بۇ يازمىنى ئاخىرىدا koktash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-17 13:41
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار! نۆۋەتتە قۇمۇل شەھەرلىك قىزىل يۇلتۇز دوختۇرخانىسىدا 20 ياشلىق يىگىت قاسىم تۇردى قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى (红斑狼疮) كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئاغرىق ئازابىدا ئىڭىراپ ياتماقتا. مەزكۇر كېسەل پۈتۈن بەدەنگە يامراشچان، سوزۇلما ۋە قوزغىلىشچان تىپىك ئۆز ئىممۇنتېت خاراكتېرلىك بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما كېسەللىكلىرىدىن بولۇپ، كۆپ قىسىم ئەزالارغا تاجاۋۇز قىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. ۋاقتىدا داۋالاتمىغاندا، ئېغىرلىشىپ بىمار ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. قاسىم تۈردىنىڭ كېسىلىگە دوختۇرلار 1. سېستىما خاراكتېرلىك قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى؛ 2. سول قاش خالتىلىق ئىششىقى، دەپ دىئاگىنوز قويغان. دوختۇرلارنىڭ باھالىشىچە، بىمارنىڭ نۆۋەتتىكى كېسەللىك ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، ۋاقتىدا داۋالاتمىغاندا ئەزالار ئىقتدارى زەئىپلىشىش، جىگەر ئىقتدارى زەخىملىنىش، قان ۋە ھېموگلوبېن ئازلاش، يۈرەك ئىنزىمى بىنورماللىشىش، ھەتتا يۈرەك رېتىمى تۇيۇقسىز قالايمىقانلىشىش، يۈرەك سانجىپ ئاغرىش، يۈرەك تىقىلىش، كۆپ ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش، نەپەس تەدرىجى توختاش، يۈرەك مەنبەلىك ئۆلۈش، يۈرەك تەدرىجى ھالدا سوقۇشتىن توختاش قاتارلىق خەۋپلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن. كېسەلنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر خەتەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، دوختۇرلار ئۈرۈمچىگە، يۇقىرى دەرىجىلىك داۋالاش ئورۇنلىرىغا يۆتكەشنى تەۋسىيە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن قاسىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى يار بەرمىگەچكە، كېسەلنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا يۆتكەپ داۋالاشقا ئامالسىز قالغان. دوختۇرلارنىڭ دىيىشىچە، قاسىمنىڭ داۋالىنىشىغا 200 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا پۇل كېتىدىكەن. قاسىم قۇمۇل تارانچىدىن بولۇپ، 5 ياش ۋاقتىدىلا ئاپسى تۈگەپ كەتكەن، دادىسى ئۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالمىغاچقا، كىچىك ئاپىسى ئۇنى بېقىۋالغان. دادىسىنىڭ ئېتىبارسىز قارىشى ۋە نامراتلىق سەۋەبىدىن، قاسىم 12 ياشقا كەلگەندە ئاران مەكتەپكە كىرەلىگەن. ئۆزىنىڭ تىرىشىپ ئوقۇشى نەتىجىسىدە، تارانچىدىكى تېخىنىكوم مەكتىۋىگە ئۆتۈپ، شۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىدى. مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئەمدى بىر كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرەي دېگەندە، بۇ يىگىت مۇشۇنداق بىر پىشكەللىككە دۈچ كېلىپ قالدى. قاسىمنى بېقىۋالغان كىچىك ئاپىسى ئىشسىز بولۇپ، تۆۋەن تۇرمۇش پۇلى ئارقىلىق ئائىلىنى بېقىپ كەلگەن. نۆۋەتتە بۇ نامرات ئائىلە 8000 يۈەندىن ئارتۇق چىقىم قىلىپ بولغان، ئەمدى داۋاملىق چىقىم قىلىشقا قۇربى يەتمىگەن. شۇڭا، كۆپچىلىكتىن ياردىمى ئارقىلىق، بۇ ياش يىگىتنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىپ ئۈچۈن، سىلەرگە ئۇشبۇ مۇراجەتنامىنى يازدۇق.
تەپسىلاتىغا قىزىققۇچى تورداشلار بولسا، تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشۈپ باقساڭلار بولىدۇ!
قاسىمنىڭ يېقىنقى كېسەللىك ئەھۋالى.
قاسىمنىڭ يانفونى: 13565704401 گۈلپەرى (قاسىمنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلىۋاتقان نەۋرە ئاچىسى): 18099021419 قاسىمنىڭ سودا- سانائەت بانكىسىدىكى ھېساۋات نومۇرى: 6212813011000026434 خەنزۇچە يېزىلىشى: 佧森·图尔迪
|