- تىزىملاتقان
- 2013-2-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 668
- نادىر
- 0
- يازما
- 58
ئۆسۈش
33.6%
|
جۇڭگونىڭ دۇنيادا باشقىلارنى قورقىتىدىغان ئەڭ مەخپىي قورالى «بازار»دۇر.نۇرغۇن دۆلەت جۇڭگو بازارلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىدۇ،ئۇندىن قالسا،ئازادلىق ئارمىيىنىڭ يادرو سۇئاستى كېمىسىمۇ قورقۇنۇشلۇق،ئەمما ياپونيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى ئىقتىدارى ھەتتا ئا ق ش دىنمۇ يۇقۇرى،2يىلنىڭ ئالدىدا كاۋاساكى ئېغىر سانائىتى ئۇرۇش قىلىش رادىئوسى5000كلومېتىردىن ئاشىدىغان چوڭ تىپتىكى ،سۇ ئاستى كېمىسىگە قارشى رىئاكتىپ ئايرۇپىلاننى غەلبىلىك سىناق قىلدى،ياپون ھۆكۈمىتىمۇ بۇ خىل ئايرۇپىلاننى ئامېرىكىدىن سېتىۋالغان ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇشنى قارار قىلىپ بولدى،ھازىر ياپون ئارمىيىسىدە تەخمىنەن22تۈمەندەك ئادەم بار،ئەمما غەلىتە يېرى بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى كوماندېر،بۇنىڭدىن شۇنى يەكۈنلەشكە بولۇدىكى ئەگەر ياپون ھۆكۈمىتى سىياسىتىنى تەڭشىسە بىرقانچە كۈن ئىچىدىلا 2مىليوندەك قوشۇن يىغىشىدا گەپ يوق،يادرو قورالى ياساش ياپونىيە ئالىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ بىلىمىگە،تېخنىكىسىغا ئاساسلانغاندا ،ئادەم قاراڭغۇ كېچىدە ئاغزىنى تېپىپ تاماق يىيەلىگەندەكلا ئاددىي ئىش،ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيىدە يادرو رىئاكتورى دىگەن يەتكۈچە بار،ئېلىكتىر ئىستانسىسىغا ئىشلىتىش نامىدا40يىلدىن بېرى ئامبارغا يىغىۋالغان يادرو يېقىلغۇسى ھەتتا ئامېرىكىنىڭ زاپاس يادرو يېقىلغۇسىدىن جىقكەن،ئەگەر لازىم بولسا8000-10000غىچە يادرو بومبىسى ياساشقا يېتىپ ئاشىدىكەن،يېراق ئارلىققا توشۇش جەھەتتە ياپونىيىنىڭ توشۇغۇچى راكىتالىرىنىڭ سەۋىيىسى دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ،جاسوسلۇق سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭ سەۋىيىسىمۇ دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ،قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ قولىدىكى «90-تىپلىق»تايانچ تانكىلىرى 10يىلنىڭ ئالدىدا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار 10تانكىنىڭ بىرى ئىدى،ئەمما يېقىندا ياپونىيە بۇنىڭدىنمۇ ئىلغار زامانىۋىي تانكىسىنى(2000-تىپلىققۇ دەيمەن) ياساپ بولدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ سۈپىتى ئامېرىكا ئارمىيىسىدىن قېلىشمايدۇ (پەقەت ئەمەلىي جەڭ تەجرىبىسىلا كەمچىل)كوماندىرلىرى ئارىسىدا ئېنگىلىزچە ئۇقىدىغانلا ۋە ئالىي مەلۇماتلىقلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ،يېقىندا بېرىلگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا خەنزۇ تىلى ئۇقۇدىغان كوماندىرلارمۇ ،ھەتتا مىننەنيۈ( جەنۇبىي فۇجيەن تەلەپپۇزى) بىلىدىغان ئوفېسسېرلامۇ خېلىلا كۆپىيىپ قالغان(س س ت ۋ نىڭ خەۋىرىدە مۇلاھىزە قىلىنغان خەۋەر) ئىشقىلىپ ياپونىيىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ.شۇنى ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز كېرەككى ئەگەر جۇڭگو ياپونىيىدىن مۇتلەق ئۈستۈن بولغان بولسا(ھەر تەرەپتىن دىمەكچى) ھەرگىز لىڭتاسمىلىق قىلمىغان بولاتتى،ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگونىڭمۇ ئەتراپ مۇھىتى ياخشى ئەمەس،«ئالىمەن»دەپلا تۇرىدىغان پاكىستاندىن باشقا بىرمۇ جانغا ئەسقاتار دوستى يوق،روسىيە گەرچە ھىجىيىپ قويغان بىلەن ئەمەلىيەتتە جۇڭگودىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىندىستان بىلەن روسىيە جۇڭگونىڭ كۆڭلىگە ئايان بولغان قۇرۇقلۇقتىكى «ئەڭ چوڭ،ئەشەددىي »رەقىپلىرى،شۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن(ئىچكى سەۋەپلەرنى دىگۈم كەلمىدى) جۇڭگو ياپونىيە بىلەن ئالدىراپ ياقا-كاناي سىقىشمايدۇ،پەقەت چامباشچىلارنىڭ تۇتۇشۇشتىن بۇرۇنقى ئۆز جايىدا سەكرەپ،نەرە تارتىپ،شامالغا مۇشت-پەشۋا ئاتقىنىدەكلە ئىش قىلىدۇ-خالاس. |
|