- تىزىملاتقان
- 2013-3-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3418
- نادىر
- 0
- يازما
- 189
ئۆسۈش
  47.27%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kirsay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-24 00:51
مەن 2012-يىل 11-ئاينىڭ 26-كۇنى تورغا ئىلتىماس قىلىش ئۇچۇن ئۇرۇمچى شەھىرى غالىبىيەت يولىدىكى تىلىگىراف تىجارەت زالىغا باردىم ۋە مەقسىتىمنى ئېيتتىم ،شۇنىڭ بىلەن مۇلازىمەتچى خادىم كىملىگىمنى سوراپ ئالغاندىن كىيىن ئىككى بەت ۋاراققا بىرنىمىلەرنى تولدۇرۇپ ئىمزايىڭىزنى قۇيۇڭ دىدى قول قويدۇم ،ئۇ يەنە ماڭا تورىڭىز 120 سوملۇق يۇرۇشلۇك مۇلازىمەت، يانفۇنىڭىزغا ھەر ئايدا 59 سوم ئۇرۇلدۇ ، توختام مۇددىتىڭىز 1 يىل،تورنى 5كۇندىن-7 كۇنگىچە ئۇلاپ بىرىمىز دىدى شۇنىڭ بىلەن قايتىپ كەپ كۇتتۇم، 10 كۇن ئوتتى تور ئۇلىمىدى ئادەم ئالدايدىغان 10000غا بىرەر 100قېتىم تىلفۇن قىلدىم ئۇلار[ يۇقۇرىغا يوللۇدۇق ]تىن باشقا گەپ يوق ،10 كۇننىڭ ئىچىدە يانفۇنۇمغا 100 سوم قاچىلىسام يەنە توختاپ قاپتۇ ،10000 غا تىلىفۇن قىلىپ سۇرۇشتۇرسەم، ئۇلار تڭلفۇنىڭىز كەلسە 0.40 سوم ئۇرسىڭىز 0.80 سوم ئۇزۇن يوللۇق ئۇرسىڭىز 1.50 سوم ھەق تولەيدىغان مۇلازىمەتتىكەن دەيدۇ بۇ نىمە گەپ بوپكەتتى ئەمدى 80-يىللار بولمىسا ئۇنداق ھەق تولەيدىغانغا دىسەم 11-ئاينىڭ 26-كۇنى ئوزگەرتىپسىز دەيدۇ،مەن ئوزەەرتمىگەن دىسەم سىز ئوزگەرتمىسىڭىز كىم ئوزگەرتىدۇ تىلفۇن سىزنىڭ تۇرسا دەيدۇ قىلچە ئىشەنمىگەن تەلەپپۇزدا،، ئانداقتا تور مۇلازىمىتى ئۇرۇنغا بېرىڭ دەيدۇ شۇ گەپنى ئاڭلاپ نېرۋام بىراقلا 80-گە چىقتى ئاچچىغىمدا دۇكاننى تاقاپ تىجارەت زالىغا بېرىپ مۇلازىم قىزنى تېپىپ مۇشۇ ئىشلارغا چۇشانچە بىرىشنى سورىدىم، ئۇ قىز كەچۇرۇڭ دىيشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن دەيدۇ ،12 ساەت توختىماي تەكرارلايدىغان سوزنى ئۇنتۇ پمۇ قالاما؟دوت كاللامدا ئويلاپ باقسام بۇ قىلتاقكەن ئەمەسمۇ؟چىراي تۇرقۇمدىن دوترەك كۇرۇنگەن ئوخشايمەن،كىيىن چىڭ سۇرۇشتە قىلسم كەچۇرۇڭ تىلفۇنىڭىز 12-ئاي بىر ئاي شۇنداق ماڭىدۇ 1-ئايدىن باشلاپ تور يۇرۇشلۇك مۇلازىمەتكە قېتىلدۇ دەيدۇ، ئەمىسە بۇنى قانداق ھىساپلىشىمىز دىسەم ،پۇل قاچىلاپ ئىشلىتىۋىرىڭ كىيىنكى ئايدا ئارتۇق قاچىلىغان پۇلىڭىزنى ئۇرۇپپىرەي دەيدۇ ،باشقا نىمە ئامال؟ئوزەمنىڭ دوتلىگىدىنمۇ كورۇپ تېزراق تورنى ئۇلاپ بېرىشنى تاپىلاپ قايتىپ چىقتىم، ئەتىسى 7-چىسلا بىر خادىم كىلىپ تورنى ئۇلىدى.شۇنىڭ بىلەن 2سائەت تورغا چىقتىم ،2سائەتتىن كىيىن يەنە تور يوق بۇ قانداق گەپ؟ئۇلارنىڭ قىلتىغغا كوپ دەسسىگىچە تورنى ئۇلىمايلا قۇياي دەپ 10000غا مەقسىتىمنى ئېيتتىم، ئۇلارنىڭ دىيىشىچە ئۇلىمىسام بولماسمىش،چۇنكى توختام شەكىللىنىپ بوپتۇ،مەيلى ئىشلىتەي ئىشلەتمەي 1يىللىق ھەقنى مەجبۇر تولەمىشمەن،تولىمىسەمچۇ دىسەم،ئۇ دىگەن دولەت ئىگىلىگىدىكى چوڭ كارخانانىمىش مەن دىگەن ئاددى پۇقرامىشمەن،مەندەك پۇقرادىن پۇل ئېلىش كىچىك ئىشمىش .شۇنىڭ بىلەن توختامنى تەرجىمە قىلىپ چۇشەنگىدەك بولسام ئابونت ھىساپلىندىغان پۇقرانىڭ ھوقوق مەنپەتىنى قوغدايدىغان ھىچققانداق ماددا يوقكەن ئەمەسمۇ؟تىلىگىراف تورنى ئۇلۇسۇن -ئۇلۇمۇسۇن پۇقرا ئابونت پۇلنى تولەۋىردىكەنمىز،بۇ قانداق ناھەقچىلىك؟ئۇلارغا ھىچقانداق چاكلىمە يوكمۇ؟ئۇلارنى نازارەت قىلدىغان،پۇقرالارنىڭ ھەققىنى ىيىيىشتىن توسىدىغان ھىچقانداق ئورۇن يوقمۇ؟ھەر ئايدا بىر ئابونتنىڭ50 سوم ھەققىنى يىدى دىسەك نەچچە مىليۇن ئابونتنىڭ نەچچە ئون مىلىيۇن ھەققىنى يەيدۇ؟نىمە دىگەن قوقۇنۇشلۇق سان؟ شۇنداق قىلىپ 14-چىسلا تورنى ئۇلىدى 1-ئاينىڭ 22- كۇنى تور يەنە يوق ،10000غا بىرەر يۇز قاتا تىلفۇن قىلدىم ئۇلار يەنىلا يۇقۇرىغا ئىنكاس قىلامىش ،29-چىسلا يەنە تورنى ئۇلىدى تورنىڭ ئۇزلىشىدە مەسۇلىيەت تىلىگىرف شىركىتىدە بولسىمۇ پۇلنى مەن تولەمىشمەن، 2 -ئايغا كەلگەندە 12-1-ئايلڭق ھەققىڭىزگە 327 سوم تولەيسىز دەپ ئۇچۇر كەلدى، مۇلازىم قىزغا تىلفۇن قىلسام پۇلىڭىزنى يۇز قىرىق نچچە سوم ھىساپلىغان باشلىق قۇشۇلمىدى 87 سوم ھىساپلىدى شۇنى ئۇرپپىرەي دەيدۇ. نىمە ئامال؟ ئالدى بىلەن پۇلنى تولەپ تۇرۇپ 12315 كە ئەرز قىلدىم ، كەچلىك گېزىتقا ئەھۋال ئىنكاس قىلدىم .10نەچچە كۇندىن كىيىن 12315كە تىلفۇن قىلىپ ئىشىمنى سورىسام تولەشكە تىگىشلىككەنسىز سىزدىن ئارتۇق ھەق ئالماپتۇ دەيدۇ ،مەن ئەھۋالنى يەنە چۇشەندۇرۇپ قانداقسىگە ئارتۇق ئالمايدۇ ؟دىسەم ئۇنداقتا متىريالىڭىزنى ئىشلىگەنلەر بىلەن ئالاقىلىشىڭ دەپ بىر نۇمۇرنى دەپپەردى،ئۇ نۇمۇر بىلەن ئالاقىلاشسام ئۇلار مىنىڭ ماتىرييالمنى ئۇقمايدىكەن ئەمەسمۇ؟ مىنىڭ ئەرزىممۇ جوڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئەرز بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدىن مۇستەسنا ئەمەسكەن ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى ئۇمۇت بولغان مۇخپىرغا تىلىفۇن قىلسام مۇخپىر 10000غا تىلفۇن قىلسام بىر تەرەپ قىلىمىز دەيدۇ ،دەيدۇ بۇنىڭغا نىمە دىگۇلۇك؟ ھەي بىز پۇقرالار قاچانغىچە شۇلىنەمىز؟
|
|