قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3299|ئىنكاس: 25

شۇڭقار كەبى چاغلار-(2) - قەيسەر مىجىت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

92

تېما

35

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   6.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 57
مۇنبەر پۇلى: 909
تۆھپە : 4389
توردىكى ۋاقتى: 255
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 09:18:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


شۇڭقار كەبى چاغلار-(2)

قەيسەر مىجىت


         مىنىڭ ئالى مەكتەپنىڭ بىرىنجى يىللىغىدا ئەڭ ياخشى كۆرگەن دەرسىم - ئالى ماتىماتىكا دەرسى ئىدى. بۇ دەرسنى ماتىماتىكا فاكۇلتىتىنڭ ئوقۇتقۇچىسى مەھبۇبە خانىم بىرەتتى، ئۆزى كەم سۆز ئەمما تەلەپچان ئىدى. ھەر تۈرلۈك دىففىرىنسىئال تەڭلىمىلەرنى يىشىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنى ئىگەللەش ئۈچۈن دەرسلىك  كىتاپتىن سىرت يەنە مەكتەپ كىتاپخانىسىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە  ئالى ماتىماتىكىغا ئائىت  خەنزۇچە ماتىرياللارنى ئارىيەت ئىلىپ كۆرەتتىم.
     ئوقۇش يىلىنىڭ ئىككىنجى مەۋسۈمىنىڭ ئوتتۇرلىرى بولسا كىرەك، كىتاپ كۆرۈۋىتىپ يىنىمدا "ئۇنىۋىرسىتىت ئېنگىلىزچىسى " دىگەن كىتاپنى كۆرۈۋاتقان خەنزۇ ئوقۇغۇچىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن بىر نەچچە سۆزنى ئوقۇپ بىقىشنى سورىدىم:
  ئۇ ئوقۇشقا باشلىدى.
- بىكاۋسى، ئېكسىكيۇزىمى.....
-بۇنى مەنمۇ ئوقۇياليامەن دىدىم ئۇنىڭغا. چۈنكى ئۇيغۇرچە يىڭى يىزىقنى ياخشى بىلىدىغىنىم ئۈچۈن چۈشەنمىسەممۇ ئۇ ئوقۇغان سۆزلەرنى ئۇلاپ ئوقۇپ بەردىم.
      ئۇنىڭغا مىنىڭ تەلەپپۇزۇم توغرا بىلىنىپ كەتتى (ياكى شۇنداق دەپ قويدىمۇ ئۇنىسى ماڭا نامەلۇم)
     ئېنگلىزچىنىڭ  -ھەرپلىرىنى ئوقۇش ئاسان ئىكەن، ئۈگەنسەم ياخشى ئۈگۈنۈپ كىتەلەمدىمەن نىمە؟ شۇنداق ئويلار بىلەن كەچتە ياتاققا قايتتىم.
       بەزىدە ساڭا ئۇچرىغان كىچىككىنە ئىشمۇ كىيىنكى ھايات يۆلۈنۈشىڭنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋىتىدىكەن. مۇبادا مەن مۇشۇ كىچىككىنە سەۋەپ بىلەن ئېنگىلىزچە ئۈگۈنۈشنى باشلىمىغان بولسام، بەلكىم شۇ تاپتا ئۈستۈناتۇش يىزىلىق ئىگىلىك باشۇرۇش فونكىتىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بولار بولغىيتىم.
      شۇ كۈنى سومكامنى قۇچاقلاپ ياتاقا كىرسەم، بىر نەچچە ساۋاقدىشىم -ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئەسقەر جاپپار، ( تىلىۋىزوردا پاي چىكى بىلىملىرى ھەققىدە لىكسىيە سۆزلەيدۇ) پەرھات قاھار (مەرھۇم يازغۇچىمىز قاھار جىلىل ئەپەندى بىلەن، مەرھۇمە سۆيۈملۈك شائىرىمىز تۇرسۇنئاي ھۈسەيىننىڭ پەرزەنتى -جانابى ئاللاھ ياتقان جايىنى جەننەتتىن قىلسۇن)  ،سادىجان سەلەي(ياۋروپادا ئولتۇراقلىشىپ قالدى)  باي ناھىيەسىدىن كەلگەن تۇرسۇن ئەلى(گىرمانىيەدە بىلىم ئاشۇرۇپ قايتىپ كەتتى ھازىر مالىيە -ئىقتىساد ئۇنىۋىرسىتىتىدا خىزمەتتە) قاتارلىق ساۋاقداشلار ياتاقتا ئۆزلىرى  قاتنىشىۋاتقان ئېنگىلىزچە كۇرسنىڭ دەرسلىرىنى تەكرارلىشىۋاتقان ئىكەن. مەن بىرىنجى يىلى خەنزۇ تىلىنىڭ ھۆددىسىدىن ئاران چىقىۋاتقاندىن كىيىن، بۇ كۇرسقا قاتناشمىغان ئىدىم. ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزلىرى قۇلىغىمغا شۇنداق سولۇن ئاڭلاندى. مەندە كىچىكىپ بولسىمۇ بۇ كۇرسقا قاتنىشىش ئىستىگى تۇغۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئەسقەر جاپپارغا "  يىڭى ئۇقۇم ئېنگلىزچىسى كىتاپتىن بىرنى ئالغاچ كەلگىن ئاداش" دەپ تاپىلىدىم  ۋە ئەتىسىلا ئەسقەر ئالغاچ كەلگەن ئىككى يۈەنلىك كىتاپنى ئىلىپ ئاللىقاچان يىرىملىشىپ قالغان كۇرسقا 15 يۈەن تۆلەپ كىردىم.  
       بۇ يەردە شۇنى تىلغا ئىلىپ ئۆتۈش ھاجەتكى شۇ چاغلاردا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ئىنتايىن جانلىق ئىدى. بۇ كۇرسنى شۇلار شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋىرسىتىتىدا ئېنگىلىزچە كەسپتە ئەلا ئوقۇپ ئۇنىۋىرسىتىت چەتئەل تىلى بۆلۈمىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان شۆھرەت ئىسىملىك مۇئەللىمنى تەكلىپ قىلىپ ئۇيۇشتۇرغان ئىكەن.
       بۇ تىلنى ئۈگۈنىش خەنزۇ تىلنى ئۈگۈنۈشكە قارىغاندا كۆپ ئوڭاي توختىتىدى. سەۋەبى بۇ تىلدا  سۆزلەر خۇددى ئۇيغۇر تىلىغا ئوخشاش چەكلىك ھەرپتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ 26 ھەرپنىڭ ئوخشىمىغان بىرىكىشىدىن ئوخشىمىغان مەنا ئىپادە قىلغىلى بولىدۇ. خەنزۇ تىلىغا ئوخشاش سۆز ئاھاڭىنىڭ ئۆزگىرىشچانلىق بولۇشىدەك (بۇنى تىلشۇناسلىقتا ئۆزگىچە كەسپى ئاتالغۇ بىلەن ئاتايدۇ)چەكلىمىسىگە ئۇچراپ كەتمەيدۇ. دائىملىق ۋە غەيرى دائىملىق پىېللارنىڭ ئوخشىمىغان زاماندىكى تۈرلىنىشىنى ياخشى ئىگەللىۋالغاندىن كىيىن يىزىش ۋە سۆزلەشتە كۆپ قىيىنچىلىق كۆرۈلمەيدۇ.
          كىيىنكى ئۈگۈنۈش جەريانىدا ماڭا تەسرەك تۇيۇلغىنى پىئلنىڭ ئىنىقسىز شەكلى بىلەن، گۇڭگىراق تۈسكە ئىگە قاراتمىلىق خۇسۇسىيىتى بار "ئارتىكىل" سۆزى زى نى توغرا ئىشلىتىش بولدى.  
      خوش، مەن ئەمدى ئاق-قارىنى پەرق ئەتكىلى باشلىغاندا ئوقۇش مەۋسۈمى  ئاخىرلىشىپ كۇرس توختاپ قالدى. لىكىن "سائەت توختاپ قالسا قالىدۇكى، ۋاقىت توختىمايدۇ" دىگەندىكىدەك، ئېنگىلىزچە كۇرس توختاپ قالغان بىلەن مىنىڭ بۇ تىلنى ئۈگۈنۈش ھەۋىسىم توختاپ قالمىدى. ئىسىمدە قىلىشىچە بۇ كىتاپتا 144 دەرس بار ئىدى. بۇ كىتاپنى 1960-يىللىرى ئەنگىلىيىلىك تىلشۇناش ل.گ. ئالىكزاندىر دىگەن كىشى تۈزگەن بولۇپ كىتاپ كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرنى ئۈگۈتۈشتىن باشلىناتتى. ئىسىمدە قىلىشىچە كىتاپنىڭ تۈزۈلۈشى مۇنداق ئىدى.   
     ئالدىنقى دەرس ئاددى سۆزلەر بولسا، كىيىنكى دەرس تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان سالام-سائەت سۆزىدىن تەركىپ تاپقان جۈملىلەر ياكى مۇنداقچە ئىيتقاندا قىسقا تىكست ئىدى.
      مەن يازلىق تەتىلدە توغرا بولامدۇ خاتا بولامدۇ ئۇنىڭ بىلەن ھىساپلاشماي، كۇرس تۈگىگىچە ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى -تىكىستلارنى يادلاپ چىقتىم.
بەزىدە ئىشلار مۇشۇنداق مىخانىكىلىق ھالدا باشلىنىدىكەن، ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ قىتىغا كىرگەندىن كىيىن، ئادەمنىڭ كاللىسى ئىچىلىدىكەن. تەلىيىمگە يارىشا شۆھرەت مۇئەللىم ئىككىنجى يىلىىنىڭ ئوقۇش مەۋسۈمىدە كۇرسنى داۋاملاشتۇردى، ئەمما 100-ئىنجى دەرسلەرگە بارغاندا ئاۋستىرالىيىگە كۆچمەنلىك ئىشى بىلەن جىددى بولۇپ قىلىپ دەرسنى داۋاملاشتۇرالمىدى. ئۇنىڭ دەرسىنى بۇرۇن ئېنگلىزچە ئۈگەنگەن دەرستە ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىسى داۋاملاشتۇرۇپ ئاخىرىنى چىقىرىۋەتتى. شۆھرەت مۇئەللىمنىڭ ماڭا قالدۇرغان تەسىرى چوڭقۇر بولدى، دەرسىنىڭ ئۈنۈمىمۇ يۇقۇرى بولدى. ئۇ دەرسنى بالىلارغا كۆيۈنۈپ بار ئىشتىياقى بىلەن سۆزلەيتتى. بىزنى بىرنىمە بىلسۇن دەيتتى. ..
       ئۇ چاغلادا نەدە ھازىرقىدەك تىل ئۈگۈنۈش مۇھىتى؟ نەدە ھەر خىل يۇمشاق دىتاللار، ئۇيغۇرچە ئېنگىلىزچە لۇغەتلەر؟ كومپىيۇتىرلار، ئايفونلار؟ ئېنگىلىزچە كىنولار؟
        بىز ئاساسلىغى ئۆز ھەۋىسىمىز، تىرىشچانلىغىمىزغا تايىنىپ  "پارتىزانچە" ئۇسۇل بىلەن ئۈگۈنەتتۇق. مەسىلەن، مەن قەيەردە " ئېنگىلىزچە كورنېر -" يەنى ئېنگىلىز تىلى ھەۋەسكالىرى سۆزلىشىدىغان سورۇن بولسا شۇ يەرنى ئىزدەپ يۈرۈپ، سۆزلەپ تۇرۇپ ئۈگۈنەتتۇق. (مەن ۋەتەندە بەزىلەرنىڭ يىلىغا ئون مىڭ ھەتتا قىرىق مىڭ كوي  پۇل تۆلەپ .ئېنگلىزچە ئۈگۈنىدىغانلىقىرىنى ئاڭلاپ شۇنداق ئويلىدىم". ياكى ئۇلار چىن دىلى بىلەن تىل ئۈگەنمەيدىغانلار، ياكى پۇلىنىڭ كۆپلىگىدىن نەگە خەجلەشنى بىلمەيدىغانلار)"مەسىلەن، ئۇنىۋىرسىتتىتىكى قايسى فاكۇلتتىتتا ئاشۇ سورۇن تۈزۈلىدىكەن، (ئاساسەن دىگۈدەك خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئورۇنلاشتۇراتتى) مەن ئىلاننى كۆرسەملا شۇ يەرگە باراتتىم. 89-ئىنجى يىلى ئۇنىۋىرسىتىت چەتئەل فاكۇلتىتى ئۇيغۇرچە  ئانا تىلدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلاردىن  مەخسۇس ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان بولۇپ ئاشۇ بالىلارمۇ  بۇ سورۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ تۇراتتى .ئۇ سورۇنلارغا كىرگەندە كۆڭلۈم يايراپ كىتەتتى. ئۇ سىنىپتا ئۆمەرجان ئىسىملىك بۈگۈردىن  كەلگەن، خۇش پىېىل، ئەقىللىق ھەم تىرىشچان بىر يىگىت بار ئىدى. ئارزىگۇل ئۆمەر، ئايگۈل ئىسىملىك دەرستە ئەلاچى بالىلار بار ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ سورۇنىغا بارغاندا قىزغىن پاراڭلارغا چۈشۈپ كىتەتتۇق. مەكتەپنىڭ سىرتىدا سانا'ئەت ئىنىستىتوتىنىڭ كىچىك بىر مەيدانىدا، قىزىل تاغ باغچىسىنىڭ ئىچىدە بۇ سورۇنلار بولۇپ تۇراتتى، مەن بىرىپ تۇراتتىم، سۆزلەپ تۇراتتىم، دىققەت قىلاتتىم، خاتالىغىمنى توغرىلايتىم، ئالغا ئىلگىرلەيتتىم.
        تىل ئالاقە قورالى بولغان ئىكەن ئۇنى ئىشلىتىشىڭ كىرەك، يەنى سۆزلىشىڭ، سۆزلەتكۈزۈشۈڭ كىرەك. ھىيىقىش، تارتىنىش بىلەن ئۇنى ياخشى ئۈگەنگىلى بولمايدۇ. ئاشۇ سورۇنلارغا ھەممە مىللەتتىن، ھەر خىل ئادەملەر كىلەتتى. مىنىڭ ئىسىمدە ئەڭ ياخشى قالغىنى تاشقى سودا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان  لاتاپەتلىك بىر قىز ئوقۇغۇچى (ئىسمى چىمەنگۈلغۇ دەيمەن) بىلەن تىببى ئۇنىۋىرسىتىتتىن كىلىدىغان قويۇق قاشلىق كۈرەش ئىسىملىك بىر ئوقۇتقۇچى ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئېنگىلىزچىسى ئىنتايىن ياخشى ئىدى.
       ئۈرۈمچىنىڭ ئىس-تۈتەككە تولغان ئايلىرى ئالمىشىپ فاكولتىتىمىز بىناسىنىڭ ئالدىدىكى ئورمانلار چىچەكلەرگە پۈركەنگەن يىلى يەنى خۇددى مەرھۇم شائىر ئابىز نازىرى (ئالاھ ياتقان جايىنى جەننەتتىن قىلغاي)يازغان  "چىچەك پەسلى" ناملىق

تۇرماپمىدى ئاخشاملا تېخى،

دەل-دەرەخلەر پوتلا چىقىرىپ.

مانا سەھەر باشقىچە ئالەم،

باغ يىتىپتۇ ھال رەڭ تۈس ئىلىپ.

كەلگىنىدە ۋاقتى-سائىتى،

چىچەك پەسلى گۈل چىراي ئاچتى.

كۈنى تۈگەپ قىش-قىرو پەسلى،

قەيەرگىدۇ يوقالدى قاچتى.


     دىگەن تەسۋىرلەر تەبىئەتتە قايتا ئۆز ئئپادىسىنى تاپقان، ئادەمگە زوق ۋە ئۈمىت بىغىشلايدىغان ئالى مەكتەپ ھاياتىمنىڭ 3-ئىنجى يىلى ئىككىنجى مەۋسۈمى باھار مەزگىلىدە  خەنزۇ ئوقۇغۇچىلاردىن ئىلىنىدىغان دۆلەتلىك 4- دەرىجىلىكلەر ئېنگىلىزچەسەۋىيە ئىمتىھىاندىن  ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتىتىدىن ئۆتكەن ئاز ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرسى ھەمدە تۇنجى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بولۇپ فاكۇلتىتنىڭ ئىچىدە چاڭ چىقىرىپ قويدۇم.  فاكۇلتىتتىكى خەنزۇ-ئۇيغۇر فاكۇلتىت رەھبەرلىرىمۇ بۇنىڭدىن خەۋەر تىپىپتۇ. ھازىر بەلكىم بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتۈش نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارغا ھىچ گەپ ئەمەس، ئەمما ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ ئىدى، "ئاز ئۇچرىغان نەرسە قىممەت بولىدۇ" دىگەن شۇ-دە!
         شۇ مەزگىلدە مۇشۇ ئمتىھاندىن ئۆتكەن  ساغلام بولغان  بالىلاردىن ئايرۇپىلان ئۇچقۇچىلىقىغا ئادەم تاللىدى.
     بۇ ئمتىھاندىن ئۆتكەن فىزىكا فاكۇلتىتىدا ئوقۇۋاتقان ئۈرۈمچىدىن كەلگەن بوي-تۇرقى مەنچىلىك بولغان ئەكبەر ئىسىملىك يىگىت ئىمتىھان بەردى ۋە ئۇچقۇچىلىققا تاللاندى.
    مىنىڭ بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىگىمنى فاكۇلتىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئابدۇللا غوپۇر مۇەللىم، ۋە ياخشى ئوقۇيدىغان بالىلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغان ئقتىدارلىق ئوقۇتقۇچى ئابلىكىم ھەسەن مۇەللىم ئالاھىدە تەبرىكلىدى.
    ئۇ چاغلاردا فاكۇلتىت ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى چوقۇم ئۇيغۇردىن بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن شۇ يىللىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى سايلىمىدا كۆپچىلىك مىنى رەئىسلىككە سايلاشتى.
     مەن ئۇنداق سايلىنىپ قويۇپلا چۆكۈپ كىتىدغانلاردىن ئەمەس ئىدىم. ئوقۇغۇچىلارغا ئەمىلى ئىش قىلىشنى "قانداق قىلىپ ئوقۇغۇچىلاردا ئاكتىپ ئۈگۈنۈش قىزغىنلىغىنى تىكلىگىلى بولىدىغانلىغى ھەققدە ئىزدەندىم. ئاۋال  فاكولتىتتا ئۇيۇشمىنىڭ گىزىتىنى چىقاردۇق، خەتتاتلىقنى بىزنىڭ سىنىپتىكى كىرەم گايىت بىلەن 90-يىللىق سىنىپقا خوشۇتتىن كەلگەن ئەخمەت ئۈستىگە ئالدى. ئۇنىڭغا مەن ئۆزۈم ئېنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغان مەشھۇر ئىقتىسادشۇناس -جون ماينارد كېينىسنىڭ "ئىىقتىسادشۇناسلىق دىگەن نىمە" دىگەن ئەسەرنى بەردىم. ئارقىدىنلا مىللى سىنپىلار ئارا "كىتاپ ئوقۇش مۇسابىقىسى "، نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىىسى ئۆتكۈزدۇق. بۇنىڭ فاكۇلتىتتا ۋە مەكتەپتە ئاز-تولا تەسىرى بولغان بولسا كىرەك، ئەركىنجان روزىنىڭ كەينىدىن ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىگە رەىس بولۇپ سايلانغان كورلىدىن كىلىپ جۇغراپىيە 87-يىللىق سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ئەنۋەر راخمان بىر كۈنى مىنى ئىزدەپ كەپتۇ.
-مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۈگۈنۈش بۆلىمىنى تۇتۇپ بەرگەن بولسىڭىز.
       مەن ئۇنىڭغا ئوقۇش ۋە فاكۇلتىتتىكى ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىمدىكى ئالدىراشچىلىقنى ئىيتتىم. ئۇمۇ  ئۈقۇغۇچىلار  بىرلەشمىسى ئۈگۈنۈش بۆلۈمنىڭ خىزمىتىنى جانلاندۇرۇشنىڭ بالىلارنىڭ ئۈگۈنۈش قىزغىنلىغىنى ئاشۇرۇشقا پايسىسى بولىدىغانلىغنى ئىيتتى.
      مەن ئەنۋەرگە بىر نەچچە ياراملىق ئوقۇغۇچىنى ئۈگۈنۈش بۆلۈمگە ئەكىرىشىمگە ۋە ئىشلاردا ئۇنىڭ كۈچ چىقىرىپ قوللىشى لازىملىغىنى ئەسكەرتىپ  ئاندىن ئۇنىڭ تەكلىۋىگە  قوشۇلدۇم.
       شۇنىڭ بىلەن 1991-يىلى سىنـەبىردە مەن ئۇقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ئۈگۈنۈش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىقىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالدىم، ماتىماتىكا فاكۇلتىتىنىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىسى ئابدۇقادىر بەكرىنى (ئابدۇقادىر بەكرى-ھازىر ىىزا ئىگىلىك ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ ستاتىستىكا پەنلىرى بويىچە دوتسنت بولۇپ، تەشكىللەش ئىقتىدارى كۈچلۈك) مۇئاۋىن بۆلۈم مەسۇلى قىلىش تەكلىۋىنى بەردىم ھەمدە تۇرغۇن ئابدۇرىھىم،
     ئەخمەت قاتارلىق ساۋاقداشلارنى ئوقۇغۇچى كادىر قىلىپ قوبۇل قىلدىم. چۈنكى، ئۇنىۋىرسىتىت ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ستودىنتلارنىڭ ھاياتىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاكتىپ ۋە قىزغىن بولۇشى ۋە ياكى، پاسسىپ ھەم پالەچ بولۇشىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بىرىدىغان تەسىرى ئۇخشاش بولمايدۇ. مەن بۇ ھەقتە ئەينى چاغدىكى جانلىق كەيپىياتنى تەسۋىرلەپ يازغان مۇشۇ  ناملىق ماقالىنىڭ ئۈچىنچىسىدە توختىلىدىغان بولغاچقا بۇ يەردە كۆپ توختالمايمەن.
       بىرلەشمىگە كىرگەندىن كىيىن بىز كۆڭۈل بۆلگەن بىر مۇھىم خىزمەت- ھەر خىل چەتئەل تىللىرى كۇرسىنى ئىچىش بولدى.  رۇس، ئېنگلىز، ياپۇن تىللىرىدىن كۇرس ئاچتۇق. مەن كۇرسنىڭ ئىلانىنى يىزىپ تەييارلاپ بىرەتتىم. ئىلاننىڭ جەلپكار بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى ئالدى بىلەن كىشى روھىنى ئۇرغۇتىدىغان شىېر بىلەن باشلايتتىم. ئەخمەت  ۋە كىرەم ئۇنى  جان پىدالىق بىلەن لۇزۇنكا يازىدىغان قەغەزدىن بىر نەچچىگە چىرايلىق خۇشخەت قىلىپ كۆچۈرۈپ باشقا كادىر بالىلار بىلەن قىز-ئوغۇللار ئاشخانىسىنىڭ ۋە ياتاقنىڭ ئالدىغا چاپلايتتى.
          ئابدۇقادىر - فىزىكا فاكۇلتىتى ئوقۇغۇچىلىرى ياتىدىغان بىناغا جايلاشقان ئوقۇغۇچى كادىرلار ياتىغىدا مەخسۇس تىزىملاتقىنى كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاپ مەۋسۇملىقىغا 15 يۇەندىن پۇل ئالاتتى. مەن پۇلنىڭ ھىساۋاتىنى ئىنىق ئىلىپ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى مالىيەسىگە تاپشۇراتتىم. بۇ پۇللارنى بىرلەشمە ھەر خىل پائالىيەتلەرگەجۈملىدىن نورۇز پائالىيىتىگە ئىشلىتەتتى.
      شۇ چاغدا ئەينى چاغدىكى ئۆلچەم بويىچە تىل ئوقۇتقۇچىلىرىغا 80 يۈەن مۇئاش بىرەتتىم. ئېنگلىزچە كۇرسقا بولغان ئىھتىياج توغرىسىنى ئىيتقاندا قىزىقىش يۇقۇرى بولغانلىتىن ئۇنىڭدىن بىر نەچچە سىنىپ ئاچاتتۇق. دەسلەپكى كۇرس ئاچقان ۋاقىتتا بىرسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتىتىدا ئىشلەيدىغان بىر ئوقۇتقۇچىغا دەرس ئۆتۈش پۇرسىتىنى بەردىم. دەسلەپتە ئۇنىڭغا 40 نەپەر ئوقۇغۇچىنى تەقسىم قىلدىم. مەۋسۈم ئاخىرىدا ئىستاتىستىكا قىلسام  ئاران 5 دەك ئوقۇغۇچى قاپتۇ.
        ئۇ ئوقۇتقۇچى مەن ئوقۇغۇچى، لىكىن توغرىلىق ھەممىنى بىسىپ چۈشىدۇ.  مەن ئىشىنىپلا قالماستىن بەلكى مەسۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلار تىپىدىكى ئادەم بولغاچقا يەنە بىر مەۋسۈمدە ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ  دەرس ئۆتۈش ھەققىدىكى تەلىۋىنى رەت قىلىپ ئۇنىڭغا دەرس بەرمىدىم. بەلكى ئۆزۈم دەرس ئۆتۈشنى باشلىدىم.
     مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار قوغداش ئەترىتىنى ئىدارە قىلمىش بۇ كىشى شۇ سەۋەپ قوسىغىدا غۇم ساقلاپ يۈرۈپ مەن ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىلى "سورۇن ھازىرلاپ توغرىسىنى ئىيتقاندا توزاق قۇرۇپ مەندىن ئۆچىنى ئىلىۋالغانمۇ بولدى،مەن ئۇنداق بىرسى ئوڭ كاچىتىمغا سالسا سول كاچىتىنى تۇتۇپ بىرىدىغانلاردىن ئەمەس بەلكى بىھۇدە ھۇجۇم قىلغۇچىغا پۇرسەت پىشىپ يىتىلگەندە ئىككى كاچات سالىدىغانلاردىن بولغاچقا مەن مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بولۈپ قالغاندىن كىيىنكى بىر سورۇندا ئۇنىڭ ئەينى چاغدا رەزىللىك قىلغىنىنى ئەسلىتىپ ئۇنىڭ چىرايىنى ئۆڭدۈرىدىغان مۇنۇ گەپنى-يۈزىگىلا ئىيتتىم:
      -ئاپشاركىلىرىڭنى ئىلىپ كىلەمسەن يەنە بۈگۈن؟
       بۇ گەپلەرىنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشۈمدىكى سەۋەپ - ئۇ ئىشلار مىنڭ قايناق ئالى مەكتەپ ھاياتىمنىڭ بىر قىسمى بولغاچقا بىر تەرەپتىن ئۇنى سىغىنىش ئىچىدە ئەسلەش يەنە بىر تەرەپتىن مەنپەئەتلا بولىدىغان يەردە زىددىيەتنىڭ بولۇپ تۇرىدىغانلىغىنى، توغرا-خاتانىڭ ھامان مەۋجۈت بولىدىغانلىغىنى بىسىمدىن چۆچۈپ كەتمەي، توغرا ئىشتا چىڭ تۇرۇش لازىملىغىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئەسكەرتىپ قويۇشتۇر.  
      شۇنداق قىلىپ مەن -ھىلىقى تەخمىنەن 4 يىل بۇرۇن ئاتۇشى شى دەپ يۈرگەن بالا، ئالى مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىغا كەلگەندە ستودىنتلارغا ئېنگلىز تىلى ئۆتىدىغان مۇئەللىم بولۇپ قالدىم دىسە. مەن 1994-يىلى سنتەبىردىن 1995-يىلى يازغىچە ئاسپىرانتلىقنىڭ بىر يىلىنى شاڭخەيدە ئۆتكۈزگەن  مەزگىلنى ھىساپقا ئالمىغاندىن باشقا تاكى 1997-يىلى يازغىچە بولغان ئارىلىقتا مەكتەپ ئىچىدە ئېنگلىز تىلىدىن كۇرس ئىچىپ خىلى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتتۇم. ئوقۇغۇچىلار ئاساسلىغى ئۇنىۋىرسىتىتتىكى ستودىنتلار بولغاندىن سىرت يەنە سەنەت ئىنستىتوتى، مىللى شىپاخانا ۋە جەمىيەتتىكى ئايرىم سودىگەرلەردىن ئىدى. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە ئىسىمدە قالغانىرى كۆپ بولۇپ  ھەممىسىنىڭ ئىسمىنى  ئيتىپ بولالمايمەن. ياخشى يىرى - كۇرس ئاخىرلاشقاندا بالىلار بىلەن خاتىرە رەسىمگە چۈشەتتۇق، شۇ رەسىملەر ھازىرمۇ ئاتۇشتىكى  چوڭ ئۆيدە بار.
        مەن ئېنگلىز تىلىنى ئۆتكەندە جانلىق ۋە جەلپكارلىق قىلىپ ئۆتەتتىم. تونۇشۇم ياكى يىقىنىم دىمەي تەلەپنى قاتتىق قوياتتىم سىنىپتىن كۈلكىلەر ئۈزۈلمەيتتى.  
       (ئۆزەمنىڭ خەنزۇ تىلى جەھەتتىكى ئەمىلى يۇمۇرۇم بولغاچقا چاقچاقلارمۇ كىلىپ تۇراتتى.) ئىشقىلىپ ئوقۇغۇچىلارمۇ دەرسىمگە ئامراق ئىدى، مەنمۇ ئۇلارغا كۆيۈنۈپ، قىزىقچىلىق قىلىپ دەرس ئۆتەتتىم. مەن ئاچقان تۇنجى كۇرستا ئوقۇغان بالىلاردىن 90-يىللىق فىزىكا فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان كۇچاردىن كەلگەن ئابدۇرىھىم ئامىرىكىغا دوكتۇرلۇق ئوقۇغىلى كەلدى. ئىگىلىك باشقۇرۇش 91-يىللىق سىنىپتىن  ئۆمەرجان ھەسەن ياپۇنىيدە دوكتۇرلۇقنى ئىلىپ قايتىپ كىتىپ  بىر ياراملىق ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئۇنىۋىرسىتىتتا ئىشلەۋاتىدۇ. بۇ ئىككىسى بىلەن بوستۇندا كۆرۈشتۈم. قىز ئوقۇغۇچىلاردىن ئىسىمدە قالغىنى داڭلىق كىنو ئاۋازى ئارتىسى ئابدۇرخمان ئەسەت ئاكىنىڭ قىزى رىزۋانگۈل ۋە يەنە ھازىر خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا ئىشلەيدىغان گۈلباھار ئىسىملىك تىرىشچان قىزلار بار ئىدى.
        بۇ يەردە دەرس خاتىرىسىدىن بىر-ئىككىنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم.  
      ئىگىلىك باشقۇرۇش 90-يىللىق سىنىپنىڭ بۆرتالادىن كەلگەن ئەلاچى ئوقۇغۇچىسى -تۇرغۇن ئابدۇرىھىممۇ مەن يىتىشتۈرگەن ئۈگۈنۈش بۆلۈم كادىرى  ھەم مىنىڭ تۇنجى ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ بىرى ئىدى. بىر قىتىملىق دەرستە ئۇنىڭدىن دەرس سورىسام ئۈگەنمەي كەپتۇ.
-  ئەمىسە ۋەزىپەڭنى ئادا قىلمىغانلىغىڭ ئۈچۈن جازانىڭ ئورنىدا دوسكا ئۆچۈر دىدىم چاقچاق ئارىلاش ۋە دەرستىن كىيىن ئۇنىڭغا  بۇ تىلنى تىرىشىپ ئۈگۈنۈشنىڭ پايدىسى ھەققىدە سۆزلەپ رىغبەت بەردىم. ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كىيىن تۇرغۇن، بۇ تىرىشچان ئەقىللىق بالا -ئېنگىلزچىنى ياخشى ئىگەللەپلا قالماستىن بەلكى كۇرس ئىچىپ ئادەم تەربىيلىدى. ئاڭلىشىمچە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۇنىڭ جىنىغا ئەسقاتقىنى مۇشۇ  ئېنگلىز تىلى بوپتۇ. تىخى بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ ماڭا يازغان سالام خېتىدە دوسكا ئۆچەرتكۈزگەن ئىشىمنى ئەسلىتىپ ئۆزىگە غەيرەت ۋە ئىلھام بەرگىنىمگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپتۇ، يەنى ئادەمنىڭ ياخشىسىنىڭ كۆڭلىنىڭ خاتىرىسى پاك ۋە ئەينەن بولىدۇ.  
     مەن دەرس ئۆتكەندە چاقچاقنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆيۈملۈك قىلىقلىرىغا باغلاپ  قىزىقچىلىق پەيدا قىلىپ ئۆتەتتىم. چۈنكى تىلنى ئازادە ۋە دوستلۇق كەيپىياتىغا تولغان مۇھىتتا ئۈگەنگەندە ئۈنۈمى ياخشى بولاتتى.
       قايسى بىر يىلى مىللى شىپاخانىدىن ئەخمەت ئىسىملىك قاشلىرى مىنىڭكىگە ئوخشاش قويۇق بىر دورىگەر بالا كىلىپ ئوقۇدى. ئۇنىڭ ئۈگۈنۈش قىزغىنلىغى ئۈستۈن ئىدى. مەن ئۇنى "ئەخمەدشاھ قاراقاش" دەپ ئاتىدىم. پات-پات دەرستە چاقچاققا كەلتۇرۇپ تۇراتتىم، بالىلارمۇ تىلىقىپ كۈلەتتى، ئەخمەد ئۆزىمۇ ھوزۇرلىنىپ  خوشال بولۇپ كىتەتتى. بىر چاغدا دەرستە ئۇنى چاقچاققا قوشماي قاپتىمەن، قارىسام ئۇ سەل بۇرۇختۇم بوپ قالغاندەك كۆرۈندى، شۇنىڭ بىلەن مۇنداق چاقچاق قىلدىم:
-قاراڭلار بالىلار، چارشەنبە دەرستىن چۈشكەندىن كىيىن ئەخمەدشاھ قاراقاش مىنى توختاڭ مۇەللىم گىپىم بار دەيدۇ.
. -ھە سۆزلە دىسەم، ئوقۇش پۇلى 60 كوينى يەنە تۆلىسەممۇ تۆلاي، سادىغاڭ كىتەي مىنى سىنىپتا چاقچاققا قىتىۋىلىڭ دەيدۇ.
      شۇنىڭ بىلەن سىنىپتىن يەنە بىر كۈلكە كۆتۈرۈلدى، قارىسام قىزلار ئۇنىڭغا قاراپ كۈلگىلى تۇرۇپتۇ، ئەخمەدكە مىنىڭ چاقچىغىم ياقتىمۇ ياكى ساۋاقداشلارنىڭ ئۇنىڭغا ئاغدۇرغان نەزىرىمۇ، ئۇمۇ قولىنى ۋاي ئۇنداق ئەمەس دىگەندەك مەنىدە قىلىپ پۇلاڭشىتىپ كۈلۈپ ئولتۇرۇپ كىتىپتۇ. تىخى ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا سەھىيە نازارىتى ئۆمىگىنىڭ قاتارىدا ئامىرىكىغا كەلگەن ئەخمەد نېۋ جېرسي ئىشتاتىدىن تىلىفۇن قىلىپ كۆرۈشتى، ئۇنىڭ ئادىمىگەرچىلىگىدىن سۆيۈندۈم،  ئەمما ۋاقتى قىس بولغانلىقتىن بىز يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىدىم. مەندە دەسلەپتە ئېنگلىزچە ئوقۇغان بالىلاردىن كورلىدىن كەلگەن ھېزىمجان، ، ئابلىز دىگەن بالىلار بولىدىغان. ھېزىمجان ،  ۋە يەنە خىمىيە فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان پاتىگۈل ئىمىن ئىسىملىك قىز  
     ھازىر كاناداغا كۆچمەن بوپ يەرلىشىپتۇ. ئابلىز ئۇنۋىرسىتىت قانۇن فاكۇلتىتىدا غوللۇق ئوقۇغۇچى بولۇپ ئىشلەۋىتىپتۇ.
     مەن ئاشۇ قىران چاغلارنى ئەسلىگىنىمدە قاينام-تاشقىنلىقا، قىزغىنلىق ۋە ئۈمىتكە تولغان ئاشۇ چاغلارنى ئەسلەيمەن، ھەر بىر ئوقۇغۇچۇمننىڭ سىماسىنى ئەسلەشكە تىرىشىمەن. ئۇلارنى سىغىنىمەن. بەلكىم ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بالا-چاقىلىق بولۇپ، جەمىيەتنىڭ غوللۇق ئادەملىرىگە ئايلانغاندۇر.  مەيلى مەن نەدە بولاي، ئەينى چاغدا مىنىڭ كۇرسىمغا كىرگەن ھەر بىر سۆيۈملۈك ئوقۇغۇچۇمغا ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە بەختلىك تۇرمۇش، خاتىرجەملىك ۋە گۈزەل كىلەچەك تىلەيمەن!
      مۇبادا ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى يىقىن كەلگۈسىدە  ياكى كىلەچەكتە بوستۇندىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىلىپ قالسا ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالىمەن! چۈنكى، مىللەتنىڭ كەلگۈسى -تىرىشچان، ئۈمىتۋار، سەمىمى ۋە مىھىر-مۇھەببەتكە تولغان ئادەملەردە، ھەمدە  ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىدە!

باشقىلار گېپىنى

6

تېما

1

دوست

2924

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8963
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى: 395
تۆھپە : 679
توردىكى ۋاقتى: 782
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 14:18:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەيسەر مىجىت مۇئەللىم، تېنىڭىز سالامەت بولسۇن، شۇڭقاردەك ياشاڭ!
            يازمىڭىزنىڭ 2- بۆلىكىنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم. مەن كۆپ ئۇزۇق ئالدىم، شۇنداقلا ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىڭىز بىلەن ئۆزەمنىڭ ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمنى سېلىشتۇرۇپ ئاز بولمىغان چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇم. راست گەپنى قىلسام، سىز ئوقۇغان دەۋر تۈزۈم جەھەتتە ھازىقىدىن كۆپ ئىلغاركىنتۇق.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

باشقىلار گېپىنى

6

تېما

1

دوست

2924

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8963
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى: 395
تۆھپە : 679
توردىكى ۋاقتى: 782
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 14:25:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ئالىي مەكتەپلەردە (مېنىڭچە) ئۆگىنىش قوراللىرى تولۇق، ئەمما ئازادە كەيپىيات شەكىللەندۈرۈدىغان تۈزۈم كەم؛ ئوقۇغۇچىلاردا ئۆگىنىش قىزغىلىقى يۇقىرى، ئەمما ئىلھامغا ئېرىشەلمەيدۇ.

باشقىلار گېپىنى

6

تېما

1

دوست

2924

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8963
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى: 395
تۆھپە : 679
توردىكى ۋاقتى: 782
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 14:37:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنزۇ تىلى ئۆتكىلى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى تەشۋىشكە سالىدى، مۇشۇ سەۋەبلىك دىققەت چېچىلىپ بىلىم ئۆگىنىش ئىشى ئېتىباردىن قالىدى. چۈنكى خەنزۇ تىلى = خىزمە، ھەرگىزمۇ بىلىم = خىزمەت ئەمەس. خەنزۇ تىلىمۇ بىر بىلم ئورنىغا ئۆتتى، بۇ دەۋردە ئۇنىڭدىن باشقىسى بىكار بولدى. بىلىم ئۆزگە تىلغا يەم قىلىۋېتىلدى.  ئەقىل ئەقەللىي جان بېقىش ئىستىكىگە بويسۇندۇرۇلدى. تەپەككۇر تاماق يېيىش نۇقتىسىدا توختىدى.
          كەسىپ ۋە ئەخلاقتا ۋايىغا يەتكەنلەرنىڭ تولىسى ئەمەلخۇمار قىلىۋېتىلدى.

باشقىلار گېپىنى

6

تېما

1

دوست

2924

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8963
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى: 395
تۆھپە : 679
توردىكى ۋاقتى: 782
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 14:53:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
           «تىرىشقاندىلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ» بۇنى ھەممە ئادەم  (ئوقۇغۇچى) بىلىدۇ، ئەمما بۇ ھەقتە تەجرىبە ئېلىپ بارىدىغانلار  تولىمۇ ئاز. بۇ زادىى نېمە ئۈچۈن؟ ھەر ئادەمنىڭ مۇۋەپپقىيەت چۈشەنچىسىدە بەكلا چوڭ ئوخشىماسلىقنىڭ بارلىقىدىمۇ؟
          ئەينى چاغدا 60 نومۇر مەن ئۈچۈن بىر مۇۋەپپەقىيەت ھېسابلانغانىدى. ئەمما، بۇ 60 نۇمۇر ھاياتىمنى ئۆزگەرتكىدەك ئامىلمۇ ئەمەس ئىدى. ھازىر ئويلىسام شۇچاغلاردا مەن ئۈچۈن ئەڭ زور غەلبە ھېسابلىنىدىغىنى ئىمتاھاندىن ئۆتۈش، يەنى ئەڭ تۆۋە ئۆلچەمدە بولسىمۇ ئۆتۈش بوتىكەن.
    

1

تېما

4

دوست

2673

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6786
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 253
تۆھپە : 678
توردىكى ۋاقتى: 380
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 14:53:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەرنىڭ ئەينى چاغدىكى ئۆگىنىشكە تۇتقان يولۇڭلار بىز ئۈچۈن ماياك بولغۇسى.يازمىلىرىڭىزغا رەخمەت.

0

تېما

0

دوست

565

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8458
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 124
تۆھپە : 89
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 16:46:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام قەيسەر ئاكا:
ئوبدان تۇرۇۋاتامسىز؟ ۋەتەننى، قېرىنداشلىرىڭىزنى سېغىنىپ يازغان ئىلھامبەخىش يازمىڭىزنى ئوقۇپ، ئۆزۈمنىڭمۇ ئالىي مەكتەپ ھاياتىم ئېسىمگە كىلىپ قالدى.
ھازىر پۈتۈن دۇنيا مائارىپى، ئىقتىساد، سانائەت، مەدەنىيىتى بۇرۇنقىغا قارىغاندا زور دەرىجىدە رىقابەتكە تولۇپتۇ. 10 يىل بۇرۇن، تەرەققى قىلغان ئەللەردە ياشىغانلار، كۆپ تىل بىلگەنلەر ئۇچۇر ئارتۇقچىلىقىنى نامايەن قىلىپ، خەلقئاراۋى رىقابەتتە بەلگىلىك ئۈستۈنلۈككە ئېگە بولغان بولسا، ھالا بۈگۈنكى كۈندە ۋەتىنىمىز بىلەن  خەلقئارانىڭ ھەرساھەدىكى پەرقىمۇ بارغانسىرى ئازلاۋېتىپتۇ.
ئېنتېرنېت ئۇچۇر ئەۋزەللىكى پۈتۈن دۇنياغا باراۋەر بولغانلىقتىن، بۇندىن كېيىنكى رىقابەتتە بىلىم، ئىجادىيەت، ئېسىل كىشىلىك خاراكتېردا ئۆز ئىپادىسىنى گەۋدىلەندۈرىدېكەن.
تۈزۈلمە... قاتارلىق چوڭ ئامىللار شەخس تەرەققىياتى ۋە بەخت-سائادىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئېنىق. ھالبۇكى شۇ تۈزۈلمىمۇ، باراۋەر، مۇكەممەللەشكەن قانۇن-تۈزۈممۇ كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن روياپقا چىقىدۇ. ئۇنىڭ روياپقا چىقىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇش، ھەممىنى ئۆزى ئىلاج قىلالمايدىغان ئامىللارغا ئارتىپ قويۇش توغرا ئەمەسكەن.
ئەتراپىمىزدا بىلىم ئېگەللەيدىغان، پەزىلەت، ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرىدىغان پۇرسەت كەم ئەمەس. ھازىر ئاڭلىسام ئۈرۈمچىدە كۆپ تىل بىلىدىغانلار خېلىلا كۆپىيىپتۇ.
ھەرقانداق چاغدا تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەندە قىممەت تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭلاشقا تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتكەنلەر يەنە بىر بالداق ئالغا بېسىشنى نىشان قىلىشى زۆرۈر ئېكەن.
ئالغا باسماسلىق ھالاك بولۇش.
بىر دۆلەتنىڭ ئۇنۋېرسال تەرەققىياتىغا ئوخشاش بىر مىللەت ۋە شەخسمۇ ئىقتساد، مەدەنىيەت ۋە مەلۇم بىلىم-تېخنىكا ساھەسىدە يادرولۇق ئەۋزەللىكىگە ئېگە تەڭپۇڭ يىتىلىشى، شۇنداقلا بىلىم-تېخنىكا خالىغان سانائەت-ئىشلەپچىقىرىش، ئىجتىمائى تۇرمۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلىنىشى زۆرۈركەن.
بىلىم مۇھىم، بىلىمدىن ماددى-مەنىۋى نەتىجە ياراتقۇزۇش، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش تېخىمۇ مۇھىمكەن.  
ئىلھامبەخىش ماقاللىرىڭىزغا ھەرقاچان تەشنامىز. ئامان بولۇڭ.

2

تېما

16

دوست

4691

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   89.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7263
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 785
تۆھپە : 902
توردىكى ۋاقتى: 863
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 18:52:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىلارغا ئۇلاپ ئامېرىكىدىكى ئىش -پائالىيەتلىرىڭىز، ئەتراپىڭىزدىكى ئىش- ۋەقەلەر ، كىشىلەر، شۇ جايلاردىكى سىز ئۇچراشقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ  ئەھۋالىنى چۆرۈدىگەن ھالدا ۋاقتىڭىزنىڭ يىتىشىچە بىز بىلەن پىكىرلىشىپ تۇرىشىڭىزنى ، بۇ توغرىسىدا يازما  يېزىپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )