چەرچەننىڭ قەدىمقى ئەينەكچىلىكى ھەققىدە كەمتۈك مۇلاھىزە ئۇزۇندىن بۇيان ئىلىم ئەھىلىلىرى ۋە ئارخولوگىيە مۇتەخەسلىرىنىڭ قارىشىچە ئىلىمىزدىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئەينەك بۈيۈملىرىنىڭ كىلىش مەنبىئى مىلادىدىن ئىلگىرىكى رىم ۋە مىسىردىن تارقالغان. ئەينەك ئىشلەشنى قەدىمقى مىسىرلىقلار ئىختىرا قىلغان. ئەڭ بۇرۇنقى ئەينەك بۈيۈملىرى مىسىردىن يىپەك يولى ئارقىلىق غەربى دىيار(شىنجاڭ) غا تۇشۇلۇپ،كىيىنچە ئىچكىرى جايلارغا ئېلىپ بېرىلغان دەپ قاراپ كەلدى.بۇلۇپمۇ 20- ئەسىرنىڭ باشلىرى شىنجاڭغا كەلگەن چەتئەل ئىكىسپىدېتسىيىچىلىرىدىن سىۋىن ھېدىن،سىتەيىن،بىكمان قاتارلىقلار ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ رايونىمىزدىكى يىڭپەن قەدىمقى قەبىرستانلىقى،لولەن(كروران)،چەرچەن ،ۋاششەھىرى قاتارلىق جايلاردىن زور مىقتارىدىكى ئەينەك بۈيۈملەرنى تاپتى.سىتەيىننىڭ قارىشىچە:«يىڭپەن قەدىمى قەبرىستانلىقىدىن يىغىۋېلىنغان ئەينەك بۈيۈملەردە غەرىب تىپتىكى ئالاھىدىلىك بار،بەلكىم مىلادى1- ئەسىر ۋە ياكى 4- ئەسىرلەردىكى رىملىقلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى بۇلىشى مۇمكىن» دەيدۇ..سىۋېن ھىدىنمۇ لولەن(كروران) دىن يىغىۋېلىنغان ئەينەك بۈيۈملەرنىڭ پارچىلىرىنى رىملىقلارنىڭ شەرقتىكى مەھسۇلاتلىرى دەپ قارايدۇ.ئەمما بىكمان بولسا ،چەرچەن ۋە ۋاششەھىرىدىن يىغىۋېلىنغان ئەينەك بۈيۈملەرنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلىش ئارقىلىق «بۇ ئىككى ئورۇندىكى ئەينەك مەھسۇلاتلىرى مۇشۇ جايدىكى يەرلىك خەلىقلەرئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلات بۇلىشى مۇمكىن».دىگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدۇ..شىنجاڭنىڭ قەدىمقى ئەينەك تەتقىقاتچىسى مۇتەخەس ، شىنجاڭ ئارخولوگىيە ئورنىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى جاڭ پىڭ ئەپەندى نەشىرگە تەييارلىغان «شىنجاڭ ئەينەكچىلىك ئارخولوگىيەسىدە يېڭىدىن بايقالغان ماتىرياللار تەتقىقاتى» دىگەن مۇھاكىمە ماقالىسىدا قەدىمقى يىپەك يولنى«ئەينەك يولى»دەپ تەرىپلەپ ،يىپەك يولىدىكى ئەينەك سودىسى ھەققىدە توختۇلۇپ،شىنجاڭ ئەينەكچىلىك تارىخىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە دۆلىتىمىزنىڭ ئارخولوگىيە مۇتەخەسى خۇاڭۋېن بى ئەپەندىمۇ شىنجاڭدا ئىشلەنگەن ئەينەك بۈيۈملىرى ھەققىدە ھەر تەرەپلىمە تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ قەدىمقى ئەينەك مەھسۇلاتلىرىنى تارىم ئويمانلىقىدىكى قەدىمقى خەلىقلەر ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان دىگەن يەكۇنگە ئىرىشتى. . دەر ۋەقە، يېقىندىن بۇيان شىنجاڭ ئارخولوگيىسىدە ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ كۆپلىگەن جايلاردىن قەدىمقى ئەينەك بۈيۈملىرى قېزىۋېلىندى.قېزىۋېلىنغان ئەينەك بۈيۈملەرنىڭ دەۋرى ئوخشىمايدۇ.تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بۇلۇشىچە قېزىۋېلىنغان بۈيۈملەر ئىچىدە ئاز ساندا سىرىتتىن يۆتكەلگەن ئەينەك بۈيۈملەرمۇ بار بۇلۇپ،ئەمما مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەينەك بۈيۈملەرنىڭ مۇشۇ جايدىكى يەرلىك خەلىقلەر ئۆزلىرى ئىشلىگەن ئەينەك بۈيۈملەر ئىكەنلىكى دەللىلەندى. 1985-يىلى چەرچەن زاغۇنلۇق قەدىمى قەبرىستانلىقىدىن كۆپ مىقتارىدا ئەينەكتىن ياسالغان نەپىس ئەينەك بۈيۈملەر قېزىۋېلىندى.بۇ بۈيۈملەر ئىچىدە ئاز كۆرۇلىدىغان ئەھۋال شۇكى،قېزىۋېلىنغان يېشىل سىرلىق ئەينەك بۈيۈملەر كەڭ تەتقىقاتچىلەرنىڭ دىققتىنى تارىتتى.مۇتەخەسلەر چەرچەندىن قېزىۋېلىنغان ئەينەك بۈيۈملەر ئۇستىدە تەتقىقاتلار يۇرگۇزۇپ، ئولچەش،بىكىتىشلەر ئارقىلىق:«بۇ بۈيۈملەر رىملىقلارنىڭ زاسس تىپتىكى( ناتىرى تىپتىكى) بۈيۈملەرگە ئوخشىشىدۇ ئەمما كىلىش مەنبىئى جەھەتتىن بۇ خىل ئەينەك بۈيۈملىرى قەدىمقى چەرچەن كىشىلىرى ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلات بۇلىشى مۇمكىن، قەدىمقى چەرچەنلىكلەر بەلكىم ئەينەك ياساش تېخنىكىسىنى ئاللىقاچان ئىگەللىگەن بۇلىشى ، زور مىقتارىدىكى ئەينەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ خوشنا رايونلارغا ئېلىپ بارغان بۇلىشى مۇمكىن »- دەپ قارايدۇ. چۇنكى ئىلىمىز نىڭ غەربى جۇ (تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 1066-يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 771-يىلغىچە) دەۋرلىرىدە ئەينەكچىلىك تېخنىكىسىنى ئىگەللەپ ئەينەك ئىشلەپ چىقارغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار بار ، ئەمما ئىلىمىزنىڭ قەدىمقى ئەينەكلىرىنىڭ خىمىيەلىك تۇزۇلۇشى قوغۇشۇن بىلەن بارى ئىلمىنىتى بىرىكمىسىدىن ياسالغان بۇلغاچقا، ئادەتتە « قوغۇشۇن ئەينەك» دەپ ئاتالغان. بۇخىل ئەينەكنىڭ ئىرىتىش تىمپىراتۇرسى تۆۋەن ئىدى. شۇڭا، بۇ خىل ئەينەك گەرچە كۇرۇنۇشى چىرايلىق پاقىراق بولسىمۇ،نۇر ئۆتكۇزۇشچانلىقى ناچار، ئاسان سۇنۇپ كىتىدىغان بولغاچقا، ئاز مىقتاردا سوغات بۈيۈملىرى ۋە دەپىنە بۈيۈملرى ياساشقا ئىشلىتىلگەن.ۋە بارا-بارا ئىستىمالدىن قېلىپ ياسالمايدىغان بولغان. ئەمما غەربى دىيار دا ئىشلەپ چىقىرىلغان ئەينەكلەرنىڭ خىمىيەلىك تەركىۋى ناتىرى بىلەن كالتىسى بىرىكمىسىدىن ياسالغان بۇلۇپ، بۇ خىل ئەينەك ئادەتتە « ناتىرى ئەينەك» دەپ ئاتالغان.. بۇخىل ئەينەك ئىچكىرىنىڭ قوغۇشۇن ئەينەكلىرىنىڭ ئاسان سۇنۇپ كىتىدىغان،نۇر ئۆتكۇزمەيدىغان، ئىسسق سوغاققا چىدامسىزلىقى قاتارلىقلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ ،قاتتىقىلىقى، نۇر ئۆتكۇزۇشچانلىقىنىڭ يۇقىرىلىقى ،ئىسسق سوغۇققا چىداملىقى بىلەن ئۆز زامانىسىدا ئالىقشلىنىپ،يىراق يېقىنغا تۇشۇلغان..شۇڭا، بىر قىسىم مۇتەخەسلەر قەدىمقى تارىملىقلار ئەينەك بۈيۈملىرىنى ئىشلەشتە يۇقىرى سەۋىيە ياراتقان. تارىم ئويمانلىقىدا بىر قانچە مەزمۇنغا ئىگە ئەينەك تارقالغان رايون بار ئۇلار مىران-ۋاششەھرى-چەرچەن-نىيا خارابىلىقى،كېرىيە-چىرىيە-لوپ-خوتەن، كورلا-بۇگۇر-توقسۇ- باي-ئاقسۇ- مارالبېشى-قەشقەر قاتارلىقلاردۇر، يۇقارقى لىنيەلەر يىپەك يولىنىڭ جەنۇبى ۋە ئوتتۇرا لىنيەلىرىدۇر. دەپ قارايدۇ. ۋەبۇلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشىدۇ. مۇتلەق كۆپ مۇتەخەسلەرنىڭ قارىشىچە،چەرچەنلىكلەرنىڭ ئەينەك مەھسۇلاتلىرى ياسىلىش سۈپىتى جەھەتتىن رىم ۋە ، مىسىر ئەينەكلىرى بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە. قەدىمقى چەرچەن ئەينەك ياساش تېخنىكىسى ئەڭ بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن جاي.چەرچەنلىكلەر ئەينەك ياساش جەھەتتە خېلىلا تەرەققى قىلغان.قەدىمقى چەرچەننىڭ ئەينەكلىرى يقىن يىراققا داڭلىق ئىدى...ئەمما كىيىنكى چاغلاردا چەرچەنلىكلەر ساپال ياساش(كۇلالچىلىق) تېخنىكىسىنى ئەينەكچىلىكنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن،بارا-بارا ساپال قاچا- قۇچىلارنى ياساش كۆلەملەشكەن دەيدۇ.ئەينەكچىلىك ۋە كۇلالچىلىق(ساپال ياساش) ئاساسەن يۇقىرى ھارارەت تەلەپ قىلىدىغان كۇيدۇرگىنى مەنبە قىلدۇ. چەرچەندە يېقىنقى ۋاقىتلاردا بايقالغان قەدىمقى كومۇر كان خارابىلىرى(جىگدە ئېقىندىكى كۇمۇر كان خارابىسىدىن باشقىلىرى تېخى تەكشۇرۇلمىدى) ۋە ھازىرمۇچەرچەن دەرياسىنىڭ باش ئېقىنى غەربى قىرغاق بويلىرىدىكى قۇملۇقلاردىن قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرۋاتقان ئىرىتمە داشقاللارنىڭ كۆپلىكى،شۇنىڭ بىلەن بىللە قاتتىقلىقى يۇقىرى بولغان سۇپەتلىك ساپال قاچىلارنىڭ ھېلىمۇ قەدەمدە ئۇچراپ تۇرۇشى بۇ جاينىڭ ئۆز زامانىسىدىكى ئەينەكچىلىك، كۇلالچىلىق(ساپالچىلىق) جەھەتتىكى گۈللەنگەن مەنزىرىسىنى نامايەندە قىلىپ تۇرىدۇ. دىمەك، ئەينەك ۋە ساپال بۈيۈملەر قەدىمقى چەرچەنلىكلەرنىڭ جەنۇبى تارىم ئىتەكلىرىدىكى قەدىمقى بوستانلىقلاردا ياشىغان خەلىقلەرگە چىقىرىدىغان ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولغان. ھەمدە يىپەك يولى ئارقىلىق باشقا جايلارغا يۆتكەلگەن. .ئەمما ، 1985-يىلى زاغۇنلۇقتىن قېزىۋېلىنغان قىممەتلىك بۈيۈملەر ئىچىدىكى يىگانە نامايەندە چەرچەننڭ قەدىمقى ئەينەكچىلىكى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار تېخىچە قولغا ئېلىنمىدى، پەقەت 2001 -يىلى چەرچەننىڭ لەلىلىك خارابىسىنى شاڭخەي جىنىس دۇنيا رىكورتى كومىتتى«دۇنيادا ساپال پارچىلىرى دائىرە جەھەتتىن ئەڭ كۆپ تارقالغان خارابە» دەپ باھالاپ جىنىس دۇنيا رىكورتى قامۇسىغا كىرگۇزدى. خالاس.شۇڭا، مەن ئاز راق بولسىمۇ ئىزدەنگەنلىرىمنى كەمتۇك مۇلاھىزە تەرىقىسىدە يوللاپ قويدۇم. بۇ ھەققىدە كەڭرەك ماتىريال تېپىشقا بولمىدى.(تۆگىدى) 2011-يىلى 12- ئاينىڭ 28-كۇنى. چەرچەن |