- تىزىملاتقان
- 2012-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 518
- نادىر
- 0
- يازما
- 45
ئۆسۈش
  29.5%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sumruh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-31 12:10
سۇنۇق قىلىچ
<ئابدۇرىھىم ئابدۇللا>
ئاستىمدا شارقىراپ دەريا ئاقىدۇ،
ئېشىپ بارماقتىمەن بىرتىك داۋاندىن.
ئالدىمدا بىر سۇنۇق قىلىچ ياتىدۇ،
بىلىمەيمەن يادىكار قايسى زامانددىن.
قىلىچنىڭ يېرىمى تۇپراق ئاسىتدا،
يېرىمى ئالماستەك تۇرىدۇ چاقناپ.
بۇ قەدىمىي جەڭلەرنىڭ يالدامىسىنى
ھاياجان ئىلكىدە ئالدىم ئاۋايلاپ.
تېترىدى قوللۇرۇم تۇنىدى يۈرەك،
ھىلالئاي ئەگمىسىدەك ئەگرى قىلىچىنى.
زاتىمنىڭ ھىدلىرى كەلدى گۈپۈلدەپ،
بىلمىدىم قايھالدا نەپەس ئېلىشنى.
قىلىچنىڭ بىسىدا قوياش جىلۋىسى،
بالقىيدۇ ئىپتىخار،بالقىيدۇ زەرنۇر.
جاراڭلاپ سۇنغاچقا جەڭدە ئارمانسىز،
سۈزۈك سۇنىقىدا كۈلىدۇ غورۇر.
تاۋلانغان بۇ قىلىچ ئىگىلمەس بولۇپ،
جەسۇرلار ۋە تىنىنىڭ ئوچاقىلىرىدا.
قەسەم سۈيى ئىچكەن چىقىپ ئوچاقتىن،
ئاھ كۆز مەدەتكار بولاقلىرىدا.
كەلتۈرگەن قىلىچنى بۇ تىك داۋانغا
ۋەتەننىڭ سۆيگۈسى جەڭلەرگە چىللاپ.
سۇنغان چىغىدىمۇ رىشتى ئۈزۈلمەي،
تەۋەرۈك توپراقنى ئاپتۇ قۇچاقلاپ.
ئويلىدىم،شۇنداقمۇ قىلىچلار باركەن،
بىر قىتىم قىنىدىن چىقالمايدىغان.
باسسا ياۋ ۋەتەنگە پاسكىنا .ئاياغ،
قىسساس قەھرى چاقنىمايدىغان.
خىيالچان تىكىلدىم سۇنۇق قىلىچقا
ئەينەكتەك تىگىدىن كۆرۈندى جەڭگاھ.
بۇ قىلىچ شىر سۈپەت بىر ئەر قۇلىدا،
دۈشمەنگەن بەرمەكتە لەيلۇندىن بەرمەكتە ئاگاھ.
چىقىدۇ شىۋىرغان ئوق ئۈزسە ساداق
ئۈمۈدنىڭ زەربىدە قالغان قالتىدار.
ئاھ!قىسمەت،جەڭ ئارا سۇندى ئۇ قىلىچ،
جەڭگاھنى لەرزىگە سالدى شۇ سادا.
تاغلاردىن تاغلارغا ئۇرۇلدى ئەكسى،
ھەرتاغدا بىر قىلىچ سۇنغاندەك گويا.
قۇياشمۇ قارايدى سۇنغاندا قىلىچ،
زەپەرنىڭ يۈزىگە تارتىلدى نىقاپ.
باتۇر ئات ئۈستىدىن غۇلىدى باشسىز،
كىشنىدى دۇلدۇلى زارلىق چىقىرىپ.
قېنى ئۇ باھادىر،قارىدىم كۆككە،
قېنى ئۇ قىلىچقا مۇناسىپ ئەرلەر.
قوياشتىن نۇرلاندى ئىزلىرىدىڭ ئۇنى،
ئىنىڭدەك ئوغلاننى يۈتمەيدۇ يەرلەر.
خەيرىيەت،قىياغا ئايلىنىپتۇ .ئۇ،
قىلىچنىڭ دەستىسى قاپتۇ ئىلكىدە.
تەنتەنە قىلىدۇ ئەرلىك تەسۋىرى،
مەرمەردەك يالتىراپ تۇرغان چىھرىدە.
شېھىتنىڭ بوينىدىن تامچىغان قانلار،
دەرياغا ياقۇتتەك چۈشەر تامچىلاپ.
ئۇخچىدى يۈزۈمگە دەريانىڭ سۈيى،
بىلدىمكى ئۇ مېنى ئالدى قۇچاقلاپ.
|
|