قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2049|ئىنكاس: 6

ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈپ گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

15

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  947
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 8
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 12:59:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىن شۈەن
   مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئىككى يېرىم يىل ئىچىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا ‹‹ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈپ، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرايلى ›› باش تېما قىلىنغان تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. بۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر.

1  

   ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى. ئېلىمىز ھەر مىللەت خەلق ئورتاق قۇرغان كۆپ مىللەتلىك بىرلىككە كەلگەن دۆلەت. جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۆزگىچە تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتتا، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي مۇساپە ۋە مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىدە ئۆزىگە خاس ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى شەكىللەندۈرگەن. ھەرقايسى تارىخىي پەيتلەردە، يۈكسەك ئىرادىلىك سان – ساناقسىز زاتلار ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ‹‹ دۆلەت ئۈچۈن ئائىلىنى، ئومۇم ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنتۇش ›› ، ‹‹ دۆلەتنى ئۆز ئائىلىسىدەك سۆيۈش ›› ، ‹‹ دۆلەتكە ساداقەتمەنلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش ›› ، ‹‹ جاھاننىڭ ئىشلىرى ھەر بىر كىشىگە باغلىق ›› دېگەنگە ئوخشاش ۋەتەنپەرۋەرلىك مۇھەببىتى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تارىخ داستانىدا پارلاق سەھىپە قالدۇردى. ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى ھەر بىر جۇڭخۇا پەرزەنتىنىڭ قان تومۇرىغا سىڭىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر پۈتۈن پەزىلىتىگە ئايلاندى. شىنجاڭ ئەزەلدىن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەنئەنىسى ئىنتايىن كۈچلۈك. مەسىلەن: ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە تۈرتكىسىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن ئىئانە توپلاش ۋە تەشۋىقات پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا مەدەت بەرگەن. جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكىلەر قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئاكتىپ پۇل – مال ئىئانە قىلىپ، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىشلار مەيدانغا كەلگەن. دىخۇا (ئۈرۈمچى)دىكى ‹‹ يۈفېڭلۇڭ ›› ماگىزىنى ئۈچ كۈنگىچە ماللىرىنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىپ، مال – پۇلىنىڭ ھەممىسىنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا ئىئانە قىلغان. ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ئاتىكەمخان ئېرىدىن قالغان 27 يامبۇنىڭ ھەممىسىنى ئىئانە قىلغان. نۇرغۇن ئەمگەكچى ئازغىنە تۇرمۇش خىراجىتىنى تېجەپ ئىئانە قىلغان. بىر تامچى ئىئانە ئاپپاراتىغا خەت يېزىپ: ‹‹ ۋەتەننى سۆيىدىغان قەلبىم بار، ئىئانە قىلغۇدەك ماجالىم يوق، بۈگۈن جاپالىق ئىشلەپ تاپقان 3500 سەر ئۆلكە پۇلىنىڭ 3000 سېرىنى ئىئانە قىلدىم، 500 سېرىنى ئىككى نان ئېلىپ قورساق تويغۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ قالدىم ›› ، دېگەن. ئونسۇ ناھىيەسىدىكى باقى ئوغلى ساقىغا ھەج قىلىشقا ئاتاپ قويغان 2500 كۈمۈش تەڭگىنىڭ يېرىمىنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا ئىئانە قىلىش توغرىسىدا ۋەسىيەت قالدۇرغان. خوتەنلىك ئەيسا نامرات بولۇپ، ئىئانە قىلىشقا قۇربى يەتمىگەچكە، 18 ياشلىق ئوغلى يۈسۈپنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە ئەۋەتكەن ھەم ‹‹ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئوغلۇمدىن كېچىشكە رازىمەن ›› ، دېگەن. شىنجاڭنىڭ داڭلىق ئۇسسۇلچىسى قەمبەرخانىم، دارۋاز سىدىق ھاشىم قاتارلىقلار ئۆزلۈكىدىن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا ئىئانە قىلىش پائالىيىتى تەشكىللەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى نامايان قىلغان. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 1937 – يىلى 9 – ئايدىن 1940 – يىلى 5 – ئايغىچە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق جەمئىي 3 مىليون 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلغان، 1939 – يىلى 8 – ئايدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىئانە قىلغان 1 مىليون 520 مىڭ يۈەن(فابى)گە ئون كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋېلىپ، ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتكەن، ››شىنجاڭ‹‹ ناملىق بۇ كۈرەشچى ئايروپىلانلار ۋۇخەننى قوغداش جېڭىگە قاتناشقان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ھەر خىل يېزىقتا يازغان 100 مىڭدىن ئارتۇق ھال سوراش خېتى تاغ – داۋانلاردىن ئېشىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە يەتكۈزۈلۈپ، ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلىۋاتقان كوماندىر – جەڭچىلەرگە مەدەت بېرىشتە گەۋدىلەنگەن ۋەتەننىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلۈش پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئىرادىسى ۋە غەيرىتىگە زور ئىلھام بولغان. جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئۈزۈلمەي داۋام قىلىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا تايانغان؛ جۇڭخۇا مىللەتلىرى چەتنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇپ، مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتە يەنىلا ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا تايانغان؛ يېڭى تارىخىي پەيتتە، باياشات، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك، زامانىۋىلاشقان دۆلەت بەرپا قىلىشتىمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا تايىنىمىز؛ يېڭى پەيت، يېڭى باسقۇچتا شىنجاڭدا ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۇلۇغ نىشانىغا يېتىشتىمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا تايىنىمىز.

   ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش پۇقرالارنىڭ تۈپ مەسئۇلىيىتى. ۋەتەنپەرۋەرلىك پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ تۈپ، ئەڭ مۇھىم قائىدە. كىشىلەر كىچىكىدىن باشلاپلا ۋەتىنىنىڭ تىلىنى ئىشلىتىدۇ، ۋەتىنىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىدۇ، ۋەتىنىنىڭ زېمىنىدا ياشايدۇ، ۋەتىنىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىسى، ئۆرپ – ئادىتىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ. شەخسنىڭ تەقدىرى ۋەتەننىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئادەم جەمئىيەتنىڭ ئادىمى، دۆلەتنىڭ پۇقراسى، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى بولغاچقا، دۆلەت، جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋەتەن، جەمئىيەتتىكى مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. قەدىمدىن بۇيان، كىشىلەر مۇشۇنى قىممەت ئۆلچىمى قىلىپ، شەخسنىڭ ھەرىكىتىگە باھا بېرىپ كەلگەن. كوڭزىچىلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە ‹‹ ھەققانىيەت ئۈچۈن قۇربان بېرىش ›› تەكىتلىنىدۇ، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ‹‹ قۇربان بېرىش ›› نىڭ تۈپ مەزمۇنى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن،بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن شەخسىي ھاياتىنى قۇربان قىلىشتىن ئايانماسلىقنى كۆرسىتىدۇ.

   ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيگەنلىك پۇقرالارنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغدىغانلىق. ۋەتەن مەنپەئەتنىڭ ئورتاق گەۋدىسى. دۆلەت قۇدرەت تاپسا، خەلق ئەمىن بولىدۇ؛ دۆلەت قۇدرەت تاپسا، خەلق بەخت تاپىدۇ. دۆلەت ئاجىزلىسا، خەلق ھاقارەتكە ئۇچرايدۇ، دۆلەت ئاجىزلىسا، خەلق خورلۇققا ئۇچرايدۇ. بەزى دۆلەت ۋە رايونلاردىكى خەلقنىڭ تاشقى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى، خورلۇققا ئۇچرىغانلىقىنى، ئۇرۇش ئوتىنىڭ ئۈزۈلمەيۋاتقانلىقىنى، جەمئىيىتىنىڭ تىنچسىز بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قالالمايۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، تۇرمۇشىمىزنىڭ خاتىرجەم، ئاسايىشلىقتا ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئويلىغىنىمىزدا، شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، قۇدرەتلىك ۋەتىنىمىز بىزنى قوغدىماقتا. جامائەت مائارىپى، ئاممىۋى قاتناش، جامائەت ئامانلىقى، جامائەت سەھىيەسىدىن بەھرىمەن بولغاندا، كۆڭۈللۈك تىرىكچىلىك قىلىۋاتقىنىمىزدا، شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ۋەتەن بىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلماقتا. مەسىلەن: يېقىندا قىرغىزىستاندا داۋالغۇش بولدى، ئېلىمىزنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئاھالىسى زور قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى، لېكىن قۇدرەتلىك ۋەتەن ئۇلارغا ئارقا تىرەك بولغاچقا، 15 – ئىيۇن سەھەردىن 17 – ئىيۇن سەھەرگىچە قىرغىزىستاندىكى 1300 گە يېقىن جۇڭگو پۇقراسى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن توققۇز قېتىملىق ھۆددە ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ ۋەتەن قوينىغا ئامان – ئېسەن قايتىپ كەلدى. خەتەرلىك جايدىن ئايرىلغان ھەر بىر جۇڭگو پۇقراسى بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندى. ئۇلار تۇشمۇ تۇشتىن ۋەتەننىڭ بىز قىيىنچىلىقتا قالغان ۋاقىتتا قىلغان غەمخورلۇقىنى، بەرگەن ياردىمىنى ۋە ۋەتەننىڭ ئىللىقلىقىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمىز، دېيىشتى. قەشقەردىن كەلگەن ئابدۇقادىر شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا: بۇ قېتىمقى ئۇشتۇمتۇت ئاپەتتە مەيلى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى خەنزۇ قېرىنداشلار بولسۇن، ۋەتەننىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى! بىر ئۇيغۇر قېرىنداش ھۆددە ئايروپىلانىغا چىققاندىن كېيىن ھاياجىنىنى باسالماي، ئايروپىلاندىكى كۈتكۈچىنىڭ مېكروفونىنى تارتىپ ئېلىپ باشلامچىلىق بىلەن ››ۋەتەنگە رەھمەت! ياشىسۇن ۋەتەن!‹‹ دەپ توۋلىدى. شۇنىڭ بىلەن يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى دەرھال ئاۋاز قوشتى، دېدى چەكسىز ھاياجانلىنىپ. سودىگەر ئەركىن: مۇشۇنداق ئالاھىدە پەيتتە ۋەتەن بىزگە ياردەم قولىنى سۇندى، مەن ۋەتەننىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكىمىز ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، ۋەتىنىمىزنىڭ قىيىنچىلىق پەيتىدە بىزنى قوغداپ قالغانلىقىغا رەھمەت، دېدى. ۋەتەن كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈش بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قىزغىن سۆيگەنلىك بولىدۇ.

2

   ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشتە، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى، شان – شەرىپى ۋە مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇش كېرەك. ۋەتىنىمىزنىڭ زېمىنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى سىرتنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغاندا، ۋەتەننى قوغداشتىن ئىبارەت مۇقەددەس مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىقلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىشىمىز؛ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىغاندا، دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا قارشى كۈرەش قىلىشىمىز؛ شەخسىي مەنپەئەت بىلەن دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى توقۇنۇشۇپ قالغاندا، شەخسىي مەنپەئەتنى دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربان قىلىشىمىز كېرەك.

   ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشتە، سوتسىيالىزمنى قىزغىن سۆيۈش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىك روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ھازىر بىز دەۋاتقان ۋەتەننى سۆيۈش سوتسىيالىستىك ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈشنى كۆرسىتىدۇ. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت سوتسىيالىزمنىڭلا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدىغانلىقىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭلا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئەڭ چوڭقۇر دەۋر مەزمۇنى ۋە ئەڭ تۈپ دەۋر تەلىپى. ۋەتەننى سۆيۈش، تىرىشىپ مىللەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشتە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سېستىمىسىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك.

   ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قىزغىن سۆيۈش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى مىللىي مۇستەقىللىق ۋە خەلق ئازادلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ۋە خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش تارىخى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىدا نۇرغۇن ۋەتەنپەرۋەرلىك ئابىدىسى تۇرغۇزۇلدى. جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئەڭ قەيسەر، ئەڭ قەتئىي ۋەتەنپەرۋەرلەر. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى جۇڭخۇا مىللەتلىرى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىنىڭ ئالىي ئۆلچىمى. ۋەتەننى سۆيۈش بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى سۆيۈش چوڭقۇر ئىچكى بىردەكلىككە ئىگە.

   ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشتە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. ئىتتىپاقلىق، بىرلىك جۇڭخۇا زېمىنىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىدىيەسىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان بولۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى. ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشتە، ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك بىرلىككە كەلگەن دۆلەت بولۇپ، بۆلۈنگەن، مالىمانچىلىق بولغان مەزگىلى بولغان بولسىمۇ، بىرلىككە كەلگەن مەزگىلى بۆلۈنگەن مەزگىلىدىن خېلىلا ئۇزاق. بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى شۇكى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى يۈكسەك بىرلىككە كەلگەن ئومۇمىيەت تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىگە سادىق قىممەت يۈزلىنىشى، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىناق ئۆتىدىغان، دوستانە مۇئامىلە قىلىدىغان، كۈچنى توپلاپ دۆلەتنى قۇتقۇزۇدىغان، قىيىنچىلىقتا بىللە بولىدىغان ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە. شىنجاڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ئۇ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون. شىنجاڭنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتىدا، ۋەتىنىمىزنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان زېمىنىدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت شىنجاڭ خەلقى بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي چېگراسىدىكى بۇ بىپايان، مۇنبەت زېمىننى ئورتاق ئېچىپ، قوغداپ، گۈللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئۇزاق تارىخىنى بىرلىكتە ياراتتى، ھەر مىللەت خەلق ئارىسىدا ئايرىۋېتىشكە بولمايدىغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەت ۋە مۇستەھكەم دوستلۇق ئورناتتى. بىز بۇنداق قىممەتلىك ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي ساقلاپ، ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكىنى قوغدىشىمىز كېرەك. مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇپ، ھەر قانداق مىللەتنىڭ كونكرېت دۆلەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، مۇئەييەن دۆلەت شەكلىگە بېقىنىدىغانلىقىنى، مۇشۇنداق ئەمەلىي گەۋدە بولغاندىلا، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە شەخسنىڭ بەختى كاپالەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق مىللەتتىن بولغان كىشىلەرنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى ئالىي مەنپەئەت دەپ بىلىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە تەرەققىياتىنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى، مانا بۇ پۇقرالارنىڭ مۇقەددەس بۇرچى ۋە مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي چۈشىنىشىمىز كېرەك. ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشتە، ۋەتەننى پارچىلاش سۇيىقەستىدە بولۇۋاتقان ››ئۈچ خىل كۈچ‹‹ كە قارشى كەسكىن كۈرەش قىلىش كېرەك. بۇ، بارلىق ساداقەتمەن ۋەتەنپەرۋەرلەر باش تارتىپ بولمايدىغان شەرەپلىك ۋەزىپە.

   ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشتە، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇشقا كۈچ چىقىرىش كېرەك. ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشتە، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ۋەتەن يولىدا جان پېدا قىلىش ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. شىنجاڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۆھەر زېمىنى، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ئەڭ ئەمەلىي، ئەڭ جانلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك. مەركەزنىڭ مەملىكەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ شىنجاڭغا مەدەت بېرىۋاتقانلىقى، 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە سوتسىيالىزم روھىنىڭ ئىپادىسى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىدىكى ئاساسىي كۈچ ۋە مەركەزنىڭ سىياسەتلىرىدىن ئەڭ چوڭ مەنپەئەتلەنگۈچى سۈپىتىدە، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش روھىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مەدىتىنى ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مەركەز ۋە مەملىكەت خەلقىنىڭ مەدىتىنى ئۆزىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىش ئورتاق ئارزۇسىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش نىشانىغا يېتىشمۇ كونكرېت، جانلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە سوتسيالىزىمنىڭ ئىپادىسى. ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈشنى شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك. تېخىمۇ باي، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەنئەنىسىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش كېرەك. بىز مەركەزنىڭ ئالاھىدە مەدىتى ۋە قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ كۈچلۈك ياردىمىگە چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، شۇنداقلا كۈرەش ئىرادىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆزىمىزگە تايىنىپ گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇشىمىز كېرەك.

3

   گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇشتا، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 9 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت ئالاھىدە ئېتىبار سىياسىتى ۋە مۇھىم تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، كەڭ ئېچىۋېتىش، زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشكە مىسلىسىز تارىخىي پۇرسەت يارىتىپ بېرىلدى. ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 9 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، كەڭ ئېچىۋېتىش، زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈش سىگنالى ئومۇميۈزلۈك چېلىندى. بۇ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا سەپەرۋەرلىك قىلىش بۇيرۇقى. ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە چۈشىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، كەڭ ئېچىۋېتىش، زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى نىشان، ۋەزىپە، ئىستراتېگىيەلىك تاللاش ۋە پىرىنسىپ ھەم مۇھىم خىزمەتلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش نىشانىغا يېتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

   گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇشتا، مىللىي روھ بىلەن دەۋر روھىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. مىللىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ 5000 يىلدىن ئۇزاق تارىختا شەكىللەنگەن ۋەتەنپەرۋەرلىكنى مەركەز قىلغان بىردەك ئىتتىپاقلىشىش، تىنچلىقنى سۆيۈش، ئەمگەكچان ۋە باتۇر بولۇش، توختىماي ئالغا بېسىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ مىللىي روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىققا پايدىلىق بارلىق ئىدىيە ۋە روھنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. مەسىلەن: باش شۇجى خۇ جىنتاۋ تەشەببۇس قىلغان تەڭرىتاغدىكى قارىغاي، يېشىللىقتىكى ئاق تېرەك، چۆل – جەزىرىدىكى يۇلغۇن، قۇملۇقتىكى توغراق روھى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خالىس تۆھپە قوشۇش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت بىڭتۇەن روھى، چېگرا مۇداپىئەسىنى قىزغىن سۆيۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، خالىس تۆھپە قوشۇش، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىشتىن ئىبارەت قارا قۇرۇم روھى قاتارلىقلار. دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىيپەرۋەرلىك، ئېچىۋېتىش، ئۆگىنىش، ھەمكارلىشىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەڭ پايدا كۆرۈش، ئىناق ئۆتۈش شەكلىدىن پايدىلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. ئىشنى ھەم ئىلىم – پەننى ھۆرمەتلەش، قانۇنىيەتنى ھۆرمەتلەش، ھەم تەۋەككۈل قىلىش، سىناق قىلىش، باشلامچى بولۇش، ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىش روھى بىلەن پىلانلاش، قىلىش، ھەم ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك. ھازىر ئىچىۋېتىش ئىدىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي ھالقىش، ئېقىمغا يېتىشىۋېلىش ئىشەنچىسى، ئىرادىسى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

   گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇشتا، ئىش ئورنىنى قىزغىن سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەش كېرەك. ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەش، خالىس تۆھپە قوشۇش كىشىلەرنىڭ كەسپىي پائالىيىتىدە ئىپادىلەنگەن مەنىۋى ئىنتىلىشى، جەمئىيەت، دۆلەتكە بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقى، ۋەتەننى سۆيۈشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ ئاڭلىق ۋارىسى، ئەۋج ئالدۇرغۇچىسى بولۇش ئۈچۈن، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىغا بولغان ھارماس – تالماس ئىنتىلىشنى شىنجاڭنى قۇرۇش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇش، ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىش، ئەستايىدىل، ئىجتىھات بىلەن خىزمەت قىلىش كېرەك. قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتىن قەتئىينەزەر، ئومۇملۇقنى نەزەردە تۇتۇش، ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بولۇش، دۆلەت، كوللېكتىپ ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كونكرېت ھەرىكىتى بىلەن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

   ‹‹ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كارامىتىمىزنى نامايان قىلايلى! ›› يېڭى پەللە، يېڭى ئۈمىد، يېڭى نىشان، يېڭى ئىنتىلىش ئالدىدا ھەر بىر شىنجاڭلىق ۋەتەنگە سەمىمىي جاۋاب قايتۇرۇش ھېسسىياتىمىزنى گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇشتىكى ھارماس – تالماس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى شامىلىدىن پايدىلىنىپ داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، مەملىكەت بويىچە ھاللىق جەمئىيەتكە تەڭ قەدەم قويۇش كۈرەش نىشانىغا ۋاقتىدا يېتىشىمىز كېرەك.
http://www.diyanat.com/show_news.php?mid=905

ئەلقوندى

41

تېما

2

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  404
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5160
تۆھپە : 3437
توردىكى ۋاقتى: 3212
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 13:48:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداش مۇنبىرىگە تىزىملاتقىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز ، تېخىمۇ ياخشى نادىر تىمىلار ۋە كۆپ ئىنكاشلارنى يېزىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز! 
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

39

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  159
يازما سانى: 611
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3350
تۆھپە : 2253
توردىكى ۋاقتى: 617
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 18:21:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توردىمۇ سىياسى ئۇگۇنۇش قىلالايدىغان بولدۇق،روھنى ئۇرغۇتۇپ،دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ،ئىشەنچىنى چىڭىتىپ گۇزەل يۇرت-ماكان قۇرۇش ئۇچۇن تىرىشمىز،كۇندە يېغىن ئىچىلسا،ئۇگۇنۇشنى بۇشاشتۇرمىساق چۇقۇم سۇتىيالزىمنى تەرەققى قىلدۇرالايمىز،رەھمەت مۇشۇنداق نادىر تېمىلارنى يوللاپ تۇرۇڭ،سىياسى  ئىڭمىز ئاجىزلاپ قالمىسۇن!

0

تېما

0

دوست

439

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   69.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  922
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 105
تۆھپە : 63
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2012-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 18:58:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداشتا قاچاندىن باشلاپ ياچىكا قۇرۇلدى؟
دىۋە ئالدىدىمۇ تەمكىن بول.

25

تېما

9

دوست

8099

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   61.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  79
يازما سانى: 360
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1699
تۆھپە : 1316
توردىكى ۋاقتى: 968
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 19:48:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر بىر بەتكە يوللىساڭ قانچە پۇل بېرىدۇ؟، باشقا مۇمبەرلەردە زەپەر نامى بىلەن ئېلان قىلاتتىڭ، ئەمدى قىزىل، قىزل بايراققا ئۆزگەرتىۋاپسەن...
كونىراپ كەتتى بۇ ماقالەڭ، يېڭىنى ياز

0

تېما

0

دوست

15

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  947
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 8
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 19:57:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھاھاھا ..داۋاملىق سىىياسىي ئۆگىنىش قىلايلى
ۋەتەننىڭ ئەتىسى پارلاق ...بۇمۇ بەك موھىم جۇمۇ باللار .
ئۈستىدىكى يولداش ..ئۇنداق چاچراپ قايناپ كەتمە ..كىچىكمۇ سەن ؟
ماۋۇ باغداشنىڭ تۇز تەمىنى تېتىدىغان يازما ..
بۇ كام بولسا خۇددى چىشلىق چاققا ماي كام بولۇپ قالغاندەك ئىش ..چۈشەندىڭمۇ ؟
بىرنىمىلەرنى بىرنىمە قىپ بىرنىمىلەرنى يەنە بىرنىمە قىپ تۇرىمىز مۇشۇنداق ..

0

تېما

0

دوست

28

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   9.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4586
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 17
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2011-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-30 05:37:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
头大~~~~~``




























淘宝最好的减肥药
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )