ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كەتتىڭىزمۇ يوق؟
ئۆزىڭىزنىڭ ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كەتكەن- كەتمىگەنلىكىڭىزگە قانداق ھۆكۈم قىلالايسىز؟دۆلىتىمىزدە << ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كىتىش >> كە تۆۋەندىكىدەك 10 خىل سېگنال ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىنىۋاتىدۇ؟.
1.بالدۇر يوغان قورساق سېلىش .
2.چاچ چۈشۈش ،بالدۇر تاقىرباش بوپ قېلىش .
3.ھاجەتخانىغا كۆپ بېرىش .
4.جىنسىي ئىقتىدارى چىكىنىش .
5.ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى ئاجىزلاش ، يېقىن ئادەملىرىنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قېلىش .
6.كۆڭۈلدە ھېساپلاش ئىقتىدارى بارغانسىرى ناچارلىشىش .
7.ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارغا پۇشايمان قىلىش .ئاسان تىرىكىش،ئىچى تىتىلداش ،ئۈمىدسىزلىنىش ،ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونتۇرول قىلالماسلىق .
8.دىققىتىنى يىغالماسلىق ،زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى بارغانسىرى ئاجىزلاپ كېتىش .
9.ئۇخلاش ۋاقتى بارغانسىرى قىسقىراش ،ئويغانغاندا ھارغىنلىق ھېس قىلىش .
10.دائىم باش ئاغرىش ،قۇلاق غوڭۇلداش ،باش قېيىش ،تەكشۈرۈتسە ھېچنىمە چىقماسلىق .
ئادەتتىكى ئەھۋالدا ،يۇقىردا كۆرسىتىلگەنلەردىن ،ئىككى خىل ياكى ئىككى خىلدىن تۆۋەن ئالامەتلەر كۆرۈلسە ،<< سېرىق چىراق>> يېقىلغان ئاگاھلاندۇرۇش مەزگىلى ھېساپلىنىدۇ .بۇنىڭدىن بەك ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق . يۇقىردا كۆرسىتىلگەنلەردىن 3تىن 5كىچە ئالامەتلەر كۆرۈلسە ،ئۇ بىر قېتىملىق قىزىل چىراق يېقىلغان ئالدىن بىشارەت بېرىش مەزگىلى بولۇپ ، << زىيادە چارچاپ كېتىشنىڭ ئالامەتلىرى >> كۆرۈلدى دېگەننى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . 6 خىلدىن ئارتۇق ئالامەتلەر كۆرۈلسە ، ئۇنداقتا سىزنىڭ خەتەرلىك مەزگىلدە تۇرغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . بۇنداق بولغاندا چوقۇم ئارام ئېلىشقا، كۈتۈنۈشكە دىققەت قىلغايسىز .
- تۇرسۇن مۇسا تەرجىمىسى .
<< ھاياتلىق ژورنىلى >> 2013.يىللىق 1. ساندىن ئېلىندى .
|