- تىزىملاتقان
- 2012-8-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5660
- نادىر
- 0
- يازما
- 447
ئۆسۈش
13.2%
|
تاپشۇرۇق ئىشلەپ بولالمىغان بالا
قوزام كېتىۋاتىسەن ،
ئۆزۈڭدىن يوغان سومكىنى يۈدۈپ .
ئېغىر يۈك كۆتۈرگەن ھاممال مىسالى ،
بەللىرىڭمۇ كەتكەم مۈكچىيىپ .
سومكاڭدا بار بۇرغۇن ئوقۇشلۇق ،
بولالمايسەن ھەممىنى كۆرۈپ .
قوزام كېتىۋاتىسەن ،
قانداقتۇر ئېغىر خىياللار سۈرۈپ .
ۋىجىك قوللىرىڭدا يېشىڭنى سۈرتۈپ .
ئوماق يۈزلىرىڭدە يوقتۇر تەبەسسۇم .
ئېيتقىنا ،
بالىلىقتىكى شوق ئويۇنلىرىڭ ،
كەتكەنمىدۇ سەندىن يۈز ئۆرۈپ !؟
كەل قوزام !
ياشلىرىڭنى قويايمەن سۈرتۈپ .
ياش تۆكمىگىن ، ماڭغىن شوق كۈلۈپ ،
تاپشۇرۇقلىرىڭنى ئىشلە تۈگىتىپ .
بىلگىن شۇنى ،
سەن بىر كارۋانسەن ،
باردۇر قەلبىڭدە گۈزەل ئارزۇلار ،
ئاتا - ئاناڭنىڭ ئارمانلىرى ھەم ،
ھەم باردۇر يەنە نۇرغۇن ئۈمىدلەر ،
ماڭماقتىسەن ھەممىنى يۈدۈپ ..........
مەنبە : ئۆزۈم
|
|