كۆپرەك ئالاقىلىشىدىغان كۆپ كىلىدىغان كىشىلەرنى گومنداڭ رازۋىتچىكلىرىنىڭ قىستىشى ۋە گەپ ئىلىشى بىلەن ئىيتىپ قويدى دىگەن بايانلار بار ئىكەن.
تۇرسۇن ئەرشىدىن 1992-يىلى ۋە 1990-يىلى قازاقىستاندا سوفىيەمنى زىيارەت قىلغاندا سوفىيەم ئۆزىنى ئاقلاپ ل. مۇتەللىپنى قوغداپ قىلىشى ئۇچۇن ،گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ چىشىغا تىگىدىغان ئىشلارنى قىلماي ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكى ،تىنىچلىقىنى قەدىرلەش گومىنداڭ ساقچىلىرى بىلەن ئېتىشىپ ئۆز دادىسىنىڭ پاجىئەسىگە قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن (سۇفىيەمنىڭ دادىسى 1937-يىلى شىڭ شىسەي تەرىپىدىن تۇتۇپ كىتىلىپ ئىز-دىرەكسىز يوقالغان) ل. مۇتەللىپنىڭ پائالىيىتىنى چەكلەش ئۇنى شۇ چاغدىكى گومىنداڭ ساقچىلىرى ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىلەر بىلەن باردى-كەلدى قىلىشتىن توسۇش ئارقىلىق ل. مۇتەللىپنى قوغداپ قىلىش ئىكەنلىگىنى ئىيىتقان.






لۇتپۇللا مۇتەللىپ قانداق ئۆلتۈرۈلگەن؟..



يېقىندا قازاقىستاندىكى «مىر» نەشرىياتىدىن ئارخېئولوگ ئابدۇكېرىم سابىتوۋنىڭ «تارىخنىڭ ئۆچمەس ئىزلىرى» ناملىق ئەسلىمىلەر توپلىمى يورۇق كۆردى. بۇ توپلامدا مۇئەللىپ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرى شىنجاڭدا يۈز بەرگەن پاجىئەلىك ۋەقەلەر ۋە ئۆزى بۇنىڭدىن توپتوغرا 50 بىل ئىلگىرى قاتناشقان تەكلىماكان قۇملۇقىغا بولغان ئارخېئولوگىيىلىك ئىزدەش ئىشلىرى توغرىلىق ھېكايە قىلىدۇ. تۆۋەندە ئەنە شۇ كىتابتىن ئېلىنغان بىر ماقالىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە ھاۋالە قىلىمىز.



بىز 1956-يىلنىڭ كۈز ئايلىرىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ئىدارىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەرجىمانى يۇڭلو (شىۋە) بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتىگە بېرىپ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ ئىنقىلابىي پائالىيىتى توغرىلىق بەزى ماتېرىياللارنى توپلىغان ئىدۇق. شۇنداقلا لۇتپۇللا مۇتەللىپ باشلىق ئىنقىلابچى ياشلار قۇرغان «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» تەشكىلاتىنىڭ پائالىيىتىنى ھەم تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ تۇتۇلۇپ، ئۆلۈم جازاسىغا تارتىلىشىغا سەۋەب بولغان مىللىي مۇناپىقلارنىڭ ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈپ، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ قايتقانىدۇق. مۇشۇ مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ھۆججەتلەرنى ئىزدەپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىگە بارغىنىمىزدا، بۇ ئىدارىنىڭ باش كاتىپى مۇھەممەتئىمىن ھېكىمى بىزگە كۆپ ياردەم قىلدى. ئاقسۇدىن 60 چاقىرىم يىراقلىقتىكى تەكلىماكان چۆلىنىڭ بىر چېتىگە جايلاشقان «ماتاڭ» دېگەن قۇملۇقتىكى جازا لاگېرىغا بېرىپ، شۇ يىللىرى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى ئىككىنچى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن نىياز مۇھەممەت بىلەن، ئىنقىلابچىلارنى تۇتقۇن قىلغاندا ئۇلارغا تەرجىمان بولغان ياسىن ئەزىز ۋە ل.مۇتەللىپ قامالغان كامېرىنىڭ قاراۋۇلى، شۇنداقلا ساقچى ئىدارىسىنىڭ تەرجىمانى ھەم ئىككىنچى بۆلۈمنىڭ باشلىقى زومىڭ (ئەسلى ئۇيغۇر، خەنزۇچە ئىسىم قويۇۋالغان)، ئۇنىڭ ئايالى زۆھرە، ئاقسۇدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇئەللىمى سوپىيە، يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان گۇۋاھچىلار بىلەن ئۇچرىشىپ، كۆپ ماتېرىياللار توپلىدۇق. شۇ ماتېرىياللار ئاساسىدا ئېسىمدە قالغانلىرىدىن بىر قىسمىنى ھېكايە قىلماقچىمەن. ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەنلىكتىن، بەزى پاكىتلار، ئاي، كۈن، يىللاردا پەرقلەر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، ئامما ۋەقەلىكنى ئۆز ئەينى بويىچە يازغىنىمغا ئىشىنىمەن.

ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىدا شېڭ شىسەي ستالىندىن يۈز ئۆرۈپ، جاڭ جېشىغا مايىل بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، شىنجاڭدا يېڭى تۈزۈم ئورنىتىلىپ، شۇنىڭ لايىق بىر سىياسەت يۈرگۈزۈلگەنلىكتىن، شىنجاڭدىكى ۋەزىيەت ئىنتايىن كەسكىنلىشىدۇ. ئەكسىيەتچى كۈچلەر تېخىمۇ غالجىرلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىلغار كىشىلەرنى — ئىنقىلابىي زاتلارنى قولغا ئېلىش، ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتى ئەۋج ئېلىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئاجايىپ تالانت ئىگىسى ۋە مۇنەۋۋەر ئىنقىلابىي شائىر ل.مۇتەللىپنىڭ ئىنقىلابىي پائالىيىتىنى چەكلەش، بېسىم قىلىش، ئۆز يولىدىن ۋە ئۆز نىيىتىدىن قايتۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك چارىلەرنى قوللىنىپ، ئۇنىڭ پائالىيىتىنى نازارەت ئاستىغا ئالىدۇ. لېكىن ل.مۇتەللىپ ئۆز يولىدىن قايتمايدۇ، شۇڭا ئەكسىيەتچى كۈچلەر ل.مۇتەللىپ باشلىغان ئىنقىلابىي ھەرىكەتنىڭ ياڭراپ كېتىشىدىن ۋە ئۇنى ئۈرۈمچىدىكى ئىلغار كۈچلەردىن ئايرىۋېتىش ئۈچۈن، 1943-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئاقسۇ شەھىرىگە سۈرگۈن قىلىدۇ.

ل.مۇتەللىپ ئۈرۈمچىدىن ماشىنا بىلەن يولغا چىقىپ، ئاقسۇغا يېقىن ئۇششاقتال دېگەن يەرگە كەلگەندە، ماشىنا بۇزۇلۇپ قالىدۇ. ل.مۇتەللىپ ماشىنا ئەتراپىدا تۇرغانسېرى كەچكۈزنىڭ سوغۇقى بارغانسېرى كۈچىيىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى يالاڭ كىيىمى سوغۇققا دالدا بولالماي قالىدۇ. بەدىنىگە تىترەك ئولىشىپ مۇزلىغانسېرى، ل.مۇتەللىپ بىر ئورۇندا تۇرۇپ سەكرەشكە ۋە قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈشكە باشلايدۇ. شۇ پەيتتە بىر ھارۋىنىڭ قارىسى كۆرۈنىدۇ، ل.مۇتەللىپنىڭ بارلىق دىققىتى ھارۋىدا بولىدۇ. قارىسا، ئۇ توغراق باسقان ئاقسۇلۇقلارنىڭ ئۆرگىلەي ھارۋىسى بولۇپ، ھارۋىكەش ياشانغان، ساقاللىق ئادەم ئىكەن، ساقال-بۇرۇتى خۇددى قىرۇ چۈشكەندەك ئاپئاق. شۇنىڭغا قارىماي، ھارۋىكەش بوۋاي سەلكىن ئاۋاز بىلەن غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ كېلىۋاتاتتى. ل.مۇتەللىپ ھارۋىغا يېقىنلاپ كېلىپ: «ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاتا! قانداق ئەھۋاللىرى؟ بىر ئوبدان ناخشا ئېيتىپ كېلىۋېتىپتىلا، ناخشىلىرىغا ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرى غىچىرلاپ مۇزىكا چېلىپ، تەڭكەش قىلىپ بېرىۋېتىپتۇ؟.. ھارۋىلىرىنىڭ چاقىنى مايلىۋالسىلا بولماسمىدى» دەيدۇ. ھارۋىكەش «دېگەنلىرى توغرا، ئەپەندىم، لېكىن كېكىرتەكنى مايلاشقا ماي يوق، ھارۋىنىڭ چاقىنى مايلاشقا ماي نەدە؟» دەپ خىتاب قىلىدۇ. ھارۋىكەش بوۋاينىڭ بۇ سۆزى ل.مۇتەللىپكە قاتتىق تەسىر قىلىدۇ.

ئۇ ئاقسۇغا كېلىپ «ئاقسۇ گېزىتى»گە باش مۇھەررىرلىك خىزمىتىگە ئورۇنلىشىدۇ. ئۇ گېزىت پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ، «جەنۇب شامىلى» دېگەن ئەدەبىي سەھىپىنى تەسىس قىلىدۇ. گېزىتتە ئۇنىڭ خەلقنىڭ ئېغىر تۇرمۇش شارائىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان «كېكىرتەكنى مايلاشقا ماي يوق، ھارۋىنىڭ چاقىنى مايلاشقا ماي نەدە؟» دېگەن دەسلەپكى ئەدەبىي ئوچېركى بېسىلىدۇ. ئۇنىڭدا گومىنداڭچىلارنىڭ رەزىل ئەپتى-بەشىرىسى بەدىئىي ئوبرازلار بىلەن پاش قىلىنىپ، خەلقنىڭ ئېچىنارلىق تۇرمۇشى تەسۋىرلىنىدۇ. ل.مۇتەللىپ ئاقسۇدا ئىنقىلابىي ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىشتا، ئالدى بىلەن خەلق ئاممىسىنى تەشكىللەشنى، ئۇلارنى ئويغىتىشنى، بولۇپمۇ ياشلارنى ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ كاپالىتى دەپ قاراپ، خەلقنى ئەركىنلىككە، مۇستەقىللىككە دەۋەت قىلىدىغان ئەسەرلەرنى يېزىپ، گېزىتتە ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىشقا باشلايدۇ.

ل.مۇتەللىپ ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغا سۈرگۈن قىلىنغىنىدا «گۇمانلىق ئادەم» دېگەن قالپاق كىيىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن شۇ كۈندىن باشلاپلا گومىنداڭ ساقچى ئورۇنلىرى ئۇنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىنى بايقاش ئۈچۈن پېيىگە ئادەم سېلىپ قويغان ئىدى. شۇلارنىڭ بىرى گېزىتنىڭ تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن ئەيسا يۈسۈپ ئىدى (ئۇ كېيىنكى يىللاردا ئۈرۈمچىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» تەھرىر بۆلۈمىدە، ئۇنىڭدىن كېيىن رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىدە ئىشلىگەن). بۇ كىشى ئۆزى ئەدىب بولغانلىقى ئۈچۈن ل.مۇتەللىپنىڭ مۇستەقىللىق روھى سىڭدۈرۈلگەن ھەم خەلق ئاممىسىنى ئىنقىلابقا ئويغىتىدىغان ئەسەرلىرىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىگە ئەۋەتىپ تۇرىدۇ. ئەيسا يۈسۈپنىڭ دەسلەپكى ماتېرىيالى مۇتەللىپ يازغان «كېكىرتەكنى مايلاشقا ماي يوق، ھارۋىنىڭ چاقىنى مايلاشقا ماي نەدە؟» دېگەن ئەدەبىي ئوچېركى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ چىققان گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ساقچى ئورۇنلىرى ل.مۇتەللىپنىڭ ھەرىكىتىگە تېخىمۇ كۆپرەك پايلاقچىلارنى قويىدۇ. لېكىن ل.مۇتەللىپ بۇ تۇزاق قۇرۇشلارنى سېزىپ يۈرسىمۇ، ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنى سۇسلاشتۇرماي، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىش ئېلىپ بارىدۇ.

ئەدەبىيات بىلەن سەنئەتكە بىردەك ئىشتىياق باغلىغان ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سەنئەت ئۆمىكىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ، كونسېرتلارنى كۆرسىتىشتىن تاشقىرى، «غېرىب — سەنەم»، «تاھىر — زۆھرە» دراما ئەسەرلىرىنى سەھنىلەشتۈرىدۇ. ئۇلاردىكى غېرىب، تاھىر روللىرىنى ئۆزى ئورۇنلايدۇ. زۆھرەنىڭ رولىنى ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئوفىتسېرى ھۆرنىساخان (مۇتەللىپكە قويغان ئىشپىيون ئاياللارنىڭ بىرى) ئېلىپ چىقىدۇ.

خەلقنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن دادىل كۈرەشكە چىققان ل.مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ ئىنقىلابىي پروگراممىسىنى ئىلى ئىنقىلابچىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلار بىلەن ئالاقە باغلاپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خەلق ئاممىسى ۋە ياشلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشىدۇ. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇ «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ناملىق تەشكىلات قۇرىدۇ. تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ماسلىشىپ، دېخانلارنى قوراللىق قوزغىلاڭغا قوزغاشتىن ئىبارەت ئىدى. بۇ ھەرىكەتلەر ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسىنى ۋەھىمىگە سالغانلىقتىن، 1944-يىلنىڭ ماي ئايلىرىدا ل.مۇتەللىپنى قولغا ئېلىپ، بىر ھەپتە سولاقتا تۇتۇپ، ئۇنىڭ يۈرىكىنى بىر ئاز مۇجۇغاندەك قىلىپ، ئاندىن چىقىرىۋېتىدۇ. بىراق ل.مۇتەللىپنىڭ بۇنىڭ بىلەن روھى چۈشمەي، ئەمدى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ جاسارەت بىلەن كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ تۈرمىدىن چىقىپ، تىياتىر ئارتىستلىرى بىلەن كۇچا ناھىيىسىگە ئويۇن قويۇشقا بارماقچى بولغىنىدا، ساقچى ئىدارىسى ئۇنىڭغا «سىزگە ھازىرچە سىرتقا چىقىشقا بولمايدۇ، گېزىتنىڭ ئىشى مۇھىم»، دېگەن باھانە بىلەن ئۇنى قېچىپ كەتمىسۇن دەپ گۇمانلىنىپ، رۇخسەت قىلمايدۇ. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى ئەمدى «تېلېگرامما-ئەپەندى» دېگەن مەخپىي نام بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىدىن نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئاقسۇ گېزىتخانىسىدا ئىشلەيدىغان ساتقۇن يۈسۈپ قادىر دېگەن كىشى ئۆزىنىڭ ئىشپىيون ئىكەنلىكىنى چاندۇرۇپ قويغانلىقتىن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ. يەنە ھېكىم نۇر، ھامۇت ئەزىزى، ئابلا روزى، ئۆمەر سامى ۋە ئۇلاردىن باشقا ل.مۇتەللىپ بىلەن بىللە سەنئەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ يۈرگەن ئاياللارنىڭ كۆپچىلىكى ل.مۇتەللىپ ئۈستىدىن نازارەت قىلىش ئىشىغا جەلپ قىلىنىدۇ. بۇ ئاياللارنىڭ ئاساسلىقلىرى روزى (روزىنىڭ خەنزۇچە ئىسمى سوفى بولۇپ، ئىمىن خولۇڭ دېگەننىڭ ئايالى)، رەيھان (سۇلتانجان دېگەن كىشىنىڭ ئايالى)، سوپىيە (ل.مۇتەللىپنىڭ ئايالى)، نىساخان دېگەنلەر ئىدى. بۇ ئاياللار ل.مۇتەللىپتىن يېڭى-يېڭى مەلۇماتلارنى ئېلىپ، ئۇلارنى خوجايىنلىرىغا يەتكۈزۈش ئارقىلىق ياخشى سوۋغاتلارنى ئېلىش، ئابرۇي قازىنىش، ياخشى ئىش ئورۇنلىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ل.مۇتەللىپ ئۈستىدىن ھەر خىل يوللار بىلەن، ھەتتاكى ئۇنىڭ كىر-قېتىنى يۇيۇپ، تاماقلىرىنى پىشۇرۇپ بېرىش، ئۆي-بىساتلىرىنى تازىلاپ، بوش ۋاقىتلىرىدا ئۇنىڭغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشقا ئوخشاش ھەرىكەتلىرى بىلەن ل.مۇتەللىپكە يېقىنلىشىپ، مەلۇماتلارنى ئېلىپ تۇرۇش مەقسىتىدە بولىدۇ.

ل.مۇتەللىپمۇ سەگەك يىگىت بولغاچقا، ئۇلارنىڭ نىيىتىنى سېزىپ، ئېھتىيات قىلىپ يۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگىنى ھۆرنىسا بولدى (ئۈرۈمچىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار بىرلەشمىسىدە كۆچۈرمە كاتىپ بولۇپ ئىشلەپ پېنسىيىگە چىققان ھاجى ياقۇپ دېگەن كىشىنىڭ ئايالى بولغان. ئۇ ياقنىڭ خەنزۇچە ئىسمى ئەريۇتىڭ ئىدى). ھۆرنىسا ساقچىنىڭ مەخسۇس تاپشۇرۇقى بىلەن ل.مۇتەللىپنىڭ ئايالى سوپىيەنى ئېزىقتۇرۇپ، ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئاپئاق پاختا يېپىلغان مەپە ھارۋىلارغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش بىلەن ل.مۇتەللىپنىڭ سىرىنى بىلىپ تۇرغان. سوپىيەنى قىممەت باھالىق سوغىلار بىلەن ئالداپ، «ل.مۇتەللىپ نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، كىملەر بىلەن كۆرۈشۈپ، قانداق گېزىت-ژۇرناللارنى ئوقۇۋاتىدۇ؟» دېگەنگە ئوخشاش ھالەتلەرنى ئېنىقلاپ، ئۇلارنى ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مىڭ دۇڭجاۋغا يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ.

ئىلى ئىنقىلابچىلىرى 1945-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا، ئاقسۇ كونا شەھەر ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن ۋاقتىدا، بارلىق گومىنداڭچىلار ئالا-توپىلاڭ بولۇپ قېچىشقا باشلايدۇ. شۇ ۋاقىتتا ھۆرنىسامۇ ئاتلىق قېچىپ، ئاقسۇ يېڭى شەھەر سېپىلىنىڭ ئىچىگە كېلىپ: «ئىلى زىۋازىلىرى (ئىلى ئوغرىلىرى دېمەكچى) بېسىپ كېلىۋاتىدۇ»، دەپ ئىنقىلابچىلارنىڭ ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقان خەۋىرىنى يەتكۈزىدۇ. گومىنداڭ جاسۇسلىرى دەررۇ ھەرىكەتكە كېلىپ، شەھەر سېپىللىرىنىڭ بارلىق دەرۋازىلىرىنى بېكىتىپ ئۈلگۈرىدۇ. ئاندىن سېپىل ئەتراپىدىكى بىر كىلومېتىرغا يېقىن يەردىكى دەرەخلەرنى كەستۈرۈپ، تۈپ-تۈز ھالەتكە كەلتۈرۈپ، مۇداپىئەگە ئۆتىدۇ. شۇ ۋاقىتتا سېپىلنىڭ ئۈستىگە ھۆرنىسا باشلىق بىر توپ ئايال چىقىپ، ئىلى ئىنقىلابچىلىرىنى مەسخىرىلەيدىغان تېتىقسىز ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ. ل.مۇتەللىپنىڭ ھاياتى بۇ ۋاقىتتا چوڭ خەتەر ئاستىدا ئىدى.

شۇ كۈنلەردە ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى ئۆمەر سامى (خەنزۇچە ئىسمى ۋۇ چىسەن) مۇتەللىپنىڭ ئۈستىدىن ئىلى ئىنقىلابىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ چوقۇم غەلىبە قازىنىدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن قەتئىي ئىنقىلاب تەرىپىدە تۇرۇپ، ئۇنى ھىمايە قىلىش لازىملىقى، خەلقنى ئۇنىڭغا ماسلىشىشقا دەۋەت قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ماتېرىيال تاپشۇرىدۇ. ساقچى ئىدارىسى ئۆمەر سامىنىڭ بۇ ماتېرىيالىنى دەررۇ سىياسىي باشقارمىغا (جىڭ ۋۇجۇغا) يوللايدۇ ۋە ل.مۇتەللىپنى دەررۇ قولغا ئېلىش لازىملىقىنى تەلەپ قىلىپ، سىياسىي باشقارمىغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مىڭ دۇڭجاۋنىڭ ئورنىغا ۋۇ شاۋبىڭ كەلگەن ئىدى. بۇ پەيتتە ئۆمەر سامىنىڭ پاش قىلىش ماتېرىيالى بىلەن ل.مۇتەللىپ قۇرغان تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى ھېكىم نۇرنىڭ چېقىمچىلىق ماتېرىيالىمۇ كېلىپ چۈشىدۇ، (ھېكىم نۇر شۆھرەتپەرەس كىشىلەردىن بولۇپ، ئۇ بىرەر قۇلايلىق پۇرسەتنى كۆزلەپ، ل.مۇتەللىپ قۇرغان «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقىغا» كىرىۋالغان ئىدى). ئۇ تەشكىلاتنىڭ سىرىنى پاش قىلىپ، بىرەر يۇقىرى مەنسەپكە ئېرىشىش غەرىزىدە مۇنداق مەزمۇندىكى ماتېرىيالنى تاپشۇرىدۇ: «مەن سىلەرگە پاش قىلىپ بېرىۋاتقان بۇ ماتېرىياللارنى ئۆزۈم ئاپىرىپ بەرسەم، ئەتراپتىكىلەرنىڭ گۇمانى تۇغۇلۇشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا سىڭلىم ئارقىلىق ئەۋەتىۋاتىمەن (سىڭلىسى 12 ياشتا ئىدى)، ئۇلار يېقىن ئارىدا ئىلى ئىنقىلابچىلىرى بىلەن بىرلىكتە خەلقنى قوزغاپ، باي، ئاقسۇ قاتارلىق شەھەرلەرنى ئازاد قىلماقچى، شۇڭا تېز ھەرىكەت قىلىپ، ل.مۇتەللىپ باشلىق «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرىنى قولغا ئالماي بولمايدۇ».

ساقچى ئورۇنلىرى ئۆمەر سامى بىلەن ھېكىم نۇرنىڭ يازغان ماتېرىياللىرىغا ئاساسلىنىپ، 1945-يىلى، ئاۋغۇست ئېيىدا، «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرىنى قولغا ئېلىشقا باشلايدۇ. ساقچى ئىدارىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن غوجا، يۈسۈپجان ئابدۇللا، داۋۇت ھۆسەنوۋ، ئوسمانجان مۇھەممەت، ئېلاخۇن، مۇسا ئېلى، ئابدۇللا روزى، تەۋەككۈل يۇسۇپوۋ، ئابدۇكېرىم ئايۇپوۋ، ۋاسىلىي، ئىۋان (بۇلارنىڭ فامىلىسى ئېنىقلانمىدى)، قادىر ئېلى، ئىبراھىم ئىدرىس، ئابدۇرېھىم مۇھەممەت، بىلال ئەزىزى، جالالىدىن ئاخۇن، مەۋلانجان، رەھمەت يۈسۈپ، ئوسمان قاسىم، ئوسمان يۈسۈپ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قولغا ئېلىنىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ھېكىم نۇر ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا كېلىپ «مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ماتېرىيال بەرگىنىم ئاشكارىلىنىپ قېلىپ، خەلقنىڭ ئالدىدا «ئىشپىيون» دېگەن ئاتاققا قېلىشنى خالىمايمەن، شۇڭلاشقا مېنىمۇ قوشۇپ قاماققا ئېلىڭلار، ئۇلار مېنىڭدىن گۇمانلىنىپ قالمىسۇن» دەيدۇ. ئۆزىنىڭ تەلىپى بىلەن ئۇنىمۇ قولغا ئالغان بولۇپ، تۈرمىگە سولاپ قويىدۇ، بىراق بۇ سولانغان ئۆي گىلەم ۋە باشقا زىننەتلىك جابدۇقلار بىلەن بېزەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئالىي دەرىجىلىك ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلىنىدۇ. ئاقسۇدا ۋەزىيەت بىر ئاز قېلىپلاشقاندىن كېيىن، ئۇ تۈرمىدىن بوشىتىلىپ، ساقچى ئىدارىسىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

ل.مۇتەللىپ ئايرىم كامېرىغا سولانغان. تۈرمىنىڭ ئۆگزىسىگە قويۇلغان ساقچىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئۇ ئۆزىنى ناھايىتى كۆتۈرەڭگۈ روھتا تۇتۇپ، «غېرىب — سەنەم»، «تاھىر — زۆھرە» درامىلىرىدىكى بەزى تەسىرلىك ناخشىلارنى، شۇنداقلا «تەنلىرىم ياپراق» ناخشىسىنى كۆپرەك ئېيتىپ، ئۆز كۆڭلىنى سەگىتىش بىلەن قوشنا كامېرىدىكى سەپداشلىرىنىڭ روھىنى كۆتىرەتتىكەن. ئۇ ناخشا ئېيتىۋاتقاندا، ئىشىك ئالدىغا قويۇلغان ساقچىلار قولىدىكى مىلتىقلىرىنىڭ پاينىكى بىلەن ئىشىك، تاملارنى ئۇرۇپ، ناخشا ئېيتىشىنى چەكلىسىمۇ، ئۇنىڭغا پىسەنت قىلماستىن، ناخشىسىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرەتتىكەن.

1945-يىلى سېنتەبىر ئېيىدا ئىلى پارتىزانلىرى ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىدۇ. شەھەر خەۋپ ئاستىدا قالغانلىقتىن، گومىنداڭچىلار تۈرمىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلايدۇ. 12-سېنتەبىر كۈنى گۇگۇم چۈشكەندە، ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ شاۋبىڭ بۆلۈم باشلىقلىرىنى يىغىپ، «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» تەشكىلاتىدىكى بەش كىشىگە ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋىتى بار دەپ ئېيتىلغان ئابلا داۋۇت، ئابدۇللا روزى، ئەخمەت يۈسۈپ، ئوسمان مۇھەممەت، ئارىپوۋ، تەۋەككۈل ئۇلۇغوۋ، ئىبراھىم ئىدرىسوۋ، مەۋلانجان، ھاپىز داموللام، مۇسا ئېلى قاتارلىق كىشىلەرگە سىياسىي باشقارمىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىش بۇيرۇقى كەلگەنلىكىنى جاكارلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۈرمە جاللاتلىرى ئىشقا كىرىشىپ، ئەڭ ئالدى بىلەن، يۈسۈپجاننىڭ ئىسمى ئوقۇلۇپ، گۇندىپايلار ئۇنى سىرتقا سۆرەپ چىقىدۇ. ساقچى باشلىقى ۋۇ شاۋبىڭ يۈسۈپجاننىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ھازىر ساڭا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ» دەيدۇ. ئاندىن ساقچى باشلىقى يۈسۈپجاننىڭ ئاغزىغا پاختا تىقىپ كەپلەپ قويۇشنى بۇيرۇيدۇ، بىراق يۈسۈپجان قارشىلىق كۆرسىتىدۇ، گۇندىپايلار يۈسۈپجاننى ئۇرۇپ ھوشسىزلاندۇرۇپ، ئاغزىغا پاختا تىقىپ، كەپلەپ قويىدۇ. ئاندىن ئالدىنئالا تەييارلاپ قويغان ئۆرەكنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ، قىلىچ بىلەن چاپىدۇ، ئەتراپقا قىپ-قىزىل قان چاچراپ، ئۇنىڭ تېنى پارچىلىنىپ ئۆرەككە تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن باشقىلارمۇ شۇ تەرىقىدە چېپىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇ دەل ئىلى ئارمىيىسىنىڭ ئاقسۇنى قورشاۋغا ئالغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئىدى.

ئەتىسى ئاقسۇدىكى گومىنداڭ قوشۇنىنىڭ قوماندانى جاۋ خەنجى ساقچى ئىدارىسىگە كېلىپ، ۋۇ شاۋبىڭ بىلەن بىللە 20دەك ئاتارمەن-چاپارمەننى باشلاپ يەنە تۈرمىگە بارىدۇ. تۈرمە گۇندىپايلاردىن بىر قانچىسى ل.مۇتەللىپنى ئېلىپ چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا شائىرنىڭ چىرايىدىن چەكسىز غەزەپ ئوتى، ئۆچمەنلىك چاقناپ تۇراتتى. شۇ ئارىدا بىلال ئەزىزى، ئىۋان، ۋاسىلىي، ئاباسوۋنى ئېلىپ چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئالدىنئالا كولاپ، تەييارلىنىپ قويۇلغان ئورەك ئالدىدا تىزلاندۇرىدۇ، جاۋ خەنجى ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ھازىر سىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ل.مۇتەللىپ كەسكىن ئۆچمەنلىك قىياپەتتە تۇرۇپ: «قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىل! مېنى ئۆلتۈرگىنىڭ بىلەن مېنىڭ ئىزىمدىن مىڭلاپ، مىليونلاپ مۇتەللىپ چىقىدۇ! — دەيدۇ-دە ئاسمانغا قاراپ. — ھەي قۇياش، سەن پۈتۈن دۇنيانى يورۇتۇۋاتىسەن، ئەجەبكى، مېنىڭ يۈرىكىمنى بۈگۈن يورۇتالمىدىڭ؟! مەيلى، مەن بۈگۈن ئۆلگىنىم بىلەن مېنىڭ روھۇم ھېچ قاچان ئۆلمەيدۇ»، دەپ ئېيتىدۇ.

شۇ ۋاقىتتا جاۋخەنجى ئۆزىنىڭ يېنىدا تۇرغان تەرجىمانى ياسىن ئەزىزگە قاراپ: «مۇتەللىپ نېمە دەيدۇ؟» دەپ سورايدۇ.

ياسىن ئەزىزى مۇتەللىپنىڭ يۇقىرىدا ئېيتقان سۆزلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بېرىدۇ. جاۋ خەنجى مۇتەللىپنى ئۆزىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ: «سەن تېخى ياش، تالانتلىق يازغۇچىسەن، سېنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئىشلەيدىغان ۋاقتىڭ ئالدىڭدا، ئەمدى ئۆز نىيىتىڭدىن قايت! ئەگەر سەن ھازىر بولسىمۇ توۋا قىلساڭ، كەچۈرۈم قىلىمىز»، دەيدۇ. بىراق مۇتەللىپ غەزەپلىك چىرايى بىلەن ھۈرپىيىپ تۇرۇپ: «گومىنداڭچى جانابلىرى، بىلىپ قويۇڭلاركى، يەر بىزنىڭ، ۋەتەن بىزنىڭ، خەلق بىزنىڭ. مۇقەددەس ۋەتىنىمىزنى سەنلەرنىڭ ئىختىيارىچە دەپسەندە قىلىشىڭلارغا يول قويۇلمايدۇ، سەنلەر يوقالمىغۇچە، بىز بىر سائەتمۇ كۈرىشىمىزنى توختاتمايمىز. بىز ئەركىنلىكىمىزنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن ھامان كۈرەش قىلىمىز. بۇ كۈرەش ھېچ قاچان توختاپ قالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇشۇ كىشىلەر بىلەن كۈرەشكە ئاتلانغان، ئەمدى ئاتامسەن، چاپامسەن، قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىل» دەيدۇ.

جاۋ خەنجى ئاخىرقى قېتىم مۇتەللىپنى يۇمشاق سۆزلەر بىلەن ئىرادىسىنى بوشاتماقچى بولۇۋېدى، ئويلىمىغان يەردىن مۇتەللىپنىڭ سۆزلىرى يۈرىكىگە ئوقتەك سانچىلىدۇ. غەزەپتىن ھودۇققان جاۋ خەنجى يېنىدىكى قۇرالىنى قانداق سۇغىرىپ ئالغىنىنى سەزمەي قالسا كېرەك ئەتىمالىم، مۇتەللىپكە قارىتىپ ئارقا-ئارقىدىن نەچچە پاي ئوق ئاتىدۇ. بۇنىڭغا ئۇلاپلا تارسىلدىتىپ ئېتىش باشلىنىدۇ. ئىنقىلابچى ياشلارنىڭ بەزىلىرى بىر پاي ئوقتا، بەزىلىرى بىر نەچچە پاي ئوقتا يىقىلىپ، ئۆرەككە دۈكۈرلەپ چۈشىدۇ.

ل.مۇتەللىپ تۈرمىدە ياتقان چېغىدا ئۆزىنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلىپ، قان بىلەن تۈرمىنىڭ تېمىغا مۇنداق ئىككى مىسرا شېئىرنى يېزىپ قالدۇرغان ئىكەن:

بۇ كەڭ زېمىن مەن ئۈچۈن بولدى دەۋزەخ،

ياش گۈلۈمنى غازاڭ قىلدى قارا ئەبلەخ.

ل.مۇتەللىپ بارى-يوقى 23 بىل ياشىدى، بىراق، مەنىلىك ھايات كەچۈردى. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە داۋاملىق ئۆگەندى ھەم داۋاملىق ئىجات قىلدى، ئۆز خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقى، ئازادلىقى، ئەركىنلىكى يولىدا ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. ل.مۇتەللىپنىڭ ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق ئىدىيىسى گومىنداڭچىلارغا ياقمايدىغانلىقى ئېنىق. كېيىنكى كۈنلەردە شائىرنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولغان ھېكىم نۇر بىلەن ئۆمەر سامىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ، لېكىن ھۆرنىسا، جاۋ خەنجى، ئەيسا يۈسۈپ، ئابلا ئوسمان، زومىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئايالى زۆھرە قاتارلىق ساتقۇن، جاسۇسلار ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. بۇ تارىخىي ساۋاقنى ئۇيغۇر خەلقى ھېچ قاچان ئەستىن چىقارمايدۇ.
مەنبە: ئىزدىنىش
 
 
لۇتپۇللا مۇتەللىپ قوللانغان ئىسىم ۋە تەخەللۇسلار
 

مۇھەممەتجان توختى
                           

(ئاقسۇ كەلپىن ناھىيە يۈرچى يېزا،يۈرچى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى )
2012-11-4 18:07 چىقىرىش

چۈشۈرۈش (95.84 KB)


ئوت يۈرەك شائىر ،ئىنقىلابىي جەڭچى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان ئوغلانى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا 23 يىللىق ھاياتىدا پەقەت تۇققۇز يىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ ، ئاز بولمىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يىزىپ ، كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇپ كەتتى . ئۇ ئاشۇ مىراسلىرى بىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىيەتىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ .
لۇتپۇللا مۇتەللىپ پەقەت 23يىل ياشاپ توققۇزيىل ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللانغان بولسىمۇ بىراق ئۇ،‹‹مۇھەببەت ۋە نەپرەت›› ‹‹يىللارغا جاۋاب››،‹‹خىيالچان تىلەك››،‹‹ چىمەنگۈل ››،‹‹چىن مودەن››،‹‹پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ›› …قاتارلىق شېئر ،فىلىيەتون،ئوپىرا،دىرممىلىرى بىلەن ئۆزى ئۈچۈن يىقىلماس ئابىدە تىكلىدى.ھەم ئىجادى ھاياتىدا لۇتۇن،ل.مۇتەللىپ،قاينام ئۆركىشى،سەنئەت خۇمارى قاتارلىق ئىسىم،تەخەللۇسلارنى ئىشىلىتىپ شۇدەۋىر ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتى.
ئۇنداقتا لۇتپۇللا مۇتەللىپ بۇ ئىسىم ۋە تەخەللۇسلارنى نېمە زۆرۈريەت ۋە سەۋەبلەر بىلەن ئىشلەتكەن .تۆۋەندە مەن بۇ،توغرۇلۇق قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن.
لۇتۇن-لۇتپۇللا مۇتەللىپ يۇرۇق دۇنيا غا كۆز ئاچقاندا،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنۇڭغا ئەزان توۋلاپ قويغان ئىسمى لۇتپۇللا ئىدى.ئەمما بۇئىسىم ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىدە‹‹لۇتۇن››دەپ قوللۇنىلدى.ئۇ،دەسلەپ ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئارىسىدا،كېيىنچە مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىكلەر ئارىسىدا ۋە بارا-بارا ئۇمۇملىشىپ ساۋاقداشلىرى،تەڭتۇش ئەل-ئاغاينىلىرى ھەتتا لۇتپۇللا ئارىلىشىدىغان ئەنۋەر ناسىرى قاتارلىق زىيالىلارمۇ ئۇنى ئاتايدىغان خاس ئىسىمغا ئايىلىنىپ كەتتى.لۇتپۇللا مۇتەللىپمۇ بۇئىسىمنى بەزى شېئىر مىسرالىرى ئارىسىدا ئىشلەتكەن بولۇپ،بۇئىسىم ‹‹مىللەتچىلەرگەزەربە››دېگەن شېرىدا مۇنداق كەلگەن.
‹‹ئەي لۇتۇن!
ئۇيغۇر ئېلى باغىدا
ئۆزمىللىتىڭنى يارات،
باشقىلارغا قاراپ كۆزئالايت››
دەپ ئۆگەتمەكچى ماڭا
قارا كۈچ،قارانىيەت،
ئۆچلۈك سالماقچى كۆڭلۈمگە…
ياق!…مەن ئالدانمايمەن پەقەت…
بۇئىسىمنىڭمۇ لۇتپۇللانىڭ باشقا ئىسىم تەخەللۇسلىرىغا ئوخشاش كىشىلەر قەلبىدە يادلىنىپ ئۇلارنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىشى، تىيانشاننىڭ جەنۇپ، شىمالىغا كەڭرى تارقىلىشى ئۈچۈن ئەلقەم ئەختەم،مۆمىن مۇھەممىدى، تۇرسۇن ئەرشىدىن… قاتارلىق يازغۇچى شائىرلىرىمىز ، ‹‹لۇتۇن››ماۋزۇسىدىكى ئەسلىمە،ھېكايە،پوۋىست ، شېئىرلىرى بىلەن كەڭرى مەيدان ۋە ئىللىق سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن بولسا.يېقىندا يەنە،ئۈرۈمچىدە،‹‹لۇتۇن خەلىق ئارا سودا چەكلىك شىركىتى›› قۇرۇلۇپ،لۇتپۇللا مۇتەللىپنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن‹‹لۇتۇن››ماركىلىق سائەتتىن 365نى بازارغا سالدى.بۇنىڭ بىلەن‹‹لۇتۇن››دېگەن بۇئىسىمنىڭ ماركالىشىپ دۆلىتىمىزنىڭ ئىچى،سىرتىغا كەڭ تارقىلىشىغا شارائىت ھازىلاپ بەردى.
ل.مۇتەللىپ-بۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىجادى پالىيىتىدە ئەڭ كۆپ قوللانغان ئىسىم بۇ ئەسلىدىكى ئىسىم فامىلىنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ،لۇتپۇللا بۇ ئىسىمنى بىر پۈتۈن ئىجادىيەت ھاياتىدا قوللاندى ھەم بۇ ئىسىم بىلەن‹‹ يىللارغا جاۋاپ››،‹‹مۇھەببەت ھەم نەپرەت››قاتارلىق ئۆلمەس شېئىر داستانلىرىنى ئېلان قىلدى.
لۇتپۇللا ئەينى چاغدا ئوقىغان مەكتەپلەردە ياۋرۇپالىقلارنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ،ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئادىتى بويىچە ئىسىمىنىڭ ئاخىرىغائاتىسىنىڭ ئەمەس، چوڭ بوۋىسىنىڭ ئىسمىنى فامىلە قىلىپ قوللىنىدىغان بولغاچقا لۇتپۇللامۇ بۇ،تەسىر تۈپەيلى ئاتىسىنىڭ ئىسمى ھېزىمنى ئەمەس چوڭ بوۋىسىنىڭ ئىسمى مۇتەللىپنى فامىلە قىلىپ قوللانغان .ھەم چەتئەللەرگە ۋە قېرىنداش مىللەتلەرگىمۇ مۇشۇئىسىم بىلەن تۈنۈلغان.
قاينام ئۆركىشى-بۇ لۇتپۇللامۇتەللىپ ئىجادىيەتتە پىشىپ يىتىلىۋاتقان ھەم ئىجدىمائىي پالىيەتلەردە قايناق بىر باسقۇچقا كىرگەن مەزگىلىدە قوللانغان تەخەللۇس بولۇپ،لۇتپۇللامۇتەللىپ بۇتەخەللۇسنى 1939-يىلدىن1945-يىلغىچە ئۈرۈمچى ۋە ئاقسۇلاردا ياشىغان چاغلاردا يازغان شېئىرلىرىدا ئىشلەتكەن.
لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆتكۈر ئەپەندىم بىلەن يېقىن دوسلاردىن بولۇپ1941-يىلى نويابىردا ئۇلار تەخەللۇس ئالماشتۇرغان.لۇتپۇللامۇتەللىپ ئۆتكۈر ئەپەندىمگە‹‹ئۆتكۈر››دىگەن تەخەللۇسنى تەقدىم قىلغان.ئۆتكۈر ئەپەندىم بولسا،لۇتپۇللا مۇتەللىپكە‹‹قاينام››دىگەن تەخەللۇسنى تەقدىم قىلغان.بىراق لۇتپۇللا مۇتەللىپ‹‹قاينام››غا‹‹ئۆركىشى››نى قوشۇپ ‹‹قاينام ئۆركىشى››دىگەن تەخەللۇسنى ئىشلەتكەن. لۇتپۇللامۇتەللىپنىڭ ساۋاقدىشى ھەم يېقىن دوستى قازاقىستاندا ياشاپ ۋاپات بولغان ئەخمەتجان روزى ئۆزىنىڭ‹‹ ل.مۇتەللىپ ۋە مەن››دىگەن ئەسلىمىسىدە‹‹قاينام ئۆركىشى››دىگەن. تەخەللۇس توغرىسىدا مۇنداق يازىدۇ .لۇتپۇللامۇتەللىپ روسىيىلىك گىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتىگەتەرجىمان بولۇپ قەشقەرگە بارغاندا،قەشقەرنىڭ بىرچەت رايۇنىغا چۈشۈپتۇ شۇرايۇندا ناھايىتىمۇ تېزئاقىدىغان بىردەريابولۇپ،ئاجايىپ قايناملىرى بار ئىكەن .قاينام سۇلىرىنىڭ ئۆركەشلىرى دەرەخ بويى ئۆركەشلەپ تۇرىدىكەن.شۇ قاينامنى كۆرۈپ لۇتپۇللا ئۆزىگە‹‹قاينام ئۆركىشى››دېگەن تەخەللۇسنى قويۇپتىكەن. ( كىروران ژورنىلىنىڭ2007-يىللىق3-سانى)
گەرچە لۇتپۇللامۇتەللىپنىڭ‹‹قاينام ئۆركىشى››تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ،لىكىن بۇتەخەللۇس لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىچكى ھىسىياتى ۋە ئەمىلى پالىيىتىنىڭ يارقىن ئىپادىسى سۈپىتىدە كەڭ جامائەتچىلىككە تارقالغان. مەرھۇم يازغۇچى،مائارىپ تەتقىقاتچىسى ئابدۇللا تالىپ ئەپەندىممۇ ئۆزىنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتى،ئىجادىي پالىيىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بىئوگىرافك رومانى ‹‹قاينام ئۆركىشى›› گەلۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تەخەللۇسى بولغان قاينام ئۆركىشىنى ماۋزۇقىلغان بولۇپ جەمئيەتتە بەلگۈلىك تەسىز قوزغىدى ھەم بۇ تەخەللۇسنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىچكى ھىسىياتى ۋە ئەمىلى پالىيىتىنىڭ يارقىن ئىپادىسى سۈپىتىدە كەڭ جامائەتچىلىككە تارقىلىشىغا ھەم قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىشىغا ئاساس سېلىپ بەردى.
سەنئەت خۇمار-بۇ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ1941-يىلنىڭ ئاخىرىدىن1943-يىلنىڭ باشلىرىغىچە يازغان ئەدىبىيات-سەنئەتكەدائىر بەزى ئوبزور،ماقالىلىردا قوللانغان تەخەللۇس بولۇپ،لۇتپۇللا مۇتەللىپ1941-يىلى روسىيىلىك گىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتىگە تەرجىما بولۇپ جەنۇبى شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە بارىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قەشقەر سەھنىلىرىدە ئوينىلىۋاتقان، ‹‹چىمەنگۈل››دىراممىسىنى كۆرۈپ، بۇ، دىراممىنىڭ ئوينىلىش جەريانىدىكى ئارتۇقچىلىق،كەمچىلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش مەقسىتىدە‹‹چىمەنگۈل سەھنىدە››ناملىق بىر مۇلاھىزە ماقالىسى يازىدۇ . بۇ،ماقالە ھەم دىرامما ئاپتۇرىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى يۇشۇرۇش مەقسىتىدە‹‹ سەنئەت خومار ››دېگەن تەخەللۇس بىلەن شۇچاغدىكى قەشقەر گېزىتىدە ئېلان قىلىدۇ.كېيىن بۇ،تەكشۇرۈش ئەترىتىدىكى ۋەزىپىسىنى تاماملاپ شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىگە خىزمەتكە چۈشۈپ، بۇ، گېزتنىڭ‹‹ ئەدەبىيات گۈلزارى››بېتىگە مەسئۇل بولىدۇ.ھەم گېزىتتە ،ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ ‹‹تىياتىرنىڭ كېلىپ چىقىشى››،‹‹سەنئەتكە مۇھەببەت››…قاتارلىق ماقالىلارنى ئېلان قىلىدۇ.بۇماقالىلارنىڭمۇ ئاپتۇرىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىماي‹‹سەنئەتخۇمار›› تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلىدۇ.گەرچە ‹‹سەنئەت خۇمار›› دېگەن بۇ،تەخەللۇس لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ باشقا ئىسىم تەخەللۇسلىرىدەك كىشىلەر ئارىسىدا ئۇمۇملىشىپ كېتەلمگەن بولسىمۇ ،لىكىن ،لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەتكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى،ئاشىقانە مۇھەببىتىنى چۈشۈنىشىمىز ئۈچۈن بەلگۈلۈك ئىلمىي قىممەتكە ئىگەئىكەنلىگى بىلەن خارەكتىرلىنىدۇ.
پايدىلانغان ماتىرياللار
1. تۇرسۇن ئەرشىدىن: ‹‹تەڭرىتاغ دىيارىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇز››شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەرنەشىرياتى 1994-يىلى 10-ئايدانەشىر ى.
2.شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى:1997-يىللىق 4-سانى.

                                 

قارا تۇندىكى چاقماق- لۇتپۇللا مۇتەللىپ
ئاپتور: غالىپ بارات ئەرىك

لۇتپۇللا مۇتەللىپ 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا چاقماق كەبى چاقناپ قارا تۈننى يورۇتقان ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابىي شائىر، ئۇ ئاران 23 يىللا ياشىغان بولسىمۇ، تەبىئىي تالانتى بىلەن كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى (شېئىر، دىراما، فېليەتون…) خەلقنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت نەزەرىيەسىگە ئائىت ماقالىلىرى، سىزغان رەسىملىرى ۋە ئوپېرالاردىكى رول ئېلىش سەنئىتى تېخى تەتقىق قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئىجادىي ئەمگەكلىرى خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە .
تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىم يەنى 1980-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا دەرسلىك كىتابتىكى «ياشلىق ئۆگەن»، «يىللارغا جاۋاب»، «پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئارقىلىق تونۇشقان ئىدىم. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئاخىرلىشىپ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلىدا بارلىققا كەلگەن بۇ دەرسلىككە كىرگۈزۈلگەن يۇقىرىقى ئەسەرلەردىن چاقناپ تۇرغان ئىدىيە، جەڭگىۋارلىق مېنى تولىمۇ جەلپ قىلغان ئىدى. دېھقان ئائىلىسىدە چوڭ بولغان مەندەك سەھرا بالىسى ئۆتمۈش، كونا جەمئىيەت توغرىسىدا خەۋەرسىز بولغانلىقىم ئۈچۈن، خىيالى دۇنيانى رېئاللىق ئورنىغا قويۇپ كەلمەكتە ئىدىم. 1983-يىلى مەرھۇم ئابدۇللا تالىپ يازغان
  بىيوگىرافىك رومان «قاينام ئۆركىشى» نى ئوقۇتقۇچى تاغامدىن ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇپ، ئۆتمۈش تارىخىمىز توغرىسىدا دەسلەپكى چۈشەنچىلەرگە ئېرىشىپ رېئاللىققا يۈزلەنگەن ئىدىم. مانا شۇندىن بېرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ قەلب تۆرۈمدىن ئورۇن ئەلىپ كەلمەكتە، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى يىغىپ ئۇنىڭ ھايات كەچمىشلىرىنى چۈشۈنۈشكە تىرىشماقتىمەن .
لۇتپۇللا مۇتەللىپ توغرىسىدا ئىزدىنىش ۋە ئىجادىيەتلەر خېلى كۆپ بولدى. قازاقىستاندا گ. ئاۋۇتۇۋا خانىمنىڭ «لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىجتىمائىي مىراسى» تېمىدا دوكتور نامزاتى دىسسېرتاتسىيەسىنى ياقلىغانلىقى مەلۇم. ئېلىمىزدىن تۇرسۇن ئەرشىدىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقىنىغا ئوتتۇز يىل بولدى ھەمدە «لوتۇن»، «لۇتپۇللا مۇتەللىپ»، «تەڭرىتاغ دىيارىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇز»، «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى»، «ل.مۇتەللىپ» دېگەنگە ئوخشاش سەككىز-توققۇز كىتابىنى جامائەتچىلىككە تەقدىم قىلدى. مۆمىن مۇھەممىدى يازغان «شاۋقۇن» (رومان)، ژۇرنالىست ئەيسا يۈسۈپ يازغان «ئاقسۇدا 1945-يىل» (تارىخىي قىسسە) قاتارلىق كىتابلارمۇ ئۇنىڭ ھاياتىنى يۇرۇتۇپ بېرىشكە ئاتالغان. قازاقىستانلىق ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئەدىب خىزمەت ئابدۇللىن يازغان «لۇتپۇللا» ناملىق دىرامىسى سەھنىلەردە ئوينالغان. ئېلىمىزدە يەنە ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا «يىراقتىكى ئۇچقۇنلار» نامىدا فىلىم ئىشلەنگىنلىكى توغرىلىق ئۇچۇرلار بار. رايونىمىزدا ئۇنىڭغا ئاتالغان ناخشا-قوشاقلارمۇ ئېيتىلىپ كەلمەكتە. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى ۋاپاتىدىن كېيىن توپلام قىلىنىپ ئېلىمىز ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۇيغۇر، خەنزۇ، ئۆزبېك، رۇس تىللىرىدا نەشر قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇ ئىجادىيەتلىرى بىلەن، ش ئۇ ئا ر دا تۈزۈلگەن ئەدەبىيات تارىخلىرىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالدى ھەمدە ئۇنىڭغا «1930-ۋە 1940-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى تارىخىنىڭ دەۋر بۆلگۈچ ۋەكىللىرىدىن بىرى» [1]، دەپ باھا بېرىلدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن،
  يېڭى ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈپ، 1956-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى رەئىس ماۋزېدوڭ ئىمزا قويغان (شىنجاڭ 2-نومۇرلۇق) «ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بېرىلگەن شەرەپنامە» بېرىلگەن. «ئىنقىلابىي كۈرەشتە شەرەپ بىلەن قۇربان بولغان» [2]. لۇتپۇللا مۇتەللىپ توغرىلىق خېلى كۆپ ئەسەرلەر يېزىلغان بولسىمۇ، تۇرسۇن ئەرشىدىن ئەپەندىنىڭ كىتابلىرىدىن باشقىلىرى  ئاساسەن ئەدەبىي ئەسەرلەر بولدى. تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ كۆپ مۇشەققەتلەر بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتىنى ناھايىتى تەپسىلىي يورۇتۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىگە ئاپىرىن ئيتىمىز. مۇندىن ئون يىللار ئىلگىرى ئەلىمىزنىڭ چاۋشىڭ رەقەملىك كۇتۇپخانىسى (超星数字图书馆) دا مۇشتەرىلەرنىڭ كۆرۈشىگە قويۇلغان، ئاقسۇ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئارخىبلىرىدىن 1957-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى تەرجىمە قىلىنغان بىر خەنزۇچە قوليازما ماتېرىيالنى كۆرۈپ، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرى توغرىسىدا كۆپ ئويلىنىشلاردا بولدۇم. بۇ ماتېرىيالنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تەكشۈرۈشلەر ھەمدە گومىنداڭ ساقچى ئىدارىسىدىن قالغان ئارخىبلار ئاساسىدا يېزىلغانلىقىدا شۈبھە يوق. مانا، ئىنقىلابىي شائىرنىڭ ۋاپات بولغىنىغا 66 يىل، مۇشۇ مەنبە قوليازمىنىڭ ھازىرلارنىغىنىغىمۇ 54 يىل بوپتۇ. «دۇنيادا ئېچىلمايدىغان سىر يوق» دەيدۇ دانالار. مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ قەلب تۆرۈمدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابىي شائىرنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى بىر قانچە يىلىنى يۇقىرىقى ئىشەنچلىك يازما ئاساسىدا قىسقىچە تونۇشتۇرۇشنى بۇرچ دەپ قارىدىم .
ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرۈپ، «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە ئىشلەۋاتقان لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرى كۈنسېرى ئۆسۈۋاتقانلىقتىن، ئاقسۇدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» شۆبىسىگە باش مۇھەررىر ياردەمچىسى دېگەن نامدا سۈرگۈن قىلىنغان. بۇ ۋاقىت قانخور جاللاد شېڭ شىسەي ئۆزىنىڭ ئىلغارلىق نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيىتىگە ساداقەت بىلدۈرگەن ۋاقىت ئىدى. 1942-يىلى 8-ئايدا جياڭ جېشىنىڭ خانىمى سۇڭ مېيلىڭ ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن جۇ شاۋلياڭ، ۋۇ جوڭشىنلار بىلەن مەخپىي سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەلتۆكۈس ئۈزدى. شىنجاڭدا ئىشلەۋاتقان سوۋېت مۇتەخەسىسلىرىنى ۋە قۇمۇلنى ساقلاۋاتقان قىزىل 8-پولكنى شىنجاڭدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلىدى. ئەسلىدە ئۆزىنى كوممۇنىزمچى دەپ نىقابلاپ كەلگەن شېڭ شىسەي سوۋېت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزگەندىن كېيىن، گومىنداڭ پىرقىسىنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى شىنجاڭدىكى مۇھىم ئورۇنلارغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى، گەرچە شېڭ شىسەي داۋاملىق مىللىتارىستلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىش نىيىتىدە بولسىمۇ، گومىنداڭنىڭ جيۇچۇەندە تۇرۇشلۇق 19-گۇرۇپپىۋوي ئارمىيەسىنىڭ قۇمۇلغا كىرىشى بىلەن بۇنداق ئىمكانىيەتلەردىن مەھرۇم قالدى. 1943-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى گومىنداڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك پىرقىسى قايتىدىن رەسمىي قۇرۇلدى. بۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ ۋەزىيىتى تولىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن بولۇپ، شائىر نىمشېھىت يازغاندەك، ھەر بىر كىشىنى سەككىز-ئوندىن ئىشپىيون ماراقلايدىغان، ئىشپىيونلار ھەتتا دىلىڭىزدىكىنىمۇ يازالايدىغان [3] دەرىجىگە يەتكەن، ھەممە يەرنى ئاق تېررورلۇق قاپلىغان ئىدى. مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا يېڭىدىن كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان شائىر، پائالىيەتچان ياش لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرى نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ ئاقسۇغا نامدا خىزمىتى يۆتكەلگەن، ئەمەلىيەتتە پالانغان. ئۇ كېچىككەندىمۇ 1943-يىلى 11-ئايدا ئاقسۇغا يېتىپ بېرىپ ئىشقا چۈشكەن، بۇنى ئۇنىڭ شۇ يىلى 11-ئايدا ئاقسۇدا يازغان «ھەسەن-ھۈسەن» دېگەن شېئىرى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاقسۇدا گومىنداڭ پىرقىسىنىڭ كۈچى ئاشقان، ئۇلار ھەر قايسى ئىدارە-جەمئىيەت ۋە يېزا قىشلاقلارغىچە گومىنداڭ پىرقىسىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ ئىشپىيونلۇق تورىنى يايماقتا ئىدى. ئىدارە-جەمئىيەتلەردىكى ماركىسىزىمغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى يىغىۋېلىش بىلەن بىرگە، «كوممۇنىزم دىننىڭ دۈشمىنى» دېگەنگە ئوخشاش كىتابلارنى تارقىتىپ، مۇسۇلمان ئاممىسى بىلەن كوممۇنىستىك ئاڭ ئارىسىغا دۈشمەنلىك ئۇرۇقىنى چاچقان ئىدى. گومىنداڭ پىرقىسىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كومىتېتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىشپىيون-جاسۇسلىرىنى تۆت-بەش ھەسسە كۆپەيتىپ، چوڭراق ناھىيەلەردە بەشيۈزدىن، كىچىكرەك ناھىيەلەردە ئۈچيۈزدىن ئاشۇرۇۋەتكەن. مەكتەپلەردىكى سوۋېتتا بېسىلغان دەرسلىكلەرنى ئىشلىتىشنى چەكلەش بىلەن بىرگە ئىلغار پىكىرلىك ياشلار ۋە سودىگەرلەرنى تۇتۇش، قاماشنى جىددىيلەشتۈرۈىۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى، شۇ ۋاقىتتا گومىنداڭ پىرقىسىنىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى چىققانلاردىن ئاقسۇدا يۈسۈپجان توختى ھاشىموف، تەۋەككۈل يۈسۈپ، ھەسەنوف، ھامۇتقارى، مەمتىمىنجان؛ تۆمۈر ئوچاق ياسايدىغان يۈسۈپجان، تىككۈچى سادىق ئاخۇن قاتارلىقلارنىڭ تۇتۇلغانلىقى ناھايىتى مۇھىم پاكىتلاردۇر. تۇتۇلغانلارنىڭ كۆپى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ قايتقان، بەزىلىرى سوۋېتقا سودا ئىشلىرى بىلەن چىقىپ قايتقانلار ئىدى. يەنە سوۋېت بىلەن سودا ئالاقىسى بار
  سادىق ھاجى،   ئۇچتۇرپانلىق مەمتىلى، تۇراخۇن خەلپەت، ئىبراھىم   سەلىمجان (قىرغىز)، ئۇندىن باشقا سوۋېتتىن كەلگەن ئىمىن روزىيۇف، ئابدۇللا قاتارلىقلارمۇ تۇتۇلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە مەمەت سادىق ھاجى، تومۈر ئوچاق ياسايدىغان يۈسۈپجان، توختى ھاشىموف، ھامۇتقارى، مەمتىمىنجانلاردىن باشقىلىرى 1945-يىلى ئۆلتۈرۈلگەن .
مەن كۆرگەن يۇقىرىقى يازما مەنبەدە 1943-يىلى 6-ئايدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇدىكى گېزىتخانىغا باش مۇھەررىر ياردەمچىسى (تۇرسۇن ئەرشىدىن ياردەمچى مۇھەررىرلىك، دەپ يازغان) خىزمىتىگە ئەۋەتىلگەن، دېيىلگەن. شائىر ئەرمىيا ئېلىنىڭ 1970-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى يازغان «مەن ئەرمىيانىڭ تەرجىمىھالى» دا يېزىلىشىچە، 1942-يىلى 5-ئايدا ئاقسۇ «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ مۇھەررىرى تۇرسۇن ياسىننى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېتىپ، بۇ گېزىتخانىدا ئۆزى يالغۇز قالغان. «1943-يىلى 9-ئايلاردا ئۈرۈمچىدىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنى تۇرسۇن ياسىننىڭ ئورنىغا تەھرىر قىلىپ ئەۋەتتى. 1945-يىلى 3-ئايغىچە لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىرگە ئىشلىدۇق» [4]. مۇشۇ ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇغا 1943-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرى ياكى 10-ئاينىڭ باشلىرىدا يېتىپ بېرىپ خىزمەتكە چۈشكەن بولسا كېرەك. ئۇ ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغا كەلگۈچە بولغان يولدا جاي ناملىرى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئۆگەنگەن ھەمدە سەپەر ھاسىلاتلىرىدىن «يۇلغۇنلۇقتا» ناملىق ھېكايىسىنى يېزىپ ئېلان قىلغان. ئۇ ئاقسۇدا خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن «ئاقسۇ گېزىتى» دە «جەنۇب شامىلى» ناملىق بەتنى تەسىس قىلىپ، ئاپتورلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، گېزىتنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتكەن. «ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق» قاتارلىق ئىنقىلابىي ئەسەرلىرىدىن بىر قىسمىنى شۇ بەتتە ئېلان قىلغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇغا كەلگەندىن كېيىن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش، ئىجادىيەتچىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ھەم يېتەكلەش جەھەتتىن خېلى خىزمەتلەرنى ئىشلەپ قالماستىن، سانايى نەپىس ئىشلىرىغىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ «غېرىب-سەنەم»، «تاھىر-زۆھرە»… قاتارلىق ئوپېرا-دىرامىلارنى سەھنىلەشتۈرگەن ۋە رېژىسسور، دېكراتسىيە ئىشلىگۈچى، رول ئالغۇچى بولغان. «غېرىب-سەنەم» ئوپېراسى ئاقسۇ ۋە ئونسۇ
  سەھنىلىرىدە كۆپ قېتىم ئوينالغان، ئۆزى يەنە غېرىبنىڭ رولىنى ئالغان. سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈپلا قالماستىن، زىيالىيلار ۋە كەڭ ئاممىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتۈرگەن. ئۇنىڭ ئىناۋىتىنىڭ ئۆسۈشى ساقچى ئىدارىسىنىڭ نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىگە سەۋەب بولغان. ئەمەلىيەتتە، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇغا يۆتكەلگەندە، ئۈرۈمچىدىكى ساقچى تارماقلىرى ئۇ توغرىسىدا توپلىغان نۇرغۇن ماتېرىياللىرىنى ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسىگە يوللىغان بولغاچقا، ئىزچىل نازارەت قىلىپ كېلىنگەنىدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىجادىيەت، ئىش-پائالىيەتلىرىگە بولغان نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ساقچى ئىدارىسى نازارەتچىلەرنى كۆپەيتكەن، كۆپەيتىلگەنلەر ئىچىدە ئاقسۇ گېزىتخانىسىدىن x (ئۇنىڭ شۇ تارىخىي شارائىتتا قانداق سەۋەب بىلەن ساقچىلارغا مەلۇمات يوللىغانلىقى بىزگە قاراڭغۇ، شۇڭا ئۇ كىشىنىڭ نام شەرىپىنى تىلغا ئېلىشنى لايىق كۆرمىدۇق)، ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئويۇشمىسىدىن كەلپىنلىك ئىمىن نىياز، گېزىتخانىدىن يەنە يۈسۈپ قارى بار بولۇپ، يۈسۈپ قارىدىن باشقىلار كۆز–قۇلاق بولۇپ مەلۇمات يوللاپ تۇرغان. يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە كۇچارلىق ئابلىمىت بۇرۇن دائىملا لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئارقىسىدىن پايلىغان. ئاياللارنىڭ ئىچىدىن مەسۇمبەگنىڭ خوتۇنى (لۇتپۇللا مۇتەللىپ تۇرغان ئۆينىڭ ئىگىسى) مەرىخان، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ خوتۇنى سوفىيە بايىزلار ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىپ، دائىم ساقچى ئىدارىسىگە ماتېرىيال يوللاپ تۇرغان . X نىڭ شۇ ۋاقىتتىكى مەخپىي نامى «ئەپەندى»، ئىمىن نىيازنىڭ بولسا «تېلىگىرامما» ئىدى. يۈسۈپ قارى ماتېرىيال يوللىمىغانلىقتىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ھەمدە لۇتپۇللا مۇتەللىپلەر بىلەن بىرگە ئۆلتۈرۈلگەن. دارىلمۇئەللىمىننىڭ 24-سىنىپىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىرگە ئوقۇغان، كېيىن ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسىدا ئىشلىگەن ئىمىن ئاقۇپنىڭ ئەسلىشىچە، شۇ چاغدا گېزىتخانىدا «ئەپەندى»، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىدا «كاڭجيەن» (ياسىن ئەزىز)، جەمئىيەتتە «گاڭبى» (ھېكىم نۇر) قاتارلىقلار لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇغا كېلىشتىن بۇرۇن، ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسى ئەۋەتكەن «لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئايرىم دېلوسى» غا ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان [5]. ئېيتماق ھاجەتكى، تۇرسۇن ئەرشىدىن ئەپەندىنىڭ سوفىيە بايىز ۋە باشقىلاردىن ئىگىلىشىچە، ئۇلار توي قىلىپ «ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي سوفىيە ساقچى باشلىقى مېڭ دوڭچاۋ تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ تېرگاۋ قىلىندى. بۇ ئىش لۇتپۇللا مۇتەللىپتىن يوشۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. چۈنكى دەل ئەنە شۇ چاغلاردا گومىنداڭ ساقچى رازۋېدچىكلىرىنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۈستىدىكى نازارىتى كۈچەيتىلگەنىدى. سوفىيە ساقچى باشلىقىدىن ئىبارەت بۇ قورقۇنچلۇق ھەم دەھشەتلىك كىشىنىڭ تەھدىتى، ئالداپ ئازدۇرۇشلىرىدىن تولىمۇ يۈرەكزادە بولدى. ئۇنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۈستىدىن مەلۇمات بېرىپ تۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ۋە بۇيرۇقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بەدەنلىرى شۈركۈنۈپ، يۈرىكى ئورنىدىن قوزغىلىپ كېتەيلا دەپ قالدى [6]. لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن توي قىلغاندا سوفىيە بايىز ئاران ئون ئالتە ياشتا بولۇپ، ساقچى ئىدارىسىنىڭ تەھدىت ۋە بېسىمى ئاستىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ توغرىسىدا ساقچى ئىدارىسىگە مەلۇمات يوللىغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن سوفىيە بايىزنىڭ تويى ئەرمىيا ئەلىنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن، لۇتپۇللا مۇتەللىپكە ئۇيغۇر ئويۇشمىنىڭ باشلىقى قادىر ۋاڭ، سوفىيە بايىزغا ئەرمىيا ئەلى ئاتا بولغان، بۇ تويمۇ ساقچى ئىدارىسىنىڭ سۈيقەستلىرى (ئۇنى كېچە كۈندۈز نازارەت قىلىشنى پىلانلىغان بولۇشى مۇمكىن) سىڭگەن ھالدا بولغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن سوفىيە بايىزنىڭ تويىنىڭ ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى شۇ ۋاقىتتىكى ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسىدا ئىشلىگەن ئىمىن ئاقۇپنىڭ ئەسلىشى بويىچە ئالغاندا، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھەر بىر ئىش-ھەرىكىتى ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسىدىن ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىگە يوللىنىپ تۇرغان، ئۆلكىلىك ساقچى «ئىدارىسىدىن سىلەر پەقەت كۈندۈزدىكى ئىش ھەرىكىتىنىلا نازارەت قىلىپسىلەر، ئۇنىڭ كېچىدە نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيسىلەر، شۇڭا كېچىسىمۇ نازارەت قىلىڭلار» دېگەن يوليورۇقىغا ئاساسەن ئاقسۇ قىزلار پېداگوگىكا مەكتىپىدىن سوفىيە بايىزنى نامزاتلىققا تاللىغان. سوفىيە بايىز شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن بايىز تۇردىنىڭ قىزى بولۇپ، ھېكىم نۇر تونۇشتۇرغۇچى بولۇش بىلەن بىرگە لۇتپۇللانى كۆپ قېتىم توي قىلىشقا دەۋەت قىلغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ توي قىلغۇدەك پۇلى يوقلۇقىنى ئېيتسا، ھېكىم نۇر ساقچى ئىدارىسىگە مەلۇم قىلىپ، پۇل ئېلىپ كېلىپ تويۇڭغا ياردىمىم دەپ بەرگەن [7]. ئومۇمەن ئالغاندا، لۇتپۇللا مۇتەللىپ سوفىيە بايىز بىلەن توي قىلغاندىن باشلاپ كېچە-كۈندۈز ئىدارە، تالا-تۈز ۋە ئۆيىدە نازارەت قىلىنىپ تۇرغان .
لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھەققىدىكى ماتېرىيال بىۋاسىتە گومىنداڭ
  ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە بۆلۈم باشلىقىغا يوللىنىپ تۇرغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ خوتۇنى سوفىيە بايىز بىۋاسىتە ساقچى باشلىقى مېڭ دوڭچياۋغا يەتكۈزگەن ۋە بىۋاسىتە ئۇنىڭدىن كۆرسەتمە ئالغان، گاۋ فۇتوڭ تەرجىمانلىق قىلغان. ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسى لۇتپۇللا مۇتەللىپنى 1944-يىلى 5-ئايدا تۇنجى قېتىم تۇتۇپ ھەپتە قامىغاندىن كېيىن قويۇۋەتكەن .
لۇتپۇللا مۇتەللىپلەر «غېرىب-سەنەم» ئوپېراسىنى سەھنىلەشتۈرگەندىن كېيىن كەڭ ئاۋامنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، شۇڭا كۇچار قاتارلىق ناھىيەلەرگە بېرىپ قويماقچى بولغان، غېرىبنىڭ رولىنى ئالغان
  لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ناھىيەلەرگە بېرىپ ئويۇن قويۇش پۇرسىتىدە قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن  ساقچى ئىدارىسى، گېزىتخانىنىڭ خىزمىتى ئالدىراش دېگەننى باھانە قىلىپ ناھىيەلەرگە بېرىشىغا يول قويمىغان، كېيىن ئۇنى ساقچى ئىدارىسى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ كەنجى لېيتېنانت (شاۋۋېي) دەرىجىلىك مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقلىقىغا تەيىنلىگەن ۋە ساقچى فورمىسى بەرگەن. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قانداقلارچە ساقچى ئىدارىسى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولۇپ قالغانلىقى توغرىلىق ئىمىن ئاقۇپ ئەسلەپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مېڭ دوڭچاۋنىڭ خەنزۇلار مۇھىتىدىن ئېلىنغان بىر ئۇزۇن ھېكايىنى سۆزلەپ دەرھال ھەپتە ئىچىدە سەھنە ئەسىرى قىلىپ ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇغانلىقى (نەق مەيداندا پىچانلىق ئىمىن ئاقۇپ، تۇرپانلىق مۇھەممەد ئەرشىدىن، قەشقەرلىك قاسىم ۋە تەرجىمان زۇنۇن قاتارلىقلار بار)، ئۇنىڭ ئەتىسى يۇقىرىقى ھېكايىنى «نۇرلۇق يولغا قەدەم» دېگەن تېمىدا سەھنە ئەسىرى قىلىپ يېزىپ كەلگەنلىكى، مېڭ دوڭچاۋنىڭ مەمنۇن بولغانلىقى، ئۇندىن كېيىن ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ «لۇتپۇللا مۇتەللىپ سەككىز يىللىق قاماققا ئېلىنسۇن» دېگەن بۇيرۇقىنى كۆرسىتىپ، ئەگەر ساقچى ئىدارەسىنىڭ سەنئەت ئۆمىكىگە يېتەكچىلىك قىلسا قاماققا ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى ماقۇل كەلتۈرگەن[8].  ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مېڭ دوڭچياۋ ئۆز ئېغىزى بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ناھىيەلەرگە ئويۇن قويغىلى بېرىشتىن پايدىلىنىپ قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى ئېيتقان. زومېڭ (زۇنۇن) ۋە دوڭ گۇاڭكەيلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ساقچى ئىدارىسىدە بۆلۈم باشلىقى دەرىجىسى بېرىلگەن بولسىمۇ، بۆلۈمگە بېرىپ ئىشلىشىگە يول قويۇلمىغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ناھىيەلەرگە بېرىپ ئويۇن قويۇشىغا يول قويۇلمىغان، لېكىن  ساقچىنىڭ سەنئەت ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋەزىپىسىگە قويۇپ، ئەتراپىغا جاسۇسلانى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ماتېرىيال توپلىغان، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاتالمىش ئارتىسلار جاسۇس بولۇپ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىشقا، ناخشا ئېيتىشقا تەكلىپ قىلىشىپ يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ زىيادە نازارەت قىلىپ تۇرغان. ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئارتىس نامىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان جاسۇسلاردىن بەزىلىرى ھەتتا ئۇنىڭ قەلبىنى ئۇتۇشقا يەنى مۇھەببەتلىشىشكە ئۇرۇنغان، دائىم ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماق ئېتىپ يېيىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنغان، لېكىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇلارغا نورمال مۇئامىلە قىلىپ تاپتىن چىقىدىغان ئىشلارنى قىلمىغان. كېيىن ساقچى ئىدارىسى ئۇنىڭ زىناخورلۇق ياكى تاپتىن چىققان ئىشلىرىنىڭ بار يوقلۇقىنى مەخسۇس تەكشۈرگەن بولسىمۇ، ھېچقانداق ناشايان قىلمىشى بايقالمىغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇ ھەقتە ماتېرىيال يىغقان ئارتىس خوتۇن-قىزلاردىن خەرنىسا (ئېردېشىڭ)، زورەم (سۇزوپېي)، زۆھرە (زولىجەن)، خەيىرنىسا (خەيلىشىڭ)، ھاۋاخان، ئايشەم، دۆۋلەتخان، ئايتۇرسۇن، گۈلسۈم، روزىخان قاتارلىقلار بار. ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىشلىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ روھىيىتىگە قاتتىق زەربە بەرگەنلىكتىن، بۇ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ رېپېتىتسىيە ئىشلىرىغا كۆپ قاتناشمىغان، ئىككى يانچۇقىغا قولىنى سېلىپ ئۇيان–بۇيان مېڭىپ يۈرگەن، بەزىدە مۆيدىن جۈجاڭ دېگەن كىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ساز چالغان .
1944-يىلى 10-ئايدا «تاھىر–زۆھرە» ئوپېراسىنى رېپېتىتسىيە قىلىشقا باشلىغان، 11-ئايدا بىر تەرەپتىن رېپېتىتسىيە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن دېكراتسىيەسىنى سىزغان. بۇ ئوپېرا 12-ئايدا سەھنىدە ئوينالغان، لۇتپۇللا مۇتەللىپ تاھىرنىڭ رولىنى ئالغان. دىرامىنىڭ تەسىرى ناھايىتى ياخشى بولغانلىقتىن ئاۋات ۋە ئۇچتۇرپان ناھىيەلىرىگىمۇ بېرىپ ئورۇنلانغان .
لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلار گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلاشقان زۇلۇمىنى ئاغدۇرۇپ خەلقنى پاراۋان تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش، جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا يېقىندىن ماسلىشىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن، 1945-يىلى 4-ئايدا دوستلىرى بىلەن «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» دېگەن تەشكىلاتنى قۇرغان. مۇنىرىدىن خوجا تەشكىلاتنىڭ باشلىقى بولغان، بۇ ۋاقىتتا لۇتپۇللا مۇتەللىپ ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە بولغانلىقتىن سىرتتىن ياردەم قىلغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ 5-پولكتىكى ئودىلكوم (ئوتدىلىنىيە كومانىدىرى، بەنجاڭ) ئوسمانجان (ۋۇجەنگوڭ) قاتارلىق بەزى ئىلغار پىكىرلىك ياشلارنى تەشكىلاتقا تارتقان. ئوسمانجان لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، ئۆز-ئارا دوستلاشقان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇنىڭغا ئۆزلىرى قۇرغان گومىنداڭغا قارشى تەشكىلاتقا قاتنىشىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما ئىلتىماس يېزىپ ئىمزا قويۇشنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئارمىيە ئىچىدە ئەزا كۆپەيتىشكە ياردەملىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كېيىن ئۇ پولكنىڭ ئات دوختۇرى مۇسا ئەلىنى تونۇشتۇرغان. مۇسا ئەلى (قازاق) تەشكىلاتقا كىرىپ ئۇزۇن بولماي قولغا ئېلىنىپ ئۈلتۈرۈلگەن. شۇ يىلى 7-ئايدا ئوسمانجان ئۆز ئوتدىلىنىيەسى بىلەن مۇزداۋاندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ يەنە خاچېڭ (ئودىلكوم) ئوتدىلىنىيەسى قاتارلىق ئالتە ئوتدىلىنىيە مۇزداۋاندا تۇراتتى، ئوسمانجان خاچېڭغا كۆپچىلىك بىرلىكتە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش تەكلىپىنى بېرىپ، سىزنىڭ بىر ئوتدىلىنىيە، مېنىڭ بىر ئوتدىلىنىيە كىشىلىرىم بار، بىرلىكتە قوزغىلاڭ كۆتۈرەيلى، دەيدۇ، لېكىن خاچېڭ رەت قىلىدۇ. مىللىي ئارمىيە مۇز داۋانغا يېقىنلاشقاندا، ئۇلار ئاقسۇغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن. ئوسمانجان يەنە خاچېڭغا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ رەت قىلغان. ئۇلار يەنە مۇز داۋانغا ئەۋەتىلگەن بولۇپ يولدا كېتىۋېتىپ، ئوسمانجان بىر ئەسكەرنى مىللىي ئارمىيە بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئەۋەتكەن، بۇ ئەسكەرنىڭ ئىسمى ئابدۇللا بولۇپ باي ناھىيەسىدە قارىبەگ دېگەن باۋجاڭ تۇتۇۋېلىپ گومىنداڭ ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ باشلىقى جاۋ خەنچىڭ ئۇنى سوراق قىلغاندا، ئۇ قورقماستىن «ئىلى تەرەپكە ئۆتۈپ، ئۇلارنى باشلاپ كېلىپ كاللاڭنى ئالغىلى ماڭغان، ھازىر سەن مېنى تۇتۇۋالدىڭ، قانداق قىلساڭ شۇنداق قىل» دېگەن.
  بۇ ۋەقەلەر 1945-يىلى 8-ئايدا بولغان. 8-ئاينىڭ ئاخىرى مىللىي ئارمىيە مۇز داۋانغا كەلگەندە ئوسمانجان ئوتدىلىنىيەسىنى باشلاپ مىللىي ئارمىيە تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن .
«ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» پىلان، نىشانى بولغان تەشكىلات بولۇپ ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىگە ماسلىشىپ، خەلقنى گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلاتتى، شۇنداقلا پۈتۈن جۇڭگونىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. ئۇلار ئىنقىلابىي ئىدىيەگە ئىگە ياشلارنى تەشكىلاتقا قوبۇل قىلغان، بۇلاردىن يۈسۈپجان، تەۋەككۈل، يۈسۈپجان ئابدۇكېرىم، ئارىپوف قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. يۈسۈپجان باي ناھىيە ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، ئۇيۇشمىدىكى ھامۇت ئەزىزنى، ھامۇت ئەزىز
  ھاكىم ھېكىم نۇرنى قوبۇل قىلغان. ھامۇت ئەزىز ئۇيغۇر ئويۇشمىسىغا باشلىق ۋاقتىدا  ھاكىم ھېكىم نۇر ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن ئىدى. ھاكىم بۇ ئىشلارنى ئۇققاندىن كېيىن ساقچى 2-بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خا يىۋېنغا مەلۇمات يوللىغان. «مەن ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىغا قوبۇل قىلىندىم، مەن سىلەرنى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيمەن، مەن ھاكىم بولغاندىن كېيىن ھېچقانداق نەتىجە ياراتمىدىم، ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن ماتېرىيال توپلاپ سەمىمىيىتىمنى بىلدۈرسەم»، دەپ دوكلات يازغان. كېيىن بۆلۈم باشلىقى خا يىۋېن ئۇيغۇرچە بىر پارچە خەت يېزىپ، ياسىن ئەزىزدىن ئەۋەتىپ بەرگەن. خەتتە «سىز ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىغا كىرسىڭىز بولىدۇ، دائىم بىزگە ماتېرىيال يوللاپ تۇرۇڭ، قانچىلىك پۇل لازىم بولسا بېرىمىز»، دېيىلگەن ئىدى. ياسىن ئەزىز خەتنى ھاكىمنىڭ ئۆيىگە ئەلىپ بارغاندا، ھاكىم ئابدۇللا داۋۇت، مامۇت ئەزىز، يۈسۈپجان قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ شاراب ئىچىۋاتقان ئىكەن. ياسىن ئەزىز ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، يۈسۈپجان يالغاندىن مەست بولۇۋېلىپ كارىۋاتتا ياتقان ئىكەن. ياسىن ئەزىز ھاكىم قۇيۇپ بەرگەن بىر رومكا ھاراقنى ئىچىپ بولۇپ، يېنىپ ئىشىك ئالدىغا چىققاندا ھاكىممۇ چىقىپ ساقچى ئىدارىسىىنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. ئۇ خەتنى كۆرۈپ بولۇپ ياسىن ئەزىزگە «ماڭا پۇل لازىم ئەمەس، مەندە پۇل بار، پەقەت خىزمەت قىلدىم، ئازراق كۈچ چىقاردىم، بۇندىن كېيىن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرايلى، بۇندىن كېيىن سىز بىر ئادەملا كېلىڭ، باشقىلار كەلمىسۇن، بولمىسا باشقىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويىمىز»، دېگەن. شۇندىن كېيىن  ھېكىم نۇر دائىم ماتېرىيال يوللاپ تۇرغان، ئۇ يوللىغان مەلۇماتلارنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق
  1) تەشكىلات قۇرۇش توغرىلىق مۇزاكىرەنىڭ مەزمۇنى .
2) تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلىدىغان ۋاقتى ۋە ئورنى (قىزىل كۆۋرۈكنىڭ سىرتىدىكى ئورمانلىق
3) تەشكىلاتنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ ئەھۋالى، تەشكىلاتنىڭ نامى ۋە تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالى، جۈملىدىن تەشكىلاتنىڭ «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئىكەنلىكى، مۇنىرىدىن خوجىنىڭ سېكىرىتار، ئابباسوف يۈسۈپجاننىڭ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى، كەسىف ئىۋان (رۇس) نىڭ كاتىب،
  ئۆزىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى، ئوسمان مۇھەممەد تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ كاتىپى، ئابدۇللا داۋۇتنىڭ تارىخ تەتقىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى ئىكەنلىكى، بۇ تەشكىلاتقا سىياسىي جەھەتتىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقى، يەنە ئابدۇللا روزىنىڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلغان .
4) يەنە مۇشۇ تەشكىلاتتىكى 5–پولكنىڭ ئات دوختۇرى مۇسا ئەلىنىڭ ئەھۋالى .
5) تەشكىلاتنىڭ مۇددىئاسى، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزا كۆپەيتمەكچى بولغانلىقى، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئىلى ئىنقىلابىغا ياردەم قىلىپ، ئاقسۇنى ئازاد قىلىش قاتارلىق سىياسىي ئەھۋاللار .
6) 15 كۈن ئۆتكەندە ساقچى ئىدارىسىگە مەلۇمات يوللاپ، ئۇلارنىڭ گۇمانلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى سەۋەب قىلىپ، 11 ~ 12 ياشلاردىكى سىڭلىسى پاتەمنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ماتېرىيال يوللىغان. كېيىن بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغانلىقى، 1-قېتىم يىغىن ئاچقانلىقى، تەشكىلاتنىڭ پىلانى، يىغىندا بۆلۈم باشلىقلىرىدىن باشقا مال دوختۇرخانىسىنىڭ ئادىمى ئەلى ئاخۇن، يۈسۈپ قاتارلىقلارنىڭ بارلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى دوكلات قىلغان. ھاكىم ئۇچتۇرپانغا بېرىپ ئابدۇكېرىم ئايۇپوف، تەۋەككۈل يۈسۈپ قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلغان، قادىر ئېلى (ئەرمىيا ئېلىنىڭ ئىنىسى) نى تېپىپ خىزمەت پىلانىغا ئىمزا قويدۇرغان .
«ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» نىڭ باشتىكى ئەزالىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن خوجا، (سېيىت) ئابباسوف، يۈسۈپجان، ئابدۇللا داۋۇت، ھۈسەيىنوف، ئوسمانجان مۇھەممەت، ئەلى ئاخۇن (مال دوختۇرى)، مۇسا ئەلى (مال دوختۇرى)، ئابدۇللا روزى، تەۋەككۈل يۈسۈپوف، ئابدۇكېرىم ئايۇپوف، ئىۋان، قادىر ئەلى، ئىبراھىم ئىدرىس، ئابدۇرەھىم مۇھەممەت، بىلال ئەزىزى، جالالىددىن ئاخۇن، مەۋلانجان تۇردى، رەھمەت يۈسۈپ، ئوسمان قاسىم، ئوسمان يۈسۈپ .
ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقىدىكى ئەزالارنىڭ قولغا ئېلىنىشى
  
«ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرىنى بەلگە قىلغان ھالدا ئىنقىلابىي ياشلار بىر قانچە تۈركۈمگە بۆلۈپ قولغا ئېلىنغان. ئەڭ ئالدى بىلەن مۇسا ئەلى، 2-قېتىمدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ، 3-قېتىمدا بىلال ئەزىزى، 4-قېتىمدا مۇنىردىن خوجا، 5-قېتىمدا باشقا ئەزالار قولغا ئېلىنغان. «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىنىشىدا، مۇشۇ تەشكىلاتنىڭ تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى بولۇۋالغان ئاقسۇ كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ قورچاق ھاكىمى ھېكىم نۇر ئالاھىدە «چوڭ خىزمەتلەرنى» ئىشلىگەن. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا تەشكىلاتنىڭ بارلىق ماتېرىياللىرىنى تەمىنلەش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى قولغا ئالىدىغان پەيتنىمۇ بېكىتىپ مەلۇم قىلغان. يۇقىرىقى تۆھپىلىرى ئۈچۈن يىگىرمە مېڭ سوم مۇكاپات ئالغان. ھېكىم نۇر ئۆزىنىڭ خائىنلىقىنىڭ خەلق تەرىپىدىن سېزىپ قېلىنىشىدىن قورقۇپ ئۆزىنىمۇ قولغا ئېلىشنى تەلەپقىلىپ، ئەۋزەل شارائىتلىق تۈرمىدە بىر ئاي ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك يېتىپ، ئۆزىنى نىقابلاپ، تارىخنىڭ سورىقىدىن قاچماق بولغان بولسىمۇ، «ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك» بولغانلىقتىن تارىخنىڭ سورىقىدىن قۇتۇلالمىغان ۋە ئازادلىقتىن كېيىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. يۇقىرىقى ماتېرىيالدا «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرىنىڭ قولغا ئېلىنىش ئەھۋالى قىسقىچە بايان قىلىنغان .
ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ بىر يېرىم ئاي بولغاندا 5-پولكنىڭ مال دوختۇرى مۇسا ئەلى قولغا ئېلىنغان. 7-ئايدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ قولغا ئېلىنغان. 3-قېتىمدا ئاقسۇ كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى بىلال ئەزىزى ساقچى ئىدارىسىدە بىر قانچە كۈن نازارەت قىلىنغاندىن كېيىن رەسمىي قولغا ئېلىنغان. بىلال ئەزىزىنىڭ قولغا ئەلىنغاندىكى ئەھۋال مۇنداق: ئەينى ۋاقىتتىكى ئاقسۇ ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ
  خادىمى ئۆمەر بىلال ئەزىزگە «ئىككىمىز ئىلگىرى ساۋاقداش ئىدۇق، شۇڭا بۇرۇندىنلا تونۇشىمىز، ئىلگىرى ھەممىمىز ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئىدۇق، ھازىر نۇرغۇنلىغان يولداشلىرىمىز قولغا ئەلىندى. بىز دائىم لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن ئىنقىلاب مەسىلىلىرىنى سۆزلىشەتتۇق، ھازىر ئۇ قولغا ئېلىندى، سەنمۇ ئويغۇنىشىڭ كېرەك، بۇ ژۇرناللارنى كۆپرەك كۆر»، دەپ 4-5 پارچە «شەرق ھەقىقىتى» ژۇرنىلىنى بەرگەن، ئۇندىن كېيىن ئۇنىڭغا ژۇرناللارنى ساقچى ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىر پارچە ماتېرىيال يېزىپ ئىلگىرى خاتا قىلغانلىقىنى ئېيتسا، ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۇنى قولغا ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىلال ئەزىزى ماتېرىيال يېزىپ ژۇرناللار بىلەن بىرگە ئاقسۇ ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىگە تاپشۇرغاندىن كېيىن ئۇنى ئاقسۇ ساقچى ۋىلايەتلىك ئىدارىسىگە يۆتكەپ ئاپىرىپ نازارەت قىلىپ ئون نەچچە كۈندىن كېيىن قولغا ئالغان .
8-ئايدىكى بىر يەكشەنبە كۈنى ھېكىم نۇر ساقچى ئىدارەسىگە كېلىپ ئۇلارنى تۇتىدىغان ۋاقىتنىڭ بولغانلىقىنى ئېيتقان، شۇندىن كېيىن ساقچى ئىدارەسىنىڭ باشلىقى كوناشەھەر ناھىيەسىگە چىقىپ ئىنقىلابىي ياشلارنى تۇتۇشقا بۇيرۇق قىلغان. ھېكىم نۇر نۇرغۇن ئادەمنى ئاشكارىلىغان. ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇئاۋىنىنى ئەۋەتىپ ياردەملەشتۈرگەن. ھېكىم نۇر ئۇلارغا «سىلەر ماڭغاندا مەندىن يىراقراق يۈرۈڭلەر، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مۇنىرىدىن خوجا ساتىراشخانىدا چاچ ياسىتىۋېتىپتۇ، ئاۋۋال ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۆرۈپ باقايلى، ئەگەر ئۆيىدە بولمىسا قاۋاس ساتىراشخانىسىغا بېرىپ قاراپ باقايلى، سىلەر ئاۋۋال بېرىپ ساتىراشخانىنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇڭلار، مەن كىرىپ كەتكەندىن كېيىن سىلەر ئەگىشىپ كىرىڭلار، ئاۋۋال ئۇنىڭ يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇپ خىزمەت پىلانىنى قولغا چۈشۈرۈڭلار، شۇنىڭ بىلەن ئىش تامام»، دېگەن. يۇقىرىقى گەپلەرنى ئېيتىپ بولۇپ ھېكىم نۇر ئاۋۋال مۇنىرىدىن خوجىنىڭ ئۆيىگە، ئۇندىن كېيىن قاۋاس ساتىراشخانىسىغا بارغان. ساتىراشخانىغا كىرىشتىن بۇرۇن قول ئاستىدىكىلەرگە «مەن ئۇنى چىققىلى قويماي تۇتۇپ تۇرىمەن، سىلەر مۇنىرىدىن خوجىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئاختۇرۇڭلار، ئەگەر خىزمەت پىلانىنى تاپالىساڭلار دەرھال ئېلىۋېلىڭلار، ئۇندىن كېيىن ئامال قىلىپ ئۇنى تۇتىمىز». ھېكىم نۇر يۇقىرىقى ئىشلارنى تاپىلاپ بولغاندىن كېيىن ساتىراشخانىغا كىرىپ كەتكەن. ساقچى ئىدارىسىدىكى زۇنۇن (زومېڭ)، ياسىن، نىيازۇف، ھىمىتلار مۇنىرىدىن خوجىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئالدىن تەييارلىۋالغان ئاچقۇچى بىلەن ئۇنىڭ قۇلۇپىنى ئاچماقچى بولغان، لېكىن ئېچىلمىغانلىقتىن كالتەك تېپىپ كېلىپ قايرىپ ئاچقان. ئۇلار مۇنىرىدىن خوجىنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇپ خىزمەت پىلانىنى تېپىپ چىقىپ تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن زۇنۇنغا بەرگەن. ئۇلار يەنە بېرىپ مۇنىرىدىن خوجىنى قولغا ئالغان ۋە ئىككى كۈن ئۆتكەندە ئۇنى سوراق قىلغان. سوراقتا «سېنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭنى بىلدۇق، سىلەرنىڭ تەشكىلاتىڭلارنىڭ خىزمەت پىلانىغىمۇ ئېرىشتۇق، تەشكىلاتىڭلارنىڭ ئەھۋالى يېزىپ چىق»، دەپ ئۇنىڭغا بىر ۋاراق قەغەز بەرگەن. مۇنىرىدىن خوجا ھېچنەرسىنى يوشۇرۇپ قالماستىن يېزىپ چىققان، شۇندىن كېيىن ئۇ قاماققا ئېلىنغان. مۇنىرىدىن خوجا قاماققا ئېلىنغاندىن كېيىن ساقچى ئىدارىسى قالغان ياشلارنى قولغا ئەلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئادەم تۇتۇشقا بارغانلار − ياسىن ئەزىز، شىن باۋشەن، مىجىت، لىن يۈشەن، ياڭ شۈنخەيلەر دەرھال
  قوراللىنىپ بېرىپ ئۇلارنى تۇتقان. ياسىن ۋە شىن باۋشەنلەر يۈسۈپجان، ئابدۇللا داۋۇت، ئوسمان مۇھەممەد، ئېلاخۇن دوختۇر، ئابدۇللا روزى قاتارلىقلارنى تۇتقان. يەنە بىر توپ كوناشەھەر ناھىيەسىگە ئەۋەتىلىپ ئابدۇللا ئارىپۇف، تەۋەككۈل يۈسۈپۇف، ئىبراھىم ئىدرىس، ئابدۇرەھىم ئەھمەد قاتارلىق كىشىلەرنى تۇتۇپ قارا ماشىنا بىلەن ساقچى ئىدارىسىگە ئاپىرىپ قامىغان. ھېكىم نۇر ئەينى چاغدا ساقچى باشلىقىغا «مېنىمۇ قاماڭلار، بولمىسا ئۇلار مەندىن گۇمانلىنىدۇ ۋە سالاھىيىتىم ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ، جاسۇس دېگەن قالپاقنى كەيگۈم يوق»، دېگەن. شۇنداق قىلىپ ئۇمۇ تۈرمىگە ئېلىپ كىرىلىپ ياسىداق ئۆيگە قامىغان ۋە خوتۇنىنىمۇ ئېلىپ كىرگەن، سىرتتا بولسا ئۇنىمۇ قولغا ئاپتۇ دېگەن گەپ تارقالغان، ئەمەلىيەتتە ئۇ ناھايىتى ياخشى شارائىتتىن بەھرىمەن بولغان ھەمدە يىگىرمە مىڭ سوم مۇكاپات ئالغان. 1945-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى مىللىي ئارمىيە ئاقسۇدىن چېكىنگەندىن كېيىن «تۈرمىدىن چىققان»، ئۇنىڭغا كەنجى لېيتېنانت (شاۋۋېي) ئۇنۋانى بېرىلىپ ساقچى ئىدارىسى 2-بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان .
«ياش ئۇچقۇنلار ئىتتاقى» تەشكىلاتىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئىنقىلابىي ياشلارنى تۇتقۇن قىلىش 1945-يىلى 5-ئايدا باشلىنىپ 8-ئايدا تاماملانغان، ئۇلار تۈرمىگە ئاپىرىلغاندا ھەممىسىگە ئىشكەل سېلىنغان، پەقەت لۇتپۇللا مۇتەللىپكىلا كىشەن سېلىنمىغان، ياشلارنىڭ ھەممىسى تۇتۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغىمۇ كىشەن سېلىنغان. ئىنقىلابىي ياشلارنىڭ ھەممىسى بىر كامېرغا سولانغان، لېكىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۈچ كىشى بار ئايرىم كامېرغا سولانغان، لېكىن ئۇ ئۈچ كىشى ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىنىڭ ئادىمى ئەمەس ئىدى، شۇنداقلا بۇ ئۈچ كىشىنىڭ نېمە كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ تۈرمىدە دائىم گۇندىپايلارنىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن «غېرىب-سەنەم»، «تاھىر-زۆھرە» ئوپېرالىرىدىكى كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ناخشىلارنى ئېيتقان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ تۈرمىدىمۇ خېلى كۆپ ئەسەرلەر يازغان. ئىنقىلابىي ياشلار يىراق-يىراق كامېرلارغا قامالغان بولغاچقا ئۆزئارا خەۋەر ئېلىشالمايتتى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىنقىلابىي ھېكايىلەر تارقىلىپ تۇراتتى. ئۇ ھېكايىلەردە جەمئىيەتتىكى تەڭسىزلىك، پەسكەشلىكلەر قامچىلىنىپ سوتسىيالىزم تەشۋىق قىلىنغان. ئابدۇللا روزى، بىلال ئەزىزى، يۈسۈپجانلارمۇ دائىم ئىنقىلابىي ناخشىلارنى ئېيتقان. ئۇلارنى ھەر كۈنى شامالداشقا ئېلىپ چىققاندىمۇ ئۆزئارا كۆرۈشۈشكە يول قويۇلمايتتى، ئۇلارنى سىرتقا ئېلىپ چىققاندا بېشىغا خالتا كىيگۈزۈلەتتى. كېيىن ئۇلار پات-پات سوراق قىلىنغان. ئۇلارنى سوراق قىلغان سوراقچىلار: ۋۇ شاۋبىن، خا يۈۋېن، ھەسەنبېك، ما باۋيىڭ، لى چېڭگۇي، ئاۋۇت، ۋاڭ زىجاڭ .
ئىنقىلابىي ياشلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى
«ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» نىڭ ئەزالىرىنى يادرو قىلغان ھالدا ئىنقىلابىي ياشلار ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ ئۆلتۈرۈلگەن. دانالار «يىلان ئۆلىدىغاندا بەك چاقىدۇ» دېگىنىدەك، مىللىي ئارمىيە ۋە پارتىزانلارنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قالغان گومىنداڭچىلار خەلق ئوغلانلىرىدىن ئۆچ ئېلىشقا باشلىغان. مەن پايدىلانغان يۇقىرىقى مەنبەدە 1-قېتىم مىللىي ئارمىيە ئاقسۇ شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغاننىڭ ئەتىسى گۇگۇمدا، يەنى 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى قانلىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، ئۆزلىرى تۇتۇپ قامىغان ئىنقىلابىي ياشلاردىن بىر قىسمىنى ئۆلتۈرگەن .
9-ئاينىڭ 8-كۈنى گۇگۇمدە ۋۇ شاۋبىن، ۋاڭ زىجاڭ، دۇ كاڭكەي، خايۈۋېن، زۇنۇن (زومېڭ)، ياسىن رۇزى، ۋۇ جىڭشەن، شىن باۋشەن، نىياز، لى خېفېڭ، ياڭ شۈنپېي، ما دېفۇ، جاڭ جاۋجى، لىن شاۋشەن، ياۋ شىخەن، شاۋ چېڭياۋ، لۇ چاڭگو، شى يۈسەي، لى چېڭگۇي، ما باۋيىڭ ۋە 2-بۆلۈمنىڭ خېلى كۆپ ئادەملىرى ئىنقىلابىي ياشلارنى ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقان. ئۇلار تۈرمىگە كەلگەندىن كېيىن تۈرمە باشلىقى گۇەن ۋېيلۇ، ئابدۇللا سادىقلارنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەن. ئۇلار كىرگەندىن كېيىن ۋۇ شاۋبىن قولىغا بىر ۋاراق قەغەزنى ئېلىپ «يۇقىرىدىن تېلىگىرامما كەلدى» دېگەن. ئۇ ئۈستەلنىڭ قارشى تەرىپىدە ئولتۇرغان، سول يېنىدا خا يۈۋېن، ئۇنىڭ يېنىدا دوڭ گۇاڭكەي، ئوڭ يېنىدا زۇنۇن (زومېڭ)، ۋاڭ زىجاڭ قاتارلىقلار، سىرتتا يەنە نۇرغۇن ئادەم ئولتۇرغان. شۇ ۋاقىتتا ۋۇ شاۋبىن تۈرمە باشلىقى گۇەن ۋېيلۇ، ئابدۇللا سادىقلاردىن «ئازگاللار كولىنىپ بولدىمۇ؟»، دەپ سورىغان. تۈرمە باشلىقى كولىنىپ بولغانلىقىنى دوكلات قىلغان. شۇنداق قىلىپ ھەممە ھازىرلىق پۈتكەندىن كېيىن، لى شيۇپىڭ، ياڭ سۈيپېي، (يەنە بىرەيلەننىڭ ئىسمى تۇتۇق بولغاچقا ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولمىدى) قاتارلىقلار تۈرمە باشلىقىغا ياردەملىشىپ ئادەملەرنى باغلىغان. ۋۇ شاۋبىن تىزىملىككە قاراپ ئىسمىنى ئوقۇشقا باشلىغان. ئىسىملىك بويىچە تۇنجى قېتىم يۈسۈپجان باغلىنىپ ۋۇ شاۋبىننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىنگەن، ۋۇ شاۋبىن «بۈگۈن ساڭا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىمىز»، دەپ جاكارلىغان، زۇنۇن تەرجىمە قىلغان. ۋاڭ زىجاڭ پاختا ياكى رەخت تېپىپ ئېغىزىغا كەپلەپ قويۇشنى ئېيتقاندىن كېيىن، پاختا تېپىپ كېلىپ ئېغىزىغا تىقماقچى بولغاندا، يۈسۈپجان تىققىلى قويمىغان، ساقچىلار باش كۆزلىرىگە مۇشتلاپ پاختىنى ئېغىزىغا كەپلىگەن، شۇندىن كېيىن ۋۇ شاۋبىن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى غالچىلار ئۇنى جاللاتلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. جاللاتلار يۈسۈپجاننى ئازگالنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ پىچاق بىلەن ئۆلتۈرگەن. شۇندىن كېيىن ئارىپۇف، قادىر ئەلى، يۈسۈپجان، ئوسمانجان مۇھەممەد، ئوسمان ھاسىم، ھۈسەنجان ھاپىز داموللا، ئابدۇللا روزى، مۇسا ئەلى، ئېلاخۇن، ئابدۇللا داۋۇت، مۇنىردىن خوجا، ھەسەنۇف، ئىبراھىم ئوبۇل، جالالىددىن ئاخۇن قاتارلىقلار بىردىن-بىردىن ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ ۋاقىت دەل مىللىي ئارمىيە ئاقسۇنى قورشىۋالغان 2-كۈنى ئىدى، ئۇلار ئازگالنىڭ ئەتراپىغا چىراغ ياققان ئىدى، سىرتتا مىلتىق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، بەزىدە ئوق باشتىن ئۇچۇپ ئۆتەتتى، ئۇرۇش ناھايىتى كەسكىن بولۇۋاتاتتى .
گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ 2-قېتىملىق قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مۇندىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ماتېرىياللاردا لۇتپۇللا مۇتەللىپ، بىلال ئەزىزىلەرنى بەلگە قىلغان ھالدا 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى بولغان، دەپ قارىلىدۇ. بۇ قېتىمقى قىرغىنچىلىق ماتېرىياللاردا ئومۇمىيۈزلۈك قوللىنىلىدىغان قاراشتىن ئىبارەت. شۇنداقتىمۇ قىسمەن ماتېرىياللاردا بەزى پەرقلەر بار، مەسىلەن: شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىنى يېزىش-تەھرىرلەش كومىتېتى تۈزگەن «شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» دە 9-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە بولغان ۋەقەلەردە 7-كۈنى ئاتلىق پارتىزانلارنىڭ ئاقسۇنى قورشىۋالغانلىقى، ئەتىسى ھۇجۇم باشلىغانلىقى، ئاقسۇنى ساقلاۋاتقان قوشۇن جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ھەمدە لۇتپۇللا مۇتەللىپ باشلىق 28 ياشنى ئۆلتۈرگەنلىكى يېزىلغان [9]. بۇ ماتېرىيال شەكسىزكى تۇنجى تۈركۈمدە قىرغىن قىلىنغان ياشلارنى كۆرسەتكەن. ئەمما قولۇمدىكى ماتېرىيالدا لۇتپۇللا مۇتەللىپلەرنىڭ 8-سېنتەبىر ئەمەس، 18-سېنتەبىرمۇ ئەمەس، 21-سېنتەبىر گۇگۇمدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى يېزىلغان. ئەمدى 18-سېنتەبىر كۈنى دېگەن قاراشنىڭ مەنبەئىينى سېلىشتۇرۇپ، قايسى كۈن ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش مۇشۇ ھەقتە ماتېرىيالى بار قېرىنداشلارنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر، ئەلۋەتتە .
9-ئاينىڭ 21-كۈنى گۈگۈمدە جاۋ خەنچىڭ ساقچى ئىدارىسىگە كەلگەن، كېيىن ۋۇ شاۋبىن، نىياز، لى زىپىڭ، ياڭ شۈنپېي، جاۋ چېڭدې قاتارلىقلارنى باشلاپ كەلگەن. شۇندىن كېيىن زۇنۇن، ياسىن ئەزىز، خايۈۋېن قاتارلىق 2-بۆلۈمدىكى نۇرغۇن ئادەملەر كەلگەن. ۋۇ شاۋبىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنى كۆرسىتىپ قاماللاپ كەلگەنلەرگە چىڭ تۇتۇشنى جېكىلىگەن ھەمدە ئۇنى ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئېلىپ چىقىلىشى بىلەن ئابدۇللا سادىق ئۇنى تانا بىلەن باغلىغان، ئۇندىن كېيىن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپنى ئېلىپ چىقىپ ئاشخانىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە يۈكۈنۈشكە بۇيرۇغان، بۇ ۋاقىتتا لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ چىرايى سارغايغان، چاچلىرىمۇ قالايمىقانلىشىپ كەتكەن ئىدى، بۇ ۋاقىتتا زۇنۇن (زومېڭ) ئۇنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇرغان بولۇپ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇنىڭ كۆزىگە مىقتەك قادىلىپ قارىغان. بۇ ۋاقىتتا باشقىلار بىلال ئەزىزىنى ئېلىپ كېلىشكە كېتىشكەن. لۇتپۇللا مۇتەللىپ زۇنۇندىن «مېنى ئېلىپ چىقىپ نېمە قىلىدۇ؟»، دەپ سورىغان. ئۇ، «مەنمۇ ئۇقمايمەن، سېنى قويۇپ بېرەمدىكىن»، دېگەن، ئەمما لۇتپۇللا مۇتەللىپ بېشىنى چايقىغان. بۇ ۋاقىتتا بىلال ئەزىزى ئېلىپ چىقىلغان، ئارقىدىن ئىۋان، ئابباس قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قېشىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇشقا بۇيرۇغان. بىر دەمدىن كېيىن جاۋ خەنچىڭ چىقىپ ئۇلارغا «بۈگۈن سىلەر ئۆلتۈرۈلىسىلەر» دېگەن ھەمدە ئېلىپ چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن قولىنى شىلتىغان. نىياز ئۇلارنى تىللىغانلىقتىن مىلتىقنىڭ پەينىكى بىلەن ئۇرۇلغان. بۇ ۋاقىتتا لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئارقىسىغا قاراپ سەل ئاستا ماڭغان، نىيازنى مىلتىق پەينىكى بىلەن ئۇرغانلار تامنىڭ تۈۋىگە بېرىپ، ئۇلارنى رەت بولۇپ يۆكۈنۈپ ئولتۇرۇشقا بۇيرۇغان. بۇ ۋاقىتتا جاۋ خەنچىڭ مۇئاۋىنى لى چاڭچىڭغا ئېتىش بۇيرۇقىنى بەرگەن. لى چاڭچىڭ يان قورالىنى چىقىرىپ بىر-بىرلەپ ئاتقان. بۇ ۋاقىتتا ۋۇ شاۋبىننىڭ مۇھاپىزەتچىسى ئىككى رۇس ياشنى ئاتقان، بىراق ھېچكىم ئۇ ئىككى ياشنى ئېتىپ ئۆلتۈرەلمىگەن ئىدى، ئۇلار جاللاتلار تەرەپكە كەلگەندە لى چاڭچىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. كېيىن جاۋ خەنچىڭ بۇيرۇق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى سېپىل سىرتىغا تاشلىۋېتىشنى بۇيرۇق قىلىپ قايتىپ كەتكەن. ئابدۇللا سادىق ۋە گۇەن ۋېيلۇلار ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى سېپىلنىڭ سىرتىغا تاشلىۋەتكەن. پەقەت بىلال ئەزىزىگە ئوق تەگمەي ئۆلۈكلەر ئارىسىدا ياتقانلىقىنى بايقىغان گۇەن ۋېيلۇ كەتمەن بىلەن چاناپ ئۆلتۈرگەن. شۇ ۋاقىتتىكى تۈرمىدە ئوتدىلىنىيە باشلىقى بولغان غېنى مەھمۇدنىڭ ئېيتىشىچە، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئېلىپ چىقىلغاندىن كېيىن «تاھىر-زۆھرە» ئوپېراسىنىڭ ناخشىسىنى ئېيتقان. كېيىن ئۇنى ئاشخانىنىڭ يېنىغا ئەكېلىپ تىزلاندۇرۇپ، جاۋ خەنچىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ۋاقىتتا لۇتپۇللا مۇتەللىپ: «قانداق قىلغۇڭ كەلسە شۇنداق قىل، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆلسىمۇ، مېنىڭ يەنە ئەسەرلىرىم بار، ئادەم ئۆلسىمۇ ئۇنىڭ نامى ئۆچمەيدۇ»، دېگەن.
  ئۇ يەنە كۆككە قاراپ: «قۇياش، سەن پۈتكۈل ئالەمگە نۇرۇڭنى چاچساڭمۇ مېنى يورۇتمىدىڭ، سەن مېنىڭ ئۆلگەنلىكىمگە ئىسپات بولغىن، مەن ئۆلسەممۇ مېنىڭ روھىم ئۆلمەيدۇ» دېگەن، مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇلارنى ئېتىش بۇيرۇقى بېرىلگەن. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاشخانىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كېلىپ تىزلاندۇرۇلغاندا، يېنىدىكىلەر باشقىلارنى ئەكەلگىلى كەتكەندە، زۇنۇنغا قاراپ غەزەپ بىلەن: «سەنلەر ساتقىنلار، سىلەر پەقەت مۇشۇنداقلا قىلالايسىلەر، ئۇندىن باشقا نېمە قىلالايتتىڭلار» دېگەن. باشقىلار ئېلىپ كېلىنىپ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن، ئەلى مەھمۇدنىڭ ئېغىز ئىقرارى ئوقۇلغان بولۇپ، خاچېڭ ۋە ئەلى مەھمۇدلارمۇ ئاڭلىغان. خاچېڭ بۇ ھۆججەتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. لۇتپۇللا مۇتەللىپلەر ئېتىلغاندا، خاچېڭ بىلەن جاۋ خەنچىڭ سېپىل ئۈستىگە كۆرۈپ تۇرغان .
مەرھۇم ئەرشىدىن تاتلىق قاتارلىق پىشقەدەملەرنىڭ ئەسلىشىچە، 1945-يىلىدىكى سېنتەبىر ئايلىرىدا ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدە ئىنقىلابىي ياشلاردىن ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق كىشى قەتل قىلىنغان، بۇلار «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» نىڭ ئەزالىرىلا بولۇپ قالماستىن، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ھېساشلىق قىلغان، ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان ياشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەسلىمىلەردە يېزىلىشىچە، ئۇچتۇرپان ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ يۈشۈن باشچىلىقىدىكى گومىنداڭچىلار ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن تۇراپ قارى، ئىبراھىم مۆمىن، ئۆمەر قاسىم، سىيىت ئابباس، ئارتۇق ئابباس، ئابدۇللا ياقۇپ، ئابلا ئىبراھىم قاتارلىق 16 ياشنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ئارمىيەسى ئىلگىرى كېيىن باي، ئاقسۇ كوناشەھەر ناھىيەلىرىنى ئازاد قىلغان، كېيىن قولدىن بېرىپ يەنە قايتىدىن ئىگىلىگەن ئىدى. ئۈرۈمچى تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولغانلىقتىن، يۇقىرى قوماندانلىق شتابىنىڭ بۇيرۇقىنى ئالغان مىللىي ئارمىيە 1945-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى مۇزات ئارقىلىق ئىلىغا قايتىپ كەتكەن. مىللىي ئارمىيەنىڭ قايتىپ كېتىشى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ خەلقتىن قىساس ئېلىشى، بۇلاڭچىلىق قىلىپ بايلىق توپلىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بېرىپ، يەنە بىر تۈركۈم گۇناھسىز ئاممىنىڭ قىرغىن قىلىنىشى، مۈلكىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشىغا پۇرسەت بەرگەن .
مىللىي ئارمىيە ئاقسۇدىن چېكىنگەندىن كېيىن، گومىنداڭ ئارمىيەسى ئاقسۇ ۋە كوناشەھەردىكى ئۆيىدە مىللىي ئارمىيە تۇرغان، ئۇلارغا ياردەملەشكەن كىشىلەرنى تۇتۇپ، مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ ئۆيۋاقىسىغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن. شۇ قېتىم گومىنداڭ ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئىچىدە ساراي ئاچقان سەلەي ئاخۇن، مەھمۇد ھاجى ئوغلى ئابدۇقادىرخان قاتارلىقلار ئېتىلغان، كونا شەھەردە خېلىل قاتارلىقلارنى تۇتقان. نۇرغۇن كىشىلەرنى مىللىي ئارمىيەگە ياردەم قىلغان دەپ چارۋىلىرىنى مۇسادىرە قىلغان. مەسىلەن: موللا توختى بەگنىڭ بارلىق مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان، مۆيدىن ئاقساقال، سالى ئاخۇن، كوناشەھەردىكى ھېكىم ئاخۇن، يۇنۇس بەگ، سايىت قارىھاجى، ئابلىز جۇرۇن، كېرىم خۇيجاڭ، تۇردى شاڭزوڭلارنىڭ بارلىق مۈلكى ۋە چارۋىلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ ئۆزلىرىنى قولغا ئالغان ۋە كېيىن ئۆلتۈرۈۋەتكەن. قاراشەھەردىن توشۇپ كېلىنگەن بەش يۈز دەندىن ئارتۇق بۇغداينى مىللىي ئارمىيە ئىستېمال قىلىۋەتكەن دەپ، ئاقسۇدىن باشقا يەرگە يۆتكەپ ئاپىرىپ، جاۋ خەنچىڭ ۋە ۋۇ شاۋبىنلار
  سېتىۋەتكەن .
لۇتپۇللا مۇتەللىپ 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئاسمىنىدا چاقناپ ئۆتكەن يورۇق يۇلتۇز ئىدى، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دا گومىنداڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن لۇتپۇللا مۇتەللىپ «گومىنداڭچى» دېگەندەك ناملاردا قارىلانغان ئىدى. يېقىنقى يىللاردا بەزى ۋالاقتەككۈرۈپلىرىمىز ئۇنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا تىزلىنىپ نىجادلىق تىلىگەنلىكىنى، ئەخلاقىي جەھەتتىن تاپتىن چىققان، شاللاق ياش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشقانلىرىدا يۈرىكىم ئېچىشىپ، كۆڭۈل خاتىرەمگە گۇمان چۈشكەن ئىدى. يۇقىرىقى مەنبە ماتېرىيالنى كۆرگەندىن كېيىن ئەمدىلا يىگىرمە ياشلارنىڭ ئالدى-كەينىدىكى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تەبىئىي تالانتى، ئىنسانىي خىسلىتى، جەسۇرلۇقى قەلب كۆكىمدە پارلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنسانىي خىسلىتى، ئەخلاقىي پەزىلىتى، ئەدەبىي تالانتى، ھەر جەھەتتىن يېتىلگەن قابىللىقى بىلەن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسىدۇر .
ئىزاھاتلار :
[1] ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر ئەدەبىيات تەتقىقات ئورنى «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى (3)» مىللەتلەر نەشرىياتى 2006-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 414-بەت .
[2] ، [6] تۇرسۇن ئەرشىدىن «لۇتپۇللا مۇتەللىپ» شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت – فوتو سۈرەت نەشرىياتى 1995-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 1-بەت .
[3] ئەرشىدىن تاتلىق نەشرگە تەييارلىغان «نىمشېھىت ئەسەرلىرى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 56-بەت .
[4] باي ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش «باي تارىخ ماتېرىياللىرى (1)» 1995-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 312-بەت .'
l8 c; z* d: `
[5] ، [7] ، [8] ئەھمەد ئىمىن ئەلنەزەر «مەن بىلىدىغان لۇتپۇللا مۇتەللىپ» «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» 2006–يىللىق ئۇيغۇرچە 1–سان
[9] شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىنى يېزىش-تەھرىرلەش كومىتېتى تۈزگەن «شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» مىللەتلەر نەشرىياتى 2000-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 140-بەت .

"ئىلى دەرياسى" ژۇرنىلى 2012-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى .
 





ئوت يۈرەك شائىرىمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپ
 


ئوت يۈرەك شائىرىمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپ شائىر، دراماتورگ ۋە رەسسام بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 1922-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى يەتتە سۇ ۋىلايىتىنىڭ چۈنجى رايونى (ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستى ئۇيغۇر رايونى) چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا دۇنياغا كېلىپ، 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى گومىنداڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
    لۇتپۇللا 14 يېشىدىن باشلاپلا نادىر شېئىرلارنى يېزىشقا كىرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك شېئىرلىرىدىن «يىللارغا جاۋاب»، «خىيالچان تىلەك»، «تەسىراتىم»، «تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا»، «يانار تاغلار» قاتارلىقلار بار. ئۇ يەنە «كۈرەش قىزى»، «سامساق ئاكاڭ قاينايدۇ»، «چىمەنگۈل»، «تاھىر-زوھرە» قاتارلىق درامىلارنى يازغان. بۇلاردىن تاشقىرى يەنە، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «ئەجەل ھودۇقۇشىدا»، «پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ» دېگەن داڭلىق فېليەتونلىرى، «تىياتىرنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە راۋاجلىنىش تارىخى»، «سەنئەتكە مۇھەببەت» دېگەن ئىلمىي ماقالىلىرى بار. لۇتپۇللا يەنە «داۋانلار ئاشقاندا» دېگەن روماننى يېزىشقا باشلاپ، ئۇنىڭ 11 بابىنى يېزىپ تۈگەتكەن. ئەپسۇسكى، بۇنىڭ قوليازمىسى ھازىرغىچە تېپىلمىدى.


    لۇتپۇللانىڭ دادىسى ھېزىم قوشۇمچە مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىماملىقى ۋە دىنىي ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر تەرىپىدىن « ھېزىم موللا » دەپ ئاتالغان. لۇتپۇللانىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئەركىلەتمە ئىسمى «لۇتۇن» بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرىدا بۇ ئىسىمنى تەخەللۇس ئورنىدا ئىشلەتكەن.
    لۇتپۇللا دادىسىنىڭ تەربىيىسىدە بەش يېشىدىلا ساۋاتىنى چىقارغان. باشلانغۇچ مەكتەپنى ئاۋۋال چۇنجىدا، كېيىن غۇلجا شەھىرىدىكى تاتار باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇپ تاماملىغان. 1936 - يىلى غۇلجىدىكى رۇس گىمنازىيىسىگە ئوقۇشقا كىرىپ، رۇس تىلىنى پىششىق ئىگىلەپلا قالماستىن، رۇس ئەدەبىياتى ۋە دۇنيا ئەدەبىياتى بىلەنمۇ تونۇشقان. گىمنازىيىدىكى ئوقۇش ھاياتى داۋامىدا ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭەيگەن. بىلىمى چوڭقۇرلاشقان.

    لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1937 - يىلدىن باشلاپ شېئىرىيەت ئىجادىيىتى سېپىگە قەدەم قويدى. 1938 - يىلى ئەينى ۋاقىتتا «ئىلى گېزىتى» نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، «مىللەتلەر كۇلۇبى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان شائىر ئەنۋەر ناسىرى بىلەن تونۇشۇش لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يۈكسىلىشىگە زور تەسىر كۆرسەتتى. ئۇ ئىجادىيەتتىن باشقا «مىللەتلەر كۇلۇبى» نىڭ پائالىيەتلىرىگىمۇ قىزغىن قاتنىشىپ جەمئىيەتتە تېزلا تونۇلدى.
   شائىر ئەسەرلىرىنىڭ تىلى گۈزەل، چۈشىنىشلىك، ئوبرازلىق بولغاندىن سىرت، مىللەتپەرۋەرلىك، خەلقپەرۋەرلىك مەزمۇندارلىقى بىلەن يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشىغا ۋە ئۈلگە قىلىشىغا مۇيەسسەر بولماقتا !!
لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1941-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىدە خىزمەت قىلغان، كىيىن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن كۆزگە قادالغان مىخ دەپ ئاقسۇغا يۆتكىۋېتىلگەن، كېيىن ئاقسۇ گېزىتىدە ئىشلىگەن ۋە بىلال ئەزىزى، مۇنىرىدىن خوجا قاتارلىق ئىلغار ياشلار بىلەن تونۇشۇپ، ئاقسۇدا ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.

    1944-يىلى غۇلجىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىنقىلاب سادالىرىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ تۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاقسۇدىكى گومىنداڭ ئەمەلدارلىرىمۇ، لۇتپۇللانى خەتەرلىك ئۇنسۇر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، 1945-يىلى مىللىي ئارمىيە سايرامدىن ئۆتۈپ بايغا چۈشۈپ ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغاندا، گومىنداڭ ئەمەلدارلىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ، بىلال ئەزىزى، مۇنىرىدىن خوجا قاتارلىق ئوغلانلارنى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە قامىغان، 1945-يىلى مىللىي ئارمىيە ئونسۇغا چۈشكەندە، گومىنداڭ تېخىمۇ غالجىرلاشقان ۋە 9-ئاينىڭ 18 كۈنى لۇتپۇللا قاتارلىقلارنى تۈرمىدە ۋەھشىيلەرچە قەتىل قىلغان. كېيىن كىشىلەر لۇتپۇللا قاتارلىقلارنىڭ مېيىتىنى ئەۋرەز كارىزىدىن تېپىپ چىققان ۋە يۇيۇپ-تاراپ ئاقسۇ شەھىرى ئاق مەسچىتىنىڭ ئارقىسىدىكى (ھازىرقى شياڭگاڭ بازىرىنىڭ) ئۇتتۇرىدىكى ئاممىۋى قەبرىستانلىققا دەپنە قىلغان.

    لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇر يېڭى ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن شائىر، ئەدىب بولۇپلا قالماستىن بەلكى مىللەتنىڭ ئازادلىقى، تىنچلىقى، ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىدا قۇربان بولغان كۈرەشچان ئەزىمەت. بىز مەرھۇمنىڭ قىسقىغىنا ئەمما ئۇلۇغ ھاياتىدا قالدۇرغان ئۆچمەس ئىش-ئىزلىرىنى چەكسىز سېغىش ۋە چوڭقۇر ھۆرمەت ئىچىدە ئەسلەپ، ياد ئېتىپ تۇرىمىز !

    لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1939 - يىلى كۈزدە گىمنازىيىنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت مەركىزى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كەلدى. ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شىنجاڭغا ئەۋەتكەن ۋەكىللىرى - چېن تيەنچيۇ، ماۋزېمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق يولداشلار، ماۋدۇن (شېڭ يەنبىڭ) قاتارلىق ئىلغار يازغۇچىلار ئۈرۈمچىدە زور تەسىرگە ئىگە ئىدى. بۇ يەردىكى دارىلفۇنۇن، ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىن ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە يەنئەندىن كەلگەن ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن زىيالىيلار دەرس ئۆتەتتى. «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالاقە باغلاش جەمئىيىتى»، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئازاد رايونلاردىن كەلتۈرگەن كۆپ مىقداردىكى ئىلغار كىتاب، دەرسلىك - ئوقۇشلۇقلار، گېزىت - ژۇرناللار زىيالىيلار، ئوقۇغۇچىلار، تەرەققىيپەرۋەر، ئىلغار كىشىلەرنىڭ مەنىۋى ئوزۇقى ئىدى. گېزىت - ژۇرناللاردا، مەرىپەت مۇنبەرلىرىدە ئىلغار ئەدەبىيات - سەنئەت مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ تىغ ئۇچى دەل فاشىزمغا، فېئودالىزمغا ۋە جاھالەتكە قارشى قارىتىلغانىدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۈرۈمچىگە كېلىپلا ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىردى. ئۇ مەكتەپتە غەيرىتى تولۇپ تاشقان، تىرىشچان، روھلۇق - جۇشقۇن بىر ياش سۈپىتى بىلەن ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا تونۇلدى. ئۇنىڭ ئىلھام بۇلىقىدىن قايناپ چىققان «قىزىل گۈلگە پۈركەنگىچە يەر - جاھان»، «ئازادلىق تويى»، «باتۇر يىللار»، «جۇڭگو قىزى رەيھاننىڭ مارت شامىلىغا بۇيرۇقى»، «مۇخەممەس»، «ماي ناخشىسى»، «كەل يېڭى يىل»، «چوڭ قەھرىمان ئويغاندى» قاتارلىق ھەر خىل تېمىدىكى شېئىرلىرى «شىنجاڭ گېزىتى» ئارقىلىق تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىغا تارقالدى. ئۇ بۇ شېئىرلىرىنى ئۆز ئىجادىي ئىقتىدارىغا مۇناسىپ ھالدا، «قاينام ئۆركىشى» تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلدى. شائىر يەنە «يېتىپ بارىدۇ»، «ئازادلىق  كۈرەش» قاتارلىق بىر مۇنچە ناخشا تېكىستلىرىنىمۇ يازدى. بۇ تېكىستلەر ئاھاڭغا سېلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار مارشى سۈپىتىدە  شىنجاڭنىڭ ھەممە  جايلىرىدىكى مەكتەپلەردە جاراڭلىدى.
    1943-يىلى شېڭ شىسەي گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شىنجاڭدا كومپارتىيىگە، سوۋېت ئىتتىپاقىغا، ئىنقىلابقا قارشى تەتۈر ئېقىم قوزغىدى. جۇڭگو كومپارتىيىسى ئەزالىرى، ئىنقىلابىي، ئىلغار زىيالىيلار تۇتقۇن قىلىندى، نەزەربەند ئاستىغا ئېلىندى، پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىگە تونۇلغان تالانتلىق ياش ئىنقىلابىي شائىر ل. مۇتەللىپمۇ بۇنىڭدىن چەتتە قالمىدى. ئۇ تەھرىرلىك خىزمىتىدىن چەتلەشتۈرۈلدى، تىياتىرخانىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى، ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ھوقۇقى مەنئى قىلىندى. ئۇزۇن ئۆتمەي، شۇ يىلى 9 - ئايدا «خىزمەت يۆتكەش» باھانىسى بىلەن ئاقسۇغا ھەيدەلدى. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى شۇ ئارقىلىق ئۇنى ئۈرۈمچىدىكى ئىلغار كۈچلەردىن يىراقلاشتۇرماقچى، ئىنقىلابىي ئىرادىسىنى سۇندۇرماقچى بولغانىدى. لېكىن بۇنىڭ ئەكسىچە، ل . مۇتەللىپنىڭ ئاقسۇدىكى مەزگىلى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ جۇشقۇن، ئىنقىلابىي، سەمەرىلىك يىللار بولدى. ئىنقىلاب بىلەن ئەكسىلئىنقىلاب ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش راسا كەسكىنلەشكەن بۇ يىللاردا ئۇ ئاقسۇدا خىزمەت قىلىۋاتقان ياكى سۈرگۈن قىلىنىپ شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان مۇنىرىدىن خوجا، بىلال ئەزىزى، ئابدۇللا روزى ۋە ئابدۇللا داۋۇت قاتارلىق ئىلغار زىيالىيلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى كۈرەشكە ئاتلاندى. ئۇ ئەنە شۇ ئىلغارلار سېپىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى بىر جەڭچى ئىدى ھەمدە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى قەتئىي قوللىغان ۋە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مۇرەسسەسىز كۈرەش ئېلىپ بارغانىدى. ئۇ «ئاقسۇ گېزىتى» دە «جەنۇب شامىلى» ئەدەبىيات بېتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ھەر سانىدا دېگۈدەك ئۆزىنىڭ جەڭگىۋار سىياسىي لىرىكىلىرىنى ئېلان قىلىپ تۇردى. ئۇ 1944-يىلى يازغان ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە شېئىرى «شائىر ھەققىدە مۇۋەششەھ» دە شائىرغا خىتاب قىلىپ ئارقىلىق خەلقنى «ياشاش ئۈچۈن كۈرەش» قىلىشقا چاقىرغان بولسا، 1944-يىلىنىڭ يېڭى يىلىدا ۋە 1945-يىلنىڭ باشلىرى يازغان، ئىجادىنىڭ يۈكسەك پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان «يىللارغا جاۋاب»، «خىيالچان تىلەك» شېئىرلىرىدا كۈرەش _ ھاياتنىڭ مەنبەسى، كىشىلىكنىڭ ئالىي خىسلىتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى، ئازاد رايونلار ۋە ئۈچ ۋىلايەتتىن ئىبارەت «يورۇق بۇرجەكلەر» دىن خەلققە بېشارەت بېرىپ، ئۆزىنىڭ خەلق ئازادلىقى يولىدا يەڭ تۈرۈپ مەيدانغا چىققانلىقىنى جاكارلىدى.
    ئۇ ئاقسۇدا يەنە ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشما تىياتىر ئۆمىكىنىڭ خىزمىتىگە يېقىندىن قاتنىشىپ بەزى دراما، ئوپېرالارنى يازدى، سەھنە ئەسەرلىرىنى سەھنىلەشتۈرۈش ئىشلىرىغا قاتناشتى ۋە رېژىسسورلۇق قىلدى، بەزى تىياتىرلاردا ئۆزى رول ئېلىپ چىقتى، ناخشا تېكىستلىرى يازدى، دېكوراتسىيىلەرنى ئىشلىدى. مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇغۇچىلارغا خالىس تەربىيىچى بولدى، ئۇلارغا ناخشىلار ئۆگەتتى. قىسقىسى، ئۇ ئاقسۇغا كەلگەن چېغىدا ئېيتقان: «بىزنىڭ تالىشىدىغىنىمىز - مەنسەپ، شۆھرەت ئەمەس، پەقەت مەدەنىيەت _ مائارىپ» دېگەن سۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ھارماي-تالماي تىرىشتى.
    لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ 23 يىللىق قىسقا ھايات مۇساپىسىدە  پەقەت توققۇز يىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، ئۇ بۇ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئاز بولمىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ ۋەتىنى، خەلقىگە قالدۇرۇپ كەتتى، 14 يېشىدىلا ئەدەبىياتقا قەدەم قويغان بۇ ياش تالانت ئىگىسى ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق ئۆز ئىجادىيىتىنى يۈزەكىيلىكتىن چوڭقۇرلۇققا، ئابستراكتلىقتىن كونكرېتلىققا قاراپ راۋاجلاندۇرۇپ ،  ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئىجادىيەت يولىنى ئاچتى. ئۇ بارماق ۋەزىن ۋە چاچما شېئىردىن ئىبارەت ئەركىن شەكىلنى تاللاپ ئېلىپ، ئۇنىڭ بارغانسېرى مۇكەممەللەشتۈردى، شېئىرنىڭ تۈپ ئامىلى بولغان تىل ۋاسىتىسىنى قوللىنىش جەھەتتە يېڭىچە ئەدەبىي تىلدا يېزىشنى ئاساس قىلىپ ئۆز ئەسەرلىرىنى ساپ، ساددا، راۋان بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلدى. بولۇپمۇ، شائىر ھاياتىنىڭ كېيىنكى يىللىرىدا بەدىئىي تەپەككۇرنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە قاراپ يۈرۈش قىلىپ ئۆزىنىڭ يۈكسەك بەدىئىي تالانت ۋە ئىقتىدارىنى نامايان قىلغانىدى.
    ئازادلىقتىن كېيىن خەلق ھۆكۈمىتى شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەر شائىر ۋە ئىنقىلابىي قۇربان ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇردى، جۈملىدىن ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى شائىرنىڭ ئەسەرلىرىنى توپلاش، رەتلەش، تەرجىمە قىلىش ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. 1956 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى شائىرنىڭ «مۇھەببەت ۋە نەپرەت» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلدى؛ شۇ يىلى بېيجىڭ يازغۇچىلار نەشرىياتى خەنزۇ تىلىدا «مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىن تاللانمىلار» توپلىمىنى چىقاردى؛ 1959 - يىلى ئۇنىڭ شېئىرلىرى «ئىنقىلابىي قۇربانلا شېئىرلىرى توپلىمى» غا كىرگۈزۈلدى، كېيىن بۇ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلىرى ئىنگلىز، فرانسۇز تىللىرىمۇ تەرجىمە قىلىندى. 1981 - يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى شائىرنىڭ «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى» ناملىق توپلىمىنى ئۇيغۇر تىلىدا، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلدى؛ 1982 - يىلى 4 - ئايدا جۇڭگو ياشلار نەشرىياتى«ئىنقىلابىي قۇربانلار شېئىرلىرىنىڭ تولۇقلانغان توپلىمى» نى نەشر قىلىپ، بۇ توپلامغا شائىرنىڭ ئالتە پارچە شېئىرىنى كىرگۈزدى؛ 1983 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان شائىر ئەسەرلىرىنىڭ تولۇق توپلىمى - «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى»نى نەشر قىلدى.
    لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ھەقىقەتەنمۇ، 40 - يىللار ئۇيغۇر  ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى ۋە تەسىرى جەھەتتىن ھازىرقى زامان  ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولۇشقا مۇناسىپ.

 

 

تۇۋەندىكى  ئۇلانما ئادىرىسىدا لۇتپۇللا مۇتەلىپ توغۇرسىدا ئىسلەنگەن سىن بارئىكەن .

http://player.youku.com/player.php/sid/XNDMzNTkyNjA0/v.swf"

 



 

لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى
يىللارغا جاۋاپ

لۇتپۇللا مۇتەللىپ

ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،
يىللار ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.
ئاققان سۇلار، ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،
يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.

ئوغرىلاپلا قاچىدۇ ئارقىغا يانماي،
بىر-بىرىنى قوغلىشىپ، يورغىلىشىپ.
ياشلىق بېغىدا بۇلبۇللار قانات قاقماي،
يوپۇرماقلار قۇيۇلىدۇ پورلىشىپ.

ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق،
يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،
ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر تال يۇپۇرماق.

يىللار شامىلى يەلپۈنىدۇ، ئىزلار كۆمۈلىدۇ،
يوپۇرماقسىز دەرەخ بىچارە-بولىدۇ قاخشال.
يىللار سېخى قۇرۇق كەلمەيدۇ ئەكىلىپ بېرىدۇ،
قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال.

بىراق يىللارنى تىللاش توغرا كەلمەيدۇ،
مەيلى ئۆتىۋەرسۇن، ئۆزىنىڭ يولى.
ئادەملەرمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەيدۇ،
چۆللەرنى بوستان قىلغان ئادەملەر قولى.

يىللارنىڭ قوينى كەڭ، پۇرسىتى نۇرغۇن،
تاغدەك ئىشلار يىللار بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ.
قاراب باق ئاخشامقى بوۋاق كىچىككىنە تۇرسۇن،
تۈنۈگۈن ئۆمىلەپ، ھە… بۈگۈن مېڭىپ يۈرىدۇ.

كۆرەشچان بالىلار قوغلىشىپ يىللار،
كۆرەش نەۋرىلىرىنى چوقۇم تاپىدۇ.
ئاخشام بەخىت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار،
قەبرىسىنى يادلاپ گۈللەر ياپىدۇ.

مەيلى ساقال سوۋغا قىلسا قىلسۇن يىللار،
مەنمۇ تاۋلىنىمەن يىللار قوينىدا.
ئىجادىم شېئىرىمنىڭ ئىز تامغىسى بار،
ئالدىمدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا

قېرىماسمەن كۆرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا،
شېئىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا.
ئۆلۈم پەستە قېلىش كۆرەشنىڭ داۋانلىق تېغىدا،
چىدام غەيرەتنىڭ يەڭگىنى ھەريان يادىمدا.

ئېسىلارمەن مىلتىق ئېتىپ تاۋلانغان قولغا،
يېپىشارمەن بايراق بىلەن ئالغا ئاتلىغان يولغا.
كۈرەش باياۋانىدا ھارماسمەن ئەسلا،
كۈرەش بىلەن كىلىپ چىقىمىز كەڭ غالىب يولغا.

يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە،
ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى.
قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە،
ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قۇيارمەن ئوغلۇمنى.

يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ،
ئۇپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ.
يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقىتىپ باقساڭمۇ،
ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ دەپ بېرىمىز جاۋاب.


تەسىراتىم
لۇتپۇللا مۇتەللىپ


ئوقۇپ ئەشئارلىرىنى غەرق مەست بولۇپ،
تەسىراتىم چىنىسىگە تەسىرات تولۇپ.

كۆزۈم بىر نۇقتىغا قاراپ قېتىپ قالىدۇ،
ۋۇجۇدۇم خىيال بەھرىگە پېتىپ قالىدۇ.

يېپىپ كىتابنى ئۆزۈمگە سۇئال بېرىمەن،
«نەۋايى قانداق بىر ئۇلۇغ ئادەمدۇر؟» دەيمەن.

قېنى شۇ نەۋايى؟ قېنى بىر كۆرسەم؟
مۇبارەك قوللىرىدىن ئۇنى بىر سۆيسەم.

قاراپ تۇرسام «خەمسە»نى يازغاندا،
قاراپ تۇرسام قەلەمدە گۆھەر قازغاندا.

قاراپ تۇرسام پەرھادقا رەسىم سىزغاندا،
قاراپ تۇرسام شېرىنگە گۈللەر تىزغاندا.

قاراپ تۇرسام بەھرامنىڭ قىياپىتىگە،
قاراپ تۇرسام گۈلەندەمنىڭ لاتاپىتىگە.

قوي شائىر! سۆزلىمە جۆيلۈپ يوققا،
نەۋايى كۆمۈلگەن ئەمەس تۇپراققا...

.........
.........

ئۇنىڭ مازارىنى ھەربىر ۋاراقتىن ئىزدە،
گۈمبەز قەبرىسىنى ھەر مىسرادىن ئىزدە.

ئۇ ئىجاد دەرياسىغا چۆمۈلگەن،
ئۇ ھەر مىسرا تۈۋىگە كۆمۈلگەن.


1944-يىلى 7-ئايدا ئاقسۇدا يېزىلغان

 
 
چال ،سازەندىم

(مۇخەممەس)

ئاپتۇرى : لۇتپۇللا مۇتەللىپ

_مەشھۇر ناخشىلار ئىجاتچىسى ياش سازەندە زىكرى ئەپەندىگە بېغىشلايمەن
  

چال سازىڭنى زوق بىلەن،تىنماي چال ،سازەندىم،
   
ھەركىتىڭ تېتىك ،قوللىرىڭ مەجنۇن تال ،سازەندىم،
  
ناخشاڭ شىرىن ،تاتلىق سېنىڭ ،گوياكى بال،سازەندىم،
   
ياشلىقنىڭ زىلۋا چېغىدا،ئىجاد قىلىپ قال ،سازەندىم.

ئىجاد قىل ۋۇجۇدۇڭدا بار ئوبدان غەزەلنى ،
كۈرەشجان سەنئەت مەيدانىدا باشلىغىن بەلنى،
  
سازلىرىڭ روھى بىلەن راست سۇغارغىن ئەلنى،
  
سەنئەتتىن مەۋجۇت قىل دولقۇنلۇق سەلنى،
شادىمان ھاياتنىڭ قوينىدا ئوبدان ئەھۋال،سازەندىم.
   

بۇ ۋەتەندە جاراڭلىسۇن نەغمەڭ ساداسى،
  
ھاۋالارغا ئۆرلەپ كەتسۇن مۇڭلۇق ناۋاسى،
تەسەددۇق ،خويما كەڭ كۈزەللىك دۇنياسى،
  
كونا مۇقاملار لەززەتنىڭ ئەڭ چوڭ باباسى،
ئوسۇش ،ئىجاس،يۈكسىلىشكە ئەپلىك ئامال،سازەندىم.

بىھۇدە يات كىرلەرنى تازىلىغاي ئېسىل سەنئەت،
  
ئىنكاسىدۇر ھاياتنىڭ،جان ئۈچۈن لەززەت،
  
ئىلھام بېرىپ ۋىجدانغا،تەۋرەتسۇن خسلەت،
  
سازەندىنىڭ قولىغا بەرمىسۇن ھېچ دەرت،
   
كۆڭۈل مەيلىنى سازىڭ ئىشقى قىلسۇن ئىشغال،سازەندىم.

مۇقام-سەنەم،سەن بول بىر ئاشىق غېرىپ،
ئۇچرىشىشقا ئالدىرا ۋۇجۇدۇڭ بېرىپ،
مۇھەببەتنىڭ مەنزىلىدە يۈر كۆكىرەك كېرىپ،
ھەر قەدەمدە ئۈنچە-مارجان،ياقۇتلار تېرىپ،
شانۇ-شەۋكەت زىمىنىدا ئوتۇر نىھال،سازەندىم.

ۋەتەن،خەلق ئۈچۈندۇر دائىم بىزنىڭ ئېشىمىز،
ئازات تۇرمۇش ئاشنىسى بولدى ھەر بىر كىشىمىز،
   
ھور مەقسەتلەر يولىدا بىزنىڭ ئوي ۋە پىكرىمىز،
ئىجات ئېتشتۇر ھارماي يېپ-يېڭىنى زىكرىمىز،
قوبۇل ئەيلەڭ شېئىرىمنى ،سىز بىمالال،سازەندىم.

شائىر ‹چال،سازەندىم›ناملىق بۇ مۇخەممەسنى 1944-يىل 9-ئايدا ھازىرقى مەشھۇر سازەندىمىز ۋە ئاتاقلىق مۇقامچىمىز زىكرى ئەلپاتتاغا بېغىشلاپ يازغان،گەرچە بۇ چاغدا شائىر لۇتپۇللا ئاقسۇدا،زىكرى ئەلپاتتا غۇلجىدا بولسىمۇ،ئۇنىڭ مۇزىكا ئىجادىيىتى شائىرغا زور ئىلھام بېغىشلىغان،شائىر ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئوپىراسى‹تاھىر -زۆھرە›غەزەللىرىگە ئاھاڭ ئىشلەشتە زىكرى ئەلپەتتانىڭ مۇزىكا ئىجادىيىتىدىن كەڭ تۈردە پايدىلانغان ئىدى.
 
خىيالچان تىلەك
لۇتپۇللا مۇتەللىپ


تېڭىرقىمايمەن،دوستلار،تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى،
چۈشۈرمەيمەن كۈرەشكە دەپ تۈرگەن بۇ بىلەكلەرنى.

مەرد باغۋەن خازان قىلمايدۇ ۋاقىتسز باغنى،
تەربىيسىز سۇلدۇرۇپ گۈل -چىچەكلەرنى.

خىيالىم خۇددى تەلپۈنۈپ تۇرغان بىر سەبىي بالا،
ئىمىش ئۈچۈن قەدىردان ئانىدىكى قوش ئەمچەكلەرنى.

لەززەتلىك خىيال ئارسىدا بېقىپ ئاسىمانلارغا،
تەپەككۇر كۆزى بىلەن كۆرىمەن روشەن بۇرجەكلەرنى.

جانان ناز ئۇيقۇدا يېتىپ نېچۈن تولغانماس؟
ئاشقى كۈتۈپ تۇرسا ئېچىپ يورۇق رۇجەكلەرنى.....

نىمشىقا يازماي تىلەك ئارىلاش مۇڭلۇق لىرىكىلارنى،
سۆيگۈ ئىشقى ئۆرتەپ كۆيدۈرسە بۇ
  يۈرەكلەرنى.

ئەزەلدىنلا خىيالچان.....مۇڭلۇق بىر يىگىت ئىدىم،
تىڭشىغاچقا مومام ئاغزدىن ساماۋى چۆچەكلەرنى.

سۆيگۈ دېڭىزى چوڭقۇرلۇقىدا مەن قاينام تۇرسام،
ئۇسسۇزلۇقۇم قانداق قانسۇن ئىچىپ كىچىك كۆلچەكلەرنى.

 

ياشلىق، ئۈگەن

      لۇتپۇللا مۇتەللىپ

ياشلىق،تىرىش-تىرماش ھارماي ئۈگەن،
ئىلىمنىڭ دېڭىزى قاينام ھەم چوڭقۇر.
نادانلىق ئۇ ، ھەممىنى بىلدىم دېگەن،
كۆرۈپ... ۋاراقلاپلا بىر قۇر.

ئىلىم
  مۆجىزىلەرنىڭ سىرىن ئاچقۇچى،
بىر كۈن ياشاش ئۈچۈن ئوقى ئون يىل!
كۆزلا ئەمەس ئالدىڭغا نۇر چاچقۇچى،
قاراڭغۇنى يورىتىدۇ يورۇق دىل.

ھەربىر ھادىسە يوشۇرۇن سىر ساقلايدۇ،
توقۇلمىلىرى ئۇنىڭ ئاجايىپ.
ئىلىم ھارماس مەرت ئادەمنى ياقلايدۇ،
ناداننىڭ كۆزىدىن ئۇ ھەرقاچان غايىپ.

راھىپ بول ئىلىمنىڭ نازاكەت چۆلىدە،
مۆجىزىلەر گۈمبىزىگە «شەيىخ».
كۈن-تۈن زىكرى قىل شۇلار تۈۋىدە،
ئىجتىھات سېنى دېگۈزمەس دەرىخ.

ياشلىق،چاقماقسەن، چېقىپ ئۆچىسەن،
ئەۋرىشىم چېغىڭ مۇشۇ،ئۈگەنگىن،ئۈگەن!
قاراڭغۇ دىل چۆلىگە بىر كۈن چۆىسەن،
ئادەم بولۇش دۇلدۇلىغا سالمىساڭ يۈگەن!

   1943-يىل ئاۋغۇست، ئۈرۈمچى
 
بىز شىنجاڭ ئوغۇل-قىزلىرى

لۇتپۇللا مۇتەللىپ

بىز شىنجاڭ ئوغۇل-قىزلىرى،بىز ئۈمىد يۇلتۇزلىرى،
كۈرەش قاينىمىدا ئۆسكەن،كىرسىز-پاك قۇندۇزلىرى.
بىز ئۈمىد يۇلتۇزلىرى،
كەلگۈسىنى كۆزلەيمىز ھامان.

ئالىي بىزنىڭ تىلەكلەر،ئىشچان باتۇر بىلەكلەر،
دائىم ئالغا ئنتىلىدۇ دولقۇنلاپ ياش يۈرەكلەر.
ئالىي بىزنىڭ تىلەكلەر،
ئالغا ئاتلايمىز تىنماي ھەر زامان.

ناخشا ئېيتىمىز تارتىنماي،ۋەتەن يولىدا تىنماي،
بىرلىك سەپتە تەكشى ماڭىمىز،بىر-بىرىمىزدىن قالماي.
ۋەتەن،ئەل يولىدا تىنماي،
قەھرىمانلارچە ماڭىمىز كۆزلەپ مەيدان.

ئېگىز-پەسنى تۈزلەيمىز،يېڭىلىقنى كۆزلەيمىز،
«مەزلۇملار،بىرلىشىڭلار!» دەپ دائىما سۆزلەيمىز.
ئېگىز-پەسنى تۈزلەيمىز،
پۈتۈن جوڭگونى قىلىمىز گۈلىستان.

بىزگە قەدىرلىك ئەمگەك،شۇڭا يېپىشىمىز بەك،
ئەمگەك بىلەن ھەر ئىشىمىز ئالغاماڭار درگەندەك.
بىزگە قەدىرلىك ئەمگەك،
ئەمگەك بىلەن پەيدا بولار ھۆر ماكان.

بىز كۈرەش يارىتىمىز،بىز ئۇنىڭغا جان ئاتىمىز،
كۈرەش بىزگە شۇنداق يېقىن،ئۇ ئاتا-ئانىمىز.
بىز كۈرەش يارىتىمىز،
كۈرەش بىلەن كېلىدۇ بىزگە چوڭ دەرمان.

سازىمىزنى قولغا ئېلىپ،بىرلىك پەدىگەچېلىپ،
خەلقىئارام دىققىتىنى ئۆزىمىزگە جەلپ قىلىپ،
بىرلىك پەدىگە چېلىپ،
قويمايمىز يۈرەكتە ھېچ ئامان.

جەڭ قاينىمىدا قايناپ،جەسۇرانە مەيداندا ئويناپ،
ھەر مىنۇتتا غالىب كېلىپ،ئەزىز تۇپراقنى قوغداپ،
ھەر مىنۇتتا غالىب كېلىپ،
بولىمىز راست ئازادچىل قەھرىمان.
1938-يىل،ئاۋغۇست،غۇلجا
 
دۆلەت ئەلا، مىللەت ئەلا
لۇتپۇللا مۇتەللىپ
قارا بۇلۇتلار ئۇچۇرشىپ،  چاقماقلار چاقسۇن،
مۆلدۈر يېغىپ،  دەريالار سەل بۇلۇپ ئاقسۇن.
چىش ھىڭگايتىپ ئەجەللەر ئالىيىپ باقسۇن،
مەنزىل توسۇپ جاڭگاللار كۆكسىنى ياقسۇن.
شۇ چاغدىمۇ دۆلەت ئەلا،  مىللەت ئەلا!
 
دېڭىز ئۇپقۇن ياساپ قىرغاقتىن تاشسۇن،
جاھان قاپساپ جۇت بورانلار ھەددىدىن ئاشسۇن.
تاغلار ئۆرۈلۈپ ئۆتكەل،  يوللارنى باسسۇن،
يولدا پۇتلاش ئەجدىھا،  لۆجىلەر ياتسۇن.
يەنە بەرىبىر دۆلەت ئەلا،  مىللەت ئەلا!
 
مىليون ئېغىر قورال_توپلار بىردىن ئېتىلسۇن،
زەھەر گازلار،  ئىس_تۈتەكلەر ھەريان چېچىلسۇن.
ئاندا چەكسىز جەڭۇ جېدەل مەيدانى ئېچىلسۇن،
سىناشتا تەقدىرنىڭ تۈگۈنلىرى يېشىلسۇن.
مەيلى ئوخشاش دۆلەت ئەلا،  مىللەت ئەلا!
 
يەرلەر تىترەپ،  تاغلار بىر_بىرىگە ئۇرۇلسۇن،
سوقۇش (ئەۋلىيالىرى) نىڭ قارا كۈلى سورۇلسۇن.
تاڭ نۇرىدا قارا زۇلمەت قوينى يورۇلسۇن،
بىز كۈتكەن يېڭى گۈلباغ پارقىراپ قۇرۇلسۇن.
شۇندىمۇ بىزگە دۆلەت ئەلا،  مىللەت ئەلا!
 
لۆجى ياپۇن مىجىقلىنىپ زىرى_زوبون بولسۇن،
گىتلېردىنمۇ دۇنيادا نامۇ ئەسەر قالمىسۇن.
زۇلمەت،  غەۋغا تائەبەتكە كەتسۇن_يوقالسۇن،
ئۇجۇقسۇن زومىگەرلەر ھېچ قوپالمىسۇن.
ھەر سىناشتا دۆلەت ئەلا،  مىللەت ئەلا!
 
ۋەتەن ئىشقى كۆكرىكىڭدە بولسا ئەگەر،
ھەر غېرىچ يەر سىنىڭ ئۈچۈن بىباھا گۈھەر.
بەس،  ھەم شۇ يەردە ياش ۋە ئاداققى قان تۆكىلەر،
تامچە قاندىن چۆل قۇچاقلاپ چىمەنلەر كۆكلەر.
ھەر مىنۇتتا دۆلەت ئەلا،  مىللەت ئەلا!
 
جانلىنىش،  كۆرەش ھاياتلىقنىڭ ئاچقۇچى،
ۋەتەن پەرۋەرلىك خەلققە نۇرلار چاچقۇچى.
بولغىن شۇڭا گاڭ ئىرادىلىك بىر جەڭچى،
بولسۇن ساڭا بۈگۈن ھەربىر يېڭىش بىرىنچى.
ئالغا چامدا،  دۆلەت ئەلا،  مىللەت ئەلا!
 
خوش  
لۇتپۇللا مۇتەللىپ
 
ئۆسكەن يېرىم ، مېنى كەتتى دەپ زادى زارلانما ،
ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن ، بىز باردىغان شەھەرنى .
يېڭى ھايات نۇرلىرى ، ئەرك غۇنچىلىرى ،
ئېچىلىپ دولقۇنلاپ قاينىغان شەھەرنى .



كۆرسەڭ ئىدىڭ ، شەھرىم ، ئاندا مەكتەپ ، ئالىي جايلارنى ،
ئاندا زېرەك ، چېۋەر ،تەكشى ئۆسۈۋاتقان كۈچلەرنى .
ئاندا كۈرەش ، ئاندا قايناش ، شەربەتلىك باغلار،
ئاندا پىشىپ ، ئاندا مەي بولۇپ كېلىۋاتقان يېمىشلەرنى .



مانا بۈگۈن مەنمۇ شۇ دولقۇننىڭ كەڭ قوينىغا ،
قىپيالىڭاچ بولۇپ ئۆزۈمنى ئاتىمەن .
شۇ شەھەردە ئوزۇق ئېلىپ دىلىمغا ،
تاۋلىنىپ ، يۈرەككە يېڭى كۈچلەرنى تاپىمەن .



ئېخ ! دولقۇنلۇق ئۈندىكى قاينام نامايىشلار ،
قان بېرىدۇ يۈرەككە ، قىلىدۇ دىلنى مەپتۇن .
قارا مۇشت قوللار سوزۇلغاندا تۇغلارغا ،
سۈرۈلگەندى قېچىپ ئۈندىنمۇ قاپقارا تۈن .
 
.......................................................
كېلەر مەن يېڭى قۇۋۋەت توپلاپ يۈرەككە ،
ئۆلكەمنىڭ ھەربىر بۇلۇڭىدا ئىشلەش ئۈچۈن .
بىلدۈرۈپ ئاندىن ئالغان ساۋاقلارنى خەلقىمگە ،
ئالىي بالداق مېۋىسىنى پاتراق چىشلەش ئۈچۈن .



مەن كەتسەم ، مېنىڭ ئورنۇمغا مىڭلىغان ياشلار بار ،
بىزدە ھازىر ، شەھرىم ، ئورۇن قالماس ھەرگىز بوش .
سەنمۇ زادى چىقمايسەن ئېسىمدىن ئەسلا - ئەسلا ،
مەن كەتتىم ئۇ شەھەرگە ، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شەھىرىم ، خوش !

1939 - يىل ئاۋغۇست ، غۇلجا
شائىر بۇ شېئىرنى 1939 - يىل 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئىلىدىن ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا ماڭغان ۋاقتىدا يازغان  ، شېئىر <<ئىلى گېزىتى >> دە بېسىلغان - مۇھەررىدىن
 

كەل باھار

لۇتپۇللا مۇتەللىپ


كۆكلەم باغرىم ،كەل ، سېغىندىم سېنى ،
يېشىل قوينۇڭغا تارتىۋال مېنى .
قۇشلىرىڭنىڭ سايرىشى ئارامى جاننىڭ ،
سۇلىرىڭنىڭ شارقىرىشى ھەرىكىتى تەننىڭ .
كۆكلەم ، بول چاپسان ، تەبىئەتكە جان سال ،
چىرماشسۇن تىرىلىپ ، ماڭا مەجنۇنتال .
كۆكلەم ، جىگىرىم سەن ، ئاچ ئېتىزلارنى ،
كەڭ سەھنەڭگە تارتىۋال ئىشچان قىزلارنى .
سەيلە قىلسۇن ھەر ياندا باھار پەرۋازى ،
جاراڭلىسۇن ئېتىزدا ئەمگەك ئاۋازى .
كەتمەن ئالسۇن دېھقان ، تىلغىسۇن يەرنى ،
ئالتۇن تېپىش ئۈچۈن تۆكسۇن ساپ تەرنى .
تورغايلار ئىلھام بەرسۇن چىرىلداپ ھاۋاغا ،
ھەرياندا شادلىقتىن ھېسلار ھۇۋەيدا ،
كۆكلەم  ، يەرگە دەم سال ، ئويغانسۇن قۇش - قۇرت ،
دەرەخلەر پەخىرلەنسۇن تارتىپ ساقال - بۇرۇت .
يېىشل باغلار ، ئارام چاغلار يۈزى ئېچىلسۇن ،
كەڭ ھاۋانىڭ قاتلىمىغا نۇرلار چېچىلسۇن .
دېھقان بالىسى چولپان بىلەن بەسلىشىپ تۇرسۇن ،
بوستان قىلىش ئۈچۈن يەرگە كەتمەننى ئۇرسۇن .
مەرۋايىتتەك تەرلىرى ماڭلايدىن ئاقسۇن ،
ئىشقا تويۇپ يەرلىرى قەنتىنى چاقسۇن .
بۇ قىياپەت ، بۇ كۆرۈنۈش شائىرغا ئىلھام ،
ھېچ تويماسمەن بۇلارنى زوق بىلەن يازسام .
كەل باھار ! مەرھابا ، كۈتىمەن سېنى ،
يېشىل ئىلھام قوينىغا ئورىدىڭ مېنى .


لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1941- يىلى يازدا سوۋېت ئىتىتپاقى ئېكسپېدىتسىيىچىلىرىگە تەرجىمان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئايلىنىپ چىققان. بۇ جەرياندا ئۇ ئەمگەكچى خەلقنىڭ قان، ياشقا تولغان ئېچىنىشلىق تۇرمۇشى بىلەن چوڭقۇر تونۇشقان ۋە شۇ ۋاقىتتا ئىگىلىگەن مول ماتېرىياللار ئاساسىدا «داۋانلار ئاشقاندا» ناملىق رومانىنى يازغان. بۇ رومان 1945- يىلى ئاقسۇدا گومىنداڭچىلار تەرىپىدىن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. 1952- يىلى بېيجىڭ مەركىزىي ئىتتىپاق مەكتىپىنىڭ مەكتەپ رەھبەرلىرى شىنجاڭدىن تۇنجى تۈركۈمدە ئوقۇشقا بارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەسلەپكى خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش باسقۇچىدا دەرسلىك تۈزۈپ ئۆتكەندە، لۇتپۇللا مۇتەللىپنى تونۇشتۇرۇپ كېلىپ، ئۇنىڭ «داۋانلار ئاشقاندا» ناملىق رومان يازغانلىقىنى قەيت قىلغان. ئەپسۇس، بۇ رومان بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن. 
پولات ئاماننۇرى ماقالىسىدىن ئۈزۈندە.


 
ئەجەل ھودۇقۇشىدا
لۇتپۇللا مۇتەللىپ
 
مۇسسۇلىنى گىتلېرغا زېنت توپ، زەمبىرەك، ئايروپىلان ئەۋەتىپ، ئىتالىيىنى مۇھاپىزەت قىلىش توغرىسىدا قەتئىي تەلەپ قويغان. مۇسسۇلىنىڭ بۇ تەلىپى گىتلېرنىڭ ئومۇمىي بۆلۈمىنى ھەيران قالدۇرغان. (گېزىت خەۋىرى)

نىئاپولدىن بېنتون مۇسسۇلىنى ئۆلە-تىرىلىشىگە باقماستىن «رىم نەدىسەن؟» دەپ سېمىز قورسىقىدا توختىمىغان ئىشتىنىنى كۆتۈرگەن پېتى ۋارقىراپ چاپتى.
- ۋاي خالايىق، ئوتتۇرا دېڭىز كۆيۈۋاتىدۇ!
- ھە، نېمە بولدى؟
- ئوتتۇرا دېڭىزغا ئوت كەتتى!...

مۇسسۇلىنى ئارقىسىغا قاراپ-قاراپ قوياتتى. بونا ئارىلىدا، بىزېرتا چوققىلىرىدا ئېتىلغان توپلارنىڭ ئاسماننى تىترىتىپ، قارا ئىس-تۈتەكلەرنى ئەرشىئەلاغا كۆتۈرۈپ ھەيۋەت بىلەن ئېتىلىشلىرىنى كۆرۈپ تېخىمۇ ئالدىراپ چاپتى. ھېرىپ بارغان بويىچە گىتلېرنىڭ قوينىغا ئېتىلدى. مۇسسۇلىنى ئەركىلەپ ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى. گىتلېر ئۇنى پەپىلەپ بەزلەشكە باشلىدى:
- دۈپدۈگىلەك پور سېمىز مۇسسۇلىنىم، يىغلىما، نېمىگە يىغلايسەن؟
- مەن يىغلىماي كىم يىغلىسۇن. ئىتالىيە تىررىن دېڭىزى ۋە ئادرىئاتىك دېڭىزىدىكى خۇددى بىر ئۆتۈكنى سۇغا چىلاپ قويغاندەك يەر تۇرسا، ئۇنىڭغا ئوت تۇتىشىپ كەتسە قانداق قىلىمەن؟
- ئەخمەق ئىكەنسەن،- دېدى گىتلېر،- ئۆتۈككە ئوخشىغان ئارالدىنمۇ غەم قىلامسەن؟
- ئەمىسە قانداق قىلىمەن؟
- مەن كىيىۋالىمەن تامام!
- ئۇنى كىيىشكە بولمايدۇ!
- نېمىشقا؟
- ئۇنىڭ سىجىلىيە دېگەن چەمى ئاجراپ كەتكەن.
- كىيسەم نېمە بولىدۇ؟
- پۇتۇڭغا ئوت تۇتىشىدۇ. پۇتى كۆيگەن توخۇ ماڭالمايدۇ...


بۇلار كۆپ تالاشتىن كېيىن ئايرىلدى. گىتلېر يولىغا راۋان بولدى. مۇسسۇلىنى ئۆز ئوردىسىغا گاۋجانى، كاپىلو، داپىنو، كاۋىكالىيا ناملىق مارشاللارنى يىغىپ، ئىتالىيىنى «قۇتقۇزىدىغان» باش ھەربىي ئىشلار ئۆمىكى تەشكىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلەپ بېرىپ چىقىپ كەتتى. مارشاللار ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرىگە ئائىت نەرسىلەر ئۈستىدە سۆزلىشىپ كەتتى.
- سەن كاپىلو، يۇگۇسلاۋىيىنىڭ جۇغراپىيە ئەھۋالى بىلەن تونۇشامسەن؟
- نېمىشقا تونۇشمايمەن! يۇگۇسلاۋىيە تاغلىق رايون. يۇگۇسلاۋىيە پارتىزانلىرى بىر تاغنىڭ ئىچىگە سولىۋېلىپ مېنىڭ ئاكامنىڭ پۈتۈن بىر دىۋېزىيىسىنى قىرىپ تاشلىغان.
- داپىنو، سېنىڭ گرېتسىيە ھەققىدە مەلۇماتىڭ قانداق؟
- يامان ئەمەس، مېنىڭ دادامنى گرېكلار ئاپىنا غارىدىن دېڭىزغا تاشلىۋەتكەن!
- سەن كاۋىكالىيا، جەنۇب تەرەپتە خېلى بولغانغۇ؟ قانداق، ئۇياق بىلەن چىقىشالامسەن؟
- 5-ماي كۈنىدەك ئىتتىپاقچىلارنىڭ ئەسكەرلىرى قوغلىمىسا، نېگىرلارنى قاقشىتىپ ئويناش كۆڭۈللۈك ئىدى.
- گاۋجانى، سەن رۇمىنىيىدە، رۇسىيە جەڭ مەيدانلىرىدا بولدۇڭ، رۇسلاردىن ئەسىر ئېلىپ باقتىڭمۇ؟
- ھە، ئەلۋەتتە. سەن رۇسلارنى تۇتۇۋالغىنىڭ بىلەن ئۇلار سېنى قويۇپ بەرمەيدىكەن.


مارشال كاۋىكالىيا سۆزگە ئارىلىشىپ قالدى:
- بىز ئاپرىقىدىن قاچقاندا، قورققانغا قوش كۆرۈنۈپ، ئاڧرىقا چۆللىرىدە ئۆسىدىغان ئادەمگە ئوخشايدىغان كاكتۇس ئۆسۈملۈكىگە چاس بەرگەندەك بولۇپتۇ-دە، كېرەك يوق.
- ئەمىسە، ئىتالىيىدىن تىنچ يەر يوق دېگىنە؟- دەپ سورىدى بىرى.
- گىتلېر كىيىۋالىمەن دەيدىغۇ؟
- مانا بۇ مۇتلەق قاملاشمايدۇ!
- نېمىسى قاملاشمايدۇ؟
- ئۆتۈكنى قۇرۇق كىيسە پۇتنى غاجايدۇ، ئۇنىڭغا بىر نېمە ئوراش كېرەك.
- بىزنى ئورايدىكەن-دە!...
- ئۇلۇغ رىمغا شۈكۈر!...
- مۇسسۇلىنىغا شۈكۈر- دە، ئەخمەق!...
- ئۇ ئۆلۈپ كەتسىچۇ؟
- ئاندىن ئىمپېرىيىگە شۈكۈر دېسەڭ بولىدۇ...
- ئۇقماپتۇق...


مۇسسۇلىنى ئۇخلىيالمىدى. ئۇ چۈش كۆردى، چۈشىدە مانا مۇنداق ئىش كۆردى: مانا نىئاپول ئۈستىدە نەچچە مىڭلىغان ئىتتىپاقچىلار ئايروپىلانلىرى ئۇچۇپ يۈرىدۇ. مانا، بومبىلار ياغدۇردى. مانا كۈچلۈك پارتلاشلار ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. مانا، ئوتتۇرا دېڭىزدا توشقان پاراخوت... ئەنە، ئەسكەرلەر قىرغاققا دەسسىدى. مانا، ئوردىنىڭ زور بىناسى ئۆرۈلۈپ كەتتى...

مۇسسۇلىنى قورقۇپ:
- ۋاي ھېتەك (گىتلېر)!- دەپ ۋارقىرىۋەتتى.
- ۋالاقلىماي جىم يات!- دېدى گىتلېر بوغۇق سەت ئاۋاز بىلەن.

ئىككىسى بىر-بىرىگە يات ئادەمدەك ماي تارتىشىپ قارىشىپ، خورازلاردەك بوغۇشۇپ، ئوتتۇرا دېڭىز تەرەپتىكى دېرىزىدىن كىرىۋاتقان شامالدا مۇزلىغاندەك غوللىرىنى چىقىرىپ ھودۇقۇپ گاڭگىراشتى. گىتلېر ئاستاغىنا دېدى:
- ھۆكۈمرانلىق ھارۋىمىز پاتقاققا پاتتى. بىر چاقى شەرقتە، يەنە بىر چاقى غەربتە...
- پېتىش بۇ ياقتا تۇرسۇن، ئوقمۇ سۇندى...
- «ئوق سۇندى»؟!...


ئىككىسىنىڭ كۆزى ئالاق-جالاق بولۇپ كەتتى.
 
پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ
 
لۇتپۇللا مۇتەللىپ



ياپون پادىشاھ ئەسكەرلىرىنى باسقان زور سوقۇش پاراخوتى ئۇلۇغ ئوكيان فرونتىنىڭ ئالدىنقى لىنىيىلىرىگە قاراپ كېتىپ بارىدۇ. تۈن قاراڭغۇ، دېڭىز دولقۇنلۇق...

پاراخوتتىكى 15 ياشلىق ئەسكەر يېنىدىكى 70 ياشلىق قېرى دې بوۋايدىن سوراپ قالدى:

_ ئاكا، نېمىشقا بىزنىڭ بايرىقىمىزنىڭ بەلگىسى قىزىل ھەم دۈگىلەك؟

_ كىم بىلىدۇ دەيسەن ئۇكا ئۇنى؟

_ سەنمۇ ماڭا ئوخشاش بىلمەيدىغان ئوخشايسەن؟

_ مەن كىتاب ئوقۇشنىمۇ بىلمەيمەن، _ دېدى بىر پەس ئويلىۋالغاندىن كېيىن قېرى، _ شۇنداق بولسىمۇ پەرەز قىلىمەنكى، ئۇنىڭ قىپ - قىزىل بولۇشى قان بولۇپ، دۈگىلەك بولۇشى داغ، يەنى قىزىل داغ دېگەن سۆزمىكىن، دەيمەن.

_ ئەمىسە، بىزنىڭ ليەننىڭ سىياسى رەھبىرى بىزگە "ئۇ نۇرىنى چېچىپ تۇرغان قىزىل كۈن" دەپ چۈشەندۈرىدىغۇ؟

_ بەلكى قىزىل قان چاچىدىغان دۈگىلەك كۈندۇر. مەن تۇغۇلۇپ بۇ يېشىمغا كەپتىمەن، بۇ بايراقنىڭ ئۇرۇش ھەم قان چاچقىنىنى كۆردۈم، نۇر چاچقىنى يادىمدا يوق، _ دېدى قېرى ئۇنىڭ سۆزىنى كېسىپ.

_ مۇنداق دەڭ!

_ مېنىڭچە شۇنداق... يەنە قانداق نېمىلىرىڭ بار، سورا!

قېرى ماختانغاندەك ئۇنىڭغا قارىدى. خىيالى باشقا نەرسىلەرگە بېرىلىپ كەتكەن ياش ئەسكەرنىڭ قىياپىتى ئۇنىڭغا ئايانچ كۆرۈندى.

_ ئۇ، بىر قىزىل داغ بولسا، بىر بالا-قازا دېگىن ئەمىسە؟ _ يەنە بىر جۈملە سۆزنى قوشۇپ قويدى ياش ئەسكەر.

_ بۇ توغرا ئەمەس، بالا بىلەن قازا بۇنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ.

_ ئەمىسە، بالا دېگەن نېمە؟

_ بىزنىڭ ئۇلۇغ ئوكيانغا سوقۇشقا كېتىپ بېرىشىمىز بالا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

_ ھە، قازاچۇ؟

_ ئەگەردە جۇڭگو فرونتىغا سوقۇشقا ماڭساق، بۇ قازا بولىدۇ.

_ ھە، ئەگەر ئىككىسى قوشۇلسىچۇ؟

_ بالا بىلەن قازا قوشۇلسا نېمە بولاتتى، ئىشنىڭ كارى تامام، ۋەسسالام.

كىچىك ئەسكەرنىڭ كۆزلىرى يوغان ئېچىلدى. ئۇنىڭ ئالدىنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندەك بولدى، تەرىنى تۈرۈپ يەنە سورىدى:

_ ئىككىسى قوشۇلسا گۈم بولىسەن، دېگىنە؟

_ گۈم بولۇش بۇياقتا تۇرسۇن، مىجىقىڭ چىقىپ قۇم بولىسەن.

بۇلارنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ھەممە پادىشاھ ئەسكەرلىرى بۇ گەپنى ئاڭلاپ، بىر-بىرىگە مەيۈسلۈك بىلەن قاراشتى.

دېڭىزنىڭ تۇزلۇق سۈيى يىراقلاردىن دولقۇنلىنىپ كېلىپ، قەھرى بىلەن پاراخوتنى ئۇراتتى.


1942-يىل، ئۈرۈمچى


 
 
1348592141dK6E.jpg
13485921449PTk.jpg

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4865
توردىكى ۋاقتى: 1411
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 18:26:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ شانلىق ئىش ئىزلىرى، قەلبىمىزدە مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

3

تېما

0

دوست

628

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   25.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10728
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 150
تۆھپە : 87
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 18:36:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت  قىرىنىدىشىم . قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن. ناھايىتى ياخشى ئىشتىن بىزنى خەۋەردار قىلدىڭىز. اللا  تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن

ئەزىز-ئەزىزلىنى

1

تېما

0

دوست

1049

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   4.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10383
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 205
تۆھپە : 161
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 18:54:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرنىڭ خىيالچان تىلەك ۋە يىللارغا جاۋاب ناملىق ھەممە شىېئىرلىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ ئوقۇيمەن...
ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ

http://everoll.tk

45

تېما

0

دوست

5073

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   1.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  703
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 1287
تۆھپە : 682
توردىكى ۋاقتى: 1186
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 19:36:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت تېمىڭىزغا... لۇتپۇللانىڭ شئېلىرىنى ھەقىيقەتەن كۆپ كىشىلەر ياقتۇرىدۇ...
http://everoll.tk

0

تېما

0

دوست

542

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   8.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6361
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 130
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 21:08:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەسىرلىككەن ئوقۇۋېتەپ كۆزلىرىمدىن ياش تۆكۈلدى

39

تېما

0

دوست

4359

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   78.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11426
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 861
تۆھپە : 768
توردىكى ۋاقتى: 369
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 21:30:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماتىرىياللار بەك تەپسىلى ھەم تەسىرلىك ئىكەن ،بۇ جەھەتتىكى ئەمگىگىڭىز ئۈچۈن سىزگە ئاللادىن رەھمەت ياغسۇن.مەن بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىغا چىققان ئايغاقچىلارغا مۇنۇ شېئىر ئارقىلىق دەككە بەرمەكچى.....


ئايغاقچى

قاراخان

تىلى گويا يىلان نەشتىرى،

كىر ئىزدەيدۇ تىرناق ئاستىدىن.

دىلى يالا چايان زەھىرى،

سېھىرلەيدۇ ئاياق ئاستىدىن.




بۆشۈگۈڭنى زاۋالدا قويۇپ،

ئاسار سېنى ئاسما قوزۇققا.

تىرەڭنى ھەم تۇلۇمدەك سويۇپ،

چىقىرىدۇ سېنى ‹‹بۇزۇق›› قا.




گەپ سۆزۈڭ ياق مېڭىش تۇرۇشۇڭ

ئايان ھەتتا كۆرگەن چۈشۈڭمۇ.

ئايان ھەتتا ئۇلپەت تونۇشۇڭ،

گۇمان تۇرماق بىلگەن ئىشىڭمۇ.




سۈنئى ھەمرا بەلكى ئايغاقچى،

سايىدەكلا يۈرەر ئەگىشىپ.

قەبىھ ئوۋچى،ئوغرى ماراقچى،

ساتقۇن روھنى قىلغاندۇر كەسىپ.

.

يامان يولدىن توسۇپ ياماننى،

ياخشى يولدىن بەرمەيدۇ نىشان.

ئايرىماستىن ئاقىل، ناداننى،

ياخشىغا ئۇ يۈكلەيدۇ نۇقسان

.

ئۆزگىلەرگە ياخشىچاق بولۇپ،

قېرىنداشنى  ئىتتىرەر ئوتقا.

رەزگىلەرگە يانتاياق بولۇپ،

رول ئالىدۇ شۇمپەن  ھاياتقا.




ئىچىمدىكى ئوت نىچۈن  يامان،

بولسىمۇ گەرئىچىم ئاق،كەڭرى.

ئىچىمدىكى يات نىچۈن  يامان،

يات قىلمىغىن ‹‹ئىچىم››نى تەڭرى

.



قان ساتساڭمۇ كۈنۈڭ كېتىدۇ،

ھالال ياشاپ ،ساۋاپ تاپساڭچۇ.

نان ساتساڭمۇ تۈنۈڭ ئۆتىدۇ،

سۇئال تاپساڭ، جاۋاپ كۈتسەڭچۇ؟



قىلنى پىل دەپ ئەزدىڭ يۈرەكنى،

نالە قىلدى تۈگمە، تۆگە بوپ.

كۆرەلمىدىڭ چىچەن زېرەكنى،

كەتتى ھايات <<مەھبۇس>>قا تولۇپ.



قارا يىپقا چىقاردىڭ بىرنى،

ساقنى غاجاپ قىلدىڭغۇ بىمار.

ئۇدۇم قىلدىڭ شۇملۇق ،مىكىرنى،

غالجىرمۇسەن چىشلەشكە خۇمار.




يانفۇن ،ئۇچۇر،تور بەت پاراڭنى

يۇقۇملاپسەن ۋىرۇسلىرىڭدا.

يۇيۇلامسەن ئاسى قاراڭنى،

مىتە بارمۇ نومۇسلۇرۇڭدا؟!




ماڭا بەتنام چاپلىغان بىلەن،

ئەل ئالدىدا بولىسەن رەسۋا .

قۇچاقلىدى مېنى  ئەل ۋەتەن،

سېنى توپتىن ئايرىيدۇ پەشۋا.



كۆز-قۇلاققا يارالغانمۇسەن،

تىلىڭ تىكەن تېرىپ ئۆتەمدۇ.

ئەسلى ماشكا تۆرەلگەنمۇ سەن،

قاۋاپ يۈرۈپ كۆڭلۈڭ ئۆسەمدۇ؟!



2012-يىلى 1-ئۆكتەبىر

4

تېما

3

دوست

2995

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   33.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3467
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 394
تۆھپە : 664
توردىكى ۋاقتى: 281
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 21:41:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئاللا مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي.
ئاللا ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )