قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1678|ئىنكاس: 15

ئالىپ ئەرتۇڭانى بىلەمسىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

0

دوست

2533

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13883
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 260
تۆھپە : 620
توردىكى ۋاقتى: 176
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 22:15:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            ئالىپ ئەرتۇڭانى بىلەمسىز؟

ئۇنتۇلماس شۇ ئاپراسىياپ ئالىپ ئەرتۇڭا،
قەدىم ئەجدات بوۋىمىزدۇر يادلايمىز شۇڭا.
كۆپ ئەسەرلەردىمۇ ئەجدادىمىز سانالغان،
(شاھنامە)دە ئاپراسىياپ دەپمۇ ئاتالغان.
بەشكىرەمدىكى خانئۆي شەھرى خارابىسى،
پايتەختى ئىكەن ئۇنىڭ تارىخ يالدامىسى.
زامانداش ئىكەن ئۇ مۇسا پەيغەمبەر بىلەن،
ئەجدادىمىزنى قۇدرەتلىك قىلغانكەن تىمەن.
(ئەل تۇران)نى دائىم ياۋدىن قوغداپ ھارمىغان،
كۈچى تۇرۇپمۇ تاجاۋۇز قىلىپ باقمىغان.
شۇڭا ئۇ ئۆلگەندە ئەجدات ئەل ئاۋام يىغلاپ،
قوشاقلار توقۇپ مەرسىيە ئوقۇشقان جىقلاپ.
      
ئالىپ ئەرتۇڭا نى قاراخانىلار سۇلتانلىرى ئىزچىل ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادى دەپ قاراپ كەلگەن. تارىخى مەنبەلەردە باتۇر تۇمارس ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ چەۋرىسى دىيىلگەن.
( ئەمىرتۆمۈركورۇگان ھەققىدە قىسسە)  دىگەن كىتاپتا ئالىپ ئەرتۇڭانى مۇسا پەيغەمبەر بىلەن زامانداش دىيىلگەن.  نۇھ ئەلەيھىسسالامدىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغىچە مىڭ يىل ئۆتكەن. ئىبراھىم ئەيھىسسالامدىن ھازىرغىچە بەش مىڭ يىل ئۆتكەن. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن. كىيىن 2500 يىلدىن كىيىن مۇسا ئەلەيھىسسالام كەلگەن. يەنە 500 يىلدىن كىيىن ئىسا ئەلەيھىسسالام كەلگەن. يەنە600 يىلدىن كىيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كەلگەن.


تۆۋەندە شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتىتوتى فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى : تۇرسۇن قۇربان تۈركەشنىڭ "
 (ئالپ ئەر تۇڭانىڭ شەخسىيىتى ۋە «ئالپ ئەر تۇڭا»داستانى توغرىسىدا) دىگەن ماقالىسىنى كۆرۈپ باقايلى.


قەدىمكى يۇنان ۋەئوتتۇرا، شەرق خەلقلىرى توغرىسىدا يېزىلغان ئەسەرلەردە كەيخىسىراۋ تۈركىي خەلقلەرئەجدادى بولغان سىكىف ھۆكۈمدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭلەرگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، كەيخىسىراۋ تۈركىي خەلقلەر ئەجدادى بولغان سىكىفلارنى ئۇرۇش ئارقىلىق مىدىيە (ئىران)دىن ھەيدەپ چىقىرىشقا ئامالسىز قېلىپ،ئاخىرىدا ھىيلە ئىشلىتىش ۋاستىسىنى تاللىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىكىفلار يولباشچىسى مەدىنى سۈلھى-شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىكىفلار يولباشچىسى مەدىنى سۈلھى-يارىشىش زىياپتىگە چاقىرىپ زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن. نەتىجىدە سىكىفلار پارچىلنىپ، بىر قىسمى ھالاك قىلىنغان بولسا، يەنە بىر قىسمىنى مىدىيىلىكلەر ئۆزلىرىگە قوشۇۋېلىپ، ئۇلاردىن خاس قوشۇن تەشكىللىگەن. ئەسىرگە چۈشكەن سىكىف جەڭچىلىرى مىدىيىلىك ياشلارغا ئوقيا ئېتىش ۋە ئوۋ ئوۋلاش قاتارلىق ئۇرۇش ماھارەتلىرىنى ئۆگەتكەن. رۇس تۈركۈلوگلىرىدىن س.يۇ.نېكليۇدوۋنىڭ ئاساسلىشىچە، تۈركىي خەلقلەر تىل بايلىقىدىكى ئېر (ئەر)، ئېرلىك، خان، بەگەتۇر، مەئەدىر، باتۇر، پەخەتۇر، كۈچۈ،بەگۈ، بۆكە، مەرگەن قاتارلىق سۆزلەرنىڭ ھەممىسى كۈچلۈكلۈك، باھادىرلىق ۋەقەھىرىمانلىق مەنىلىرىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىي خەلقلىرىنىڭ ئەپسانىۋى قەھرىمان تىمسالىغا ئايلانغان ئالپ ئەرتۇڭا تارىخىي شەخىس سۈپىتىدە مەدىنىڭ ئومۇمىيلاشقان بەدىئىي ئوبرازى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئالپ ئەر بىلەن مەدى بىر كىشى ئىسمىنىڭ ۋارىيانتلىرىدۇر. مەدى-مەئەدىرنىڭ قىسقارغان شەكلى بولۇپ، ئۇباھادىر (ئالپ ئەر) دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ھازىرقى توۋا تىلىدا ئەينەن «مەئەد»شەكلىدە قوللىنىدۇ. تۈركىيەلەردە «م» بىلەن «ب» ئالمىشىدۇ. مەسىلەن:بايرام-مەيرەم، بويۇنچاق-مويۇنچاق...دېمەك، مەئەدىر-باھادىر ئالپ ئەر مىلادىدىن ئالدىنقى 7-ئەسىردە ياشىغان تۈرك خاقانىنىڭ ئىسمى بولۇپ، بۇ جاسارەتلىك پادىشاھ مەھمۇد كاشغەرىي بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەسەرلىرىدە ئالپ ئەرتۇڭا ساپ تۈركچە ئىسمى«دۇكۇخان»دەپ، پارىس ئەدەبىياتىدا ئەپراسىياپ نامى بىلەن تەسۋىرلەنگەن. «دىۋانۇلۇغەتت تۈرك»تە ئالپ ئەرتۇڭا ئوبرازى يارىتىلغان داستاننىڭ پارچىلىرى ساقلانغان.ئۇ ئەقىللىق، تەدبىرلىك ۋە بىلىملىك خاقان بولۇپ، ئالپ ئەرتۇڭانىڭ ھېكىمەتلىك سۆزلىرىنى ئەينى زاماندا ئۆز قەۋمى ئارىسىغا كەڭ تارقالغان. ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىگ»تە ئۇنىڭ ئاتىلار سۆزلىرىگە ئايلانغان ماقالىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. داستاندىكى «ئۇلۇغ خان»(85-بېيىت)، «تاغ يۈرەك جەسۇر ئەر»(2337-بەت)، «توڭا» (1409-،2482-بېيىت)، «بۆكە» (5523-،5043-بېيىت)، «ئۈچ ئورداخېنى» (5569-بېيىت)، «ئېلچى ئۇلۇغ» (5884-بېيىت) قاتارلىق سۈپەتلەر بىلەن كەلتۈرۈلگەن ھېكمەتلەر تۈركىي خەلقلەرنىڭ قەدىمكى خاقانلىرىغا جۈملىدىن دۇكۇخان(ئالپ ئەرتۇڭا)غا ئىشارە قىلىنغان بولۇپ، پەيلاسۇپ شائىر ئەسەردە «ئەللەر بېشى»(3172) بولغان بۇ قەھرىمان خاقانغا مۇنداق مەدھىيە ئوقۇغان:

276.بۇ تۈرك بەگلىرىگە سېلىنسا نەزەر،

جاھانبەگلىرىنىڭ ياخشىسى شۇلەر.


277.بۇ تۈرك بەگلىرىدىن ئېتى بەلگۈلۈك،

تۇڭائالپ ئەر ئىدى بەختى بەلگۈلۈك.


278.ئىلىمدە بۈيۈك، كۆپ پەزىلەتلىك دىلى،

بىلىملىك،ئەقىللىق، خەلقنىڭ خىلى.


279.ئىدى ئۇ سەرخىل، زېرەك ئەر ئوغلان،

دۇنياغازېرەكلەر بولۇر ھۆكۈمران.


280.تاجىكلار دەيدۇ ئۇنى ئەپراسىياپ،

بۇئەپراسىياپ تۇتتى ئەللەر تالاپ.


283.ئەجەپ ياخشى ئېيتقان جەسۇر باتۇر ئەر،

جاسارەتلىك ئەر چىڭ تۈگۈننى يېشەر.

پارس-تاجىك ئەدەبىياتىدا كەيخىسراۋ ۋە ئەپراسىياپقا ئائىت ئونلاپ ئەپسانىلەر تۈركۈمى يارىتىلغان. ھەتتا پىر دەۋسى «شاھنامە»دە قەدىمكى مىدىيە بىلەن سىكىفلارئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقلىرىنى كەڭ سەھىپە ئاجىرىتىپ تەسۋىرلىگەن.مىدىيە ھۆكۈمدارىنىڭ سىكىفلار خاقانى مەدىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈشىگە ئائىت تارىخىي ۋەقەلەر كېيىنچە تۈركىي خەلقلەر فولكلورىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. «ماناس» ۋە«ئالپامىش» داستانلىرىدىمۇ ئالپ ئەرتۇڭا توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى ئەسلىتىدىغان ۋەقەلىك ماتىفلىرى بار. تۈركىي خەلقلەر ئارىسىغا كەڭرى تارقالغان ئالپ ئەرتۇڭانامىدىكى ئەپسانە-رىۋايەتلەردە ئاناتولىيە تۈركلىرى ئارقىلىق بىزگىچە يېتىپ كەلگەن«ئالپ ئەرتۇڭا»داستانىدا مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىدە ساقلانغان مەرسىيىلەردە مەزكۇر پاجىئە قايغۇلۇق بىر كەيپىياتتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

تۈرك قەدىمشۇناسى رەفىق ئازدېك يۇقىرىقىدەك تۈرلۈك مەنبەلەر ئاساسىدا ئالپ ئەرتۇڭا داستانىنىڭ بىرقەدەر مۇكەممەل نۇسخىسىنى تىكلىگەن بولۇپ، بۇ تەتقىقات ئالىمىنىڭ «تۈركلەرنىڭ ئالتۇن كىتابى» ناملىق ئەسىرىگە كىرگۈزۈلگەن. تۆۋەندە داستاننىڭ تولۇق تېكىستىنى كىتابخانلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق.



«ئالپ ئەرتۇڭا»داستانى


ئالپ ئەر تۇڭا دېگەن خاقان بار ئىدى،

ئۇڭا زامان ۋە كۆكيۈزى تار ئىدى.

تۇغ ئەيلىگەندى ئۇ قۇياشنى كۆككە،

دانالىقتا تەڭسىز،جاھاندا يەككە.

كۆك تۈركلەر، ئۇيغۇر، قارلۇق، قارىخانلىق،

يەنە دېسەڭ تۈركلەر ئىنساپ-ئىمانلىق.

ئۇنى ئۆزلىرىگە ئاتا قىلىشقان،

زەپەر شۆھرىتىنى ھەريان يېيىشقان.

بەندىلىكىنى بېجا كەلتۈرگەچ خاقان،

ئەل –يۇرت كۆك لىباسقا پۈركەندى شۇئان.

قەۋم سېغىنىش بىلەن نامىنى يادلاپ،

قالدى ياقا يىرتىپ ۋە چەكتى ئەپغان.

تۇران بىلەن ئىراندىن ئىبارەت ئىككى ئەل بىر-بىرىگە دۇشمەن ئىدى. ئىران مەملىكىتىنىڭ تەختىدە مانۇ چېھىر، تۇران ئۆلكىسىنىڭ تەختىدە بولسا ئالپ ئەرتۇڭانىڭ ئاتىسى پېشاڭ ئوغلى ئالپ ئەرتۇڭاغا: «پارسلار بىزگە كۆپ ۋەيرانچىلىقلار كەلتۈرگەن، ئەمدى تۈركنىڭ ئۆچ ئالىدىغان پۇرسىتى كەلدى»دېدى.ئالپ ئەرتۇڭامۇ ئۇزۇندىن بىرى شۇنداق ئويلاپ يۇرگەن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن: «ئارسىلان بىلەنمۇ ئېلىشىشقا تەييارمەن، ئىراندىن ئەلۋەتتە قىساس ئالىمەن»دېدى. شۇڭا ئالپ ئەرتۇڭا جەڭگە تەييارلىق كۆرۈشكە باشلىدى. لېكىن پېشاڭنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئالپ ئارىز پارسلار بىلەن ئۇرۇشۇشنى خالىمايتى.

ئالپ ئەرتۇڭا ئارسىلاندەك يالىلىق، گويا سەرۋى دەرىخىدەك قامەتلىك ئىدى. ئۆز دۈشمىنىگە تىمساھتەك تاشلىناتتى، شىكاردابۆرىدەك چاققان، جەڭ ۋاقتىدا پىلدەك قۇدرەتلىك ئىدى. يول يۈرگەندە يەرلەرگۇرۇسلايتتى، ئوق ئاتقاندا زېمىن لەرزىگە كېلەتتى. ئۇ غەزەپلىنىپ جەڭگە كىرگۈدەك بولسا قەدەم قويغان جايدىن چوڭقۇرلۇق، تۆككەن قېنىدىن ئېقىن پەيدا بولاتتى.دوستلىرىغا ئۈمىد ۋە سائادەت بەخىش ئەتكۈچى تىلى دۈشمەنلىرى ئۈچۈن زەھەرلىك قىلىچنىڭ ئۆزى، دانالىقتا ئۇنىڭدىن ئۈستۈن كىشى يوق ئىدى. كۆڭلى دەريادەك كەڭ،قولى يامغۇر تۆككۈچى باھار بۇلۇتلىرىدەك ئوچۇقتى. ئاتىسىنىڭ ئىسمى پېشاڭ بولۇپ،ئۇنىڭ قەۋمىمۇ ئاتىسىنىڭ قەۋمىدەك تۈرك ئىدى. ئالپ ئەرتۇڭانىڭ ئوغۇل ۋە قىزلىرى بولغان. قىزلىرىنىڭ بىرى غازدەك چىرايلىق بولغىنى ئۈچۈن قاز (غاز)دەپ ئىسىم قويۇلغان ئىكەن. ئاتىسى ئۇنىڭغا ئاتاپ، ئىلى دېڭىزىغا قۇيىلىدىغان چوڭ بىردەريانىڭ قىرغىقىغا قەلئە-ساراي سالدۇرغان ئىدى. قاز (غاز) بۇ يەردە بەختىيارئۈزۈپ يۈرەتتى. شۇ سەۋەبتىن تۈركلەر بۇ دەريانى «قاز سۈيى»دەپ ئاتاشقان. كېيىن قاز ياشىغان ۋە ئەركىن ئۆسكەن بۇ ماكان شەھەرگە ئايلاندى. شەھەرگە «قاز ئۇيىنى»نامى بېرىلدى، بۇ ھازىرقى قازۋىن شەھىرىدۇر...

ئالپ ئەرتۇڭا ئۆز قوشۇنى بىلەن ئىران تەرەپكە راۋان بولدى. ئىككى ئەل لەشكەرلىرى دېھىستان دېگەن جايدا توقۇنۇشتى، شۇيەردە تۈرك جەڭچىلىرىدىن بارمان ئىسىملىك يىگىت ئېتىنى مەيدانغا چاپتۇرۇپ كىرىپ،پارسلار بىلەن يەكمۇ- يەك ئېلىشىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭ بىلەن جانبازلىق قىلىشقا پارس قوماندانىنىڭ ئىنىسى قۇباد سۈرەن-چوقان بىلەن كىرىپ كەلدى. ئىككى باھادىر تا ئەتتىگەندىن شامغىچە قىلىچۋازلىق قىلىشتى. ئاخىرىدا بارمان قۇبادنى يەر چىشلىتىپ،ئالپ ئەرتۇڭا ھۇزۇرىغا غەلبە بىلەن قايتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى ئەل قوشۇنلىرى ئوتتۇرىسىدا گىرەلەشمە جەڭ باشلاندى. شۇنداق شىددەتلىك ئۇرۇش بولدىكى، ئۇنى تەرىپلەشكە قەلەم ئاجىزدۇر... بۇ جەڭدە ئالپ ئەرتۇڭا زەپەر قۇچتى. جەڭ مەيدانىدا پارسلارنىڭ ئۆلىكى تاغدەك دۆۋلەندى. ئىران پادىشاھى چېكىنىشكە مەجبۇر بولۇپ،دېھىستان قەلئەسى تامان يول ئالدى. ئالپ ئەرتۇڭا قەلئەنى قورشاپ، رەقىپ پادىشاھىنى ئەسىرگە ئالدى. ئارقىدىن ئىران بىلەن بىر مەۋقەدىكى قابۇل دۆلىتىنىڭ قەھرىمانلىقتا نامى يىراق-يېقىنغا پۇر كەتكەن پادىشاھى زال پارسلارغا ياردەمگە كەلدى. ئۇ تۈرك قوشۇنلىرىنى بىر ھۇجۇم بىلەن تارمار كەلتۈردى. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن ئالپ ئەرتۇڭا قولىدىكى پارسلار شاھىنى قەتىل قىلدى. ئەمما ئۇ كىسى ئالپ ئارىز بىر قىسىم ئەسىرلەرنىڭ قېچىپ كېتىشىگە قاراپ تۇردى ۋە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە قارشى چىقىپ سارى شەھىرى تامان تىرىك قويىۋەتتى. نەتىجىدە ئالپ ئەرتۇڭا ئۇنىڭمۇ بېشىنى ئالدى، يەنە ئۇزاق ئۇرۇشلار ئارقىلىق ئالپ ئەرتۇڭا نۇسرەت قۇچۇپ، ئىران شاھىنىڭ شاھلىق تاجىنى كىيگەن ھالدا رەي شەھىرىگە قاراپ يول ئالدى. پارسلار بولسا ئۆلتۈرۈلگەن پادىشاھىنىڭ ئورنىغا زېۋ ئاتلىق كىشىنى شاھ قىلىشقان ئىدى. ئىككى قوشۇن ئوتتۇرىسىدا قايتىدىن ئۇرۇش باشلاندى. ئۇزاققا سوزۇلغان قان تۆكۈشلەر جەريانىدا ئاچارچىلىق يۈزبەردى. دۈشمەنلەشكەن ئىككى تەرەپ پادىشاھى «قىرغىنچىلىق ۋە ئاچارچىلىق ئادەملەرنىڭ نەسلىنى قۇرۇتمىسۇن»دېگەن مەقسەتتە سۈلھى تۈزۈشكە رازى بولۇشتى. نەتىجىدە ئىراننىڭ شىمالىدىكى ۋىلايەتلەر تۇرانغا ئايرىپ بېرىلدى. ئىران پادىشاھى زېۋ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى شەرتنامە بۇزۇلۇپ، ئالپ ئەرتۇڭا قايتا ئۇرۇش قىلىشقامەجبۇر بولدى. پارسلار ئەمدى زالدىن ياردەم سورىدى. ئۇ قېرىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن مەردۇ-مەردانىلىقتا ئۆزىدىن تۆۋەنرەك تۇرىدىغان ئوغىلى رۇستەمنى جەڭگە ئەۋەتتى.ئاقىۋەتتە زال ئوغلى رۇستەم تۈركلەرنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچىراتتى. بۇ ئىران تەختىگە كەيقاباد ئولتۇرغان دەۋىرلەر ئىدى. رۇستەم بىر ھۇجۇمدىلا 1160 نەپەر باھادىر تۈركنى يوقاتقانلىقى ئۈچۈن ئالپ ئەرتۇڭانىڭ غەلبىگە كۆزى يەتمەي، ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىتلار ئۆتتىكىن تاڭ ئىران تەختىگە كەيكاۋۇس ئولتۇردى، بۇ ۋاقىتلاردا ئىران بېسىۋالغان ئەرەبلەر ئىسىيان كۆتۇردى. ئالپ ئەرتۇڭابۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ، ئىراننىڭ ئىچكىرىسىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىدى ۋە مىڭلىغان كىشىلەرنى ئەسىر ئالدى. ئەمما قابۇل پادىشاھنىڭ ئىرانغا ياردەم بېرىشى بىلەن تۈركلەر مەغلۇپ بولدى. ئۇرۇشتىن كېيىن رۇستەمنىڭ ئىتىپاقداشلىرى بىلەن مەخپى كېلشىپ، جەڭگە تەييارلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. دۇشمەننىڭ مەقسىتىنى بىلگەن ئالپ ئەرتۇڭامۇ ئۆزقوشۇنلىرىنى مەشىقلەندۇرۇشكە باشلىدى. لېكىن ئۇ شۇ پەيىتتە يامان چۇش كۆرگەچكە،بەگلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئىران بىلەن سۈلھى تۈزدى. شەرىت بويىچە سەمەرقەند،بۇخارا ۋە چاچ شەھەرلىرى پارسلارغا تەۋە بولدى. ئۇشبۇ كېلىشىمگە رازى بولمىغان كەيكاۋۇس ئوغىلى سىياۋۇش ۋە رۇستەمگە غەزەبلەندى. نەتىجىدە رۇستەم قېيداپ ئۆزيۇرتىغا قايتىپ كەتتى، سىياۋۇش بولسا تۈركلەرنىڭ پايتەختى گەڭ شەھىرىگە بېرىپ،ئالپ ئەرتۇڭادىن پاناھلىق تىلىدى. سىياۋۇش دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ھەقىقىي تۈركىي كىشىدەك، ئۆزىنى ئۇلارغا يېقىن قىلىپ كۆرسەتتى ۋە ئۇ يەردە تۈرك باھادىرلىرىدىن پىراننىڭ قىزىغا ئۆيلەندى، پەرزەنىت كۆردى ۋە ئۇنىڭغا كەيخىسراۋ دەپ ئىسىم قويدى.يەنە بىر مۇدەتتىن كېيىن سىياۋۇش ئالپ ئەرتۇڭانىڭ گۈزەل مەلىكىسى فەرەنگىز بىلەن توي قىلدى. ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇ بىر تەرەپتىن تۈرك ئۇدۇملىرىنى مەنسىتمىسە، يەنە بىر تەرەپتىن تۈركلەرگە پايدىسىز سىياسى تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويغاچقا ئالپ ئەرتۇڭا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. بۇ قېتىم سىياۋۇش ئۈچۈن قىساس ئىلىش مەقسىتىگە كەلگەن رۇستەم قايتىدىن قوشۇن تەشكىللەپ، ھۇجۇمغا ئاتلاندى ۋە تۈركلەرنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. ئۇرۇشتا ئالپ ئەرتۇڭانىڭ ئوغلى سەركە ئۆلۈپ، تۇراننىڭ بىرقانچە شەھەرلىرى بۇلاپ-تالاندى ۋە كۆيدۈرۈلدى. ئالپ ئەرتۇڭا قانلىق كۆزياشلىرىنى تۆكۈپ، تۇران ئۇچۇن قىساس ئېلىشقا قەسەمياد قىلدى. ئۇ ئىرانغا قىلغان قەھىرلىك ھۇجۇملاردا ئىكىنزارلىقلارغا ئوت قويۇپ، قىرغىنچىلىق قىلدى ۋە سان-ساناقسىز ئادەملەرنى ئەسىرگە ئالدى. يەتتە يىل داۋاملاشقان ئاچارچىلىقتىن پارسلارنىڭ كۆپىنچىسى قىرىلىپ تۇگىدى.

كېيىنكى زامانلاردا ئالپ ئەرتۇڭا بىلەن رۇستەم ئوتتۇرىسىدا پات-پات ئۇرۇشلار بولۇپ تۇردى، بۇ ئۇرۇشلاردا بەزىدە تۈركلەر يەڭسە بەزىدە پارسلار غالپ كېلەتتى. شۇنداق جەڭلەرنىڭ بىرسىدە ئالپ ئەرتۇڭاغا ياردەمگە كەلگەن چىن خاقانىمۇ ئەسىرگە چۇشتى. شۇ پەيتلەردە ئىران تەختىنى تۇراندا تۇغۇلغان سىياۋۇشنىڭ ئوغىلى كەيخىسراۋ ئىگىلىگەن ئىدى. تۈركلەرنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن ئىران شاھى ئۆزىنى دۇنياۋى جاھانگىردەك ھېس قىلدى. يەنە ئىراننىڭ مەشھۇرباھادىرلىرىدىن بولغان بىجاننى يۇشۇرۇنچە تۇرانغا ئەۋەتتى. بىجان تۇران چىگراسىغا كىرىپ ئورمانلىقتا راھەت-پاراغەتكە بىرىلىپ كەيىپ-ساپا قىلىۋاتقان بىر توپ قىزلارنى كۆرۇپ قالدى. قىزلار خۇددى گۈلنى ئايلىنىپ يۈرگەن كېپىنەكلەردەك ئالپ ئەرتۇڭانىڭ گۈزەل مەلىكىسى مانىجاننىڭ ئەتىراپىدا ئۇسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ يۇرۈشەتتى. بىجان مانىجاننى بىر كۆرۈپلا كۆيۇپ قالدى ۋە ئۇنى ئۆز قەسىرىگە ئېلپ كەلدى. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ئالپ ئەرتۇڭا غەزەبلەندى، بىجاننى زىندانغا تاشلاپ،مانىجاننى سۈرگۈن قىلدى.

ئىران پادىشاھى قەرەلىدە قايتىپ كەلمىگەن سەركەردىسىنى تېپىپ كېلىش ۋەزىپىسىنى رۇستەمگە تاپشۇردى. بۇ قېتىم رۇستەم سودىگەر قىياپىتىدە ئالپ ئەرتۇڭانىڭ سارىيىغا كەلدى. ئۇ سۈيقەسىت ئىشلىتىپ، پارس باھادىرىنى زىنداندىن قۇتۇلدۇرۇپ، بىجان ۋە مانىجاننى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىرانغا قاچۇرۋەتتى.رۇستەم بۇ ھىيلىۋى غەلبىسى بىلەن بىر زامان جاھانغا پاتماي كەتتى. بۇنداق نۇمۇسلۇق ئەھۋالدىن غەمگە پىتىپ، ۋاقتىنچە ئۆزلەتتە ياشىغان ئالپ ئەرتۇڭا كۈنلەرنىڭ بىرىدەبەگلىرىنى يېغىپ: «مەن سىلەرنىڭ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى خاقانىڭلار، شۇپەيتكىچە تۇران ئىران ئالدىدا غۇرۇرلىنىپ كەلگەن. لېكىن بۈگۈنگە كەلگەندە پارسلارسارىيىمىزغىچە كېلىپ بىزگە ھاقارەت قىلدى. ئەمدى لەك مىڭ، لەك مىڭ لەشكەر بىلەن ئاتلىنپ ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالماقچىمەن!»دېدى. شۇنىڭ بىلەن تۇران قوشۇنى جەڭگە ئاتلاندى. ئالپ ئەرتۇڭا بولسا ئامۇ دەريا بويىدىكى قارارگاھىدا ئالتۇن كۇرۇستا ئولتۇرۇپ غەلبە خەۋىرىنى كۈتتى. ئويلىمىغاندا، تالاپەت خەۋىرى كەلدى، قېرىغان تۈركلەر پادىشاھى غەم دەرياسىغا چۆمدى. بولۇپمۇ ياش ئوغلىنىڭ پارسلار تەرپىدىن ئۆلتۈرلۈشى ئالپ ئەرتۇڭانىڭ يۈرىكىنى داغلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خاقانلىق ئىختىيارىدىكى بارلىق قوشۇنلىرىنى ھەركەتلەندۇرۇپ يەنە يۈرۈش باشلىدى. ئۇ قۇترىغان ياۋايى پىلدەك جەڭگە ئاتلاندى. قېرىپ قالغىنىغا قارىماي، يەككىمۇ-يەككە ئېلىشىپ،پارسلارنىڭ تاغ يۈرەك باھادىرلىرىدىن نەچچىنى يەر چىشلەتتى. ئاقىۋەتتە كەيخىسراۋنى بىرمۇ-بىر ئېلىشىشقا چىللاپ ئات سالدى، ئەمما تۈران پالۋانلىرى ئۇنىڭ ئىران شاھى بىلەن ئۇرۇشۇشىنى توسۇپ، مەيداندىن قايتۇردى. كەيخىسراۋ كۈچكە تولغان نەۋقىران چاغلىرى بولۇشىغا قارىماي، يارلانغان ياۋايى شىردەك ھۆركۈرەۋاتقان قېرى تۈران شاھى بىلەن ئېلىشىشقا پىتىنالمىدى. جەڭدىن كېيىن ئالپ ئەرتۇڭا قوشۇنى بىلەن ئامۇدەرياسىنىڭ بېرىقى ساھىلىغا ئۆتتى ۋە بۇ يەردە قاراخاننىڭ لەشكەرلىرى بىلەن بىرلىشىپ بۇخاراغا كېينىرەك باشكەنىت-چەك شەھىرىگە قايتتى. پايتەخىت چەك جەننەتتەك گۈزەل شەھەر ئىدى. تۇپرىقىدىن مۈشىكى –ئەنبەر تارقىلىپ خىشلىرى ئالتۇندەك پارلايتتى. ئاسمان –پەلەك قەلئەلىرىدىن بۇركۈتمۇ ئۇچۇپ ئۆتەلمەيتى، ھەممە يەردە قايناپ تۇرغان بۇلاقلارنىڭ سۈيى بىلەن تولغان كۆللەر كۆك ئاسمان بىلەن رەڭ تالىشاتتى. ئالپ ئەرتۇڭا مۇشۇنداق راھەتبەخىش جايدا تۇرۇپ، چىن خاقانىدىن ياردەم سوراپ مەكتۇپ جۆنەتتى. بۇ قېتىملىق جەڭدە كەيخىسراۋ بىلەن رۇستەم ئاۋۋال ئۆزلىرىنى چېكىنگەندەك كۆرسىتىپ، كېيىن تۇران زېمىنىغا يەنە باستۇرۇپ كىردى ۋە باشكەنت –چەڭنى قورشىۋالدى. ئالپ ئەرتۇڭا بولسا بىرقانچە بېگىنىڭ ھەمراھلىقىدا، يۇشۇرۇنچەشەھەردىن چىقىپ كەتتى ۋە شۇ ماڭغىنىچە ياردەم سوراش ئۈچۈن چىن خاقانى تامان يۈردى.كېيىن خاقانى چىن نۇرغۇن قوشۇن تەييارلاپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن خەۋەرتاپقان تۈرك قەبىللىرى ئالپ ئەرتۇڭانىڭ بايرىقى ئاستىغا قايتىدىن يىغىلدىغان بولۇپ تەييارلىقنى باشلىدى. ئەمما جەڭ ھارپىسىدا چىن خاقانى ۋەدىسىدە تۇرمىدى، ئۇنىڭ كەيخىسراۋ بىلەن يۇشۇرۇن كېلىشىۋالغانلىقى مەلۇم بولدى. شۇ چاغدا ئالپ بەگ ئىرانشاھىغا خىلۋەت جايدا ئۇنىڭ بىلەن تەنھا جانبازلىق قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ خەت يازغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەكلىپى رەت قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن قوشۇنى تارقاپ كەتكەن ئالپ ئەرتۇڭا روھى چۈشكەن ھالدا زەرە دېڭىز بويىغا كەلدى. ئۇ چوڭقۇر دېڭىزدىن ئات بىلەن ئۈزۈپ ئۆتۈپ، گەڭدىزى شەھىرىگە يەتتى. كەيخىسراۋ بولسا بىھېساب قوشۇنى بىلەن ئۇنى قورشاپ كېلىۋاتاتتى. ئالپ ئەرتۇڭا تىكەندەك يالغۇز، ئىچىشكە نە سۈيى، يېيىشكەنە ئوزۇقى قالمىغان ھالەتتە بىچارە ئىدى. ئۇ بىر تاغ ئۆڭكۈرىگە كىرىپ شۇم تەقدىردىن نالىدى. تەڭرىدىن كۈچ-قۇۋۋەت سوراپ، ئىلتىجا قىلدى. شۇ پەيىتتە غايىپتىن پەيدا بولغاندەك خۇم ئاتلىق بىرسى خۇداغا مۇراجىئەت قىلىۋاتقان بۇ ئىنساننىڭ ئالپ ئەرتۇڭا ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالدى. چۈنكى تۈركچە بۇنداق چىرايلىق سۆزلەش ۋە ئىلتىجاقىلىش پەقەت ئالپ ئەرتۇڭاغىلا خاس ئىدى. خۇم تۇيدۇرماستىن ئالپ ئەرتۇڭانى تۇتىۋالدى. ھېميىسىز باتۇر ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزىنى دەرياغا تاشلىدى. سۇنىڭ قارشى تەرپىدىكىلەر ئۆزلىرىنى ئالپ ئەرتۇڭانىڭ ئادەملىرىدەك، گويا ئۇنى قۇتقۇزىۋالىدىغاندىكىدەك قىلىپ كۆرسەتتىيۇ، ئەمەلىيەتتە تۇران شاھى قىرغاققا يېقىنلاشقاندا تۇتىۋېلىپ ئۆلتۈرىۋېتىشتى. ئەمما تارىختا كەيخىسراۋنىڭ ئالپ ئەرتۇڭانى يارىشىش زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىپ، زەھەرلەپ ھالاك قىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بار. كۆپ ئۆتمەي بۇ شۇم خەۋەر پۈتۈن تۈران ئېلىگە تارقىلىپ، كىشىلەرنى چوڭقۇر قايغۇغا سالغان. بارچە تۈركلەر ھۆكۈرەپ ۋە ياقا يىرتىپ يىغلاشقان،يۈزلىرىنى تىلغاپ قانلىق ياش تۆكۈپ قەھرىمان شاھى ئالپ ئەرتۇڭاغا ماتەم تۇتقان،دەپنە مۇراسىمىدا ئادەملەرنىڭ قوشاق قوشۇپ يىغلىغان يىغىسىغا مۇغەننىيى لەرمۇ قۇبۇزچېلىشىپ جور بولغان.


ئالپ ئەرتۇڭا مەرسىيەسى


ئالپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ،

يامان دۇنيا قالدىمۇ،

پەلەك ئۆچىنى ئالدىمۇ،

ئەمدى يۈرەك يىرتىلۇر.

ئەرلەر بۆرىدەك ھۇۋلىشىپ،

ياقا يىرتىپ ۋارقىرشىپ،

ئۇنىنىڭ بېرىچە چىقىرشىپ،


ئۆكسۈپ كۆزى ئۆرتىلۇر.


زامان پۇرسەت كۆزەتتى،

ئوغرى توزاق ئۇزاتتى،

بەگلەر بېگىنى ئازدۇردى،

قاچسا قانداق قۇتۇلۇر.

ئادەتتىن زور نەرسە يوق،

باشقا بانىلارمۇ ھەم كۆپ،

ئاتسا زامان چەنلەپ ئوق،

تاغلار بېشى يەنچىلۇر.

بەگلەر ئېتىنى ھارغۇزدى،
قايغۇ ئۇلارنى تۇرغۇزدى،


مەڭزى، يۈزى سارغايدى،

خۇددى زەپىرەڭدەك سارغىيۇر.

يېغى ئاتىن ئۆچۈرگەن،

ئوردىسىدىن كۆچۈرگەن،

ئىشنى كېسىپ بېجىرگەن،

ئەجەل ئوقى تەگدى، ئۇنى ئۆلتۈرۇر.


زامان گەزدىن ئوق ئاتسا،

كىم تۇرانى قوغدىسۇن،

تاغقا تەگسە تاغ تۈگەل،

ۋادىلارمۇ يىرتىلۇر.

زامان پۈتۈنلەيئاينىدى،

ئوسول كىشىلەر تەۋرىدى،

پەزىلەت تامامەن سىيرەكلەشتى،

دۇنيا بېگى يوقىلپ.

كۆڭلۈم ئىچى ئۆرتەندى،

پۈتكەن جاراھىتىم تىلىندى،

كەچمىش خاتىرەمگە كەلدى،


كۈن-تۈن ئۇنى ئىستەرمەن.

كېچە-كۈندۈز يىغلايمەن،

كۆزياشلىرىم سورىلۇر




ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

4

تېما

3

دوست

2964

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   32.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16783
يازما سانى: 343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 858
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 00:35:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخ  ئاجايىپ بولىدۇ ھە.....

4

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8985
يازما سانى: 609
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2293
تۆھپە : 1789
توردىكى ۋاقتى: 346
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 02:55:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلىسام، كۆزلىرىم ياشقا تولىدۇ، مۇسكۇللىرىم چىڭىپ، مۇشلىرىم چىڭ تۈگۈلىدۇ... يۈرەكلىرىم قاتتىق سوقىدۇ، قانلىرىم قىزىيدۇ، ئاچچىقتا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كېتىمەن، ئۆزۈمنىڭ ھازىرقى ئەينەكتىكى ئەكسىنى كۆرۈپ، سۇلىشىپ ئولتۇرۇپ قالىمەن....
ھەي، تارىخ!

2

تېما

0

دوست

306

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15641
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 08:35:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللىغۇچىغا رەھمەت...

21

تېما

0

دوست

2533

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13883
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 260
تۆھپە : 620
توردىكى ۋاقتى: 176
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 11:21:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەينى چاغدىكى تۇران يەنى تۈرىكلەر زىمىنى شەرىقتە
سەددىچىندىن، غەرىپتە ھازىرقى تۈركىيەگىچە، جەنۇپتا
ھىندىستان زىمىنلىرىدىن تارتىپ، شىمالدا روسىيەنىڭ كۆپ
قىسىم زىمىنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى!

14

تېما

3

دوست

1927

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   92.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12343
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 101
تۆھپە : 530
توردىكى ۋاقتى: 161
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 11:24:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


0

تېما

0

دوست

267

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16952
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 12:52:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەر تۇڭ ،قىز تۇڭ +ئالىپ قىز تۇڭە دىسە ھەجەپ قىززىق تۇردىكىنا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )