- تىزىملاتقان
- 2011-3-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 944
- نادىر
- 0
- يازما
- 8
ئۆسۈش
  88.8%
|
1- ماركىغا دىققەت قىلىش
2-ئىشلىتىش دائىرىسىنى ئويلىشىش كىرەك .
3. بىخەتەرلىكىگە ھەم ماي سەرپىياتىغا دىققەت قىلىش كىرەك .
4.تاشقى كۈرۈنۈشگە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك .
تاشقى كۈرۈنۈش جەھەتتىن دىققەت قىلىدىغان نوقتىلار تۆۋەندىكىچە :
1) ماشىنا سېتىۋالغاندا ياكى كۆرگەندە چۇقۇم يۇرۇق جايدا كۆرۈش كىرەك ، بۇنداق قىلغاندا ماشىنا سېرىتقى يۈزىنىڭ بۇزۇلغان ياكى بۇزۇلمىغانلىقىنى ، سىرنىڭ رەڭگىنىڭ ئۆزگەرگەن ياكى ئۆزگەرمىكەنلىكىنى ، زاپچاسلىرىنىڭ ئەسلى ياكى ئالماشتۇغان ئالماشتۇرمىغانلىقىنى بىلگىلى بۇلىدۇ . ماشىنا سېرىنى كۆزىتىشتە سىرنىڭ تەكشى ياكى تەكشى ئەمەسلىكىنى ئىنچىكە كۆزىتىش كىرەك .ئەگەر مەلوم جاينىڭ سېرى باشقا يەرنىڭكىدىن قېلىن ياكى نىپىز بولسا بۇ بەلكىم قايتا سىرلانغان بۇلىشى مومكىن .
2) ماتور ھەمدە باشقا زاپچاسلاردا قايتا رىموت قىلىنغان ياكى (لوسا)لىرى بوشىتىلغان ئەھۋال بار يوقلىقىنىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك .
3)ماشىننىڭ كۇزۇپلىرى ، ئىشىكلىرى ئالدى تەرەپنىڭ ھىم ئىتىلىدىغان ياكى ئىتتىلمەيدىغانلىقىمۇ بىزنىڭ ئىنچىكە تەكشۈرىشىمىز كىرەك بولغان يەنە بىر مۇھىم ھالقا .
ماشىننىڭ ئىشىكىنى تەكشۈرگەندە ئاچقۇچنى قايتا -قايتا سېلىپ سىناپ بېقىش كىرەك . تورمۇز ، ماي دەسسىگۈچنىمۇ سەۋىرچانلىق بىلەن تەكشۈرۈش زۆزۈر .
ماشىنا ئىشىكى سەل ئېغىر ھەم بوش يېپىلسا بۇ سۈپتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بۈلدۈرىدۇ .
5)چىراقلارنىڭ يېنىش ئەھۋالى ھەم يۇرۇش دەرىجىسى بىزنىڭ تەكشۈرۈش دائىرىمىزدىكى مۇھىم تەرەپ . ماشىنننىڭ زاپچاسلىرىنى تەكشۈرگەندە ماتور ،ماي يۇلى ،چاق قاتارلىقلارنىڭ قۇرارشتۇرۇلۇش ھەم ئىشلىتىلىشچانلىقىغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم .
6) ماشىنىنى يېراقتىن تۇرۇپ سېرىتقى كۈرۈنىشىنى كۆزۈتۈڭ .بۇنداق قىلغاندا ماشىننىڭ ئېككى يېنىنىڭ تەكشى ياكى تەكشى ئەمەسلىكىنى ئاسانلا بىلىۋالغىلى بۇلىدۇ .يەنە بىر سى ئەينەكنىڭ قايتا سېلىنغان ياكى جىجىلغانلىقىنى ئەينەكنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى بەلگىگە قاراپ پەرىقلەندۈرىمىز .يەنە ئىشىكنىڭ يان تەرەپلىرىدىكى كۈرۈنمە ئەينەكنىڭ ئايلىنىش ھەم كۆرسىتىش ئەھۋاللىرىنىمۇ تەكشۈرىمىز .
7) ئورۇندۇق ماشىندىكى مۇھىم زاپچاسلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ .شۇڭا ئۇرۇندۇقنى تەكشۈرگەندە ئالدى ئۇرۇندۇقنىڭ ئالدىكەينىگە يۆتكىلىش ئەھۋالى ھەمدە بىخەتەرلىك تاسمىسىنىڭ نورمال ئىشلەيدىغانلىقىنى تەكشۈرىمىز .
5. ماشىنا تاللاشتا بىز چۇقۇم ئىلمىي ئۇسۇللارنى قوللىنىشىمىز زۆزۈر .ماتور قاتارلىقلارنى تەكشۈرگەندە ئاۋازىنىڭ يىنىك ، بىر خىل رېتىملىق چىقىشىنى ئۆلچەم قىلىمىز .
6- ئەڭ ئاخىرىدا ماشىنا رەسمىيەتلىرىنىڭ تۇلۇق ياكى تۇلۇق ئەمەسلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز لازىم .سېتىۋېلىشنى قارار قىلغاندىنكىيىن توختام تۈزۈشكە توغرا كىلىدۇ ، بۇنىڭدا چۇقۇم ھەر تەرەپتىن ئويلىشىشىمىز ، سالماقلىق بىلەن قانۇنغا ماس كەلگۈدەك ، ئىككى تەرەپ رازى بولغۇدەك توختام تۈزۈلسە بۇ سودىڭىز چۇقۇم كۆڭۈلدىكىدەك بۇلىدۇ .
تېخىمۇ كۆپ ئاپتۇموبىل ئۇچۇرلىرى شوپۇرلۇق بىلىملىرىدىن خەۋەردار بولاي دىسىڭىز ئۇيغۇر ماشىنا تورىغا مەرھەممەت
ئادرىسى : |
|