- تىزىملاتقان
- 2013-3-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8773
- نادىر
- 0
- يازما
- 874
ئۆسۈش
75.46%
|
ئىنسان ئىككى نەرسىدىن تۈزەلگەن، بىرى روھ يەنە بىرى تەن . روھ بولسا تەنگە ھۆكۈمداردۇر.تەننىڭ ئوزۇقىنى ھەممىمىز بىلىمىز يىمەكلىك.ئەمدى روھچۇ؟ روھمۇ ئوزۇقلىنامدۇ،روھمۇ قۇۋۋەتكە مۇھتاجمۇ؟ مەن ئادەتتىكى بىر ئادەم ،بىلىم سەۋىيەممۇ توۋەن شۇنداقتىمۇ ئويلىغانلىرىمنى دوسلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. (ئويلىغانلىرىم نىسپى كۆز قاراش،مۇتلەق ئەمەس)خاتا يەرلىرىم بولسا دوسلارنىڭ كۆرسىتىپ بىرىشىنى خالايمەن. -توردىكى ئاساسى مۇنازىرىلەر مىللەت كۆز قارىشى،مىللىتىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى كۈچەيتىپ ئۇيغۇر مىللىتىنى دۇنياغا تونۇتۇش،بارچە خەلىققە ئۆزىمىزنى ئىتىراپ قىلغۇزۇش..........قاتارلىقلار.بۇ ئىشلاردىن مەن ئىنتايىن خۇرسەنمەن. ئەمما <چىراقنى ياندۇرماي تۇرۇپ باشقىلارغا چىراق بارلىقىنى ئىسپاتلايمەن >دىيىش بەكمۇ نادانلىق دەپ ئويلايمەن. روھ قۇۋۋەتكە مۇھتاج،تەندىنمۇ بەكراق ئوزوقلۇققا مۇھتاج ،تەن قۇۋۋەتلەنسە سەمىرىيدۇ ،گۈزەللىشىدۇ روھ قۇۋۋەتلەنسە نۇرلىنىدۇ ،جۇلالىنىدۇ. -روھنىڭ ئوزۇقى دەل بىلىم .بىلىم بىلەن روھ نۇرلىنىدۇ. -بىز ئۇيغۇر مىللىتى تارىختا ئەقىل-پاراسەتلىك مىللەت بولساقمۇ نۇرغۇن ئىللەتلەر تۈپەيلى نادانلىق پاتقىقىغا چوكۈپلا كەتتۇق.بۇئىللەتلەرنىڭ بىرى ئۆزىمىزنى ئىقتىسادنىڭ قارا ئىسكەنجىسىگە تۇتۇپ بىرىش يەنە بىرى بولسا يىقىندىن بىرى تىزلىشىپ بىرىۋاتقان تەرەققىياتقا ماسلىشىپ شەكىلۋازلىق ۋەدورامچىلىق قىلىش.بۇئىللەتلەر بىزنى <تىشىمىزدا ھىيىت ئويناپ ئىچىمىزدە قان يۇتىدىغان قىلىپ قويماقتا، بۇئىللەتلەر زىيالىلاردا كۆپرەك بولىۋاتىدۇ(بۇنداق دەپ زىيالىلارنى تىللىغىنىم ئەمەس) -نەچچە ئون يىل بىلىم ئىگەللەپ خىزمەتكە چىقتۇق چىقتۇقيۇ نىمە قىلدۇق؟ بەزىلەر ھەرخىل ئاخىرى چىقماس سورۇنلار بىلەن بەزىلەر ئۆيلىرىنى زىننەتلەش بىلەن ۋەبەزىلەر....... -ئەسلى ئۇنداق ئەمەس ئىدى،خىزمەتكە چىقىپ مۇقىم مۇئاشلىق بولۇش< نەچچە يىل جاپا تارتىپ خاتىرجەم بىلىم ئىلىش يولىغا >ئىرىشتىڭ، داغدام يولدا ماڭغىن دىگەنلىك ئىدى ئەمما بىز شۇيەرگە كىلىپ توختاپ قالدۇق. (بۇيولدىن ۋاز كەچتۇق) بىلىم ئىلىشنى روھىمىزنى نۇرلاندۇرۇش ئەمەس پۇل تىپىشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالدۇق. بىلىم كۆچەيسە ئەشۇ پۇل بىزنى ئۆزى ئىزدەپ كىلەتتى .مەسىلەن مەن تونىيدىغانلاردىن قاسىمجان(ئاتلان)،غۇلامجان (تەۋپىق) بۇلارنى كىچىكىدىن باشلاپ بىلىمەن.بۇلار بىلىمنى بىلىۋىلىش ئۈچۈن ئەمەس بىلىش ئۈچۇن ئۈگەنگەن .( مەخمۇت قەشقىرى بەگ ئائىلىسىدىن پۇلغا ئىھتىياجى يوق ئىدى ئەمما شۇنچە نام -ئاتاق، پۇل-مالنى تاشلاپ سەرگەردان بولۇپ بىلىم توپلىىغان. ) - ئىقتىساد ئۆزى بۇلارنى ئىزلەپ كەلدى شۇنداقلا بۇلارغا ئوخشاش نۇرغۇن كىشىللىرىمىز روھىنى نۇرلاندۇرۇپ مىللەتنىڭ چىرىغىنى يورۇتماقتا . -ئەمدى بولسىمۇ ئويغۇنايلى ئۆچۈپ قالغىلىۋاتقان مىللەت چىرىغىمىزنى روھىمىزنىڭ نۇرى بىلەن قايتىدىن يورىتايلى .ھە دىگەندە تارىخ سۆزلەپ ئۆزىمىزنى <ئاسارئەتىقە> مىللەتكە ئايلاندۇرۇپ قويمايلى(ئەمما تارىخنى ئۇنۇتمايلى)كۆزىمىزنى يوغان ئىچىپ دادىللىق بىلەن بۈگۈنگە يۈزلىنەيلى ئەقىلىمىز بىلەن كەلگۈسىگە نەزەر سالايلى . -دەيدىغان گەپلىرىم بەك كۆپ ئىدى ئەمما باشقا قىرىنداشلىرىمغىمۇ سۆزلەش پۇرسىتى بەرمىسەم بولماس. خوش ئەمدى ئۈگۈنۈشكە باشلايلى |
|