- تىزىملاتقان
- 2011-3-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11112
- نادىر
- 0
- يازما
- 526
ئۆسۈش
2.78%
|
27-قەۋەتتىكىگىگە:
(سۈلھى-سالاچىلار بىر چەتتە شۈك ئولتۇرپ تۇرۇش،سۆزنى يورغىلىتىۋاتقان كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلمىگەن بولساڭلار.)
تىنىش بەلگىلىرىڭىز ئوبدان تۇرۇۋاتامدۇ؟تۈگەپ قالغان بولسا مەن بىرەر پويىز ماڭغۇزىۋەتسەممۇ بولىدۇ.مەندىمۇ توشۇق!قىلغان گېپىمنىڭ تايىنى يوق ئىنكاسنى تىنىش بەلگىلىرىگە توشقۇزىۋېتىدىغان ئادىتىم بولمىغاچ،بىر مۇنچە ئۈندەش،سوئال،پەش،چېكىتلەر كۆكىرىپ سېسپ يېتىپتۇ.
ئۆزۈمنى بىلەرمەن چاغلاپ كەتكىنىم يوق،ئۈمىدىم كۆزى ئوچۇق قارىغۇ،ئويلىنىش،تەپەككۇر قىلىش دىگەنلەرنى دۈشمەن بىلىدىغان نادانلاردىن بولۇپ قالمىساملا بولدى!
بەزى كىشىلىرىمىز ئېشىغا چۈشكەن چىۋىننىمۇ ئىلغاپ سالماي يەۋىتىدۇ،چۈنكى ئۇلارغا بۇ چىۋىننى يىيىش لازىم ياكى ئەمەسلىكىگىمۇ ئاتالمىش خەلقئارالىق باھالىغۇچى كېتىدۇ ئەمەسمۇ؟
مېنىڭ نىمىگە ئىشىنىشىم بىلەن سىزنىڭ نىمە كارىڭىز؟مەھەللىڭىزدىن باھالاشقا ئىۋەتكەنما؟بولسا كەمىنىنى ئۇنىڭغا بۇنىڭغا چىقىرىدىغان نادانلار كۆپرەك چىقسا بولۇردى،تۆۋبىسىنى قىلىپ بولالمايۋاتقان گۇناھلىرىمغا شېرىك بولۇشۇپ بېرىدىغان،بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىم تولا كىشى مەن،سىزدەك <فاك>كىشىلەر ئەمەس!
ھەممە ئىشنىڭ قىيامەتتە سورىقى بارلىقىنى بىلىدىكەنسىز ھە؟ئۇنداقتا،بىر كىشىنىڭ بۇ دۇنيادا قىلغان جىنايەتلىرىنى سورايدىغان قازىخانا ،شەرىئەت ھۆكمى دىگەنلەرزە پۈتۈنلەي بىدئەت ئىشلار ئىكەندە؟قىيامەتتە سورىقىنى بىرلا قىلىدىغان ئىش بولغاندىكىن ئاۋۇ بەزى دۆلەتلەر كۆتتىنى قىسىپ جىم ئولتۇرسا بولمامدۇ؟نىمە قىلىدۇ ئوغرىنىڭ قولىنى كېسىپ،يەنە بىر نىمىنى تاش بوران قىلىپ؟بەرىبىر قىيامەتتە سورىقى بار ئشلار تۇرسا!شۇنداقمۇ؟
بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىگە باھا بېرىش ھەققى يوق؟؟؟گېپىڭىز بويىچە خەلپەم ئاتىلىۋالغان ياغاچچىمۇ تېچ ھالدا تاغدا ئۈستەل-ئورۇندۇق ياساپ تىرىكچىلىكىنى قىلماي،ھاجىم دىگەن يەنە بىرىمۇ تېچ مالچىلىقىنى قىلماي نىمە قىلىدۇ شاھمەھسۇت،جىن شۇرىن،شىڭ شىسەيلەرنى يوقىتىمەن دەپ؟؟؟ئۇ كىشىلەرمۇ تازا كۇفرى،ئاللانىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنمىغان كىشىلەر ئىكەن ھە؟نىمە قىلىدۇ <باشقىلارغا باھا بېرىپ>؟كىم ئۇلارغا ئۇنداق ھوقوق بېرىپتىكەن؟<خەلقئارادىنمۇ>؟شامەسۇت دىگىنىمۇ بار ئەسكىلىكنى قىلغىنى بىلەن ھەرھالدا ئىمان ئېتقان مۇسۇلمان تۇرسا،نىمە قىلىدۇ ئاۋۇ خەلپەم بىلەن ھاجىم شۇ بىچارە ياشانغان كىشىگە قارشى چىقىپ؟جىن شۇرىن بىلەن ياڭزىشىن مۇ كىم بىلىدۇ،بۇتقا ئىشىنىپ كۈجە كۆيدۈرۈپ يۈرگىنى بىلەن ئۆيىگە قايتقاندا جەينامازغا يۈكۈنەمدۇ تېخى؟شۇنداق ئەمەسمۇ؟
ئۇ كىشىلەرنىڭ باشقىلارغا باھا بېرىدىغان نىمە ھەققى بار ئىكەن؟شۇنداقمۇ؟
بەزى كىشىلىرىمىزگە ئەقىل دىگەننى تاھارەت ئالغاندا ئالدى-ئارقى پېشەپنى تەرتىپى بىلەن يۇيۇشقا،ئالماشتۇرۇپ قويمالىققىلا،موللا ئاكىمىز تاياقتا بىر يارا،قامچىدا بىر ئىز قالدۇرۇپ مىڭ تەستە ياد ئالدۇرغان ھەپتىيەكنى كۆزنى يۇمىۋېلىپ چۈشەنمەيلا ئوقۇشقىلا ئىشلەتسەك يېتىپ ئاشىدىغان ئوخشايدۇ.ھەي...
تالىبانلار نىمە قىلىپتۇ دىگەنلەر قارىغاندا ئۇلارنىڭ مالىيەسىنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرىنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلمىسە كېرەك...ئەرەب بايلارنىڭ ئىئانىسى؟؟ھەي نىمە دەي..يەنىمۇ ئىزدەپ بېقىڭىزلار...
بىر ئىشقا ھۆددە قىلالايمەن،ئەگەر ئۇيغۇرنىڭ تەلىيى كاج كېلىپ ،تەخت بېشىگە ئەشۇلاردەك بىرنىمىلەر چىقىپ قالسا،ئۇ چاغدا ئۇيغۇرنىڭ ھالى ئاففنىستانلىقلارنىڭ ھالىدىنمۇ بەتتەر بولىدۇ.تارىخمىزدا بولۇپ باقمىغان ئىش ئەمەسقۇ؟ئاپپاق بوۋىڭىزلارنى يادىڭىزلارغا ئالغايسىزلەر..
ئاپپاق بوۋىڭىزلارغا كېرىكىمۇ تازا ئەقلى ھېچنىمىگە ئىشلىمەيدىغان،بېشىدا قامچا ئوينىتىۋاتقانلارغىمۇ بىر باھا بېرىپ بېقىشقا قۇربى يەتمەيدىغان لەقۋا كىشىلەر ئىدى.. |
|