قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3068|ئىنكاس: 14

يۇرتۋازلىق ،ئىناقسىزلىق،كۆرەلمەسلىك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

22

تېما

0

دوست

6339

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  618
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1378
تۆھپە : 1024
توردىكى ۋاقتى: 365
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-18 12:02:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزاق تارىخىي دەۋىرلەر مابەينى قەشقەلىق، خوتەنلىك ،ئاقسۇلۇق ۋە ياكى ئۇ يەرلىك بۇ يەرلىك  دەپ يۇرتۋازلىق قىلىش بىزنىڭ قېنىمىزغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتتى، تا 21-ئەسىر بوسۇغۇسىدىمۇ مۇشۇ يۇرتۋازلىقىمىزنى تاشلىماي سۆرەپ ئەكەلدۇق. ئۇنىمۇ دەيمىز بۇنىمۇ دەيمىز گەپنى ھەقىقەتتىن ئاڭلايلى.
                                                                      تۆت كوچا پاراڭلىرى
 ياز ئايلىرى تونۇردەك قىزىپ كېتىدىغان قۇمۇل شەھىرى ئاۋات كوچىلىرى، ئەمگەكچان،تىرىشچان خەلقى، جانغا ئارام شېكەردەك مېۋىلىرى بىلەن داڭلىق، مۇشۇ ئاۋات رەستىلەرنىڭ بىرى بولغان تۆت كوچا بازىرى قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەركەزلىك پائالىيەت رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن توي تۆكۈن، سودا سېتىق ،يېمەك ئىچمەك قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان سودا چەمبىرىكى بولۇپ شەكىللەندى ھەم ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى تەدرىجىي تەرەققىي قىلدى.مۇشۇ ئاۋات رەستىلەردىكى بىر  كاۋاپخانىدا بىر نەچچەيلەن پىۋا ئىچىشىپ ئولتۇرۇپ قاتتىق يۇرتۋازلىققا چۈشكەنىدى.گەپ سۆزىدىن ئۇلارنىڭ مۇشۇ يەرلىك ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.
---مۇنۇ قاشقالىق دېگەنمىغۇ تازا بىر خەقكەن ئاقىلەي شاقىلەي، ھېلىقى ئاتۇشلۇقچىۇ تېخى! گېپىنىڭ چوڭلۇقىنى دېمەيسەن~
--- xxxئاستانلىق،  xxxقارا تۈۋىلىك،xxxتاغچى، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ئەۋرەت گەپلەر   كاۋاپ بېسىۋاتقان ياش بالىنىلا ئەمەس ،ياندىكى جوزىدا ئولتۇرغان باشقا كىشىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. تۆۋە دېدىم. بۇ يۇرتۋازلىقمۇ ياكى غەيۋەتمۇ؟ ياكى ئۆچمەنلىكمۇ؟
 ئۇنىڭ ئۇدۇلىدىكى كاۋاپخانىدا ئەنە ئۇرۇش  چىقتى.  نېمە بوپتۇ؟ يېزىلىقلار بىلەن شەھەرلىكەر ئۇرۇشۇپتۇ. بىر بىرىنىڭ كۆزىگە سىغمىغان گەپ. تۆۋە مۇشۇمۇ بىزنىڭ ھالىمىز ؟ ئۆز ئارا ياقا سىقىشىپ ئۇرۇشۇپ، بىرەر ئۇيغۇر بوزەك بولسا  ھەقىقەت ئۈچۈن مەيدىسىگە مۇشلاپ چىقالايدىغان ئەركەكتىن نەچچىسى بار؟؟ئۆز ئارا ئۇرۇش دېسە بىزگە يېتىدىغىنى يوق.
 سودا كوچىسىدىكى ئاۋات رېستوراندا مەلۇم بىر قىز يىگىتنىڭ تويى بولماقتا. يىگىت جوزىسىدا ئولتۇرغان قىزلار گىرىمنى بولۇشىغا قىلغانلىقتىن ئۇلارنىڭ كىملىكىنىمۇ پەرق ئېتىش تەس ئىدى. تويى بولغان يىگىت مەلۇم تاغلىق يېزىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ تاغدىكى دوست بۇرادەرلىرىنىمۇ تويغا چاقىىرىپ ئەكەلگەنىدى. ئىككى قىز پىچىرلىشىپ كۈلمەكتە!
---ۋىيەي يىگىتنى تاغچى دەيدۇ~
---كۆرمىدىڭمۇ كالىدەك پۇشۇلداپ ئولتۇرغىىنى؟
ئەمدىكى يۇرتۋازلىق  ۋىلايەت شەھەرلەردىن قىسىقىراپ رايون ئىچىدىكى يۇرتۋازلىققا ئۆتۈپتۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم ،داڭلىق يازغۇچىمىز ئەختەم ئۆمەر ئەپەندى شىنجاڭ مەدەنىيتىنىڭ 90-يىللاردىكى مەلۇم بىر سانىدا "ھەج سەپىرىدىكى پاراڭلار"ناملىق بىر ئەدەبىي ئاخباراتنى ئېلان قىلغان، ماقالىدا شىنجاڭدىن مەككىگە بېرىپ ھەج قىلشقا قاتناشقان ھاجىلارنىڭ ۋەتەن تۇپرىقىدىن ئايرىلىپ ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى بولغان مەككىدىمۇ ئىناقسىزلىق ئۇرۇقى چېچىپ خوتەن رابات، قەشقەر رابات، ئاقسۇ رابات ۋە ياكى باشقا راباتلارغا بۆلۈنۈپ يۇرتۋازلىق قىلغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى قامچىلىغانىدى. شۇ چاغدا باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن تاۋاپ قىلغۇچىلار بىرلا رابات بولۇپ شەكىللەنگەن.سىنگاپورلۇق بىر ئىسلام ئېتىقادچىسى شۇ جايدىكى ھەج ئۆمىكىنىڭ باشلىقىدىن نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەي سورىغان. بۇنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ئورنى يوق، چۈنكى بىر ئېغىز سۆز "يۇرتۋاز"كېتىدۇ. ئەمدىلەتىن بۇ يۇرتۋازلىق رايون ئىچىدىكى يۇرتۋازلىققا ئايلاندى.
ئۇيغۇر دېگەن سۆز ئۇيۇشقاق دېگەن مەنىدە بولۇپ ھازىر بولسا ئۇرغۇي، ئۇرغۇرغا ئايلىنىپ قالدى.

                                                            مەكتەپ پاراڭلىرى
يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلىنىپ سىنىپقا يېڭى بىر ئوقۇغۇچى كىرىپ كەلدى.مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن سىنىپتىكى كەپسىز ئىككى ئوقۇغۇچى پىچىرلاشتى~
--سەھرالىق تومپايكەن دېگىنە!
--كەچتە بېرىپ تەربىيە ئىشلەپ قويايلى.
بۇ يېڭى ئوقۇغۇچى يېزىدىن كەلگەن بولۇپ مەكتەپلەر قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىن تولۇق ئوتتۇرىنى شەھەرگە كىرىپ ئوقۇش ئۈچۈن يۇرتىدىن ئايرىلىپ كەلگەنىدى. كەچتە ئوقۇغۇچىلار ياتىقى چېكىلدى،ھېلىقى كەپسىز بالىلار يېڭى ساۋاغدىشىنى ئۇچۇغداپ ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ سىنىپنىڭ ئاتامانى ئىكىەنلىكىنى تونۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن كىرگەنىدى.
--تۇرە ئورنۇڭدىن
--بۇنىڭدىن كېيىن سىنىپتا بىزنىڭ دېگىنىمىز بويىچە ئىش كۆرىسىەن.
--نېمىشقا؟
--بىز بۇسىنىپنىڭ ئاتامانى!
--شۇنداقمۇ؟ مېنىڭ سىلەرگە بېرىشىم بولمىسا نېمىشقا ئۇنداق قىلغۇدەكمەن؟
ئۇ ئىككىسى يوپۇرۇلۇپ كېلىپ سەھرادىن چىققان بۇ بالىنى ئۇرماقچى بولغانىدى. كىچىكىدىن ئېتىز ئېرىقتا ئىشلەپ ،سەھرادىكى تەبىئىي نېمەتلەرنى يەپ چوڭ بولغان بۇ ئاقكۆڭۈل دېھقان پەرزەنتىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۇئىككى مۇتىھەمنى بويسۇندۇرغۇدەك يېتەرلىك قۇۋۋەت بار ئىدى. شۇڭا ئۇ بوزەك بولمىدى،تاياق يەپ رەسۋا بولغان بۇ ئىككى مۇتىھەم ئۆلە تىرىلىشىگە باقماي قاچتى. لېكىن ئۇ كۆڭلىدە زادىلا بىر تۈگۈننى يېشەلمىدى. سەھرالىق بولسام نېمە بوپتۇ؟ سەھرالىق ئادەم ئەمەسمىكەن؟
مەسىلىنىڭ نېگىزى نېمە؟ دەل ئاشۇ پەرزەنىتلەرنى تەربىيلىگەن ئاتا ئانا، جەمىيەت،مەكتەپتىن ئىبارەت ئىجدىمائىي بىرتوپنىڭ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن تەسىرى.

                                                          ئورگاندىكى پاراڭ
ئىشخانىدا قىزىق دەملەنگەن چاينى ئىچىپ ئولتۇرۇپ پوپايكا توقۇۋاتقان ئىككى ئايال قىزغىن پاراڭغا يەنى غەيۋەتكە چۈشتى.
---xxxنى بۆلۈم باشلىقى قىلىدىكەن دېگەن پاراڭ بار~
---ئۇ تاغچى قانداق قىلىپ بۇنچىۋالا تېز ئۆسىدۇ؟ چوقۇم بىرەرسىگە پارا پەرگەن گەپ.
---ئۇ تېخى تاغدىن يۆتكىلىپ كەلگىلى 2يىلمۇ بولمىدىغۇ؟  مانا مەن ساق 8يىل بولدى بۇ ئىدارىدە ئىشلەۋاتقىلى.
ئىدارىنىڭ يىغىن زالى.
ئىدارە باشلىقى ۋاڭ يىللىق مۇنەۋۋەر خىزمەتچىلەرنى تەغدىرلەش قارارنامىسىنى ئوقۇماقتا:
--يولداشلار ،بۇيىل ئىدارە پارتكومى تەتقىق قىلىش ،ۋە دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق يولداش ئەxxx،پxxxلەرنى مۇنەۋۋەر خىزمەتچى قىلىپ باھالىدۇق.يەنە ھېلىقى ئىككى ئايال~
--نېمە؟ تېخى ئىلغارمۇ بوپتۇ بۇ تاغچى.
--سىز بىلەن بىزگە ئىش بار ئوخشايدۇ.
--ياق، مەن تەشكىلات بۆلۈمىگە ئەرز قىلىمەن.
تۆۋە، خىزمەتنى ئۇ قىلسۇن، سىز ئىشخانىدىن چىقماي پوپايكا توقۇپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈڭ، خەق تىرىشىپ ئىشلەپ ئىلمىي ماقالەيېزىپ،ئەمەلىي خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگەنىكى ئۈچۈن رەھبەرلەرنىڭلا ئەمەس پۈتۈن ئىدارىدىدىكى خەنزۇ يولداشلارنىڭمۇ ئېتىراپ قىلىشغا ئېرىشتى. ئۇنى مۇكاپاتلىسا سىزنىڭ بانكىدىكى پۇلىڭىز بىلەن ياكى سىزنىڭ مائاشىڭىز بىلەن مۇكاپاتلىمىدىمۇ؟؟؟ ئىدارىڭىزدە بىر ئۇيغۇر بولسىمۇ بۆلۈم باشلىقى، ئىدارە باشىلىقى بولسا، ئىلغار بولۇپ سايلانسا سىزگە نېمە زىيىنى؟

زەكىيە خانىم ئۆز ئۆيىدە يەنى داچىسىدا چەتئەلدىن كەلگەن تۇغقانلىرىغا  ئولتۇرۇش قىلىپ بېرىپ بالاغا قالدى. ھەمممىز ئۇنى تىللىدۇق.ھەتتا تورلاردا ئۇنى ئېغىزغا ئالغۇسىز مەينەت گەپلەر بىلەن تىللىغان گەپلەر چىقتى. ھەقىقەتەن سورۇندا تېتىقسىز قىلقلار بولسىمۇ ئۇيغۇر ئۈچۈن كىم زەكىيە خانىمدەك ياخشى ئىش قىلىپ بېرەلىدى؟ نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىغا نان تېپىپ يېگۈدەك بولسىمۇ ئاددىي خىزمەت بېرەلىدى؟ يېتىم يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلىدى؟ خەيرىخاھلىق قىلدى؟ كوچىدىكى ئۇيغۇر دىۋانىلەرگە بىر يۈەننى بېرىشكە قورسىقىڭىز ئاغرىيدۇ . بۇ ئەمەلىيەتقۇ؟

بىز يۇرتۋازلىق،ئورا كولاش، كۆرەلمەسلكىنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتۇق، ئارىمىزدىن بىرەر كىشى باش كۆتۈرۈپ چىقسا ئۇنى يوقىتىش كويىدا بولدۇق.
ئۆز ۋاقتىدىكى ئاپپاق خوجىمۇ سەلتەنەتلىك سەئىدىيە خانلىقىنى جۇڭغارلارنىڭ قولى بىلەن ۋەيران قىلدى.  سەئىدىيە خانلىقىنى قايتا قۇرۇشقا بەل باغلىغان ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىنىمۇ زەھەرلەپ ئۆلتۈردۇق. خەلقىمىزنى نادانلىق ،جاھالەت ئىلكىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئىلىم مەرىپەت تەرغىپ قىلىپ ،زالىم كۈچلەر ئۈستىدىن كۈرەش قىلغان ئابدۇقادىر داموللىنىمۇ ئارىمىزدىن چىققان نامەرت مەلئۇن قەتلى قىلدى. بۇنداق مىساللار تارىختىلا ئەمەس ھازىرمۇ كۆپتۇر. 
يېڭى دەۋىردە جۇڭگو كومپارتىيسىمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلماقتا. بىز بولساق ئۆز ئىچىمىزدىمۇ ئىتتىپاق بولالمايۋاتىمىز. بۇ نېمە دېگەن بىمەنىلىك.  
ىتتىپاقلىق كۈچ، ئۇ بىر ئۇيۇلتاش.   ئەمدى يۇرتۋازلىق ئىناقسىزلىقنى يوقىتايلى. ئۇيۇشايلى...

18

تېما

0

دوست

7435

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  406
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1771
تۆھپە : 1071
توردىكى ۋاقتى: 410
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-18 19:28:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەپسىز، مۇشۇنداق كىچىككىنە ئىشلاردا كۆزىنى يوغان ئاچالمايدىغانلاردىن ھېچنىمىنى كۈتكىلى بولمايدۇ.
  ئادەمگە ئادەمدەك مۇئامىلە قىلىشمۇ ئاجايىپ قالتىس بىلىمدە.......
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ئانا تىلىم _ جان

13

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   23.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59
يازما سانى: 856
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 4044
تۆھپە : 3270
توردىكى ۋاقتى: 2435
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-18 22:29:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭلىق يازغۇچىمىز ئەختەم ئۆمەر ئەپەندى شىنجاڭ مەدەنىيتىنىڭ 90-يىللاردىكى مەلۇم بىر سانىدا "ھەج سەپىرىدىكى پاراڭلار"ناملىق بىر ئەدەبىي ئاخباراتنى ئېلان قىلغان،

    كەچۈرۈڭ  ،    بۇ   ھاجى   قۇتلۇق   قادىرىنىڭ   يازغان   ماقالىسى  ،   ئەختەم   ئۆمەرنىڭ   ئەمەس  ،    «   بار   ئىكەنمەن   يادىڭدا   دۇنيا   »    دىگەن   كىتاپنى   ئوبدان  ئوقۇڭ  ،  شۇ  كىتاپتىكى  ئەڭ   ئاخىرقى   ماقالا   شۇ  .

   لېكىن   ماقالىڭىزدىكى   ئىشلار   ھەقىقەتەن   ھەر  بىرمىز  ئويلىنىشىمىزغا   تېگىشلىك   .

ئانا تىلىم _ جان

13

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   23.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59
يازما سانى: 856
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 4044
تۆھپە : 3270
توردىكى ۋاقتى: 2435
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-18 22:39:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
< سىنگاپورلۇق بىر ئىسلام ئېتىقادچىسى شۇ جايدىكى ھەج ئۆمىكىنىڭ باشلىقىدىن نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەي سورىغان. >

   كىتاپتا   بۇنداق  يەرمۇ  يوققۇ  دەيمەن   بەلكىم  ئالماشتۇرۇپ  قويغانسىز  ،   ۋاختىدا   تۈزۈتۈپ  قويارسىز  .

http://risaletmerdan.blogbus.

60

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81
يازما سانى: 1170
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 6208
تۆھپە : 4221
توردىكى ۋاقتى: 4325
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-18 23:41:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توردىمۇ تاغچىلارنى تىللاپ كەتمەس ھە
راست، بىر قېتىم دۇختۇرخانىدىمۇ بىر ئايال مېنى <<تاغچىكەنلا -ھە>> دىگەنتى. ھەيران قاپتىمەن.

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12046
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 00:07:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان ئويلاپ باقسام يەنىلا زەكىيە خانىمغا بولغان ھورمىتىم كۆپ ئىكەن ،قىسمەنلىكنى كورۇپ ئومۇمىلىققا باھا بىىرىدىغان ئىشلاردىن بىزارمەن

2

تېما

0

دوست

311

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   5.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  751
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 75
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 02:40:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەرگە بىر گەپنى قىلىپ بېرەي:
بۇنىڭدىن 40يىل بۇرۇن قۇمۇلغا خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن قەشقەردىن  قۇمۇلغا يۆتكىلىپ كەلگەن بىر مويسىپىت بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم..ئۇ كىشى قەشقەرلىك بولۇپ قۇمۇلدا توي قىلىپ ،قۇمۇللۇققا كۆيۇغۇل بوپتىكەن...مەن ئۇ كىشىدىن نۇرغۇن سۇئاللارنى سورىدىم...ئۇ كىشى ئۆز يۇرتى ئەزىزانە قەشقەرنى بەكمۇ سېغىنغانلىغىنى ،ھازىمۇ ھەر 2-3 يىلدا بىر قېتىم بېرىپ تۇرىدىغانلىغىنى ئېيتتى ..مەن ئۇ كىشىدىن قۇمۇللۇقلار توغرىلىق سورىغاندا مۇنداق جاۋاپ بەردى. قۇمۇللۇقلار ئاقكۆڭۇل.ساددا ،مېھماندوست خەلق..لېكىن قۇمۇللۇقلار بەكمۇ يۇرتۋاز دىدى...
مەن ئۆزەم تېگى تەكتىمدىن قۇمۇل شەھەر ئىچى يېزىسىدىن..قۇمۇللۇق..مەن بۇ كىشىنىڭ قۇمۇللۇقلارغا بەرگەن باھاسىنى يۇزدە يۇز پىرسەنت قوللايمەن..قۇمۇللۇقلار ھەقىقەتەنمۇ بەك يۇرتۋاز.. باغداش،چوغلان قاتارلىق تور بېكەتلەرنىڭ مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە يۇرتۋازلىققا ئائىت تېمىلار ياكى ئىنكاسلار ئاز ئەمەس..مۇشۇ قۇمۇلغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر تېما بولۇپ قالىدىغان بولسا قۇمۇلنى كۆككە كۆتىرىۋېتىمىز..قۇمۇللۇقلار ئۇنداغەي قۇمۇللۇقلار مۇنداغەي...باھادىرلانىڭ ئەۋلادى..دىگەندەك..ئابايىلا قارىسام ئەرىكچى ئەپەندى قۇمۇلنى بىردىن بىر گۆھەردەك ساپ يۇرت دەپ تەرىپلەپتۇ....ئەمىسە باشقا يۇرتلارچۇ؟باشقا ئۇيغۇرلارچۇ؟باھادىر ئەمەسمۇ؟
شۇنداق !مەن قۇمۇللۇق،مەنمۇ يۇرتۇمنى سۆيىمەن..لېكىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر بىر شەھەر ،ھەر بىر ناھىيە   مەن ئۈچۈن قۇمۇلغا ئوخشاش سۆيۇملۈك..ئۇ يەردە ياشاۋاتقان جاپاكەش خەلق مەن ئۇچۇن ئوخشاشلا سۆيۇملۈك...ئۇلار مېنىڭ قېرىندىشىم ....ئۇلار بىلەن قىبلەم بىر..قەلبىم بىر! تىلىم بىر دىلىم بىر!تارىخىم بىر ..قېنىم بىر!
قۇمۇلدىن چىققان ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر،،ئەسئەت سۇلايمان قاتارلىق ئالىم يازغۇچىلىرىمزغا قاراپ بېقىڭلار..نىمىدىگەن ئىسىل كىشىلەر..ئۇلار ھەممە يۇرتنى چىن يۇرىكىدىن سۆيگەن . «قەشقەر كېچىسى»«تۇرپان تەسىراتلىرى»«كۇچا»«تارىم قوۋىقى چېكىلگەندە»قاتارلىقلار بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ..
شۇڭلاشقا..ئەگەر سىز قۇمۇلنى ھەقىقەتەن سۆيسىڭىز باشقا يۇرتلارنىمۇ ھەقىقى سۆيۇڭ..ئۇيغۇرنى سۆيۇڭ..ياقا يۇرتلۇقلارنى كۆرسىڭىز ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇڭ..
مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىن جەنۇبى شىنجاڭدىكى قەشقەر ،خوتەن،ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىن قۇمۇلغا كېلىپ سودا قىلىۋاتقان،ساتىراچخانا ئاچقان،ئىشلەۋاتقان.ئوقۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز كۆپەيگىلى تۇردى..بۇ ئىش ئادەمنى باشقىچىلا سۆيۇندۇرىدۇ..مەن ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ كېلىشىنى ئۇمىد قىلىمەن..

1

تېما

0

دوست

2798

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  553
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 669
تۆھپە : 399
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-20 01:15:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىز بىر پېلەكنىڭ خەمەكلىرى!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )