- تىزىملاتقان
- 2012-10-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1114
- نادىر
- 0
- يازما
- 79
ئۆسۈش
44.86%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turkbash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-1 22:30
جۇڭگو ئاخبارات تورى 31.مارت كۈنى خەۋىرى:
روسسىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ،روسسىيە تاشقى ئىشلار مېنىستىرلىكىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى گېرگورىي.روگۋېينوۋ ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئىپادە بىلدۈرۈپ :<<چاۋشىيەن يېرىم ئارىلى تىنىچلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ھەممىگە چۈشۈنىشلىك بولغان بىر نۇقتا .بىز بۇ رايوندا ئۇرۇش بولۇشىغا قەتئىي يول قويمايمىز!>>.
ئۇ يەنە:<<بىز ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭمۇ ئۇرۇشقا قەتئىي يول قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز>>دېدى.مۇخبىرلارنىڭ:<<پيوڭياڭ بۇ ئىشقا قانداق قارايدۇ؟>>دېگەن سۇئالىغا كۆرە،ئۇ جاۋابەن:<<بىز پىيوڭياڭ تەرەپ بىلەن ئاللىقاچان ئۇچۇرۇشۇپ بولدۇق،ئۇلار ئەلۋەتتە بىزنى چۈشىنىدۇ>>.دېدى.
ئۇ تەكىتلەپ:<<بىز ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭمۇ ئۇرۇشقا قەتئىي يول قويماسلىق بىلەن بىرگە ھەرقانداق بىرسىنىڭ "بارسا كەلمەس" يولدىكى خەتەرلىك سىزىقتىن ھالقىپ ئۆتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز،روسسىيە تەرەپ دائىم 6تەرەپ سۆھبىتىدىكى ئورتاقلىرى بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ ،يېرىم ئارال تىنىچلىق مۇساپىسىنىڭ سىياسىي رېلىستىن چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كەلدى.>>دېگەن.
ئۇ مۇخبىرنىڭ ؛<<ئامېرىكا چاۋشىيەنگە كورىيە بىلەن ئۆتكۈزگەن مانۋېردىنمۇ ئېغىر بولغان چارە قوللىنارمۇ؟>>دېگەن سۇئالىغا قارىتا جاۋابەن:<<بۇمەسلىنى مېنىڭچە ئامېرىكا تەرەپتىن سوراش كېرەك.بىز سەھنە ئارقىسىدا باشقىلارغا ۋاكالىتەن ئىپادە بىلدۈرۈشنى ياقتۇرمايمىز. لېكىن ھازىرچە مەن شۇنداق دېيەلەيمەنكى ئامېرىكىنىڭ مەيدانى ئادەمنى ئۇسسۇلغا سېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. >>.
ئۇرۇش توغۇرلۇق ب د ت خەۋپسىزلىك يىغىنى چاقىرىش مەسلىسىدە ئۇ توختۇلۇپ:<<بىز سەۋر قىلىشىمىز كېرەك.يەنىلا ساقلاپ تۇرايلى.بىز كېيىنكى ئىشلار ئۈستىدە قالايمىقان پەرەز قىلماسلىقىمىز كېرەك،بۇنداق بولمىغاندا بەزى يامان ئاقىۋەتلەردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ>>دېدى.
مەنبە: http://news.qq.com/a/20130331/000076.htm
كېيىنكى تېما:
كىم جوڭ ئېن:<<بىز ھەرگىز بىرىنچى پاي ئوقنى ئاتماسلىقىمىز كېرەك>>.
|
|