قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1729|ئىنكاس: 14

مويەننىڭ نوبىل مۇكاپاتى نۇتۇقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

0

دوست

1277

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   27.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10292
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 253
تۆھپە : 230
توردىكى ۋاقتى: 128
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 18:20:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مويەننىڭ نوبىل مۇكاپاتى نۇتۇقى


خەنزۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:تاھىر ئىمىن



خەلق تورى خەۋىرى،8-دىكابىر تىلىگىراممىسى،بىيجىڭ ۋاقتى سەھەر دە،2012-يىللىق نوبىلئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۇچى جۇڭگولۇق يازغۇچى مويەن شۋېتسىيە ئاكادىمىيېسىدەنۇتۇق سۆزلىدى.


       ھۆرمەتلىك شېۋىتسيە ئاكادىمىيسىدىكى بارلىق ئاكادىېمىكلار، خانىملار، ئەپەندىلەر:
مېنىڭچەئولتۇرغان ھەر بىرەيلەن تېلېۋىزۇر ياكى تور ئارقىلىق يىراق شەرقتىكى ئادەملەر كۆپ شەرقى شمال يېزىلىرىنى (گاۋمى شەرقى شىمال يېزىسى سۆزى-مويەننىڭ ئەسىرى ئارقىلىق يورۇتۇلغان يەرنامى )ئازدۇر-كۆپتۇر چۈشەنگەن بولۇشى مۇمكىن.سلەر بەلكىم مىنىڭ90ياشلىق ياشانغان دادامنى ،مىنىڭ ئاكام،ئاچام،ئايالىم،قېزىم ۋە بىر ياش تۆت ئايلىق بولغان نەۋرە قېزىمنى كۆرگەن بولۇشۇڭلار مۇمكىن.بىراق مۇشۇ دەقىقىدە مەن ئەڭ سىغىنىدىغان كىشى مىنىڭ ئانام سلەر مەڭگۇ كۆرەلمەيسلەر.مەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كىين ،نۇرغۇن كىشلەر مەن بىلەن شەرەپنى ئورتاقلاشتى.بىراق مىنىڭ ئانام ئورتاقلىشالمىدى.
      مىنىڭ ئانام1922-يىلى تۇغۇلۇپ،1994-يىلى ئالەمدىن ئۆتتى.ئۇنىڭ جەسەت كۈلى كەنتىمىزنىڭ شەرق تەرىپىدىكى شاپتۇللۇق باغقا دەپنە قىلىندى.ئۆتكەن يىلى ئۇ يەرگە بىر تۆمۈر يول ياسىماقچى بولغاندا،بىز ئۇنىڭ قەبرسىنى كەنىتتىن تېخىمۇ يىراق بولغان بىر يەرگەيۆتكەشكە مەجبۇر بولدۇق.قەبرىنى كولىغاندىن كىين جەسەت ساندۇقىنىڭ ئاللىقچان چىرىپ كەتكەنلىكىنى،ئانامنىڭ جەسەت سۆڭەكلىرىنىڭ لاي-تۇپراق بىلەن ئارىلىشپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم.بىز پەقەت سموۋۇللۇق قىلىپ ئازراق تۇپراق كولاپ ئىلىپ،يېڭى قەبرە ئىچىگەيۆتكەپ قويدۇق.شۇنىڭدىن باشلاپ،مەن ئانامنىڭ كەڭ زېىمىننىڭ بىر قسمىغائايلانغانلىقىنى ھس قىلدىم،مەن مىنىڭ زىمىن ئۈستىدە تۇرۇپ ئيتقان دەرتلىرىم ئانامغادەرت تۆكىشىمدۇر.
   مەن ئانامنىڭ ئەڭ كىچىك بالىسى.مەن ئەسلىيەلەيدىغان ئەڭ بۇرۇنقى بىر ئش،ئائىلىمىزدىكى بىردىنبىر چايداننى كۆتۇرۇپ جامائەت ئاشخانىسغا بىرىپ سۇ ئالغانلىقىم.شۇ چاغدا ئاچلىقتىن بەدىنىمدە ماغدۇريوق،قولۇمدىكى چايدان يەرگە چۇشۇپ چىقىلىپ كەتتى،مەن بەك قورقۇپ كېتىپ ،چۆپلۇككەكېرىۋىلىپ بىر كۇنگىچە چىقالمىغانتىم.كەچ بولغاندا،ئانامنىڭ مىنىڭ كىچىك ئسمىمنى چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىدىم.مەن چۆپلۇكتىن چىقتىم،ئىچىمدە تىل ئشتىپ تاياق يەيدىغانبولدۇم دەپ ئويلىغانتىم،ئەمما مىنى ئۇرمىدى،تىللىمىدى،پەقەت بېشىمنى سىيلاپ تۇرۇپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا ئۇھسنىپ كەتتى.ئەسلىمەمدىكى ئەڭ ئازاپلىق بىر ئش ،ئانامغا ئەگىشپ كوللىكتىپنىڭ يېرىغابۇغداي باشىقى ئۈزگىلى بارغانلىقىم،بۇغدايلىققا قارايدىغان ئادەم كەلگەندە ،باشاق ئۇزۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى قېچىپ كەتتى.ئانام ياخشى يۇگرەلمىگەچكە تۇتۇلۇپ قالدى.ھىلىقى ئىگىز يوغان ئادەم ئانامنى بىر تەستەك ئۇردى.ئانام پىرقىراپ يەرگەدۇم چۇشتى.كۆزەتچى بىزنىڭ باشاقلىرىمىزنى مۇسادىرە قىلىپ،ئسقارتقان پېتى كېتىپ قالدى.ئانامنىڭ ئاغزى قان ھالدا يەردە ئولتۇرغان چاغدىكى ئاشۇ ئۇمۇتسز روھىھالىتىنى مەڭگۇ ئۇنتۇيالمايمەن.خىلى يىللاردىن كىين چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان بىربوۋايغا ئايلانغان ھىلىقى بۇغدايلىق كۆزەتچىسنى بازاردا ئۇچرىتىپ قالدىم.مەن ئۇنىڭغا ئېتىلىپ بېرىپ قساس ئالماقچى بولغاندا ئانام مىنى تۇتۇۋالدى،ئۇ ماڭاسوغۇققانلىق بىلەن :‹‹ئوغلۇم،مىنى ئۇرغان ئادەم بىلەن بۇ قېرى ئادەم بىر ئادەم ئەمەس››-دىدى.
     ماڭا تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر بولغان بىر ئش ،بىر تاۋۇز چاغىنىدا چۇشتە بولغان ئش،ئائىلىمىز مىڭ تەسلىكتەبەنشر تۇگۇشكە مۇيەسسەر بولدۇق،ھەر بىرەيلەنگە بىر قاچىدىن تىگەتتى.بىز بەنشرنى يەيلى دەپ تۇرساق،بىر دىۋانە بوۋاي ئشكىمىز ئالدىغا كەلدى.مەن يېرىم قاچا تاتلىق ياڭيۇ قاتۇرمىسنى بىرىپ يولغا سىلىۋەتمەكچى بولدۇم،ئەمما ئۇ قاتتىق زەردەبىلەن:‹‹مەن بىر قېرى تۇرسام،سلەر بەنشر يەپ،ماڭا تاتلىق ياڭيۇ قاتۇرمىسنى بىرىشكەيۇرىكىڭلار قانداق چىدايدۇ؟››-دىدى.مەن ئاچچىقىمنى باسالماي :بىز يىلدا ئاران بىرنەچچە قېتىم بەنشر يەيمىز،بىرىمىزگە بىر قاچا تېگىدۇ.قورسقىمىز يېرىممۇبولمايدۇ،ساڭا تاتلىق ياڭيۇ قاتۇرمىسنى بەرگەنلىكىممۇ خىلىلا ياخشى بولغىنى،ئالساڭ ئال،ئالمىساڭ يوقال››ئانام مىنى ئەيىپلەپ كەتتى،كىين ئۇ يىرىم قاچا بەنشرنى بوۋاينىڭ قاچىسغا سىلىپ بەردى.
     مەن ئەڭ پۇشايمان قىلدىغان بىر ئش ،ئانام بىلەن يېسۋىلەك ساتقىلى چىققاندا ،دىققەت قىلماي بىر بوۋايدىن بىر مو پۇلنى كۆپ ئاپتىمەن.پۇلنى ھساپلاپ بولۇپلا مەكتەپكەمېڭىپتىمەن.مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە كىلىپ ناھايتى ئاز يىغلايدىغان ئانامنىڭ تارام-تارام يىغلاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۇم،ئانام مىنى تىللىمىدى،پەقەت بوشقىنا قىلىپ،ئوغلۇم،سەن ئاپاڭنىڭ يۇزىنى يەرگە قاراتتىڭ-دىدى.
     مەن ئون نەچچەياشقا كىرگەندە،ئانام ئىغىر ئۆپكە كېسلىگە گېرىپتار بولدى،ئاچلىق،كېسەل ئازاۋى،ئەمگەك ھارغىنلىقى ئائىلىمىزنى ئىغىر كۇنگە قويدى،يورۇقلۇق ۋە ئۇمۇتنى كۆرەلمەيتتۇق.مەندە ئانام ھامان بىر كۇنى ئۇمۇتسزلىكتىن ئۆزىنى ئۆلتۇرۋالىدۇدەيدىغان ناھايتى كۇچلۇك بىر خىل شۇملۇق تۇيغۇسى پەيدا بولدى،ھەر قېتىم ئەمگەكتىن قايتىپ كەلسەم،ئشىكتىن كىرىپلا،ئانا دەپ ئۇنلۇك ۋاقىرايتتىم،ئۇنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاپ ئاندىن يۇرىكىم جايىغا چۇشەتتى.ئەگەرئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىماڭلا قالسام،قورقۇپ تىترەپ قازناق ئۆي،تۇگمەن ھەممسنى ئىزدەپ چىقاتتىم.بىر قېتىم ھەممە ئۆيلەرنى ئاختۇرۇپمۇ ئانامنىڭ سايىسنىمۇكۆرەلمىدىم.ھويلىدا ئولتۇرۇپ قاتتىق ئۇن سىلىپ يىغلاپ كەتتىم.بۇ چاغدا ئانام بىرباغلام تەرمەش قورايلارنى يۇدۇپ كىرىپ كەلدى.ئۇ يىغىلىىشىمدىن بەك خاپابولدى،ئەمما ئۇنىڭغا ئەنسرىشىمنىڭ سەۋەبىنى دىمىدىم.ئانام مىنىڭ ئىچىمدىكىنى بىلىۋىلىپ:‹بالام،خاتىرجەم بول،گەرچە ھاياتىمدا تۇزۇكرەك خۇشاللىق بولمىسمۇ ،بىراق خۇدايىم مىنى چاقىرىپ ئەكەتمىگىچە ئۆزۇم كەتمەيمەن››.
     مەن تۇغۇلۇشۇمدىنلا بەك كۆرۇمسز ئىدىم،كەنىتتىكى نۇرغۇن ئادەملەر مىنى يۇز-تۇرانەمەسخىرە قىلاتتى.ھەتتا مەكتەپتىكى بىر نەچچە مىجەزى ئوسال بالىلار مىنى مۇشۇنىڭ ئۇچۇنلا ئۇرغانىدى.ئۆيگە قايتىپ قاتتىق يىغلاپ كەتكىنىمدە ئانام ماڭا:‹‹ئوغلۇم،سەن سەت ئەمەس،سىنىڭ بۇرنۇڭ بار،كۆزۇڭ بار،يەتتە ئەزايىڭ ساغلام،نەرىڭ سەتكەن؟ئەكسچە،سىنىڭ كۆڭلۇڭ ياخشى بولسلا،ياخشى ئشنى كۆپرەك قىلساڭ،سەت بولساڭمۇ،چىرايلىق بولالايسەن››دەپ بەزلىدى.كىين مەن شەھەرگە كىردىم،تېخى بەزىب ىلىملىك ئادەملەر كەينىمدە ھەتتا ئالدىمدا مىنىڭ تۇرقۇمنى مەسخىرە قىلىشتى.مەن ئانامنىڭ سۆزىنى ئەسلەپ،كۆڭلۇم خاتىرجەم ھالدا ئۇلاردىن كەچۇرۇم سورىدىم.
     ئانام ساۋاتسزئىدى،ئەمما ساۋاتى بارلارغا بەكلا ھۆرمىتى بار ئىدى.ئائىلىمىز بەكلا نامرات ئىدى،ئەتتىگىنى يېسەك،كەچلىككە يوق ئىدى.لېكىن ئەگەر مەن ئۇنىڭغا كىتاب،دەپتەر –قەلەم ئالىمەن دىسەملا ،ئۇ تەلىۋىمنى قاندۇراتتى.ئۇ بەك ئشچان ئىدى.ھورۇن بالىلارغا ئۆچ ئىدى،ئەمما مەن كىتاب ئوقۇيمەن دەپ ،ئشنى كىچىكتۇرسەم،ئۇ ئەزەلدىن مىنى تەنقىد قىلىپ باقمىغانىدى.بىر چاغلاردابازارغا بىر ئۇقۇمۇشلۇق ئادەم كەپتۇ.مەن ئوغرىلىقچە ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇپ بەرگىنىنى ئاڭلاش ئۇچۇن بىرىپ،ئانامنىڭ ماڭا بۆلۇم بەرگەن ئشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.بۇ ئش ئۇچۇن ئاناممىنى تەنقىد قىلدى.كەچلىكى،ئۇ جىن چىراق يورۇقىدا پاختىلىق كىيم تىكىۋاتقاندا،مەنچىداپ تۇرالماي ،كۇندۇزى ئۇقۇمۇشلۇق ئادەمدىن ئاڭلىغان ھىكايىنى ئانامغا سۆزلەپ بەردىم،دەسلەپتە ئۇ تاقەت قىلىپ ئاڭلىمىدى،چۇنكى ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئوقۇمۇشلۇق ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئاغزىدا قۇرۇپ گەپ تولا،ئەمەلى ئش قىلالمايدىغان ئادەملەر،ئاغزىدىن ياخشى گەپ چىقمايدىغان ئادەملەر ئىدى.
   كىين مەن سۆزلەپ بەرگەن ھىكايە ئۇنىڭ دىققتىنى تارتتى.شۇنىڭدىن كىين ھەر قېتىم كۆپچىلىك يېغىلىپ ئشقىلغاندا،ئۇ ماڭا ئش بۆلمەي،كوللىكتىپ بازارغا بىرىشىمغا يول قوياتتى.ئانامنىڭ شەپقىتىگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئۇچۇن،ھەم ئۇنىڭغا ئۆزۇمنىڭ ئەستە ساقلاش قابىلىتىمنى كۆز-كۆز قىلىش ئۇچۇن كۇندۇزى ئاڭلىغان ھىكايىلەرنى مەزمۇننى بىيتىپ ئانامغا سۆزلەپ بىرەتتىم.
     ناھايتى تىزلائۇقۇمۇشلۇق ئادەم سۆزلەپ بەرگەن ھىكايىىنى تەكرارلاشتىن قانائەت ھاسىل قىلالمىدىم،تەكرارلاش جەريانىدا، توختىماي ھىكايە مەزمۇنىغا رەڭ قوشتۇم.ئانامنىڭ قىزىزىقىشىغائاساسەن،بەزى ۋەقەلىكلەرنى توقۇپ چىقتىم،ھەتتا بەزىدە ھىكاينىڭ نەتىجىسنى ئۆزگەرتتىم.مىنىڭ ئاڭلىغۇچىلىرىم پەقەت ئانام بىلەنلا قالماي،يەنەئاچام،مومام،ھامماملارمۇ ئاڭلىغۇچۇم بولۇپ قالدى.ئانام ھىكايەمنى ئاڭلاپ بولغاندىنكىين ،بەزىدە بىر نەرسىدىن ئەنسرىگەندەك قىلىپ،ماڭىمۇ ياكى ئۆزىگىمۇ ئەيتاۋۇر:ئوغلۇم،چوڭ بولساڭ قانداقراق ئادەم بولارسەن ھە؟كوت-كوت ئاغزىڭغا تايىنىپ گەپ سېتپ جان باقىدىغان ئادەم بولۇپ قالارسەنمۇ ھە؟-دەييتتى.مەن ئانامنىڭ ئەنسرىشنى چۇشىنەتتىم.چۇنكى كەنىتتە گەپنى تولا قىلىدىغان بالىلارغا ھەممەيلەن ئۆچ ئىدى.بۇنداق بالىلار ئۆزى ۋە پۇتۇن ئائىلىسى ئۇچۇن بالا بولىدىغان گەپلەرنى قىلىپ تاشلايتتى.مەن ‹‹كالا››رومانىدا يازغان ھىلىقى گىپى تولا بولغانلىقتىن كەنىتتىكىلەر تەرىپىدىن ئۇر-سوققا قالغان بالا دەل مىنىڭ بالىلىق چاغلىرىمدىكى تەسراتىم ئىدى.ئانام ماڭا ھەمىشە گەپنى ئاز قىل دەيتتى،ئۇ مىنىڭ گىپى ئاز،ئىغىربېسىق ،تەمكىن ۋە سالاپەتلىك ئادەم بولۇشۇمنى ئارزۇ قىلاتتى.بىراق مەندە ئاشكارابولغان ناھايتى كۇچلۇك گەپدانلىق ۋە سۆزمەنلىككە بولغان ئشتىياق ،شۈبھسزكى بىر زورخەتەر ئىدى،بىراق مىنىڭ ھىكايە سۆزلەش ئىقتىدارىم ئۇنىڭغا خۇشاللىق ئىلىپ كەلدى.بۇئۇنى چوڭقۇر بولغان زىدىدىيەت ئىچىگە باشلىغان ئىدى.
     كونىلاردا‹‹تاغنى يۆتكەش ئاسان،مىجەزنى ئۆزگەرتىش تەس ››دىگەن گەپ بار،گەرچە ئاتا-ئانام  ماڭا تەنبىھ –تەلىملەرنى بىرىپ تۇرسىمۇ،بىراقمەن گەپ قىلىشقا ئامراق تۇغما مىجەزىمنى ئۆزگەرتەلمىدىم،بۇ مىنىڭ‹‹مويەن››(مۆرىمەس)دىگەن ئسمىمنى خۇددى ئۆزۇمنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك كۆرسىتىپ قويىدۇ.مەن باشلانغۇچىنى پۇتتۇرمەيلا ئوقۇشتىن چىكىنگەن،چۈنكى تېىنىم ئاجىز،ئىغىرئش قىلالمايمەن،پەقەت ئوتلاققا بىرىپ پادا بىقىشقىلا يارايتتىم.مەن قوي-كالاپادىسنى مەكتەپ ئىشكى ئالدىدىن ھەيدەپ ماڭغاندا،بۇرۇنقى ساۋاقداشلىرىمنىڭ مەكتەپتەقىقاس-سۈرەن سىلىپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرسەم يۇرىكىم ئىچىشىپ كىتەتتى،بىر ئادەمنىڭ،بىر بالىنىڭمۇ دەيلى،كۆپچىلىكتىن ئايرىلغاندىن كىينكى ئازابىنى چوڭقۇر ھىس قىلىپ يەتكەنىدىم.مەن قوي-كالىلارنى ئوتلاشقا قويۇۋىتىپ ،خيال سۇرۇپ ئولتۇرۇپ كىتەتتىم.دىڭىزدەك پايانسز كۆك ئاسمان،چەكسز كەتكەن ئوتلاق،ئەتراپتا ھىچكىمنىڭ سايسىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ.ئۇن-سادامۇ يوق.پەقەت قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازىلابار.مەن ناھايتى غىرىپلىق،زىرىكىشلىك ھىس قىلاتتىم.ئىچىم قۇپ-قۇرۇقلا ئىدى.بەزىدەئوتلاقتا يېتىپ كۆك ئاسماندا لەيلەپ يۇرگەن ئاق بۇلۇتلارغا قاراپ ،كاللامدا نۇرغۇن غەلىتە خىياللار پەيدا بولاتتى.بىزنىڭ ئۇ تەرەپلەردە نۇرغۇن تۇلكىلەرنىڭ گۇزەل قىزلارغا ئۆزگىرىپ قالغانلىقىدەك ھىكايىلەر كۆپ تارقالغانىدى.
    مەن بىرتۇلكىنىڭ گۇزەل قىزغا ئۆزگىرىپ مەن بىلەن بىللە پادا بىېقىشنى بەك خىيال قىلاتتىم،بىراق ئۇنداق بولمىدى.بىراق بىر قېتىم بىر قىزىل رەڭ تۇلكە ئالدىمدىكى ئوتلاقتىن يۇگرەپ چېققاندا،مەن قورقۇپ يەرگە يېتىۋالغان ئىدىم.
   تۇلكە يۇگرەپ كەتكەندىن كىين،مەن يەنە تىترەپ كەتكەنىدىم.بەزىدە مەن كالىنىڭ يېنىدا يېتىپ،كالىنىڭ توق كۆك كۆزى ۋە كالىنىڭ كۆزىدىكى مىنىڭ شولامغا قارايتتىم.بەزىدەقۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازىنى دوراپ،ئاسماندىكى قۇشلار بىلەن مۇڭداشماقچى بولاتتىم،بەزىدە بىر دەرەخكە ئۆزۇمنىڭ دەردىنى تۆكمەكچى بولاتتىم.بىراق قۇشمۇ،دەرەخمۇ ماڭا پەرۋا قىلمايتتى.نۇرغۇن يىللاردىن كىين،مەن بىر رومانچىغا ئايلانغاندىن كىين ،شۇ چاغدىكى نۇرغۇن خياللىرىمنى رومانلىرىمغا يېزىپ كىرگۇزۋەتتىم.نۇرغۇن كىشلەر مىنى تەسەۋۇر كۇچى باي دەپ ماختايدۇ.بەزى ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى مەندىن تەسەۋۇر كۇچىنى ئۆستۇرۇشنىڭ سىرىنى دەپ بىرىشمنى ئۇمىد قىلىدۇ،مەن بۇنىڭغا پەقەت ئاچچىق كۇلكە بىلەن جاۋاب بىرىمەن.خۇددى جۇڭگونىڭ دانىشمىنى لاۋزى ئىيتقاندەك،‹‹قۇتلۇق بىلەن شۇملۇق ئش تەڭ مەۋجۇتتۇر.شۇملۇقمۇ قۇتلۇق ئشقا ئايلىنالايدۇ.››مەن كىچىك چىغىمدا ئوقۇشتىن چىكىنگەن،ئاچلىق،يېتىملىك ئازاۋىنى ،ئوقۇغدەك كىتاۋىمۇ يوق ئىغىر كۇنلەرنى يەتكۇچە كۆرگەن.بىراق مەنمۇشۇنىڭ ئۇچۇنلا خۇددى بىزنىڭ ئىلگىرىكى پشقەدەم يازغۇچىلاردىن شېىن سۇڭ ۋىن ئەپەندىگە ئوخشاش،بۇرۇنلا جەمىيەتتىن ئىبارەت بىر كاتتا كىتابنى ئوقۇشقاباشلىغان.بايا تىلغا ئىلىپ ئۆتكەن بازاردا ئۇچراتقان ھىلىقى ئۇقۇمۇشلۇق ئادەم مۇشۇجەمىيەت كتاۋىدىكى بىرلا بەت.
 ئوقۇشتىن چىكىنگەندىن كىين،مەن چوڭلار ئارىسدا جان بېقىش كويىدا يۇرۇپ،‹‹قۇلاق بىلەن ئوقۇش››ئۇزۇن ھاياتىمنى باشلىدىم.ئىككى يۇز يىل ئىلگىرى مىنىڭ يۇرتۇمدىن بىرھىكايە سۆزلەشكە ئۇستا ئۇلۇغ تالانت ئىگىسى پۇسۇڭلىن چىققانىكەن،بىزنىڭ كەنىتتىكى نۇرغۇن ئادەملەر،مەنمۇ شۇنىڭ ۋارىسى.مەن كوللىكتىپ ئەمگەك جەريانىدا،ئشلەپچىقىرىش ئەترەتلىرىنىڭ ئات-كالا قوتانلىرىدا ،بوۋام-مومامنىڭ ئسىق كاڭلىرىدا ،ھەتتا مۆدۇرۇپ-سىدىرپ مىڭىۋاتقان كالا ھارۋىلىرىدا نۇرغۇن سرلىق غەلىتە ھىكايىلەرنى،جەڭنامىلەرنى،ئۆزگىچە ئشلارنى ئاڭلايتتىم.بۇ ھىكايىلەرنىڭ ھەممىسى يەرلىكنىڭ تەبئى مۇھىتى،جەمەت تارىخى بىلەن زىچ مۇناسۋەتلىك بولۇپ،مەندە كۇچلۇك رىئاللىقت ۇيغۇسى پەيدا قىلغانىدى.
      مەن ئۇخلاپچۇشۇمدىمۇ بىر كۇنلەردە بۇ نەرسلەرنىڭ مىنىڭ يېزىقچىلىق خام ماتېريالىم بولۇپقىلىشنى ئويلىمىغانىدىم،مەن ئەينى چاغدا ھىكايىغا مەپتۇن بولغان بىر بالا ئىدىم،كىشلەرنىڭ سۆزلىگىننى مەستانە بولۇپ ئاڭلايتتىم.ئۇ چاغدا مەن پەقەت خۇدانىڭبارلىقىغا مۇتلەق ئشەنگۇچى ئىدىم. پۇتۇن كائىناتتىكى مەۋجۇداتلارنىڭ جېنىبارلىقىغا ئىشنەتتىم.چوڭ بىر دەرەخنى كۆرسەممۇ ھۆرمەت بىلدۇرەتتىم.بىر قۇشنىكۆرسەم،ھامان ئۇنىڭ بىر ئادەمگە ئۆزگىرەيدىغانلىقنى تەسەۋۇر قىلاتتىم.بىر ياتئادەمنى كۆرسەم ئۇ چوقۇم بىر ھايۋاندىن ئۆزگەرگەنمىدۇ دەپ گۇمان قىلاتتىم.ھەر كۇنىكەچتە مەن ئشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ ئەمگەك خاتىرىلەش ئۆيىدىن ئۆيگە قايتقاندا،تۇگىمەس قورقۇنچلار مىنىقورشىۋالاتتى،قورقماسلىق ئۇچۇن بىر تەرەپتىن يۇگرەپ ،بىر تەرەپتىن ناخشا توۋلاپماڭاتتىم.ئۇ چاغدا ئاۋازىم ئۆزگىرىۋاتقان مەزگىل ئىدى،ئاۋازىم خىر-خىر ،ناخشامنىڭ ئاھاڭىيېقىمسز ئىدى،مىنىڭ ناخشىلىرىم مىنىڭ يۇرتداشلىرىم ئۇچۇن بىر ئازاپ ئىدى.
مەن يۇرتۇمدا 21يىل ياشىدىم،بۇ جەرياندا يۇرتۇمدىن ئەڭ يىراق بارغان يېرىم پويىز بىلەن چىڭداۋغابارغىنىم.تېخى ياغاچ ماتېرياللىرى زاۋۇتىنىڭ چوڭ ياغاچ ماتېرياللىرى ئارىسدائىزىزىقىپ قالغىلى تاس قالغانىدىم،ئانام مەندىن چىڭداۋغا بىرىپ نىمە كۆرگەنلىكىمنىسورىغاندا ،مەن روھىم چۇشكۇن ھالدا:ھىچنىمىنى كۆرمىدىم،پەقەت بىر دۆۋە ياغاچنىكۆردۇم-دىگەنىدىم.
بىراق مۇشۇقېتىملىق چىڭداۋ سەپىرى مەندە يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ سرتقى دۇنيانى كۆرۇپ بېقىشقابولغان كۇچلۇك ئارزۇنى پەيدا قىلدى.
1976-يىلى2-ئايدا ،مەن ئانام توي قىلغاندا ئشلەتكەن زىننەت بويۇملىرىنى سېتىپ ماڭا ئىلىپبەرگەن تۆت پارچە ‹‹جۇڭگونىڭ ئومۇمى تارىخى››نى يۈدۈپ ئارمىيەگە كىردىم. مىنىسۆيۇندۇرگەن ۋە يىرگەندۇرگەن جاي- گاۋمى شەرقى شمال يېزىسىدىن چېقىپ ھاياتىمدىكىمۇھىم دەۋرنى باشلىدىم.ئېتىراپ قىلىشىم كىرەككى،ئەگەر جۇڭگو جەمئىيتىنىڭ غايەت زورتەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىىشى بولمىغان بولسا،ئەگەر ئسلاھات ئېچىۋېتىش بولمىغانبولسا،مەندەك بىر يازغۇچىمۇ بولمىغان بولاتتى.
گازارمىدىكىزىرىكىشلىك تۇرمۇشتا،مەن 80-يىللاردىكى ئىدىدىيە ئازاتلىقى ۋە ئەدەبىياتقىزغىنلىقىنى كۇتۇۋالدىم،مەن بىر قۇلىقى بىلەن ھىكايە ئاڭلايدىغان ،ئاغزى بىلەنھىكايە سۆزلەيدىغان بالىدىن قەلەم بىلەن ھىكايە سۆزلەشكە ئۇرۇنۇشقاباشلىدىم.دەسلەپتە يولۇم ئاسان بولمىدى،ئەينى چاغدا مەن ئۆزۇمنىڭ 20يىللىق سەھراتۇرمۇش تەجرىبەمنىڭ ئەدەبىيات خەزىنسى ئىكەنلىكىنى بايقىماپتىمەن.ئۇ چاغدا مەنئەدەبىيات ياخشى ئادەم ،ياخشى ئشلارنىلا ،قەھرىمان ئۇلگىلەرنىلا يازىدۇ دەپئويلاپتىمەن،گەرچە بىر نەچچىلا ئەسەر ئىلان قىلساممۇ ،بىراق ئەدەبى قىممىتىناھايتى تۆۋەن بولغانىدى.
1984-يىلىكۈزدە،مەن ئازاتلىق ئارمىيە سەنئەت ئىنۇستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتىېتىغا ئىمتىھانبېرىپ كىردىم.مىنىڭ كۆيۇمچان ئۇستازىم مەشھۇر يازغۇچى شۇخۇۋەيجۇڭنىڭ ئىلھام بىرىشى،يتەكلىشى بىلەن، ‹‹كۈز سۇلىرى››،‹‹قۇرۇغان دەريا››،‹‹سۇزۇك تۇرۇپ››،‹‹قىزىلقوناقلىق››قاتارلىق بىر يۇرۇش پوۋست رومانلارنى يازدىم.‹كۇز سۇلىرى››دىگەنھىكايىدە،تۇنجى قېتىم ‹‹گاۋمى شەرقى شىمال يېزىسى››دىگەن بۇ سۆز ئوتتۇرىغاچىقتى،شۇنىڭدىن باشلاپ،ھەر تەرەپتە سەرگەردان بولۇپ يۇرگەن دىھقانلارنىڭ يېرى باربولدى،مەندەك بىر ئەدەبىيات سەرگەردانىمۇ باش تىققۇدەك بىر جايغا ئېرىشتى.ئېتىراپقىلىشىم كىرەككى،ئۆزۇمنىڭ ئەدەبىيات تەۋەلىكىدىكى ‹‹گاۋمى شەرقى شىمال يېزىسى››نىقۇرۇش جەريانىدا،ئامېرىكىلىق ۋىليام فائۇكنىر ۋە كولۇمبىيەلىك گارسيا ماركۇس ماڭابەك ئىلھام بولدى.مەن ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئانچە ئەستايىدىل ئوقۇمىغان،ئەممائۇلارنىڭ مسلى كۆرۇلۇپ باقمىغان دەرىجىدىكى مەردانە روھى ماڭا ئىلھام بەردى ۋەمەندە يازغۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئۆزۇمگە تەۋە بىر بوشلۇقنى ھس قىلدۇردى.بىرئادەم ئەمەلى تۇرمۇشتا كەمتەر،كىچىك پېئىل بولۇشى كىرەك،ئەمما ئەدەبى ئىجادىيەتتەقەتئى تەۋرەنمەيدىغان،ئۆزى خالىغاننى چوقۇم قىلىدىغان بولۇشى كىرەك.

مەن بۇ ئىككىبۇيۇك ئۇستازنىڭ ئارقىسدىن ئىككى يىل ئەگەشتىم،تونۇپ يەتتىمكى،دەرھال ئۇلاردىنئايرىلىشىم كىرەككەن،مەن بىر پارچە ماقالىدا يازغانىدىم،ئۇلار ئىككى دانە يېىنىپتۇرغان ئوچاق،مەن بولسام مۇز پارچىسى،ئەگەر ئۇلارغا بەك يېقىنلىشپ كەتسەم،ئۇلارمىنى ئېرىتىپ تاشلايدۇ.مىنىڭ ھس قىلىشىمچە،بىر يازغۇچىنىڭ يەنە بىر يازغۇچىنىڭتەسرىگە ئۇچرىشنىڭ تۇپكى سەۋەبى شۇكى،تەسر كۆرسەتكۇچى بىلەن تەسرگە ئۇچرىغۇچىنىڭروھلىرىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدە ئوخشايدىغان جايلار بار.خۇددى ‹‹روھلار ئاخىرىجۆرسىنى تاپىدۇ››دىگەنگە ئوخشايدۇ.شۇڭلاشقا مەن گەرچە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى بەكياخشى ئوقۇمىغان بولساممۇ ،پەقەت بىر نەچچە بەت ئوقۇغان بولساممۇ ئەمما ئۇلارنىڭنىمە ئشلارنى قىلغانلىقىنى چۇشەندىم،ھەم ئۇلارنىڭ قانداق قىلغانلىقىنى ،شۇنىڭبىلەن بىرگە ئۆزۇمنىڭمۇ نىمە قىلىشىم،قانداق قىلىشىم كىرەكلىكىنى بىلىۋالدىم.مەنقىلىشقا تىگىشلىك ئش تولىمۇ ئاددى.ئۇ بولسىمۇ ئۆزۇمنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ئۆزۇمنىڭھىكايىسنى سۆزلەش.مىنىڭ ئۇسۇلۇم ئۆزۇم تونۇشلۇق بولغان ئۇقۇمۇشلۇق ئادەمنىڭ ئۇسۇلى،بوۋام،مومام ،كەنىتتىكى چوڭلارنىڭ ھىكايە سۆزلەش ئۇسۇلى.راستىنى دىسەم،ھىكايەسۆزلىگەن چاغدا،مەن كىمنىڭ ئاڭلىغۇچۇم بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان،بەلكىممىنىڭ ئاڭلىغۇچىلىرىم مىنىڭ ئانام بىلەن ئوخشاش كىشلەردۇر،بەلكىم ئاڭلىغۇچۇم مىنىڭئۆزۇم شۇدۇر،ئۆزۇمنىڭ ھىكايىسى دەسلىۋىدە ئۆزۇمنىڭ باشتىنكەچۇرگەنلىرى،مەسلەن‹‹قۇرۇغان دەريا›دىكى قاتتىق تاياق يىگەن بالا،‹‹سۇزۇكتۇرۇپ››تىكى باشتىن-ئاخىر گەپ قىلمايدىغان گومۇش بالا .
مەن ئىلگىرى بىرئشنى خاتا قىلغانلىقىم ئۇچۇن دادامدىن ئۆلگۇدەك تاياق يىگەن،مەنمۇ كۆۋرۇك ئشئورنىدا تۆمۇرچى ئۇستاملار ئۇچۇن شامالدۇرغۇچ تارتىپ باققان.ئەلۋەتتە،بىر ئادەمنىڭكەچۇرمىشى قانچىلىك ئۆزگىچە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ھەممىنى رومانغا يېزىپكىرگۇزگىلى بولمايدۇ،روماندا چوقۇم توقۇلما بولۇشى كىرەك،تەسەۋۇر بولۇشىكىرەك.نۇرغۇن دوستلار ‹‹سۇزۇك تۇرۇپ››نى منىڭ ئەڭ ياخشى رومانىم دەيدۇ،مەن بۇنىڭغاقارشى ئەمەس،ھەم قوللاپمۇ كەتمەيمەن،بىراق مەن ‹‹سۇزۇك تۇرۇپ››ئەسەرلىرىم ئىچىدىكىئەڭ سموۋللۇق خاراكتېرىگە ئىگە ،مەنىگە تويۇنغان ئەسەرلىرىمدىن بىرى دەپقارايمەن.ئۇستى بېشى قاپقارا،ھەرقانداق ئادەمدىن بەكرەك ئازاپقا بەرداشلىق بىرىشئېقتىدارى ۋە ھس قىلىش ئېقتىدارىغا ئىگە بالا بولسا بارلىق رومانلىرىمنىڭ روھى.
گەرچە مەنكىينكى رومانلىرىمدا نۇرغۇن ئادەملەرنى يازغان بولساممۇ،بىراق مىنىڭ روھىمغا شۇبالىدىنمۇ بەكرەك يىقىنلاشقان ئادەم يوق.ديىشكە بولىدۇكى،يازغۇچى ياراتقان غوللۇقشەخسلەر ئىچىدە ،ھامان بىر باشلامچى ئوبراز بولىدۇ،بۇ كەمسۆز بالا شۇباشلامچىدۇر.ئۇ ھىچنىمە دىمەيدۇ،بىراق نۇرغۇن ھەر خىل ئادەملەرگە رەھبەرلىكقىلىدۇ،گاۋمى شەرقى شىمال يېزىسدىن ئىبارەت بۇ سەھنىدە ،پۇتۇن ھاياجان بىلەن نۇمۇرقويىدۇ.ئۆزىنىڭ ھىكايىسى ھامان چەكلىك بولىدۇ،ئۆزىنىڭ ھىكايىسنى سۆزلەپبولسا،باشقىلارنىڭ ھىكايىسنى سۆزلىشى كىرەك.شۇڭلاشقا،مىنىڭ تۇققانلىرىمنىڭھىكايىسى ،كەنىتداشلىرىمنىڭ ھىكايىسى ۋە مەن چوڭلارنىڭ ئازىدىن ئاڭلىغانبوۋىلارنىڭ ھىكايىلىرى ،خۇددى يېغىلىش بۇيرۇقى ئاڭلىغان ئەسكەرگە ئوخشاش مىنىڭئەسلىرىمنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ.ئۇلار تەشنالىق نەزىرى بىلەن ماڭاتىكىلىدۇ.مىنىڭ ئۇلارنى يېزىشىمنى كۇتىدۇ.مىنىڭ بوۋام،مومام،دادام،ئانام،ئاكام،ئاچام،ھاممام،تاغام،ئايالىم،قىزىمھەممىسى مىنىڭ ئەسەرلىرىمدە ئوتتۇرىغا چىقىپ باققان،يەنە بىزنىڭ گاۋمى شەرقى شىماليېزىمىزدىكى يېزىداشلار ھەممىسى مىنىڭ رومانىمدا كۆرۇنىدۇ.ئەلۋەتتە مەن ئۇلارغائەدەبىيلەشكەن بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىمەن،ئۇلارنى ئۆزىدىنھالقىتىپ،ئەدەبىيات ئىچىدىكى ئادەملەرگە ئايلاندۇرىمەن.
مىنىڭ ئەڭيېقىندىكى رومانىم ‹‹پاقا››دا،مىنىڭ ھاممامنىڭ ئوبرازى بار.مەن نوبىل مۇكاپاتىغائىرشكەنلىكىم ئۇچۇن نۇرغۇن مۇخبىرلار ئۇنىڭ ئۆيىگە بىرىپ زىيارەت قىلدى.دەسلىۋىدەئۇ سۇئاللارغا ناھايتى سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاپ بەردى.لىكىن ئۇزاق ئۆتمەي،ئۇبۇنىڭدىن تويۇپ ،ناھىيە بازىرىدىكى ئوغلىنىڭ يېىنىغا بىرىپ يوشۇرنىۋالدى.ھاممام راستىنلا مىنىڭ ‹‹پاقا››نىيېزىشىمدىكى بىر مودىل،ئەمما روماندىكى قىزچاق بىلەن رىئاللىقتىكى قىزچاق ئارىسدائاسمان زىمىن پەرق بار.
روماندىكىقىزچاق كاج،ھاكاۋۇر،بەزىدە لۇكچەك ئاياللارغا ئوخشايدۇ،رىئاللىقتىكى قىز بولسائىللىق چىراي،ئوچۇق،ئۆلچەملىك بىر مىھرىبان ئانا.رىئاللىقتىكى قىزنىڭ كىينكىچاغلىرى بەختلىك،خۇشال ،روماندىكى قىز ياشانغاندىن كىين روھى جەھەتتە ئىغىرئازاپلارغا دۇچار بولۇپ،كۆرمەس بولۇپ قالىدۇ،ھىچنىمىنى كۆرەلمەي قاراڭغۇلۇق ئىچىدەسەرسان بولۇپ يۇرگەن روھقا ئوخشاپ قالىدۇ.مەن قىزنىڭ كەڭ قورساقلىقىغا رەھمەتئىيتىمەن.ئۇ روماندىكى ئادەملەر ۋە رىئاللىقىتىكى ئادەملەرنىڭ مۇرەككەپمۇناسىۋىتىنى توغرا چۇشەندى.مىنىڭ ئۇنى روماندا شۇنداق تەسۋىرلىگەنلىكىم ئۇچۇنخاپا بولمىدى.ئانام ۋاپات بولغاندىن كىين مەن بەك قايغۇردۇم،ئۇنىڭ ئۇچۇن بىر رومانبىغىشلاپ يېزشنى قارار قىلدىم.بۇ دەل ‹تولغان كۆكرەك،سىمىز كاسا›،دىگەنرومانىم.كۆڭلۇمدە سان بولغاچقا،ئوي-پىكىر تەييار بولغاچقا پەقەت 83 كۇندە 500مىڭخەتكە سوزۇلغان بۇ روماننىڭ ئورگىنالىنى تاماملىدىم.
‹تولغانكۆكرەك،سىمىز كاسا›دىگەن بۇ كىتابتا،مەن ئازراقمۇ تەپتارتماستىن،ئانامنىڭكەچۇرمىشلىرى بىلەن مۇناسۋەتلىك خام ماتېرياللارنى ئشلەتتىم.بىراق كىتاپتىكى ئانامنىڭھسيات جەھەتتىكى كەچۇرمىشلىرى توقۇلما ياكى گاۋمى شەرقى شمال يىزىسدىكى نۇرغۇنئانىلارنىڭ كەچۇرمىشلىرىگە ئوخشايدۇ.بۇ كىتابنىڭ ئالدىنقى توم كىرىش سۆزىدەدىگەندەك،مەن ‹‹تەڭرىنىڭ روھىغا يېقىن ئانامغا بېغىشلايمەن›دەپ يازغان ئىدىم،بىراقبۇ كىتاب ئەمەلىيەتتە ‹‹زىمىندىكى ئانىلار››غا بېغىشلاپ يېزىلغان.بۇ مىنىڭتەلۋىلەرچە قىلغان ئاچكۆزلۇكۇم،خۇددى مەن كىچىككىنە ‹‹گاۋمى شەرقى شىماليېزىسى››نى جۇڭگونىڭ ھەتتا دۇنيانىڭ كىچىكلىتىلگەن نۇسخسى سۇپىتىدە يازغىنىمدەك.
يازغۇچىنىڭئىجادىيەت جەريانىدا ھەر خىل ئالاھىدىلىك بولىدۇ،ھەر بىر كتاۋىمدىكى تەپەككۇر ۋەئىلھامنىڭ قوزغىلىشىمۇ ئوخشىمايدۇ.بەزى رومانلىرىم ئارزۇلارنى مەنبەقىلغان،مەسلەن:‹‹سۇزۇك تۇرۇپ››،بەزى رومانلار رىئال تۇرمۇشتا يۇز بەرگەن ئشلارنىمەنبە قىلغان ،مەسىلەن ‹‹جەننەتتىكى سامساق ناخشىسى››.بىراق،مەيلى رىئاللىقنىمەنبە قىلسۇن ياكى خام خيالنى مەنبە قىلسۇن ،ئەڭ ئاخىرىدا ھەممىسى شەخسنىڭتەجرىبىسى بىلەن زىچ بىرىكىشى كىرەك.شۇنداق بولغاندىلا روشەن خاسلىققا ئىگەبولغان،ساناقسز جانلىق ئىنچىكە تەسۋىرلەر ئارقىلىق تېپىك ئادەملەرنى،تىلى مول،رەڭدار بولغان قۇرۇلمىسى پۇختا مۇستەقىل بۆلەكلىرى بولغان ئەدەبى ئەسەر ياراتقىلىبولىدۇ.ئالاھىدە تىلغا ئىلىش زۆرۈر بولغىنى شۇكى،‹‹جەننەتتىكى سامساق ناخشىسى››دا،مەن ھەقىقى ئۇقۇمۇشلۇق بىرىنى سەھنىگە ئىلىپ چىقتىم ۋە ئۇ كىتابتا ناھايتى مۇھىمرولنى ئوينىدى.مەن ئنتايىن تەۋەززۇ بىلەن بۇ ئۇقۇمۇشلۇق ئادەمنىڭ ھەقىقى ئسمىنىئشلەتتىم،بىراق،ئۇنىڭ كىتابتىكى بارلىق قىلمىشلىرى ھەممىسى توقۇلما.مىنىڭيېزىقچىلىقىمدا،بۇنداق ھادىسلەر نۇرغۇن قېتىم يۇز بەرگەن،دەسلەپتە يېزىقچىلىققاكىرىشكەندە،ئۇلارنىڭ ھەقىقى نامىنى ئشلىتىمەن،بۇنىڭ بىلەن يېقىنلىق تۇيغۇسىغائېرىششنى ئويلايمەن.بىراق ئەسەر پۇتكەندىن كىين ئۇلارنىڭ ئسمىنى ئۆزگەرتىشنىڭئاللقىچان كىچىككەنلىكىنى بايقايمەن،شۇڭلاشقا رومانىمدىكى پىرسوناژلار بىلەنئىسمداش كىشلەر دادامنى ئىزدەپ كىلىپ ئاچچىقىنى چىقارغان ،دادام ئورنۇمدا ئۇلاردىنئەپۇ سورىغان ،شۇنداقلا ئۇلارنى بۇنى راست دەپ قالماسلىققا دەۋەت قىلغان يەرلىرىمۇبولدى.دادام:ئوغلۇمنىڭ ‹‹قېزىل قوناقلىق›تا  ئشلەتكەن بىرىنجى جۇملىسى ‹‹مىنىڭ دادام مۇشۇيەرلىك باندىت ››دىگەندە،مەنمۇ خاپا بولمىغان تۇرسام،سلەر نىمىگە خاپا بولىسلەر؟››
مەن‹‹جەننەتتىكى سامساق ناخشىسى››غا ئوخشاش رىئال تۇرمۇشقا ناھايتى يېقىن روماننىيېزىۋاتقان چىغىمدا ،دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ مەسىلە –مىنىڭ جەمىيەتتىكى قاراڭغۇھادسىلەرنى تەنقىت قىلىشقا جۇرئەت قىلالىشىم ياكى قىلالماسلىقىم ئەمەس،بەلكى بۇيالقۇنجاۋاتقان قاينات ھسيات ۋە غەزەپ- سياسىينى ئەدەبىياتنى بېسقا مەجبۇرلىشىدىن،بۇ روماننىڭ ئىجتىمائى ھادىسە ھەققىدىكى ئەدەبى ئاخبارات بولۇپ قىلىشى.رومانچىبولسا جەمىيەتتىكى ئادەم ،ئۇنىڭ تەبئىيلا ئۆزىنىڭ مەيدانى،كۆز-قارىشى بولىدۇ،بىراقرومانچى يېزىقچىلىق قىلىۋاتقاندا،چوقۇمكى ئنساننىڭ مەيدانىدا تۇرۇشى ۋە بارلىقئنساننى ئنسان قاتارىدا كۆرۇشى كىرەك.
مۇشۇنداقبولغاندىلا،ئەدەبىيات ھادىسنى مەنبە قىلىدۇ ئەمما ھادىسدىن ھالقىپكتەلەيدۇ،سياسىيغا كۆڭۈل بۆلىدۇ بىراق سىياسيىدىن ھالقىپ كىتەلەيدۇ.بەلكىم ناھايتىئۇزۇن مەزگىل جاپا تارتقانلىقىمدىن بولسا كىرەك،مىنىڭ ئادەملىككە بولغان تونۇشۇمبىر ئاز چوڭقۇر.مەن ھەقىقى باتۇرلۇقنىڭ نىمىلىكىنى بىلىمەن،ۋە نىمىنىڭ ھەقىقىھەسرەت ئىكەنلىكىنى چۇشىنىمەن.مەن ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە ھەق ناھەق،توغراخاتا،ئالىيجاناپ رەزىللىكىنى ئېىنىق ئايرىش قېيىن بولغان بىر خېرە جاينىڭبولىدىغانلىقىنى بىلىمەن.بۇ خېرە جاي دەل ئەدەبىياتچى ئۆز تالانتىنى جەۋلانقىلىدىغان بىپايان بوشلۇقتۇر.پەقەت مۇشۇ زىدىدىيەتكە تولغان خېرە بەلباغنىتوغرا،جانلىق تەسۋىرلەپ بىرەلىگەن ئەسەرلا مۇقەررەر ھالدا سياسىيدىن ھالقىپمۇنەۋۋەر ئەدەبى ئەسەر بولۇش لاياقىتىنى ھازىرلايدۇ.
كەچكىچە ئۆزىنىڭھىكايسنى سۆزلەش كىشنى زىرىكتۇرۇپ قويىدۇ.بىراق مىنىڭ كىشلىك ھاياتىم ۋە مىنىڭئەسەرلىرىم زىچ باغلانغان،شۇڭا ئەسەرلىرىمدىن باشلىمىسام، نىمە دىيىشىمنىبىلمەيمەن،شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ چۇشىنىشنى ئۇمىد قىلىمەن.مىنىڭ بۇرۇنقى ئەسەرلىرىمدە،مەن يېڭى دەۋردىكى بىر ھىكايە سۆزلىگۇچى بولۇش سۇپىتىم بىلەن تېكىسىتنىڭ كەينىگەيوشۇرنۇۋالىمەن.بىراق ‹‹ئاق ساندال جازاسى››دىگەن روماندا ،مەن ئاخىرى ئارقاسەپتىن ئالدىنقى سەپكە چىقتىم.ئەگەر مىنىڭ بۇرۇنقى ئەسەرلىرىم ئۆز-ئۆزۇمگە بايان،ئوقۇرمەن يوق دىيلسە،بۇ رومانىمدىن باشلاپ،مەن ئۆزۇمنىڭ بىر چوڭ مەيدانداتۇرۇپ،نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرگە يۇزلىنىۋاتقانلىقىمنى ھس قىلىپ ،ھىكايىنى جانلىق سۆزلەشكە باشلىدىم.بۇ دۇنيا رومانچىلىقىنىڭئەنئەنىسى،جۇڭگو رومانچىلىقىنىڭ تىخىمۇ ئەنئەنىسى.مەن ئىلگىرى غەرپنىڭ مودىرنىزىمئىقىمىدىكى رومانلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆگەنگەن،ھەر خىل ،رەڭگارەڭ بايانئۇسلۇبلىرىنى ئويناپ باققان،بىراق ئاخىرىدا يەنە ئەنئەنىگە قايتتىم.
ئەلۋەتتە،بۇ خىلقايتىش قەتئى ئۆزگەرمەيدىغان قايتىش ئەمەس،‹‹ئاق ساندال جازاسى››دىن كىينكىرومانلار جۇڭگو كىلاسسىك رومانچىلىق ئەنئەنىسگە ۋارسىلىق قىلدى ۋە غەرپ رومانچىلىقتېخنىكىسدىن ئۆرنەك ئالغان ئارىلاشماتېكىتسلاردۇر.رومانچىلىق ساھەسىدىكى دىيىلىمىش يېڭىلىقلار ئاساسەن بۇ خىلئارىلاشمىلىقنىڭ مەھسۇلاتىدۇر.بۇ پەقەت مۇشۇ دۆلەت ئەدەبىيات ئەنئەنىسى بىلەنچەتئەل رومانچىلىقى ماھارىتىنىڭ ئارىلاشمىسى بولۇپلا قالماي،يەنە رومان بىلەنباشقا سەنئەت تۇرلىرىنىڭمۇ ئارىلاشمىسدۇر.خۇددى ‹‹ئاق ساندال جازاسى››ئەلئارىسىمۇزىكا تىياتىرنىڭ ئارىلاشمىسىغا ئوخشاش،خۇددى مىنىڭ بۇرۇنقى بەزى رومانلىرىمگۇزەل سەنئەت،مۇزىكا ھەتتا سىرىك ئىچىدىن ئوزۇق ئالغانغا ئوخشايدۇ.
ئاخىرىدا مېنىڭ «ھايات-ماماتلىق ھارغىنىلىق» ھەققىدەقايتا سۆزلىشىمگە روخسەت قىلىڭ. بۇ كىتاپنىڭ ئىسمى بۇدادا دەستۇرلىرىدىن ئېلىنغانبولۇپ، بىلىشىمچە، بۇ كىتاپنىڭ ئىسمىنى تەرجىمە قىلىش ھەر قايسى ئەلتەرجىمانلىرىنىڭ بېشىنى قاتتۇرۇپتۇ. مەن بۇددا دەستۇرلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپباقمىغان، بۇددا دىنىغا بولغان چۈشەنچەم تەبئىيلا تولىمۇ يۈزەكى، بۇنى تېما قىلىپتاللىشىمنىڭ سەۋەبى، مېنىڭچە بۇددا دىنىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئاساسىي ئىدىيىلىرىھەقىقەتەنمۇ كائىناتقا بولغان تونۇش بولۇپ، پانى ئالەمدىكى خىلمۇ-خىلتالاش-تارتىشلار بۇددىزىمچىلارنىڭ نەزىرىدە تولىمۇ ئەھمىيەتسىز. بۇنداق تەڭداشسىزئىلاھىي نەزەر ئاستىدىكى پانى دۇنيا تولىمۇ پاجىئەلىكتۇر. ئەلۋەتتە مەن بۇ كىتاپنىخۇتپە-ۋەز قىلىپ يازمىدىم. مېنىڭ يازغىنىم يەنىلا ئىنساننىڭ تەقدىرى ۋە ھېسىياتى.ئىنساننىڭ چەكلىمىلكى ۋە كەڭ قۇرساقلىقىشۇنداقلا ئىنساننىڭ بەخىت ئىزلەش، ئۆز ئېتىقاتىدا چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن كورسەتكەنتىرىشچانلىقلىرى ۋە قوربانلىقلىرى. روماندىكى ئۆز ھاياتى بىلەن دەۋىر ئېقىمىنىقارشى قويغان لەن لىيەن، مېنىڭ قەلبىمدە ھەققىقى بىر قەھرىمان. بۇ پىرسوناژزنىڭئەسلى تىپى بىزنىڭ قوشنا يېزىمىزدىكى بىر دېھقان بولۇپ، بالا چاغلىرىمدا دائىمئۇنىڭ ياغاچ چاقلىق ھارۋىسىنى غىچىلدىتىپ كىشىلەرنىڭ ئۆيى ئالدىدىكى يولدىنئوتكەنلىكىنى كۆرەتتىم. ئۇنىڭ ھارۋىسىنى بىر ئاقساق ئېشەك سۆرەيتى، كىچىك پۇتلۇقخۇتۇنى ئۇنىڭ ئېشەكنى يىتلەيتى. بۇ غەيرى ئەمگەك گۇرۇپپىسى ئەينى دەۋىردىكىكوللىكتىپلاشقان جەمئىيەتتە شۇقەدەر غەلىتە ۋە زاماندىن قالغاندەك كۆرۈنەتتىكى،بىز بالىلارمۇ ئۇلارنى تارىخنىڭ قارشى يۆلنىشىگە قاراپ ھەركەت قىلىۋاتقانھەييارلاردەك ھېس قىلاتتۇق، ھەتتا ئۇلار كوچىدىن ئۆتكەندە بىز غەزەپلەنگەن ھالدائۇنىڭغا قاراپ تاش ئاتاتتۇق. ئۇزاق يىللاردىن كېيىن قولۇمغا قەلەم ئېلىپيېزىقچىلىققا تۇتۇنغىنىمدا، شۇ كىشى، شۇمەنزىرىلەر كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى. مەن ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر پارچەكىتاپ يازىدىغانلىقىمنى بىلەتتىم، مەن ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭ ھېكايىسىنى بارلىق كىشىلەرگەسۆزلەپ بېرەتتم، بىراق 2005-يىلىغا كەلگەندىلا، بىر بۇتخانىدا « ئالتە خىلئاقىۋەتنىڭ دەۋر قىلىشى» ناملىق تام رەسىمىنى كۆرگەن چېغىمدىلا ئاندىن بۇ ھېكايىنىئېيتىشنىڭ توغرا ئۇسۇلىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم.
مەن نوبىلمۇكاپاتىغان ئېرىشكەندىن كېيىن بىر قاتار بەس-مۇنازىرىلەر بولۇندى. دەسلەپتەكىشىلەرنىڭ مۇلاھىزە ئوبىكتى مەنمىكىن دەپ قاپتىمەن، بارا-بارا، تالاش-تارتىشقاسەۋەپ بولغان بۇ ئوبىكتنىڭ مەن بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق بىر ئادەم ئىكەنلىكىنىھېس قىلىپ قالدىم. مەن گويا ئويۇن كۆرىۋاتقان ئادەمدەك كىشىلەرنىڭ ماھارىتىنىكۆرەتتىم. مەن ھېلىقى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ گۈل دەستىلەرگە كۆمۈلۈپ كەتكەنلىكىنىكۆردۈم، ھەم ئۇنىڭ تاشقا باغلىنىپ، يۇندىغا مىلەنگەنلىكىنىمۇ كۆردۈم. مەن ئۇنىڭ تۈگىشىپكېتىشىدىن ئەنسىرەيتىم، ئەمما ئۇ گۈل-چېچەك ۋە توپا-تاشلار ئىچىدىنكۈلۈمسىرىگىنىچە چىقىپ، تېنىدىكى يۇندىلارنى سۈرتىۋەتكەندىن كېيىن بىمالال ھالدابىر ياندا توختىدى ۋە كۆپچىلىككە: بىر يازغۇچى ئۈچۈن ئېتقاندا، ئەڭ ياخشى سۆزقىلىش ئۇسۇلى يېزىقچىلىق. مەن دېمەكچى بولغان گەپلەرنىڭ ھەممىسى مېنىڭئەسەرلىرىمگە سىڭدۈرىۋېتىلگەن. ئېغىزدا دىيىلگەن سۆز شامالدا ئۇچۇپ كېتىدۇ، قەلەمبىلەن يېزىلغىنى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ. مەن سىلەرنڭ كىتابىمنى سەۋىرچانلىق بىلەن ئوقۇپبېقىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن، ئەلۋەتتە، سىلەرنى كىتابىمنى ئوقۇشقا زورلاشسالاھىيىتىم يوق،- دېدى.
سىلەركىتابىمنى ئوقۇغان تەغدىردىمۇ، مەن سىلەرنىڭ ماڭا بولغان كۆز-قارىشىڭلارنىئۆزگەرسىكەن دېمەيمەن. دۇنيادا ھەممە ئادەمنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشەلىگەن يازغۇچىيوق. بۈگۈنكىدەك دەۋىردە تېخىمۇ شۇنداق.
گەرچە مەن ھېچنىمە دېيىشنى خالىمايدىغان بولساممۇ،بىراق بۈگۈنكىدەك بۇنداق سورۇندا چوقۇم سۆزلىشىم كېرەك. ئۇنداقتا مەن يەنەئاددىيلا بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلاي.
مەن بىر ھېكايە ئېيتىدىغان ئادەم، يەنىلاسىلەرگە بىر ھېكايە سۆزلەپ بېرەي. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا، مەن باشلانغۇچمەكتەپنىڭ ئۈچۈنجى يىللىقىدا ئوقۇيدىغان چاغلىرىمدا، مەكتەپ بىزنى بىرجاپا-مۇشەققەت كۆرگەزمىسىگە تەشكىللىدى، بىز مۇئەللىمىنىڭ كۈتكىنىچە ئاۋازىمىزنىقۇيىۋېتىپ يىغلايتۇق. مۇئەللىمگە ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن مەن مەڭزىمدىكى ياشلىرىمنىسۈرىتىۋېتىشكە قىيمايتىم. بىر قانچە ساۋاقداش شۆلگىيىنى يۈزلىرىگە سۈركەپ يىغلىغانقىياپەتكە كىرىۋالغاندى. مەن راست-يالغان يىغلاۋاتقان بۇ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئارىسىدايەنە بىر ئوقۇغۇچىنى كۆرۈپ قالدىم، ئۇنىڭ يۈزىدە بىر تامچىمۇ ياش كۆرۈنمەيتى،ئاۋازمۇ چىقمايتى. يۈزلىرىنى توسۇپمۇۋالمىغان بولۇپ، چوڭ كۆزلىرى بىلەن بىزگەقاراۋاتقانىدى، كۆزىدىن ھەيرانلىق ۋەياكى گاڭگىراش ئىپادىلىرى چاقناپ تۇراتتى.كېيىن مەن مۇئەللىمگە بۇ ساۋاقداشنىڭ قىلمىشىنى چېقىپ قويدۇم. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپبۇ ئوقۇغۇچىقا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەردى. كۆپ يىللاردىن كېيىن، مەن مۇئەللىمگەئۇنى چېقىپ قويغانلىقىمغا پۇشايمان قىلغانلىقىمنى ئېتقاندا، مۇئەللىم شۇ كۈنى يەنەئون نەچچە ئوقوغۇچىنىڭ ئۇ ئىشنى مەلۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ساۋاقداش ئون نەچچەيىللار ئىلگىرى ئۈلۈپ كەتتى، ئۇنى ئەسلىگىنىمدە ، چوڭقۇر ئۆكۈنىمەن. بۇ ئىش ماڭابىر ساۋاقنى ھېس قىلدۇردى: كۆپچىلىك يىغلاۋاتقان ۋاقىتتا بەزەنلەرنىڭيىغلىماسلىقىغا يول قويۇش كېرەك. يىغا بىر خىل ئويۇنغا ئايلانغاندا بەزىلەرنىڭيىغلىماسلىقىغا تېخىمۇ يول قويۇش كېرەك.
يەنە بىر ھېكايە سۆزلەپ بېرەي: ئوتتۇز نەچچەيىللار ئىلگىرى، مەن تېخى قىسىمدا خىزمەت قىلىۋاتاتتىم. بىر كۈنى كەچتە مەنئىشخانىدا كىتاپ كۆرىۋاتاتتىم، بىر پىشقەدەم كوماندىر ئىشىكنى ئىتتىرىپ كىرىپكەلدى، مېنىڭ ئۇدۇلۇمدىكى ئورۇنغان بىر قارىۋېتىپ، ئۆز-ئۆزىگە؛ «ھە..ئادەم يوقما؟»دېدى. مەن شۇئان ئورنۇمدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋازدا:« مەن ئادەم ئەمەسمىكەنمەن؟»دېدىم. ھېلىقى پىشقەدەم كوماندىر قولاقلىرىغىچە قىزىرىپ كەتتى ۋە ئوڭايسىزلانغىنىچەچىقىپ كەتتى. بۇ ئىش ئۈچۈن مەن خېلى ئۇرۇنغىچە كۆرەڭلەپ يۈردۈم، ئۆزەمنىجەسۇرلارچە سوقىشالىدىم دەپ قالغان ئىدىم، بىراق كۆپ يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، مەنئەكسىچە بۇ ئىش ئۈچۈن چوڭقۇر ئۆرتەندىم. مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ھېكايىنىسۆزلىشىمگە رۇخسەت قىلغايسىلەر، بۇنى نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ماڭا بوۋام سۆزلەپبەرگەن: سىرىتتا ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانسەككىز تامچى بار ئىكەن، بىر قېتىملىق جۇدۇن-چاپقۇندىن پاناھلىنىش ئۈچۈن، بىر كونابۇتخانىغا قىستىلىپ كىرىپتۇ. سىرىتتىكى چاقماق ئاۋازى بارغانسىرى ئەدەشكەباشلاپتۇ، ئوت پارچىلىرى بۇتخانا ئىشىكى ئالدىدا دۇملاشقا باشلاپتۇ، ھاۋادا يەنەئەجدىھانىڭ چىقىرقىرىغان ئاۋازلىرىمۇ ئاڭلانغۇدەك. ھەممەيلەننىڭ قورقۇپ جان-پېنىچىقىپ، چىرايلىرى سارغىيىپ كېتىپتۇ. ئارىدىن بىرەيلەن: « سەككىزىمىنىڭ ئارىسىداچوقۇم بىر ئادەم ئەسكى ئىشلارنى قىلغان، كىم ئەسكى ئىش قىلغان بولسا شۇ ئۆزىبۇتخانىدىن چىقىپ تەڭرىنىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلسۇن، ياخشى ئادەملەر چېتىلىپقالمىسۇن» دەپتۇ. تەبئىيلا ھېچكىمنىڭ چىققۇسى كەلمەپتۇ. يەنە بىرەيلەن: « ھېچقايسىمىزچىقىشنى خالىمىغان ئىكەنمىز، ئۇنداقتا ھەممىمىز چىغ قالپىقىمىزنى تاشلايلى، كىمنىڭقالپىقى ئۇچۇپ بۇتخانىنىڭ ئىشىكىدىن چىقىپ كەتسە، شۇ ئەسكى ئىش قىلغان بولىدۇ.ئۇنداقتا شۇ كىشى چىقىپ تەڭرىنىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلىدۇ» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەنكۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى چىغ قالپاقلىرىنى بۇتخانا ئىشىكىنىڭ سىرتىغا چۆرۈپتۇ، يەتتەئادەمنىڭ قالپىقى شامالدا ئۇچۇپ بۇتخانا ئىچىگە قايتىپ كىرىپتۇ. بىرلا ئادەمنىڭقالپىقى ئۇچۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك ئۇنى چىقىپ جازانى قۇبۇلقىلىشقا ئۈندەپتۇ، ئۇنىڭ ئەلۋەتتە چىققۇسى كەلمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىكۆتۈرۈپ بۇتخانىنىڭ سىرتىغا تاشلىۋېتىپتۇ. ھېكايىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداقبولغانلىقىنى بەلكىم ھەممەڭلار پەرەز قىلىپ بولغان بولۇشىڭلار مۇمكىن ـــــ ھېلىقىئادەم سىرتقا تاشلىۋېتىلىشى بىلەنلا، بۇ كونا بۇتخانا گۈمۈرلۈپ چۈشۈپتۇ.
مەن ھېكايە سوزلەيدىغان ئادەم. ھېكايەسۆزلىگەنلىكىم ئۇچۈن مەن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم. مەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىنكېيىن يەنە نۇرغۇنلىغان نادىر ھېكايىلەر بارلىققا كەلدى، بۇ ھېكايىلەر مېنىھەقىقەتكە ۋە ھەققىانىيەتنىڭ مەۋجۇتلىقىغا قەتئىي ئىشەندۈردى.
بۇنىڭدىنكىيىنكى يىللاردا، مەن داۋاملىق ھېكايەمنى سۆزلەۋېرىمەن.
كۆپچىلىككە رەھمەت!
ئەسلى ماقالە مەنبەسى : نوبىل مۇكاپاتى تورى

0

تېما

0

دوست

94

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   31.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12072
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 19
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 09:50:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچى مو يەننىڭ كەچۈرمىشلىرى تۇلىمۇ تەسىرلىك ھەم ھىكايلىرىنىڭ قاراتمىلىقى بەك كۈچلۈك ئىكەن...ئۇيغۇر تىلغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرى بارمىدۇ ؟. شەخسەن ئەدەبىياتقا قىزىققانلىقىم ئۈچۈن بۇ يازغۇچىنىڭ  كەسپىگە تىخىمۇ مۇۋاپققيەت تىلەيمەن.بىزنىڭ ھەر قايسى ساھەدىكى كىشلىرمىزنىڭمۇ تىزراق نۇبىل مۇكاپاتنىڭ ساھىبى بۇلۇشنى ئۈمۈد قىلمەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

6

تېما

4

دوست

8615

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   72.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4158
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1695
تۆھپە : 1475
توردىكى ۋاقتى: 269
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 10:11:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن،مۇشۇنداق ئىسىل نۇتۇقنى تەرجىمە قىلىپ سۇنغىنىڭىزغا رەھمەت!
نىمىدىگەن ئىسىل سۆزلەنگەن نۇتۇق!مويەننىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكىنى ھەقكەن،بەك تەسىرلەندىم.مويەننىڭ ئانىسى كوت-كوت ئوغلىنىڭ بىر كۈنلەردە ئۇلۇغ يازغۇچى بولۇپ قېلىشىنى ئويلىمىغان بولغىيتتى-ھە؟!

6

تېما

4

دوست

8615

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   72.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4158
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1695
تۆھپە : 1475
توردىكى ۋاقتى: 269
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 10:13:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى <<دۇنيا ئەدەبىياتى >>ژورنىلىدىن دائىم نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنى ئوقۇيتتۇم.شۇ ژورنال ھازىرمۇ بارمىدۇ؟ئۇزۇن بوپتۇ ژورنال ئوقۇمىغىلى.

7

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6545
يازما سانى: 819
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3691
تۆھپە : 2461
توردىكى ۋاقتى: 557
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 11:00:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نوبىل مۇكاپاتى نۇتقى ئەمەس ،ھازىرقى بوۋاي-مومايلارنىڭ نەۋىرلىرىگە ھىكايە سوزلەپ بەرگىنى بوپتۇ . يازغۇچى ئاۋال يازغۇچى ھەم پەيلاسوپ بۇلۇش كىرەك ، ئاندىن ئوقۇرمەنلەر قەلبىنى لەرزىگە  سالالايدۇ . يېزىقچىلق بىر خىل ماھارەت بۇلۇپ ئۇ بىلىمگە تەڭ ئەمەس . بىلىملىك ئادەمنىڭ يازغۇچى بۇلىشى ،يازغۇچىنىڭ بىلىملىك بۇلىشىمۇ  ناتايىن . يۇقۇردىكى نوتۇقنى كورۇپ ،بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىزنىڭ  بۇ كاتتا مۇكاپاتتىن ئانچە يىراقتا ئەمەسلىگىنى ھىس قىلدىم .  

6

تېما

0

دوست

2411

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8129
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 462
تۆھپە : 439
توردىكى ۋاقتى: 546
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 11:43:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مويەننىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى ۋە ئۇنىڭ يىزىش ئۇسلۇبى زوردۇن سابىرنىڭ پروزىلىىرىغا ئوخشاپ كىتىدىكەن...ئۇنىڭ يۇقىرىقى بايانى ماڭا زوردۇن سابىرنىڭ ئىزدىنىش رومانىنى ئەسلەتتى...

18

تېما

2

دوست

1957

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   95.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  572
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 466
تۆھپە : 271
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 11:45:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن،مۇشۇنداق ئىسىل نۇتۇقنى تەرجىمە قىلىپ سۇنغىنىڭىزغا رەھمەت!
نىمىدىگەن ئىسىل سۆزلەنگەن نۇتۇق!مويەننىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكىنى ھەقكەن،بەك تەسىرلەندىم.مويەننىڭ ئانىسى كوت-كوت ئوغلىنىڭ بىر كۈنلەردە ئۇلۇغ يازغۇچى بولۇپ قېلىشىنى ئويلىمىغان بولغىيتتى-ھە؟!

0

تېما

0

دوست

2320

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1349
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 490
تۆھپە : 386
توردىكى ۋاقتى: 251
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 13:06:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مويەننىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرمىگەن ، بۇ قېتىم تۇنجى بولۇپ ئۇنىڭ تۇتقىنى تور دۇنياسىدىن كۆرىۋاتىمەن . ھەقىقەتەن نوبىل مۇكاپاتىغا لايىق يازغۈۇچىكەن دىگەن تەسىراتقىمۇ كەپ قالدىم . چۈنكى نۇتقىنى ئوقۇشقا باشلاپ يېرىملاشقاندا ،  بۇ نۇتۇقنىڭ تۈگەپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ ، تېخىمۇ ئۇزۇنراق بولسىدى دىگەن ئارزۇغىمۇ ۆەپ قالدىم .
نۇتۇقتا مويەن ئۆز ئانىسىنىڭ ۆەچمىشىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ بۇگىنىگىچە بولغان ھايات مۇساپىسىنى تولىمۇ تەسىرلىك بايان قىپتۇ ، ئەلۋەتتا بايانلىرىدا نۇرغۇن مەنالار باركەن . مۈمكىن بولسا ئەسەرلىرى تېزراق تەرجىمە قىلىنسا ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )