- تىزىملاتقان
- 2013-3-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 501
- نادىر
- 0
- يازما
- 38
ئۆسۈش
25.25%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-1 19:32
ئىسىم -فامىلەم ئەخمەت ئىسمايىل، 50 ياش، باي ناھىيە قىزىل يېزا 2-كەنتتىن .
ئىنىم مەمەت ئسمايىل كەنتتىكى ناھەقچىلىككە ئېغىر ئالۋاڭ-ياساق ،ھاشا ،تىل -ھاقارەت ،خورلۇققا چىدىماي ، 2008 -يىلى 9- ئايدا كەنت كادىرلىرى بىلەن زۇكۇنلشقان .كەنت ئامانلىق خادىمى تۇرسۇن مامۇت سېكرتارغا ياخشىچاق بۇلۇش ئۇچۇن ئىنىم مەمەت ئىسمايىلنى قاتتىق ئۇرغان (كادىردىن باشقا 4 ئادەم بار) .بۇ ئىش ئىنىمنىڭ كاللىسىغا تەسىر قىلغان تۈپەيلى ئنىم ساراڭ بوپقالدى(نېرۋا كىسەل) .زۇلۇم دەستىدىن ئقتىسادى ئەھۋالىم ياخشى بولمىغان. ئىنىمنى ئۈرۈمچى 4- دوختۇرخانا ،خوتەن مىللى تىبابەت دوختۇرخانىغا نەچچە قېتىم ئېلىپ بېرىپ ئقتىسادتىن تولۇق ئايرىلدىم ھەم قەرىز بوپكەتتىم. 2011-يىلى 4- ئايدا كەنىتتىن ئىنىڭنىڭ يېرىنىمۇ تېرىيسەن ، بولمىسا سەنمۇ يەر تېرىما دەپ ئۇقتۇردى. مەن قەرىز بوپكەتكەن تۇرسام ، ئالۋاڭ- ياساق ، ھاشانىڭ ئېغىرلىقىدىن ئىنىمنىڭ يېرىنى تېرىيالمايتتىم .سېكىرتارغا يېلىنىپ يالۋۇرساممۇ قۇشۇلمىدى،يېرىمنى تارتىۋالدى. يانچۇقتا پۇل ،ئۆيدە ئۇن- ياغمۇ تۈگىگەن ئىدى،ئالدى بىلەن ئازىراق ئىشلەپ ئاندىن ئەرز قىلاي دەپ ئويلىدىم . شۇنىڭ بىلەن ئىنىم ئككىمىزنىڭ ئىككى ئائىلە 11 جان ئادەم يۇرىتتىن چىقىپ سەرگەردانلىق ھاياتىمىزنى باشلىدۇق. كورلىدا يۈرگەن كۈنلىرىمدە ،كەسىپ ئىستىلى رادىئوسىغا تېلفۇن قىلدىم ،ئۇلار سېكىرتار بىلەن ئالاقىلاشقاندا كەلسە يېرىنى قايتۇرۇپ بېرىمىز دىدى .شۇ ئارلىقتا بۇ دەرت -ئەلەملەر دادامغا ئېغىر كېلىپ ،زورلۇق-زۇمبۇرلۇققا ،ناھەقچىلىككە تولغان باي ناھىيەسىدىن قۇتۇلۇپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى.دادامنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ئۇقۇشسام ،يېرىمنى 2-گورۇپ باشلىقى ئابلا قاسىم، تاغىسى تۇنياز سەپەر، ئاياللار كادىرى بۇسارەم راخمان تېرىپتۇ . كەنىت سېكىرتارنى ئىزدىسەم، ئۇ رادىئوغا ئەرز قىلىپ تېلفۇن قىپسەن، ئشىڭنى ئۇلار ئەمەس بىز ھەل قىلىمىز دەپ تەھدىت ئارلاش گەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن يېزىغا، ناھىيەگە بارسام مەندەك پۇقرانىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان بىرمۇ ئىنسان چىقمىدى . ئۆزۋاقتىدا ئىنىمنى ئورۇنسىزساقچىغا چېقىپ ئۈچ كۈن سولىتىپ قىينىغان،مېنىمۇ شۇنداق قىلمىغاي دەپ قورقۇپ كورلىغا قايتىپ كەتتىم.(بىر ئادەمنى ناھەق چېقىپ ساقچىغا سولىتىپ قىيناش ئۇلارغا نىسبەتەن كىچىك ئىش).
2012 -يىلى 9- ئايدا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ھۆكۈمەتكە ئەرزگە كەلدىم ،ئەرزىيەت ئىشخانىسىگە كىرسەم نەدىن كەلدىڭ دەپ سورىدى ،بايدىن دېسەم ،بىر نۇمۇرغا تېلفۇن قىلىپ ،بىرئادىمىڭلار كەپتۇ، كۆرۇشۈڭلار دەپ تورۇپكىنى تۇتقۇزۇپ قويدى . تورۇپكىدىن سەن قايسى يېزىدىن ؟ئىسمىڭ كىمۇ؟دىدى ،دەپ بەردىم .كېيىن دەرھال قايتىپ كەل ،بىز بىرتەرەپ قىلىپ بېرىمىزدىدى .توۋا ھەيرانمەن ،ئەسلى سۇنىڭ بېشى لايكەن ئەمەسمۇ، بۇ ئەرزىيەت ئشخانىسىدا ئولتۇرغان خادىملارنىڭ ھەممىسى شەكىلكەن ئەمەسمۇ.مەن بىر دېھقاننىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىشى ئوڭايمۇ؟ ئۇۋالچىلىققا ئۇچۇرىمىسام ناھىيە ،يېزا بىرتەرەپ قىلغان بولسا كېلەمتىم ؟ھاياتلىق مەنبەيىم بولغان يېرىمنى تارتىۋالمىسا ،سەن ئۆل دېمىسە كېلەمتىم؟بىر بالام ئوقۇشسىز قالمىسا كىلەمتىم؟نىمە ئشتى دەپ قويغان بولسىچۇ كاشكى. شۇڭا تۆۋەندىكىلەر خالىغانچە دېھقانلارغا جەۋرى-زۇلۇم سېلىپ، قاقتى- سوقتى قىلىپ، ھەددىدىن ئېشىشى بىكار ئەمەسكەندە... كۇمىنىستىك پارتىينىڭ تۇزىنى يەپ تۇزلۇغىنى چاقىدىغان، شەنىگە داغ كەلتۈردىغان ،مۇناپىق ، چىرىك، لەنىتى ئۇنسۇرلارقاچانمۇ تۈگەر؟باي خەلقى قاچانمۇ ئالۋاڭ-ياساق، ھاشار، ناھەقچىلىك، جەبىر -زۇلۇمدىن قۇتۇلار؟
ئىملاسى تەھرىرلەندى. |
|