- تىزىملاتقان
- 2012-9-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1357
- نادىر
- 0
- يازما
- 56
ئۆسۈش
35.7%
|
ئورخۇن ئۇيغۇر خاقاناتلىغى دەۋرىدە زامان چۇرگىلەپ 800- يىللارغا تەئەللۇق بولغىلى تۇردى، مۇشۇ دەۋىرگە كەلگۇچە ئارىلىقتا بىر تەرەپتىن قورغاقچىلىق يەنە بىر تەرەپتىن قاتتىق يېغىنگەرچىلىك نۇۋەتلىشىپ تەبىئەتنى ھالسىراتتى، ھالبۇكى قۇرغاقچىلىق ھۇكۇم سۇرگەن چاغلاردا ھەممىنى غاجاپ يىگۇچى غاجىلىغۇچىلار پۇتۇن-پۇتۇن ئوتلاقلارنى ۋەيران قىلىۋەتتى،ئارقىدىنلا باشلانغان قىشلىق يىغىنگەرچىلىك ھەممە يەرنى قېلىن قارغا چۇمكىدى،بۇنداق ئاھۋال نەچچە يىل داۋام قىلغاچ مال-ئۇلاقلارغا يەم-خەشەك بارغانسىرى يېتىشمىگىلى تۇردى،ئارقىدىن ئۇلۇشۇپلا ھەرخىل كىسەللەر ئەۋجى ئالغىلى قوپتى،
ماللار قىرىلدى،كۆلۆك(مىنىلىدىغان،ژۇك ئارتىلىدىغان ئۇلاقلار) زور دەرىجىدە كامايدى،سويۇپ يىيىلىدىغان ماللارمۇ كۇپلەپ چىقىم بولغىلى تۇردى،مانا بۇ ئەھۋالدا يۇرت ئالماشتۇرۇش زورۇرۇيىتى مەيدانغا چىقتى،كۇچۇپ بارىدىغان ئورۇن قىش ۋاقتى ئىللىق مەملىكەتنىڭ جەنۇپ تەرىپى يەنى تارىم ۋادىسى نەزەرگە ئىلىندى،بۇنداقتا يەرلىك ۋابادىنمۇ قېچىپ قۇتۇلغىلى شۇنداقلا قاتتىق سوغۇقتىنمۇ دالدىلانغىلى بولاتتى،لىكىن كۆلۆك مەسىلىسى زىل مەسىلە ئىدى،چۇنكى ھەر-بىر كۇچمەنگە بىر نەچچە ئات-كالا لازىمتى، لىكىن كىسەل ۋەماللاردىكى ۋابا سەۋەپلىك نۇرغۇن ئات-ئۇلاق قىرىلىپ كەتكەن ئىدى، مانا مۇشۇنداق باش قېتىنچىلىغى ۋاقتىدا ئوردىدىن چەتلەشتۇرۇلگەن ۋەزىر قۇۋلۇقباغا ،بۇ مەخپىيەتلىكنى خاقاناتلىق تەۋەسىدىكى قىرغىزلارغا دەپ قويىدۇ ،،قىرغىزلار بولسا قوزغىلاڭ قىلىش ئۇچۇن ئەپلىك پەيىتكەن دەپ خوشال بولۇشۇپ كىتشىدۇ،ئاقىۋەت تىچ-ئامان كۇچۇش ئىشى قىرغىز پۇرسەتپەرەسلەرنىڭ جىدىلى بىلەن بىسەرەمجانلىققا ئايلىنىدۇ.
لىكىن 19 - ئەسىردىكى روس تارىخچىلىرى بۇ ۋەقەنى قىرغىزلار ھۇجۇمىدىن ئۇيغۇر خانلىغى گۇمران بولدى دەپ دەپتەرلىرىگە پۇتۇشكە ئالدىراپ كىتىشتى، ( نەق شۇ دەۋىرلەردە ئوسمان ئېمپىرىيىسى بىلەن روسلار ئارىسىدا زىمىن تالىشىپ قانلىق جەڭلەر بولىۋاتقان چاغلار ئىدى،)نەتىجىدە نورمال كۇچۇش ئىشى قىرغىز مالىمانچىلىغى تۇپەيلى((ئورخۇن خانلىغى ئاغدۇرۇپ تاشلاندى) دەپ تارىخقا خاتا پۇتۇلۇپ كەتتى، كۇنىمىزدە بولسا بۇ ۋەقە كۇپتۇرۇلۇپ ھەرقايسى مەنپەئەتدارلارنىڭ كۇزىگە مىق بولۇپ كۇرۇنگەن ئۇيغۇر خاقاناتلىغى نىڭ ئابرويى دەپسەندە قىلىنىش ئىھتىياجىغا ماس كىلىپ بەردى.
ئۇنتۇماسلىق كىرەككى ئەينى دەۋىردە تارىم،يارىش(ھازىرقى جۇڭغارىيە)بىز دەۋاتقان ئورخۇن ئۇيغۇر خاقاناتلىقى تەۋەسىدىكى زىمىن ئىدى.
ھىچقاچان قىرغىزلار ئۇيغۇر خاقاناتلىقىنى ئۇزلىرىلا ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئەمەس،ھەم كۇچىمۇ يەتمەيتى،بۇ پەقەت ھازىرقى سىياسى تارىخچىلارنىڭ قەغەز يۇزىدىكى سىياسى ئويۇنى خالاس. |
|