قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3425|ئىنكاس: 23

روزى سايىتنىڭ ئېلان قىلىنمىغان شېئىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

3027

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6863
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 478
تۆھپە : 615
توردىكى ۋاقتى: 153
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 11:10:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى مەن بۇرۇن تور ئارىلاۋېتىپ قايسى مۇنبەردىن ساقلىۋالغىنىم ئىسىمدە يوق شۇڭا بۇ يەردە مەنبەنى ئەسكەرتىشكە ئامالسىزمەن. ئەسلى تىمىنى ئەينى بويىچە بۇ يەرگە يوللىدىم.

بۇ شېئىرنى دادام(چوڭ موللا-زەيدىن) مەرھۇم شائىر روزى سايىت بىلەن بىرگە يېغىنغا قاتنىشىۋاتقاندا خاتىرىسىدە كۆرۈپ ساقلىۋالغان ئىكەن، مەن دادامنىڭ خاتىرىسىنى كۆرىۋېتىپ بۇ شېئىرنى ئۇچرىتىپ قالدىم،ھەم شېئىرنىڭ تارىخى ئارقا كۆرىنىشىنى دادامدىن سوراپ بىلىۋالغان دىن كېيىن دادامنىڭ رۇخسىتى بىلەن تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا سۇندۇم.


ئەپسانىدىن تۆرەلگەن ئەپسانە
روزى سايىت

مەن بۇ گەپنى ئاڭلىغان،
پاراڭچى بىر كىشىدىن.
قىززىقچىلىق بولسۇن دەپ،
سۆزلەپ بەردىم بېشىدىن.

پۈتمىسەڭلەر گېپىمگە،
ئەپسانە دەپ يالغان دەپ.
ئۆزەمگىلا قېپقالسۇن،
تەتۈر قوشاق قاتقان دەپ.

ئانچە چوڭ ئىش ئەمەس ئۇ،
ھەيران بولۇپ يۈرگىدەك.
(ئەمما خېلى ۋەزنى بار،
قېنىپ-قېنىپ كۈلگۈدەك).

ئۇ چاغلاردا تۆگىنىڭ،
بۇيى ئىدى بۈرگىدەك.
ئەمما بۈرگە يۈز تاپقان،
تۈگە مىنىپ يۈرگىدەك.

قۇش قاۋايتتى زەنجىردە،
ئىت ئۇچاتتى ئىگىزدە.
مۈشۈك ساپان سۆرەيتتى،
ئۆكۈز ئۇخلاپ كىگىزدە.

چاشقان ھۇۋقۇش ئوۋلايتتى،
ئات مىنەتتى ئادەمنى.
پىژغىرىمدا تومۇزدا،
مۇز قاپلايتتى ئالەمنى.

قازان سەيدە پىشاتتى،
ئۇچاق مىنگەچ مۇرىغا.
ئاش چۆمۈچنى ئۇساتتى،
تۈۋى تۈشۈك كورىغا.

سۇ ئىگىزگە ئاقاتتى،
تاغ تۇراتتى ئويماندا.
باياۋاندا ئاپتاپ يوق،
يوقتى سايە ئورماندا.

گەجگىسىدە بولاتتى،
ئادەملەرنىڭ كۆزلىرى.
تاپىنىدىن چىقاتتى،
پاراڭلاشسا سۆزلىرى.

مېڭىۋېتىپ ئۇخلايتتى،
كۆزلىرىنى يۇمماستىن.
يول يۈرەتتى دومىلاپ،
پۈت يەلكىدە باش ئاستىن.

شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە،
ئۆلگەن بوۋام تىرىلدى.
قاراپ ئۇنىڭ ھالىغا،
ئىچ-ئىچىمىز سىيرىلدى.

كاشكات بىلەن قىرىپمۇ،
گۆش چىقمايتتى تېنىدىن.
يوغىناپتۇ ۋە لىكىن،
توغرىلىقى ئىنىدىن.

پاقىرايتتى چىرايى،
لەۋلىرى گەز، ئورا كۆز.
پىچىر-پىچىر ۋاقىراپ،
ئېيتتى مۇنداق يېڭى سۆز.

كىپەنلەپسىلەر خام بىلەن،
يۆگىمەستىن بورىغا.
قازى بولدۇم، بەگ بولدۇم،
كېتىپ شۇنىڭ سورىغا.

مۇنكىر-نىكىر چاكىرىم،
پەرىشتىلەر پايلاقچى.
ئېقىلدارىم ئازازۇل،
مالايىكىلەر يالاقچى.

پالىۋەتتىم جەننەتكە،
ئوغرى مەككار بۇزۇقنى.
بۇلاتقۇزدۇم ئۇلارغا،
نازۇ- نىممەت ئوزۇقنى.

سەككىز جەننەت چەيلەندى،
باغ ئىرەمنى بۇزغۇزدۇم.
ئۇ يەردىكى ھۆرلەرنى،
ئايىماستىن ئۇرغۇزدۇم.

سۇلىۋەتتىم دوزاخقا،
ياخشى-ئوبدان دېگەننى.
كەپلەپ قويدۇم ئېغىزىغا،
ھارارەتلىك يۈگەننى.

قۇيدۇم ئوتنى ئىرىتىپ،
ئۇسساپ كەتتۇق دىسىلا.
چوغ كەپلىدىم قارنىغا،
ئاچ قالغاندا يېسىلا.

ئاخىرەت ئۇ ئالەمدە،
قازىلىغىم ئاققاچقا.
قىلغان ھۆكۈم پەتىۋا،
قول چۇماققا ياققاچقا.

ئالقىشلىدى كۆتەردى،
ساقىلىمدىن سۆرىشىپ.
بۇنى كۆرۈپ چىدىماي،
ھەق كالىسى مۆرىشىپ.

دېدى مېنىڭ مۈڭگۈزۈم،
يەرگە تىرەپ تۇرىدۇ.
نىچۈن مىنى ماختىماي،
ساڭا چاۋاك ئۇرىدۇ.

چاتىغىم يوق كارىم يوق،
كۆتەرمەيمەن زىممىننى.
كۆتەرگۈزگىن چاقىرىپ،
ئوغلۇڭنى يا... ئىنىڭنى.

كالىنىڭ بۇ دەۋاسى،
پەيد قىلدى زىلزىلە.
زىمىن تىترەر پات يېقىن،
ئىشلەتمىسەم بىر ھىلە.

جىم ياتماپتۇ بوۋىمىز،
ئاخىرەتكە بېرىپمۇ.
نەگە بارسا ئىش تېرىپ،
قالمايدىكەن ھېرىپمۇ.

غالىپ كەلسە بوۋامدىن،
ھەق كالىسى ناۋادا.
تەۋرەپ كەتسە يەر شارى،
بىز لەيلەمدۇق ھاۋادا.

ئامال قانچە مىھمانغۇ،
(چىققان بىلەن ئۇراندىن)،
داسقان يايدىم شاپپىدە،
مەزەلىرى بۇراندىن.

ئاچقان ئىكەن قورسىغى،
داستىخاننى كاپ ئەتتى.
بۇراننى يەپ شامالنىڭ،
ئۇۋىغىنى كاپ ئەتتى.

سالدى دىلغا ئەندىشە،
بوۋام ئېيتقان كېيىنكى سۆز.
(يەرنى تىرەپ تۇرغىلى،
بولغىن دەرمۇ ئۇي-ئۆكۈز).

ئاشۇ غەمنىڭ زەنجىرى،
بوينىمىزدىن سۆرىدى.
تەشۋىش تىترەك بىر بولۇپ،
تام تورۇسنى ئۆرىدى.

قورقۇپ كەتكەن چاشقانلار،
مۈشۈكلەرگە ئېتىلدى.
قۇشلار ئۈزۈپ زەنجىرنى،
بېلىقلارغا قېتىلدى.

سۆڭەك ئىتنى غاجىدى،
سەي چىشلىدى پىچاقنى.
ساقال ئۈندى تاپانغا،
بەل چىرمىدى پاچاقنى.

قورقۇپ كېتىپ ئايالىم،
يېتىۋالدى بۈشۈككە.
تۇغۇلمىغان ئوغلۇممۇ،
قاچتى بۇلۇڭ تۈشۈككە.

مەن ئوغلۇمنىڭ قوينىدا،
ئىڭڭەلىدىم بوغۇلۇپ.
ئەسلىسەم كېيىن مېنىڭدىن،
ئوغلۇم بۇرۇن تۇغۇلۇپ.

تۇرغان ئىكەن تويلۇشۇپ،
ۋۇجۇدى يوق قىز بىلەن.
(بۇ ئىشلارنى بەزىلەر،
كۆرۈپتىكەن كۆز بىلەن).

ددۇ-پەريات بىر ئالدى،
ئۆي ئىچىنى تالانى.
دېدىم:بۇۋ يىغىشتۇر،
ئۆزەڭ تاپقان بالانى.

دوزىقىڭنى نېرى تارت،
جەننىتىڭدە ئۆزەڭ يات.
بىزگە كېرەك ئاراملىق،
بۇلالمايمىز كالا، ئات.

مېنىڭ ئېيتقان سۆزۈمگە،
تام- تورۇسمۇ قېتىلدى.
شاتلىغىدا ئايالىم،
قۇچۇغۇمغا ئېتىلدى.

كەلدى سادا بۈشۈكتىن،
بۇزما بەخت تېڭىڭنى.
بۇ ئالەمگە ئېپكەلمە،
ئاخىرەتلىك جېڭىڭنى.

ئېھتىمالىم بۇ گەپلەر،
بۇۋىمىزغا ھار كەلدى.
رەددىيەلىك پاراڭدىن،
كۆز ئالدىغا دار كەلدى.

ئىنجىقلىدى بىر ھازا،
تىنىق يەتمەي ھاسىراپ.
يۆلەيدىغان كىشى يوق،
يېتىپ قالدى ھالسىراپ.

بوران ياندى بۇرنىدىن،
كېكەردى ئۇ «گارت» قىلىپ،
چۈشتى قايتا سەكرتقا،
جىمىپ قالدى«خارت» قىلىپ.


. ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ





ﺷﺎﺋﯧﺮ ﺭﻭﺯﻯ ﺳﺎﻳﯩﺖ 1943-ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﮔﯘﻣﺎ ﻧﺎھىيىسىنىڭ ﺷﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﯩﺮﺩﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ .1951-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺗﺎ -ﺋﺎﻧﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜﭖﻛﯧﻠﯩﭗ 1958-ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﭼﺎﻳﺨﺎﻧﺎ (ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻧﺎﻳﯩﻠﯩﻚ ﺋﯜﻣﯜﺩ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ) ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ 1- ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﺮﺩﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ .ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﻮﻧﻨﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﮕﯩﮕﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ، 1973-ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎﺋﻨﯩﺴﺘﯩﺘﻮﺗﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻞ -ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯩﺘﯩﻐﺎ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﺍﺭﯨﻠﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻦ ﯞﻩﻻﯕﺮﻭ ﻳﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪﺗﯩﻞ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ .1980-ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﻰ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﺪﺍ ﻣﯘﮬﻪﺭﺭﯨﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .
ﺭﻭﺯﻯ ﺳﺎﻳﯩﺖ 1973-ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﻰﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﮔﯧﺰﺗﻰ ﺩﻩ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻤﯘ ﺩﺍﺷﯚﺳﯩﯔﺑﻮﻟﺪﻯ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺷﯩﺌﯧﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺳﯧﭙﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ . ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﮔﯩﺰﯨﺖ -ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ چۈشنامەﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 12 ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﻼﺩﯨﺴﻰ،1000ﭘﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺷﯩﺌﯧﺮﯨﯟﻩ ﺭﻭﺑﺎﺋﯩﺴﻰﺑﺎﺭﺍﺕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﮬﯩﻜﺎﻳﻪﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﮬﯩﻜﺎﻳﯩﺴﻰ ﺋﻪﺗﻪﺑﻪﺗﯘﻝ ﮬﻪﻗﺎﻳﯩﻘﻨﯩﯔ ﺷﯩﺌﯧﺮﻯ ﻳﻪﺷﻤﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺷﯩﺌﯧﺮﻳﯩﺘﺪﯨﻜﻰﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﺪﺍ ﻘﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻨﯩﭗ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ .ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ .ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﻨﯩﯔ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﻰﺑﯘﻗﯩﺰ ﻛﯩﻤﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﺴﯘﻥﻣﻪﺭﮬﺎﺑﺎ ﺋﺎﮬ ،ﺋﯘﺯﺍﻗﻘﺎ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﭼﯜﺵ ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﻰ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﯜﺗﻜﻪﻥ ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭ ﺭﻭﺑﺎﺋﯩﻴﻼﺭ ﺗﯘﻳﯘﻗﻼﺭ ﺧﯩﻴﺎﺩﯨﻦﺗﯚﺭﻩﻟﮕﻪﻥ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭﺩﯦﮭﻘﺎﻥﻛﯜﻟﻜﯩﺴﻰ ﭘﺎﮬ،ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﻜﯩﻠﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﯟﻩ ﺷﯩﺌﯧﺮﻻﺭ ﺗﻮﭘﻼﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ .ﺭﻭﺯﻯ ﺳﺎﻳﯩﺘﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﮬ، ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺳﯘﻣﺒﯘﻝﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﯔ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ ﺋﺎﻧﺎﻡ ﭼﯜﺷﯜﻣﮕﻪ ﺑﯘﺧﻮﺗﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﯩﺰﻯﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯜﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻰ ﺋﺎﮬﺎﯕﻐﺎﺳﯧﻠﻨﯩﭗ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔﻳﯩﺰﺍ-ﺳﻪﮬﺮﺍﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﯕﺮﯨﻤﺎﻗﺘﺎ .ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺷﯩﺌﯧﺮ،ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻨﯩﺪﻯ ﯞﻩ ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﺪﻯ .ﺷﺎﺋﯧﺮﻧﯩﯔﺩﯦﮭﻘﺎﻥ ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯗ ﭼﯜﺷﻨﺎﻣﻪ ﺑﺎﻟﻼﺭ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﺯﺍﺭ ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ﺑﻪﺩﺧﻪﭺﺑﺎﺭﺍﺕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﺍ ﻧﻮﺭﯗﺯﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ،ﺷﯩﺌﯧﺮ ،ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ﯞﻩ ﺗﯧﻠﯟﯦﺰﻳﻪ ﺑﻪﺩﺋﯩﻲ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺩﯨﺮﺍﻣﻤﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ،ﺑﯘﺟﺎﮬﺎﻥ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﻛﻪﯕﺮﻯ ﻳﻮﻝ ﻛﻪﯕﺮﻯﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ،ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺷﯩﺌﯧﺮﻟﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺩﯦﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱﻧﺎﻣﻠﯩﻘﻘﺎﭘﻠﯩﻖ ﺋﯜﻧﺌﺎﻟﻐﯘ ﻟﯧﻨﺘﯩﺴﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮﻗﯩﻠﻨﯩﭗ ﻧﻪﭼﭽﻪﺋﻮﻧﻤﯩﯔ ﻧﯘﺳﺨﺎ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ .
ﺧﻪﻟﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﺭﻭﺯﻯ ﺳﺎﻳﯩﺖ 2001-ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8-ﻛﯜﻧﻰﻛﯧﺴﻪﻝ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺷﻪﮬﺮﯨﺪﻩ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲﺟﻪﻣﺌﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ﺟﻮﯕﮕﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻳﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ ﺗﯩﻞﻳﯧﺰﯨﻘﻨﻰ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ،ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ 12 ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﺧﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﺭﺯﻯ ﺳﺎﻳﯩﺘﻨﯩﯔﯞﺍﭘﺎﺗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﻭﺭ ﻳﻮﻗﺘﯘﺵ . ﺷﺎﺋﯧﺮ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻝ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ  .  !


دىھقان بولماق تەس
روزى سايىت
ﺷﺎﺋﯩﺮﻣﻪﻥ ،ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﭺ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﮬﻪﯞﻩﺱ،
ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﻤﻪﻥ ﮬﻪﻕ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺕ ﺑﺎﺭ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻰ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪﻩ ﭘﻪﯞﻩﺱ،
ﺷﯘ ﺋﻮﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺭﺗﯩﺸﻰ ﺋﻪﺗﺘﻰ ﻣﯧﻨﻰ ﻣﻪﺱ،
ﻣﻪﺳﻠﯩﻜﺘﻪ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻻﻱ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﭘﻪﺧﻪﺱ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﯩﺸﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﯨﺪﯨﻦ،
ﭼﯚﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ئەبەﺩﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﮬﺮﯨﺪﯨﻦ .
ﺋﯘ ﺑﺎﻗﺎﺭ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﭗ ﻣﻪﺭﯨﺪﯨﻦ،
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻮﻕ تاﻣﺎﺳﻰ <<ﺗﺎﺧﺘﯩﭙﻪﺭﻯ>>ﺩﯨﻦ.
ﭘﻪﺭﻗﻰ ﻳﻮﻕ ﺗﯚﮬﭙﯩﺪﻩ ﮬﻪﺳﻪﻝ ﮬﻪﺭﯨﺪﯨﻦ ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

ﺋﯘ ﻣﯚﻣﯩﻦ ،ﺑﻪﻙ ﻳﺎﯞﺍﺵ،ﺳﺎﺩﺩﺍ ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ،
ﺑﻮﺷﯩﻤﺎﺱ ﺋﺎﻟﻘﯩﻨﻰ ﻛﻪﺗﻤﻪﻧﺪﯨﻦ ﺩﺍﺋﯩﻢ.
ﺩﻩﺭ؛ﺋﯩﺸﻠﻪﻱ ﺳﺎﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﺯﺍﻳﻢ،
ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﻩ ﺋﯧﺘﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﯩﺶ ﺭﺍﻳﯩﻢ.
ﺭﯨﺰﻗﯩﻤﻨﻰ ،ﺋﻪﺟﺮﯨﻤﻨﻰ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻢ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

ﭘﺎﺭﺍﻏﻪﺕ ﺩﯨﻠﺒﯩﺮﻯ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻪ ﻗﯘﭼﺎﻕ ،
ﺗﯚﺕ ﭘﻪﺳﯩﻞ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﺭ ﺋﻮﺗﯘﻥ.
ﻗﯩﺸﺘﺎ ﺳﻮﻍ،ﻳﺎﺯﺩﺍ ﺋﻮﭖ،ﺑﺎﮬﺎﺭﺩﺍ ﻗﯘﻳﯘﻥ،
ﮔﺎﮪ ﻛﻪﻟﻜﯜﻥ ،ﮔﺎﮪ ﺗﻮﻣﯘﺯ،ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﺍﺭ ﺑﻮﻳﯘﻥ .
ﻗﯩﺴﻤﻪﺕ ﺩﻩﺭ <<ﺟﺎﭘﺎﻏﺎ ﻛﯧﻜﯩﺮ-ﺗﻮﻳﯘﻥ!>>
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ كەل -ﺑﺎﺭ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ،
ﻳﯜﮔﺮﻩﻳﺪﯗ ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﮕﻪ ﺩﺍﻣﺒﺎ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ.
ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯗ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﭘﺎ -ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ،
ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺰ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ.
ﻗﻮﺭﯗﻗﻼﺭ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﻪﺱ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﺸﯩﻐﺎ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

ﺋﯘ ﺋﯚﻛﯜﺯ ،ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ ﺳﺎﭘﺎﻥ ،
ﺷﺎﻛﺮﺍﭖ ﺗﻪﺭ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺷﻮﺭﻻﻳﺪﯗ ﺗﺎﭘﺎﻥ.
ﻛﯚﻳﯩﺪﯗ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﻰ ،ﻛﯚﻳﯩﺪﯗ ﺗﺎﭘﺎﻥ ،
ﭼﺎﻙ -ﭼﺎﻙ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻧﺎﻳﺪﯗ ﺋﺎﻟﻘﺎﻥ.
ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ<<ﯞﺍﻳﺠﺎﻥ!>>ﻻﭖ ﻛﯚﺗﯜﺭﻣﻪﺱ ﭼﯘﻗﺎﻥ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

ﺗﯧﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﻳﺴﺎ ﭘﻪﺭﯞﯦﺸﻰ ،
ﮬﻪ ﺩﯨﻤﻪﻱ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﻳﯩﻐﯩﻢ ﺗﻪﺭﯞﯨﺸﻰ.
ﺋﯧﺘﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﻮﺷﯩﺴﺎ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﯟﯦﺸﻰ ،
ﺋﯧﺸﻪﻛﻨﯩﯔ ﮬﺎﯕﺮﯨﺸﻰ ،ﻗﻮﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﯨﺸﻰ .
ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﯚﻛﺴﯩﻤﻪﺱ ﭘﯩﺸﯩﭗ ﺗﻪﺭﻟﯩﺸﻰ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻼ ﺋﺎﻳﻪﻣﮕﻪ ﺗﯘﺗﺎﺵ،
ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ <<ﺋﻮﺗﺎﺵ ﮬﻪﻡ ﭘﯘﺗﺎﺵ>>.
ﺋﻮﻱ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﮬﯧﻴﯩﺖ ﺋﻪﻣﻪﺱ-ﮬﻮﺳﯘﻟﻨﻰ ﺑﻮﺩﺍﺵ،
ﺋﺎﻳﻪﻡ ﺷﯘ ﻗﺎﺯﻧﺎﻗﻘﺎ ﻛﯚﭘﯜﺭﻩﻙ ﻛﯩﺮﺳﻪ ﺋﺎﺵ.
ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ ﻣﺎﺗﯩﻤﻰ ﺧﺎﻣﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﺩﺍﺵ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

ﺋﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﺪﺍﺭ ﺗﻪﻟﻪﻳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﻰ ،
ﺗﻮﺷﻤﺎﻳﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﭘﯩﻨﺴﯩﻴﻪ ﻳﯧﺸﻰ.
ﻳﻮﻕ <<ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺗﺎﯞﯨﻘﻰ>>ﺋﯚﺭﻟﻪﺵ ﺋﯩﺸﻰ،
ﻳﻮﻕ ﻣﺎﺋﺎش ،ﺩﻩﺭىجە ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﺸﻰ.
ﮬﻪﺭ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﺭ ﻳﺎﺯ ﻗﯩﺸﻰ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ،ﺷﻪﻧﺒﯩﻠﻪﺭ ﻳﻮﻗﻠﯩﻤﺎﺱ ﺋﯘﻧﻰ،
شىيەنجاڭمۇ،شىياڭجاڭمۇ ﻳﻮﻗﻠﯩﻤﺎﺱ ﺋﯘﻧﻰ.
ﻛﺎﻧﯩﻜﻮﻝ ﺗﻪﺗﯩﻠﻠﻪﺭ ﺳﺎﻗﻠﯩﻤﺎﺱ ﺋﯘﻧﻰ،
ﻳﻮﻗﻼﻳﺪﯗ ،ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺧﺎﺱ ﺋﯘﻧﻰ.
ﺷﯘ <<ﺧﺎﺱ >>ﻟﯩﻖ ﺑﺎﻏﺎﺷﻼﭖ ﺭﺍﺳﺖ ﺳﯚﻳﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

ﺋﯘ ﺗﻪﺭگەن ﭘﺎﺧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﻰ ﺑﺎﺵ،
ﺋﯘ ﭼﻪﺷﻠﻪﭖ ﻳﯩﻘﻘﺎﻥ ﺩﺍﻥ -ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺵ.
ﮬﻪﻡ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﻟﯩﮕﻪﻧﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﮔﯚﺵ -ﺋﻮﺗﻴﺎﺵ،
ﺋﯘ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﭘﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﻮﺗﻘﺎﻥ ﺗﺎﺵ.
ﺋﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ ﻣﻪﺭﺩ ﮬﺎﺗﻪﻡ ﺑﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺷﺎﺵ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

<<
ﻣﻪﻥ ،ﺳﻪﻥ ،ﺋﯘ>>-ﺳﻪﮬﺮﺍﻟﯩﻖ ﻳﯧﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﺳﻠﻰ،
ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺑﯩﺰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﻪﺳﻠﻰ.
ﻧﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺗﻼﺷﻘﺎﻥ كۆرمەس ﺑﻪﺧﯩﺖ ﯞﻩﺳﻠﻰ،
ﻗﻪﺩﯨﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﯘ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﻪﺳﻠﻰ.
<<
ﻳﻪﺳﻠﻰ>>ﮔﻪ ﺳﻮﺯﻣﯩﺴﯘﻥ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﻳﺎﺯ ﭘﻪﺳﻠﻰ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﻰ ﺳﺎﻏﺎﺭ ﻛﺎﻟﯩﺪﻩﻙ ،
ﺳﺎﻏﻘﺎﻧﭽﻪ ﺑﯩﻠﯩﻨﻪﺭ ﺳﯜﺗﻰ ﭼﺎﻟﯩﺪﻩﻙ.
ﺋﯚﺯﯨﻼ<<ﺋﺎﻕ >>ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﻩﻙ ،
ﻣﯘﯕﻼﻧﺴﺎ ﺗﯘﻳﯩﻼﺭ ﺗﯚﮬﻤﻪﺕ -ﻳﺎﻟﯩﺪﻩﻙ.
ﺭﯨﺰﻗﯩﻐﺎ ﭼﺎﯓ ﺳﺎﻻﺭ ﺋﯚﮔﻪﻱ ﺑﺎﻟﯩﺪﻩﻙ ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

ﯞﺍﮪ ﺧﻪﻗﻠﻪﺭ ﻛﻪﺗﺘﯩﻐﯘ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺳﻮﻟﻠﯘﺷﯘﭖ ،
ﮬﻴﻠﯩﺴﻰ ﻳﯩﻠﺴﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﺩﻯ ﻣﻮﻟﻠﯘﺷﯘﭖ.
ﺳﻪﮬﻨﯩﺪﻩ ﺗﯜﺯﯛﺷﯜﭖ <<ﺗﻮﺧﺘﺎﻡ>>-ﻗﻮﻟﻠﯘﺷﯘﭖ،
<<
ﻗﺎﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﺎﺷﺘﻰ >>ﺩﻩﭖ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻳﻮﻟﻠﯘﺷﯘﭖ.
ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﻰ <<ﺗﯚﺭ>>ﻧﻰ ﮔﻮﻟﻠﯘﺷﯘﭖ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﻛﯜﻥ ﺗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺧﺎﻟﯩﺲ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﻰ،
ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺘﻰ ﮬﺎﺷﺎﺭ ﺑﻪﮔﻠﯩﮕﻰ .
ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺗﯚﻟﻪﻡ ﺑﺎﺭ-ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﺩﻩﻟﻠﯩﻜﻰ،
ﺋﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﭼﺎﺭ ﻗﻮﻧﺪﺍﻗﻼﺭ ﭘﻪﻟﻠﯩﻜﻰ.
ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻐﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺗﻪﯕﻠﯩﻜﻰ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

<<
ﺗﻪﻛﯩﺖ>>ﺗﻪ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﻰ،
ﺩﯨﻴﯩﻠﻪﺭ <<ﺋﺎﺳﺎﺳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ -ﺋﯘﻟﻰ>>.
ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﻩ ﺑﯧﺸﻰ ﻛﻪﯓ ،ﺗﺎﺭ ﺋﺎﻳﺎﻍ ﻳﻮﻟﻰ،
ﺷﯘﯕﯩﻤﯘ ﺗﯩﺮﻧﯩﻘﻰ ﺋﯚﺳﻤﻪﻳﺪﯗ ﻏﻮﻟﻰ.
ﺋﻮﻥ ﻓﯘﯕﻨﻰ ﺧﻪﺟﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﯩﺘﯩﺮﻩﻳﺪﯗ ﻗﻮﻟﻰ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

ﺳﺎﺗﻘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭖ ﻛﯩﺮﺳﻪ ﻳﺎﯕﺎﻕ ﻳﺎ ﮔﯜﻟﻪ،
ﺋﯘ ﻛﯩﻠﻪﺭ: ﻳﻪﺭ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﯩﻦ ،ﺑﻮﻟﻪ؟...
ﺋﯘ ﻛﯩﻠﻪﺭ :ﺩﻩﭖ ﻗﯧﻨﻰ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﻪﺕ ﺗﯚﻟﻪ!...
ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ:ﺳﻪﻝ ﺗﻮﺧﺘﺎﯓ ...ﺩﻩﺭ <<ﻳﻮﻗﺎﻝ ﺋﯚﻟﻪ!>>،
ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺗﻮﻗﯘﻳﺪﯗ ﻣﯚﻟﻪ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

ﺋﯘ ﺩﯨﺴﻪ:ﻗﯩﻎ- ﺗﯧﺰﻩﻙ ﮬﯩﺪﻯ ﺑﻪﺳﺘﯩﺪﻩ...
ﻣﺎﯞﯗ ﺩﻩﺭ:ﻳﻮﻝ ﻗﯩﺴﺘﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﻩ...
ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺋﯘ ﻳﺎﺳﺴﯩﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ،
ﮬﺎﺭﯞﯗﺳﻰ ﻣﺎﯕﺎﻟﻤﺎﺱ ﻛﻮﭼﺎ ﺭﻩﺳﺘﯩﺪﻩ.
ﺋﺎﮪ ،ﮔﻮﻳﺎ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﺳﺘﯩﺪﻩ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

ﺧﻪﺯﯨﻨﻪ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﺴﺎ <<ﻳﯚﻟﻪﺵ ﭘﯘﻟﻰ>>ﻧﻰ،
ﺑﺎﻧﻜﯩﺮ ﺩﻩﺭ:<<ﺋﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﺱ ﺑﯧﻴﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ>>.
ﻳﯘﻳﺎﻣﺪﯗ ﺑﯩﺰﻧﻰ ،ﺑﯩﺰ ﻳﯘﻳﺴﺎﻕ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ؟
ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﻭﻻ -ﻏﻮﻟﯩﻨﻰ!
ﻛﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﻛﯚﺭﻣﯩﺴﯘﻥ ﻗﻪﺭﺯﻯ ﺗﻮﻟﯩﻨﻰ!
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﯩﭽﭽﺎﺭﻩ،
ﻛﯚﺯﻯ ﻳﺎﺵ،ﺩﯨﻠﻰ ﺧﯘﻥ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﻩ.
ئەپتى ﺟﯘﻝ،ﮔﯧﻠﻰ ﺋﺎﭺ،ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ،ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ،
ﮬﺎﻟﯩﻐﺎ ﯞﺍﻱ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ﭼﺎﺭﻩ.
ﮬﻪﺗﺘﺎﻛﻰ ﺟﺎﻧﻐﯩﻤﯘ ﺗﯚﻟﻪﺭ ﺋﯩﺠﺎﺭﻩ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

ﺋﯜﺯﯛﻟﻪﻱ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ ﻣﺎﻏﺪﯗﺭ- ﻳﯩﻠﯩﻜﻰ،
ﻳﯘﻗﯘﺭﻏﺎ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﺎﺭ ﺋﺎﺭﻣﺎﻥ -ﺗﯩﻠﯩﻜﻰ.
ﮬﺎﻝ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﻛﯧﻠﯩﺸﻪﺭ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ،
<<
ﻳﯧﺘﻪﻣﺪﯗ ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ -ﺩﻩﭖ ﺋﻮﺯﯗﻕﻳﯩﻤﯩﻜﻰ؟>>.
ﺑﺎﺭﻯ -ﺑﺎﺭ،ﻧﻪ ﮬﺎﺟﻪﺕ <<ﺋﯘ-ﺑﯘ >>ﺩﯦﻤﯩﻜﻰ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺩﻩﺭ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯚﻣﻪﻛﻜﻪ،
<<
ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ﮬﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﺗﺴﻪﺯ ﻣﯘﻧﻪﻛﻜﻪ>>.
ﺑﯩﺰ ﮔﻮﻳﺎ ﻗﺎﺭﭼﯘﻏﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺧﯘﻧﻪﻛﻜﻪ،
ﻣﯘﮬﺘﺎﺝ ﺑﯩﺰ ﻳﯘﺭﯗﻗﻘﺎ،ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺭ -ﻳﯚﻟﻪﻛﻜﻪ.
(
ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺗﻪﺱ ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺳﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯚﻟﻪﻛﻜﻪ)،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

ﺟﻪﺩﯨﯟﻩﻟﻠﻪﺭ<< ﺋﺎﺷﺘﻰ>>ﻏﺎ ﻳﻮﻟﻼﻳﺪﯗ ﺳﺎﻧﻨﻰ،
ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ ﺳﯜﭘﯜﺭﯛﭖ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺩﺍﻧﻨﻰ.
ﺋﺎﻟﺪﺍﻳﺪﯗ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ،ﻛﯚﺭ ﺑﯘ ﺯﯨﻴﺎﻧﻨﻰ،
پوچىلىق -<<نوچىلىق>>ﻗﯩﻴﻨﺎﻳﺪﯗ ﺟﺎﻧﻨﻰ.
ﺟﻪﺭﯨﻤﺎﻧﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻛﻮﻻﻳﺪﯗ ﻳﺎﻧﻨﻰ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

ﻛﯚﺭﯛﯕﻼﺭ ﮬﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﺷﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻧﺎﭼﺎﺭ،
ﺋﺎﺵ ﺗﯚﻛﻜﻪﻥ ﻗﺎﺯﻧﺎﻗﺘﯩﻦ ﭼﺎﺷﻘﺎﻧﻤﯘ ﻗﺎﭼﺎﺭ.
ﻳﻪﻱ ﺩﯦﺴﻪﻙ ﺗﯜﮔﯩﺪﻯ ،ﻳﯩﻤﯩﺴﻪﻙ ﺋﺎﭼﺎﺭ،
ﺑﯩﺰ ﻧﯩﭽﯜﻥ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ ﺷﯘ ﮬﺎﻟﻐﺎ ﺩﯗﭼﺎﺭ؟!...
ﻛﻪﺗﺴﻪﯕﻼﺭ <<ﭼﺎﻗﺘﯩﯔ!>>ﺩﻩﭖ ﻗﻪﮬﺮﯨﻨﻰ ﭼﺎﭼﺎﺭ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﺎﺭ ﭘﻪﻳﻠﻰ ﺑﻪﺯﮔﻪﻛﺘﯩﻦ ،
ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯ ﺗﻪﺧﺘﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﺯﮔﻪﻛﺘﯩﻦ .
ﭼﯩﻘﻤﯩﺴﺎ ﺑﯘ ﻗﻪﺳﺘﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻙ ،ﺳﻪﺯﮔﻪﻛﺘﯩﻦ،
ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ ﺳﻪﺭﮔﻪﺭﺩﺍﻥ -<<ﺟﺎﮬﺎﻥ ﻛﻪﺯﮔﻪﻙ>>ﺗﯩﻦ.
ﮔﺎﺭﺍﯓ ﺑﯩﺰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﺱ ﺗﯧﭙﯩﻚ ﺗﻪﺳﺘﻪﻛﺘﯩﻦ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

ﻳﯘﺭﺕ-ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻦ ﺗﻪﯕﻠﻪﻳﺪﯗ ﻛﯚﯕﻠﻪﻙ ،ﭼﺎﭘﺎﻥ ،ﻛﻪش،
ﮬﻪﺷﻘﺎﻟﻼ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻧﯩﻢ ﻛﻪﺵ.
ﺑﯩﺰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯩﻠﻪﻣﭽﻰ -ﮔﺎﺩﺍﻱ ،ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻏﻪﺵ،
ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﺋﯩﺶ،ﻳﻪﺭ ﻣﯘﻧﺒﻪﺕ ﮬﻪﺭ ﺧﺎﻣﺎﻧﺪﺍ ﭼﻪﺵ.
ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯗﻕ ﻛﯩﻢ ﺟﻪﻣﺸﯩﺖ،ﻛﯩﻤﻠﻪﺭ ﻟﻪﻳﻠﯩﯟﻩﺵ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

<<
ﺋﻮﻏﯘﺗﻤﯘ ﭘﯘﻝ!>> ﺩﻩﻳﺪﯗ ،ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﺍﻗﻤﯘ ﮬﻪﻡ،
<<
ﺗﯜﮔﻤﻪﻧﻤﯘ ﭘﯘﻝ! >>ﺩﻩﻳﺪﯗ جېن ﭼﯩﺮﺍﻗﻤﯘ ﮬﻪﻡ.
<<
ﭘﯘﻝ>>ﺩﻩﻳﺪﯗ ﺗﺎﻏﺎﺭﻣﯘ ،ﺗﻮﻗﯘﻧﺎﻗﻤﯘ ﮬﻪﻡ،
<<
ﭘﯘﻝ>>ﺩﻩﻳﺪﯗ ﻳﻮﻟﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﻏﯘﻧﺎﻗﻤﯘ ﮬﻪﻡ.
ﭘﯘﻝ ﻗﯧﻨﻰ؟ﭘﯘﻝ ﻧﻪﺩﻩ؟ ﻏﻪﻡ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻏﻪﻡ ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺗﻜﯩﻤﯩﺰ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟
ﻟﻪﯞﻟﯩﺮﻯ ﻣﺎﻱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺗﻜﯩﻤﯩﺰ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟
ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻖ ﻧﻮﻣﯘﺳﻘﯘ،ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺯﯗﻗﻤﯘ؟
ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ،ﺩﻭﻗﻤﯘ؟
ﻳﻮﻕ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ-<<ﯞﺍﻱ ﻧﯩﻤﻪ ﻗﻮﻕ>>ﻣﯘ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

______________________________

ﺩﯨﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﺩﯨﻦ <<ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ!>>
ﻗﯘﻻﻗﻨﻰ ﻳﯘﭘﯘﺭغاچ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻪﮒ،ﺧﺎﻗﺎﻥ.
ﮬﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻤﺎﻗﺘﺎ<<ﺋﯜﭺ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ>>،
ﺑﻪﺱ !ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺳﺎﻟﻤﯩﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﭼﻮﻗﺎﻥ.
ﭼﺎﭼﻤﺎ ﺩﻩﭖ ﺳﯧﻠﯩﻘﺘﻪﺵ ﻳﯜﺯ -ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻗﻮﻗﺎﻥ ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﺳﺎﻧﯩﻤﺎ ﻗﺎﺭﺍ!
ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﻠﯩﻤﻪ ﻳﺎﺭﺍ!
ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺯﻣﯩﻐﯩﻦ ﺋﻮﺭﺍ!
ﻛﯩﻢ ﺩﯦﺪﻯ:ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﯩﯔ ﻗﯧﻨﯩﻨﻰ ﺷﻮﺭﺍ؟
ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺳﯩﻼ ﮬﺎﻝ ﺳﻮﺭﺍ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻤﯘ ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ،ﻛﯜﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻳﺮﯨﺴﯘﻥ ،
ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻤﯘ ﺟﺎﺭﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﯜﻧﺪﻩ ﺳﺎﻳﺮﯨﺴﯘﻥ .
ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻤﯘ ﻛﯚﻛﻠﯩﺴﯘﻥ ،ﺋﯚﺳﺴﯘﻥ -ﺋﺎﻳﻨﯩﺴﯘﻥ،
ﻗﺎﺯﯨﻨﻰ ﻣﺎﻱ ﻛﯚﺭﺳﯘﻥ ،ﺷﻮﺭﭘﺎ ﻗﺎﻳﻨﯩﺴﯘﻥ.
<<
ﺋﯘﮪ...>>ﺩﯦﺴﯘﻥ ،ﮬﯧﻴﯩﺖ -ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ ،ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﺋﻮﻳﻨﯩﺴﯘﻥ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

ﺳﻪﻥ ﺑﯩﺰﺩﻩﻙ ﮔﻪﺭﺩﯨﻨﻰ ﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﻧﻪﺩﻩ ﺑﺎﺭ؟
ﻣﯩﯟﻩ ﻳﻪﭖ ،ﺷﺎﺧﻘﺎ ﺗﯩﻎ ﭼﺎﭘﻘﺎﻥ ﻧﻪﺩﻩ ﺑﺎﺭ؟
ﺗﯘﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﯘﺯﻟﯘﻗﻨﻰ ﭼﺎﻗﻘﺎﻥ ﻧﺎﺩﻩ ﺑﺎﺭ؟
ﺋﻪﻝ ﻳﯘﺭﺗﻨﻰ ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﻧﻪﺩﻩ ﺑﺎﺭ؟
ﺋﯧﻴﺘﻤﯩﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﻯ ﺑﺎﺭ!
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

ﺷﺎﺋﯩﺮﻣﻪﻥ ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ ،
ﺷﺎﺋﯩﺮﻣﻪﻥ ﺋﯘ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺯﺍﻏﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ .
ﺷﺎﺋﯩﺮﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺵ ﺗﺎﻏﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ ،
ﺷﺎﺋﯩﺮﻣﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ -ﻧﺎﻏﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ .
ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﻳﺎﺯﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﺭﺍﺳﺖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ﺗﻪﺳﻜﻪﻥ ،
ﺗﻪﺱ ﺩﯨﺴﻪ ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ!!!





‏ئىمپىراتۇر باتۇرخان

17

تېما

1

دوست

2814

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10525
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 428
تۆھپە : 582
توردىكى ۋاقتى: 85
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 19:28:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

3

تېما

0

دوست

1651

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   65.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10854
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 443
تۆھپە : 219
توردىكى ۋاقتى: 192
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 20:16:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسى ، دىققەت ! «كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە »دېگەن شېئىر رۇزى سايىتنىڭ ئەمەس، بەلكى ، قازاقىستانلىق بىر ئۇيغۇر شائىرنىڭ!
« كىرگىن ئانا چۈشۈمگە پات-پات » دېگەن شېئىر رۇزى سايىتنىڭ!
بۇ ئىككىلا تېكىستنى مەرھۇم ئەخمەتجان مەمتىمىن بىر ئاھاڭغا سېلىپ ناخشا قىلىپ ئۇقۇغان!
خەلققە تۇنۇش بولغىنى ، « كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە » ، «كىرگىن ئانا چۈشۈمگە پات-پات »  نى  مەرھۇم ئەخمەتجان مەمتىمىن « يىپەك يۇرتىدا نۇرۇز » دېگەن سەنئەت فىلىمىدە ئورۇندىغان ،خالاس !

0

تېما

0

دوست

16

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   5.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15800
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 2
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 20:33:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت  ھارمىغايسىز

0

تېما

0

دوست

893

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   78.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15364
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 246
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 21:01:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم دېھقان شائىرىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن. بىر ئۆمۈر ئەسلەيمىز.

0

تېما

0

دوست

-50

جۇغلانما

چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15808
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : -30
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 00:02:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم ھەقنى تونۇغاندا ئارىمىزدىن كىتىپ قالدى .ياتقان يېرى جەنەتتە بولسۇن!

0

تېما

0

دوست

-50

جۇغلانما

چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15808
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : -30
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 00:02:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم ھەقنى تونۇغاندا ئارىمىزدىن كىتىپ قالدى .ياتقان يېرى جەنەتتە بولسۇن!
8#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )