مەخمۇت كاشغەرى ئۇيغۇرمۇ؟ (ئسپات)
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن- مائارىپ كومتېتى 2008- يىلىنى مەخمۇت كاشغەرى يىلى دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەخمۇت كاشغەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخمۇت كاشغەرى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە ھەرخىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
بۇ خىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا مەخمۇت كاشغەرى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ ساندا ئىلمىي ماقالىلار ئوقۇپ ئۆتۈلمەكتە. بۇ ماقالىلاردا ھازىرغىچە ئوتتۇرغا قويۇلۇپ باقمىغان يېڭى كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
11-ئاينىڭ 12- كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن مەخمۇت كاشغەرى ۋە ئۇيغۇرلار ناملىق يىغىندا تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى غازى ئۈنۋېرستىتى ئوقۇتقۇچىسى پروف.در.ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن، مەخمۇت كاشغەرى ۋە ئۇيغۇرلار تېمىسىدا سۆز قىلدى.
پىروف.در.ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە ئۇ دەۋىردىكى ئەك كۈچلۈك دۆلەتلەردىن بىرنى قۇرغانلىقىنى، ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قانداق يوق بولغانلىقىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، مەخمۇت كاشغەرى مەزگىلىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ سۆزىدە ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار تارىخى ھەققىدە ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتقان بەزى كۆز قاراشلارنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويدى.
ئۇيغۇر دۆلىتى قانداق بىر دۆلەت ئىدى؟ ئۇ دەۋىلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداق ئىدى؟ ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى ۋەتەنلىرىگە قاچان كەلگەن؟ مەخمۇت كاشغەرى ئۇيغۇرمۇ؟
مەخمۇت كاشغەرى ئۇيغۇرمۇ؟
پروف.در.ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن يىغىندا قىلغان مەخمۇت كاشغەرى ۋە ئۇيغۇرلار ماۋزۇلۇق نۇتىقىدا مەخمۇت كاشغەرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:«تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى بىر قانچە مەسىلە ئۈستىدە توختالماقچىمەن. بىرىنچىسى قاراىانىيلارنىڭ قايسى مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىدۇر. بۇ ھەقتە ئىككى خىل كۆز قاراش بار.بىرىنچىسى بەزى مۇتەخەسسىسلەر قاراخانىيلار دۆلىتىنى قۇرغان ھۆكۈمدارلارنىڭ قارلۇق قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزى تارىخچىلار ياغما قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە مەشھۇر تارىخچى بارتولد، زەكى ۋەلىدى توغان.تونۇلغان تارىخچى رەشات گەنچ قاتارلىق كىشىلەر قاراخانىيلارنىڭ ياغما قەبىلىسىدىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.بۇلار ئەرەبچە :ھۇدۇد –ئىل ئالەم، ئىسىملىك تارىخ ۋە جۇغراپىيە كىتابىدىكى مەلۇماتلارغا تاينىپ تۇرۇپ بۇ كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.بۇ كىتابتا ياغمالار ھەققىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان.:قاراخانىيلار دۆلىتى ھۆكۈمدارلىرى توققۇز ئوغۇز قەبىلىسىدىندۇر.توققۇز ئوغۇز كىم؟ قەدىقى ئەرەب مەنبەلىرىدە ئۇيغۇرلار توققۇز ئوغۇز دەپ قەيىت قىلىنغان. دېمەككى قاراخانىيلار دۆلىتى ھۆكۈمدارلىرى ئۇيغۇر ئىكەن. يەنە ، «مۇجىمەلىت تەۋارىخ»ئىسىملىك كىتابتا مۇنداق دەپ يېزىلغان:ياغمىلارنىڭ پادىشاھىغا بۇغراخان دەيدۇ. دېمەككى خاراخانىيلار دۆلىتىنى قۇرغان ھۆكۈمدارلار ياغما قەبىلىسىدىندۇر.ياغما قەبىلىسىمۇ توققۇز ئوغۇز ئىكەنلىكىگە قارىغاندا قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ئۇيغۇردۇر.يەنى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئۇيغۇردۇر. مەھمۇت كاشغەرى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولغاچقا مەخمۇت كاشغىرىمۇ ئۇيغۇردۇر. ھەممىمىزگە مەلۇم مەخمۇت كاشغەرى ئەسىرىدە قايسى مىللەت ئىكەنلىكىنى يازمىغان.
ھازىرقى ئۇيغۇر ئۇقۇمى
پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى سۆزىدە بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئۇقۇمى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: « بۇ مەلۈماتلار بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئۇقۇمى ئۈچۈن بەك مۇھىم. 1920- يىللاردا غەربى يۇرتىكى خەلققە ئۇيغۇر دەپ نام بېرىلگەن ئىدى.ھازىرقى ئۇيغۇر ئاتالغۇسى بىلەن مەخمۇت كاشغەرى دېگەن ئۇيغۇر ئۇقۇمى تازا ئوخشاپ كەتمەيدۇ. چۈنكى بىز ھازىر بۇرۇنقى قاراخانىيلار دۆلىتى ئىچىدىكى قەشقەر، ئاقسۇ، يەركەن قاتارلىق جايلاردىكى ئىنسانلارنىمۇ ئۇيغۇر دەيمىز، ئەمما مەخمۇت كاشغەرى بۇلارنى ئۇيغۇر دېمەيتى.ئۇلار قاراخانىيلار ئىدى، مۇسۇلمان ئىدى.مەخمۇت كاشغەرى دېگەن ئۇيغۇرلار بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا 70پىرسەنت ئوخشاشلىق بار دېيش مۇمكىن، ھازىر ھەممىسى ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىدۇ.دېمەك ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى، ئۆزبېكلەر ۋە قىرغىزلارنىڭ بۈيۈك بىر قىسمى قاراخانىيلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇ.».
مەنبە: تور ساقلانمامدىن |