قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3088|ئىنكاس: 25

تۈركىيەدە دائىم كۆرۈلىدىغان 50 سۆز ھەركەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

0

دوست

4209

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9893
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 803
تۆھپە : 743
توردىكى ۋاقتى: 106
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-4 22:41:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 بۈگۈن توردا ئۇچراپ قالغانتى،قارىسا ھەقىقەتەن شۇنداق . شۇڭا ئۆزلەشتۈرۈپ قويۇلدى


1.باشقىلار ياساپ قويغان قار بوۋاينى پەيت تېپىپ بۇزۇۋېتىش،قار بوۋاينىڭ بېشىنى توپ تەپكەندەك تېپىپ ئۇچۇرىۋېتىش ...


2.باشقىلارنى قەيەرلىك دەپ سوراش ،جاۋابىدىن كېيىن " ئىچىدىنمۇيا " دەپ سوراش، مەسىلەن ؛قەيەرلىك سىز؟ _ئىزمىرلىق _ئىزمىرنىڭ ئىچىدىنمۇيا؟
خۇددى قەشقەرلىكنىڭ شەھەرنىڭ ئىچىدىنمۇيا دەپ سورىغىنىدەكلا

3.تۇققانلىرىنىڭ ئاتىلىشى ھەرخىل، ئانا تەرەپنى بىر خىل ،دادا تەرەپنى بىر خىل .خەنزۇلارنڭ ئاتالغۇلىرىدەكلا مۇرەككەپ

4.قېيىن ئانا - كېلىن جېڭى ،سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدەكلا قىزىقارلىق

5.ئەرلەر تاماكىنى قۇلاقنىڭ كەينىگە قىستۇرۇۋالىدۇ،بەزىلىرى پايپاققا،يېزىلارنىڭ ھەپتىدە بىر قىزىيدىغان بازارلىرىدا ئاياللارنىڭ كۆكسىنى كولاپ پۇل ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىز  ،تۈركلەر بۇنى مەمەق بانكىسى دەيدىكەن


6.كوچىلاردا سىرتلاردا ھاراق ئىچىپ ئىش چىقارغانلارنى كۆرەلمەيسىز، لېكىن كەچلىك بەزمىخانىلاردا ئازراق ئىچىپ تەڭشىلىۋالغان ياشلارنىڭ باشقىلارغا ئىتتەك ئېتىلغىنىنى كۆرەلەيسىز

7.تۈركلەردە تاماقنى كىيىم ماسلاشتۇرغاندەكلا ماسلاشتۇرىدۇ. مەسىلەن سېرىق پۇرچاق+ئاق پولۇ+دوغاپ+كۆكتات يەنە ياغلىق چۆپ+پۇرچاق شورپىسى+تۈرك بولكىسى+تاۋۇز......... لېكىن بۇ تاماقلارنىڭ ھېچ قايسىسى ئىسسىق باسمايدۇ

8.ياش بالىلار يول ماڭغاندا تېتىك ، روھلۇق ماڭىدۇ ،لاغايلاپ يۈرگەنلەر يوق دېيەرلىك.بىر قىسىم ياش بالىلار قولىغا تەسۋىي ئېلىۋالىدۇ ،بۇنداقلار بىر دولىسىنى ئېگىز ، بىر دولىسىنى پاكار قىلىپ .ئالدىغا ئېگىلىپ دەلتىدەك ماڭىدۇ.بىر قولى توختىماي تەسۋىنى سېرىپ تۇرىدۇ.قارىماققا قارا جەمىيەت ئادىمىدەك ،لېكىن مەن بۇنداقلارنىڭ ئەسكىلىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم جۇما .... بىر قانچىسى ئاكا دەپ ئالدىمغا كېلىپ يول سوراپ قالىدۇ تېخى

9.چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىشتە ھۇرۇن ،لېكىن ئادەم تىللايدىغان سۆزلەرنى چوقۇم بىلىدۇ .چەت ئەللىكلەرگە تۈركچە ئۆگەتسىمۇ ئاۋۋال ئادەم تىللاشتىن باشلاپ ئۆگىتىدۇ

10.سەپەردە ئۇچراپ قالغانلارنىڭ بىرىنچى سۆزى نەگە بارىسىز

11.چوڭلارنىڭ ئالدىدا بەك ئەدەبلىك، چوڭلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چېكىشنى، باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇشنى يامان كۆرىدۇ .ئۆي چوڭلىرىنىڭ ئوڭ قولىنىڭ دۈمبىسىگە، ئاندىن قولىنىڭ دۇمبىسىنى پېشانىىسگە تەككۈزىدۇ.كىچىكلەرنىڭ كۆزىگە سۆيۈپ قويىدۇ

12.نامايىش قىلىشقا ئامراق كاللسىدىن ئۆتمىگەن ئىشلار بولسا دەرھال كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىدۇ .ئاچچىقىنى باسالمىسا كوچىدىكى ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى چېقىپ قويىدۇ.كورتلار ۋادىسى پۇسۇدىكى بىر شەخس ئۆلگەندە بەزىلەرنىڭ كوچىغا نامايىش قىلغاننىڭ گېپى بار .


13.پۇتبول قىزغىنلىقى ئالامەت .ھەر بىر كىشىنىڭ چوقۇم قوللايدىغان بىردىن كوماندىسى بار.ھەپتە ئاخىرىدا ياشلار ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان كوماندىنىڭ كىيمىنى كىيىپ كوچىدا مېڭىشىدۇياكى توپلىشىپ ۋارقىراپ-جارقىراپ ئالەمنى مالەم قىلىشىدۇ  

14.بىرەر يېڭى تېخنىكىنى كۆرگەندە دوستلار ئارا ئۇھسىنىپ تۇرۇپ " ئاللا ئاللا ، خەقلەر بۇنىمۇ ياساپ بوپتۇ "دېيىشىدۇ .بۇيەردىكى خەقلەر كۆپىنچە ياپونلارنى كۆرسىتىدۇ. تۈركلەرنىڭ نەزىرىدە ياپونلار ھەممىنى قىلىدىغان ھەق

15.تولۇقسىزنى تولۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگەنلەر چوقۇم ساۋاقداشلار خاتىرىسى يېزىش ئادىتى بار .ھەم تۇنجى جۈملسى ئادەت خاراكتىرلىق "سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدەكلا ئاپپاق خاتىرە بېتىڭىزدە خەت قالدۇرغالىقىمدىن مەمنۇنۇم "دەپ باشلىنىدۇ

16.بىر قانچە ئوغۇل بالا پاراڭلاشقاندا كۆپىنچە ئەسكەر ۋاقتىمدا دېگەن گەپلەر جىق بولۇنىدۇ .تۈرك ياشلىرىنىڭ ھاياتىدىكى ئۇنتۇلماس مىنۇتلار كۆپىنچە ئەسكەر ۋاقىتلىرىدا بولىدىكەن تۈركىيەدە بۇرۇن 18 ئايلىق ئەسكەر بولۇش قانۇنى بار ئىدى ،ھازىر 6 ئايمۇ شۇيان....

17.كۆرۈشكەندە كەلدىڭىزمۇ ، كەپسىز ھە دېگەندەك گەپلەر جىق بولۇنىدىكەن

18.ئىشىك قوڭغۇرىقى چېلىنغاندا ئىچىدىنچوقۇم" كىمۇ " دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ ئىشىك تېشىدىكى ئادەممۇ چوقۇم " مەن " دەپ جاۋاپ بېرىدۇ .
ناھايىتى ئاز ئادەم " مەن پالانى "دەپ جاۋاپ بېرىدۇ

19.ناتونۇش نومۇردىن  تېلفۇن كەلگەندە قارشى تەرەپ ئۆزىنى تونۇشتۇرمىسا "مەن كىم بىلەن كۆرۈشىۋاتىمەن؟نەدىن ؟كىم سىز ؟" دېگەندەك سوئاللار ياغىدۇ .

20.باشقىلارغا لەقەم قويۇش ئومۇملاشقان ،دوستلار ئارا لەقەم قويۇش مودا

21.مېھمان كەلگەندە ئەڭ ئاۋۋال باشلاپ چاي بەزىدە بىزدەك ئۇششاق-چۈششەك تىزىدۇ .خوتۇن دەرھال تاماققا تۇتۇش قىل دەيدىغان ئادەت يوق

22.تاماقخانىغا توپ-توپ كىرىپ ئۈستەللەرنى جۈپلەپ ئولتۇرۇش

23.چوڭلار بىز سىزدەك ۋاقتىمىزدا دېگەن گەپلەرنى دېيىشكە ئامراق ،

24.توي قىلغاندا ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپكە تويلۇق پۇل تۆلەيدۇ .بۇنى باشلىق پۇلىسى دەيدۇ .تويدا قىزغا سوۋغات بۇيۇم تاقاش مۇراسىمى بار ، ھەم بەزى يەرلەردە سوۋغات بۇيۇمىنى ئېلان قىلىدىغان ئادەت بار .

25.تېلفۇندا سۆزلىشىشكە بولمايدۇ دەپ ئېلان قىلغان جايلاردا ئوغۇرلىقچە تېلفۇن قىلىدىغانلار كۆپ. تېلفۇندا پۇل قالمىسا قارشى تەرەپنى چاقىرتىش ئىقتىدارىنىمۇ كۆپ ئىشلىتىدۇ ياكى باشقىلارنىڭ تېلفۇنىنى سوراپ تېلفۇن قىلىپ " مەن پالانى ماڭا تېلفۇن قىلامسەن " دەيدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس

26.تۈركىيەدە ئىش ئىزدىگەندە دېپلۇم ئۇ بۇغا ئانچە ئېتباربەرمەيدۇ  ،دۆلەت ئورگانلىرىغا بولسا دېپلۇم-كىملىك دېگەنلەرنى چوقۇم ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈپ تاپشۇرۇش كېرەك .

27.يوللاردىكى سېمونتلارغا دەسسەپ ئىزىنى چىقىرىپ قويۇش ياكى تاياق بىلەن جىجىلاپ ئىسمىنى يېزىپ قويۇش ئادەتتىكى ئىشلار

28.گېزىت ژۇرناللاردا تېلىۋۇزۇرلاردا ھەرخىل ساقاللىق ،ھەرخىل كۆزەينەكلىك ، ھەرخىل ياغلىقلىق ،قالپاقلىق ئادەملەرنىڭ چىققىننى كۆرەلەيسىز.ياش بالىلاردىمۇ بومبا ساقال قويىۋالىدىغان ئاقسا گۇيلار ئاز ئەمەس

29.ئايروپىلان قوناي دېگەندە تېلفۇننى ئېچىپ تەييار قىلىش ،چاق يەرگە تېگىش بىلەنلا تېلفۇن قىلىشنى باشلاش .( بۇرۇنلاردا ئايروپىلان قونسا چاۋاك چېلىپ تەبرىكلەشمۇ بار ئىكەنتۇق )

30.ياش بالىلار قۇملۇقتا چېلىىشپ ئويناشقا ئامراق . بىزمۇ شۇ ئىدۇق ئەمدى


داۋامى بار ( قالغىنىنى  يوللايمەن )    

مەنبەسى: ئاخىرىدا دەپ بېرەي
مەن چىنە-قاچا ساتىمەن

0

تېما

0

دوست

4806

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   93.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8327
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 608
تۆھپە : 1091
توردىكى ۋاقتى: 243
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 19:20:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ تۈركلەرنىڭ ئادىتى ئىكەندە، بەزەن ئادەتلىرى بىزلەرگىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

5

دوست

3423

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   47.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8699
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 180
تۆھپە : 873
توردىكى ۋاقتى: 569
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 19:28:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نامايىش قىلىشتىن باشقا ئادەتلىرىمىز ئوخشىشىپ كىتىدىكەن .

159

تېما

7

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   58.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1633
نادىر تېمىسى: 16
مۇنبەر پۇلى: 6554
تۆھپە : 5891
توردىكى ۋاقتى: 1450
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 20:19:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە ئادەتلىرى ئوپمۇ ئوخشاشكەن، سىياسىي مۇھىتلا ئوخشىمىغاچقا،
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!

7

تېما

3

دوست

6271

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   25.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4402
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1103
تۆھپە : 1212
توردىكى ۋاقتى: 385
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 20:30:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەتتا ھەممە ئادەتلىرىمىزغىچە ئوخشايدىغاندەكلا ھىس قىلدىم مەن.

hayat nimdiganguzal

5

تېما

0

دوست

764

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   52.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13893
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 61
تۆھپە : 210
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 21:15:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
؟؟؟؟....بانكىسى ھەجەپ قىززىق گەپكەن     

5

تېما

0

دوست

4209

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9893
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 803
تۆھپە : 743
توردىكى ۋاقتى: 106
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 21:33:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى كۆرۈڭلار ....

31.تۈركىيەدە ماشىنا ھەيدەش سۈرئىتى ئومۇمىيۈزلۈك تېز .يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا ئەمەس ئادەتتىكى تار كوچىلاردىمۇ ۋىڭىلداپ ماڭغان ماشىنىلارغا قاراپ بۇ قېنى قىزىق قارام قەۋمنىڭ ئات ئۈستىدە قانچىلىك جەڭگىۋار ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالايسىز .لېكىن بەزىدە سىزنى قورقۇتۇپ قويغاندا تىللاپمۇ سالىسىز ئىچىڭىزدە

32.ساياھەت رايونلىرىدىكى تاملارغا ئۆزىنىڭ ۋە مۇھەببىتىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قويۇش ،دەرەخقە ئىسىم ئويۇشمۇ خېلى ئومۇملاشقان .بەزى ياشلار بەدىنىگە ھەرخىل رەسىملەرنى ،ياپۇنچە ، چىنچە خەتلەرنىمۇ چېكىۋالىدۇ.

33.چاقچاقلىشىشقا ، باشقىلارنى دوراشقا ئامراق ،لېكىن چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەيدۇ .دەرھاللا چاقچاق جۇمۇ قېرىندىشىم دەپ كەچۈرۈم سورايدۇ .بىزدەك لاۋزا چاقچاقنى توختىماي قىلىش يوقكەن

34.پالغا ئىشىنىدىغانلار كۆپ ،پال ئېچىشقا ئامراق .ھەم بەك ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىدۇ .پال ئاچىدىغانلار بەك ئەستايىدىل جۇمۇ ،ئاسمانغا قاراپ تۇرۇپ :بىر قۇشنى كۆردۈم ،كەلدى ،يېقىنلاشتى .شىلەپەڭنى ئېلىپ قاچتى،دېمەك مال مۈلكۈڭنى ئېلىپ كەتتى ،لېكىن شەپكە كىيگەن بىر ئادەم كەلدى .
ساڭا كۈلۈمسىرىدى ، بۇ ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ..........

35.تېلفۇندا ۋارقىراپ جارقىراپ سۆزلىشىشمۇ خېلى ئومۇمىيۈزلۈك ، بولۇپمۇ يېزىلاردا ...

36.كوچىغا چاپلانغان ئېلانلارنى ،تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى بىكار ماڭغانچە يىرتىپ مېڭىش ........  بولۇپمۇ كەچلەردە

37.ئوبۇرنىلاردا ، ئاممىۋى تېلفۇنخانىلاردا " ئوينايلى ، كۈلەيلى ، يايرايلى دوستلار " دېگەنلەر خېلى بار .ئوبۇرنىنىڭ تاملىرىدا ھەرخىل ھاياتىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان جۈملىلەرنى ئۇچرىتىشىڭىز مۇمكىن .ھە راست ، باغچىلاردا ئورۇندۇقتا .ئۇزۇن ئولتۇرۇپ قالسىڭىز كېلىپ ھال سوراپ قويىدىغان ھەمجىنىسلەرمۇ بار

38.ماشىنىدىن بىرەرسى ئاستا-ئاستا يانداپ ئۆتۈپ كەتسە مايغا چىڭ دەسسەپ شۇ ماشىنىنى بىر يانداپ ئۆتۈپ كېتىش .ماشىنا يول بەرمەي ئالدىغا ئۆتۈۋالسا كەينىدىن .ئەينەككە قاراپ: "ھە ماڭە ،نەگە ماڭىسەن ،قانچىلىك ماڭىسەن ،ھۇ ئەقلى كەم ، تەربىيەسىز "دەپ غودۇڭشۇپ قويۇش

39.بىرەر داڭلىق شەخسنى كۆرسە دەرھال بېرىپ رەسىمگە چۈشۈش ھەم ئۇزۇن يىللىق دوستلاردەك سۆھبەت باشلاش ......
 

40.ئاممىۋىي ئابتۇبۇستا تېلاۇندا سۆزلىشىش ،قەلەم تاپالىسا ئالدىدىكى ئورۇندۇققا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قويۇش .بېكەتكە كەلگەندە ئىشىك ئېچىش سىگنال كۇنۇپكىسىنى باسمايلا شوپۇرغا "شوپۇر ئەپەندىم ئىشىكنى ئېچىڭ "دەپ توۋلاش .ئاساسەن ئىستانبۇلغا يېڭىدىن كەلگەنلەر ئاشۇنداق

41.يېشىل چىراق يېنىپ بولغۇچە كەينىدىكى ماشىنىلار سىگنالنى كۈچەپ بېسىش .ئىچىدە "ئۇخلاپ قالغانمىكى "دەپ غودۇڭشۇش

42.يول سورىسىڭىز تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ كېتىدۇ ياكى يېقىن بولسا باشلاپ ئاپىرىپ قويىدۇ.بەزىلەر بىلمىسىمۇ كاللىسىغا كەلگىنى بويىچە شۇنداققۇ دەيمەن سەپ كۆرسىتىپ قويىدۇ بىلمەيمەن دەيدىغانلار بەكمۇ ئاز

43.سۇ توك پۇلىنى ئەڭ ئاخىرىقى كۈن كەلمىگۈچە تاپشۇرىماسلىق ، ئەڭ ئاخىرىقى كۈندە ئۇزۇن قاتاردا سائەتلەرچە ساقلاپ تاپشۇرۇش .مەنمۇ شۇنداق


44.ھېيت بايرام ئالدىدا ياكى قار يامغۇرلۇق كۈنلەردە سودىلىقنى تازا جىق قىلىۋېلىپ بىر قانچە كۈن ئۆيدىن چىقماسلىق

45.ئاپتاپتا ياتقان مۈشۈكنىڭ بېشىنى سىلاپ قويۇش ، ئۇخلاۋاتقان ئىتقا قاراپ " ھەجەپ ئۇخلاپ كېتىپتۇيا ماۋۇ گۇي " دەپ ھەسەت قىلىش.يولدا دانلاۋايقان كەپتەرگە تاش ئېتىپ ياكى قوغلاپ ئۇچۇرۇپ ئويناش

46.توي قىلغانلار توي قىلغانلارغا " قەتئىي توي قىلما ، قەتئي ئالدىرىما " دەپ نەسھەت قىلىش

47.كىنوخانىدىن چىققانلار يېرىم سائەتكىچە كىنونى ئانالىز قىلىش ،يولدا ماڭغاندا ئاخشامقى مۇسابىقىدە  سەپ مۇسابىقىنى ئانالىز قىلىش

48.تاپانچىسى بارلار تاپانچىسىنى كۆرسىتىپ كۆز كۆز قىلىشقا ئامراق .چاقچاق قىلىپ دوستلىرىغا ئوق چىقىرىپ قويغانلامۇ باردەك

49.ماشىنا ھەيدەۋاتقاندا تونۇشلار ئۇچرىسا ماشىنىنى يانمۇيان توختىتىپ پاراڭلىشىش ،ئۇنداق قىلىش مۇمكىن بولمىسا قىسقا قىسقا سىگنال بېرىپ سالاملىشىش

50.ئۆي ئىچىنى بەك پاكىز چىرايلىق بېزەش ،شەخسى تازلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش .سىرتقا قالايمىقان ئەخلەت تاشلاش ، تاماكا قالدۇقىنى يەر تاللىماستىن ئېتىش ..........





مەنبەسى :كۆكلەم تورى ------ئارسلان بەگ
مەن چىنە-قاچا ساتىمەن

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   23.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4289
توردىكى ۋاقتى: 1270
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 21:56:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار سۆز ھەركەتلەر ئىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )