- تىزىملاتقان
- 2012-8-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7097
- نادىر
- 0
- يازما
- 274
ئۆسۈش
41.94%
|
باردۇر
جاھالەت سەمەرەسىدىن بىزگە بىركۈن كۆپ جاپا باردۇر،
ئېيتىڭىزچۇ بۈگۈنكى ھالىمىزدىن قايسى بىرىدە ساپا باردۇر.
زاماننىڭ ھالىدىن ۋاقىپ بولۇپ تۇرماقنىڭ ئورنىغا،
بىرىنى شاڭيو سايلاپ ئارقىدىن دەۋايىمىز باردۇر.
ئىلىمنىڭ ئىجتاھاتىغا كۆڭۈل قويمىدۇق بىزلەر،ئوقۇرمىز ئوقۇتۇرمىز سېغىز چايناشىمىز باردۇر.
تەانۇـ تاناسىر ئورنىغا بىزلەردە بىر ئادەت،
يېڭى باشنى كۆتۈرگەننى ئۇرۇپ يىقىتقانىمىز باردۇر.
يەنە يۇرت پايدىسىغا جەمئىي بولماقلىق بەسى مۈشكۈل،
ئەگەر بىر يەردە توي بولسا بېرىپ ياتقانىمىز باردۇر.
ئومۇمنىڭ پايدىسىغا يۈز يىلدا ھەم ئەسلا چۈشەنمەيمىز،
زىيان قىلماق ئۈچۈن بولسا ئەجەپ چاققانىمىز باردۇر.
بىرى بىر ياخشىلىق قىلسا ئۇنىڭ يادىنى قىلماق يوق،
ئېپى كەلسە بېرىپ ئەۋرەتلېرىنى ئاچقانىمىز باردۇر.
ئەگەر مىللەت ئۈچۈن بىر پۇل چىقىش كەلسە تاپالماسمىز،
چىقىمى يوق ناۋا پۇلغا تولا ئىخلاسىمىز باردۇر.
ئىخۋان ھەم بۇرادەرلىك نىشانى قالمىدى بىزدە،
مەگەر دوست بولساقمۇ ئەسلى،بۆلەك مۇددايىمىز باردۇر.
خاتائەن دوستىمىزدا بىر ئەيىپ زاھىر بولۇپ قالسا،يوشۇرماي بىرگە ئوننى تېپىپ قاتقانىمىز باردۇر.
بابالار شۆھرىتى غەيرىتىنى ھېچ سېغىنماسمىز،
قېلىپ غەپلەت جاھالەتتە يۇمۇپ كۆز،پو ئاتقانىمىز باردۇر.
كېرەكسىز مۇستەھەپ ئىشلار ئۈچۈن جاننى پىدا قىلماق،
چى لېكىن ھەجگە باج ئالسا توزۇپ قاچقانىمىز باردۇر.
ئويۇن -چاقچاق تۈپەيلىدىن ئۆزـ ئارا بىئەپ بولساق،
ياراشتۇرۇپ قويۇش نەدە،ئارىغا ئوت ياققانىمىز باردۇر.
خۇشامەت بابىدا بىزدىن بۆلەك ئۇستىسى ھەم يوقتۇر،
قۇۋلۇغۇ شۇملۇق بىلەن رەڭمۇرەڭ يالغانىمىز باردۇر.
ئىت ئۇرغاننى تونۇر دەپ بار ئىدى بىر تەمسىلى،
لويى ئامبال ۋە دارېن دەپ، سېمىز باققانىمىز باردۇر.
ئىلىم ـ پەنگە يۈرۈش قىلغان ئۇچار كۆكتە ئۈزەر سۇدا،
مىنىشكە قوتۇر ئېشەك يوق، پىيادە قالغانىمىز باردۇر.
گۈركىرەپ كەلسە ئاپتوموبىل، ۋاي خۇدايىم ئەي نېمە بۇ دەپ،
ئەقىلنى ئىشلىتەلمەي ھاڭ ـ تاڭ قېتىپ قالغانىمىز باردۇر.
ھۈنەر بىلەن سانائەتتە«يېتىشتۇق»ئەمدى ئىش پۈتتى،
ئۇماچ ئىچمەككە خۇمداندا غېدىر قۇيغانىمىز باردۇر.
مىسلى جەننەت تاغۇ ـ دەريانى بېزەشكە يوق كىشى،
ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ بىغەم ياتقانىمىز باردۇر.
مۇنەججىم ھەم ئېنژىنېر، ئالىملارنىڭ ئورنىغا،
تونۇر سەللە نەپسى بالا موللىمىز ـ سۇلتانىمىز باردۇر.
قىزىل كۆزلۈك،كۆرەلمەسلىك،يا ئۆزى قىلالماسلىق،
قىلاي دەپ بەل باغلىغانلارغا تۈرلۈك ـ تۈمەن بوھتانىمىز باردۇر.
ئەل ـ يۇرتنىڭ دەردىگە قىلچىمۇ دەرمان بولمىدۇق بىزلەر،
كېلۇر بىركۈن ئاشۇ چاغدا ئورنىغا كەلمەس پۇشايمانىمىز باردۇر.
ئابدۇخالىق بەس يېتەر، ئاۋارە بولما قاقشىما،
شۇچاغ كەلگەندە بىزلەردە ئازابقا تەييار ۋىجدانىمىز باردۇر. |
|