بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kichikoghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-25 22:02
ئابدۇلكېرىمخان مەخدۇم كىم؟ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ھاجى مىرزاھىد كېرىمىكا،تېچلىقمۇ سىلى!؟
20-ئەسىردۇنيادىكى پۈتكۈل ئىزىلگۈچى مىللەتلەر ئۈچۈن،جۈملىدىن خەلقىمىز ئۈچۈنمۇ قۇللۇقتىن،جاھالەتتىن،نادانلىقتىن ئۇيغىنىش دەۋرى بولدى.بۇ ئەسىرنىڭ تۇنجى يىلىدىلا بەختىمىزگە مەمتىلى ئەپەندى،ئابدۇخالىق ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مىللەتنىڭ مەرىپىتى،ئەركىنلىكى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى ئاز ساندىكى ئادەملەر تەۋەلۇت بولۇش بىلەن بىرگە بەختكە قارشى يەنە نەچچە خانلىق رەقەملەر ئاز كەلگۈدەك ساندىكى مۇناپىق ئادەملەرمۇ بۇ زېمىنغا كېلىۋەردى.ئەينى دەۋىردىكى ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمەتلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەر ئەزىمەتلىرمىزنى ئۇچى،بۇچى،دەپ قارىلاپ،مىللىي مۇناپىقلارنى ۋەتەنپەرۋەر زات دەپ كۈچەپ تەشۋىق قىلىشى بىلەن نادان خەلق ئۇلارنىڭ ئاز قىسىمىنىڭ كىملىكىنى بىلەلىگەن بولسىمۇ كۆپ قىسىمنىڭ ئەپتى-بەشىرسىنى بىلىش تا-ھازىرغىچە مۇمكىن بولماي كەلگەن ئىدى…
ھاجى مىرزاھىد كېرىمىكا،بۈ قېتىم بىزدىكى نوپۇزلۇق ژورناللارنىڭ بىرى بولغان«جۇڭگو مىللەتلىرى»ژورنىلىنىڭ2011-يىللىق3-سان‹‹مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر››سەھىپىسىدە سېلىنىڭ«قەشقەر دىيارىدا ئۆتكەن مۆتىۋەر ئادەم-يېڭى مائارىپ باشلامچىسى،جامائەت ئەربابى،ۋەتەنپەرۋەر،خەلقپەرۋەر رەھبەر-ئابدۇلكېرىمخان مەخدۇم ھەققىدە››دېگەن ئەسلىملىرىنى ئوقۇپ سېلىدىن ھەم«جۇڭگو مىللەتلىرى»ژورنىلىدىن تولىمۇ رايىم قايتىپ كەتتى.
مېنىڭچە،پەقەت ئۆز تەشكىلاتىغا،ئۆز گوروھىغا،ئۆز ئارمىيسىگە خائىنلىق قىلغان ئادەملا مۇناپىق بولمايدۇ.ئۆز خەلقىنىڭ ئېدىلوگىيەسىگە،ئېتىقادىغا، مەدەنىيىتىگە،سىياسىي، ئىقتىسادىي،مائارىپ ئىشلىرىغا،تىل-يېزىقى،قىممەت قارىشى،ئۆرۈپ-ئادىتى،كېلىچەكىگە...قىسقىسى،ئۆز مىللىتىنىڭ ھەرقانداق بىر مەنپئەتىگە ئاشكارە ۋەياكى يوشۇرۇن قەست قىلغۇچىمۇ ئوخشاشلا مۇناپىقتور!
كېسىپ ئېيتىشقا بولىدىكى،سىلى يېڭى مائارىپ باشلامچىسى،جامائەت ئەربابى،ۋەتەنپەرۋەر خەلقپەرۋەر رەھبەر-ئابدۇلكېرىمخان مەخدۇم دەپ تەرىپلەۋاتقان كىشى ئەمىليەتتە ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم(1875-1955)ئىسىملىك مىللىي مۇناپىقتور!
سىلى بۇ كىشىنىڭ پاملىسىنى ئازىراق ئۆزگەرتىپ يېڭى مائارىپ باشلامچىسى،جامائەت ئەربابى، ۋەتەنپەرۋەر،خەلقپەرۋەر رەھبەر ئىكەنلىكىنى قېيىنئانلىرىنىڭ،ئانىلىرىنىڭ،دادىلىرىنىڭ،مەرھۇم ئەھمەت زىيائىنىڭ،مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ،مەرھۇم سەيدۇللا سەيپۇللا ئاكىنىڭ،مەرھۇم سەيپىدىن ئەزىزى،مەرھۇم قاسىمجان قەمبىرىنىڭ بايانلىرى ۋە قەشقەر خەلقى ئاغزىدىن ھېكايەت قاتارلىق ھازىر سۆزلىيەلمەيدىغان،يازالمايدىغان گۇۋاچىلارنى سۆزلىتىپ يازسىلىمۇ مەن يەنىلا ئۇ كىشىنى مۇناپىق دېگىنىم دېگەن.چۈنكى ۋەتەنپەرۋەر بىلەن مۇناپىق دېگەن ئىككىسى ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدىغان ئىككى دۇنيا!
خوش،ئەمدى مېنىڭ ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم ياكى ئابدۇلكېرىمخان مەخدۇمنى مىللىي مۇناپىق دىيىشىمدىكى ئاساسىمغا نەزەر سېلىپ باقسىلا!
ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم بولسا،مىڭلىغان كىشىلەر خانى ۋەيران قىلىنىۋاتقان چاغدا،يەنى 1937-يىلى كۈزدە قەشقەرگە ۋەن شەنتىڭنىڭ ئورنىغا مۇۋەققەت ۋالىي قىلىپ تەيىنلەنگەن.(«مەمتىلى ئەپەندى»337-بەت)
1938-يىلى،قەشقەردىكى داڭلىق ۋەتەنپەرۋەر زات،مۇۋەققەت ۋالىي ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم سوۋىت ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلىپ،سىتالىننىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى ھەمدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم 1955-يىلى سەكسان بەش يېشىدا قەشقەردە ئۆلگەن. («قەشقەر تارىخ ماتېرياللىرى»1-قىسىم243-بەت)
تۈنۈگۈن مەخسۇم ئۇنىڭغا شېڭ دۇبەن جانابلىرىدىن كەلگەن موھىم بىر تېلىگىراممىنى ئېلىپ كەلگەندى.ئەپسۇسكى مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە مەخسۇم ئالدىنراق خەۋەردار بولغۇچى ئىدى.چۈنكى،ئۈرۈمچىدىن كېلىدىغان تېلىگىرامما سوۋىت كونسۇلخانىسىدا قۇبۇل قىلىناتتى،ئۇ يەردىن مەخسۇم تېگىشلىك ئورۇنغا يەتكۈزەتتى.
ئۇ مەخسۇمنىڭ ساقاللىق ئۇرۇق يۈزىنى،ھەمىشە سەللە بىلەن يۈرۈپمۇ ھاراقنى تاشلىمايدىغان ئاجايىپ قىلىقىنى ئويلاپ بىر تۇرۇپ كۈلگىسى كەلسە،بىر تۇرۇپ ئۆچلىكى كېلەتتى.ئەمما،ئاخىرقى ھېساپتا مەخسۇمنىڭ خەلق ئالدىدىكى نوپۇزىغا ھەسەت قىلىدىغان بولغاچقا،ئۆچمەنلىكى ئۈستۈنلۈكتە تۇراتتى.خەلق قادىر ھاجىنى جاللات دەپ قارايتتى.ئەپسۇسكى،قادىر ھاجى قۇربانلارنى پۇتىنى بۇغۇچلاپ،تۇتۇپ ئاپىرىپ بەرسە جاللاتلىق قىلىدىغان ئادەمنى بولسا ئۆزلىرىنىڭ ۋەكىلى،مەرىپەتچى،ئەڭ ئىلغار زىيالىي دەپ قارىشاتتى...قوزغىلاڭچىلار قەشقەرنى ئىگەللىگەن چاغدا،مەخسۇم ئۇلارنىڭ مەسلىھەتچىسى،مەرىپەت تارقاتقۇچى سۈپىتىدە پەيدا بولغاندى. شېڭ شېسەي تېلېگىرامما ئەۋەتىپ«پالانچى...باي،مۇنچە پۇل ئىئانە بەرگەنلىكى ئۈچۈن دەرھال قولغا ئېلىنسۇن!»دەپ ئېنىق ئەيىپلەر بىلەن بۇيرۇق قىلغاندا،ساددا كىشىلەر شېڭ دېگەن ئەۋلىيا ئوخشايدۇ،يەرنىڭ تېگىدە يىلان كۆشىگەننىمۇ بىلىدىكەن،دېيىشىپ ھەيران قېلىشقانىدى....
