قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: sewir

نورۇز بايرىمى توغرىسىدا

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

4

دوست

1984

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   98.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14450
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 165
تۆھپە : 483
توردىكى ۋاقتى: 234
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 22:32:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ajiza يوللىغان ۋاقتى  2013-3-25 17:00
ئامىرىكا ،     سىندىباد  ،   ئانۋ 8735------  .    سىلەرنىڭ ئىنكا ...

ئاجىزە ! دىققەت قىلسىڭىز مەن ئىزچىل ئىلمى مۇنازىرە قىپ كەلگەن، لېكىن مۇخەممەد123456دىگەن بىرسى تېتىقسىز گەپ قىپتى، شۇنىڭغا يارىشا دەپ قويدۇم ،ئىشەنمىسىڭىز قاراپ بېقىڭ!

2

تېما

9

دوست

5799

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   15.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15034
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 24
تۆھپە : 1724
توردىكى ۋاقتى: 191
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 23:29:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجىزە ! دىققەت قىلسىڭىز مەن ئىزچىل ئىلمى مۇنازىرە قىپ كەلگەن



گەپنى مەن باشلىغان، چۈنكى  ئېسلام ئالىملرنىڭ پەتىۋالىرىنى كۆرگەن ،   مەن كۆرگەن شۇ تېمىنى قېرنداشلرىمنىڭمۇ كۆرۈپ پايدىلىنىپ  ئۆزىنى دەڭسەپ ئىش قىلشىنى  ئويلاپ  ھەقنى يەتكۈزۈپ قويۇش ، دىنىي قېرنداشلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن شۇ تېمىنى سىلەرگە سۇنغان ئىدىم.  ئويلمىغان يەردىن  شۇ تېمىنى يوللاپ  ، ئوچۇق -ئاشكارا ئىلمي يوسۇندا مۇنازىرە قىلسام  ، مىنى  ۋە باشقا قېرنداشلارنى  ۋاھابى، ھەتتا تالىبان قاتارغا چىقاردىڭىز ئامرىكا ئەپەندىم....
سىزنىڭچە مۇشۇ توغرىمۇ ؟؟؟    سىز دەپ بىقىڭ مۇنازىرە قانداق بولىدۇ.؟   
(ئەسكەرتىش:   مەن ھېچقانداق  بىر ئادەم تىللىغۇچى،  كىشىنىڭ دىنىغا باھا بەرگۈچنى قوللىمايمەن، ئەكسىنچە شۇ كىشنىڭ سوغۇق قان بولۇپ ، سۆز -ھەركىتىگە دىققەت قىلىپ ، گۇناھ دىن ساقىلىنىشىنى  تەلەپ قىلىمەن).
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

4

دوست

1984

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   98.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14450
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 165
تۆھپە : 483
توردىكى ۋاقتى: 234
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 23:44:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xajarim يوللىغان ۋاقتى  2013-3-25 23:29
گەپنى مەن باشلىغان، چۈنكى  ئېسلام ئالىملرنىڭ پەتىۋال ...

خاتالىشىپسىز قېرىندىشىم! مەن ھىچكىمنى تالىبان دىمىدىم.  پەقەت مۇھەممەد 123456دىگەن بىرسىگە قىلغان  گېپىگە قارىتا سەل ئغىر  تەككۈزۈۋېتىپتىمەن. ھەممەيلەن مىللەت ئۈچۈن دەيمىز  چوقۇم، پەقەت دۇنيا قارىشىمىزدا  پەرق باركەن، ئەمدى تالاشمايلى،مەيلى قايسى يولنى تۇتايلى  ئۇيغۇر ئۈچۈن بىرلىكتە  كۈچ  چىقىرايلى!

2

تېما

0

دوست

2884

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13256
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 420
تۆھپە : 619
توردىكى ۋاقتى: 383
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 00:17:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غېرىبلارغا مۇبارەك
كۆپ ئادەمنىڭ بىر نەرسىگە ئەگەشكەنلىكى شۇ نەرسىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. دىيانەت كېمەيگەن، ئىلىم سۇسلاشقان، ئىش ئەھلى بولمىغانلار تۆرگە ئۆتكەن ۋاقىتتا ئۆزۈڭگە تەۋە روھىي ئالەمگە قايت. غېرىبلىققا يۈز تۇتقان بۇرادەرلىرىڭنى زىيارەت قىل. مۇبادا بارچە كىشى ھەقىقەتكە قارشى جەم بولغان تەقدىردە يالغۇز ھالەتتە ھەقىقەتنىڭ تۇغىنى تۇتۇپ تۇرغىنكى، مۇرەسسە قىلما. دىللار غېرىب بولغان ۋاقىت كەلدى. قەلب چوڭقۇرلىرىڭغا چۆكۈپ ئىلاھىي ھەقىقەتلەرنى تەپەككۇر قىلغىن، ياراتقۇچىغا بولغان چەكسىز ئىشەنچ كىشىلەردىن چەككەن ئەزىيەتلىرىڭنى توزان كەبى ئۇچۇرۇپ كەتكەي.
غېرىبلىق… غېرىبلىق… كىشىلەر ياراتقۇچىنى ئۇنتۇشقان دەۋردە مۇقەددەس كالامىمىزنى تىلاۋەت قىلغان ئادەم غېرىب، دەتالاش قىلىنغان جايدا شەرىئەت غېرىب، تەقۋا ئەر ھازازۇل ئايال ئالدىدا غېرىب، ﷲ يولىدا تەۋەككۇل قىلغۇچى مەئىشەت قىلغۇچىلار ئارىسىدا غېرىب. ئۆكۈنمە ، ئەي مۆئمىن. غېرىب بولغان سەنلا ئەمەسسەن. كىشىلەر ئارىسىدا شەيتان باشلىق بولغان چاغدا ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئەلەم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
پەيغەمبەرلىك ئاخىرلاشتى. ئەمدى سەن مۇقەددەس بۇيرۇققا ئىتائەت قىلىسەن ياكى كاپىر پېتى مەڭگۈلۈك ئوتقا كىرىسەن. ئۆزرەڭنى قوي. ياراتقۇچى بەرگەن رىزىقنى يەپ تۇرۇپ ياراتقۇچىغا توزكور بولغانلىقىڭنى ئۇنتۇما. قۇرداشلىرىڭ «ئوينا» دەيدۇ. قاپقاراڭغۇ گۆر سېنى «ئويلان» دەيدۇ. شەيتان ۋە ئادەم سۈرەتلىك شەيتانلارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بارچە گۇناھلارنى ئەيمەنمەي بېجىرىسەن، «سەن تېخى ياش، قېرىغاندا قىلىۋال ئىبادەتنى» دەيدۇ، شەيتان قۇلىقىڭ تۈۋىدە. ياشلىقتا، ئەقلىڭ ئۆتكۈر چاغدا شەيتان قوشۇننىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ كەتتىڭ، ياشلىق كۈچۈڭنى گۇناھ كوچىلىرىدا خوراتتىڭ. مانا، قېرىغاندا بەللىرىڭ، بويۇنلىرىڭ قاتقاندا سەجدىلىرىڭ قولاشمىدى، ئاغزىڭ مۇبارەك كەلىمىلەرگە كەلمىدى. تەۋبىسىز كەتتىڭ، ئەي بەختسىز ئىنسان. قەبرىدە يېتىپ تۇرۇپ، ھەقىقەتلەرگە ئىشىنىۋاتامسەن؟ ھالبۇكى بۇ سەن ھايات چاغدا ئىنكار قىلىنغان ھەقىقەتلەر ئىدى. 60-70 يىللىق ئۆمۈر خۇددى بىر كېچە – كۈندۈزدەكلا ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. ھاياتلىق ھارۋاڭغا ياخشى ئەمەل قاچىلاشنى ئۇنۇتتۇڭ. مەھەللەڭدە ئاجىزلارنى بوزەك قىلىشتا ئاتامان ئىدىڭ. ئۆسۈم يەيتتىڭ. ھاراقنى ﷲنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ ئىچەتتىڭ، قانچە قىزنىڭ ئىپپىتىنى بۇزغىنىڭ ھاياتىي دۇنيادىكى تۆھپىلىرىڭ سۈپىتىدە سېنى پەخىرلەندۈرەتتى. سۈننەتنى تىرىلدۈرۈپ، ساقال قويغانلارنى ھاقارەت قىلاتتىڭ. ﷲنىڭ ئىلمىنى ئۈگەنگەنلەرنى چاقاتتىڭ. يىلان- چايانلارنىڭ غىزاسىغا ئايلىنىۋاتقان چاغلىرىڭدا «يا ھەسرىتا، تۇپراق بولۇپ كەتسەمچۇ، ئىسىت» دېگەنسەن.
سەن ئازدۇرغان ئاشۇ تىرىكلەر يەنىلا گۇناھىنى داۋام قىلماقتا. سەن باشلىغان خاتا يولغا ماڭغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ بىر ئۈلۈش گۇناھىنىڭ ئۈستۈڭگە يۈكلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىڭمۇ؟ ياق، سەن كىچىك قىيامەت بولغان قەبرە ھاياتىڭنى ئۆتكۈزۈپ بولغىنىڭدا ، مەھشەردىن ئىبارەت تېخىمۇ دەھشەت بىر قىيامەتنى كۆرىسەن. جەھەننەمنىڭ مۇئەككەل پەرىشتىلىرى كۈچلۈك قوللىرى بىلەن ئوتقا سۆرىگەندە خۈنۈك كۆزلىرىڭ بىلەن مۆئىمىنلەرنىڭ، سەن مەسخىرە قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ كەڭلىكى ئاسمان- زىمىنچە كېلىدىغان جەننەتلەرگە كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپمۇ قالارسەن. ئۇلۇغ ﷲنىڭ كالامى، پەيغەمبەر سۈننىتى كۆز ئالدىڭدا تۇرۇپ ھەقىقەتنى تونىيالمىغىنىڭ ئۈچۈن ئەمدى باشقىلارغا مالامەت قىلالمايسەن. ئەي ئۆز-ئۆزىنى خارلىققا تاشلىغۇچى ئازغۇن ئىنسان!
قەلب قاتلاملىرىدىن تەۋبە ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان ئەي مۇسلىمە! ئۆكۈنمە، يات ئەركەكنىڭ كۆزلىرىدىن خالىي بولۇش ئۈچۈن، پەقەت ﷲتىنلا قورقۇپ تۇرۇپ تومۇز ئىسسىقتا كەيگەن ھىجابلىرىڭغا! كىشىلەردىن، ئۇرۇغ- تۇغقانلىرىڭدىن چەككەن ئەزىيەتلىرىڭ ئۈچۈن قىيامەت كۈنى بۈيۈك سوۋغىغا ئېرىشىسەن. خالىيدا ﷲتىن قورقۇپ ياش تۆككىنىڭنى ئۇ كىشىلەر نەدىن بىلسۇن؟! قوللىرىڭ دۇئادا، قۇرداشلىرىڭ دىبادا. ئاشۇ چۆيۈندەك مەزمۇت ئىمان بىلەن ياشىغىنىڭ، قورساق باقتىلىرىنىڭ ئارىسىدا ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغىنىڭ ئۈچۈن ﷲنىڭ رەھمىتى بولسۇن. سېنى مەسخىرە قىلىشقانلار ئالدىراشمىسۇنكى، ئەتە- ئۈگۈن مەسخىرە نۆۋىتى ساڭا كېلىدۇ.
بەدەنلىرى ئەرەبىستاننىڭ چوغدەك قىززىق قۇملىرىدا كۆيۈپ، ياغلىرى پىژىلداپ ئېقىپ تۇرۇپمۇ ئىمانىدىن قايتمىغان ئەممار ياسىر ئائىلىسى ، ئاچلىقىدىن تاشنى قورساقلىرىغا تېڭىپ يۈرگەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە بۈيۈك ساھابىلەرنىڭ سىماسىنى ئەستىن چىقارما ئەي ھەمشىرەم! ئىمانسىزلارنىڭ ئېسىل قەسىرلىرى، باغلام- باغلام پۇللىرى كۆزلىرىڭنى ئالىچەكمەن قىلمىسۇن. ئۇلارنىڭ ھاياتىي دۇنيادىكى ئازغىنە مەئىشەتلىرى ھامىنى ئاياغلىشىدۇ. قىيامەت كۈنىدىكى بۈيۈك ھېساب كۈنىدە يۈزلىرى تولۇنئايدەك پارقىراپ تۇرغان سائادەتمەنلەردىن بولغىنكى، ئەتراپىڭدىكى ئادىمىي شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىگە ئالدىنىپ، ئۇ دۇنيالىق ھاياتىڭنى نابۇت قىلمىغىن. ھەقىقەتكە يېقىنلىشىۋىدىڭ ، قەۋمى قېرىنداشلىرىڭمۇ دۈشمەنگە ئايلاندى. لىچەكلىرىڭ تىقىپ قويۇلدى. كەينىڭدىن پىتنىلەر توقۇلدى. بۇ سىناقلار نېمە ئىدى قېرىندىشىم؟! تەنلىرى ھەرىدەلگەن، قانلىرى تۇپراقنى سۆيگەن شەھىدلەر ئۇچرىغان قىسمەتلەر ئالدىدا ئاغزاكى ھاقارەتلەر نېمە ئىدى؟ پەيغەمبەرلەرنىڭ سەئىدى بولغان سۆيۈملۈك مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەم ئېغىر كۈلپەتلەرگە مۇپتىلا بولغان. بېشىغا تۆگىنىڭ قېرىنى ئارتىپ قويۇلغان، ئوھۇد غازىتىدا چىشلىرى تۆكۈلگەن، مۇشرىكلار شېئىرلار توقۇپ مەسخىرە قىلىشقان. لېكىن ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوڭ قولىغا ئاينى ، سول قولىغا قوياشنى بەرگەن تەقدىردىمۇ دەۋەتتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان ، مۆئىمىنلەر ئىماندىن تەۋرەنمىگەن. شۇڭا دەيمەن، سەن ھەق ئۈستىدىسەن ئەي مۇسلىمە…ھەرگىز قايتما، بىلگىنكى ئۇلار سېنى ئازدۇرۇشنىلا خالايدۇ.
كۆپلىگەن كىشىنىڭ بىر مەۋقە ئاساسىدا بىرلەشكەنلىكى ئۇ ئىشنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئېسىڭدە بولسۇنكى، قۇرەيش مۇشرىكلىرىغا ھەم نۇرغۇن كىشىلەر ئەگەشكەن. تارىختا تالاي ئىنسانلار بۇزۇق ئەقىدە ئاساسىدا بىرلەشكەن. ئۇلارنىڭ سالغان قەسىرلىرىنىڭ خارابىلىرى ئىبرەت سۈپىتىدە كېيىنكىلەرگە قالدى. كۈچلۈك، چىرايلىق قامەتلىرى جەھەننەمگە ئوتۇن بولۇشتىن باشقىغا يارىمىدى. ھېلىھەم تالاي كىشىلەرنىڭ ئاللىقانداق ئازغۇن پىكىرلەر قورشاۋىدا جاھىلانە تىركىشىپ ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھەق ئۈستىدە ، دەپ ئويلايدۇ. دىللىرى پەردىلەنگەن كىشىلەر غادىيىپ يۈرۈشمەكتە. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پىكىرلىرى، ئەمەللىرى بىلەن خۇشال. مۆئىمىنلەرنىڭ ئاجىز، غېرىب ھالىتى ئۇلارنى بەكمۇ ھاياجانغا سالماقتا. ئۇلارنىڭ ھېيلە- مىكىرلىرىگە ﷲ كۇپايە، ﷲ نېمە دېگەن ياخشى ھامىي! ۋاھالەنكى نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى بىلمەيدۇ.
سەن غېرىبسەن، ئىسلام غېرىبلىقتىن باشلانغان، يەنە غېرىبلىققا قايتماقتا. سىناق دۇنيادا تۈرلۈك قىسمەتلەر بېشىڭنى ئەگىپ تۇرماقتا. ئاتا- ئاناڭ سېنى خىزمەتچى قىلىپ، ئابرويلۇق بىر ئەرگە بەرمەكچى، بىراق، سەن ﷲ يولىدا خىزمەت قىلىپ ﷲنىڭ رىزاسىغا ئېرىشمەكچى. دىللار نېمە دېگەن پەرقلىق- ھە! ئىسمى مۇسۇلمانچە قويۇلغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆزىنى مۇسۇلمان ساناپ يۈرگەن تالاي كىشى ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ﷲنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىشماقتا. بېزىلىۋاتقان ئۆيلەر، تاشلىنىۋاتقان ئاتا- ئانىلار، كىچىك تۇرۇپ تۇغۇپ قويغان قىزلار، پاھىشە- زىنالار، ئىچىلىۋاتقان ئىچىملىكلەر، ئاينىپ كەتكەن بىدئەتلەر قىيامەتنىڭ بىز تەرەپكە سۈرۈلۈپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئىشارە قىلماقتا. بېقىشتىن قېچىپ ساناتورىيىلەرگە ئاپىرىۋېتىلگەن ئاتا- ئانىلار، ئۈزۈلمەس قاتار چايلار، ئىنسانغا سەجدە قىلىشلار، شېرىك ئەقىدىلەر قەۋمنىڭ بەختسىزلىكى. تەپەككۇر تاشلانغان ، ئىبرەت كۆزلەر توسۇلغان ، دۇنيالىق پاراڭلار ئاۋۇپ كەتكەن . پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قىيامەت يېقىنلاشقاندا مۆئىمىنلەرنىڭ كۆپۈككە ئوخشاپ قالىدىغانلىقىنى، دۇنيانى ياخشى كۆرۈپ، ئۆلۈمدىن قورقىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن. ساھابىلەر نەفسىنى بويسۇندۇرۇپ ئۆتكەن بولسا، بىز نەفسىمىزگە قۇل بولماقتىمىز. ئۆز ئەھۋالىمىزنى ياخشىلىماي تۇرۇپ رەببىمىزدىن ياردەم كۈتمەيلى. پىچاق غىلاپقا قايتقاندەك ئەھلى ئىسلام ھەق ئۈستىگە قايتماي تۇرۇپ، نىجاتلىق يوقتۇر.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر تال خۇرما چاغلىق نەرسە سەدىقە قىلىپ بولسىمۇ جەھەننەمدىن ساقلىنىشقا چاقىرغان ئىدى. ئاۋۇ كوچىدىكى پەقىر كىشىنى كۆردۈڭمۇ، سەن يەۋاتقان يۇقىرى ئاقسىللىق غىزادا ئاشۇ مىسكىننىڭ ھەققى بار. كىيىمى يىرتىلغان يوقسۇل ئەمەلىيەتتە ﷲتائالانىڭ ساڭا ئەۋەتكەن نېئمىتى. سەن شۇلارنى كىيىندۈرۈش ئارقىلىق ئەجىرگە ئېرىشىسەن. داڭلىق ماركىلىق كىيىملىرىڭ قىيامەت كۈنى كىيىشكە يارىمايدۇ. بەدىنىڭ يۆگەلگۈدەك كىيىم، ئاران قورسىقىڭ تويغۇدەك غىزا، بېشىڭنى تىقىپ ئولتۇرغۇدەكلا بىر ئۆيدىن باشقا بارلىق نېئمەتتىن سۇئال قىلىنىسەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئاۋۇ ئەركىلىتىپ ئولتۇرغان بالاڭدىن، قەلەمقاش ئايالىڭدىن ھەتتا جېنىڭدىنمۇ ئەزىز كۆرۈپ باقتىڭمۇ؟ ياق، سەن ،مەن ، ئاۋۇ مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىۋاتقان كىشىلەر بۇنىڭغا ئىمانىمىزنى تەكشۈرۈپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىپ باقايلى. نامازلاردا ئىخلاس يوق. سۈرە فاتىھەدە يىغلاپ باقتىڭمۇ؟ ساھابىلەر ھاياتىنى ئوقۇپ ۋۇجۇدۇڭ قاتتىق قاتتىق سىلكىندىمۇ؟ ياق.
غېرىبلارغا سالاملار بولسۇن. ئۇلار ئىنتايىن ئاز ساندىدۇر. ئۇلار پىتنە ئاينىغان زاماندىمۇ ئىمانىدا بەقەرار تۇرالىغان، دەۋاسىدا راستچىل كىشىلەردۇر. ئۇلار رېستۇرانلارغا چاقىرىلمايدۇ. ئابرويلۇق بايلارنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولالمايدۇ. ئۇلارنىڭ باشلىق تۇغقىنى يوق. چۈنكى،ئۇلار ياردەمنى پەقەت ﷲتىنلا كۈتىدۇ.
غېرىب بولغىنكى، زالىم بولما. مۇسىبەتلەر كەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك ئىمانىڭدىن ئەنسىرە. ﷲنىڭ گۇناھلىرىڭنىڭ جازاسىنى قىيامەت كۈنىگە يىغىپ قويۇشىدىن ھەزەر قىل. سەن ھاياتسەن، غېرىبلاردىن بول. روھىڭ غېرىبلىق دەشتلىرىدە ﷲنىڭ مۆجىزىلىرىنى تەپەككۇر قىلىش بىلەن پارلاقلىققا يەتكەي.
غېرىبلارغا سالاملار بولسۇن. ئۇلار ئاز كۈلۈپ كۆپ يىغلىغۇچىلار. ئۇلار مالامەت قىلغۇچىلارنىڭ مالامەتلىرىدىن خاتىرجەم ھالدا ﷲنىڭ زىكرى قىلىش بىلەن قەلبى ئارام تاپقان كىشىلەر. ماۋۇ مەنىسىز كۈلۈپ يۈرگەن كىشىلەردىن چېگرا ئايرىغىن. ئاچچىق كۈلگىنكى، ماڭقۇرتلارچە كۈلمە. كۈلكە قەلبنى ئۆلتۈرىدۇ. ﷲنىڭ ئامانىتى بولغان پەرزەنتلىرىڭ، تېخىچە ئەۋرىتىنى ئېچىپ يۈرگەن ئايالىڭ، ھەمشىرىلىرىڭنى ھەقىقەتكە چاقىرىش قاچالمايدىغان بۇرچۇڭ، سەن بۇ ئىشلاردىن سوراق قىلىنماي قالمايسەن.
غېرىبلارغا سالاملار بولسۇن. ئۇلارنى دوست تۇتقىن. ئۇلارنىڭ غېرىب كۈلبىلىرىگە ﷲنىڭ بەركىتى چۈشىدۇ. ئۇلار ئاز بولسىمۇ داۋاملاشقان ئەمەللىرى ئارقىلىق، ﷲنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىد كۈتۈپ ياشايدۇ. ئۇلار گۆشسىز غىزا يېسىمۇ يۈزلىرى ئىماننىڭ تەسىرىدىن پارقىراپ تۇرىدۇ. ئۇلار چۈشكۈنلەشمەيدۇ. ئۇلار ھەر كۈنى ياتار چاغدا بىر كۈنلۈك قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ھېسابىنى قىلىدۇ. ئۇلار تەھەججۇد نامىزىدا سەۋەنلىكلىرى ئۈچۈن يىغلاپ تۇرۇپ مەغفىرەت سورايدۇ. ئۇلار بىرسىنى ياخشى كۆرسە ﷲ ئۈچۈن ياخشى كۆرىدۇ. يامان كۆرسە ﷲ ئۈچۈن يامان كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدە داڭلىق ماركىلىق بۇيۇملار يوق. لېكىن ئۇلارنىڭ تىللىرىدا قىيامەت كۈنىدە تارازىغا ئېغىر كېلىدىغان تەسبىھ، زىكىرلەر بار. ئۇلارغا ئۈزۈلمەس سالام ۋە ﷲنىڭ رەھمەتلىرى بولسۇنكى، قىيامەت كۈنىدىكى قىيىن مىنۇتلاردا بۈگۈنكى چەككەن ئەزىيەتلىرى ئۈچۈن بۈيۈك مۇكاپاتلارغا سازاۋەر بولغاي.

0

تېما

4

دوست

1984

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   98.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14450
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 165
تۆھپە : 483
توردىكى ۋاقتى: 234
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 01:28:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xajarim يوللىغان ۋاقتى  2013-3-25 23:29
گەپنى مەن باشلىغان، چۈنكى  ئېسلام ئالىملرنىڭ پەتىۋال ...

قېرىندىشىم .بىلىشىڭز كېرەكى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ياخشى ئەممەللەرنى قىلىشقابويرىغان،ھەم قىلسادۇنياۋە ئاخىرەتىنىڭ ناھايىتى ياخشى بولدىغانلىغى توغرۇلۇق بەندىلىرىگەۋەدە بەرگەن بولساپەيغەمبىرىمىزمۇ«كىمكى ئىسالامدا ياخشى بىريولنى ئوتتۇرغاقويسا،ياخشى يولنىڭ ساۋابى ۋەشۇ يولدا ماڭغۇچىلارنىڭ ساۋابىدىن ھىچ نەرسە كېمەيتىلمەستىن ھەممىسى قوشۇلۇپ ،شۇكىشىگەئوخشاش ساۋاپ بېرىلىدۇ»دىگەن..شۇڭائۇيغۇرمۇسۇلمانلىرى شۇنى ئېنىق بىلىشى كېرەككى ،كىمكى بىرەر ئىش قىلماقچى بولسا،ئەڭ ئەۋۋەل مېنىڭ  قىلماقچى بولغان ئىشىم زاداى ئاللاھ ياراتقان بەندىلىرىگەپايدىلىقمۇيوق دىگەن مەسىلە ئۈستىدە  ئوبدان ئويلىنىشى كېرەك.ئەمدى بىزنىڭ بۇنۇرۇز بايرىمىمىز زادى ئۇيغۇرلارغاپايدىلىقمۇيوق شۇنى ئوبدان ئويلىنىشىمىزكېرەك،نۇرۇز بىزنى ئۆملۈككە،پاكىزلىققا،يېڭىلىققاقاتارلىق نۇرغۇنلىغان خاسىيەتلىك تەرەپلىرى بولغاچقاچوقۇم ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك،ناۋادا ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققى قىلىشىغازىيانلىق بولساچوقۇم ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك.شۇڭادۇنيالىق ئىشتا بىرقېتىم ئىشلەتكەن ئەقىلنى دىننى ئىشلاردامىڭ قېتىم ئىشلىتىش كېرەك.

0

تېما

0

دوست

33

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17093
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 10
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 02:24:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Xajarim    ،muhammad123456،    ajiza ،   dawatqi  لارغا:
ھەقەسلىرى؟ مىنىڭچە ئەۋەل بىر مۇسۇلمان. ئاندىن قالسا ئۇيغۇر ئىكەنلىكىڭىزنى ھازىرغىچە ئىنكار قىلىشمىدىلا. خۇداغا يۈزمىڭ قەدرى شۈكرى. ھەقەسلىرى بىزگە دەلىل دەپ كورسەتكەن ھىلىقى سىن ئالغۇ لىنتىسىنى، ھەم نورۇز بايرىمى ھەققىدىكى ئاتالمىش دەلىلنى كۆردۇق ھەم ئاڭلىدۇق. بەك كۆپ كۈچەپسىلە. بىراق شۇنى ئويلىدىڭلارمۇ؟ باشقا ھەرقانداق گەپنى قويۇپ تۇرايلى. قۇرئان كەرىم ۋە سىلەر تۆت ھەدىس دەيسىلەر مەن 24 ھەدىسنى بار دەپ ئاڭلىغان. مۇشۇ كىتاپلاردا باشقا ھەرقانداق گەپنى قويۇپ تۇرايلى« نەۋرۇز» تىلغا ئىلىنغانمۇ؟ نەرۋۇز دىگەن ئاتالغۇ سىلەرگە ئۇچرىدىمۇ؟ شۇ  6 ھەرىپتىن تۈزۈلگەن سۆزنى ماڭا كۆرسۈتۈپ بىرەلەمسىلەر. . . . ؟ مىنىڭچە كىشلەر نەۋرۇز بايرىمىنى ئۈچ مىڭ يىل بۇرۇنقى دەۋىرگە ئىلىپ بارىدۇ. ھازىرقى تۈركى ئالىملىرى ۋە پارىسى ئالىملار نەۋرۇز بايرىمىنى ئاللانىڭ زىمىننى ياراتقان ۋاختىغا ئاپىرىدۇ. بۇنىڭغا تارىخى دەلىلەرمۇ بار. يەنى ئۇلۇق تەڭرىمنىڭ پۈتۈن زىمىننى ياراتىشىغا ئالتە كۈن كەتكەكەن ، ئادەم ئەلەيھى سالامنى تەڭرىم مۇسۇلمان قىلىپ يارىتىپتۇ. بۇ دەل كۈن بىلەن تۈن تەڭلىشىپ بىز بۇرچىغا كەلگەن ۋاقىتاقا توغرا كىلىدىكەن. شۇندىن بىرى ئەشۇ ئادەم ئەلەيسى سالامنىڭ ئەۋلاتلىرى ئۇلۇق ئاللانىڭ زىمىنى، پۈتكۈل كائىناتنى ھەم ئۆزلىرىنى ياراقانلىقىغا شۈكرى ھەشقاللا ئىيتىپ بۇ يىڭى كۈننى ئۆتكۈزۈنى باشلاپتۇ. بۇ مىلادىيە كالىندارى بويىچە ھىساپلانغان ئىش. بەلكى ئۇ چاغدا بۇ كاتتا بايرامغا نەۋرۇز دىگەن ئىىسم يا قويۇلغان يا قويۇلمىغان بولۇشى مۈمكىن. بىراق كىيىنكى دەۋىرلەر بەلكى جاھىل ئەرەپلەر بۇ خاتىرە كۈننى ئۆتكۈزشنى رەت قىلغان، پارىسى تۈركى تىللىق مىللەتلەر ئۆزىنى ياراتقان ئۇلۇڭ ئاللاغا ھەشقالا، ھەمدۇ سانا ئىيتىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈپ كىلىۋاتقان بۇ بايرام نىمە ئۈچۈن ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك ھىچقانداق كىتاپتا تىلغا ئىلىنمىدى؟ ئەمدى بۇ نورۇز بايرمىنىڭ تارىخى ئەنە شۇنداق ئۇزۇن بولغانىكەن، بۇ بايرامنى  بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبىرىمىز بولغان مۇھەممەد ئەلەيھى سالام ھەدىسلەردە ئىسمىنى كۇرپۇرلۇق دىمىدى؟ تەڭرىم ئالەمنىڭ يارىلىشىدىن تارتىپ بۇندىن كىيىن يۈزبىرىدىغان بارلىق ئىشلارنى بىزگە ئەينەكتەك كۆرسۈتۈپ بىرىدىغان بۈيۈك كىتاپ قۇرئان كەرىمدىمۇ بۇ نەۋرۇز ئاتالغۇسى نىمىشقا تىلغا ئىلىنمدى؟ دىمەك بۇ بايرامنىڭ شۇ چاغدا ئۆتكۈزلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى مۇھەممەد ئالەيھى سالام بىلىدۇ. بىلگەن تۇرۇپ نىمىشقا ئەينى چاغدا زىناھ نى، ھاراق تاماكىنى ھەم شۇنىڭغا ئوخشاش ئىسنانىيەتكە زىيىنى تىگىدىغان نۇرغۇن ئشىلارنى .ئىسمىنى ئاتاپ بەدئەت، كۇپۇرلۇق دەپ چەكلىمە قويغان تۇرسا، نىمشىا ئەشۇ بىدئەتلەر قاتارىدىن دۇنيادىكى نۇرشۇن ئسىلام دىنىدىكى مىللەتلەر ئۆتكۈزلۈپ كىلىۋاتقان نەۋرۇز بايرىمى ئورۇن ئالالمىدى. دىمەك دۇنيادىكى باغرى ئەڭ كەڭ، بىر تڭرىدىن قالسا ئەڭ ئۇلۇغ زات مۇھەممەد ئەلەيھى سالام يالغۇز ئەرەپلەرنىڭ ئەمەس بارلىق ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى بولغىنى ئۈچۈن دىنغا كىرگەن باشقا مىللەرلەرنىڭ بۇ بايرىمىنى چەكلىمىدى، ھەم ئىغىزغىمۇ ئالمىدى. چۈنكى شۇ چاغلاردىمۇ بۇ بايرامنى كۇپارلار، يەھۇدىلار، ۋەباشقا دىندىكى مىللەتلەر ئۆتكۈزمەيىتتى. پەقەت ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ئاكتىۋال مىللەتلەر ئۆتكۈزۈپ كىلىۋاتقان بۇيرام ئىدى. گەرچدىمەك بۇ بايرام پەيغەمبەر ئەلەيسى سالان تەرپىدىن ۋاجىپلاندى دىگەن گەپ. ئەمدى ئارىدىن بىر مىڭ 500 يىللار بولغاندا بىز نەدىكى بىر ئادەملەرنىڭ ئەرەپچە پەتىۋالىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئاۋامنى بۆلسەك توغرا بولارمۇ؟ سىزلەر. پەيغەمبەر ئەلەيھى سالام بىزگە قۇربان ھىيىت بىلەن روزى ھىيىتنى بايرام قىلىپ بەرگەن دەيسىلەر. سىلەرنىڭ مۇشۇ گىپىڭلار سىلەرنى كۇرپۇرلۇققا ئىلىپ بارىدۇ. چۈنكى نەدىمۇ ھىيىت بىلەن بايرامنى تەڭ قىلغىلى بولسۇن. ھىيىت دىگەن  ھىيىت مۇسۇلمان ئۈچۈن ئۇنى بىر بايرام دەپ ئاتاش ھۆددەس توغرا ئەمەس. بايرام دىگەن

0

تېما

0

دوست

33

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17093
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 10
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 02:41:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Xajarim    ،muhammad123456،    ajiza ،   dawatqi  لارغا:
ھەقەسلىرى؟ مىنىڭچە ئەۋەل بىر مۇسۇلمان. ئاندىن قالسا ئۇيغۇر ئىكەنلىكىڭىزنى ھازىرغىچە ئىنكار قىلىشمىدىلا. خۇداغا يۈزمىڭ قەدرى شۈكرى. ھەقەسلىرى بىزگە دەلىل دەپ كورسەتكەن ھىلىقى سىن ئالغۇ لىنتىسىنى، ھەم نورۇز بايرىمى ھەققىدىكى ئاتالمىش دەلىلنى كۆردۇق ھەم ئاڭلىدۇق. بەك كۆپ كۈچەپسىلە. بىراق شۇنى ئويلىدىڭلارمۇ؟ باشقا ھەرقانداق گەپنى قويۇپ تۇرايلى. قۇرئان كەرىم ۋە سىلەر تۆت ھەدىس دەيسىلەر مەن 24 ھەدىسنى بار دەپ ئاڭلىغان. مۇشۇ كىتاپلاردا باشقا ھەرقانداق گەپنى قويۇپ تۇرايلى« نەۋرۇز» تىلغا ئىلىنغانمۇ؟ نەرۋۇز دىگەن ئاتالغۇ سىلەرگە ئۇچرىدىمۇ؟ شۇ  6 ھەرىپتىن تۈزۈلگەن سۆزنى ماڭا كۆرسۈتۈپ بىرەلەمسىلەر. . . . ؟ مىنىڭچە كىشلەر نەۋرۇز بايرىمىنى ئۈچ مىڭ يىل بۇرۇنقى دەۋىرگە ئىلىپ بارىدۇ. ھازىرقى تۈركى ئالىملىرى ۋە پارىسى ئالىملار نەۋرۇز بايرىمىنى ئاللانىڭ زىمىننى ياراتقان ۋاختىغا ئاپىرىدۇ. بۇنىڭغا تارىخى دەلىلەرمۇ بار. يەنى ئۇلۇق تەڭرىمنىڭ پۈتۈن زىمىننى ياراتىشىغا ئالتە كۈن كەتكەكەن ، ئادەم ئەلەيھى سالامنى تەڭرىم مۇسۇلمان قىلىپ يارىتىپتۇ. بۇ دەل كۈن بىلەن تۈن تەڭلىشىپ بىز بۇرچىغا كەلگەن ۋاقىتاقا توغرا كىلىدىكەن. شۇندىن بىرى ئەشۇ ئادەم ئەلەيسى سالامنىڭ ئەۋلاتلىرى ئۇلۇق ئاللانىڭ زىمىنى، پۈتكۈل كائىناتنى ھەم ئۆزلىرىنى ياراقانلىقىغا شۈكرى ھەشقاللا ئىيتىپ بۇ يىڭى كۈننى ئۆتكۈزۈنى باشلاپتۇ. بۇ مىلادىيە كالىندارى بويىچە ھىساپلانغان ئىش. بەلكى ئۇ چاغدا بۇ كاتتا بايرامغا نەۋرۇز دىگەن ئىىسم يا قويۇلغان يا قويۇلمىغان بولۇشى مۈمكىن. بىراق كىيىنكى دەۋىرلەر بەلكى جاھىل ئەرەپلەر بۇ خاتىرە كۈننى ئۆتكۈزشنى رەت قىلغان، پارىسى تۈركى تىللىق مىللەتلەر ئۆزىنى ياراتقان ئۇلۇڭ ئاللاغا ھەشقالا، ھەمدۇ سانا ئىيتىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈپ كىلىۋاتقان بۇ بايرام نىمە ئۈچۈن ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك ھىچقانداق كىتاپتا تىلغا ئىلىنمىدى؟ ئەمدى بۇ نورۇز بايرمىنىڭ تارىخى ئەنە شۇنداق ئۇزۇن بولغانىكەن، بۇ بايرامنى  بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبىرىمىز بولغان مۇھەممەد ئەلەيھى سالام ھەدىسلەردە ئىسمىنى كۇرپۇرلۇق دىمىدى؟ تەڭرىم ئالەمنىڭ يارىلىشىدىن تارتىپ بۇندىن كىيىن يۈزبىرىدىغان بارلىق ئىشلارنى بىزگە ئەينەكتەك كۆرسۈتۈپ بىرىدىغان بۈيۈك كىتاپ قۇرئان كەرىمدىمۇ بۇ نەۋرۇز ئاتالغۇسى نىمىشقا تىلغا ئىلىنمدى؟ دىمەك بۇ بايرامنىڭ شۇ چاغدا ئۆتكۈزلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى مۇھەممەد ئالەيھى سالام بىلىدۇ. بىلگەن تۇرۇپ نىمىشقا ئەينى چاغدا زىناھ نى، ھاراق تاماكىنى ھەم شۇنىڭغا ئوخشاش ئىسنانىيەتكە زىيىنى تىگىدىغان نۇرغۇن ئشىلارنى .ئىسمىنى ئاتاپ بەدئەت، كۇپۇرلۇق دەپ چەكلىمە قويغان تۇرسا، نىمشىا ئەشۇ بىدئەتلەر قاتارىدىن دۇنيادىكى نۇرشۇن ئسىلام دىنىدىكى مىللەتلەر ئۆتكۈزلۈپ كىلىۋاتقان نەۋرۇز بايرىمى ئورۇن ئالالمىدى. دىمەك دۇنيادىكى باغرى ئەڭ كەڭ، بىر تڭرىدىن قالسا ئەڭ ئۇلۇغ زات مۇھەممەد ئەلەيھى سالام يالغۇز ئەرەپلەرنىڭ ئەمەس بارلىق ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى بولغىنى ئۈچۈن دىنغا كىرگەن باشقا مىللەرلەرنىڭ بۇ بايرىمىنى چەكلىمىدى، ھەم ئىغىزغىمۇ ئالمىدى. چۈنكى شۇ چاغلاردىمۇ بۇ بايرامنى كۇپارلار، يەھۇدىلار، ۋەباشقا دىندىكى مىللەتلەر ئۆتكۈزمەيىتتى. پەقەت ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ئاكتىۋال مىللەتلەر ئۆتكۈزۈپ كىلىۋاتقان بۇيرام ئىدى. گەرچ ئەينى چاغدا بۇ بايرامنى ئەرەپ مىللىتى ئكتكۈزمىگەن  بولسىمۇ بۇ بايرام پەيغەمبەر ئەلەيسى سالان تەرپىدىن ۋاجىپلاندى دىگەن گەپ. ئەمدى ئارىدىن بىر مىڭ 500 يىللار بولغاندا بىز نەدىكى بىر ئادەملەرنىڭ ئەرەپچە پەتىۋالىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئاۋامنى بۆلسەك توغرا بولارمۇ؟ سىزلەر. پەيغەمبەر ئەلەيھى سالام بىزگە قۇربان ھىيىت بىلەن روزى ھىيىتنى بايرام قىلىپ بەرگەن دەيسىلەر. سىلەرنىڭ مۇشۇ گىپىڭلار سىلەرنى كۇرپۇرلۇققا ئىلىپ بارىدۇ. چۈنكى نەدىمۇ ھىيىت بىلەن بايرامنى تەڭ قىلغىلى بولسۇن. ھىيىت دىگەن  ھىيىت مۇسۇلمان ئۈچۈن ئۇنى بىر بايرام دەپ ئاتاش ھۆددەس توغرا ئەمەس. بايرام دىگەن بايرام ئۇنى ھەرتگىزمۇ ھىيىتلار تەڭ قىلغىلى بولمايدۇ. ئەمدى سىلەرنىڭ پىكرىڭلارغا قارىسام دىننى دەپ، دىنغا قارشى بولمىغان، ئۆتكۈزسا ساۋامۇ بولمايدىغان ، ھەم ياراترقان ئىگىسى بىزنى گۇناھقىمۇ بۇيرىمايدىغان ئۆرپە ئادەتلىرىمىزنى قوبۇل قىلالمايدىكەنسىلە. مىنىڭچە ئسىلام دىنى ئادەمنىڭ يۈرۈگى ھەم ھۇجۇدى. ئۇنى ھەرگىزمۇ تەنھا چىقىرىپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. ئۇنى دىنغا مۇخالىپ بولمىغان ئۆرپە ئادەتلىرمىز بىلەن قورشاپ تىخىمۇ مەھكەم قوغدىشىمىز لاسىمكى ھەرگىزمۇ بۇ قوشالارنى بۇزۇپ تاشلىساق  بولمايدۇ.  بۇ بۈيۈك ئىسلام دىنى بىز ئۇيغۇرنىڭ تەڭرىنى ھەقىقى مەنىسى بىلەن تونۇشىمىزغا ياردەم قىلىپلا قالغاي يەنە نۇرغۇن قىممەتلىك ئۆرپە ئادەتلىرىمىزنى ساقلاپ قىلىشمىزغا ياردەم قىلدى. بولمىسا بىزدەك كۆپ مىللەت ئارىلىشىپ ياشاۋاتقان بۇ جۇغراپىيىلىك مۇھىتتا ئۇيغۇر دىگەن نامىمىزنى ساقلاپ قىلىشمىزمۇ تەس ئىدى. شۇڭا بىز ئالا پۈتۈن زىمىننى ياراتقانلىقىنىڭ خاتىرىسى بولغان بۇ بايرامنى ھاراق ئىچىدىغان. ئۇرۇش جىدەل قىلىدىغان، بۆگۈنچىلىك قىلىدىغان ناچار ئەقىدىلەر بىلەن ئەمەس ئىتىپاقلىق، بىرلىك، ئۆملۈك بايرىمى قىلايلى. بىز مۇسۇلمان، سەن ئۇيغۇر، دەپ بۆلگۈچنلىك قىلمايلى. سىلەرنىڭ ئاشۇنداق ئەقىدەڭلار بولسا شۇنداق تۈردىكى تورداشلار شەيتان ئەينىكى بولغان بۇ كومپىيۇتىرغا چىقارماي. ئۆيۈڭلاردا ئەرەپلەر قازاننىڭ كەينىگە چاپلاپ پۇشۇرۇپ يەيدىغان ھىلىق قوتارماچنى ئىتىپ يەپ ئۆز ئارا قىلىشڭلار. بىزمۇ بەش ۋاخ نامازنى ۋاختىدا ئوقۇپ، بەندىچىلىكىمىزقىلغاچ، يەنە مۇشۇ قىلسا گۇناھ بولمايدىغان،. قىلمىسا ساۋاپ بولمايدىغان، دىنى يەنىمۇ مۇستەھكەم قىلغىلى بوللىدىغان قىممەتلىك ئىسىل مەدنىيىتىمىزنى.ئۆرپە ئادەتلىرمىز ساقلاپ قالايلى. ئەگەر بۇ گەپلىرىم قوپال كەتكەن بولسا، ئاخرىدا بىر گەپنى دەپ قوياي، سىنىڭ ئەرەپ تۇغۇلماي، ئۇيغۇر بولۇپ يارالغانلىقىڭىزنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ بىدئەت بولىدۇ.

0

تېما

0

دوست

33

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17093
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 10
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 18:38:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر. يۇقۇرىقى ئىنكاسلارنى تولىمۇ تىز يىزىۋاتقان بولغاچقا، بەزى مۇھىم ئاتالغۇلارنىڭ ھەرىپلىرى چۈشۈپ قاپتۇ، ياكى ئالماش بولۇپ قاپتۇ، شۇنداقتىمۇ ئەۋەل ياراتقان ئىگىسىدىن، ئاندىن ھەقەسىڭلاردەك مىللەتنىڭ، قەۋمى جامائەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرىغا كۆڭۈل بولگەن تورداشلاردىن ئەپۇ سورايمان. تۈزۈتۈپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۆتىنىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )