- تىزىملاتقان
- 2012-12-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 183
- نادىر
- 0
- يازما
- 4
ئۆسۈش
61%
|
بۇ ھايات مەناسىدۇر چىن يار دىگەن،
ھەر نەپەس جۇلاسى كوز چاقناتقىلى.
پاك يۈرەككە نۇر قاناتتۇر سويگۈسى
قول تۇتۇپ مەنزىل داۋانىن ئاشقىلى.
شول نىگار بار ئائىلەڭ جەننەت ساڭا،
سۈكۈناتتا دىل بىلەن مۇڭداشقىلى.
ئەھلى شەيتان قاش ئېتىپ ،ئويناتسا كوز،
تۇرما تەييار قىرغىقىڭدىن تاشقىلى.
ئۇ ئاناسى جان-جىگەر دىل پارىنىڭ،
بارمۇ تەڭداش ئانىغا ئوخشاتقىلى.
ئۇ پەرىشتەڭ سەن ئۈچۈن بولغان پىدا،
يانا كىم بار بۇ سۈپەتتىن ئاشقىلى.
سەن ھايادا ئۈلگە بول ئۇيغۇر قىزى،
بۇ ۋاپا دۇنياسىنى ياشناتقىلى.
مەرتلىگى ئەرنىڭ غورۇرى-ئەندىزى،
بول تېغىسەن جۇت -بوراننى توسقىلى.
مەنبە؛ خاتىرەم
|
|