ئۇيغۇرلار مۇڭغۇللاردىن ئايرىلىپ چىققانمۇ،ياكى مۇڭغۇللار
بەزى تارىقتىن خەۋىرى يوق،ئەپسانى سوزلەرگە ئىشىنىدىغان قۇلاق ماللىرى ئۇيغۇرلار بىلەن موڭغۇللارنىڭ جۇغراپىيە جەھەتتىكى خوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىگە قاراپ ، سوزىمىزدىكى بەزى مۇڭغۇلچە ئاتالغۇغا قاراپ ، كىيىم كىچەك جەھەتتىكى بەزى ئوخشاشلىقلارغا قاراپ ، مۇڭغۇللارنىڭ ئۇيغۇر رايۇنلىرىدىكى پالىيەتلىرىگە قاراپ . ئۇيغۇرلار مۇڭغۇللاردىن ئايرىلىپ چىققان ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىگى مۇڭغۇل دەپ قارايدۇ .
بۇ پۇتۇنلەي تارىققا ھورمەت قىلمىغانلىق، ئەپسانە سوزلەرگە ئىشەنگەنلىك ، مىللەتنىڭ غۇرۇرىغا ھاقەرەت كەلتۇرگەنلەك بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . ئۇيغۇرلار مۇڭغۇللاردىن ئايرىلىپ چىققانمۇ ياكى بۇرۇندىن تارتىپ مۇستەقىل مىللەتمۇ ؟ بىز ئالدى بىلەن مىللەت دىگەن ئۇقۇمنى سوزلەپ باقايلى.
مىللەت . تىل ، يىزىق ، ئورپەئادەت ، ئولتىراقلىشىش ئورنى ، ھىسسىيات قاتارلىق تەركىپلەرنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ . ئۇيغۇرلارمۇ ، ئۇز تىلى ، يىزىقى ، ئولتۇراقلاشقان ئورنى ، ھىسسىياتىنى ساقلاپ كەلگەن مىللەت .
بىز ئەمدى تارىققا مۇراجەت قىلىپ باقايلى _ ئۇيغۇرلار تۇرۇك قەبىلەلىرىنىڭ بىرى ، تۇرۇك سىستىمىسىدا سوزلىشىدىغان مىللەت . ئۇيغۇرلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 3 _ ئەسىردىن باشلاپ يازما خاتىرلەردەكورۇلۇشگە باشلىغان مىللەت . تىلى ئالتاي تىل سىستىمىسىنىڭ تۇركى تىل سىستىمىسىغا تەۋە تىل بولوپ خىلى ئۇزۇن يىللار شەكىللەنگەن ئۇيغۇر دىگەن بۇ ئۇقۇم مىلادىدىن بۇرۇنقى 3 _ ئەسىردىن مىلادىدىن كىيىنكى 3 _ ئەسىرگىچە ۋۇجې" 乌揭" دەپ ئاتالغان .كىيىنكى دەۋىرلەردە " ۋۇيۋۇر " دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ، بۇلار قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزدادى بولوپ ھىساپلىنىدۇ . بۇلار پالىيەت ئىلىپ بارغان يەرلەر قوملۇق چوللىك، شىمالى تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇپ ۋە باشقا يەرلەردە بولغان . قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقى مىلادى745 _ يىلى قورۇلۇپ مىلادى 840 _ يىلىغىچە دەۋىر سورگەن . قاراخانىلار خانلىقى مىلادى 819 _ يىلى قۇرۇلۇپ 1218 _ يىلىغىچە دەۋىر سورگەن.
ئىدىقۇت خانلىقى مىلادى 870 _ يىلى قۇرۇلۇپ 1218 _ يىلىغىچە دەۋىر سورگەن . 1218 _ يىلى قاراخانلار چىڭگىزخان تەسىر دائىرسىگە كىرگەن.
1364 _ يىلى چىڭگىس خاننىڭ 7 _ نەۋرىسى تۇغلۇق تۇمۇرخان خانلىق تەختىدە ئولتۇرغان ، ئۇ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ قول ئاستىدىكى160 مىڭ مۇڭغۇللارنى ئىسلام دىنىگە كىرگۇزگەن . 1514 _ يىلدىن 1682 _ يىلى يەركەن سەئىدە خانلىقى دەۋىر سورگەن . 1682 _ يىلىدىن 1759 _ يىلىغىچە ئابباق غۇجىلار دەۋرى بولىدۇ . 1865 -يىلىدىن 1877 _يىلىغىچە ياقۇپ بەگ دەۋرى (بەدولەت) زۇزۇڭ تاڭ روسنىڭ ياردىمى ،يەرلىك خايىنلارنىڭ ماسلىشى بىلەن ، ياقۇپ بەگنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ . 1759 _ يىلدىن 1912 _ يىلى چىڭ خاندانلىق دەۋرى. 1912 _ يىلى شىڭخەي ئىنقىلاۋىنىڭ بوران چاپقۇنلىرى، چىڭ خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ .
ئەمدى مۇڭغۇللارنى ئەسلەپ ئوتەيلى ، مۇڭغۇللار مۇڭغۇل يايلىقىدىكى كوچمەن قەبىلە بولۇپ چىڭگىس خان (1162 _يىلىدىن 1227 _ يىلىغىچە)
باشقۇرۇپ ، دەسلەپكى قەدەمدە مۇڭغۇل قەبىلەلىرىنى بىرلەشتۇرۇپ بۇلۇنۇش مەيدىغان ، ۋەزىيەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ خاقانلىق ئىنۋانى بىلەن تەخىتدە ئولتۇرىدۇ . شۇنىڭدىن كىيىن ئوز تەسىر دايىرسىنى كىڭەيتىش ئۇچۇن ئىستىلاچىلىق ئۇرۇشنى ئىلىپ بارىدۇ. تىز مۇددەت ئىچىدە، ئوتتىرا ئاسىيەنى ۋە باشقا يەرلەرنى ئىگەنلەپ ، شىنجاڭمۇ ئۇنىڭ تەسىر دائىرسىگە كىرگۇزىلىدۇ . بۇ كەڭ زىمىنلارنى 4 ئوغلىغا بۇلۇپ بىرىدۇ . ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايگە ، ئىلى دەرياسى ، ئامۇر دەرياسى، شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنى بۇلۇپ بىرىدۇ .
1364 _ يىلى چىڭگىس خاننىڭ 7 _ نەۋرىسى تۇغلۇق تۇمۇرخان خانلىق تەخىتگە چىقىپ ، ئاقسۇلۇق مەۋلان.ئەرشىدىن دىگەن كىشىنىڭ نەسەھەتى بىلەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىدۇ ، ۋە قول ئاستىدىكى 160 مىڭ مۇڭغۇللارنى ئىسلام دىنىغا كىرگۇزۇپ يەرلىك خەلەق يەنە ئۇيغۇرلار بىلەن ئاسمىلاتسىيەلىشىپ ، بارا بارا ئۇيغۇرلىشىپ كىتىدۇ.
مۇڭغۇللار شۇ ۋاقىتلاردا سىياسى جەھەتتە ، ھەربى جەھەتتە دونيادا مەشھور مىللىت بولسىمۇ لىكىن مەدىنىيەت جەھەتتە ئارقىدا قالغان ، يايلاق تۇرمۇشىنى ئوتكەزگەن مىللەت بولغاچقا. ئوز دىننى . ئوز تىلىنى ، ئوز ئورپ ئادىتىنى تاشلاپ باشقا مىللەتلەرگە ، شىنجاڭ رايونىدا ئۇيغۇرلارغا سىڭىشىپ كەتكەن . ئەمدى ئۇيغۇرلار مۇڭغۇللاردىن ئايرىلىپ چىققان دىگۇچىلەرگە شۇنداق بىر سۇئال قويۇپ باقايلى .
نىمە ئۇچۇن تۇغلۇق تۇمۇرخان باشلىق 160 مىڭ مۇڭغۇل ئۇز دىننى ، ئوز تىلىنى ، ئوز ئورپ ئادىتىنى ئوز روھى ھالىتىنى يوقويۇپ ، باشقا مىللەتلەرگە
شىنجاڭ رايوندا ئۇيغۇرلارغا ئاسمىلاتسىيەلىشىپ كەتتى، قانداق كوچ ئاشۇ مۇڭغۇللارنى ئاشۇنداق ھالەتكە كەلتۇردى. بىرەر كۇچ بولمىسا قانداقسىگە
موڭغۇللار ئۇيغۇرچە سوزلەمتى؟ نىمە ئۇچۇن ئۇيغۇرلار ئوز تىلى ، ئوز دىننى يوقۇتۇپ مۇڭغۇل بۇلۇپ قالمىدى . ياكى تەڭرى ئۇلارغا ئۇيغۇرچە سوزلەشنى كوڭلىگە سالغانمۇ . كىيىنكى دەۋىرلەردىكى جوڭغارىيە بىلەن تارىمنى سىلىشتۇرۇپ كورەيلى . شىنخاڭنىڭ شىمالى، چىڭگىس خان دەۋىرىدىن كىيىن مۇڭغۇللار پائالىيىت ئىلىپ بارغان يەر . جۇڭغار مۇڭغۇللارنىڭ يەنى ئادەم ئىسمى بۇلوپ جۇغراپىيەلىك يەر نامى بىلەن جۇڭغارىيە ئويمانلىقى دەپ ئاتالغان ھەم قوشتولغاي ، بورتالا ، ئىلى ، ئۇرۇمچى . دىگەن يەر ناملىرى مۇڭغۇلچە ئىسىم بىلەن ئاتالغان . كىيىنكى چاغلاردا مۇڭغۇللار پائالىيەت ئىلىپ بارغان يەرلەر بۇلىشى مۇمكىن .
تارىم . قوملۇق چۇلىنىڭ شىمالىدىن كوچۇرۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلار تەڭرى تىغىنىڭ جەنۇبىغا ئۇرۇنلىشىشتىن بۇرۇن ، تارىمدا ئۇيغۇرلار بىلەن بىر ئىرقىدىكى تۇرۇكلەر ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئاللا بۇرۇن بولغان بۇ شەك شوبىسىز،
( دادامنىڭ قول يازمىسى قارماي جەرەمبۇلاق 1991 _ يىلى 3 _ ئاينىڭ 30 _ كۇنى) دادام رەمىتىنى ئەسلەپ ئائىلە تەركۇزەشتى دىگەن قول يازما خاتىرىسىنى ئوقوپ . بۇ قول يازما ئەسەرنى يوللىدىم ، خاتا يەرلىرى بولسا تورداشلارنىڭ تەڭقىتى پىكىرىنى قوبول قىلىمەن. |