- تىزىملاتقان
- 2012-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 416
- نادىر
- 0
- يازما
- 35
ئۆسۈش
4%
|
تۈنۈگۈن بىر يەرگە بېرىپ كېلىدىغان زۆرۈرىيەت چىقىپ قالدى. كوچىغا چىقىپ ماشىنا ساقلاپ تۇرسام ياشقا چوڭراق بىر ئاكىمىز كەلدى.
_ بارىمىز-دە كېلىمىز، ئاندىن مېنى ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويىسىز(مەن ماشىنىغا چىققان يەردىن تۆت دوقمۇش نېرىدا)، 20 سوم بېرەي، - دېدىم.
_ 25 سوم بېرىڭ، بولمىسا مۇشۇ يەرگىلا ئەكىلىپ قويالايمەن، دېدى ئۇ.مەن:
_ بوپتۇ ئەمىسە، قايتقاندا مۇشۇ يەرگە ئەكىلىپ قويۇڭ، ئۇياققا ئۆزۈم كېتەي، - دەپ ماشىنىغا چىقتىم.
ئۇياقتىن بۇياقتىن پاراڭلىشىپ سۆز تېمىمىز خەنچە ئوقۇتۇش ئۈستىدە توختاپ قالدى.
_ كىشىلەرنىڭ بالىلىرىنى خەنچىگە بېرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب خەنچە بىلمىسە جان باقمىقى تەس بولۇپ قالدى...، دېدى ئۇستام.
_ مۇشۇ قىيىنچىلىق قانداق كېلىپ چىقتى؟ _ دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.
_ ھازىر ئىش ئىزلەپ بارسىڭىز خەنچە بىلەمسىز؟ دەپ سورايدۇ، بىلمىسىڭىز ئىش يوق ئەمەسمۇ؟
_ مۇشۇ قىيىنچىلىقىنى ئۆزىمىز كەلتۈرۈپ چىقارغان. چۈنكى بىز ئۆزىمىزنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى بىلمىدۇق، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە تۈزۈپ بەرگەن قانۇنىنى نەزەردىن ساقىت قىلدۇق. ئانا تىلنى قەدىرلىمىدۇق. سىز باشقا يەرگە بارسىڭىز ھېچكىممۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىزگە ئانا تىلىڭىزدا سۆزلىمەيدۇ.
_ توغرا دەيسىز، - ئۇ ئاستا قىمىرلاپ قويدى.
_ پارتىيەنىڭ قوش تىل سىياسىتىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى بىلىدىغانسىز؟- سورىدىم ئۇستامدىن.
_ ھە، ھە بىلىمەن.
_ رايونىمىزدا ھەممەيلەن، بولۇپمۇ دۆلەت خىزمەتچىلىرى قوش تىللىق بولۇشى كېرەك، ئىش بېجىرىشىڭىزگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.ئۇيغۇرتىلى ئاساس بولۇشى كېرەك.بىز قانۇندىن پايدىلىنىش ئېڭىمىزنى ئۆستۈرمىگەچكە، خاتا تونۇشىمىز جەمئىيەتلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، سىز دەۋاتقاندەك قىيىنچىلىقنى سۈنئىي پەيدا قىلدۇق.مەكتەپلەردە قوش تىللىق ئوقۇتۇش سىياسىتى خاتا ھالدا تاق تىل ئوقۇتۇشى بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بىز بالىلىرىمىزغا
<< پالانى تىلنى بىلمىسەڭ جان باقالمايسەن>> دېگەن ئىدىيىنى سىڭدۈرۈشتىن كۆرە، << قانۇندىن پايدىلىنىپ ئۆز ھوقۇقۇڭنى قوغداشنى بىلمىسەڭ جان باقالمايسەن>> دېسەك توغرا بولىدۇ.مانا ھازىر بانكىلارغا كىرسىڭىز << ئىمزايىڭىزنى ئۇيغۇرچە يېزىڭ>> دەپ بىر ئوبدان مۇلايىمغىنە كۈلۈمسىرەپ ئەسكەرتىپ قويىدۇ خادىملار.( <ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش يولىدا> ھەققىدىكى ئىشلارنى قىسقىچە سۆزلەپ بەردىم)
كۆپ پاراڭلار بىلەن ئىشىمنىمۇ بېجىرىپ قايتىپ كېلىپ بولدۇم.مېنى چۈشۈرۈپ قويۇشقا دېيىشكەن جايدىن ئۆتۈپ كەتتۇق.
_ مەن چۈشۈپ قالاي،-دېدىم.شوپۇر ئۇستام:
_ ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قوياي ،_ دېدى.
مەنزىلگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن كىرا ھەققىنى تەڭلىسەم:
_ بولدى سىزدىن پۇل ئالمايمەن،... _ دەپ تۇرىۋالغان بولسىمۇ، ئۇنىمىغىنىغا قويماي پۇلنى بېرىپ ماشىنىدىن چۈشتۈم.
كۆڭلۈم يورۇپ، كەيپىياتىم كۆتۈرۈلۈپ قالدى.
( تەپسىلات قىسقارتىلىپ ئاساسىي مەزمۇنىلا يېزىلدى)
مەنبە؛كەڭساي مۇنبىرى |
|