- تىزىملاتقان
- 2012-8-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 20537
- نادىر
- 0
- يازما
- 1601
ئۆسۈش
26.34%
|
ئىسمىمنى بىلسەم ،ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات كوچىلىدىن بىرى بولغان سايباغ رايۇنىنىڭ سايباغ مەھەللىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەنكەنمەن.
چوڭ دادام مەمەتئىلى ئىسلام ئەپەندى ھازىرقى سايبۇلاق مەسجىدىنىڭ داڭلىق ئىمامى بۇلۇپ،ئۆز زامانىسىدا خېلى ئوقۇمۇشلۇق زات ھىساپلىناتتى. مەن مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنلا چوڭ دادامنىڭ يىتەكچىلىكىدە ساۋادىمنى تېزلا چىقىرىپ بولدۇم.ئۆيىمىزدە بىر كونا ياغاچ ئىشكاۋى بۇلۇپ،چوڭ دادامنىڭ ھەر خېل كىتاپلىرى لىققىدە قاچىلانغان ھالەتتە تۇراتتى. ھىلىمۇ ئېسىمدە مەن زور قىزىقىش ئىچىدە "مىڭ بىر كېچە""چالا تەگكەن ئوق" "چالىقۇشى" "ئىز" قاتالىق رۇمانلارنى ئوقۇپ چىققانتىم.
كىچىك چاغلىرىمدا ئوقىغان شۇ كىتاپلارنىڭ تەسىرىدە بولسا كىرەك مەن ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن تارتىپ قولىمغا قەلەم ئېلىپ يېزىقىچىلىق بىلەن شۇغۇللاندىم.يازغانلىرىمنى بولسا "تارىم غۇنچىللىرى"ژورنىلغا ئېۋەتتىم. "تىرىشقان تاپار" دىگەندەك ئەسەرلىرىم كەينى كەينىدىن ئېلان قىلىنىپ ،تېزى كۆزگە كۆرۈنىشكە باشلىدىم ھەم مەندە ئەدەبىياتقا ،ئۆز ئانا تىلىمغا نىسپەتەن بىر ئوتلۇق مۇھاببەت ئويغاندى.شۇنىڭ تۈرتكىسىدە 1998-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن شىنجاڭ پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات ڧاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندىم. بۇ جەرياندا مەن ئەدەبىيات كەسپى پەنلىرىنى پۇختا ئىگەللەپ ،بىر تەرەپتىن يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانسام،يەنە بىر تەرەپتىن داڭلىق شائىرلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرنى يادلاپ نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتتىم.
2002-يىلى ئالي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ شەھەرلىك 28-باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىندىم. خىزمەتكە چۈشكەن شۇ كۈنىلا ئاغرىق بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى ۋاقىتلىق ئۆتۈشكە تەخسىملەندىم. ئەسلىدە مەن بىر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بۇلۇپ ئۆز قابلىيتىمنى جارى قىلدۇرۇپ ،؟ئۆزەمنىڭ سۆيگەن كەسپىنى ئىشلەش نىيىتىم بار ئىدى.خىزمەتكە چۈشكەن تۈنجى كۇنى بولغاچقا رەھبەرلىكنىڭ گىپىنى يىرالمىدىم.كىم بىلسۇن شۇنىڭدىن ئىتبارەن، كىم ئاغرىق،تۇغۇتلۇق بولسا شۇنىڭ سىنىپىغا تەخسىملەندىم.مېنىڭ كاللامدا قاچانقىچە باشقىلارنىڭ سىنىپىغا كىرىمەن.نېمىشقا ئۆزەم بىرسىنىپنى مۇقىم تۇتۇپ ئۆز كەسپىمدە نەتىجە ياراتمايمەن دىگەن خىياللار كەچتى.شۇنىڭ بىلەن ئويلىغانلىرىمنى مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ئېيتتىم.لىكىن مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ سۇغاق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىدىم. ئەتراپىمغا قارىسام بىرەر سائەت ئەدەبىيات دەرسىنى جايلاپ ئۆتەلمەيدىغان،ھىچقانداق بىر ئەدەبىيات كەسپىدە مۇنتىزىم تەربىيە كۆرمىگەن،ئەدەبىياتتىن قىلچىمۇ خەۋرى يوق ئوقۇتقۇچىلار سىنىپ تۇتۇپ ئەدەبىيات مۇئەللىمى ئاتىلىپ يۈرگەنلەر خېلى كۆپ ئىكەن.مەن ئىشلارنى ئىچىمگە پاتۇرۇپ بۇلالماي ،مەكتەپ رەھبەرلىگىدىن يەنە ئەدەبىيات دەرسى بېرىشنى تەلەپ قىلدىم.تەلۋىم يەنە شۇ پېتى قىلىۋەردى.
2007-يىلى مەكتەپ مېنى ئېلىم –پەن دەرسىدىن قوشتىللىق تەربىيەلنىشكە ئىۋەتتى.مەن بىر يىل خەنزۇچە تەربىيەلىنىپ كىلىپ خەنزۇچە ئىلىم –پەن دەرسىنى ئۆتۈشكە بەلگىلەندىم.كۆپچىلىككە مەلۇم بۇ دەرسنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بۇلۇپ ،كىتاپ- ماتىريال خەنزۇچە،ئوقۇغۇچىلارمۇ قىينىلىدۇ.مۇرەككەپ سۆز ئاتالغۇلارنى ،خەنزۇچە ئوقۇغان مۇئەللىملەرمۇ ھۆددىسىدىن ئاران ئاران چىقالايدۇ.مەن بالىلار بىلەن تەڭ ئۆگىنىپ،تىرىشىپ ئىزدىنىش جەريانىدا بۇ دەرسنى ھەر ھالدا قانداق ئۆتۈشنى ئۆگىنىۋالدىم.لىكىن مەن ئەسلىدىنلا بۇ كەسپىنىڭ ئادىمى ئەمەس بولغاچىقا ، بالىلارغا يەتكۈزۈشتە كۆپ قىينالدىم. بالىلارنىمۇ ئالداپ ،ئۆزەمنىمۇ ئالداپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە مەندىكى ۋىجدان ،غورۇر يول قويمىدى.شۇڭلاشقا بۇ ئەھۋالنى مەكتەپ رەھبەرلىكىگە دىدىم.لىكىن مەكتەپ رەھبەرلىگى يەنىلا ئىلىم پەن دەرسىنى مەندىن ئېلىۋەتمىدى.لىكىن 1-يىللىقنىڭ ئېلپبە دەرسنى بەرگەچىكە كۆڭلۈم ھەر ھالدا خۇش بولدى.ئاخىرى ئۆز كەسپىمنى بېرىدىغان بولدۇم.يەنە 6-يىللىق ئۈچ سىنىپنىڭ ئىلىم –پەن دەرسىنى بېرىشنى ئويلىسام، كۆڭلۈم بىر خېل رەۋىشتە يىرىم بۇلىدۇ.مانا 1-يىللىق ئككى سىنىپنىڭ ئانا تىل دەرسىنى ياخشى بېرىشى ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلىدىم.ھەم شۇ يىلقى يېڭى يىلدا رەھبەرلەرگە ئاتاپ يازغان مۇۋەششەھ ،شېئىرى چاخچاقلار خىزمەتداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.ھەم ئۇلارنى ھەيران قالدۇردۇم.لىكىن بىر قېسىم خىزمەتداشلار مېنىڭ بۇ ئىقتىدارىمغا قايىل بولمىغاندەك كۈلۈشتى.مەن ئىلىپبە دەرسى بېرىمەن دەپ، ئىلىم –پەن دەرسىنى تاشلاپ قويمىدىم.
ھازىرقى قوشتىللىق ئوقۇتۇشنىڭ تەلىۋى بۇيىچە ئىزدىنىپ دەر تەييارلىقىمنى خەنزۇچە يازالايدىغان ھەم دەرسنىڭ 30پىرسەنت مەزمۇننى خەنزۇچە سۆزلەپ چۈشەندۈرەلەيدىغان بولدۇم.مەكتەپ رەھبەرلىكىگە خەنزۇچىنى ياخشى بىلمەيمەن دىگۈچىلەر بولسا، ئۇلار مېنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىپ،" مەن "دىن ئۆگىتىشكە دەۋەت قىلدىغان بولدى. يېقىندا تەڭرىتاغ رايۇنى مۇپەتتىش ئۆمىكى بىزنىڭ مەكتەپكە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە كەلدى. ھەم مېنىڭ بىر سائەتلىك ئىلىم –پەن دەرسىمنى ئاڭلىدى.مەن بۇ بىر سائەتلىك دەرسنى قېينىلىپ تۇرۇپ ،شۇنچىلىك تەستە ئۆتۈپ تۈگەتتىم.كىيىن باھالاشتامېنىڭ ئەملىي ئەھۋالىمنى نەزەرگە ئېلىپ ،ماڭا ئىتبار نەزىرىدە قاراپتۇ.كىىين مەكتەپ مۇدىرى مۇپەتتىش ئۆمىكىدىكلەرنىڭ تەكلىپ پىكىرىنى ئوتتۇرىغان قۇيۇپ، مېنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى ۋە مۇنداق دىدى: - ئەسلى ئىدارە باشلىقى سىزنى را سا بىر تەنقىد قىلماقچى ئىكەن.بىراق بىز سىزنىڭ بىر ئەدەبىيات مۇئەللىمى ئىكەنلىكىڭىزنى ،مەكتەپ ۋە رايۇن دەرىجىلك مۇسابىقىلەردە يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەندىن كىيىن باشلىق سىزنى خەنزۇچە دەرسكە كىرگۈمەي دەرسىنى تەڭشەپ قۇيۇشنى ، يەنى ئۆز كەسىپگە، ئانا تىل دەرسىنى بېرىشنى ئېيتىپتۇ.شۇنىڭدىن باشلاپ مەن باشقىچە يەڭگىللەپ قالغاندەك ھىس قىلدىم. مەن ئاخىرى زىممەمدىكى يۈكىتىن خالى بولدۇم.ئەمدى ئۆزەم سۆيگەن بۇ كەسپنى قەدىرلەپ ئۆز بۇرچۇمنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىمەن.
مەنبە :خىزمەتدىشىم تىلى |
|