قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6438|ئىنكاس: 66

xjtv باشقىلارنى ئەمگىكىنى نىمىشقا ھۆرمەتلىمەيدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

0

دوست

911

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   82.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2942
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 179
تۆھپە : 164
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 23:21:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-18 01:41  

قۇرسۇقۇم يامان بەك كۆپتى

       قۇرسۇقۇم يامان بەك كۆپتى.ئۇسۇرىۋەت دەۋاتامسىز؟بۇ يەل قويۇپ بېرىش بىلەن چىقىرىۋەتكىلى بولىدىغان قۇرساق كۆپۈكى ئەمەس دەڭا.ئىچىمگە تىنىۋەرسەم بىر مەزگىلگىچە يۈرىكىمنى يەيدىغان،پەقەت ئىچىمدىكىنى دەۋالسام ئاندىن بىر ئاز يەڭگىللەيدىغان كۆپۈك بۇ.
  ئەسلىدىغۇ ھېچكىمگە تىنماي دەپ ئويلىغان.مۇشۇ ئەتراپىمدىكىلەر ماڭا ئىچ ئاغرىتقاندەك قىلىپ كۇسۇر-كۇسۇر قىلىشىۋىدى،خاپىلىقىم تېخىمۇ كۈچىيىپ،سەل ئىچىمگە پاتماي قالدى.مەنغۇ‹بۇ جاھاندا تارتىشقۇدەك،تالاشقۇدەك نېمە بار،ھەممىسى تۈگەيدۇ.شان-شەرەپ دېگەن ۋاقىتلىق.پەقەت سەمىمىيلىك ۋە ھالاللىقلا قەدىرلىك›دەپ تونۇيتتۇم.ئەمما بىر كىم كۆزىنى پالدىرلىتىپ تۇرۇپ ھېچ ئەيمەنمەستىنلا ئەجىر-ئەمگىكىڭىزنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالسا،سەل يوشۇرۇنچىراق بولسىمۇ بىر نۆرى،شۇنچە جامائەتنىڭ كۆزىچىلا سىز قىلغان ئىشنىڭ چوققىسىغا مەن قىلدىم دەپ ئۆزىنىڭ نامىنى يوغان قىلىپ يېزىۋالسا مېنىڭ ئورنۇمدا بولسىڭىز قانداق ئويلايسىز؟قانداق ئىنكاس قايتۇرىسىز؟

        شۇڭا بۇ تېمىغا تۇتۇش قىلىپ قالدىم.
ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق:
        ‹شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسىنىڭ بىر پىروگراممىسى بىزنىڭ سەھرايىمىزدا بىر سان ئىشلىنىدىغان بوپتۇ›دېگەن خەۋەر قۇلىقىمغا يېتىپ قالغان كۈننىڭ ئەتىسى،مۇشۇ پىروگراممىنى ئىشلەشكە ھەمكارلاشماقچى بولغان مەكتەپنىڭ مۇدىرى مېنى ئىزدەپ تېلېفۇن ئۇرۇپتۇ،چىقتىم.مەكتەپنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەر پىروگراممىنىڭ لايىھە پىلانلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرىلىشىۋاتقان ئىكەن.بۇرۇن 9يىلدەك مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ،ماۋۇ قوش تىلنىڭ بورىنى قوپقاندا ئۇشتۇمتۇت باشقا بىر كەنت مەكتەپكە يوتكەپ قويۇلغىنىم ئۈچۈن مۇدىر ۋە باشقا يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بىلەن كونا خىزمەتداشلىق مۇناسىۋىتىمىز بولغاچقا قىزغىن ۋە خۇشخۇي كۆرۈشتۇق.يىغىن مەزمۇنىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن مېنى چاقىرتىشتىكى مەقسەت مۇددىئانى بىرەر قۇر چۈشىنىپ،ئويۇمنى باشقا قاتناشقۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتىم.‹ئۆز يۇرتىمىزنى تەشۋىق قىلىدىغان ياخشى پۇرسەتكەن.دىمىسىمۇ ئىشتاننىڭ ئارقا يانچۇقىدەك بۇلۇڭ ۋە خىلۋەت سەھرايىمىزنىڭ ئەل-ئاۋام تونۇغۇدەك ئالاھىدە ئۆزگىچىلىكىمۇ يوقكەن،بىرەر خاس ماركىمىزمۇ،ھەتتا ئەل ئارىسىدا پالانى مۇشۇ بىزنىڭ يۇرتتىن دەپ تىلغا ئالغۇدەك ئادىمىمىزمۇ يوقكەن.شۇڭا مۇشۇ پۇرسەتتە پىروگراممىنى ياخشى ۋە ئۆزگىچە ئىشلەيلى.خېرىدارىڭ بولمىسا زىبالىقىڭ نە كېرەك دەپتىكەن.مېنى ھۇناپ چاقىرغىنىڭلار ياخشى بوپتۇ.چوقۇم مۇشۇ پىروگراممىنىڭ غەلىبىلىك ئىشلىنىشى ئۈچۈن تىرىشىمەن،خالىسانە كۈچ چىقىرىمەن.›دەپ ئىپادە بىلدۈردۈم.مۇدىر پىروگراممىنىڭ سىنارىيەسىنى خېلى يۇقىرى ھەق بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ، ماكانىمىزدىكى خېلى ئاتىقى بار بىر قەلەمكەشنىڭ يېزىپ چىقىشىغا ھاۋالە قىلغانلىقىنى، بىر پارچە مەكتەپ مارشىنىڭ تېكىستى لازىم بولغانلىقى، مېنى يازالايدۇ دەپ قاراپ چاقىرتقانلىقىنى ئېيىتتى.خۇشاللىق بىلەن قوشۇلدۇم ۋە تۇتۇش قىلدىم.شۇنداق قىلىپ نەچچە كۈن پىسىرلاپ ۋە جىجىلاپ يۈرۈپ:

مەرىپەتچىلەر مارشى

ئاتەش يۈرەك،تالماس ۋۇجۇت ئوقۇتقۇچى بىز
ئىلىم بىلەن سەبى دىلنى يورۇتقۇچى بىز
تاڭ پەيتىدە مايسىلارنى سۆيگەن شامالدەك
ھاياتلىقتا داغدام يولنى تونۇتقۇچى بىز.
  
قەلبىمىزدە پىداكارلىق-نۇرلار سۆيگۈسى
、شەرەپ بىزگە ئەۋلادلارغا مېھىرلەر چاچماق.
مېھنەتكەش بىز سۆيگۈمىز شۇ-نىشانىمىز شۇ
ئەقىل-ئىدراك بۇلىقىنىڭ كۆزىنى ئاچماق.
  
يىلتىز يايدۇق سەھرا-قىرغا ئۇلۇغ مەقسەتتە،
توغراق كەبى-يۇلغۇن كەبى كۆكلەيمىز مەزمۇت.
قولىمىزدا تەۋپىق بوۋا ياندۇرغان مەشئەل،
مەنبە ئاڭا يۈرەكتىكى-ۋىجداندىكى ئوت.
  
يۇرتىمىز يېڭىئېرىق،
يۈرەكتە سۆيگۈ لىق.
قورالىمىز مەرىپەت
يارىتىمىز يېڭىلىق.›

  دەپ يېزىپ ھاۋالە قىلغان مەكتەپكە يوللاپ بەردىم.

  بۇ ئىشلارمۇ ئېسىمدىن كۆتىرىلىپ كەتكەن بىر مەزگىلدە ھېلىقى مەكتەپنىڭ مۇدىرى يەنە تېلېفۇن ئۇرۇپتۇ،پىروگراممىنىڭ ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ سىنارىيە تېخى قولغا تەگمىگەن بولغاچقا بۇلار بەك جىددىلىشىپ قالغان ۋە يېزىمىز مائارىپىنىڭ 1-قول باشلىقىدىن يوليۇرۇق ئېلىپ مېنى مۇشۇ پىروگراممىنىڭ سىنارىيىسىنى يېزىش ۋە فىلىم سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغۇچە ئارىدىكى تەييارلىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىشكە ئارىيەت ئالغانلىقىنى ئېيتتى.جىق تارتىشمايلا ماقۇل دېدىم.ئەمما مۆھلەت بەكلا قىسقا ئىدى.

  غۇرۇرلىنىپ قالدىم،چۈنكى ناھىيىمىزدىكى 200مىڭدىن ئوشۇقراق نوپۇسنىڭ ئىچىدىن ئۇلار مېنى تاللىغان،مۇشۇ ئىشنى قىلالايدۇ دەپ ماڭا ئىشەنگەن تۇرسا؟

     مەن مۇنتىزىم تەربىيە كۆرمىگەن ھەم بۇ كەسىپنىڭ ئەھلىمۇ ئەمەس.شۇنداقلا سىنارىيە يېزىپمۇ باقمىغان،لېكىن ئوقۇپ باققان.پىروگرامما سىنارىيەسىنى ئوقۇپمۇ باقمىغان،لېكىن پىروگراممىلارنى كۆرۈپ باققان.ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسى ئۈچۈن قىزغىنلىقىم ۋە تۇيغۇمغا تايىنىپلا يېزىشنى باشلىۋەتتىم.‹سىنارىيە دېگەننىڭ شاۋانىخان چوڭ ئاپىغا يېزىلىدىغان سالام خەتكە،يىللىق باھالاشتىكى خۇلاسە ماتېرىيالغا ياكى ئىچ پۇشۇقى ئۈچۈن يېزىلىدىغان مەشق ئەسەرگە ئوخشاپ قالسا بولمايدىغانلىقىغۇ ئېنىق.مېنىڭچە سەھنە ئەسىرى ئۈچۈن قويۇلىدىغان تەلەپ باشقا ئەدەبى ژانېرلارنىڭ تەلىپىدىنمۇ يۇقىرىراق بولۇشى كېرەك.چۈنكى سەھنە ئەسىرى نەقمەيدان ۋە بىۋاستىلىككە ئېگە بولۇپ،ئۇنىڭ بەھىرلىنىش ۋە قاپلىنىش دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ.ئۇنىڭغا تىكىلىدىغان كۆزلەر تېخىمۇ كۆپ.شۇنداق ئىكەن،ئۇنى يازغاندا ئادەتتىكى مۇئامىلە بىلەن ئالدىراپ قەلەم تەۋرىتىش ئانچە دۇرۇس بولمايدۇ.›دەپ ئويلايمەن.

  قەلەم تەۋرىتىشتىن بۇرۇن مۇشۇ پىروگراممىنىڭ ئىلگىرىكى سانلىرىنى تەكرار-تەكرار كۆرۈپ چىقتىم.بۇ جەرياندا ئۆزەمگە نىسبەتەن ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى.قانداق يېزىش توغرۇلۇق كاللامدا بىر ئېنىق لايىھە پەيدا بولدى.كىنو سىنارىيىسىگە قارىغاندا بۇ خېلىلا ئاددى ئىكەن.سەنئەت نومۇرلىرىنى مەكتەپنىڭ سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرى تەييارلاپ رېپىتىس قىلىپ بوپتۇ.مەن پەقەت شۇ نومۇرلارغا ماس كۆرۈنۈشلەر،پىروگراممىنىڭ تەرتىپ-باسقۇچلىرى ۋە نومۇرلارنىڭ ئارىلىقىدىكى رىياسەتچى-ئېلانچى ۋە ئۇچى-بۇچىلارنىڭ دىئالۇگ سۆزلىرىنى يازساملا پۈتىدىكەنغۇ دېگەن ئويغا كەلدىم.رېپىتىس قىلىنىۋاتقان مەيداندا بىرەر كۈن تۇرىۋېتىپ،كاللامدا تېخىمۇ ئېنىق ۋە كونكىرت پىلان شەكىللەندى دەپ قارىغاندىن كېيىن يېزىشقا تۇتۇندۇم.

  قەلەمدە يازغاندىن كۆرە كۇنۇپكىدا باسسام،بىرى ئۆزگەرتىپ تۈزىتىشكە ئەپلىك،يەنە بىرى ھامان ئۇرۇپ بېسىشقا توغرا كېلىدۇ دەپ قاراپ بىۋاستىلا كومپىيوتېر كۇنۇپكىسىنى تاتىلاشتۇردۇم.توپتوغرا بىر ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلدىم.ئېيتماققا ئاسان بىلىنگىنى بىلەن تەلەپكە لايىق بىر نەرسە يازماقنىڭ ئاسان ئەمەسلىكى كۆپىنچىمىزگە مەلۇملۇق.ئىلگىر-ئاخىر بولۇپ تۆت قېتىم ئۆزگەرتىپتىمەن،پىششىقلاپتىمەن.بىر ھەپتە جەريانىدا ئۈچ كېچە تاڭنى ئاپئاق ئاتقۇزۇپتىمەن.ئاخىرى سىنارىيەمۇ پۈتتى.

  مۇشۇ شۇ،ۋاقتىڭىز كۇشادە بولسا كۆرەرسىز،بولمىسا ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.



‹يېئېرىق يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتە بالىلار مەشرىپى
(تېلېۋىزىيە سىنارىيىسى)

ئابدۇۋەلى مەخسۇت

1

     يېزىمىزنىڭ يەرلىك خاسلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مەنزىرىلەر-قۇم دۆڭىدىن بالقىپ چىقىۋاتقان سەھەر قۇياشى،قۇياش نۇرىدا تاۋلانغان قىپقىزىل يۇلغۇنلۇق،قۇملۇق باغرىدىكى جىلغا(كۆل)،توغراقلىق بىلەن تۇتاش كۆجۈم مەھەللىلەر،ھەر خىل زىرائەت ئېتىزلىرى-باغۋارانلار،تېرەكلىك يېزا يولى،يولدىكى توپ-توپ بولۇپ مەكتەپكە كېتىۋاتقان بالىلار ۋە مەكتىپىمىزنىڭ ئاساسى كۆرۈنۈشى بىلەن كىرىشتۈرۈلۈپ قەدىمى دولان مۇقامى باشلىنىدۇ.جاكاچى قۇلىقىنى ئەتكەن ھالدا جار سالىدۇ:

     جاكاچى:ئەييۇھەنناس،ئىششىتىڭلار ئامۇ خاس!يۇرتىمىز قوينى مەمۇرچىلىققا تولغان مۇشۇ ئالتۇن كۈز كۈنلىرىدە يۇرت-يۇرتلاردىكى مەرىپەت باغلىرىدا قاتارى ئۆتكۈزۈلۈپ بالىلارنىڭ،ھەتتا چوڭلارنىڭمۇ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە نائىل بولغان قار لەيلىسى بالىلار مەشرىپى تۇپرىقىمىزغا قەدەم باستىلەر!بۇ مەشرەپنىڭ ساھىپخانلىق شەرىپىگە يېزىمىزدىكى مەرىپەت بۆشۈكلىرىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى بولمىش مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپىمىز مۇيەسسەر بولدىلەر!


2

  دولان مۇقامىغا ئىشلەنگەن چوڭ تىپتىكى ئۇسۇل ئورۇندۇلۇپ،مەشرەپ باشقۇرغۇچىلىرى سەھنىدە ھازىر بولىدۇ.مەشرەپ ئەھلىگە بېرىلىدىغان سالام-سەھەت ۋە مەشرەپ باشقۇرغۇچىلىرىنى تونۇشتۇرۇش رەسمىيىتىدىن كېيىن-

رىياسەتچى ئا:مەشرەپ ئۇدۇم-ئەنئەنە،

                  ئۇندا شاتلىق-تەنتەنە.

ۋارىس بولۇپ ئىز بېسىپ
داۋاملىشار ئۇ يەنە.


رىياسەتچى ب:

مەشرەپ بىزگە مىراس بوپ،
ئەجداتلاردىن قالغاندۇر.
يۇرتقا شەرەپ ئەپكېلىش
بىزلەر ئۈچۈن ئارماندۇر.

جاكارچى:

بۈگۈن بىزگە كاتتا كۈن،
ھازىرلاندۇق سەھنىگە.
كۆڭلىمىزنى سۇنماقچى.
بارچە مەشرەپ ئەھلىگە

رىياسەتچى ئا:مەشرىپىمىزنى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق باشلىۋالدۇق.نۆۋەتتە بىز بۇ قېتىملىق مەشرەپنى ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەكتەپ ۋە مۇشۇ يۇرت توغرىسىدا مەشرەپ ئەھلىگە،شۇنداقلا ئېكران ئالدىدىكى بارلىق كۆرۈرمەن دوستلارغا چۈشەنچە بېرىۋەتسەك قانداق؟

جاكاچى:ۋاي بولىدۇ،ئۇنداقتا مېنىڭ نەق مۇشۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدىغان بىر پارچە ئەسىرىم بار.ئوقايما رىياسەتچى ھەدە؟(رىياسەتچى ماقۇللىغاندىن كېيىن قوينىدىن بىر قەغەزنى چىقىرىپ گېلىنى قىرىپ ھەييار قىلىق بىلەن ئوقۇيدۇ.)

  جاكارچى:

ئانا مەكتىپىم
مېنىڭ ئانا مەكتىپىم ئاۋات ناھىيە يېڭىئېرىق يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ بولۇپ، ئۇ مەخسۇسلا باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنى ئوقۇتىدىغان بىر باشلانغۇچ مەكتەپ. بۇ مەكتەپ يېڭىئېرىقنىڭ ئۆسمۈرلىرىنى تەريبىيىلەيدىغان بولغاچقا ئۇ يېڭىئېرىق يېزىسىغا جايلاشقان.ھە مېنىڭ بۇ مەكتىپىم يۇرتىمىزدىكى يەرلىك كىشىلەرنىڭ تىلىدا بازار مەكتەپ دەپمۇ ئاتىلىدۇ.چۈنكى ئۇ بازاردا... مېنىڭ دادام،ئاپام،چوڭ دادام-چوڭ ئاپاملارمۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ۋاقتىدا مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇپتىكەن.... مەنمۇ مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇيمەن.

رىياسەتچى ب:توختىغىنە،(قىزىپ ئوقۇۋاتقان قەغەزنى تارتىۋېلىپ)سېنىڭ مەكتىپىمىزنى تونۇشتۇرۇپ يازغان ماقالەڭ مۇشۇما؟

  جاكارچى:ھەئە،نېمە بولدى؟ئىلھامىم تازا قايناپ تېشىپتىكەن تېخى بايىلا دەپتىرىمنى تىزىمغا قويۇپ ئولتۇرۇپ شاتتۇر-شۇتتۇرلا  يېزىۋالغانتىم.تازا ھاياجانلىق-ھېسسىياتلىق ئوقۇيدىغان يېرىگە كەلگەندە تارتىۋالدىڭغۇ؟...

رىياسەتچى ب: نېمۇ بۇ؟رىياسەتچى ھەدەم دېگەندەك مەكتىپىمىزنىڭ،يۇرتىمىزنىڭ  تارىخى ۋە بۈگۈنىنى ئەتراپلىق ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بولمىسا ئۇنى قانداقمۇ ماقالە دېگۈلى بولسۇن؟

جاكارچى:بولماپتىما؟(بېشىنى قاشلايدۇ،رىياسەتچىلەر نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.)ئۇنداقتا قانداق قىلىمىز ئەمىسە؟ھە راس سەن سىنىپىمىزنىڭ باشىسى،ھەممە ئىشتا دىگۈدەك مېنىڭدىن ئۇستا بولغاندىكىن ئۆزەڭلا تونۇشتۇرىۋېتە بولمىسا.

رىياسەتچى ب:مەيلى ئەمىسە.مەنمۇ مەكتىپىمىزدە قار لەيلىسى بالىلار مەشرىپى ئۆتكۈزۈلىدىكەن دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپلا تەيارلىق قىلشقا باشلىغان ئىدىم.(دىكلاماتسىيە)


يۇرتۇم ۋە مەرىپەت باغچام

.ئانا تۇپرىقىمىز يېڭىئېرىق يېزىسى تەڭرىتاغلىرىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىنىڭ جەنۇبى ئېتىكىگە،تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالى قاپتىلىغا،ئاۋات ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىگە جايلاشقان قەدىمى بوستانلىقلارنىڭ بىرسىدۇر.يۇرتىمىز قوينىمۇ تارىم ۋادىسىدىكى باشقا  بارلىق ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا ئوخشاشلا گۈزەل ھەم ئاۋات.خەلقىمىز ئىشچان،تۈز،مېھماندوست ھەم ساددا-ئاقكۆڭۈل.يېزىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىگىلىكى دېھقانچىلىقنى ئاساس،چارۋىچىلىق،باغۋەنچىلىكنى قوشۇمچە قىلىدۇ.

       ئەمدى بىزگە ئوخشاش نەچچە مىڭلىغان باچكىلارنىڭ ئىللىق ئۇۋىسى بولغان بۇ مەرىپەت ئوچىقىمىز توغرىسىدا توختالساق، مەكتىپىمىز 75يىللىق تارىخقا ئېگە بولۇپ،ئەڭ دەسلەپ1937-يىللاردا تۇرپانلىق مۇھەممەدجان ئەپەندى ئىسىملىك زات تەرىپىدىن بازىرىمىزدا ئولتۇرۇشلۇق شاۋاز ئەلەم دېگەن كىشىنىڭ ھويلىسىدا دەسلەپكى ئۇلى سېلىنغان ئىكەن.نېمىشقىكىن، يۇرتىمىزغا تۇنجى مەرىپەت ئۇرۇقىنى ئېلىپ كەلگۈچى بۇ زاتنىڭ كىم ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ كېيىنكى ھاياتى-پائالىيەتلىرى ۋە ئىز-نىشانى...توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتقا ئېگە ئەمەسمىز.(بۈگۈنكى بۇ قۇتلۇق پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن شۇ كىشىنىڭ ئەجىر-تۆھپىسىگە تەشەككۈر ئېيتقايمىز)

مەكتەپنىڭ بۈگۈنكىدەك بۇ ھالەتكە كېلىشى ئۈچۈن يۈرەك قانلىرىنى سەرپ قىلغان مەرىپەت پېشۋالىرىدىن يەنە زامان تەرتىپى بويىچە ھاپىز ئەپەندى،ساۋۇت ئەپەندى،........رابىيە ئەرشىدىن،قۇربان مەتنۇر،....قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىشقا  بولىدۇ.ئۇلارنىڭ ئەجىر-تۆھپىسى ئەۋلادلار قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ.

     بىزنىڭ مەكتىپىمىز تارىختىن بۇيان يېڭىئېرىقلىقلار قەلبىگە ئىلىم-ئېرپان نۇرلىرىنى چېچىشنى،ئەل-يۇرتقا ياراملىق كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈشنى  ئاساسى نىشان قىلغاندىن تاشقىرى يەنە يۇرتىمىزدا مەدەنىيەت تارقىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىمۇ ئەنئەنە قىلىپ كەلگەن.ئەينى يىللاردا مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ناچار شارائىت ۋە قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئەگمەي ئانا مەكتىپىمىزنى قۇرۇش،تەرەققى قىلدۇرۇش يولىدا تىنماي تەر تۆكۈپ،ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە دەرستىن سىرتقى ۋاقتلاردىن پايدىلىنىپ ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىنى ۋە چوڭ تىپتىكى دىراممىلارنى تەييارلاپ قەرەللىك ھالدا ئاممىغا ئويۇن قويۇپ بېرىش ئارقىلىق يۇرتىمىز كىشىلىرىنىڭ چاڭقاق مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇلارنى تەربىيىلەش يولىدىمۇ خالىس تۆھپىلەر قوشقان.يىللاردىن بۇيان ھەر خىل بايرام-تەنتەنە پائالىيەتلىرىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈش ئەنئەنىمىز بۇنىڭ تىمسالىدۇر.

مەكتىپىمىزنىڭ تارىخى-نەچچە ئەۋلاد مائارىپچىلار توختاۋسىز تەر تۆككەن،ئىزدەنگەن،بېغىشلىغان تارىخ.

يېقىنقى نەچچە ئون يىل مابەينىدە مەكتىپىمىزدە غايەت زور ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلار بارلىققا كەلدى.مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇتۇش مۇھىتى ۋە ئەسلىھەلىرىمۇ زامانىۋى تۈسكە كىردى. مېھنەت ئۆلمەس،ئەجىر كۆمۈلمەس دېگەندەك،مەكتىپىمىزدە قوش تىللىق ئوقۇتۇش يولغا قويۇلغان يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان مەكتىپىمىزدىكى جاپاكەش ئۇستازلارنىڭ،تىرىشچان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر نىيەتتە تىرىشىشى نەتىجىسىدە ئاز بولمىغان غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۇردۇق. مەكتىپىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى ۋە نەتىجىلىرىمۇ ناھىيە،ۋىلايەت،ئاپتونۇم رايۇن،شۇنداقلا ھەر ساھە خەلق ئاممىسىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە،تەقدىرلىشىگە ئېرىشتى.

ئىشىنىمىزكى،مەكتىپىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىشلىرى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ،غۇنچىلارنىڭ ئەتىسى  ئۈمىد-ئىشەنچلەرگە تولىدۇ. ( ئېكراندا شۇ مەزمۇنلارغا ئائىت قىستۇرما كۆرۈنۈشلەر مۇۋاپىق ۋە ماس ھالدا كۆرسىتىلىپ تۇرۇلىدۇ)

روناق تاپسۇن يۇرت دەيمىز،
ئۈمىدىمىز مەكتەپتە.
دوست تۇتىمىز ئىلىمنى،
ئۇخلىمايمىز غەپلەتتە.


مۈشكۈللەردىن قورقمايدۇ،
نۇر ئىشقىدا كۆيگەنلەر.
قەدىرلىنەر ھەر قاچان،
ئۆز يۇرتىنى سۆيگەنلەر.

  

ئەجدات ياققان چىراقنى
چۈشۈرمەيمىز قوللاردىن
گۈل ئۈنىدۇ كەلگۈسى،
بىزلەر باسقان يوللاردىن.

  (رەھمەت-ھەشقاللا ۋە قىزغىن ئالقىش ساداسى.)

3
رىياسەتچى ئا:خوش،يۇقىرىدا بىز يېڭىئېرىق يېزىسى ۋە بۇ يېزىنىڭ مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپى توغرىسىدا بىر قاتار چۈشەنچىلەرگە ئېرىشتۇق.ئەمدى كۆڭۈل ئارامىمىزغا سونۇلىدىغىنى مەكتەپ سەنئەت كۈرژۈكىدىكى كىچىك ئارتىستلارنىڭ ئورۇنلىشىدىكى نومۇر...(ئىككى رىياسەتچى نۆۋەتلىشىپ دىكلاماتسىيە قىلىدۇ)

:مەشرەپ ئۇدۇم-ئەنئەنە،

داۋاملىشار ئۇ يەنە

يېڭىئېرىق باغرىدا

بۈگۈن كاتتا تەنتەنە.

(بايرام تەنتەنىسى ناملىق كوللىكتىپ ئۇسۇل ئورۇندىلىدۇ.نومۇر ئاياقلىشىشقا ئۈلگۈرتۈپ دورغا سىياقىدا ياساندۇرۇلغان ئىككى بالا ئىككى گۇناھكارنى يالاپ چىقىدۇ.)


4
رىياسەتچى ئا:ۋاي نېمە بوپتۇ بۇلار؟مەشرەپتە نومۇر كۆرسەتمەكچىمىكەن؟

جاكارچى:ھازىر ئۆزىدىن ئاڭلايمىز.ئايۇپ دورغا بىلەن نايۇپ دورغام!

دورغىلار:خوش!

جاكارچى:سوراق باشلانسۇن!

دورغا 1:ھە قۇمۇلەك،ئېيتە،نېمە ئىش قىلدىڭ؟راستىنى ئېيتساڭ قۇتۇلىسەن،يالغان ئېيتساڭ تۇتۇلىسەن جۇمۇ.

گۇناھكار1:ئۇنداق ئەمەسمىكىن،راستىنى ئېيتسام ئۇرىسىز،يالغان ئېيتسام تۇرىسىز.مەن ھېچنىمە ئىش قىلمىدىم.مەشرەپ كۆرۈپ ئولتۇرسام مەشەگە ھەيدەپ چىقىشتىغۇ تاڭ

جاكارچى:ھېلى جۇمۇ!(گۇناھكار قۇرققاننى ئىپادىلەيدۇ.)تېخى ھېلىلا مەكتىپىمىزگە يېقىن جايدىكى ئىككى دېھقان نەق ئۈستۈڭدىن تۇتىۋېلىپ ھەيدەپ كەلگەن تۇرسا يەنە تانماقچىمۇسەن؟

گۇناھكار.:مەن ئىقرار قىلاي...چىلان يىگىنىم راست،لېكىن گۇناھ مەندە ئەمەس....

دورغا :ئەمىسە گۇناھ كىمدە؟

گۇناھكار :گۇناھ نەق ئاشۇ چىلان ئۆستۈرگەن دېھقاندا.كىم ئۇنى دانىسى چوڭ ھەم تاتلىق چىلان ئۆستۈرسۇن دەپتۇ.يېرىگە چىلان تىكمەستە مەن ھېچقاچان ئۇنىڭ پاختىسىنى ئوغۇرلاپ يەۋالغان ئەمەس.

جاكارچى:ھۆكۈم!زورايلامنىڭ نەۋرىسى قۇمۇل،مەكتىپىمىزنىڭ ئەخلاقى تەربىيەدە ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپ،مەنىۋى-مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا ئۈلگىلىك مەكتەپ دېگەندەك شەرەپلىك ناملىرىغا داغ قوندۇرۇپ،دېھقانلارنىڭ ئېتىزىدىكى ئالتەە مو يەرنىڭ پاختىسىنى چەيلەپ،چىلان ئوغۇرلاپ يىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ تويماس قارنى تويغۇزۇپ قويۇلسۇن!(كومېدىيىلىك جەريان ئارقىلىق ئەنئەنىۋى مەشرەپتىكى قاق يىگۈزۈش جازاسى ئىجرا قىلىنىدۇ.يەنە بىر گۇناھكارمۇ مەشرەپ قائىدىسى بويىھە سوراق قىلىنىپ،ئۇنىڭ باشقا ساۋاقدىشىنىڭ نەرسىسىنى سوغا تاشلىۋەتكەنلىكى ئىقرار قىلدۇرۇلىدۇ ۋە بېشىنى تىقىپ ئاغزى ئارقىلىق مەرمەر سۈزۈش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئىجرا قىلدۇرۇلىدۇ.ۋاقت يار بەرسە يەنە داۋاملاشتۇرۇپ يەرلىك ئەنئەنىۋى ئويۇن ئويناش پائالىيىتى تەسىس قىلىنسىمۇ بولىدۇ.)


5
جاكارچى:(ئالا-تاغىل ناخشا توۋلاپ كىرىدۇ)

يۇرتىمىزنىڭ باغلارى،

باغ چۆرىسىدە چىتلارى.

ئوغۇرلاپ يىيەلمەيمىز،

تالىۋېتىدۇ ئىتلارى.

مەلىمىزدە باغ تولا،

ئوينايدىغان چاغ تولا.

بىكار يېتىپ سەمرىپ كەتتىم،

سۆڭگەچىمدە ياغ تولا.

رىياسەتچى:ۋاي نېمانداق قاراڭغۇدا قالغان جاڭگالچىدەك كاركىراپ يۈرىسىز؟

جاكارچى:ئائاي،پەيزىمنى قاچۇردىڭىزغۇ.مەن كاركىرىمىدىم،يۇرتۇمنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىۋاتىمەن.

رىياسەتچى:ئۆردەكنىڭ مېڭىشىنى دورايمەن دەپ قاغىنىڭ چېتى يىرىلىپتۇ،دوغاپچى ماتاڭچىلىق قىلسا كۆزىنى چاپاق بېسىپتۇ،دېگەننى ئاڭلىمىغانمىدىڭىز؟جۈرۈڭە بۇياققا.ئالتۇننى يەنىلا زەرگەر سوقسۇن.

(تەرتىپ بويىچە كۆركەم تەڭرىتاغلىرى  ناملىق ئۇسۇللۇق ناخشا ئورۇندىلىدۇ.)


6

رىياسەتچى ئا:يېڭى ئېرىقلىق بالىلارمۇ باشقا يۇرتلارنىڭ بالىلىرىغا ئوخشاشلا ئەقىللىق،ھۇشيار ھەم تىرىشچان دەپ ئاڭلىدىم،بۇ راستمۇ؟

رىياسەتچى ب:ئەلۋەتتە ھەدە.بىزلەرمۇ ئالغا بېسىشقا، ئەل-يۇرتنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاشقا ھەر ۋاقت  ئىنتىلىمىز.كېلەچەكتە ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ يۇرتىمىز ئۈچۈن تۆھپە قوشساق دېگەنلەرنى ئارزۇلايمىز.مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلار ئەزەلدىن جاپاغا چىداپ تىرىشىپ ئۈگىنىش ئەنئەنىسىگە ئېگە.ھەر يىلقى شىنجاڭ تولۇقسىز سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى يەتكۈزۈپ بېرىشتە مەكتىپىمىزنىڭ ناھىيىمىز بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى بۇنىڭغا ئىسپات بولالايدۇ.

رىياسەتچى ئا:(قايىللىقىنى ئىپادىلەيدۇ)ئۇنداقتا مەن ئەمەلىيەت ئارقىلىق بىر سىناپ كۆرەيچۇ.(يەرلىك تارىخ ۋە ئونۋېرسال بىلىملەردىن چىقىرىلغان سوئاللار ئاساسىدا  زېھىن سىناش پائالىيىتى تەشكىللىنىپ نەقمەيداندا باھالىنىدۇ ۋە تەقدىرلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ،جاكارچى ئالدىراپ مەيدانغا كىرىدۇ)


7
جاكارچى:ۋاي ھەدە،ئەھۋال چاتاق.ماۋۇ تۆۋەندىن كاشىلا چىقتى!

رىياسەتچى ئا:زادى نېمە ئىش بولدى؟

جاكارچى:بىر مۇنچە ئۇششاق باللا بىزمۇ مەشرەپكە كىرىمىز دەپ چوقان سېلىشىپ تەرتىپنى چۇۋىۋەتتى.دورغىلىرىممۇ توسۇۋالالماپتۇ.ئۇلار ھازىر نەق مۇشۇ مەيدانغا قاراپ باستۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.

رىياسەتچى ئا:بۇ بولماپتىغۇ.جۈرۈڭلار،دەرھال توسۇۋالايلى.

جاكارچى:ھەدە،لېكىن ئۇلار قۇرۇق كەلمەپتۇ.

رىياسەتچى ئا:ئۇلار مەشرەپكە نېمە ئېلىپ كەلگەندۇ؟بىرلىكتە كۆرۈپ باقامدۇق؟

(تۆۋەن يىللىقتىكى بالىلارنىڭ ئورۇنلىشىدىكى ئۇسۇل:كېپىنەك كۆرسىتىلىدۇ)


8
رىياسەتچى:(مەشرەپ پائالىيىتىگە قارىتا ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەندىن كېيىن)پائالىيىتىمىز ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە داۋاملىشىۋاتىدۇ.ئېيتىڭلارچۇ،ئەمدى مەشرەپ ئەھلىگە قايسى تەرىقىدە خىزمەت قىلساق بولاركىن؟

جاكارچى:بىز بايىدىن بۇيان نومۇر كۆرسەتكەن كىچىك ئارتىستلارنى ماختىغاندا بىر ئىشقا سەل قاراپتۇق ھەدە.

رىياسەتچى:؟

كىچىك رىياسەتچىلەر:

يىلتىزسىز دەرەخ كۆكلىمەس،

خۇشپۇراق گۈل تۇپراقسىز ئېچىلماس.

رىياسەتچى ب: ماختاشقا تېگىشلىك يەنە بىر توپ كىشىلەرنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلىمىز.

رىياسەتچى:ئەمىسە ئۇلار كىملەردۇ؟

كىچىك رىياسەتچىلەر:مەكتىپىمىزدىكى مېھنەتكەش باغۋەنلەر.

رىياسەتچى:راست ئۇنتۇپ قاپتۇق.ئۇلارنى قانداق ماختىساق بولار؟

جاكارچى:مۇنداق(بالشمالتىقىنى چىقىرىپ ھەييارلىق قىلىدۇ)

رىياسەتچى ب:ئۇلار ھەقىقەتەن تەرپلەشكە ئەرزىيدىغان سۆيۈملۈك كىشىلەر.مەكتىپىمىزدە ئەزەلدىن كۆپ خىل ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلار كەم بولمىغان.مەكتىپىمىزنىڭ دەرستىن سىرتقى تۇرمۇشىنىڭ جانلىق، مەنىۋى-مەدەنىيەت  كەيپىياتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئەنە شۇ ۋەجىدىن.

رىياسەتچى:ئۇنداقتا بىز بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئاغزىمىزدا ماختاۋەرمەي بۈگۈنكى مەشرەپتە ئۇلارغىمۇ بىر كىشىلىك ئورۇن بەرسەك بولغۇدەك ھە؟

كىچىك رىياسەتچىلەر:دەل تاپتىڭىز.ئاشۇلارنى سەھنىگە تەكلىپ قىلايلى. (ئوقۇتقۇچىلار ئورۇنلىغان كوللىكتىپ ئۇسۇللۇق ناخشا ئانا دەريا كۆرسىتىلىدۇ.)


9
رىياسەتچى:مەشرىپىمىز پىلاندىكى تەرتىپنى ئاساسەن ئورۇنداپ بولدى.ئەمدى تارقىساقمىكىن.

جاكارچى:ھاي ھاي رىياسەتچى ھەدە،تەخىر قىلسىلا.بىز ئۆزىمىزنى جىڭ دولان دەپ ئېييتمىغاندىمۇ ئەتراپىمىزنى ئوراپ تۇرغان قۇيۇق دولان مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىنى ئوبدانلا قوبۇل قىلغان،ئەنئەنىلىرىمىزگە خېلىلا سادىق خەق. مەشرەپنى مۇندا-مۇندالا بولدى قىلمايمىز. تېخى قىزىپ،قايناپ ئوينايدىغان يېرىگە ئەمدى كەلدۇق.

رىياسەتچى: مۇنداق دەڭ.ئەمدى مەشرەپنى قايسى تەرىقىدە داۋاملاشتۇرىمىز؟

جاكارچى:پوتا ئوينايمىز پوتا.(ئالدىن تەييارلانغان پوتىنى كۆتىرىپ چىقىپ رىياسەتچىگە بېيت سالىدۇ)

ئۈرۈمچىدىن كەپ قاپلا،

شىپىر شىپىر شىپپىدە.،

بېيت سالسام قايتۇرماي،

قاچاي دەملا غىپپىدە.

رىياسەتچى:

يېڭىئېرىققا ماڭغۇچە،

كۆز يۇممۇدۇم تاڭغۇچە.

كۆڭۈل يەردە قالمىسۇن،

ئوينىۋالىلى قانغۇچە.


10
(پوتا ۋە چاي تۇتۇش ئويۇنلىرى داۋاملىشىۋاتقان قەرەلدە دولان مۇقامى ياڭراپ تۇرىدۇ.قىزغىن ۋە جۇشقۇن كەيپىياتتىكى ئەركىن-ئىختىيارى دولان مەشرىپى ئوينۇلۇۋاتقان كۆرۈنۈش ئىچىدە  فىلىم ئىشلىگۈچى،قاتناشقۇچى ئورۇن ۋە نەقمەيدان-تېلېۋىزىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى كۆرسىتىلىدۇ.)

تامام.

قوشۇمچە:يېڭىئېرىق يەرلىك شىۋە سۆزلىرىدىن

چاڭقورۇن-ئالدىراش               پايسىنىش-يالتىيىش، زېرىكىش

قاق تىپو-سەھەر،ئەتىگەن        داراڭگا-كالتەك               ھاراجىن-پەگاھ

جۇلاي-ئېڭەك            قىچقىرىش-چاقىرىش             ھەجگالاشتۇرماق-زاڭلىق قىلماق

ھۇنىماق-ياد ئەتمەك،ئويلىماق          پۆرەك-زاغرا نان                 

ئاگىرا-ئاجىز،كۈچسىز               دىڭگىر-ئۇرۇق،ئىنجىمارۇق›

بۇنىمۇ رەپتىس جەريانىدا يەنە نەچچە قېتىم ئۆزگەرتىپ چىقىپتىمەن،چۈنكى يېزىقتىكىسى بىلەن نەقمەيداندىكى ئورۇنلىغۇچىنىڭ ئىپادىلىشى،قەلەم ئىگىسىنىڭ ھېسسىياتى بىلەن مۇشۇ ئىشقا مەسئۇل باشلىقنىڭ كۆزقارىشى...دېگەنلەردە كۆرۈلگەن پەرقلەرنى كىچىكلىتىشكە توغرا كەلدى.ئۆزەم كەسپ ئەھلى بولمىساممۇ،ئوقۇتقۇچىلىقتا قىلمايدىغان ئىشىمىز يوق خەقكەنمىز،بۇرۇنلاردا يەرلىكتىكى پائالىيەتلەردە يازغانلىرىمنى باشقىلار ياخشى ئوينىيالمىسا ئانچە-مۇنچە ئارىلىشىپ قېلىپ نەچچە مەيدان سەھنىگە چىقىپ قالغان ۋە ئاتىكاچىلىق قىلىپ يەرلىك ئارتىستلارغا ئىش ئۈگەتكەن تەجرىبەم بولغاچقا،بۇ قېتىممۇ تەبىئىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىكلاماتسىيە ۋە رىياسەتچىلىك جەريانىدىكى ھېسسىيات ئىپادىلىشى،ئىنتۇناتسىيە-ئۇرغۇسىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان كالتە ئاقساقاللىققا قالدىم.ئەمدى كىچىك يەرنىڭ كىچىكلىكى بار ئەمەسمۇ،سەھرادىكى بۇ مەكتەپنىڭ يۇقىرى ئورۇنلاردىن مەخسۇس يېتەكچى-رىژىسسور دېگەندەكلەرنى تەكلىپ قىلىشقا چامى يەتمەيدۇ-دە.

  ئارىدا مۇشۇ فىلىمگە مەسئۇل كىشى كېلىدىكەن دېگەن خەۋەر بىلەن كۈتۈپ تۇرۇشتۇق.ئاپتونۇمدىن،ئۈرۈمچىدىن كېلىدىغان،ھەممە ئادەم ھەۋەس قىلىدىغان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئادىمى كەلسە،يازغان سىنارىيەم ۋە قىلغان تەييارلىقىمىز يارارمۇ دەپ سەل غەم قىلدىم.بارىمەن دېگەن كۈننىڭ ئەتىسى چۈشتىن قايرىلغاندا بىز كۈتكەن زات كەپتۇ.قارىماققا قاش-كۆزى خېلى جايىدا،زامانىۋى كىيىنگەن-كالتە چاچلىق،تار پادىچىلار شىمى ۋە كوفتىسىدىن بەدىنىنىڭ ئويى ئوي-دۈڭى دۆڭ يەرلىرى مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇرىدىغان،چۇقايسىمان پاكار پاشنىلىق ئاق رەڭلىك ئايىقى ئادەمگە ئۆمسىلا تەسىر بېرىدىغان،30ياشلاردا بولسىمۇ قارىماققا يېشىغا نىسبەتەن ياش كۆرۈنىدىغان خېنىمكەن.تەييارلىقىمىزنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقتى،‹ماۋۇ ئۇسۇلدا ئوڭغا پىقىرىماي سولغا پىقىرىسۇن.ئاۋۇ ناخشىدا ۋارقىرايدىغان يەرنى قويۇپ چىقىرىسۇن...›دېگەندەك بىر قاتار پىكىرلىرىنى قويدى.ئومۇمەن رازىمەنلىكى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.ئارىدا ئۇ سىنارىيەنىڭ پۈتكەن-پۈتمىگەنلىكىنى سورىۋىدى،مەكتەپنىڭ شۇجىسى ئورگىنالنى ئۇ خېنىمغا بەردى.ئۇ خېلى مەمنۇنلۇقىنى ئىپادىلەپ:‹جازا ئويۇنى ۋە ئاخىرىدىكى پوتا ئويۇنى ئۆزگىچىلىككە ئېگە بوپتۇ.مەن سىنارىيەنى(ئۇ جۇبەننى دېدىمۇ،ئىشقىلىپ مۇشۇ سۆزنىڭ خەنزۇچىسىنى دېدى)تەپسىلى كۆرۈپ چىقاي.يەنە بىر نۆۋەت كەلگەندە پىكىرلىشەيلى...›دېدى.ئاڭغىچە مەن بۇ ئۈرۈمچىچە يەردىن كەلگەن خېنىمدىن تارتىنىپ قالدىممۇ ياكى ئەزەلدىن تۆر تالاشماي كۆنۈپ قالغانلىقىمدىنمۇ،مەيداننىڭ بىر چېتىدە،ۋاقىتلىق سەھنىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئورۇندۇقتا ئەمەل-مەنسىپى ۋە ئابرۇي-ھۆرمىتىنىڭ دەرىجىسى بويىچە ئولتۇرۇشۇپ تەييارلىقنى كۆزدىن كەچۈرىۋاتقانلارنىڭ كەينىدە ئۆرە تۇرغان ئىدىم.خېنىمنىڭ باھاسى روھىمنى خېلى كۆتىرىپ قويدى.شۇ ئارىدا ھېلىقى چوڭ شەھەردىن كەلگەن خېنىم ھازىر مۇشۇ مەكتەپنىڭ شۇجىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بۇرۇنقى خىزمەتدىشىم بىلەن ئورگىنالنى كومپىيوتېرىغا يوللاپ بېرىدىغان ۋە ئارىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغانغا مۇڭداشقۇ نومۇرىنى ئالماشتۇرىۋېتىپتۇ.مەنمۇ 7-8يىلدىن بۇيان ئىزچىل تورغا چىقىۋاتقان بولغاچقا تارتىنىشنىمۇ قويۇپ،ئۆزەمنىڭ نومۇرىنى قولۇمدىكى ئورگىنالغا يېزىپلا خېنىمغا سۇندۇم ۋە قانچىلىك جاپادا يازغىنىمنى ئىپادىلەپ،نومۇرۇمنى قوشۇۋېلىشنى،ئۆزگەرتىدىغان ئىش بولسا ‹دانا پىكىر›لىرىنى ئايىماسلىقنى ئېيتتىم.خېنىم جاپايىمغا يارىشا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى دەپ قايتىپ قالدى.

  ئارىدا خېلى ئۇزۇن بىر بايرام توغرا كېلىپ قالغانلىقتىن پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا يادلاش ۋە تەكرارلاشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ تارقاشتۇق.راستىنى ئېيتسام ئازراق خام خىيالغا چۆكۈپ قاپتىمەن.‹پىروگراممىنىڭ سىنارىسىت دېگەن يېرىگە ئىسمىم يېزىلسا؛مۇشۇ باھانىدا بىر تونۇلۇپ قالسام،بىرەر دانا رەھبەرنىڭ نەزەرىگە ئىلىنىپ،ئەتىگەن-كەچلىكى 10كىلومېتىرچە يول مېڭىپ قاتناپ ئىشلەيدىغان كەنت مەكتەپتىن شارائىتى ياخشىراق بىرەر مەكتەپكە،بولسا ئۆزەم قىزىقىدىغان مەدەنىيەت-سەنئەت ئورۇنلىرىغا يۆتكىلىپ،يېزىقچىلىق ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانسام،ھاجى مۇختار بۇغراكاملاردەك پۇرسەت ۋە شارائىتقا نائىل بولۇپ ...›دېگەنلەرنى ئويلاپ ئۆزەمچە خۇشال يۈرۈپ كېتىپتىمەن.

2-3كۈنگىچە ھېلىقى خېنىمدىن قوشۇش ئۇچۇرى كېلىپ قالدىمىكىن دېگەن تەمەدە يۈردۈم،ھېچ سادا يوق.

  بىر كۈنلىرى ئائىلە-ۋاقامنى سەپەرۋەر قىلىپ ئېتىزىمدىكى ماڭقىسى چۇۋۇلۇپ كەتكەن پاختىلىرىمنى يىغىش بىلەن ھەلەك بولۇۋاتسام،قىر تۈۋىگە سېلىپ قويغان چاپىنىمنىڭ يانچۇقىدىكى تېلېفۇنۇم جىرىڭلاپ قالدى.ئېتىزدىن چىقىپ ئالسام ھازىر مەكتەپكە  شۇجى بولغان كونا خىزمەتدىشىمكەن.ئۇنىڭ دىيىشىچە ش ج ت ۋ نىڭ ھېلىقى خېنىمى مەشرەپ سىنارىيىسىنىڭ ئاخىرىدىكى پوتا قوشىقىنىڭ كەم قالغان 2-3كۇبلىتىنى يېزىپ بېرىشىمنى،ئورگىنالغا قوشۇپ قويماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ.ھە ماقۇل دېدىم.كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى.‹نومۇرۇمنى قالدۇرغان تۇرسام،نېمىشقا ماڭا بىۋاستە ئۇچۇر قالدۇرماي شۇجىغا دېگەندۇ؟›

  بايراممۇ توشتى،سىنارىيەنى پۈتتۈرۈپ بەرگەندىكىن ماڭا جىق ئىشمۇ قالمىدى دەپ ئويلاپ،بىرەر ھەپتىچە مەن يوق پىتىرىشىپ يۈرگەن بالىلىرىمنى تېپىۋالاي دەپ مەكتىپىمگە كەتتىم،بىرەر كۈن ئۆتمەيلا يەنە تېلېفۇن.تەييارلىقنىڭ كەم-كۈسىلىرى-پوتىنىڭ قوشىقى،بالىلار ئويۇنىدىكى يېڭىلگۈچى كۆرسىتىدىغان نومۇر...دېگەنلەرنى تولۇقلايدىغان ۋە ئارىدىكى ماقالە-دىكلاماتسىيەنى ھېسسىياتلىق ۋە تەسىرلىكرەك قىلىپ ئۆزگەرتىدىغان ئىشقا لازىم بولۇپ قاپتىمەن.مەن بولمىسام ھېچكىم دەرسكە كىرمەيدىغان بالىلىرىمنىڭ ھالىنى ئويلاپ ئىككىلىنەتتىم.ئەمما ئۆزەمنى كۆرسىتىدىغان پۇرسەت ھەم ئۆزەمچە بەڭگىلەرچە سۈرۈپ قالغان خام خىياللىرىم مېنى بېرىشقا ئالدىرىتاتتى.كونا موتسىكىلىتىمنى تاقىرىتىپ باردىم.شۇجى ئۇكام ھېلىقى خېنىم قانات-قۇيرۇقىنى تەڭشەپ قويغان ئورگىنالنى چىقىرىپ،مۇشۇ بويىچە تەييارلىق قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئىيتتى.ئورگىنالنى قولۇمغا ئېلىپلا ئەرۋايىم ئۇچۇپ قالدى.ئورگىنالنىڭ 3-قۇرىغا ئۆز قولۇم بىلەن بىر خىل خام تەمەدە سەل ئىككىلىپراق ئۇرۇپ قويغان ئىسمىمنىڭ ئورنىغا ھېلىقى خېنىمنىڭ ئىسمى ئالمىشىپ قاپتۇ.نارازىلىقىمنى شۇجىغا ئېيتتىم،ئۇ خىجىللىقتا كېكەپلەپراق تۇرۇپ:

  -شۇ...شۇنداق بوپ قاپتۇ...مەنمۇ بىر نەرسە دىيەلمىدىم،-دېدى.‹بەلكىم ئۇ خېنىم مەندەك سەھرالىقنىڭ يازغىنىنى ياراتماي كاتتا قىلىپ باشقىدىن يېزىپ چىققان بولسا...›دېگەن خىيال بىلەن ئورگىنالغا ئالدىراپ كۆز يۈگۈرتتىم.نەقلا مەن يازغىنى شۇ،پەقەتلا بەزى يەرلىرىنى قىسقارتىپتۇ،بېشىغا بىر يەرگە گەپكە قارىغاندا قوشاققا سەل يېقىنراق بىر كۇبلىتنى ۋە ئاخىرىغا بىر جۈملە سىياسى شۇئارنى قىستۇرۇپتۇ.باشقىسى ھەممىسى مېنىڭ...

  كەيپىم ئۇچۇپ قۇرسۇقۇم راستلا كۆپتى.مەكتىپىمدىكى بىرسى تېخى:‹ئۆز ۋاقتىدا ھەيدىۋەتكەن مەكتەپنىڭ ئىشىغىمۇ ئىشلەمدۇ...›دەپتۇ.بۇ گەپ تېخىمۇ ئوغامنى قايناتتى.ئارىدا 2كۈنچە يۈردۈم بالىلارغا ئاتىكاچىلىق قىلغاچ ھېلىقى خېنىم كېلىپ قالسا بىرەر قۇر پىكىرلىشىپ باقاي دەپ.ئەمما سايىسىنىمۇ كۆرسەتمىدى بايقۇش.يۇمۇرلۇق قىلىپ نەچچە كۇبلىت چاي قوشىقى ۋە پوتا قوشىقى يېزىپ چىقىش ماڭا ئانچە بەك تەس تۇيۇلمىسىمۇ پەقەت يازغۇم كەلمىدى.ھېلىقى ئاتالمىش سىنارىسىت بىر يېزىپ باقسۇن،كۆرۈپ باقاي دېگۈم كەلدى. تەييارلىقمۇ بىرەر قۇر پۈتۈپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزەمچە غۇدۇرىغاچ مەكتىپىمگە كەتتىم.

  نەچچە كۈن ئۆتۈپ،پىروگراممىنى سۈرەتكە ئالىدىغان كۈنى قاتنىشىپ بېرىشنى تەكلىپ قىلىپ خېلى ئىززىتىم بىلەن باغاق چىقىپتۇ.قىلىۋالمىسام يەنە بىر ھەپتىدىكى ئارامغا قالىدىغان زۈرۈر بىر ئىشىمنىمۇ قويۇپ ئېتىزدىنلا باردىم.تەلەتىم ئەمگەك مەيدانىدىنلا كەلگەن چىراي بولغاچقا ھېلىقى گىلەم سالغان ياسىداق مەيدانغا كىرىشتىن قورۇنۇپ كۆزدىن يىراقراق بىر چەتتە سۈرەتكە ئالغان نەقمەيداننى كۆرۈپ ئولتۇراتتىم.پائالىيەتنى ئۈستىگە ئالغان مەكتەپنىڭ رەھبەرلىرى ئاتايىن ئادەم ئەۋەتىپ چاقىرتىپتۇ.بىرەر يەردە يەنە ھاجىتى چۈشكەن بولسا دەپ بارسام ئۇلار:

  -سىز بەك كۈچ چىقاردىڭىز،شۇڭا ماۋۇ قاتاردا ئولتۇرۇڭ،-دەپ سەھنىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن كۆرسەتتى.ئامالسىز ئولتۇردۇم.قۇرسىقىم كۆپۈپ تۇرغاچقىمۇ فىلىمنىڭ بىر يەرلىرىدىكى تۇزى كەملىك بىلىنىپلا تۇردى.كەيپىياتىم ناچار بولغاچقىمۇ بىر يەرلەردىن قۇسۇر ئىزدەۋاتقاندەك ئىچىمدە غۇدۇراپلا قالدىم،گاھىدا ئەتراپىمدىكىلەرگە چاندۇرۇپمۇ سالدىم.مەن تولۇقلاپ بەرمىگەن يەر شۇ پېتىلا سۈرەتكە ئېلىندى.ئاخىرى بولالماي سۈرەتكە ئېلىش تۈگىمەستىلا قايتىپ كەتتىم...

  بۇ پىروگرامما يېقىندىلا كۆرسىتىلىپتىمىش.كۆرگەنلەر دەپ كەلدى.ئەمما كۆرۈپ باقايمۇ دېمىدىم.كۆرۈپ ئىچىمنى ئاچچىق قىلماي دېدىممۇ تاڭ،ئىزدەپ-سوراپمۇ كەتمىدىم.

يامان ئىشنىڭمۇ ياخشى تەرىپى بولىدىكەن كۆرسىلە.ئۆيۈمدىكى تېلېۋىزورنىڭ قوبۇللىغۇچىدىن چاتاق چىققىلى نەچچە ئاي بولغان،ئوڭشايدىغان ئۇستامنى تەكلىپ قىلالماي يۈرگىلى.خوتۇنۇم بىر مەزگىل غوتۇلداپ بېقىپ ھە ماقۇل دېگەن جاۋابىم تەكرارلىنىۋەرگەندىن كېيىن بېسىققان.ئىككى بالامنىڭ چوڭىغا قەرەللىك ھالدا بالىلار كىتاپلىرىنى،كىچىكىگە كارتون فىلىم دېسكىلىرىنى ئېلىپ بېرىپ،ئارام كۈنلىرى ئۇلارغا توردا فىلىم كۆرىدىغانغا رۇخسەت بېرىپ ئۆتۈپ كېلىۋاتتىم.شۇنداق قىلىپ مېنىڭمۇ ئەجرىم سىڭگەن،يۇرتىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا بىر مەزگىلگىچە داۋرىڭى چىققان شۇ پىروگراممىنى كۆرمىگەنلا بولدۇم.بۇرۇنقى پەدەمدە ئۈن-تىنسىز ئىشىمنى قىلىپ يۈرىۋەردىم.

خېلى كۈنلەر ئۆتۈپ ھېلىقى مەكتەپنىڭ مۇدىرى يەنە تېلېفۇن قىلىپتۇ.ماڭا رەھمىتىنى ئىپادىلەپ ئازراق نېسىۋە ئاتاپ قويغانلىقىنى،كېلىپ مالىيە بۆلۈمىدىن ئېلىۋېلىشىمنى ئېيتتى.خىزمەت ۋاقتىمىز ئوخشاش بولغاچقا،دەررۇ بارىدىغانغا ۋاقىت-پۇرسىتىممۇ چىقمىدى.يېقىندا بىر ئىش بىلەن شۇ مەكتەپكە كىرىپ،ياناي دەۋاتسام مۇدىر يولۇقۇپ بىر مۇنچە رەھمەت بىلەن يەنە شۇ گەپنى دەپ قالدى.شۇنىڭ بىلەن ئانچە-مۇنچە بىرنېمىلەرنى جىجىلاپ يۈرگەن ئۆمرۈمدىكى ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق قەلەم ھەققى-مىڭ سومنى موككىدە يانچۇقۇمغا سالدىم.ئەسلىدىنلا بۇنى تەمە قىلىپ باقمىغانتىم،شۇڭا خېلى خوش بولۇپ قالدىم.ئەمما كۆڭلۈمنىڭ يەنە بىر يەرلىرى سەل غەشتەك بىلىنىپ قېلىپ خىيالغا چۆكۈپ قالدىم.‹ھېلىقى خېنىم قانچىلىك نەپكە ئېرىشكەندۇ؟شۇ باھانىدا ئىقتىدارى نامايەن بولۇپ ئەمىلى يەنە بىرەر بالداق ئۆستۈرۈلگەندىمۇ؟يا مېنى ھىجايتىۋەتكەن ماۋۇ پۇلنى نەچچە قاتلايدىغان كىرىمگە ئېرىشىپ،ھېلىقى ئاق چوقىيىنىڭ ئورنىغا ئالىي ۋە ئېسىل ئاياغ ئېلىپ كىيگەندىمۇ؟...›

گەپ مۇشۇنچىلىك.دەرتمەنلىكىمدە كۇنۇپكىنى بىر مۇنچە تاتىلاپ ئۆزەمنىڭمۇ،سىزنىڭمۇ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىۋەتتىممىكىن.بەلكىم،تايىنى يوق پاراڭسىمان يازمىنى يوللاپ نېمە قىلىدۇ؟بۇنىڭ مىللەتكە ۋە دۆلەتكە،خەلققە نىسبەتەن قانچىلىك پايدىسى بار دەپ غودۇراۋاتقانسىز.مەنچىمۇ شۇ.ئەمما مۇشۇ يازمام ھېلىقى خېنىمغا،شۇنداقلا جەمئىيىتىمىزدىكى ئاشۇ خېنىمغا ئوخشاش باشقىلارنىڭ جۇۋىسىدا تارتىنماي تەرلىيەلەيدىغان،خەقنىڭ ئەجرىگە قورقماي ۋە ئىزا تارتماي تۇرۇپ چاڭ سالالايدىغان ئاتالمىش نوپۇزلۇقلارغا ئازراق بولسىمۇ خىجىللىق تۇيغۇسى پەيدا قىلسا،ئۇلارنىڭ ۋىجدانىنى ئويغىتىپ،ھالال ۋە دۇرۇس ئادەم بولۇشقا يېتەكلىيەلىسە دېگەن ئۈمىدتىمەن.ئەڭ مۇھىمى‹ماۋۇ دۈگدۈك سەھرالىقلارنىڭمۇ ئۈندىمەي تۇرغىنى بىلەن ئىچىدە غۇمى بار ئىكەن.قولىدىكى ناننى تارتىۋالساق جىم تۇرغىنى ئاجىزلىق ئەمەس،ئەسلىدە كەڭ قۇرساقلىق ئىكەن.›دېگەننى بىلىپ قالسىكەن دەيمىنا.






























8

تېما

0

دوست

2263

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7796
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 561
تۆھپە : 314
توردىكى ۋاقتى: 324
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 22:40:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  شۇ يېڭى ئېرىق  باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ  81-يىللاردىكى  ئۇقۇغۇچىسى  ، سىزنى تۇنۇۋالدىم ، كىچىك چېغىڭىزدىمۇ ئاجايىپ تالانتلىق بالا ئىدىڭىز . ئاخرى مۇشۇنداق زور نەتىجىگە ئىرىشكىنىڭىزدىن چەكسىز سۇيۇندۇم .  ئانا مەكتىۋىمنىڭ مەشرىپىدىن سىڭدۇرگەن ئەجرىڭىزدىن ، پەخىرلەندىم . باشقىلارنىڭ جۇۋىسىدا تەرلەپ ئۇگۇنۇپ كەتكەن خۇمسىلاردىن ئاغرىنماڭ . تۇخۇيەيدىغان ئىتنىڭ بوينىغا تۇخۇنى ئېسىپ قۇيۇپ ئۇرسىڭىزمۇ ئۇ  ھامىنى يەنە تۇخۇ يەيدۇ .....
بىز كىچىك چېغىمىزدا بىر مەزگىل ئارىلاشقان  بەلكىم سىزمۇ مىنى تۇنۇيسىز .مۇنبەردە سىزنى ئۇچرۇتىپ بەكلا خوش  بولدۇم .

ئالاقىلىشىشنى خالىسىڭىز چ چ   1450750947
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

5

تېما

0

دوست

5628

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   12.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1794
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 917
تۆھپە : 1109
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 23:23:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى پىروگىرامما بۇ؟ مېنىڭمۇ كۆرۈپ باققىم كېلىۋاتىدۇ،ھېلىقى خانىمنىڭ ئىسمىنى سىز دېمەڭ ئۆزىمىز كۆرۈپ بىلىۋالايلى.سىن ئادرىسى توردا بار بولسا بىلىدىغانلار تاققىتە تاشلاپ قويمايلىمۇ .ئالدىقى قېتىممۇ مۇشۇنداق بىر تېما يوللانغان باغداشقا،قومۇلدا نورۇز پائالىيىتىدىكى ناھەقچىلىق ئىشلار توغرىسىدىكى.  قارىغاندا مۇشۇنداق ناچارلىقلار  XJTVدىمۇ خېلى بار ئوخشايدۇ.

11

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   23.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3437
يازما سانى: 805
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 4522
تۆھپە : 2838
توردىكى ۋاقتى: 2921
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-3

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 23:54:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر دىگەنلىرىڭىز راس بولسا مەيلى b d t v نىڭ بىرنىمسى بولسىمۇ ئىسمىنى ئاتاپلا رەسۋا قىلىش كىرەك ئىدى . بۇرۇندىنلا شىنجاڭدىكى ئىشچى دىھقانلار ئۆز رىسقىنى باشقىلارنىڭ چويلىسىدىن سۈزۈپ يەپ كۈن كەچۈرۋاتاتتۇق ، ئەمدى بۇ يۈزى قېلىن چويلا بىزنىڭ مىللى مائارىپچىللىرىمىزنىڭ ئېشغىمۇ چۈشۈپ بوپتۇ . ئۆز قەۋىمدىن بولغان مۇنۇ چوقۇر تەپ تارتماستىن بۇنداق قىلغىنى تۇرسا باشقىلار بىزنى ھېلمۇ تىرىك ياشغىلى قۇيۇپتۇ ھە ؟ ئۇچچىغا چىققان نۇمۇسسىزلىك ! چوقۇم ئىسمىنى ئاتاپلا رەسۋا قىلىش كېرەك . چۈنكى مىللىتىمىزدىن مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باشقىلارنىڭ قەت كۈتۈرشىنى خالىمايدىغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىدىن كەلگەن ئاشقا ئۆزى ئىگە بولۇپ ،ئاش ئىگسىنى پوققا ئىتتىردىغان شەخسىيەتچىلەر كۆپەيگەنسىرى بىزنىڭ ھالىمىزى ئارقىغا قاراپ تىز قەدەمدە ئالغا باسدۇ . ئەمما دىگەنلىرىمىز پاكىتلىق ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن راس گەپ بولسۇن .
ئەرزىمەس بۇ جېنىم ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن بەش دۈشمەنگە يارامۇ ؟

0

تېما

0

دوست

1723

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   72.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10079
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 301
تۆھپە : 330
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 00:24:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشكارلايلى !  ھەممىز شۇنداق تەلەپ قىلايلى باللا ، ئەمدى تۆۋەندىكىلەر ھە- ھۇ دەڭلار ئەمسە

0

تېما

0

دوست

555

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7366
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 88
تۆھپە : 114
توردىكى ۋاقتى: 138
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 11:01:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىشقا مېنىڭمۇ ئاچچىقىم كېلىۋاتىدۇ،ئەشۇنداق خەقنىڭ چاپىنىدا تەرلەپ،راھەتلىنىپ كۆنۈپ كەتكەن مۇناپىقلار ھەممە جايدا بار.بۇ خوتۇننىڭ ئىسمىنى راستىنلا ئاشكارلاش كېرەك(30ياشلار چاممىسىدا دىگەندىكىن توي قىلىپ بولغان بىرنىمىكىن دەپ ئويلىدىم).بولمىسا كېيىن يەنە خەقنىڭ ھەققىگە چاڭ سالىدىغان قىلىقىنى تاشلىمايدۇ.كىشىنىڭ ھەققىنى يىيىش دوزاققا بۇيرۇلىدىغان گۇناھتۇر!

xukri    kil

4

تېما

1

دوست

595

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12294
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 94
تۆھپە : 110
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 11:09:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارىمىزدا    شۇنداقمۇ ئادەملەر مۇ باركى؛ئالدىدا  ھە  دەيدىغان، كەينىدە  بە    دەيدىغان  ،توغرا  قىپسىز     بىرەرقېتىم مۇشۇنداق  قىلمىساق     ئۈزىنى    بىلمەيدىغانلار     بار    دەيمەن   .ئىتنى   سۈڭەكتىن  ئاجرىتىمەن   دەيدىكەن،چۇقۇم     ئۇنى     باغلاش     كىرەك   ،ئەركىن  كۇيۇپ بەرسە   يەنە   ئوڭشالمايدۇ،........
شۈكرى    قىل   !

0

تېما

1

دوست

3102

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12252
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 683
تۆھپە : 482
توردىكى ۋاقتى: 192
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 11:19:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ئۇنداق ئۆزىنىڭ قىلىۋالسا قانداق بۇلىدۇ؟باشقىلارنىڭ ھۆرمەت قىلمىغان ئادەم مەڭگۈ ھۆرمەتكە نائىل بولالمايدۇ،بۇنداق ئادەملەرنى يالغۇز قۇيۇش كېرەك.شۇنداقلا ئۇلارنىڭ شۇ ئىشىنى يۈزىگە سېلىپ بىلدۈرۈش كېرەك.ئاۋۇ مەكتەپ مۇدىرلىرىمۇ بىرنىمە دىيەلمىگىنىنى دەيمەن.....سىزمۇ بەك بوشاڭلىق قىلىپسىز،ئۇنداق قاراپ تۇرىدىغان ئىش ئەمەس بۇ.......سىزدىن كەچۈرۈم سورىشى كېرەك،شۇنداقلا شۇ فىلىمگە سىنارىيەلەشتۈرگۈچى دەپ سىزنىڭ ئىسمىڭىز يېزىلىشى كېرەك..
جاپا چىكىپسىز،شۇنداق ياخشى يېزىپسىز.....تالانت باركەن،تىرىشىڭ.....تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى يېزىپ يوللىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز.
مۇھەببىتىڭنى بىرگە بەر،مېھرىڭنى مىڭغابەر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )