- تىزىملاتقان
- 2011-12-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1811
- نادىر
- 0
- يازما
- 119
ئۆسۈش
81.1%
|
جۇڭگو ئىقتىساد تورىنىڭ 7 –مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى 7– مارت چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتلەردە، دۆلەتلىك مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىنمۇدىرى ۋۇشىمىن نىڭشيا ۋەكىللەر ئۆمىكىدە مۇزاكىرىگە قاتنىشىپ، پىلانلىق تۇغۇتتىنئىبارەت بۇ تۈپ دۆلەت سىياسىتىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر جۈپ ئەر خوتۇن بىربالىلىق بولۇشنى توختىتىش توغرىسىدىكى بىر مۇھىم تەكلىپنى بەردى.
ۋەكىل ۋۇشىمىن مۇنداق دىدى: دۆلەت پىلانى، خەلق تۇرمۇشى، دۆلەتنىڭ يىراق مەنپەئىتىگەۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك مۇنداق ئۈچ خىل نەرسە بار: يەر (دۆلەتزېمىنى)، نوپۇس ۋە دۆلەتنىڭ ھوقۇقلۇق ئورگىنى. ئوتتۇز نەچچە يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزبىر جۇپ ئەر خوتۇن پەقەت بىرلا بالىلىق بولۇشتىن ئىبارەت پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىيولغا قويۇپ كەلدى، ھەمدە 2 – 3 يۈز مىليون نوپۇسنىڭ كۆپىيىش مىقدارىنى ئۈنۈملۈكتىزگىنلىدى، بۇ نەتىجىنى ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز.
شۇڭا بىز بۇ سىياسەتنى داۋاملىق يولغا قويۇش ئۈچۈن 100 دەك سەۋەب كۆرسىتىپبېرەلەيمىز. بىراق، ھازىر بىزنىڭ دەل 101 – سەۋەبىمىز بار، بۇ بولسىمۇ پىلانلىقتۇغۇتتىن ئىبارەت بۇ دۆلەت سىياسىتىنى چوقۇم تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈش شەرت. بۇسەۋەب شۇكى پىلانلىق تۇغۇت يولغا قويۇلغان 30 نەچچە يىلدىن كېيىن كېلىپ چىققانپىلانلىق تۇغۇتنىڭ پاسسىپ رولى ۋە ھەر خىل پايدا زىيانلار تېخىمۇ گەۋدىلىكبولماقتا.
بىرىنچىدىن، جەمئىيەتنىڭ قېرىلىشىش مەسىلىسى. 2020 – يىلغا بارغاندا، ئېلىمىزدەياشانغانلار سانى 200 مىليون ئادەمدىن ئېشىپ كېتىدۇ، 2050 – يىلغا بارغاندا ھەرئۈچ ئادەمنىڭ ئىچىدە بىر ئادەم چوقۇم 60 ياشتىن ئېشىپ كېتىدۇ.
ئىككىنچىدىن، جەمئىيەتنىڭ جانلىقلىقىغا تەسىرى بار. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، 30نەچچە يىللىق ئىسلاھاتنىڭ پايدىسى دەل ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ ئەۋزەللىكى. ھازىردېڭىز بويىدىكى رايونلار، جياڭسۇ، جېجياڭ ئەتراپلىرىدىكى ئەمگەك كۈچى بازارلىرىدائەمگەك كۈچى كەمچىل بولۇش ھادىسىسى گەۋدىلىك بولماقتا.
ئۈچىنچىدىن، كېلىپ چىقىدىغان بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلەر. ئەنئەنىۋىكۆزقاراشنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر بولغانلىقتىن، ئادەمنى ئېلىپ سېتىش قىلمىشلىرى ئەۋجئېلىپ كېتىۋاتىدۇ. شاڭخەيدە بىر مىليون ئائىلىنىڭ بالىسى يوق.
تۆتىنچىدىن، يالغۇز پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەش مەسلىسى. 80 – 90 – يىللاردىن كېيىنتۇغۇلغان بۇ يالغۇز پەرزەنتلەر روھىي جەھەتتە يېتەرلىك غەمخورلۇققا ئېرىشەلمەيدۇ،مەبلۇبىيەتكە تاقابىل تۇرالمايدۇ، بولۇپمۇ تېنى ئاجىز.
قالغان سەۋەبلەرنى تەپسىلى سۆزلەپ ئولتۇرماي، ئىشقىلىپ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدۆلەتنىڭ ئۇزاق مەنپەئىتىگە، كەلگۈسى ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. ئېلىمىزنىڭ كۆپيىللىق تەرەققىيات سۈرئىتىدىن قارىغاندا، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى سەل بوشاتسانوپۇسنىڭ بەك كۆپىيىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس.
http://www.nur.cn/news/2013/03/111062.shtml
|
|