قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: !uyghurjan

زوردۇن سابىر خاتىرە سارىيى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

0

دوست

223

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   74.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16129
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 23:41:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۇلۇغ ئۇيغۇر يازغۇچىمىز قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات

ئۇلۇغ ئاللادىن ئ

4

تېما

8

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   41.99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5764
يازما سانى: 1309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5741
تۆھپە : 4302
توردىكى ۋاقتى: 1199
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 00:30:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئىش بوپتۇ ،.....
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

3577

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   52.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13513
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 159
تۆھپە : 1047
توردىكى ۋاقتى: 298
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 00:49:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ.

ئـەلـقـۇچــار

14

تېما

1

دوست

3460

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13371
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 337
تۆھپە : 827
توردىكى ۋاقتى: 220
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 02:42:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپلا، مەرھۇم زوردۇن سابىر تاغىمىزنىڭ خاتىرە سارىيىنى مۇستەقىل ھالدا سىرىتقا قۇرغان بولسا، تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن. مۇمكىن بولسا، قېرىنداشلىرىمىز دېگەندەك، ئۆزىنىڭ يۇرتىغا قۇرۇلسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
مەكتەپ ئىچىدە بولسا:
1. مەكتەپنىڭ قورۇ تاملىرى ۋە ئوقۇتۇش بىنالىرى توسۇۋېلىپ، خاتىرە سارىيىنىڭ سىرىتقا تونۇلۇشى ۋە سىرىتتىن كەلگەنلەرنىڭ ئۇنى بىلىش دائىرسى تېخىمۇ تارىيىپ كېتىدۇ.
2. مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇنى ئاسراشقا، كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئۈنۈملۈك بولغان تەشۋىقىي تەربىيە بازىسى قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.
3. ھازىر مەكتەپلەردىكى قىزىل كىتابلار كۆپرەك نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان قىرائەتخانىلار يۇقىرىدىن دائىم ئاچىسەن دېسىمۇ، ئەكىسچە دائىم تاقاقلىق تۇرىدىيۇ، خاتىرە سارىيى نېمە بولماقچىدى؟
4. ھازىر مەكتەپلەرگە پەرزەنتلىرىمىزنى ئىزدەپ بارساق، مەكتەپ دەرۋازىسىدىن قەتئىي كىرگۈزمەيدۇ. تىزىملاپ كىرگۈزىدىغان ئىشلارمۇ يوق. خاتىرە سارىيى سىرىتقا ئېچىۋىتىلىدىغان ئاممىۋى سورۇن تۇرسا، بۇ ھالەتتە، ئۇ يەرگەن كىممۇ كىرەلىسۇن!
5. ئۇ يەرگە «ئوت» كەتمىگەن ھالەتتىمۇ، ئەتە- ئۆگۈن سىنىپ يېتىشمىگەچكە، خاتىرە سارىيىنى سىنىپ قىلىۋەتتۇق دەپ، ئىچىدىكى كىتاب، مال- مۈلۈكلەرنى بۇلاڭ- تالاڭ قىلسا، بۇنىڭ بىلەن كىمنىڭ كارى؟ شۇنىڭ بىلەن، توردا «سىنىپ مۇھىممۇ، خاتىرە سارىيىمۇ» دېگەن تېمىدىن بىرنى كۆرۈپ، ئىچىمىزنى ئۇۋاپ ئولتۇرىمىز شۇ...

21

تېما

0

دوست

2442

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11617
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 350
تۆھپە : 548
توردىكى ۋاقتى: 154
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 11:52:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زوردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى
__ غۇلجا شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا (ئۈمىد)مەكتەپتە «زوردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى » نىڭ قۇرۇلۇش جەريانى
ئابدۇرېشىت ئوسمان
مۇقەددىمە
مەشھۇر شەخىسلەر ، قەھرىمان ، ئالىم ، ئەدىب ، سەنئەتكارلارغا مەڭگۈلۈك ئابىدە تىكلەش ياكى خاتىرە ساراي ( ئۆي ) لەرنى سېلىش دۇنياۋى ئادەت بولۇپ ، ئۇلارنىڭ نامى قويۇلغان باغچا ، مۇزېي ، بىنا ، مەيدان ، كوچا ، ھەيكەل، خاتىرە ساراي ، خاتىرە ئۆيلەر ۋە ئىنىستىتۇت ، مەكتەپلەر ئەسلىدىكى ئىجتىمائىي سۇبىيېكتىپ ھالەتنىڭ مەھسۇلاتىلا بولۇپ قالماستىن ، بەلكى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەۋلاد روھىي قاتلىمىنى لايىھىلەيدىغان مەكتەپتۇر. بۇنداق خاتىرە ئىز - نىشانلار ئەۋلادلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك ، خەلقپەرۋەرلىك ، مىللىي روھ ، ئۆزلۈك ۋە كىملىك تەربىيەسى بېرىدىغان ئۆزگىچە تەلىم - تەربىيە بازىسى ھېساپلىنىدۇ.
جۇڭگۇ ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدىكى مەشھۇر يازغۇچى لۇشۈن ، باجىن قاتارلىقلارنى خاتىرىلەپ ، ئېلىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكە ، شەھەرلىرىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا نۇرغۇن خاتىرە جايلار قورۇلغان . ئۇلار تۇغۇلغان - چوڭ بولغان يۇرت ، ئوقۇغان مەكتەپ ، خىزمەت قىلغان جايلاردا ھەيكەل تۇرغۇزۇلغان ؛ باغچا ، كوچىلار ئۇلارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ..... بۇنداق قىلىشنىڭ تارىخىي رېئال ئەھمىيىتى زور، ئەلۋەتتە .
زوردۇن سابىرنىڭ ئارزوسى
بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى سەردار يازغۇچى زوردۇن سابىر ( 1935- 1998 ) يازغۇچى ، شائىرلارنىڭ خاتىرە ئۆيىنى قۇرۇشنىڭ ئەھمىيتى ۋە رولىنى ئەڭ بالدۇر تونۇپ يەتكەن يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى. ھايات چېغىدا ئۇ « زوردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى » نى قۇرۇش ئىرادىسى ۋە ئارزۇسىنى ئۆزىنىڭ ئۇرۇق – تۇغقان، كەسىپداش، دوست- بۇرادەرلىرىگە كۆپ قېتىم ئېيتقان، لېكىن بۇ ئارزۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئىمكان بولمىغان.
2009-يىلى 2- ئاينىڭ 17- كۈنى، زوردۇن سابىرنىڭ چوڭ ئوغلى مەشرەپ بىلەن سۆھبەتلەشتىم، سۆھبەت ئارىلىقىدا ئۇ دادىسىنىڭ خاتىرە ئۆيى قۇرۇش ئارزۇسىدا بولغانلىقىنى ئەسلەپ مۇندق دېدى :« ــ دادام 1987- يىلى سابىق غەربىي گېرمانىيە ۋە 1988- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق ئەللەردە زىيارەتتە بولغان. دادام چەتئەلدە كۆرگەن - بىلگەنلىرىنى، بولۇپمۇ مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ خاتىرە سارايلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى سۆزلەپ كېلىپ، ئۆزىنىڭمۇ ‹ زوردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى › نى قۇرۇش ئارزۇسىنى ئېيتقان ئىدى. كېيىن، بۇ ئىش ئۈچۈن بىر مەھەل يۇقىرى – تۆۋەن قاتىرىغان بولسىمۇ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن شۇ ئارزۇسىغا يېتەلمەي بۇ دۇنيادىن كەتتى ».
يازغۇچى ئەخەت تۇردى زوردۇن سابىر ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقىغا ئاتاپ يازغان « ئەل سۆيگەن ئەدىب » ناملىق ئەسلىمىسىدە، يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بىر خاتىرە ئۆيى قۇرۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق يازغان : « 1998- يىل 7- ئاينىڭ 25- كۈنى، زوردۇن سابىر بىلەن ئىككىمىز بىر خىزمەتدىشىمىزنىڭ ‹ ئۈزۈمزار رېستۇرانى › دا ئۆتكۈزۈلگەن توي مەرىكىسىدىن بىللە قايتىپ كېلىۋېتىپ، ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى : ‹ مەن غەربىي گېرمانىيەگە بارغان ۋاقتىمدا مېيۇنخىنغا سېلىنغان گيوتى، ھېنىرىخ ھېينىلارنىڭ خاتىرە سارىيىغا بېرىپ زىيارەت قىلدىم . ئۇلار ئۇنى قالتىس ئىشلەپتۇ، پۈتكۈل خاتىرە سارىيى ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن ئەمەلىي ھالىتى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. شۇ يازغۇچىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى، ئۆيى بالىلىق دەۋرى، ئوقۇغۇچىلىق ھاياتى ، كېيىنكى دەۋرى، ھەر باسقۇچلۇق قول يازمىلىرى، كىتاب ۋە خەت – چەكلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى فوتو سۈرەت ۋە تەسۋىرىي رەسىم شەكلىدە كۆرسىتىلىپتۇ. ئادەم بۇ خاتىرە ساراينى بىر ئايلىنىپ چىقسىلا ، شۇ يازغۇچىنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىدىن  ۋە شۇ دەۋىردىن تولۇق خەۋەردار بولالايدىكەن ..... مەن يېزىمىزدىكى بوستان كەنت تەۋەسىدىن يەر ئۇقۇشۇپ قويدۇم ، خۇدا بۇيرۇسا ، ‹ ئانا يۇرت › تىرىلوگىيەسىنىڭ قەلەم ھەققىنى شۇ ئىشقا ئىشلىتىمەن . ئۆز ۋاقتىدا ‹ ئابرال شاماللىرى › رومانىنى يازغاندا ئۆستەل قىلىپ ئىشلەتكەن يوغان كۆتەكنى تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدۇم . ئۇمۇ ۋاقتى كەلگەندە خاتىرە سارىيىغا زىننەت بولىدۇ ، دېگىنە .... » (« دەۋر ساداسى» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ، 2009 – يىل نەشىرى ، 176 - بەت ).
مۇتەللىپ سېيت « تەڭرىتاغ » ژورنىلىنىڭ 2003- يىللىق 6- سانىدا ئىلان قىلغان« زوردۇن سابىر ۋە مەكىت» ناملىق ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ : « مەن ھاياتىمدا بىر خاتىرە قالدۇرايمىكىن دەيمەن. لېكىن ھازىر بۇنىڭغا تېخى تولۇق تەييارلىق قىلىپ بولالمىدىم. روس ئەدەبىياتىدىكى، ياۋرۇپا ئەدەبىياتىدىكى، نۇرغۇن يازغۇچىلار ئۆزىنىڭ خاتىرە كۈتۈپخانسىنى قۇرغانىدى . مەنمۇ يۇرتۇمدا بىر خاتىرە كۈتۈپخانا قىلىپ قويايمىكىن دەيمەن،- دېدى.
زوردۇن سابىرنىڭ بۇ پىلانى ماڭا ناھايتى ياققانىدى. مەن  زوردۇنكا: - بۇ پىلانىڭىز ناھايتى ياخشى بوپتۇ. ئەگەر سىز يۇرتىڭىز ئىلىدا بىر خاتىرە كۇتۇپخانا قۇرسىڭىز، مەكىتتىكى قەلەمداشلار كۈچ چىقىرىپ بىزمۇ بىر خاتىرە كۇتۇپخانا قۇرۇپ، سىزنىڭ مەكىتتە يازغان ئەسەرلىرىڭىزنى، قوليازمىلىرىڭىزنى، سىز ئىشلەتكەن بۇيۇملارنى خاتىرە ئورنىدا يىغىپ ساقلاپ، خاتىرە كۈتۇپخانىڭىزدا قويىمىز ،-  دېدىم .
زوردۇن سابىر ناھايتى خۇش بولۇپ :  
- ياخشى، مەنمۇ سىلەرنىڭ شۇنداق قىلىشىڭلارغا ئىشىنىمەن. مەكىتتىكى باشلىقلار، خەلق ئاممىسى ماڭا ناھايتى ئاتىدارچىلىق قىلىپ كۆيۈنگەنىدى ، لېكىن مەن مەكىت خەلقىگە چوڭ ئىش قىلىپ بېرەلمىدىم. سالامەتلىكىم يار بەرسە، خۇدايىم بۇيرۇسا يەنە چوقۇم بارىمەن. مەكىت ھەققىدە يەنىمۇ كۆپرەك بىر نەرسە يازغۇم بار. – دېدى. مەن زوردۇن سابىرغا :
ــــ ئۈرۈمچىدىمۇ بىر خاتىرە كۈتۇپخانا قۇرۇپ قويۇڭ، چۈنكى سىز ئاپتونۇم رايوننىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن كەسپى يازغۇچىسى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىلا ئەمەس، بەلكى دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ مىللەتلىك ئەدەبىياتىدىمۇ سىزنىڭ بەلگىلىك تەسىرىڭىز بار، - دېدىم. زوردۇن سابىر :
ـــ بۇنى يازغۇچىلار جەمئىيىتىمۇ ئويلىشىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە مەن بىر قانچە كەسپىي يازغۇچىلار بىلەنمۇ سۆھبەتلەشتىم. ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيتى كەسپى يازغۇچىلار خاتىرە كۈتۈپخانسى قۇرۇش لايىھىسى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. بەلكى يېقىن كەلگۈسىدە بۇ پىلان ئەمەلگە ئېشىپ قىلىشى مۆمكىن . لېكىن مۇتەللىپ بىزدە بىر يامان ئادەت بار . ھايات ياشاۋاتقان تىرىكلەر بىلەن كارىمىز يوق. ئۆلگەنلەرگە ئىسىلىۋىلىپ خاتىرە مۇنارى تىكلەشنى ئويلايمىز . ئۆلگەندىن كىيىن پالانى ئۇنداق ئۇلۇغ يازغۇچى، بۇنداق ئۇلۇغ شائىر دەيمىز ، ئۇلارنىڭ  قەبرىسىنى ياساش كېرەك. مۇھىمى ھايات ، تىرىك ياشاۋاتقان يازغۇچىلارغا كۆيۈنۈش ، ئۇلارغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ ھايات ۋاقتىدا خەلق ئۈچۈن كۆپرەك نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىشىغا ئىلھام بېرىشىمىز لازىم . مەن بۇ سۈزۈمنى بىر قانچە قېتىم قىيۇم تۇردى ، مەمتىمىن ھوشۇر، ئەخەت تۇردىلارغا دېدىم. ئۇلارمۇ مېنىڭ پىكىرىمگە قوشۇلدى. لېكىن بۇ ئىش يالغۇزلا يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. مۇھىمى ھۆكۈمەت ، تەشۋىقات بۆلۈم ۋە پۈتكۈل جەمئىيەت بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلگەندىلا ئاندىن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ . مېنىڭ ئىجادىيەت مەرىكەم ئۆتكۈزۈلگەنتى، مەن شۇنداق خۇشال بولدۇم. مېنىڭ بالىلىرىممۇ ناھايىتى خۇشال بولدى. بۇ ماڭا ۋە مىنىڭ ئائىلەمگە ناھايىتى چوڭ ئىلھام ۋە مەدەت بولدى. ئادەم ھايات ۋاقتىدا قەدىرلەنسە تەسىرى ۋە ئۈنۈمى ناھايىتى چوڭ بولىدىكەن. موشۇ قېتىملىق مەرىكىدىن كىيىن مەن تىخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتىم ، - دېدى » .
  غۇلجا ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سابىق مۇدىرى ئابدۇراخمان شېرىپ ئاكا ( زوردۇن سابىرنىڭ 1954- يىلىدىن 1957- يىلىغىچە ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلمۇئەللىمىندە بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشى ھەم يېقىن ئاغىنىسى ) زوردۇن سابىرنىڭ خاتىرە ئۆيى سېلىش ئارزۇسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « ـــ زوردۇن سابىر 1998- يىلى 6- ئايلاردا غۇلجىدا  ‹ ئانا يۇرت ) تىرىلوگىيەسىنى يېزىپ تاماملىدى . بىز بىر قانچە ئاغىنە زوردۇن سابىرنى ئۆي - ئۆيلەرگە ، باغ – باراڭ ، سەيلىگاھلارغا چاقىرىپ ، تەبرىكلەپ ھاردۇق سورىدۇق . شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە زوردۇن سابىر ئۆيۈمگە كېلىپ ، ‹ يۈرە ، ئاداش ! بىزنىڭ يېڭىتامغا چىقىپ كىرەيلى ! › دېدى . مەن دەرھال ماقۇل بولۇپ ، يېڭىتامغا چىقتۇق . زوردۇن سابىر ماڭا ئۆزى تۇغۇلغان ئۆينىڭ ئىزناسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ، ‹ ئاداش ، مۇشۇ قارىياغاچلىق باغقا ئۆزەمنىڭ خاتىرە ئۆيۈمنى سالايمىكىن، دەيمەن دېدى . مەن ناھايتى خۇشال بولۇپ ، بۇ خەيرىلىك ئىشنى قوللاپ - قۇۋەتلىدىم . ئەپسۇس ! مەرھۇم بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايلا ئارىمىزدىن كېتىپ قالدى! .....»
  زوردۇن سابىر 1987- يىلى ئۆكتەبىر ئايلىرىدا سابىق غەربىي گېرمانىيەلىك دوستى توماس خاپپىرنىڭ تەكلىپى بىلەن غەربىي گېرمانىيەگە زىيارەتكە چىققان . 40 نەچچە كۈن ئىچىدە شەھەرلەردە ، يېزىلاردا شائىرلار ، يازغۇچىلار نامى بىلەن ئاتالغان نورغۇن چوڭ - كىچىك كوچىلارنى ، ھەيكەللەرنى ، موزېيلارنى كۆرگەن ؛ قانال ئارقىلىق بالتىق دېڭىزى بىلەن تۇتىشىدىغان ، قاتناش ، سودا تەرەققىي قىلغان قەدىمىي شەھەر - ليوۋبىك شەھىرىگە بارغاندا ، « ئاكا - ئوكا ھېنىرى توماس ، توماس مان مۇزېي » نى ئالايىتەن زىيارەت قىلغان .
زوردۇن سابىر بۇ مەشھۇر ئاكا - ئۇكا يازغۇچىلارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان مۇزېينى زىيارەت قىلغاندىكى تەسىراتىنى « ياۋرۇپاغا سەپەر » ناملىق زىيارەت خاتىرىسىدە مۇنداق تەسۋىرلىگەن : « ‹ ھېنىرى توماس ، توماس مان موزېي › ليوۋبىك خەلقىنىڭ غۇرۇرى ، خۇشاللىقى ئىكەن . شەھەر مەركىزىدىكى بۇ قەدىمىي بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە چىققان ئادەم ئاكا - ئۇكا يازغۇچىلارنىڭ نيۇ- يورك ئايرودۇرۇمىدا قول تۇتۇشۇپ ، قىزغىن كۆرىشىۋاتقان چوڭايتىلغان سۈرىتىنى كۆرىدۇ.  بۇ رەسىمنىڭ تېگىگە ‹ مەن نەدە بولسام گېرمانىيە مەدەنىيتى شۇ يەردە › دېگەن سۆز يېزىلغان. مۇزېيغا يازغۇچى ھېنرى توماس ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ خىل تىلدىكى نەشىرلىرى، بىر قىسىم ئەسەرلىرىنىڭ قوليازمىلىرى، بىر قىسىم پۇبلىستىك ماقالىلىرى بېسىلغان گېزىت - ژۇرناللار قويۇلغان. مۇزېيدا مەن يەنە يازغۇچى توماس مان ئەسەرلىرىنىڭ ئۇزۇندىن - ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇندەرىجىسى، تەھرىرلەنگەن قوليازمىلىرىنى؛ ئۈستەل، ئۇرۇندۇق، كىيىم - كېچەكلىرىنى؛ دوست - ئاغىنە، بالا - چاقىلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى...نى كۆرۈپ، بىر يازغۇچىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى، خەلق ئالدىدىكى بۇرچى، ئۆز ئىشىغا  بولغان مۇھەببىتى، مەسئولىيىتى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلاندىم . توماس مان مۇزېيى ماڭا بىر مۇھىم لېكسىيە، بىر مۇھىم كىتاب بولدى. مەن سۈرەت ۋە نەرسىلەر بىلەن تولغان ئۆيدىن ئۈنسىز، شاۋقۇنسىز بىلىم ئالدىم، ئۆز ئەدىبلىرى بىلەن پەخىرلىنىش بىر مەدەنىيەتلىك خەلقنىڭ ئەخلاق – پەزىلىتى بولۇشى كېرەك...
مەن گېرمانىيەدە يۈرگەن 40 نەچچە كۈن ئىچىدە شەھەرلەردە، يېزىلاردا شائىرلار، يازغۇچىلار نامى بىلەن ئاتالغان نۇرغۇن چوڭ – كىچىك كوچىلارنى، ھەيكەللەرنى، مۇزېيلارنى كۆردۈم. مەسلەن : فرانكفورتتىكى ئەڭ چوڭ كوچا دانتى كوچىسى، فرايبورگ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ ئالدىغا ھومىر بىلەن ئارستوتېلنىڭ ھەيكىلى قاتۇرۇلغان. نيورىنبورگ شەھىرىنىڭ بىر يېزىسىدىكى كوچىلىرىنىڭ بېشىغا: ‹ ھېنىرىخ ھىينى، شېللىر، گيوتى› كوچىلىرى دېگەن ۋىۋىسكىلار قادالغان » .
ناۋادا زوردۇن سابىرنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئېشىپ، ئانا يۇرتى غۇلجا ناھىيە يېڭىتام يېزىسىدا ياكى ئوقۇغان مەكتىپى ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ( ئەينى چاغدىكى ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلمۇئەللىمىن ) دا ، يازغۇچى 1964- يىلىدىن 1979 - يىلىغىچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان غۇلجا شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا ( ئۈمىد ) مەكتەپتە ، يازغۇچى مۇھەررىر بولغان شىنجاڭ خەلق نەشىرياتىدا ياكى يازغۇچى خىزمەت قىلغان ش ئۇ ئا ر ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە ۋە ياكى يازغۇچى ئۆز ئىجادىيىتىدە كۆپ يىللىق تۇرمۇش بازىسى قىلىپ تۇرغان مەكىت ناھىيەسىدە  زوردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى قۇرۇلغان بولسا ...  يازغۇچىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە باشقا تىللاردا نەشىر قىلىنغان كىتابلىرى ، ھەرقايسى گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرى، قوليازمىلىرى؛ ئەدىبنىڭ تۇرمۇش ۋە ئەدەبىي ئىجادىيتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تارىخىي قىممەتكە ئىگە فوتو سۈرەتلىرى ؛ ئەدىبنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ھەققىدە يېزىلغان ئوبزور  ماقالە  - ئەسەرلەر ، ئەسلىمە ، ئەدەبىي خاتىرە ۋە مەرسىيەلەر ، ئەسەرلەر كاتولوگى ؛ ئەدىب ھايات چېغىدا ئىشلەتكەن بىر قىسىم تۇرمۇش بۇيۇملىرى قويۇلغان بولسا ..... نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى - ھە ! ئۇ چاغدا ، بۇ خاتىرە ئۆيى زوردۇن سابىرنىڭ ئەسەرلىرى ۋە تۇرمۇش بويۇملىرىنى ساقلايدىغان مۇزېيغا ، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كىشىلەرگە تۇنۇشتۇرىدىغان مەركەزگە ، ئەدەبىياتشۇناس، ئەدىبلەر ئۈچۈن مول ماتېرىيال ئامبىرىغا، ھەر قايسى ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇش دەرس بايلىقى ئوچىقىغا، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنىڭ قايناق ئەدەبىي ئىجادىيەت بازىسىغا ، كەڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەرنىڭ زىيارەتگاھىغا ئايلانغان بولاتتى. .....
ئارزۇنىڭ رېئاللىشىشى
2005- يىل 9- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئىچكى مۇڭغۇل پېداگوگىكا ئونىۋېرسىتېتىدا « جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت ئەدىبلىرى تەتقىقات مەركىزى » رەسمىي قۇرۇلدى. بۇ خاتىرە سارايدا 42 ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان 400 نەپەر ئەدىب قاتارىدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، سەيپىدىن ئەزىزى، تۇردى سامساق، روزى سايىت، ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ..... قاتارلىق 24 نەپەر ئۇيغۇر ئەدىبنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى، سۈرىتى ۋە نەشىر قىلىنغان كىتابلىرى قويۇلغان.
ھازىر شىنجاڭ پېداگوگىكا ئونىۋېرىسىتېتىدا « شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات سارىيى » تۇنجى بولۇپ قۇرۇلدى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدىكى يېڭى يۈزلىنىش ۋە ئەدىبلەرنى خاتىرىلەش، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشتىكى ياخشى بىر باشلىنىش ھېسابلىنىدۇ.
ئادەم تاغنىڭ قوينىدا، باغرىدا يۈرسە تاغ ئادەمگە تۈزلەڭدەك بىلىنىدۇ، تاغدىن يىراقلاشقانسېرى، ئۇ تېخىمۇ بۈيۈكلىشىدۇ. يازغۇچى زوردۇن سابىر بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدىكى بىر چوققا ، زوردۇن سابىرنىڭ ۋاپاتىغا يىللار قوشۇلغانسېرى، ئۇ تېخىمۇ بۈيۈكلەشمەكتە.
بۈگۈنكى كۈندە، يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ھايات قۇرداشلىرى، دىلكەش دوست- ئاغىنىلىرى، جان كۆيەر كەسىپداشلىرى، مەسئولىيەتچان ئوبزورچىلار ۋە بىر قىسىم قان - قېرىنداشلىرى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا زوردۇن سابىرنىڭ كەچمىشلەرگە باي ئۆمۈر مەنزىلى ۋە سەر خىل ئەدەبىي ئەسەرلىرى ھەققىدە ئەسلىمە، ئەدەبىي خاتىرە، مەرسىيە ۋە ئوبزورلارنى ئېلان قىلىپ، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىغا مەڭگۈلۈك تامغا بولۇپ بېسىلىپ كەتكەن ئۇستاز يازغۇچىغا بولغان سېغىنىش ۋە ئىخلاسىنى ئىپادىلەپ ، ئۇنى ھۆرمەت بىلەن خاتىرىلەپ كەلمەكتە.
ئۇستاز يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ۋاپاتىغا 10 يىلدىن ئاشقان بۈگۈنكى كۈندە، زوردۇن سابىر مەزمۇنى مول، شەكلى ئۆزگىچە پائالىيەتلەردە، ئەمەلىي ھەرىكەتلەردە ، كونكرېت پىلان، تەدبىرلەردە ئەلۋەتتە ئەسلىنىشى، خاتىرىلىنىشى كېرەك. غۇلجا شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپتە قۇرۇلغان « زوردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى » ئەنە شۇ ئەمەلىي ھەرىكەتتە، كونكرېت پىلان، تەدبىرلەردە ئەسلەش، خاتىرىلەش ۋە ھۆرمەتلەشنىڭ تىپىك بىر ئۈلگىسى.
دادىل قەدەم ، رېئال نەتىجە
غۇلجا شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سابىق مۇدىرى شۆھرەت نېغمەت تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇشنى « ئەۋلادلارنىڭ ۋۇجۇدىغا تۈنجى بۇلۇپ مىللىي مەدەنيەت ۋە مىللىي رۇھنىڭ تامغىسىنى باسىدىغان سېھرىي كۈچكە تولغان سەنئەتلىك بىر پەن » دەپ چۈشىنىپ ، مەكتىپىمىزنىڭ تىل- ئەدەبىيات ئۇقۇتۇشىنى كۈچەيتىش بۇلۇپمۇ مەكتەپ ئىچى تىل - ئەدەبىيات دەرس بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلنىشقا كەڭ ئىمكانىيەت يارىتىش، يازغۇچى زۇردۇن سابىرنىڭ 1964-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇتقۇچىلىق قىلغانلىقىنى ئەسلەش ، خاتىرلەش مەقسىتىدە « زۇردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى » نى قۇرۇشنى پىلانلىدى . مەكتەپ مۇدىرنىڭ نەزەر دائىرىسىنىڭ كەڭ، يىراقنى كۆرەرلىكىگە ئوقۇتقۇچىلار قايىل بۇلدۇق ، ئۇنىڭ « خاتىرە ئۆي »قۇرۇش ئىرادىسى ۋە روھىدىن سۆيۈندۇق .
ئېنىقكى ، مەكتەپ مۇدىرى شۆھرەت نېغمەتنىڭ كاللىسغا « زۇردۇن سابىر خاتىرە ئۆي » نى قۇرۇش ئويى ئۇنىڭ « ئۆز تۆھپىكارلىرى بىلەن پەخىرلىنىش بىر مەدەنيەتلىك خەلقنىڭ ئەخلاق -پەزىلىتى » دەپ تۇنۇيدىغان ئىلغار دۇنيا قارىشىدىن ، شۇنىڭدەك نۆۋەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان يېڭى دەرس ئىسلاھاتى ھەم دەرس بايلىقى ئېڭىدىن كەلگەن. بىزگە مەلۇمكى، يېڭى دەرسلىكنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكىدىن بىرى ، ئۇنىڭ ھەقىقىي ئېلاستىكلىققا ۋە ئېچىۋېتىشچانلىققا ئىگە بۇلغانلىقىدا ؛ ئىلگىرىكى « ئەدەبىياتتىكى تۇرمۇش » نىڭ ئورنىغا « تۇرمۇشتىكى ئەدەبىيات »نىڭ دەسسىگەنلىكىدە؛ دەرس مەزمۇنىنىڭ تۇرمۇشلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىدە ؛ ئەمەلىي دەرس بايلىقلىرىنى قېزىش جەھەتتە ئىمكانىيەت ۋە پۇرسەتنىڭ كۆپەيگەنلىكىدە. بىز بۇ يەردە تەكىتلەۋاتقان « ئېلاستىكىلىق »، « ئېچىۋېتشچانلىق » ، « تۇرمۇشلىشىش» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ماھىيەتتە دەرس بايلىقى ئېڭىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. «تىل- ئەدەبىيات دەرس بايلىقى مەكتەپ ئىچى ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى تىل - ئەدەبىيات دەرس بايلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار ئادەتتە ، ئوقۇتۇش ئاسما رەسىملىرى، قۇرال كىتابلار ۋە باشقا كىتابلار ، گېزىت- ژۇرنال ، كىنۇ – تېلېۋىزور، رادىيو، ئىنتېرنېت تورى، نۇتۇق سۆزلەش يىغىنى ، تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە يىغىنى ، تىياتىر نۇمۇرلىرى ، كۇتۇپخانا، مۇزېي، خاتىرە ساراي، خاتىرە ئۆي ، كۆرگەزمە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، بۇ دەرس بايلىقلىرنى تىرشىپ ئېچىپ ، پائال پايدىلنىش كېرەك ».
يازغۇچى زۇردۇن سابىرنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ھازىرقى تىل- ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابىغا« ئوغلاق تارتىشىش »(« ئانا يۇرت » رومانىدىن پارچە)  ، «دۇلان ياشلىرى » ، «ساداقەت » قاتارلىق ئەسەرلىرى ۋە يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ « يۈرىكىم يىغلايدۇ» ( زۇردۇن سابىر ھەققىدە ئەسلىمە) ناملىق ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ، « زۇردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى » قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەھمىيەتلىك ئىشىنى 2009- يىلىنىڭ بېشىدا رەسمىىي باشلىدۇق . 2009- يىل 2- ئاينىڭ 15-كۈنى ، غۇلجا شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئەدىب ۋە فوتوگرافلارنى تەكىلىپ قىلىپ ، ‹‹ زوردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى ››نى قۇرۇش ھەققىدە مەسلىھەتلەشتۇق، بىر مۇنچە ياخشى تەكلىپ –پىكىر ، لايىھەلەر ئوتتورىغا قويۇلدى .مەكتەپ B ئوقوتۇش بىناسى 3-قەۋەت ‹‹ مەكتەپ تەزكىرە ئۆيى ›› يېنىدىكى 70 كۋادىرات مېتىرلىق ئۆي خاتىرە ئۆينىڭ گۈزەل-سەنئەت ئىشلىرىنى لاىيھلەش غولجا شەھەر‹‹ پەرۋاز›› ئېلان –بېزەك مەركىزىنىڭ مەسئولى ، ‹‹ ئىلى دەرياسى ›› ژورنىلىنىڭ تەكلىپلىك گۈزەل –سەنئەت مۇھەررىرى ،خەتتات ،فوتوگراف خالمۇرات قىيۇمبەگكە تاپشۇرۇلدى.
2009   –يىلى 3 –ئاينىڭ 12 –كۈنى، مەكتەپ مۇدىرى شۆھرەت نېغمەت بىلەن مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئۈرۈمچى يەنئەن يولى 44 –قورۇدىكى ئۆيىگە بېرىپ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن ‹‹زوردۇن سابىر خاتېرە ئۆيى ›› نى قۇرۇش ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق .يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئايالى خەلچەم ھاجىم بىزگە يازغۇچىنىڭ ھايات چېغىدا ‹‹ خاتىرە ئۆيى ›› قۇرۇش ئارزۇسىنى ئۇرۇق-تۇغقان، كەسىپداش ۋە دوسىت – بۇرادىرلىرىگە كۆپ قېتىم ئېيتقانلىقىنى، لېكىن تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ ئارزونىڭ ئەمەلگە ئاشماي قالغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى ۋە بىزنىڭ بۇ خەيىرلىك ئىشىمىزنى قوللاپ-قۇۋەتلەپ، مەرھۇمدىن ئەستلىك قالغان 70 پارچە سۈرەت ،يەتتە نەزىرسىنىڭ سىنئالغۇ لېنتىسى ۋە 1997 –يىل 9 –ئاينىڭ 25 –كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ ئاتاقلىق يازغۇچى زوردۇن سابىر ئەسەرلىرى ئىلىمي مۇھاكىمە يىغىنى›› نىڭ سىنئالغۇ لېنتىسىنى كۆپەيتىۋىلىشىمىزغا بەردى. يەنە مەرھوم يازغۇچى زوردۇن سابىردىن يادنامە بولۇپ قالغان  دوپپا ،قول سائەت، فوتو ئاپپارات ، ئۈستەل چىراغ ، شاھمات، ،قەلەم كۆزئەينەك ، خاتىرە دەپتەر ، سومكا ، ئىستاكان ، نام كارتوچكا ، خىزمەت كىنىشكىسى ، قول شارىك ، شان – شەرەپ  گۇۋانامىلىرى ،‹‹ زوردون سابىر ئەسەرلىرى ئىلىمي مۇھاكىمە يىغىنى ››نىڭ تەكلىپنامىسى ،بۇ يىغىندا ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى كىيدۈرگەن ھۆرمەت تونى ،يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مىجىت ناسىرنىڭ ئۆز نامى بىلەن كىيدۈرگەن ھۆرمەت تونى، يازغۇچىنىڭ ‹‹ئىزدىنىش ›› روماننىڭ بىر قىسىم قوليازمىلىرى، ‹‹سۇچى ›› ناملىق ھېكايىسىنىڭ قوليازمىسى، زوردۇن سابىرنىڭ يېزىقچىلىق ئۈستىلى ... قاتارلىق نەرسىلەرنىمۇ قۇشۇپ بەردى. ‹‹ئانا يۇرت ›› روماننىڭ ئۇيغۇرچە ، قازاقچە نەشىر نۇسخىلىرىدىن بىر يۈرۈشتىن سوۋغا قىلدى...
كۆپنىڭ ئەقلى ۋە تىرشچانلىقى
شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن، ئۈرۈمچى گۈلساي قەبرىستانلىقىغا بېرىپ، مەرھوم يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىپ ،سۈرەتكە تارتتۇق. مەكتەپ مودىرىمىز شۆھرەت نېغمەتنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئوقۇغۇچىسى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، ئەدىب ئابلىكىم ھەسەن بىزنىڭ  ‹‹ زوردون سابىر خاتىرە ئۆيى ›› نى قۇرۇشقا ماتېرىيال يىغقىلى ئۈرۈمچىگە كەلگەنلىكىمىزنى ئۇقۇپ ،3 –ئاينىڭ 13 –كۈنى كەچتە ‹‹ پارلاق رېستۇرانى ›› دا بىر قىسىم پېشقەدەم رەھبەرلەر، ئۇستاز ئەدىب ۋە ياش ئەدىبلەرنى چاي سۆھبىتىگە چاقىردى. بۇ چاي سۆھبىتىدە ‹‹زوردون سابىر خاتىرە ئۆيى ›› نى قۇرۇش ھەققىدە كەڭ –كۇشادە سۆھبەت بولدى .ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مىجىت ناسىر ئاكا تۇنجى بولۇپ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:‹‹ مەن 1961 –يىل 8 –ئاينىڭ 21 –كۈنى سابىق سوۋېىت ئىتىپاقىنىڭ لېنىنگراد شەھرىگە بارغاندا ‹‹ پۇشكىن خاتىرە سارىيى ›› نى زىيارەت قىلغان، شۇ چاغدا بىزدىمۇ مۇشۇنداق يازغۇچى، شائىر لارنىڭ خاتىرە سارىيى بولغان بولسا-ھە!.....دېگەنلەرنى خىيال قىلغان ئىدىم.مەن يەنە 2001- يىل 9- ئاينىڭ 6-كۈنى غۇلجا شەھەرلىك 2- ئۇتتۇرا ( ئۈمىد ) مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبىرىكلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ ‹ مەكتەپ تەزكىرە ئۆيى › نى زىيارەت قىلغان ؛ 2005- يىل 11-ئاينىڭ 18- كۈنى ئاتۇش ئىكساق ‹ ھۆسەينىيە مەكتىپى › دە ئۆتكۈزۈگەن ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپىنىڭ 120يىللىقىنى خاتىرلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ ‹ مەكتەپ تەزكىرە ئۆيى › زىيارەت قىلغان . مۇشۇ كەمگىچە بىرەر ئۇيغۇر ئەدىبنىڭ خاتىرە ئۆيىنى كۆرۈپ باقمىغان .غۇلجا شەھەرلىك 2 –ئوتتورا مەكتەپتە ‹‹ زوردون سابىر خاتىرە ئۆي ›› نىڭ قورۇلماقچى بولغانلىقى ناھايتى بىر ئەھمىيەتلىك ئىش...... بۇ خاتىرە ئۆينى قۇرۇش جەريانىدا نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەت ،قىيىنچىلىقلارنى يڭىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۆز نامىمدىن ،كۆپچىلىك نامىدىن سىلەرنىڭ بۇ خەيرلىك خىزمىتىڭلارنى چىن دىلىمدىن قوللايمەن.بۇ خاتىرە ئۆينىڭ قىممىتى ،ئەھمىيىتى ،تەربىيەۋى رولى كېيىن تېخىمۇ بىلىندۇ... زوردۇن سابىرنىڭ ئانا يۇرۇت رومانى نەشىر قىلنىپ ،نامى باشقىدىن ئۇلۇغلاندى ،شان-شۆھرىتى ئاشتى ،سىلەر مۇشۇنداق بىر تارىخي ئابىدە تىكلەش ئالدىدا تۇرۇپسىلەر .  بىز ئۆزىمىزنىڭ سەرخىل ،گېگانىت تارىخىي تۆھپىكارلىرىمىزنى قەدىرلىشىمىز كېرەك...››.
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيتىنىڭ سابىق رەئىسى، ئۇستاز يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر مۇنداق دېدى : ‹‹ ـــ بىز ئىلگىرى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى يازغۇچىلار جەمئىيتى نامىدىن ‹ شىنجاڭ ئەدىبلەر سارىيى › قۇرماقچى بولۇپ، ئالدى بىلەن ئىشنى ئەدىب زۇنۇن قادىر بىلەن تېيىپجان ئېلىيېۋنىڭ خاتىرە ئۆيىنى قۇرۇشتىن باشلىماقچى بولدۇق. كونكىرېىت خىزمەتلىرىگە زوردۇن سابىر مەسئول بولدى، كارخانا قۇرۇپ ئالدىن بېيغان بىر خەنزۇ ئەدەبىيات ھەۋەسكارى ئىقتىسىادى جەھەتتىن ئاز تولا ياردەم قىلىپ ، ئۆز تۇرالغۇسىدىن ئىككى ئېغىز ئۆينى خاتىرە ئۆيى قىلىشقا ئاجىرتىپ بەردى. كېيىن ،زونۇن قادىر بىلەن تېيىپجان ئېلىيېۋگە  دائىر بىر قىسىم ماتېرىيال ۋە ئەستىلىكلەر شۇ ئۆيدە توپا بىسىپ تۇرۇپ قالدى، بۇ خەيىرلىك ئىشنىڭ ئاخىرى چىقمىدى . ھازىر ئېلىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكە ،شەھەرلىرىدە ۋە نۇرغۇن ئۇنۋېرسىتېتلاردا ‹ ئەدىبلەر سارىيى › كۆپلەپ قۇرۇلۋاتىدۇ. بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنىقى قاتارىدىكى ۋەكىلى  زوردۇن سابىرغا ئاتاپ قۇرماقچى بولغان ‹ زوردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى › نىڭ تەسىرى ناھايىتى يۇقىرى ، قىممىتى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ ››.
يازغۇچى ئابدۇراخمان قاھار مۇنداق دىدى : « غۇلجا شەھەرلىك 2- ئۇتتۇرا مەكتەپتە ‹ زوردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى › نىڭ قۇرۇلماقچى بولغانلىقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى خەيرلىك بىر باشلىنىش ، زۇردۇن سابىر 1987- يىللىرى غەربىي گېرمانىيەگەبارغاندا، ئۇ يەردىكى ئەدىبلەرنىڭ خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلغان ئىكەن ، ئۇ چەت ئەل سەپىرىدىن قايتىپ كېلىپلا بىزمۇ خاتىرە سارىيى قۇرۇشنى ‹ زۇنۇن قادىرى خاتىرە ئۆيى › ۋە ‹ تېيىپجان ئېلىيېۋ خاتىرە ئۆيى› دىن باشلىغان بۇلساق ياخشى بۇلاتتى، دەپ خىراجەت ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر مەھەل يۇقىرى – تۈۋەن چېپىپ يۈرگەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ، زۇردۇن سابىرنىڭ ئۆزنىڭ خاتىرە ئۆيىنى قۇرۇش ئىشى باشلىنىپتۇ. سىلەر ‹ زۇردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى › نى ھازىرغىچە يىغىپ تۇپلىغان ماتېرىياللار بۇيىچە ئېچىۋېلىڭلار ، ئاندىن ئاستا- ئاستا مۇكەممەللەشتۈرۋالساڭلار بۇلىدۇ.»
ئەدىب مەھمۇد مۇھەممەت مۇنداق دېدى: « ـــ زۇردۇن سابىر مېنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىمدىكى ئۇستازىم بۇلۇپلا قالماي، بەلكى يەنى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۇستازىممۇ ئىدى . زۇردۇن سابىر ئەينى يىللاردا غۇلجا شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپتە بىزگە تىل – ئەدەبىيات دەرسى بېرەتتى، دەرسنى تولىمۇ مەنىلىك ، جانلىق ئۆتەتتى . مەن زۇردۇن سابىر بىلەن تاكى ۋاپات بۇلغانغا قەدەر ئاكا ئاغىنە بۇلۇپ ، ئەسرالىشىپ ئۆتتۇق . زۇردۇن سابىر ۋاپات بۇلغاندىن كېيىن ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدىكى ئەكبەر ئېلىنىڭ تەۋسېيە قىلىشى بىلەن ‹ قەلبىمدىكى زۇردۇن سابىر › ناملىق ئەسلىمە كىتابىنى 20 كۈندە يېزىپ تاماملىدىم ، كېيىن بۇ كىتاب نەشر قىلىندى. مەن بۇ كىتابنى يىلدا 4-5 نۈۋەت ئۇقۇيمەن ، ھەر قىتىم ئۇقۇغاندا كۆزۇمگە ياش ئىلىپ يىغلاپ تۇرۇپ ئۇقۇيمەن. مەن بۇ كىتابتا زۇردۇن سابىرىنى مۇكەممەل ، تۇلۇق يىزىپ كېتەلىمىدىم ، يەنە تۇلۇقلاپ يىزىشقا تىرىشىمەن . بۇ ‹ زۇردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى › نىڭ قۇرۇلۇشى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىشتۇر ».
شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئابلىكىم ھەسەن قۇرۇلماقچى  بولغان « زوردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى » گە ئاتاپ زۇردۇن سابىرنىڭ « ئانا يۇرت » رۇمانىنىڭ ئۇيغۇرچە ، قازاقچە نەشر نۇسخىسىدىن بىر يۈرۈشتىن سوۋغا قىلدى . ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئەدەبىيات- سەنئەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى تۇردى ھاشىم بىزگە بىر نەچچە باغلام كىتاب- ژۇرناللار قاتارىدا زۇردۇن سابىرنىڭ « ئىزدىنىش » رۇمانىنىڭ يېڭى نەشىر نۇسخىسىنى سوۋغا قىلدى. ئۇستاز يازغۇچى مەمتىمىن ھۇشۇر، ئابدۇراخمان قاھار ئاكىلارمۇ زۇردۇن سابىر بىلەن چۈشكەن ، ئەتۋارلاپ ساقلاپ كېتۋاتقان سۈرەتلەرنى بىزگە بەردى...
بىز غۇلجىغا قايتىپ كېلىپلا « زۇردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى» نى قۇرۇشنى رەسمىي باشلىۋەتتۇق. ئىلى دىيارىدىكى ئەدىبىلەرنى زىيارەت قىلىپ ، زۇردۇن سابىرغا ئائىت سۈرەت ۋە بىر قىسىم ماتىرىياللارنى يىغدۇق . يازغۇچى زۇردۇن سابىرنىڭ غۇلجا ناھيە يېڭىتام يېزا بوستان مەھەللىسىدىكى ئىنىسى مۇسەللىم سابىرنى مەكتەپ نامىدىن ئالايتەن يوقلاپ، ئۇلارنىڭ قولىدا ئەدىبنىڭ ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم سۈرەت ۋە بۇيۇملىرىنى يىغدۇق. غۇلجا ناھيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سابىق مۇدىرى ئابدۇراخمان شېرىپ ئاكا زۇدۇن سابىردىن ئەستىلىك قالغان ئىككى دانە گالىستۇك ، ئۆزى ئەتۋارلاپ ساقلاۋاتقان « ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلمۇئەللىمىن » نىڭ ئەينى چاغدىكى ئومۇمىي كۆرۈنۈش، دەرسخانا كۆرۈنۈشى ۋە ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا تارتىقان سۈرەتلەرنى بىزگە سۇۋغا قىلدى. مۇھەمەتجان راشىدىن ، تۇختاش بەكرى ، قاسىم سىدىق ... قاتارلىق شائىرلار زۇردۇن سابىرغا ئاتاپ يازغان مەرسىيەلىرىنى ئۆزى قۇلى بىلەن بىر نۇسقا كۆچۈرۈپ بەردى .شائىر قاسىم سىدىقنىڭ « پىغان » ناملىق مەرسىيەسىگە مەخسۇس ئاھاڭ ئىشلىنىپ ، ناخشا ئېيتقۇزۇلۇپ VCDپىلاستىنكىسى تەييارلىدۇق. زۇردۇن سابىرنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان كىتابلىرىنى تۇلۇق يىغدۇق . ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى كۈتۈپخانىسىدىن ئەينى يىللاردا گېزىت - زۇرناللاردا، بىر قىسىم كىتابلاردا زۇردۇن سابىر ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە ئائىت ئېلان قىلىنغان ئەسلىمە، ئەدەبىي خاتىرە، مەرسىيە ، ئوبزۇر ماقالە ۋە تەتقىقات ئەسەرلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ كۆپەيتتۇق. زۇردۇن سابىرنىڭ ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن ئوتتۇرا مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابلىرىنى يىغدۇق. بۇلاردىن باشقا، زۇردۇن سابىرنىڭ باشقا قىرىنداش مىللەت تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان كىتابلىرىنى توپلىدۇق.
مەكتىپىمىزدە قۇرۇلغان « زۇردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى » گە كىرىش سۆز ۋە زۇردۇن سابىرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئىككى خىل تىل- يېزىقتا يېزىلىپ رامكىلاشتۇرۇلدى. « يازغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى »، «ئىلىم ئىزدەش يۇلىدا» ، « يازغۇچى چەت ئەل زىيارىتىدە »، « ئۆچمەس ئىزلار ، قىمەتلىك ھايات»، « يازغۇچى تۇرمۇش قاينىمىدا »، « قىممەتلىك دەقىقە، ئۇنتۇلماس ئەسلىمە» دېگەن ماۋزۇلار ئاستىدا جەمئىي 120 پارچە سۈرەت چۇڭايتىلىپ رامكىلاشتۇرۇلدى. بۇ خاتىرە ئۆيىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا « زۇردۇن سابىر يېزىقچىلىق ئۆيى » تەقلىدىي ياسىلىپ، بۇ ئۆيگە زۇردۇن سابىر ھايات چېغىدا ئىشلەتكەن يېزىقچىلىق ئۈستىلى، ئۈستەل ئۈستىگە يازغۇچىدىن ئەستىلىك قالغان ئۈستەل چىراغ ، ئىستاكان ، « ئانا يۇرت » رۇمانىدىن بىر يۈرۈش قۇيۇلدى. خاتىرە ئۆيىنىڭ ئۇتتۇرىغا ئەينەك ئىشكاپ قۇيۇلۇپ، ئىچىگە زۇردۇن سابىرغا ئائىت توپلانغان بارلىق بۇيۇملار رەتلىك تىزىلدى.
تەنتەنىلىك مۇراسىم
2009-يىل 10- ئاينىڭ 15- كۈنى ، مەكتىپىمىزدە « زۇردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى » نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا ئىلى ۋە ئۈرۈمچى دىيارىدىكى بىر قىسىم رەھبەرلەر ، ئەدىبلەر، پېشقەدەم مائارىپچىلار ، ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلار ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پىرافېسىسۇرى بۇغدا ئابدۇللا، ئاپتۇنوم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى مەمتىمىن ھۇشۇر ۋە مەرھۇم يازغۇچى زۇردۇن سابىرنىڭ بىر قىسىم ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. مۇراسىمدا بۇغدا ئابدۇللا ، مەمتىمىن ھوشۇر قاتارلىق ئۇستاز ، ئەدىبلەر زۇردۇن سابىرنىڭ ھاياتى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيتىگە يۇقىرى باھالارنى بەردى. مۇراسىمدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مىجىت ناسر ئاكا ۋە ئەدەبىي ئوبزورچى يالقۇن روزىنىڭ تەبىرىك خېتى ئوقۇلدى. مۇراسىمغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىغان مېھمان، مەرھۇم يازغۇچى زۇردۇن سابىرنىڭ ئايالى خەلچەم ھاجىم بۇ خاتىرە ئۆي ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: « ـــ زۇردۇن سابىرنىڭ ئىككى ئارزۇسى بار ئىدى ، بىرى ‹ ئانا يۇرت › تىرىلوگىيەسىنى تاماملاپ ، نەشر قىلدۇرۇش ، بۇ ئارزۇسى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەمەلگە ئاشتى؛ يەنى بىرى ، ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يېزىدا ئۆزنىڭ خاتىرە ئۆيىنى سېلىش ئىدى . مانا بۈگۈن يازغۇچىنىڭ بۇ ئارزۇسىمۇ ئەمەلگە ئاشتى ... بۇ خاتىرە ئۆينى قۇرۇش ئۆچۈن كۈپ ئەجىر سىڭدۈرگەن مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە مۇناسۋەتلىك مەسئۇل خادىملارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ». مۇراسىمدىن كېيىن ، مېىھمانلار خاتىرە ئۆيىنى زىيارەت قىلىدى، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
بۈگۈنكى كۈندە، غۇلجا شەھەرلىك 2- ئۇتتۇرا مەكتەپتە قۇرۇلغان « زۇردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى » ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى تۈنجى بولۇپ قۇرۇلغان مەخسۇس ئەدىبلەر خاتىرە ئۆيى بولۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتىدىكى يېڭى بىر يۈزلىنىش ۋە ىەدىبلەرنى خاتىرلەش، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشتىكى ياخشى باشلىنىش ھېسابلىنىدۇ . « زۇردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى » ھازىر يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئەتۋارلاپ ساقلايدىغان مۇزېيغا ، يازغۇچى زۇردۇن سابىرغا مۇناسۋەتلىك ئۇچۇرلارنى خاتىرە ئۆيى ئارقىلىق كىشىلەرگە تۇنۇشتۇردىغان مەركەزگە ، ئەدەبىياتشۇناس، ئەدىبلەر ئۈچۈن مول ماتېرىيال ئامىبىرىغا ،ھەر قايسى ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات پېنىنى ئوقۇتۇش دەرس بايلىقى ئوچىقىغا ، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنىڭ قايناق ئىجادىيەت بازىسىغا، ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ زىيارەتگاھىغا ئايلاندى.
يازغۇچى رۇمىن رۇللان : « ئىجادىيەت ئۆلۈمنى يۇقىتىش دېمەكتۇر » دەپ ئېيتقاندەك ،يازغۇچى زۇردۇن سابىر ئۆمىرنىڭ ئاخىرىغىچە ئەدەبىي ئىجادىيەتنى ئۆزىنىڭ بىردىنبىر تاللىشى قىلغان . شۇڭا ، مول ، نادىر ئىجاديەتلىرى ئۇنىڭ چەكىلىك ھاياتىنىڭ چەكسىز ئۇزىرىشىغا ئىمكانىيەت ياراتقان . يازغۇچى زۇردۇن سابىر ئالەمدىن ئۆتتى ، ئۇنىڭ روھى ئۆزى قالدۇرۇپ كەتكەن سەمەرىلىك ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى بىلەن مەڭگۈ ھاياتتۇر ... يازغۇچى زۇردۇن سابىر ئالەمدىن كەتتى ... ئۇنىڭ ئىدىيەسى « ئانا يۇرت » قاتارلىق نادىر ئەسەرلىرىدە مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر.
<<جوڭگۇ مىللەتلىرى>> ژۇرنىلى2010 -يىللىق6-سانىدىن

0

تېما

0

دوست

466

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15588
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 142
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 14:08:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا رومانىنى قاچانمۇ كىنو قىلىپ ئىشلەمىز......ئىلىم مەرىپەتنىڭ بوشۇكى بولغان غۇلجا خەلقىگە رەخمەت .....

1

تېما

5

دوست

3512

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   50.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8699
يازما سانى: 455
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 180
تۆھپە : 903
توردىكى ۋاقتى: 577
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 15:10:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mirahor يوللىغان ۋاقتى  2013-3-14 14:08
ئانا رومانىنى قاچانمۇ كىنو قىلىپ ئىشلەمىز......ئىلىم مەر ...

پەلەكنىڭ چاقى تەتۈر ئايلىنىپ ، ئىتەكلەر ئىتەك ، ياقىلار ياقا بولغان ۋاقىتتا كىنو قىلىپ ئىشلىنىدۇ .

0

تېما

8

دوست

5451

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10179
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 544
تۆھپە : 1321
توردىكى ۋاقتى: 306
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 19:46:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات كۆكىدە چاقنىغان يىتۈك چولپان، مەشھۇر يازغۇچى ئۇستاز زوردۇن سابىرنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى مۇجەسسەملەنگەن بۇ خاتىرە ساراينىڭ قۇرۇلۇشى مەرھۇمغا قىلىنغان يەنە بىر زور ھۆرمەت بولۇپلا قالماي يەنە ئۇ ئۇيغۇر ئەدىب- شائىرلىرىغا ئاتالغان تۇنجى خاتىرە ساراي بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر تارىخىدا خۇددى مەرھۇم بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن «ئانا يۇرت» ترولوگىيىسىدەك ئەبەدىي ئۇنتۇلماس ئابىدە خارەكتېرلىك ئەسەر بولۇپ قالغۇسى.
مەن شۇنداق ئويلايمەن: بىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىدىيىمىز، ساپايىمىز شۇنچىلىكمۇ ياكى تەشۋىقات كەمچىل بولۇپ قالدىمۇ بىلمىدىم، ناۋادا مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا ئۆزى ئارزۇ قىلغان ھەم بىرقانچە كاتتىلىرىمىز ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر يازغۇچى- شائىرلىرىمىزغا ئاتالغان شۇ خاتىرە ساراينى قۇرۇش ئىشى نېمە ئۈچۈن توختاپ قالغان بولغۇيتى. ئەنە دېيىلىپتىغۇ، بىر خەنزۇ چېغىدا ئۆز تۇرالغۇسىنى تەقدىم ئېتىپتۇ. ئۇيغۇرلىرىمىز ئارىسىدىن شۇنداقلار (ئىقتىساد بىلەن ھەمدەمدە بولىدىغانلار) چىقمىغانمىدۇ، ھۆكۈمەت قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرغانمىدۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )