- تىزىملاتقان
- 2012-5-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1459
- نادىر
- 0
- يازما
- 44
ئۆسۈش
45.9%
|
ناھايىتىمۇ شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى!
<كۆرگىنىڭىدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ> دىگەندەك،ھاياتلا بولساق ئاجايىباتلارغا، ئاللاھنىڭ سىر-ھىكمەتلىرىگە يولۇقۇپ تۇرىدىكەنمىز،تۈنۈگۈن بىرەيلەننىڭ دەپبىرىشىچە بىر تونۇشى ھىق(چىكوك بوپقىلىش) تۇتۇپ قالغىلى بىر قانچە يىل بوپتۇ،داۋالانمىغان دوختۇرخانا قالماپتۇ،يىمىگەن دورىسى قالماپتۇ،تولا ھىق تۇتقاننىڭ دەستىدىن ماغدۇرسىزلىنىپ تىترەيدىغان بوپقاپتۇ. توۋا، ئادەتتە ھىق تۇتۇپ قالسا بىرنەچچە سائەتتە،كۆپ بولسا يىرىم كۈندە ئۆزلىگىدىن ساقىيىپ كىتىمىز،لىكىن بىئارامچىلىقنىڭ دەردىنى ئۆزىمىز بىلىمىز.تىخى بەزىدە مۇھىم ئۇچرىشىش كۆرۈشۈشلەرگە ئۈلگۈرۈپ ھىق بوپقالىمىز،بۇنىڭ بىئارامچىلىقىنى دىمەيلا قوياي،قىلمىغان قىلىقىمىز قالمايدۇ.نان يەپبىقىۋاتقان،قىززىق چاي ئىچىپ بىقىۋاتقان،يەنە ئاللىقانداق ئاماللارنى قىپكىتىمىز.(لىكىن كىچىك بالىنى ھىق تۇتۇپ قالسا بەك ئوماق بوپكىتىدىكەن،چىكوك-چىكوك،.....
) ھىق تۇتۇپقالغانلارنى كۆرسەك <كىمنىڭ ھەققىنى يەۋالغانتىڭىز؟>دەپ قويىمىز،ئاللاھ كىشىنىڭ ھەققىدىن ھەممىمىزنى يىراق قىلسۇن!
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك،تۆۋەندە ھىق تۇتۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك،ئەڭ تىز ساقايتىشنىڭ ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتىمەن.
ئەڭ ئالدى بىلەن ئەئۇزۇ-بىسمىللاھ بىلەن باشلايمىز.
ئاۋال ئۆپكىڭىزدىكى ھاۋانى پۈتۈنلەي سىقىپ چىقىرىۋەتكەندىن كىيىن ئىغىزىڭىزنى چىڭ يۇمۇپ ئوڭ قولىڭىزنىڭ ئالقىنى بىلەن ئىغىزىڭىزنى مەھكەم توسۇپ،بىگىز بارمىقىڭىز ۋە كۆرسەتكۈچ بارمىقىڭىز بىلەن بۇرنىڭىزنى مەھكەم قىسىپ(نەپەس ئالمايسىز) بىرنەچچە قىتىم تۈكۈرۈگىڭىزنى يۇتىسىز،تۈكۈرىگىڭىزنى يۇتۇشىڭىز ئاسان ئەمەس،ھەتتا قۇلاقلىرىڭىزدىن تارتىپ ئىتىلىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كىلىشىڭىز مۇمكىن،لىكىن ئەنسىرىمەڭ.
تامام،مۇشۇ ئۇسۇلنى توغرا قوللىنالىسىڭىزلا بىر مىنوتقا يەتمىگەن ۋاقىتتىلا ساقىيىپ بىئارامچىلىقتىن قۇتۇلىسىز ئىنشائاللاھ.لىكىن بۇ ئۇسۇلنى پەقەت ھىق بوپقالغان ئادەم ئۆز ئۆزىگە قوللىنىشى كىرەك،بىراۋنىڭ ھىق بوپقالغۇچىغا قوللىنىشىغا بولمايدۇ.
ئەسكەرتىش:بۇ ئۇسۇل پەقەت تىنى ساغلام ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلارغىلا ماس كىلىدۇ.كىچىك بالىلار، ياشانغانلار،تىنى ئاجىزلار، يۇرەك كىسىلى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان باشقا كىسەللىرى بولغان كىشىلەر توپىغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.بولۇپمۇ بوۋاقلارغا،كىچىك بالىلارغا قەتئىي ئىشلىتىشكە بولمايدۇ،ئەگەر ئىشلىتىلگەندە ئۆپكىسى يىرىلىش،مىڭىگە قان چۈشۈش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىغىر ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىشى مۇمكىن ئەگەر شۇنداق ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقسا ئاقىۋىتىگە ئۆزىڭىز ئىگە.بۇنى ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىقارىلىقىڭىزدىن كۆرۈڭ.ئاللاھ ئۇنداق كىلىشمەسلىكلەردىن ساقلىسۇن.
ئىلتىماس:
ئەگەر بۇ ئۇسۇلنى قوللۇنۇپ ئۈنۈمىنى كۆرۈپ قالسىڭىز،كەمىنە تىما يوللىغۇچىغا خالىس، دۇئا قىپ قويسىڭىز،چۈنكى مىنى غەم-قايغۇ بىسىۋالغان بىرھالدىمەن.يىراقتىكى خالىس دۇئا قىلغۇچىنىڭ،مەزلۇمنىڭ،قىرىنداشلارنىڭ غايىبانە قىلغان خەيرلىك دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولىشى ئەلبەتتە مۇقەررەر!!!ئەلبەتتە دۇئا قىلغۇچىنىڭ ئۆزىگىمۇ دۇئادا تىلەنگەن خەيرلىكلەرنىڭ يىتىشى چوقۇمدۇر!!!
ئىنكاس يىزىپ دۇئا قىلىشتىن ساقلىنىڭ،ئىنكاس يىزىپ قىلىنغان دۇئا- دۇئا بولمايدۇ،رىيا بولىدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزنى رىياكارلىقتىن يىراق قىلسۇن.ھەممىمىزنى سالامەت قىلسۇن!
|
|