ئەنە شۇنداق،مەخسۇم ھەرقانداق يېڭى شەيئى،يېڭى ھەرىكەتتە ھامان خەلقنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالاتتى.ئۇ ئەينى چاغدا قولغا ئېلىندىغانلارنىڭ تىزىملىكىگە ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەملەرنىمۇ ئارىلاشتۇرۇپ ئۈلۈمگە تۇتۇپ بەرگەنىدى.بىراق،خەلق يەنىلا ئۇنى بىلىشمىدى.(«باياۋاندىكى گۈلخان»2-قىسىم416-417-418-بەتلەر)
-لېكىن مېنىڭ خوجايىنىم بۇنى ئاساسىي خەۋپ دەپ قارىمايدۇ.چۈنكى ئۇ ياۋايىلارنىڭ توپىنى ئاسانلا پارچىلىۋەتكىلى بولىدۇ.لېكىن ئۇلار قەشقەرگە يىتىپ كەلسە ئۇلارغا بىر ئاڭلىق كۈچ قوشۇلۇپ كېتىدۇ.مامۇت بۇ كۈچتىن پايدىلانماقچى بولغانىدى.ئۇلار«12-ئاپرېل»دا قوزغالماقچىدىغۇ؟شۇڭا بۇ بالايى بەتەرنىڭ ئالدىنى ئالماق كېرەك،ھاجىم،- مەخسۇم بىرتال «سۋىرناي»نى تۇتاشتۇرۋېلىپ،رەسمىي تەلەپپۇزدا داۋام قىلدى. («باياۋاندىكى گۈلخان»3-قىسىم 312-بەت)
ھاجى مىرزاھىد كېرىمىكا،سېلىدىن سوراپ باقسام،ئونمىڭلىغان زىيالىيلار،بايلار،موللىلارنى قولغا ئېلىۋاتقان،ئۆلتۈرۋاتقان جاللات شېڭ شېسەي1937-يىلى كۈزدە ئابدۇلكېرىمخان مەخدۇملىرىنى قايسى تۆھپىسى،قايسى قابىليىتى ئۈچۈن قەشقەرگە ۋەن شەنتىڭنىڭ ئورنىغا مۇۋەققەت ۋالىي قىلىپ تەيىنلەنگەندور؟
ئىزىلگۈچى خەلقنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزى-شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلۇپ يېرىم ئەسىردىن كېيىنكى تۇنجى مۇئاۋېن رەئىس خوجىنىياز ھاجىمنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلغان سىتالىن 1938-يىلى نېمىشقا ئۇنى شېڭ شېسەيگە ئۆلتۈرگۈزۈپ،مۇۋەققەت ۋالىي ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنى قوبۇل قىلىپ،ئۇنىڭ بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەندۇ؟
ئەجىبا ئۇنىڭ قەشقەردىكى شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ قارا تىزىملىكىنى سوۋېت كونسۇلخانىسى ئارقىلىق جاللات شېڭ شېسەيگە يوللاپ بېرىپ،ئۆلتۈرلىشىگە سەۋەپچى بولۇشى ئەمدى قوپۇپ ۋەتەنپەرۋەرلىك بولۇپ قالدىمۇ؟
مەمتىلى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئىزچىللىرىنى بۇ بالايى بەتەرنىڭ ئالدىنى ئالماق كېرەك، دەپ جاللات شېڭ شېسەينىڭ دېپىنى چالغانلىقىمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىكمۇ؟
پايدىلانغان ماتېرياللار: ‹‹جۇڭگو مىللەتلىرى››2011-يىل3-سان مىرەھمەت سىيىت،يالقۇن روزى «مەمتىلى ئەپەندى»شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1997-يىل8-ئاي 1-بېسىلىشى شېرىپ خۇشتار ‹‹شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر›› شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى2000-يىلى9-ئاي 1-بېسىلىشى غۇلام ئۆمەر‹‹«باياۋاندىكى گۈلخان»2-3-قىسىم شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003-يىل8-ئاي 1-بېسىلىشى مەنبە: ئۆزۈم 2011-يىل9-ئاينىڭ 5-كۈنى |