- تىزىملاتقان
- 2013-2-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 142
- نادىر
- 0
- يازما
- 0
ئۆسۈش
47.33%
|
ئۇيغۇرسوفت خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ 1. يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش خادىمى
(1) تەرجىمان، 15 نەپەر
ۋەزىپىسى: ئىنگلىزچە يۇمشاق دېتال ئۇچۇرلىرىنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىدۇ. ئىشتىن سىرت ۋەزىپە بويىچە ئىشلەيدۇ ۋە شۇ بويىچە ھەق ئالىدۇ.
خىزمەت ئورنى: ئاساسەن توردا بولىدۇ. تور ئارقىلىق ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالىدۇ ۋە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
شەرتى: ئىنتېرنېتكە ئۇلانغان كومپيۇتېرى بولۇشى، ئىنگلىز تىلى سەۋىيەسى 4-دەرىجە ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك. ناۋادا، ئاسپرانت ئوقۇغۇچىلار بولسا تېخىمۇ قارشى ئېلىنىدۇ، ھېچقانداق سىناق ئېلىنمايدۇ.
ئىش ھەققى: ئىنگلىزچە ھەر 1000 سۆز ئۈچۈن 80~100 يۈەن. (ئادەتتە ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 2000 سۆز تاماملاشقا بولىدۇ).
(2) باشقۇرغۇچى، 1 نەپەر.
ۋەزىپىسى: تەرجىمانلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ۋاقتى بارلارغا ۋەزىپە تەقسىملەپ بېرىدۇ. كۈندىلىك تاماملانغان تەرجىمە مىقدارىنى نازارەت قىلىدۇ، تەرجىمە سۈپىتىنى تەكشۈرىدۇ.
خىزمەت ئورنى: ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال بۆلۈمىدە ھەپتىدە 5 كۈن، كۈندە 6 سائەت خىزمەت قىلىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيت-بايراملاردا ئارام ئالىدۇ.
شەرتى: ئىنگلىز تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلىغا پىششىق بولۇش، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىل كەسپى ياكى تەبئىي پەن كەسپلىرىنى پۈتتۈرگەنلەر ئاۋۋال ئويلىشىدۇ.
ئىش ھەققى: 2500 يۈەن+5 خىل سۇغۇرتا+ئۈنۈم ئىش ھەققى+يىللىق مۇكاپات
بۇ خىزمەتنى باشلاشتىن ئىلگىرى، 3 كۈنلۈك يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش ھەققىدىكى ئاساسىي ساۋاتلاردىن ھەقسىز تەربىيەلىنىدۇ. بۇ خىزمەت سىزنىڭ ئوقۇش، خىزمىتىڭىزگە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. بىز بىلەن ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلماقچى بولسىڭىز، سېپىمىزگە قوشۇلۇڭ.
ئالدى بىلەن بىر ئابزاس ياكى 4-5 قۇر قىسقىچە تەرجىمھالىڭىزنى بىزگە يوللاپ بېرىڭ.
ئېلېكتىرونلۇق خەت: alim.ahat@hotmail.com
ئالاقىلاشقۇچى: ئالىم ئەھەت
==============================================================================================
2. مۇلازىمەت خادىمى
(3) يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتال مۇلازىمەت خادىمى
ۋەزىپىسى: سېتىش بۆلۈمىدە يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتال مۇلازىمىتىنى قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىدارە-ئورگانلارغا يۇمشاق دېتال يەتكۈزۈپ بېرىش ۋە قاچىلاش مۇلازىمىتىنى قىلىدۇ.
خىزمەت ئورنى: قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرى تۆتىنچى قەۋەت 4319-نومۇر، ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمى
شەرتى: كومپيۇتېر قوراشتۇرۇش، سىستېما قاچىلاش تەجرىبىسى بولۇش، ئىللىق چىراي، ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىش (قىزلار قوبۇل قىلىنمايدۇ).
ئىش ھەققى: 2500 يۈەن+5 خىل سۇغۇرتا+ئۈنۈم ئىش ھەققى+يىللىق مۇكاپات
بۇ خىزمەتنى باشلاشتىن ئىلگىرى، 1 ھەپتە ھەقسىز تەربىيەلىنىدۇ. 1-2 ئاي سىناق ئىشلەيدۇ. سىناق مەزگىلىدە 1200 يۈەن بېرىلىدۇ. ئاندىن 2 يىللىق ئەمگەك توختامى تۈزىلىدۇ.
ئالاقىلىشىش ئادرېسى: ئۈرۈمچى قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرى تۆتىنچى قەۋەت 4319-نومۇر، ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمى
ئالاقىلاشقۇچى: مۇرات
تېلېفون: 2813300، 2839871
خىزمەت ۋاقتىدا يەنى چۈشتىن بۇرۇن 9:00 دىن 12:00 گىچە، چۈشتىن كېيىن 2:00 دىن 5:00 كىچە تېلېفون قىلىڭ،
========================================
باشقا مۇنبەرلەرگە ئەزا بولساڭلار، چاپلاپ قويساڭلار، رەھمەت!
|
|