ئۇنـتـۇپ كىـتـەي ھـەسـرەتـلىرىمـنى
بىلەمسەن، سىنىڭ ئالدىڭىدا بىچارىلارچە ھالغا چۈشۈپ قالغان بۇ كۆڭلىمنى .مەن ساڭا بارچە كۆڭلىمنى بەرگەن ، بارچە سۆيگۇمنى ساڭا ئاتا قىلغان ئىدىم. ھەتتاكى يۇركىمنى ساڭا قوش قوللاپ تۇتقۇزغانمەن . ئەمدىچۇ ؟ ... سەن پەرۋاسىزلىق بىلەن تاشلاپ كەتتىڭ.كۆزلىرىم نە سەۋەپسىز ياش تۆكەتتى.يۇرىگىم سەن ئۇچۇن ئىزتىراپ چىكەتتى.
ئۆتكۇزگەنتۇق خۇشال كۇلۇپ ئاشۇ كۇنلەرنى،
مۇشكۇللەرمۇ توسالمىغان بىزدەك جۇپلەرنى.
تاپتىڭمۇ يۈز ئۆرۇپ مەندىن باشقىنى، سەندەك بىر ۋاپاسىزنى ئۇنتۇپ كېتىمەن.
مەن تۇتقان قوللاردا سىلاپ چاچلارنى،
بىز يۇرگەن يوللاردا ئىلىپ باشقىنى.
ۋاپاسىز باغرى تاش بولدۇڭ ئاخىرى،
سەندەك بىر نامەتنى ئۇنتۇپ كېتمەن.
قەلبىمدە گۇزەل ھېس، تۇيغۇلار كۆپتى،
ساڭا بولغان مىھرىممۇ ئاز ئەمەس كۆپتى.
سىنىڭ بۇ قىلغىنىڭغا قارنىم بەك كۆپتى،
سەندەك بىر ئەقىلسىزنى ئۇنتۇپ كىتمىەن.
بىز بىللە ماڭغان ئاشۇ يوللارغا نەزەر سالاتتىم. ئەپسۇس بىزنىڭ نە ئىزلىرىمىزمۇ قالماپتۇ.ئەمما بەرگەن بۇ ئازابىڭ يۇرىگىمنىڭ چوڭقۇر قاتىلىمىدا قارا داغ بولۇپ ساقلىنىپ قالدى خالاس.
يۇرىگىم سېنى ئۇنتۇش ئۇچۇن ئۆكسىمەكتە. ياق ، سىنى يۈرىكىمدىن چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن تىپىرلىماقتا.بىراق مەن بەك ئاجىز كەلدىم.سېىنى ئۇنتىشقا قايتا-قايتا تىرشساممۇ ئۇنتىليالمىدىم . ئەكىسچە ،يەنە ئەسلەپ قالدىم سىنى ...
بىز بىرگە چۇشكەن سۇرەتلەرگە قارغىنىمدايۇرەكلىرىم لەختە-لەختە بولۇپ ئاچچىق تولغۇنۇپ كىتىمەن.جانسىز سۇرەتلىرىڭىزدىن نۇرغۇن سۇئاللارنى سورايمەن.......<مۇھەببەت دىگەن نىمە؟ >< سەن مىنى ياخشى كۆرۇپ باققانمۇ ؟......
چۇشلىرىمگە كىرگىنىڭدە بولسا ساڭا چىڭ ئىسىلىپ يىنىمدىن كەتمەسلىكىڭىنى ئۆتۇنۇپ ساڭا يالۋۇرۇپ كىتمەن.چۇشلىرىمدىن ئويغانغىنىمدا بولسا ماڭا پەقەت كۆز ياشلىرىم ھەمراھ.
ئۇنتۇلسىمۇ ئازاپ ۋە ھەسرەت،
تۇنجى سۆيگۇ ئۇنتۇلمايدىكەن.
قان قان يىغلاپ تۇگەشسەممۇ مەن،
ئەمدىلىكتە ئەقىدەمنى ئۇنتۇپ كىتىمەن.
ھەر قانچە يالقۇنلاپ كۆيسىمۇ يۇرەك،
كۆيۇك ئوتى ئىنساننى ئۆلتۈرمەيدىكەن.
ئۆلسەممۇ رازىمەن ئىشقىڭدا كۆيۇپ،
شۇندىمۇ ھەسرەتلەرنى ئۇنتۇپ كىتىمەن.
باغرىم يىرىپ ئوخچۇپ چىقسا قان،
بىر تىنقىمغىچە چىداپ ئۆتىمەن.
تەنھالىق قىيناپ ئالسىمۇ جاننى،
ھەسرەتلىك جاھاننى ئۇنتۇپ كىتىمەن.
مەن ھالسىزلاندىم. ئىشقىڭ مىنى ھالسىزلاندۇردى. مەن چارچىدىم . سىنىڭ ئازابىڭ مىنى چارچاتتى.مەن ئەمدى سەندىن ئۇمۇت ۈۇتمەيمەن. چۇنكى سەن بىرنى باشلاپ كەتتىڭ .توۋاسەن ئۈچۈن مۇھەببەت شۇنچە ئاددىي بىر نەرسىمۇ ؟ مەن نىمانچە چوڭ بىلگەندىمەن. ياكى مەن بەك ساددىمۇ ياكى دۆتمۈ ... ئۇف سۇئاللىرىم ھىچ توختايدىغاندەك ئەمەس ........
مەن يەنىلا ئارقاڭدىن قاراپ قالاي. مەن ساڭا بەخىت تىلەپ قالاي. ھەم مىنىڭ بىردىن بىر قىلالايدىغىنىم شۇلا خلاس.
سەن بەخىتلىك بولساڭلا ، مەن شۇنىڭغا رازى. شۇندىلا كۆڭلىم ئارام تاپىدۇ ھەم كۆڭلىم شۇندىلا بەخىت تۇيغۇسىغاچۇمىدۇ. سەن بەخىتلىك بولساڭلا مەنمۇ ئۆزۇمنى بەختلىك دەيمەن بىلسەڭ !!!
ساڭا دەيدىغىنىم : سېنى ئاخىرقى تېنىقىمدا ھامان ئۇنتىمەن!!!
|