ئولتۇرىدۇ تام تۈۋىدە بىر پالچى،
قىسىق كۆزى ھەر ياقلارغا باقماقتا.
چۈشەر كىم، دەپ، بۈگۈن مېنىڭ دامىمغا،
خىيال سۈرۈپ چوت سوقماقتا شۇ تاپتا.
قاراپ تۇردۇم سىياقىغا ئايلىنىپ،
تىكىلەركەن كىشىلەرگە پەم بىلەن.
ھەسرەت چېكىپ كەلگەنلەرنى غەم بىلەن،
ساڭا بالا كەپ قاپتۇغۇ دەيدىكەن.
ياكى كۈلۈپ كەلگەنلەرگە سىنجىلاپ،
دىگەچ ساڭا خوشاللىقمۇ كەپتىكەن.
بىراق باركەن بۇ يولىڭدا كۆپ تىكەن،
ئېلىۋېتەي بۈگۈن ۋاقتى دەيدىكەن.
بەزىلەرگە دەيدىكەن ئاھ دۈشمىنىڭ،
قېرىنداشكەن ۋاي بىچارە سەن بىلەن.
يوللۇرۇڭغا ئورا قېزىپ قويۇپتۇ،
سەگەك بولغىن ئۇخلىمىغىن ئەمدى سەن.
پىتنە تېرىپ شۇ تەرەزدە گىلدىڭلاپ،
كالتە پەمنى باپلايدىكەن يەم بىلەن.
ئامالىنى قىلىپ بەرگىن دىگەندىن،
پۇل سوراركەن گەپ چاقنىتىپ ھەل بىلەن.
ئاڭلاپ شۇتاپ سوزلىرىنى پالچىنىڭ،
بىر شاش خىيال كەچتى مېنىڭ قەلبىمدە.
بىلگىنىدە بۇ بىچارە غەيىپنى،
پال ئاچقىلى ئولتۇرامتى شۇ يەردە؟ تۇرغۇن نېرىنكىر |