بىر كۈنى [/li] مۇھەممەتجان راشىدىن [/li] بالاڭ ئازسا،ئاھ ئۇرما ،يول تاپىدۇ بىر كۈنى ،
ئامان بولسا ، ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى .
خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن ،
ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىر كۈنى.
گەدەنكەشلىك ھېچكىمدىن ئۇدۇم ئەمەس ئۇلارغا ،
ئۆزى كېلىپ ئالدىڭغا گەپ ئاچىدۇ بىر كۈنى .
ئات بولغۇچە ئاساۋتاي ھەر يان چاپسا چاپمامدۇ ،
ئۇلارغىمۇ بۇ دۇنيا يۇك ئارتىدۇ بىر كۈنى .
"ئاق "نى چەككەن ئاغزىدا ئوقۇپ ئەپسۇس- پۇشايمان ،
قاراپ ئۇلار كەينىگە ئۇھ تارتىدۇ بىر كۈنى .
كوچىلارغا تۈن بويى بۈگۈن پاتماي يۈرگەنلەر ،
چىللىسىمۇ كوچىلار جىم ياتىدۇ بىر كۈنى .
تەييار توقاچ قولۇڭدىن يەۋەرمەيدۇ ئۇلارمۇ،
ئۆزلىرىمۇ ئۇن تارتىپ، نان ياقىدۇ بىر كۈنى .
بۇ ئالەمدە ھەر ئىشنىڭ سائېتى بار ،ۋاقتى بار ،
خۇددى سەندەك ئۆي تۇتۇپ ،ئۆي قاقىدۇ بىر كۈنى .
كۆندىرىدۇ بۇ جاھان تالاي ئىشقا ئۇلارنى ،
شۇلار چاپقان ئۆستەڭدە سۇ ئاقىدۇ بىر كۈنى .
بىز ئوينىغان نۇرۇزنى بىزدەك ئويناپ شۇلارمۇ ،
ئىزىمىزدا ئىگەرلەپ ئات چاپىدۇ بىر كۈنى ،
پىشانەڭگە ئاسماندىن ئىللىق قۇياش نۇر چاچسا ،
يۈرىكىڭگە بالاڭمۇ نۇر چاچىدۇ بىر كۈنى.
سەنمۇ ئاتا -ئاناڭنى ئۆتكەن بولساڭ ئەزىزلەپ ،
ئوغۇل- قىزىڭ ساڭىمۇ تون ياپىدۇ بىر كۈنى .
شۇ ئىشلارنى كۆرەلمەي ئۆلۈپ كەتسەڭ ئامال يوق،
ھايات بولساڭ مەيدەڭگە گۈل تاقايدۇ بىر كۈنى .
يامان دېسەڭ بالاڭنى ،كىم بىرىدۇ ياخشىنى ،
ھازىر يامان بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ بىر كۈنى |