روھى دۇنيادا ئادەم بولۇش ئاجايىپ مەرتىۋىدۇر . –م.گوركى
مەن ئۈچۈن ئىنساندىن قىممەتلىكرەك بولغان بىرەر كىتابى ھەقىقەت يوق ،ئىنسان دىمەك ئۆزىدە پۈتۈن بىر ئالەمنى ئېلىپ يۈرىدىغان جانۇ جاھاندۇر ۋە ئۇ ئەبەدىلئەبەد ياشىسۇن . –م .گوركى
يەر يۈزىدىكى ھەممە گۈزەل نەرسىلەر ئاپتاپتىن ۋە ھەممە ياخشى نەرسىلەر ئىنساندىن . م.م. پىرىشۋىن
ئۆز روھى دۇنيارىڭنى ئىگىلەش بىر چاغلاردا ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ يەر يۈزىنى ئىشغال قىلغىنىدىنمۇ مۈشكۈلرەك . -جالالىدىن رۇمى
ئىلمى بەس-مۇنازىرىلەر ئىنسانلارنى كۆپىنچە بىر-بىرىدىن ئايرىۋىتىدۇ ،ئەمما ساز ۋە ئۇسۇل ئۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرىدۇ . –جالالىدىن رۇمى
پۇشايماندا قالماي دىسەڭ زېرەكلەرنىڭ نەسىھىتىدىن مەسلىھەت ئىزلە . –خۇسراۋ دىھلىۋى
ئادەمنىڭ ھەقىقى ئىنسان بولۇشتىن باشقا مەقسىتى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس . –ل،شىفىر
ئىنسان بولۇش – ئۇ مەسئۇلىيەتنى سېزىشىڭدۇر .ئۆزۈڭگە ئالاقىسىزدەك سېزىلسىمۇ ،گادايلىق ئالدىدا ئەندىشە قىلىشىڭدۇر .دوستلارنىڭ ئېرىشكەن ھەربىر غەلبىسىدىن پەخىرلىنىشىڭدۇر .ئۆز غىمىڭنى قۇيۇۋىتىپ ،دۇنيادىكى غۇرغۇچىلارغا ياردەملىشىۋاتقىنىڭنى ھېس قىلىشىڭدۇر . –ئا.سېنت-ئەكىز يوپېرى
ئادەمگە ئۇلۇغلار ئالدىدا تەزىم قىلىشلا ئەمەس ،بەلكى ئۇلاردىن ئېشىپ كېتىشكە ئىنتىلىشمۇ بولۇش كېرەك. –ۋ.ئى. مۇخىنا
ئۆز-ئۆزىنى تەربىيلەش ئۈچۈن ،كىشى ئۆزىنى ئاۋۋال شەپقەتسىز،خالىس توسقا چاقىرىش كېرەك . ئۆز نۇقسانلىرى ۋە كەمچىلىكلىرىنى ئېنىق ۋە ئاشكارا ،غورۇرىنى ئاياپ ئولتۇرماي چۈشىنىۋىلىشى ۋە ‹‹ئۇلار بىلەن چىقىشالامدىمەن ،چىقىشالمامدىمەن ،ئۇلارنى ئارتۇقچە يۈك قىلىپ كۆتۈرۈپ يۈرەمدىمەن ياكى نېرىسىغا ئىرغىتىپ تاشلىشىم كېرەكمۇ ؟››دىگەن مەسىلىنى ئۈزۈل –كېسىل ھەل قىلىۋىلىشى كېرەك . –ن . ئا .ئوستروۋىسكىي
ئەگەر سەن ئۆزۈڭنى مەجبۇر قىلمىساڭ ئۆز –ئۆزۈڭگە تەلەپچان بولمىساڭ ،يۈز نەپەر ئوقۇتقۇچىنى ساڭا چېتىپ قويسىمۇ ،بۇنىڭدىن ھېچ نەتىجە چىقمايدۇ . – ۋ. ئا .سۇخۇملىنىسكىي
بۇ دۇنيانىڭ يېتىشسىزلىكىنى پەش قىلىپ ئۆز كەمچىلىكلىرىڭىزگە ئۇنچىۋالا يىپىشىۋالماڭ . – ژ. رىنار
ئادەملەر ھېچقاچان ھەددىدىن زىيادە ياخشى ياكى ھەددىدىن تاشقىرى يامان بولمايدۇ . –ف .لاروشفىك
كۆپ ھاللاردا شۇنداق بولىدۇكى ،ئەگەر دىققەت بىلەن ئۆگىنىلسە ،‹‹يامان ››ئادەملەر ئۇتۇپ ،‹‹ياخشى ››لارنىڭ مىزى چۇۋۇلۇپ قالىدۇ . –گ.لىختېنبېرگ
بىراۋنى چۈشىنىش ئۈچۈن ،ئۆزۈڭنى ئۇنىڭ ئورنىغا قۇيۇپ كۆرۈشۈڭ ،ئۇنىڭ خۇشاللىق ۋە قايغۇسىنى ھېس قىلىشىڭ كېرەك . –د. ئى .پسارىف
بىزگە تەشۋىش تۇغدۇرۇپ بېرىدىغانلارغا كۆپىنچە سېخىيلىق بىلەن قارايمىزدە ،ئەمما تەشۋىشىمىزنى يىگەنلەرنىڭ قەدرىگە يەتمەيمىز . –ف .لاروشفىك
مەنبە -‹‹ئىنسان ۋە ئىنسانىيەت ھەققىدە ھېكمەتلەر ››ناملىق كىتابتىن ئېلىندى |